2012- يىلى قىيامەت قايىم بولامدۇ؟
-مايانلار ۋە مايان كالىندارى-
ئەلكۈيى تورى 16-دېكابىر مۇھاكىمە ماقالىسى : دۇنيانىڭ قايسىلا جايىدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر مەيلى قايسىلا دىنغا ئىتقاد قىلىشىدىن قەتئىنەزەر ھامان بىر كۈنى يەرشارىنىڭ يوقىلىدىغانلىقى، يەنى قىيامەت قايىم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. قىيامەت ھەققىدە ئىنسانلار تارىخىدا ساناقسىز رىۋايەت ۋە بىشارەتلەر ساقلانغان. ھازىرقى دەۋردىكى يەرشارىنىڭ ئومۇمى ھالىتى كىشىلەرنى ھالىدىن كەتكۈزۈپ، قىيامەتنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىغا ئىشەندۈرمەكتە.
ھوللىۋودنىڭ ‹‹2012- يىلى›› ناملىق فىلىمى ئۇچۇرلاشقان دەۋىردىكى بىر ئۇچۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كەڭ تارقالدى ھەمدە كىشىلەرنىڭ قىيامەت ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى يېڭى بىر دولقۇنغا كۆتۈردى. 2012- يىلىنىڭ يىتىپ كېلىشىگە يېقىنلىشىپ كەڭ ئېنتىرنىت ئەھلىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. مىڭ يىلدىن ئاشقان ئىسلام مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تور ئابونتلىرىمۇ بۇنىڭدىن چەتتە قالمىدى،ئەلۋەتتە! ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى ‹‹قۇرئان كەرىم››دە قىيامەت ھەققىدە ناھايىتى ئېنىق بايانلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىيامەت ۋە قىيامەت كۈنىگە بولغان ئىشىنىشى تولىمۇ چوڭقۇر، بۇ نۇقتىمۇ، ‹‹2012- يىلى››ناملىق فىلىمنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر پەيدا قىلغانلىقىدىكى يەنە بىر سەۋەب.
ئۇنداقتا، بىز ‹‹2012- يىلى›› ناملىق بۇ فىلىم ۋە فىلىمنىڭ ئىلھامى بولغان مايان كالىندارى ھەققىدە قانچلىك چۈشەنچىگە ئىگە؟ ئۇيغۇر تور بەت – مۇنبەرلىرى ئابونتلارغا بۇ ھەقتە قانچىلىك چۈشەنچە بېرەلدى؟ ئەجەبا، 2012- يىلى راستىنلا قىيامەت قايىم بولامدۇ؟....
بىز موشۇ نۇقتىلارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ‹‹2012- يىلى›› ناملىق فىلىم، مايان ۋە مايان كالىندارى ھەققىدە بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلايلى!
2012- يىلى ناملىق فىلىمنىڭ تەشۋىقات سۈرىتى
‹‹2012- يىلى›› ناملىق فىلىمدە يەرشارىنىڭ گۇمران بولۇشى ۋە فىلىمدىكى باش قەھرىمان، ھەرقايسى ئەل رەھبەرلىرىنىڭ ھايات ھەققىدە تىركىشىشلىرى تەسۋىرلەنگەن. فىلىمگە 200 مىلىيون دوللار مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئاپەتلىك فىلىم ئۇستازى رولاند ئىممىرىك رىژىسورلىقىنى قىلغان.
فىلىمدە، قوياشنىڭ ھەركىتى نورمالسىزلىشىدۇ، يەرشارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېنىرگىيە تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، مايانلارنىڭ بىشارىتى رىئاللىققا ئايلىنىدۇ، ئىنسانىيەت غايەت زور بالا – قازاغا ئۇچرايدۇ. ھەر قايسى ئەل ھۆكمەتلىرى بىرلىشىپ، مەخپىي ھالدا ‹‹نوھ ئەلەھىسسالامنىڭ كېمىسى››گە ئوخشايدىغان قۇتقۇزغۇچ كىمە ياساشنى باشلايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بالا – قازادىن ئامان قالماقچى بولىدۇ.
فىلىمدىكى باش قەھرىمان چارلى
فىلىمدىكى فانتازىيەلىك ئەسەر يېزىپ ھايات كەچۈرىدىغان باش قەھرىمان جېكسون بالىلىرى بىلەن سېرىق تاش باغچىسدا ساياھەت قىلىۋاتقاندا، بىر قاتار غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ساراڭ بولۇپ قالدى دەپ قارالغان چارلى بىلەن تاساددىپىي ئۇچىرشىپ قالىدۇ. چارلى ئۇنىڭغا قىيامەتنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقتىنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. يانار تاغلارنىڭ پارتىلىشى، يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ئىچىدە جېكسون ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ئىجارىگە ئالغان ئايروپىلاندا ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان شەھەردىن قېچىپ چىقىدۇ ھەمدە چارلى ئېيىتقان ھەر قايسى ئەل رەھبەرلىرى بىرلكتە ياساپ چىققان قۇتقۇزغۇچ كېمىنى ئىزلەيدۇ. ھايات- ماماتلىق پەيىتلىرىدە ئۇلۇغ روھ ئىگىلىرى ھايات قالىدۇ، شەخسىيەتچى كىشىلەر ھالاك بولىدۇ. نۇرغۇن جاپا مۇشاقەتلەردىن كېيىن سانسىز كىشىلەر ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ‹‹قۇتقۇزغۇچ كېمە›› ئەتراپىغا يىغىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ھايات قالغۇچىلار، ئۆز- ئارا مۇھەببەت ۋە ھاياتقا بولغان ھۆرمىتى بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىدۇ.
فىلىمدىكى خەلقى بىلەن بىللە ھالاك بولۇشنى تاللىغان ئامېرىكا پرېزدىنتى
بۇ فىلىم 2008- يىلى 7- ئايدىن 2009- يىلى 1- ئايغىچە سۈرەتكە ئېلىنغان. 2009- يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى ئامېرىكىدا تۇنجى مەيدان قويۇلغان. 161 مىنۇت داۋاملىشىدىغان بۇ فىلىمنى كولومبىيە كىنو شىركىتى قاتارلىق بەش كىنو شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن.
‹‹2012- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى قاراڭغۇ چۈشكەندىن تارتىپ، 12- ئاينىڭ 22- كۈندىكى سەھەر مەڭگۈ كەلمەيدۇ›› مايانلارنىڭ بىشارەت كالىندارىدا شۇنداق ئېيتىلغان بۇ كۈن ‹‹قىيامەت قايىم›› بولىدىغان كۈن دەپ قارالغان.
بۇ فىلىمدە كىشىلەرگە ناھايىتى تونۇشلۇق، شۇنداقلا ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولغان نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار، مەسىلەن، ئاقساراي، ئەركىنلىك ئىلاھى، ئېفىل مۇنارى قاتارلىقلار گۇمران بولىدۇ. فىلىم ئەنئەنۋى ئاپەتلىك فىلىملەردىكى نۇرغۇن كونا قېلىپلارنى تاشلىۋەتكەن، شىمالىي يېرىم شاردىن جەنۇبىي يېرىم شارغىچە بولغان نۇقتىلىق ئورۇنلارنى، رىئودى ژانىرودىن ھىمالايا تېغىغچە ناھايىتى يۇقىرى تېخنىكا بىلەن سۈپەتلىگەن بولۇپ، بۇ نۇقتىلار كىشىلەرگە چىنلىق تەسىرى بېرىشتە زور رول ئوينىغان. ئۇنىڭدىن باشقا فىلىم سىنارىسىتى، رىژىسورى، رول ئالغان ئارتىسلار، فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىش، كىرىشتۈرۈش جەريانلىرى، كۆرۈش سەزگۈسىنى غىدىقلاش دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنغان. بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان قىيامەت چۈشەنچىسىنىڭ بۇ قەدەر يۇقىرى تېخنىكا بىلەن كىشىلەر ئالدىدا نامايەن بولۇشى زور ئەندىشە ۋە ۋەھىمە، مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزە قوزغايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ‹‹مايانلارنىڭ بىشارەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇلار قالدۇرغان 5 چوڭ بىشارەتنىڭ تۆتى رىئاللىققا ئايلاندى، 5- بىشارەت دەل 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى قىيامەت قايىم›› دېگەندەك سۆزلەرنىڭ كەڭ تاراتقۇلار تەرىپىدىن يەتكۈچە تارقىتىلىشىمۇ، بۇ فىلىمنى مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن بىر چوڭ سەۋەب.
2012- يىلى ناملىق فىلىمدىن بىر كۆرۈنۈش
خوش، بىز ‹‹2012- يىلى›› فىلىمى ھەققىدە يىتەرلىك سۆزلىدۇق. ئەمدى سۆزىمىزنى مايانلار ۋە ئۇلارنىڭ بىشارەتلىك كالىندارى ھەققىگە بۇرايلى:

مايان
مايانلار ئوتتۇرا ئامېرىكا ۋە مېكسىكدىكى ئىندىئانلارنىڭ بىر تارمىقى. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2500- يىللىرى ھازىرقى مېكسىكىنىڭ جەنۇبى، گۋاتمالا، بېلىز، سالۋادور ۋە گوندىراسنىڭ قىسمەن رايونلىرىغا تارقالغان. نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىلىيون كېلىدىغان بولۇپ، موڭغۇل ئىرىقىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى تارمىقى؛ ئىندىئان تىلى تارمىقىدىكى مايان - كۋىچوئىد تىلى ئىشلىتىدۇ. مايانلارنىڭ زادى نەدىن كەلگەنلىكى ھەقىقەتەنمۇ بىر سىر بولۇپ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن كۆز قاراشلار ساقلانماقتا. مايانلارنى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ كۆچمەنلىرى دەيدىغانلارمۇ، يوقاپ كەتكەن قەبىلىنىڭ ئەۋلادلىرى دەيدىغانلارمۇ ، ھەتتا تاشقىي پىلانت ئادەملىرىنىڭ ئەۋلادلىرى دەيدىغانلارمۇ بار. بۇنداق كۆز قاراشلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنى قايدۇرۋىتىدۇ. يۇقارقى كۆز قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئارخىلوگىيە تارىخىدىكى يېشىلمىگەن سىرلارنىڭ بىرى؛ بەيدۇ قاموسنىڭ ‹‹سىھىرلىك مايان›› دېگەن كىتاپتىن نەقىل قىلىپ بېرىشىچە، مايانلار جۇڭگودىن كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن، بۇ ھەقتە مايان تىلى ۋە خەنزۇ تىلى، تەپەككۇردىكى ئوخشاشلىق، مايانلارنىڭ مۇقەددەس ھايۋىنى – يىلان ۋە جۇڭگو ئەجدىرھاسى، مايان – جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ بىر سېستىمىغا تەۋەلىكى... قاتارلىق سېلىشتۇرما تەتقىقاتلار بارمىش؛ ئۇنىڭدىن باشقا مايانلارنى تاشقى پىلانتتىن كەلگەنمۇ دېگەن قاراشقا قارىتا، تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ باشقا ئىنسانلارغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەسلىكى، مايانلار ئەجدادىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى، مايانلار پەن – تېخنىكىسىنىڭ ئىنسانلاردىن يۇقىرى تۇرۇشى، مايانلار ئىتىقادىنىڭ ئىنسانلاردىن پەرقلىق تەرەپلىرى، كېلىش مەنبەسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭكى بىلەن پەرقلىق بولۇشى دېگەندەك مەزمۇنلار بارمىش؛
مايانلارنىڭ تۇرمۇشى
ھازىرقى مايانلار مېكسىكىنىڭ يۇكاتەن، كەمپىچ، كىنتانالورو قاتارلىق ئىشتاتلىرى ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ياشايدۇ. ئۇلار ئاساسەن تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، قوناق، پۇرچاق، كاۋا، تاماكا، كېۋەز قاتارلىقلارنى تېرىيدۇ. يەر كۆپچىلىككە تەۋە بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە مۇۋاپىق مىقداردا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ، يەر تەقسىم قىلىش ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ياكى يېزىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئاممىۋى قۇرۇلۇش ۋە تۇرالغۇلارنى سېلىشىدۇ. كېيىنىشتە ئاساسەن ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغان.
مايانلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى-1
مايانلارنى تەتقىق قىلىش 1830- يىللىرى باشلانغان بولۇپ، 20- ئەسىرنىڭ دەسلىپى ۋە ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە مايان يېزىقىنىڭ بىر قىسىمى تەتقىق قىلىپ يىشىلگەن ھەمدە بۇ ئارقىلىق مايان دىنى ھەققىدە چۈشەنچە پەيدا بولغان. مايان دىنى كۆپ خۇدالىق دىن بولۇپ، ئۇلاردا ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان دىنىي قائىدە – يوسۇنلار ۋە مۇراسىملار بار. مايان دىنى بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ بولغىنى مايانلارنىڭ ماتىماتىكا ۋە ئاستورنومىيە ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى بولۇپ، ماتىماتىكىلىق ھىسابلاش ۋە نۆلنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنسانىيەت ئەقىل – پاراسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مايانلارنىڭ ئاستورنومىيەسى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان كالىندارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. كالىنداردا ئىنتايىن توغرا ۋە ئېنىق بولغان قوياش يىلى (18 ئاي، ھەر ئاي 20 كۈن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاپەتلىك 5 كۈن بار)، نەزىر – چىراق يىلى (260 كۈن، 20 كۈننى بىر دەۋر قىلغان 13 ھەپتىدىن تەركىب تاپقان) ھەمدە ھەر خىل ئۇزۇن دەۋرلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن كۈن ھېسابلاش كالىندارى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3114- يىلىدىن باشلانغان. مايانلارنىڭ ئاستورونۇملىرى ئاي ۋە زۆھرە يۇلتۇزىنىڭ ئېنىق ئورنىنى سىزىپ چىققان ھەمدە بۇ ئارقىلىق كۈننىڭ تۇتