ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئىگىسى: چوققا

مەن بىر باشلىق مەكتەپ مۇدىرى (ساتىرا)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1259
يازما
105
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3591
تىزىملاتقان
2009-1-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-4
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 22:12:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sapardax11 يوللىغان ۋاقتى  2011-12-21 19:29
قارىسام سىزمۇ ئوقۇتقۇچى ئوخشايسىز! بولمىسا بۇنداق ياز ...

      سىزنىڭ كاللىڭىز ئاچا سوپەكنىڭ رولىدەك تەتۈر ئىشلەمدۇ نىمە؟ ياكى زىيادە سەزگۈرلىك كېسىلىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقمىكىن دېسە ھازىر يا ئەتىياز پەسلى بولمىسا. سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز،- بىر توخۇ باقسام، تۇغقان تۇخۇملىرىدىن چۈجە چىقارسام، چۈجىلەرنى يەنە تۇخۇم تۇغدۇرسام، تۇخۇملاردىن يەنە چۈجە چىقارسام........››، دېگەن مەزمۇندىكى ھېكايىنى ئەسلىتىپ قويدى.

UID
1262
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
76
تىزىملاتقان
2009-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 22:45:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز قاچانمۇ ئۆز  باشچىلىرىمىزغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ئۇ؛لارنى قوللاپ، ئۇلارغا يېقىن تۇرارمىز؟ قايسى مەكتەپ مۇدىرى مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى چەتكە قايرىپ قويۇپ سىزنى ئۆزىنىڭ ئىشىغا سالدى؟ قايسى مەكتەپ مۇدىرى پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنىغا خىلاپلىق قىلدى؟ ئويلاپ باقايلى مەكتەپ مۇدىرى ئۆز ئالدىغا سىياسەت بەلگۈلەپ، ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ سىزنىڭ تەتىلىڭىز، شەنبە يەكشەنبىڭىزنى ئىگىلىۋالدى؟ بۇنىڭدا يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ،خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى يوقمىدۇ؟ بىلىشىمىز كېرەككى، سەركىگە ئەگەگشمىگەن پادا ھامان چېچىلىپ كىتىدۇ. ئۇستازىنى ھۆرمەتلىمىگەن قەۋىم ھامان زاۋاللاىققا يۈزلىنىدۇ. باشلامچىدىن ئايرىلغان توپ ھامىنى نىشاندىن ئادىشىپ قالىدۇ. ئېھتىمال ئوقۇتقۇچىدۇرسىز ياكى ئەمەس. سىز مۇدىرنىڭ «ناچارلىغى'نىلا كۆرۈپ، ئەتراپىڭىزدىكى ئاۋامنىڭ سەبىيلىرىنى گوللاپ، ئەپلەپ- سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈپ، جان باقار كوچىسىغا كىرىۋالغان ئالدامچى«ئوقۇتقۇچى' لارنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ سىز ئەشۇ ئوقۇتقۇچىغا مەكتەپ مۇدىرىغا تەنە قىلغان غەيرىتىڭىڭىز بىلەن بىر قېتىم سۇئال نەزىرىڭىزدە قاراپ باقتىڭىزمۇ؟ ياكى ئۇ 'ئوقۇتقۇچى' بىلەن كۆپ قېتىم 'پىكىر ئالماشتۇرۇش' ئارقىلىق ھەممىنىڭ 'قوللىشىغا ئېرىشكەن' بۇ ساتىرا' رىڭىزنى يېزىپ چىقتىڭىزمۇ؟ مەن 'sapardax11' ئەپەندىنىڭ «....... لىكىن ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ ئەگەر سىز شۇ مەكتەپ مۇدىرى بوپ قالغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز، سىز قانچىلىك ئۆز مىللىتىمىزنىڭ مائارىپىنى قايسى يولدىن قايسى يولغا باشلىيالايسىز، بۇنىداق دىگىنىم ھەرگىز ئۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ توغرا دىگىنىم ئەمەس، ئۇلارنىڭ قوشقان تۆھپىسى، تارتقان جاپالىرى باردۇر ، ئۇنى بىز چۈشىنىپ تۇرۇپ ئەگەر مەن بوپ قالسام قانداق قىلاتتىم دىگەننى ئويلاپ تۇرۇپ ئاندىن چالما ئاتساق بولىدۇ، بولمىسا يۈزگە چاچىراپ ئۆزىمىزنى مەينەپ قىلىدۇ........ »،«.....مەن شۇنداق ئويلىدىم، يازسام، دىسەم بولىدۇ، لىكىن مەن شۇ ئادەملەرنى كۆرۇپ ئۇنىڭىدىكى ئارتۇقچىلىرىنى تىپىپ كەمچىلكلەرنى قالدۇرۇشنى راۋا كۆردۇم .
شۇڭا داۋاملىق ئويلايدىغىنىم «ئەگەر ئۇلارنىڭ ئورنىدا مەن بوپ قالسام قانداق قىلاتتىم»
شۇڭا يەنە بىر تەكىلىپ مەكتەپ مۇدىرى دىگەنلىك مەيلى ئۇ 100ئوقۇغۇچى بار مەكتەپنىڭ بولسۇن، 5000ئوقۇغۇچىسى بار مەكتەپ مۇدىرى بولسۇن، ئوخشاش، پەقەت يىتەكلىگۇچى، باشلىغۇچى، يول كۆرسەتكۈچى خالاس، ئۇنىڭىمۇ خىزمىتى بىزگە ئوخشاش ، يەنى بىز دەرس ئۆتۇپ خىزمەت قىلىمىز، ئۇل بولسا يۇقىرى تۆۋەن ئوتتۇرسىدىكى كۆرۇكلۇك رولىدىن پايدىلىنىپ خىزمەت قىلىدۇ.
شۇڭا نۇرغۇن ياخشى خسىلەتلىك، ئىلىملىك ياخشى مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزغا داغ كەلتۇرۇپ قويمايلى، ئاز ساندىكىلىرىنى قامچىلايمەن دەپ ئۇلارنى تېخىمۇ پاتقاققا پاتۇرىۋەتمەيلى! ....» دېگەن قارىشىنى قوللايمەن.    ئاخىرىدا سىزگە تەكلىۋىم: بىر ئادەمنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىغىغا قاراپلا قالماي يەنە نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىغىغا قاراش كېرەك.  ______ كىچىك خاتىرەمدىن


