ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئىگىسى: چوققا

مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى (ساتىرا)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16056
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2011-10-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 18:23:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

UID
16064
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
93
تىزىملاتقان
2011-10-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 21:36:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باشلىق دەپمۇ پەخىىرلىنىپ كىتىدىكەن !

UID
18762
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 23:14:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىشلار مەكتەپلەردىلا ئەمەس،بەلكى ئورگان،ئىدارە،كەسپىي ئورۇنلاردىمۇ بار.

رەھمەت سىزگە

UID
20964
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-12-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 00:45:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلار ئۇنى، بۇنى دەپسىلەر، بىر نەچچىڭلار ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەيلى... دەپسىلەر، ئەلۋەتتە ، مۇدىرلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئەمەس، يۇقىرىدىكى ساتىرادا تىلغا ئېلىنغىنى ئەلۋەتتە قىسمەن مەكتەپ مۇدىرلىرى قامچىلاش، باشقىلارغا ساۋاق بېرىش ئۈچۈن يېزىلغان. ئاشۇنداق مىللەتنى ئويلىماي، يانچۇقنى ئويلايدىغان، مائارىپنى ئويلىماي ئۆز ئابروي-ئىناۋىتىنى ئويلايدىغان، خىزمەتنى ئويلىماي ئۆز ھۇقۇقىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىنى ئويلايدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرى يەنىلا مەۋجۇت، مانا شۇلارغا قايسىڭلار بىرەر ئېغىز ئۇنداق قىلماڭ دىيەلىدىڭىز؟ باشلىقلار بىلەن قاچانمۇ ئەپ ئۆتەرمىز ... دېگەن نوچىلار قاچان شۇ ئەپ ئۆتمەكچى بولغان باشلىقىڭىزنىڭ ئىللەتلىرىنى يۈز تۇرانە دىيەلىدىڭىز؟ ئەمسىە، شۇلار ئەپ ئۆتەيلى، شۇلارنىڭ دىگىنىنى قىلىپ ئۆتەيلى، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە شۇ مۇدىرلىرىمىز مائارپنى ئۆزىنىڭ سەنىمۇ بويىچە نەلەرگە ئاپىرىپ تاشلار؟ ۋاي مىللەتنى ئويلايدۇ يەي، مائارىپ ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ يەي، سىزنى شەخسى ئىشىغا سالدىمۇ يەي.... دەيسىز، قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان، بالىلار ئۈچۈن بارىنى بېغىشلاۋاتقان، توختىماي تىرىشىپ مائارىپ، مائارىپ دەپ ياشاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى بىر تېپىك بىلەن جازالىغاندا، سېرىق تاختا ئاسقاندا سىز ئەجەپ ماۋۇ مىللەتنى ئويلىدى دىمەيدىكەنغۇ؟! كىمنىڭ بىلىم-سەۋىيىسى يۇقىرى بولسا، شۇنى چەتكە قاققاندا ئەجەپ ماۋۇ مىللەتنىڭ ئۈمىدى، مائارىپ تايانچى دىمەيدىكەنغۇ؟! مۇئەللىمىنى شەخسى ئىشقا سالالايدىغان قۇدرىتى بولسا ئەجەپ كۈندە يۇقىرىدىكى باشلىقنىڭ تاپىنى يالاپ ئۆسەش غېمىدا يۈرۈيكەنۇ، ئۆزى قابىلىيىتىگە، خىزمەت نەتىجىسىگە تايىنىپ ئۆسۈۋالمايدىكەنغۇ؟! ئۆزىنىڭ بىر چىرايلىق ئايالى تۇرۇپ، مەكتەپتىكى چىرايلىق خانىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ سەت ھىجىيىشىنى بىلىدىكەنۇ، ئوقۇتقۇچىلىرىم ئەھۋالىڭلار قانداقراق؟ قانداق قىيىنچىلىقىڭلار بار؟ دەپ سوراشنى بىلمەيدىكەنغۇ؟! مۇئەللىم ئالدىدا غادىيىپ تۇرۇپ سۆزلەشنى بىلىدىكەنۇ، باشلىق ئالدىدا سۆڭىكى يوق لىڭتاسمىدەك 130گىرادۇس ئىگىلەلەيدىكەنغۇ؟! يۇقىرىدىن تەكشۈرۈپ كەلسە، نەتىجىسىنى ھەدەپ يالغان كۆتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى، جۈملىدىن شۇ ئاتالمىش«ئۆزى سۆيگەن»  مائارىپنى ئالداپ يۈرەلەيدىكەنغۇ؟! ......................
سۆزلىسەم قايناپ كېتىمەن، توختىۋالاي
ئويلاپ بېقىڭ، بىز يەنە شۇنداق باشلىقلار بىلەن بىر يەڭدىن قول، بىز ياقىدىن باش چىقىرىپ يۈرۈيمىزما؟!
ئويلاپ بېقىڭ، شۇ مۇدىرلارنىڭ شۇنداق قىلىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئامالسىزلىقىدىنمۇ؟ مەدھىيلىنىۋاتقان مۇدىرلىرىمىز ئەجەپ ئۇنداق قىلماپتۇغۇ؟!
ساتىرا يېزىپ شۇلاردەك مائارىپقا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان مەلئۇنلارنى قامچىلىمىساق يەنە زىيالىي ئاتىلىپ نىمە قىلىمىز؟!
مەيلى سىز غەيۋەت قىلدى دەڭ، بىز مۇشۇنداق غەيۋەت قىلىشقا ھەقلىق بىز. چۈنكى بىز كۆرگەن مۇدىرنى سىز كۆرمىدىڭىز.
«سىز شۇ مۇدىرنىڭ ئورنىدا بوپ قالغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟» دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىمەن:
مەن شۇ مۇدىرنىڭ ئورنىدا بوپ قالغان بولسا: 1. ئۆز ئەخلاق-پەزىلىتىمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تەكەببۇرلۇق قىلماي، غادىيىۋالماي، باشلىق ئالدىدا كۈچۈكتەك تازىم قىلماي، خوتەنلىكتەك 1 نى 1 ،2نىى 2دەيتىم؛ 2. بىلىم-سەۋىيىسى يۇقىرى مۇئەللىملەرنى ھۆرمەتلەپ، قەدىرلەپ ئىشلىتەتتىم ؛3. مائارىپ ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان مۇئەللىملەرنى قېزىپ چىقىپ تەقدىرلەپ، ئىلھام بېرەتتىم؛ 4. ھەممە ئىشتا ئادىل بولۇپ، ھەممىگە تەڭ، ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز بىلىم قۇرۇلمىسى بويىچە ئىشقا قوياتتىم؛ 5. ھەممە ئىشتا ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، قول سېلىپ ئىشلەپ، مۇدىرلىق سۆلىتىنى تاشلاپ جاپا-ھالاۋەتتە بىرگە بولاتتىم؛ 6. ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ھەرقانداق تەدبىرنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ قوبۇل قىلاتتىم ۋە ئىجرا قىلاتتىم ؛ 7.......

