مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى
مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى،
باشلىقلىققا ئىرىشكەن تەستە.
مىنىڭ باشلىق ئىكەنلىكىمنى،
مۇئەللىملەر ساقلىسۇن ئەستە.
مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى،
باشلىقلارچە سالاپىتىم بار.
مىنى كۆزگە ئىلمىغانلارغا،
كۆرسىتىدىغان كارامىتىم بار.
مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى،
ئىشخانام بار ئايۋان-سارايدەك.
ھىس قىلىمەن: ئۆزۈمنى شاھتەك،
مۇئەللىملەر بىر توپ مالايدەك.
مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى،
قەرەلسىزلا يىغىن ئاچىمەن.
«خوش-خوش» دىسە قولاققا ياقار،
شەرت قويسا سۈرلۈك گاچىمەن.
مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى،
مۇئەللىمگە چاچىمەن سېلىق.
پۇل خەجلەشكە زەپمۇ ئېپىم بار،
پۇل سۇ بولسا مەن گويا بېلىق.
مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى،
مۇئەللىمگە بەرمەيمەن ئارام.
ئىشلىتىمەن شەنبە-يەكشەنبە،
تەتىلنىمۇ قىلىمەن ئارام.
مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى،
مەكتەپتە كۆز-قۇلاقلىرىم بار.
كىمكى قىلسا يامان گىپىمنى،
تەنبىھ،سۇئال-سوراقلىرىم بار.
مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى،
خىزمەتلەردە دىگىنىم دىگەن.
قارشى پىكىر بايان قىلالماس،
ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى بىلگەن.
مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى،
جاپالاردىن تۇرىمەن نېرى،
مەنپەئەتنى قولدىن بەرمەيمەن،
سەۋەبى شۇ ئەمەسمەن گىرى.
مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى،
ئامما بىلەن ئارلىقىم يىراق،
ئۇلار بولسا لىپىلدىغان شام،
مەن گوياكى بىر نۇرلۇق چىراق.
مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى،
پىنسىيەگە چىققۇم يوق پەقەت.
ئۆلۈشنىغۇ ئويلاپ باقمىدىم،
باشلىق بولۇپ ئۆتىمەن ئەبەت.