UID
18654
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2011-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 22:58:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ خىزمىتىمۇ ئاسان ئەمەس . بۇ ساتىرا ياخشى يېزىلىپتۇ، بەزى سۆزلەرگە ئازىراق ئىشلىسىڭىز بولغۇدەك.
  ساتېرا يېزىش ئاسان ئەمەس جۇمۇ؟
  بەرىكەتلىك بولوڭ قېرېندىشىم

UID
18657
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2011-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 23:31:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مەكتەپ مۇدىر»لىرنى مەسخىرە قىلمايلى.ئۇلار ئوقۇتقۇچىلادىنمۇ « جاپالىق »ئىشلەيدۇ.شۇڭا ئۇلار توغىرىسدا كوچا-كويلاردا،تور-بىلوگلاردا شېئىر-قوشاق جىق.ئۇلار«پاك»«مەردانە»«ئادىل»« قوسقى كەڭرى» قەشقەر كونىشەر ناھيە بەشكېرەم يېزىسنىڭ بىر مەكتەپ مۇدىرىمۇ ھازىر «باغداش» توردا چەكسىز مەدەھىيلىنىپ مەدىھيەنى كۆرۈۋاتقان،مەدىھيلەشكە قاتنىشۋاتقان تورداشلار 200000 دىن ئېشىپ كېتىپتۇ.ھۆرمەتلىك ئۇكام چوققا بۇندىن كىيىن تەكلىپ بولۇپ قالسۇن چوقۇم بۇ مۇدىرلارنى مەدىھىيلەپ بىر داستان« پۈتۈڭ» ھە ؟

UID
18657
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2011-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 23:35:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شوجاڭ

( خىزمەتداشلار سەمىگە )

ئاپتۇرى: ئالاھىدىن ئابدۇرشىت

كاتتا زات شوجاڭ دېگەن، ھۆرمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

باش ئۇرۇپ تازىم بىلەن ئىززەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

كۈندە مىڭ «خوش- خوش » نى پەرز-سۈننەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

توغرا ئۆتمەڭ ئالدىدىن، دىققەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى

ئۆزىڭىزنى قۇل بىلىڭ، بەيئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى



ئالمىغان ھوقۇقنى ئۇ ھەرگىز ئاسانلا قولىغا

تېشىلىپ كەتكەن تاپانلار كۈدە ماڭغان يولىغا

ئورا كولاپ مىڭ جاپادا باشقىلارنىڭ ھۇلىغا

سېتىۋالغان تۆگىنى ئۇ تۈگمە ساتقان پۇلىغا :

توشسىمۇ پەيمانىڭىز تاقەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى



شۇڭا ئۇ ھوقۇقنى شۇنداق كەلسە-كەلمەس ئىشلىتەر

كوچىلاردا چاپتۇرۇپ ئات، خالىغانچە كىشنىتەر

ئىتلىرى كۆپ ئالدىدا، بۇيرۇق بىلەن كىش-كىشلىتەر

سىز بىلەن مەندەكنى بىر دوكىلات بىلەن يەر چىشلىتەر,

مۆرىمەسلىكنى ئېسىل خىسلەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى



ئالتە كۈندە سىزگىمۇ «تارقاقلىشىش»①نىڭ گېپى بار

بېشىڭىزدا ئوينىتىشقا باخشىلارنىڭ دېپى بارi

ياخشىلارنى «ئىقتىدارسىز»دەپ چېقىشقا ئېپى بار

«يا قىزىل، ياكى ئىگىزيەر②گە مېڭىڭ»دەپ خېتى بار ‑­

كۈندە بىر شوجاڭ بىلەن سۆھبەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى



سىزنى قوغلاپ ئورنىڭىزغا تۇققىنىنى قويىدۇ

ئىززىتىنى-ھۆرمىتىنى ئۇققىنىنى قويىدۇ

پايدا-مەنپەت نەدە بولسا يوققىنىنى قويىدۇ

ھەر كۈنى كۆڭلىنى بىر رەت ئۇتقىنىنى قويىدۇ

قولىڭىزنى كەڭ ئېچىڭ، ھېممەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى .



بىرلىرى ۋالىيغا يا شۈجىگە يۇرتداش كېلىدۇ

بىرلىرى ھاكىمغا تۇغقان، دوست-ساۋاقداش كېلىدۇ

بىرلىرى شوجاڭ بىلەن سىرداش-پىكىرداش كېلىدۇ

بۇنى ئېيتساق ئاغزىمىزغا ئاش ئەمەس تاش كېلىدۇ

سىزمۇ چوڭ باشلىقنى دوست-ئۈلپەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى



بولسىڭىز خانىم ئەگەر، لىپتىكنى سەل جىڭراق قىلىڭ

مەيدىڭىزنى كۆتۈرۈڭ- ئەمچەكنى سەل دىڭراق قىلىڭ

ساغرىڭىزنى ئارقىڭىزغا چىقىرىڭ-چىڭراق قىلىڭ

ئەت-ئۆگۈن دەپ يەنە يۈرمەڭ، بۇنى تىزراق قىلىڭ

ئىرىڭىزنى كۆندۈرۈپ نەسىھەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى



«شوجىڭىم»دەپ، «باشلىقىم»دەپ كۆڭلىنى ياشلاپ تۇرۇڭ

دۇمبىسىنى ئۇۋۇلاپ خوشياقتۇرۇپ قاشلاپ تۇرۇڭ

تال چىۋىقتەك تولغۇشۇپ قاش-كۆزنىمۇ تاشلاپ تۇرۇڭ

ۋايىغا بىر يەتكۈزۈڭ. غەيرەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى



«ئىشلىدىم جان كۆيدۈرۈپ خىزمەتنى مەن» دەپ جۆيلىمەڭ

يەتمىسە شوجاڭغا نەپ، بۇ بىر قۇرۇق گەپ، جۆيلىمەڭ

تاغنى تالقان قىلسىڭىزمۇ سىزگە يوق نەپ، جۆيلىمەڭ

جۆيلىمەيمەن مەنمۇ ئەمدى بولدىلا«خەپ!» جۆيلىمەڭ

ئولتۇرۇپ ئىشخانىدا غەيۋەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى



نېمە ئۇ جان كۆيدۈرۈپ بىز ئىشلىگەن خىزمەت دېگەن

نېمە ئۇ ھوقۇق-ئەمەلنىڭ ئالدىدا مېھنەت دېگەن

نېمە ئۇ ۋىجدان ، غۇرۇر،بىلىم دېگەن، خىسلەت دېگەن

نېمە ئۇ ۋەتەن دېگەن، ئەۋلاد دېگەن مىللەت دېگەن

تىزلىنىپ شوجاڭغىلا خىزمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى



كۈندۈزى ئادەم سىياقتا، كېچىسى شەياتن بۇلۇڭ

رېستۇرانلاردا، قاۋاقتا ئادىمى ھايۋان بۇلۇڭ

قىز تېىپىپ، چوكان تېپىپ بىر چەتتە سىز «مېھمان»بۇلۇڭ

مەيلى خەق«دەللال» دىسە، شوجاڭ ئۈچۈن قۇربان بۇلۇڭ

ئار-نومۇسنى ساتقىلى جۈرئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى­



باغدىكى ئوغرى تىكەننى گۈل قىلار شوجاڭ دېگەن

شۇ سېسىق ھۆپۈپنىمۇ بۇلبۇل قىلار شوجاڭ دېگەن

بىر قوتۇر ئېشەكنىمۇ دۇلدۇل قىلار شوجاڭ دېگەن

بولمىسا بىر يولىڭىز، بىر يول قىلار شوجاڭ دېگەن

قەلبىڭىزنى گەندىدەك مەينەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى



قاغىلارنى «ئاق»دېسە«ئاق» دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ

«ئىككى»نى ئۇ «تاق» دېسە،«تاق»دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ

«ياق»دېسە ئۇ، سىزمۇ ھەم «ياق!» دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ

ئاغزىدىن چىققاندا ھور، ھەرىكەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى



يېزىغا قوغلانسىڭىز مىڭبىر جاپانى تارتىسىز

دۇلىڭىزغا ئىككى تاغنى كۈندە يۈكلەپ ئارتىسىز

باشقىلار«قوغلاندى» دەر، قايغۇ-ئەلەمگە پاتىسىز

جۆرىڭىز يوق، بالىڭىز يوق، ئۇخلىماي دۈم ياتىسىز

تۇتسىمۇ شوجاڭ زەھەر، شەربەت بىلىڭ ئەڭ ياخشىسى



سىزنى خىزمەتداش بىلىپ، كۆڭلۈمدىكى گەپنى دىدىم

تېخى تۆت كۈنلا بۇرۇن كەلگەن ئەلەم-دەرتنى دىدىم

مەيلى ئاڭلاڭ-ئاڭلىماڭ، گەپ بولسىمۇ نەپنى دېدىم

ئوڭ دېدىم تارتتىم زىيان، ئەمدى شۇڭا چەپنى دېدىم‑

ماڭىمۇ دەل ۋاقتىدا تۆھمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى



مەنبە «بوزقىر»