ئەلۋەتتە، يۇقىرىنىڭ بەزى لوگىكىغا، پىداگوكىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەلەپلىرى، بۇيرۇقلىرىنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ، شۇنداق تەلەپ، بۇيرۇقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان باشلىق چوقۇم مائارىپنى چۈشەنمەيدۇ، بۇنىڭغا قارىتا، سەمىمىيلىك بىلەن چۈشەندۈرسەك بولىدۇ. پەقەت بولمىسا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلساق بولىدۇ، ھۇقۇقىمدىن چۈشۈپ كىتەرمەنمىكىن دەپ ئەنسەيرەيدىغان مۇدىر ئەڭ ياخشىسى مۇدىر بولمىغان تۈزۈك.

UID
21034
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-12-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 12:18:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاخىرنى قۇشۇپ قۇياي

مەن بىر باشلىق مەسلا يۈرمەن
چۈنكى «ئىشچان»ئەزالىرىم بار
كىمى قىلسا يامان گىپىمنى
ئۆچ ئالىمەن ئىچىم بەكمۇ تار

ماڭا لازىم تەخسكەشلىرىم،
سورۇنلارنى قولدىن بەرمەيمەن.
كىمىكى قۇيسا ھاراقىنى كۆپرەك
ئاشۇنلا «ئىلغار»سايلايمەن.

مەن بىر باشلىق ھوقوقۇم بەك چوڭ
كىم گەپ قىلسا تىگىمەن بەك توڭ
ئۈزەڭنى «بىل»گىپىم يوق ساڭا
مەن بىر «مۇدىر»ھەممىدىن مەن «چوڭ»

UID
1173
يازما
459
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
14965
تىزىملاتقان
2008-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-9
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 14:39:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم سېنى مۇدىر دەيدۇ ؟


مۇدىر بولۇپ تۆت كۈندە ، ئاددى تاماق يېمەيدۇ ،
ماركا ئاددى بولسا گەر، تەڭلىگەننى چەكمەيدۇ ،
سورۇنلاردا ئەرزاننى ، داستىخاندىن چەكلەيدۇ ،
كەلدى-كەتتى مېھماننى ، يانفۇنىدا چەكلەيدۇ ،
ھە دەپ قويۇپ ئالدىڭدا، كىم سېنى مۇدىر دەيدۇ ؟

ئاقىل چاغلاپ ئۆزىنى ، چارە-تەدبىر تۈزىدۇ ،
نىشانىغا كەلتۈرۈپ، نۇقتا قىلىپ تۈگىدۇ ،
ئەگەشمىگەن ئەزانى، تاسقايدۇ ھەم سۈزىدۇ،
ئۆز دىتىغا كەلگەندە، كەسكىن قىلىپ ئۈزىدۇ ،
قونچاق بولۇپ ئالدىدا، كىم سېنى مۇدىر دەيدۇ ؟

