- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 366
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2527
- تىزىملاتقان
- 2011-7-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- UID
- 12992
- يازما
- 366
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2527
- تىزىملاتقان
- 2011-7-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-9
- توردا
- 80 سائەت
|
مۇشۇنداق تېمىلاردا ئىختىلاپ قىلىش ئادەمنى شۇنچە ئاسانلا ئازغۇنلۇققا گىرىپتار قىلىپ قويىدۇ . بەزى ئىنكاسلار كىشىنى ھەقىقەتەن چۆچىتىدىكەن . 2012 ناملىق تورداش ، ماۋۇ ئىنكاسلىرىڭىزغا نېمە دىگۈلۈك زادى ؟
‹‹مەن قىزىقارلىق ئىشتىن بىرنى دەپ بېرەي ،مېنىڭ ئىسمىم ئەيساجان ، 1975-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى (مىلاد بايرىمى كۈنى) پەيشەنبە تۇغۇلغان . مېنىڭ تۇغۇلغان يىل ئاي كۈنۈمنى قوشسا دەل 2012 چىقىدۇ .1975+12+25=2012
ئىسمىمنىڭ ئەيسا بولىشى ، دۇنيادىكى ئەللەر بايرام قىلىدىغان 12-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلۇشۇم ،ۋە يىل ئاي كۈنۈمنى قوشقاندا 2012 چىقىشى ھەقىقەتەن ئاجايىپ ئىش ... ››
‹‹ بەلكىم 2012 -يىلى بىردىنبىر دۇنيانى قۇتقۇزۇۋالىدىغان كۈچ ۋە ۋەزىپەماڭا يۈكلەنگەن بولىشى مۈمكىن ،قالغىنىنى شۇچاغدا بالايى ئاپەت يۈز بېرىپ ،كىشىلەر غال غال تىترىگەن چاغدا بىر نىمە دەيلى !››
‹‹مەن ئۆزۈمگە قىزىقىپ قېلىپ ،قەدىمقى بىشارەتلەرنى ئىزدەنگەن ئىدىم ،بارغانسىرى ئوخشاشلىقلارنى ھىس قىلدىم .بەك كۆپ ئوخشاشلىقلار بار ،بىر ئىككىنى دەپ بېرەي :
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىراجغا چىققاندا يەنى ئاسمانغا ئۆرلىگەندە ،ئەيسانى كۆرگەن بولۇپ ،چىرايى ئاق قىزىل ، مەيدىسى كەڭ ، چېچى دولقۇنسىمان بۈدرە ...
يۇقارقى سۈپەتلەش مېنىڭ تاشقى قىياپىتىم بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ...
يەنە فىرانسىيىلىك 16-ئەسىردە ياشىغان Nostradamus دىگەن بىشارەتچى ‹ئەسىرلەر› دىگەن كىتابنى يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ ، بۇ كىتابتا مۇنداق بىر بىشارەت بار :
——50——
他诞生在三个水的宫殿
这个男人以木曜日作为自己的圣日
他的名声 对神的赞歌 统治 权力
极大地增强
大海陆地 他给中东带来风暴
بۇنى تەھللىچىلەر ئۆزى بىلگەنچە تەھلىل قىلغان لېكىن بۇ كىشىنىڭ بىشارىتى ماڭا ئوخشايدۇ.يەنى
这个男人以木曜日作为自己的圣日
پەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان خاسىيەتلىك كۈنى دىيىلگەن .....ئۇنىڭ نامى ،ھوقۇقى تەڭداشسىز دىيىلگەن ...
مەيلى يەھۇدىي ،خرىسىتىئان ،ئىسلام بىشارەتلىرىدە بولسۇن ،ئەيسانىڭ ئادىل ھۆكۈمران بولۇپ قايتا كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ...››
تورداش سىز ئاۋۋال مۇشۇ گەپلىرىڭىزنى ئەقلىڭىزنى بىر يىغىپ ، ئارتۇقچە ھاياجانلانماي سوغۇققانلىق بىلەن بىر ئوقۇپ باقامسىز ؟ سىز بىلەن لايىقىدىكى مۇنازىرىنى سەلسەبىل ناملىق قېرىندىشىمىز قىلىپ بوپتۇ . سىزنىڭ توغۇلغان يىل ، ئاي ، كۈنلىرىڭىزنىڭ سانىنى قوشقاندىكى ساننىڭ 2012 چىقىپ پەقەتلا بىر توغرا كېلىپ قېلىش بولۇشى مۇمكىن ، بۇنى سىزنىڭ مۆجىزە قاتارىدا كۆرۈشىڭىزگە نېمە دەلىلىڭىز بار ؟ ئاندىن سىز بىشارەتلەر توغرىسدا ئىزدىنىپسىزمىش ، ھالبۇكى تىلغا ئالغىنىڭىز كىمنىڭ كىتابى ئىكەن ؟ سىز پەيغەمبەر توغرىسدىكى بايانلارنى تىلغا ئالغان تۇرۇقلۇق ھالبۇكى كىمنىڭ كىتابىدىن نەقىل ئېلىۋاتىسىز ؟ ئۆزىڭىزنىڭ روژدىستىۋو بايرىمىدا تۇغۇلۇپ قالغىنىڭىزدىن بەك پەخىرلىنىدىغان ئوخشايسىز ھە ؟ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالاھ مۇنداق دەيدۇ :‹‹ سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ ، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ ›› ( سۈرە مائىدە 51- ئايەت ) بۇ يەردە سىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىڭىزغا گۇمان تۇغۇلۇپ قالدى ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلىرى توغرىسىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك دەلىللەر توغرىسىدا پەقەت قۇرئان كەرىمدە ئېيتىلغانلىرى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ (مۇتەۋاتىر )سەھىھ ھەدىسلىرىدە ئېيتىلغانلىرىغا ئەڭ ئاۋۋال ئىمان كەلتۈرۈش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر . يۇقىرىدا سىز تىلغا ئالغان كىتابنى يازغان ئادەم مۇسۇلمانمىدۇ ؟ ئەجىبا ئۇ ئىيسا توغرىسىدا سۆزلەشتە قەيەردىكى دەلىللەرنى ئاساس قىلغاندۇ ؟ ماۋۇ گىپىڭىزگە قاراڭە :
‹‹مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىراجغا چىققاندا يەنى ئاسمانغا ئۆرلىگەندە ،ئەيسانى كۆرگەن بولۇپ ،چىرايى ئاق قىزىل ، مەيدىسى كەڭ ، چېچى دولقۇنسىمان بۈدرە ... يۇقارقى سۈپەتلەش مېنىڭ تاشقى قىياپىتىم بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ...››
بۇ گەپنى نەدىن تاپتىڭىز ؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىراجغا چىققاندا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى شۇنداق سۈپەتتە كۆردىمۇ دەيلى بوپتۇ ، ( بۇنىڭغىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىدىن ئېنىق بىر دەلىل كېرەك ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاندىن يەر يۈزىگە چۈشكەندە ئيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسىمىنى سىزىپ كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرۇپتۇمۇ ؟ سىز شۇنداق بىر رەسىمگە قاراپ تۇرۇپ ئاندىن بۇ رەسىمدىكى كىشىنىڭ قىياپىتى مېنىڭ قىياپىتىم بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش، دەپ ھۆكۈم چىقارغان يېرىڭىز بارمۇ ؟ دىمەك بۇ ھۆكۈمىڭىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچى سىزچە يەنە بارمىكەن ؟ سىزنىڭ شۇنداقكى بىر غەرپلىكنىڭ كىتابىدىكى ھېچ ئاساسى يوق بىر سەپسەتىگە ئاساسەن ئۆزىڭىزنى ھېچ تەپتارتماي بىر پەيغەمبەرگە تەققاسلىشىڭىز سىزچە زادى نېمە ئۈچۈن ؟ ئاللاھنىڭ ھەقىقەتلىرى توغرىسىدا چىرايلىق گەپلەر بىلەن خالىغانچە بىلجىرلىسام بولىدۇ ،تەۋھىد رۇبۇبىييەگە ئائىت سۈپەتلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتسەم بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسىز ؟ قاراڭ :
‹‹ بەلكىم 2012 -يىلى بىردىنبىر دۇنيانى قۇتقۇزۇۋالىدىغان كۈچ ۋە ۋەزىپەماڭا يۈكلەنگەن بولىشى مۈمكىن ،قالغىنىنى شۇچاغدا بالايى ئاپەت يۈز بېرىپ ،كىشىلەر غال غال تىترىگەن چاغدا بىر نىمە دەيلى !›› ۋاي ئالجوقى، 2012- دۇنيانىڭ چوقۇم ۋايران بولىدىغانلىقىغا قانداق دەلىلىڭ بار ئالجىغان ساراڭ ؟ ياكى مايالارنىڭ ئىلمىي دەلىللەشتىنمۇ ئۆتەلمەيدىغان كەلگۈسى ھەققىدىكى ئاتالمىش بىشارەتلىرى ساڭا دەلىل بولدىمۇ ؟ مۇشۇ گېپىڭنىڭ ئۆزىدىنلا سېنىڭ غەيپ توغرىسىدا خالىغىنىڭنى دەپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ كاپىر بولغىنىڭ ئاشكارىلا تۇرسا ، شۇنىمۇ بىلەلمىگەن بىر ئەقىلسىز تۇرۇپ ، قايسى يۈزۈڭ بىلەن ئاللاھنىڭ، سەندەك دىلى كۇفرىغا مايىل بىر ئەقىلسىزنى ئىيسا كەبى قۇتقۇزغۇچى قىلىپ ئەۋەتىدىغانلىقىغا بىزنى ئىشەندۇرمەكچى بولىسەن ؟ قايسى مەزھەپكە ئېتىقاد قىلىسەن ؟ مېنىڭچىسەن راپىزىلار،نەۋاسىبلار،جەھمىيە،مۇئتەزىلە ۋە ئەشئەرىلەر يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللىقانداق پىرقىلاردىكى ئىمانسىزلاردىنمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئادەمكەنسەن . ئاپپاق خوجىمۇ سۇلۇكىنى سەنچىلىك تەرغىپ قىلار بولغىيدى ناھايىتى ... مۇسۇلمان بولساڭ دىگەن ئاۋۇ قەبىھ گېپىڭگە تەۋبە قىلىپ ئاللاھدىن گۇناھىڭنى تىلە . سەندەك خام خىياللىرىدىن مەس بولۇپ ھەقتىن چىقىدىغان ئادەملەرنىمۇ ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ . ئۇ يەنە تەۋبە قىلغۇچىلارنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر . ئاللاھ ئۆزىمۇ ‹‹ ئاللاھ سىلەرنى زىمىندىن يارىتىلغىنىڭلاردىن تارتىپ ( ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى چاغلىرىڭلاردىن تارتىپ ) ئەھۋالىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ ، شۇڭا ئۆزەڭلارنى پاك ھېساپلىماڭلار ! ئاللاھ تەقۋادارلىق قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر ›› دىگەن . ئۆزۈڭنى قالتىىس ھېساپلاپ كەتكىنىڭگە ھەيرانمەن .
غەيپ ئەھۋاللار توغرىسىدا دەتالاش قىلىشتىن بىزنى رەسۇلۇللاھ قاتتىق توسقان . ئۇ مۇبارەك زات ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا شەيتاننىڭ ئىنساننى قايمۇقتۇرۇپ ئاسانلا ئازغۇنلۇققا ، ئازاپقا دۇچار قىلىدىغان گەپ -سۆزلەرنى دېيىشكە بەلكى كۈشكۈرتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ئەلۋەتتە . چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ بىلدۈرگىنىدىن باشقىنى سۆزلىمەيدىغان ئەلچىدۇر . بەزىلەرنىڭ شەيتاننىڭ ئۆزىنى ئۇسۇلغا سېلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي ئۆزىنى قالتىس ھېساپلاپ قۇتقازغۇچى پەيغەمبەر بوپ كەتكۇسى كەپتۇ قانداق قىلاي ... بىلگىنكى قېرىندىشىم ، سېنىڭ بۇ ئاقماس خام خىياللىرىڭ شەيتاننىڭ دىلىڭغا قايغۇ سېلىشى ئۈچۈن ساڭا قىلغان پىتنىسى بولۇشى ئېھتىمال . ئاللاھمۇ قۇئان كەرىمدە ‹‹ ئى مۇھەممەد ئۇلارغا :‹ ئەگەر سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار ،قېنى دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار › دېگىن ›› دەپ ۋەھيى قىلغان . سىېنىڭ قەلبىڭدە تۇغۇلغان يىلىڭغا قاراپلا ئۆزۈڭنىڭ بەلكىم ئالاھىدە بىر ئادەم بولۇشۇڭ مۇمكىنلىكى ھەققىدە شۇنداق بىر گۇمانلار تۇغۇلۇپ قالغان بولسا بۇنىڭ گۇمان ئەمەس بەلكى ھەقىقەت ئىكەنلىكى ھەققىدە بىزنى قايىل قىلىدىغان بىرەر دەلىلنى كەلتۈرۈپ باققىن . ئەگەر دەلىلىڭ بولمىسا ( بۇنىڭ قانداقلىقى ئاللاھقا تولىمۇ ئايان ) ئەقلى گەجگىسىگە چىقىپ قالغان ئادەمنىڭكىدەك... تاققۇ -تۇققۇ گەپلىرىڭدىن خالاس بول . ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە :‹‹ ئۇلار پەقەت پەرەزگىلا ئىشىنىدۇ ، پەرەز دىگەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھەقىقەتەن ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ ›› دىگەن . مۇسۇلمان بولساڭ قالغىنىنى ئۆزۈڭ ئوبدان ئويلىشىپ باقارسەن . كەچۈرگىن باشتا سىزلىگەن ئىدىم ئاخىرىدا سەنلەپ سالدىم . مەنمۇ ئۇنچىكى ئۇلۇغ ئادەملەردىن ئەمەس ئىدىم ساڭا بۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلمىسام بولاتتى ، ئەمما سەن مۇقەددەس سىمۋوللىرىمىزغا ئازراقمۇ خىجىل بولماي چېقىلىۋىرىپسەن ،شۇڭا ماڭىمۇ ئامال بولماي قالدى ،كەچۈرگىن . سېنىڭ، نىيەتلىرىڭدىكى ئەگرىلىكنى ،قۇرۇق ھەۋەس ۋە ساختا كىبىرنى ساقىت قىلالايدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن . |
|