- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 90
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 450
- تىزىملاتقان
- 2011-8-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-5
- UID
- 14302
- يازما
- 90
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 450
- تىزىملاتقان
- 2011-8-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-5
- توردا
- 39 سائەت
|
مۇسۇلمانلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!
2012 كۇفرىدىن يانسا ئەلۋەتتە ئاللاھ ناھايىتى مېھرىبان زاتتۇر. بەندىلىرىنى بەكمۇ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر. ھەقىقەتەن كاززاپلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان مەدەتكار يوقتۇر.
2012، ئالدىنقى بەتلەردە سىزدىن پەيغەمبەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانلارغا بىلدۈرۈشىگە تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي سوئالدىن بىر نەچچىنى سورىساممۇ جاۋاب بەرمىگەن ئىدىڭىز. ئاخىرىدا سىزگە توغرا يول تىلەپ خوشلاشقان ئىدۇق. ھالبۇكى، . يىقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ دەپ، يەنە تاققا تۇققا گەپ قىلغىلى تۇرۇپسىز.ھەممىدىن ئېچىنىشلىقى، ئىنسان قولىدا يېزىۋالغان «ئىلاھى كىتاب»لىرىڭىزنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدىن ئوقۇۋالغان مەزمۇنلار سىزنى بەك چېلىۋېتىپتۇ.
بىر تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى پەيغەمبەر دەيسىز. بىر تۇرۇپ پەيغەمبەر بولۇشۇم مۇمكىن دەيسىز. بىر تۇرۇپ مەن ئۆزۈمنى پەيغەمبەر دېمىدىم دەيسىز. بىر تۇرۇپ قىيامەت بولغاندا قۇتقازغۇچى بولىمەن دەيسىز.(قىيامەت بولغاندا بەندىلەرنى قۇقتۇزالايدىغان بىرەر بەندە ياكى پەرىشتە بارمۇ؟ ئېيتىپ بېرىڭچۇ؟) توختىماستىن ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئىنكاس قىلىپ كاپىرلىقتا ئۇچىغا چىقىۋاتىسىز.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇتقان يولى توغرا دەپ قارايسىزغۇ؟
ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن، بۇ تېما سىزگە ئۆزىڭىزنىڭ «توغرا يول»ىڭىزنى تەشۋىق قىلىشتا مەيدان بولۇپ قالغۇسى. چۈنكى:«ئاللاھ ئىسلامغا كاپىرلار ئارقىلىقمۇ ياردەم بېرىدۇ.» سىزدەك بىر كاپىرنىڭ سەپسەتىلىرى ئارقىلىق، ئاللاھ خاتا يولدىكى كاپىرلارنىڭ سەپسەتىلىرىنى كىشىلەر ئالدىدا رەسۋا قىلىپ، قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى، ئىسلامنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىنسانىيەتكە جاكارلايدۇ.
سىزنىڭ تۇتامغا چىقمايدىغان سەپسەتىلىرىڭىزگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن سىز بىلەن مۇشۇ تېمىدا، ئالالھ نېسىپ قىلسا ، يۈزمۇ يۈز مۇنازىرىلىشىمەن. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە قانچىلىك رايىمنىڭ يوقلىقىغا قارشى ھالدا،كاپىرلار بىلەن، بولۇپمۇ ئاللاھ بار دەپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ يولىنى بۇرمىلايدىغان سىزدەك كاپىرلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ھەرگىز سەل قاراپ ئولتۇرمايمەن.
سىزگە شۇ نەرسە ئېنىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، پەيغەمبەرلەر بېشىغا ھەرقانچە مۇسبىەت كەلگەن، جېنىغا خەۋپ يەتكەن ھالەتتىمۇ، ئۆز مەيدانىنى كىشىلەرگە ئېزىپ ئىچۈرۈپ ئەستايدىللىق بىلەن چۈشەندۈرگەن. ھەرگىزمۇ، ساراڭدەك بىلجىرلارپ ئۆزىنى-ئۆزى ئىنكار قىلغان ئەمەس. سىزنىڭ پەيغەمبەرلىك داۋايىڭىز بولسا
1.بىزنى نېمىلەرگە بۇيرۇپ نېمىلەردىن توسىدىغانلىقىڭىزنى ئوتتۇرىغا تاشلاڭ.(پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى قەۋمىگە ۋەز ئېيتقانغۇ؟ سىزمۇ ۋەز ئېيتىپ، بىزنى ئاللاھقا ۋە ئۆزىڭىزگە ئەگىشىشكە چاقىرىڭ)
2. 2012-يىلى قىيامەت بولىدۇ، شۇ چاغدا مەن ئىنسانىيەتنىڭ قۇتقۇزىمەن، دېسىڭىز، سوئال شۇكى. پەيغەمبەر يالغانچى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلمەيدۇ. بەلكى، پەقەت ئاللاھ ئۆزىگە ۋەھىي قىلغان نەرسىلەرنىلا سۆزلەيدۇ. ئۇنداقتا، ئاللاھ سىزگە 2012-يىلى قىيامەت بولىدۇ، ئىنسانلارنى قىيامەتتنى ئاگاھلاندۇر، دەپ ۋەھىي قىلدىمۇ؟(جاۋاب بېرىڭ)
3. ئاللاھقا قەسەم قىلىپ سورايمەنكى، سىز راستتىنلا پەيغەمبەرمۇ؟ سىزگە ئاللاھتىن ۋەھىي كەلدىمۇ؟
يۇقاردا سىزدىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاشقا تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي، ئەڭ سوئالنى سورىدىم.
بۇلارغا جاۋاب بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى توغرا يول ئىگىسى ئۆزىنىڭ يولى توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت كىشىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشتىن قاچمايدۇ. سىز ئۆزىڭىزنى توغرا يول ئىگىسى دەپ قارايسزغۇ؟
مۇنازىرە داۋامىدا سىزنى مەسخىرە قىلمايمەن. سىزگە تىل سالمايمەن. سىزگە تىل سالغان تورداشلارنىڭمۇ ئۇنداق قىلماسلىقىنى سورايمەن. ئويلايمەنكى، چىرايلىق مۇنازىرە ئارقىلىق ئېقى ئاق، قارىسى قارا بولۇپ ئايرىلىدۇ. تىللاش، مەسخىرە قىلىش بىلەن ھېچ ئىش تاڭاتمايدۇ. سىزنى كاپىر دېيىشىم سىزنى مەسخىرە قىغانلىقىم ئەمەس. بەلكى سىزنىڭ مەيدانىڭىزنىڭ ئىسلام بىلەن زىت بولغانلىقى ئۈچۈن سىزنى كاپىر دېدىم. مۇنازىرىلىشى داۋامىدا ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاللاھقا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
قېنى مەرھەمەت، سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ. جاۋاب بەرگەندىن كېيىن مەندىن سورايدىغانلىرىڭىز بولسا، ئەلۋەتتە سىزگە جاۋاب بېرىمەن. ئاللاھ نېسىپ قىلسا. |
|