<< يۇۋاش>>لارنى گالۋاڭ دەپ، << چېچەن>>لەرنى تارتىدۇ ،
<< يۇۋاش>>لارغا يۈك ئېغىر، << چېچەن>>لەرمۇ ئارتىدۇ ،
ئۇنۋان ئوخشاش پۇل ئوخشاش، ( پىرىنسىپمۇ بارتىغۇ ؟ ) ،
<< مىكىر بىلەن جان باققان بۈركۈت ئەمەس سا >> تىغۇ ؟
چېۋىن تۇتساڭ سالمىدا، كىم سېنى مۇدىر دەيدۇ ؟

گۈزەل قۇرغان توزاقتىن، ئۆتەلمەيسەن ھەر ۋاقىت ،
ئەيشى-ئىشرەت ،زىناخور- ئەمەس بۇندىن سەن ساقىت ،
خام،توڭ، پىششىق دېمەيسەن، بۇ سەندىكى بىر ئىدىت ،
تۈزىۋالغىن ئۆزۈڭنى، ئەقىل تاپقىن ئەي جەدىت ،
كۈنۈڭ ئۆتتى شەيتاندا، كىم سېنى مۇدىر دەيدۇ ؟

زامانغا خاس ساپا يوق، كىم ئەيمىنەر تۇرقىڭدىن !
مۇز ياغىدۇ ھەر كۈنى، سەھەردىلا ئەپتىڭدىن ،
ئاچالمايسەن ئاغزىڭنى، ئۆزۈڭ سۆيگەن كەسپىڭدىن ،
پەخىرلىنىپ يۈرەمسەن، ياچىۋەكتەك سۈپتىڭدىن،
كۈنۈڭ كەتسە ئارماندا، كىم سېنى مۇدىر دەيدۇ ؟

بىر قولۇڭدا << تەخسە>> بار، يۇقىرىغا قاتنايسەن،
ئېقىپ قالسا ئىشلىرىڭ، ئۆز تېرەڭگە پاتمايسەن ،
تەنبىھ ئالساڭ باشلىقتىن ، تۈگۈلىسەن باتنايسەن ،
بۇ خۇيۇڭدا ئۆزۈڭگە، ئۆزگىگىمۇ ياقمايسەن ،
يۈرسەڭ باغدا ناۋادا، كىم سېنى مۇدىر دەيدۇ ؟

_ يۈسۈپجان سابىر ئوتياق

UID
21924
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 22:59:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھان شۇنداق ئۆتىدىكەن. ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىنى، ئوقۇتقۇچى مۇدىرنى غاجايدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ.مەسچىتلەردىمۇ جامائەت ئىچىدىكى بىرقىسىم جامائەت ئىمامنى غاجىغاندەك.

UID
17057
يازما
187
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1297
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
توردا
53 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 00:54:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى» دېگەن ماۋزۇنى كۆرۈپ، باشقىلىرى ئىككى باشلىق مەكتەپ مۇدىرى بولغىيمىتتى؟دەپ يۈگۈرۈپ كىرىپتىمەن دېسە.

UID
21336
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-5
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 16:58:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
不服不行,楼主就是有水平












莫扎特胎教音乐下载 www.taijiao.net.cn

UID
18638
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2011-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-25
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 14:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«سىز شۇ مۇدىرنىڭ ئورنىدا بوپ قالغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟» دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىمەن:
مەن شۇ مۇدىرنىڭ ئورنىدا بوپ قالغان بولسا: 1. ئۆز ئەخلاق-پەزىلىتىمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تەكەببۇرلۇق قىلماي، غادىيىۋالماي، باشلىق ئالدىدا كۈچۈكتەك تازىم قىلماي، خوتەنلىكتەك 1 نى 1 ،2نىى 2دەيتىم؛ 2. بىلىم-سەۋىيىسى يۇقىرى مۇئەللىملەرنى ھۆرمەتلەپ، قەدىرلەپ ئىشلىتەتتىم ؛3. مائارىپ ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان مۇئەللىملەرنى قېزىپ چىقىپ تەقدىرلەپ، ئىلھام بېرەتتىم؛ 4. ھەممە ئىشتا ئادىل بولۇپ، ھەممىگە تەڭ، ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز بىلىم قۇرۇلمىسى بويىچە ئىشقا قوياتتىم؛ 5. ھەممە ئىشتا ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، قول سېلىپ ئىشلەپ، مۇدىرلىق سۆلىتىنى تاشلاپ جاپا-ھالاۋەتتە بىرگە بولاتتىم؛ 6. ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ھەرقانداق تەدبىرنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ قوبۇل قىلاتتىم ۋە ئىجرا قىلاتتىم ؛ 7.......

ھەققىي توغرا يىزىپسىز!.....
مىنىڭ پىكىرىممۇ ئەسلىدە مۇشۇنداقراق مەنىدە ئىدى، لىكىن .......
پىكىرلىرىمىزنىڭ بىر يەرلىرىدە ئوخشاشلىق باركەن.
ماڭا شۇنداق تۇيۇلىدى، مەن بىر قىسىمىنى يىزىپتىمەن، سىز بىر قىسىمىنى يىزىپسىز!........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش