- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 90
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 450
- تىزىملاتقان
- 2011-8-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-5
- UID
- 14302
- يازما
- 90
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 450
- تىزىملاتقان
- 2011-8-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-5
- توردا
- 39 سائەت
|
69-سۈرە ھاققە، مەككىدە نازىل بولغان 52 ئايەت
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
(بولۇشى ئېنىق) قىيامەت(1). قىيامەت نېمىدۇر؟(2)قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىككىنى قانداق بىلەلەيسەن؟(3)سەمۇد ۋە ئاد (قەبىلىلىرى) قىيامەتنى ئىنكار قىلدى(4). سەمۇد بولسا ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىندى(5). ئاد بولسا ھەددىدىن زىيادە قاتتىق ۋە سوغۇق بوران بىلەن ھالاك قىلىندى(6). اﷲ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى، (ئاد) قەۋمىنىڭ (ئۆز ماكانلىرىدا ھالاك بولۇپ) خورما دەرىخىنىڭ پو كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرىسەن(7). ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنىڭ قالغانلىقىنى كۆرەلەمسەن؟(8)پىرئەۋن ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە شەھەرلىرى دۈم كۆمتۈرىۋېتىلگەنلەر (يەنى لۇت قەۋمى) خاتا ئىشلارنى قىلدى(9). ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى اﷲ قاتتىق جازالىدى(10). شۈبھىسىزكى، (نۇھنىڭ زامانىدا) چوڭ سۇ يامراپ كەتكەن چاغدا، سىلەرنى (يەنى ئەجدادىڭلارنى) بىز كېمىگە سالدۇق، سىلەرگە ئۇنى ئىبرەت قىلىش ئۈچۈن، تۇتۇۋالىدىغان قۇلاقلارنىڭ ئۇنى تۇتۇۋېلىشى ئۈچۈن (بىز شۇنداق قىلدۇق)(11). (12)بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغان چاغدا(13). زېمىن ۋە تاغلار (ئورۇنلىرىدىن) كۆتىرىلىپ (بىر- بىرىگە) ئۇرۇلۇپ (ئۇۋىلىپ كەتكەن) چاغدا(14). بۇ كۈندە چوڭ ئىش (يەنى قىيامەت) يۈز بېرىدۇ(15). ئاسمان يېرىلىدۇ، بۇ كۈندە ئاسمان (قالايمىقانلىشىپ) ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ(16). پەرىشتىلەر ئاسماننىڭ ئەتراپىدا تۇرىدۇ، بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە (باشلىرى) ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ(17). بۇ كۈندە سىلەر (اﷲ غا) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توغرىلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر(18). نامە- ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەم (خۇشاللىقتىن): «بۇ مېنىڭ نامە-ئەمالىمنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىڭلار، مەن ھېساباتىمغا مۇلاقەت بولىدىغانلىقىمغا مۇقەررەر ئىشەنگەن ئىدىم» دەيدۇ(19). (20)ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ(21). ئېسىل جەننەتتە بولىدۇ(22). ئۇنىڭ مېۋىلىرى (ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ قولىنى سوزۇپلا ئالالايدىغان دەرىجىدە) يېقىن بولىدۇ(23). (ئۇلارغا) «ئۆتكەنكى كۈنلەردە (يەنى دۇنيادىكى چاغلاردا) ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇشال- خۇرام يەڭلار، ئىچىڭلار» دېيىلىدۇ(24). نامە- ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم ئېيتىدۇكى، «ماڭا نامە- ئەمالىم بېرىلمىگەن بولسىچۇ!(25)ھېسابىمنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمىسەم ئىدىم!(26)دۇنيادا ئۆلۈمىم ھاياتىمنى (ئاخىرەتتە قايتا تىرىلمەس قىلىپ) ئاخىرلاشتۇرسىچۇ!(27)مېنىڭ مال- مۈلكۈم ماڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى(28). مېنىڭ ھوقۇقۇم قولۇمدىن كەتتى»(29). (اﷲ دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) ئېيتىدۇ: «ئۇنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭغا تاقاق سېلىڭلار(30). ئاندىن ئۇنى دوزاخقا تاشلاڭلار(31). ئاندىن ئۇنى ئۇزۇنلۇقى 70 گەز كېلىدىغان زەنجىر بىلەن باغلاڭلار»(32). (ئۇنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى) ئۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ اﷲ غا ئىمان ئېيتمىغان ئىدى(33). مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىپ قىلمايتتى(34). بۈگۈن ئۇنىڭغا بۇ يەردە (ئۇنىڭدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋىتىدىغان) دوست يوقتۇر(35). ئۇنىڭغا يىرىڭدىن باشقا تاماق يوقتۇر(36). ئۇنى پەقەت ئازغان ئادەملەرلا (يەنى كاپىرلارلا) يەيدۇ(37). مەن سىلەر كۆرۈپ تۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن، سىلەر كۆرمەيدىغان نەرسىلەر بىلەنمۇ قەسەم قىلىمەن (يەنى بارلىق مەخلۇقات بىلەن قەسەم قىلىمەن)(38). (39)بۇ قۇرئان ئەلۋەتتە ھۈرمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (اﷲ تەرىپىدىن يەتكۈزگەن) سۆزىدۇر(40). ئۇ شائىرنىڭ سۆزى ئەمەستۇر، سىلەر ناھايىتى ئاز ئىشىنىسىلەر(41). ئۇ كاھىننىڭ سۆزىمۇ ئەمەس، سىلەر ئاز ۋەز- نەسىھەت ئالىسىلەر(42). (ئۇ) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر(43). ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا(44). ئەلۋەتتە ئۇنى قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق(45). ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسى قىزىل تومۇرىنى كېسىپ تاشلايتتۇق(46). سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى(47). شەك- شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەتتۇر(48). بىز شەك- شۈبھىسىز بىلىمىزكى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا (قۇرئان ئايەتلىرى شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلار بار(49). قۇرئان كاپىرلارغا (ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى ۋە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئازابىنى كۆرگەن چاغدا) ئەلۋەتتە ھەسرەت بولىدۇ(50). قۇرئان، مۇقەررەركى شەكسىز ھەقىقەتتۇر(51). ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن(52).
اللاھۇ ئەكبەر.
قىيامەتنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن قۇرئانغا مۇراجىەت قىلىپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. يۇقارقىسى قىيامەت توغرۇلۇق كىچىككىنە ئۈزۈندە.
|
|