UID
18657
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2011-12-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 00:02:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر بەك قالتىس شېئىر ئىكەن،قارىسام شېئىردا پەش،چېكەتلەرمۇ شوجاڭلاردىن قورقۇپ كېتىپ سىنىپقا كىرىۋاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قۇلقىدىن تارتىپ ئەپچىقىپ جايى-جايىغا قويۇپ ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپ قويدۇم. باشقۇرغۇچىلار ئۇ  تېمىنى تەستىقىلاپ قويۇپ ئىنكاس شەكلىدىكى شېئىرنى ئۆچۈرۋەتسە،تېمىنى ئايرىم ئوقۇساق دەيمەن. تەھرىرلەشكە ئىمكانىيەت بولمىغاچقا قايتىدىن تېما قىلىپ يوللاشقا مەجبۇر بولدۇم.

UID
1262
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
76
تىزىملاتقان
2009-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 00:18:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چوققا» ئەپەندىنىڭ «مەن باشلىق مەكتەپ مۇدىرى» سەرلەۋھەلىك ساتىراسى ۋە «lerika» ئەپەندىمنىڭ تولۇقلىمىسىغا ئىنكاس

مەن «چوققا» ئەپەندىم ۋە «lerika» ئەپەندىمنىڭ  مەكتەپ مۇدىرى توغرىلىق يازغان «مەن باشلىق مەكتەپ مۇدىرى» سەرلەۋھەلىك ساتىراسىنى ئوقۇپ، سەل ئويلىنىپ قالدىم. بىز قاچانمۇ ئۆز باشلامچىلىرىمىزنى قوللاپ، ئۇلارغا يېقىن تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن بىر مەقسەتتە خەلقنىڭ غېمىنى يەرمىز؟ بىز ھەجەپ ئويلىمايدىكەنمىز. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتىكى تەلىم تەربىيە خىزمىتىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشىنى قىلدۇردىمۇ؟ پارتىيىنىڭ مائارىپ قائىيدە قانۇنلىرىنى قايرىپ قويۇپ، ئەكسىچە يول تۇتتىمۇ؟ ئۇ مەكتەپتىكى خىزمەت تەرتىۋىنى ئۆزىچىلا ئويدۇرۇپ چىقاردىمۇ؟ ئەگەر سىز مائارىپنى، مائارىپ خىزمىتىنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان بولسىڭىز مائارىپ ئەلەپ – سەپلەپ ئىشلەپ ئۆتۈپ كىتىدىغان خىزمەت ئەمەس. زاۋۇتتىن سۈپەتسىز چىققان مالنى باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ سېتىۋەتكىلى بولغان بىلەن، مەكتەپتىن تۆۋەن ساپالىق چىققان ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. سىز جەمىيەتتە سىزدە ئوقۇپ چىققان تۇرۇقلۇقمۇ ساۋاتسىز كاسىپتىن ھۆنەر ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى تاپالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەسلىگىنى كۆرۈپ ئېچىنمىدىڭىزمۇ؟  بىز نېمىشقا ھە دېسە ئۆزىمىزنىڭ باشلامچىسى بولغان مەكتەپ مۇدىرىمىزدىنلا قاقشايمىز؟ سىز مەكتەپ مۇدىرى بوپ قالسىڭىز قول ئاستىڭىزدىكىلەرگە ھېچقانداق تەلەپ قويمامتىڭىز؟ مەن سىزگە دېسەم سەركىسىدىن ئايرىلغان پادا ھامىنى پىتراپ كىتىدۇ، ئۇستازىنى ھۆرمەتلىمىگەن قەۋىم ھامىنى خاراپلىشىدۇ، يول باشچىسىدىن ئايرىلغان توپ ھامىنى نىشاندىن ئادىشىپ قالىدۇ. مەن «sapardax11 » ئەپەندىنىڭ تۆۋەندىكى قارىشىنى قوللايمەن: «.......ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ ئەگەر سىز شۇ مەكتەپ مۇدىرى بوپ قالغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز، سىز قانچىلىك ئۆز مىللىتىمىزنىڭ مائارىپىنى قايسى يولدىن قايسى يولغا باشلىيالايسىز، بۇنداق دىگىنىم ھەرگىز ئۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ توغرا دىگىنىم ئەمەس، ئۇلارنىڭ قوشقان تۆھپىسى، تارتقان جاپالىرى باردۇر ، ئۇنى بىز چۈشىنىپ تۇرۇپ ئەگەر مەن بوپ قالسام قانداق قىلاتتىم دىگەننى ئويلاپ تۇرۇپ ئاندىن چالما ئاتساق بولىدۇ، بولمىسا يۈزگە چاچىراپ ئۆزىمىزنى مەينەپ قىلىدۇ.
بۇنداق دىسەم سىزمۇ مەكتەپ مۇدىرىمۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ، مەن مەكتەپ مۇدىرى ئەمەس، سىزگە ئوخشاش ئاددىي ئوقۇتقۇچى، سىزگە مەكتەپ مۇدىرى بىلەن تازا ئىقىم كىلىشمەيدىغان بىرىسى .
مەن شۇنداق ئويلىدىم، يازسام، دىسەم بولىدۇ، لىكىن مەن شۇ ئادەملەرنى كۆرۇپ ئۇنىڭىدىكى ئارتۇقچىلىرىنى تىپىپ كەمچىلكلەرنى قالدۇرۇشنى راۋا كۆردۇم .
شۇڭا داۋاملىق ئويلايدىغىنىم «ئەگەر ئۇلارنىڭ ئورنىدا مەن بوپ قالسام قانداق قىلاتتىم»
شۇڭا يەنە بىر تەكىلىپ مەكتەپ مۇدىرى دىگەنلىك مەيلى ئۇ 100ئوقۇغۇچى بار مەكتەپنىڭ بولسۇن، 5000ئوقۇغۇچىسى بار مەكتەپ مۇدىرى بولسۇن، ئوخشاش، پەقەت يىتەكلىگۇچى، باشلىغۇچى، يول كۆرسەتكۈچى خالاس، ئۇنىڭىمۇ خىزمىتى بىزگە ئوخشاش ، يەنى بىز دەرس ئۆتۇپ خىزمەت قىلىمىز، ئۇل بولسا يۇقىرى تۆۋەن ئوتتۇرسىدىكى كۆرۇكلۇك رولىدىن پايدىلىنىپ خىزمەت قىلىدۇ.
شۇڭا نۇرغۇن ياخشى خسىلەتلىك، ئىلىملىك ياخشى مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزغا داغ كەلتۇرۇپ قويمايلى، ئاز ساندىكىلىرىنى قامچىلايمەن دەپ ئۇلارنى تېخىمۇ پاتقاققا پاتۇرىۋەتمەيلى........»
سىز ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدەك تۇرىسىز. ئويلىنىپ بېقىڭ، بىزدە سىيىت نوچىدىن كېيىن نوچى چىقمىدى، چىقسىمۇ كەينى-كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ قەدىرىنى قىلمىدۇق،  شىللىسىدىن بېسىپ باش كۆتۈرتمىدۇق. شۇڭا چىققۇسى بارلارمۇ جۈرئەت قىلمىدى!
قاراڭ، مەن، سىز، ئۇ، ھەممەيلەن مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ روناق تېپىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. نۇرغۇن ئىقتىساسلىق خادىملارنىڭ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئامىرىكىدەك تەرەققىياتقا، يەھۇدىدەك ئاڭ، ساپاغا ئىگە بولىشىمىزنى ئارزۇ قىلىمىز، بىراق بۇ دۇنيادا بەدەلسىز ئېرىشكىلى بولىدىغان نېمە بار؟ مىللىتىمىز مائارىپى ئۈچۈن چەككەن ئازراق جاپايىمىز بەدىلىگە مەكتەپ مۇدىرىنى ھەممە «دەردۇ-بالانىڭ بېشى» دەپ قاراپ ئۇنى سۆكسەك، ئۇنىڭغا دوق قىلساق، ئۇنى داتلىساق، ئۇنىڭدىن قاقشىساق بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ھەممە مۇدىر ئىقتىدارلىق بولماسلىغى ياكى خىزمەت ئۇسۇلىدا بىرئاز مەسىلە بولىشى مومكىن. بىراق نېمىشقا ئۇنىڭغا تەنقىدىي مۇئامىلە قىلمايمىز؟ نېمىشقا خوجايىنلىق روھ بىلەن مەسلىھەت، تەكلىپ بەرمەيمىز؟ ھەر قېتىم مەكتەپ مۇدىرىدىن قاقشىساق ئۇنىڭ «ھوقۇقنى سېتىۋالغانلىغى»نى قەيت قىلدۇق. نەزىرىمىزدىكى مائارىپ سېپىدە سىزدىن باشقا ئادەم پاك ئەمەسمىدۇ؟ بىلىپ قېلىڭ، مۇدىرنىڭ يوقلام قىلغىنى، تۈزۈم ئوراتقىنى، يىغىن ئاچقىنى، ئىش ئورۇنلاشتۇرغىنى، خىزمەت بىجىرگىنى، ناچارلارنى تەنقىدلەپ، سەۋەنلىكنى سۈرۈشتۈرگىنى ھەم ئۇنىڭغا تەدبىر قوللانغىنى ئۇنىڭ گۇناھى ئەمەس. بەلكى گۇناھلارنى تۈزىتىش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى خالاس! ئۇ سىزنى رەنجىتكەندۇ، ئۇنى رەنجىەتكەندۇ، مىنى رەنجىتكەندۇ. نېمە دەپ شۇنداق قىلدى؟
مەن سىزگە يانچۇق خاتىرەمدىن بىر سۆز ھەدىيە قىلاي، سەن بىراۋنىڭ ھەرىكىتىنى چۈشەنمەكچى بولساڭ، ئۇنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىغا قاراپلا قالماي يەنە نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىغىغىمۇ قارا.

UID
18385
يازما
27
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
207
تىزىملاتقان
2011-12-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 11:02:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       كارۋان 418:
      «چوققا» ئەپەندىنىڭ «مەن باشلىق مەكتەپ مۇدىرى» سەرلەۋھەلىك ساتىراسى ۋە «lerika» ئەپەندىمنىڭ تولۇقلىمىسىغا ئىنكاس.››....
     ھۆرمەتلىك كارۋان ئەپەندى مەن ئەپەندى ئەمەس بەلكى خانىم بولىمەن. مەنمۇ مەكتەپتىكى ئادىي بىر رەھبەرلىك ئورنىدىكى خادىم . مەن بۇ ئەسەرگە تولۇقلىما بېرىشتىن مەقسەت باشلىقلارنىڭ ئەجرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن. پەقەت ئەسەرگىلا ‹‹تولۇقلىما›› بېرىپ قويدۇم. ئەگەر قەسىدە يېزىلسا ئۇنىڭغىمۇ ‹‹تولۇقلىما››بېرىمەن.

UID
18677
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 13:32:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىچە ئۇخلىماي تەييارلار دەرس،
تەستىقلار ھەممىسى ۋەزىپە-پەرىز.
چىقسلا سىياسەت›› ئۈگۈنۈش››دەپلا بىز،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بومماق تەس.

يىغىن دەپ ئۈندىسە مەكتەپ مۇدىرى،
بېسىلار ئۇقتۇرۇشقا‹‹قىزىل مۆھۆرى››.
لىكىن ئۇ ئۇنۇتماس مائاش گۆھىرى،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بومماق تەس.

مۇئەللىممەن‹‹مۇئەللىم››قۇلىدا ئۆسكەن،
ئىلىم پەن بېغىنى بىلىمدە بۆسكەن.
مۇئەللىمدەك پىتنەخۇر كەززاپنى تەرىپلەش تەسكەن،
جاھاندا ھەممىدىن مۇئەللىم بومماق تەسكەن.

UID
18677
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2011-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-3
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 13:34:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم بومماق تەس

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش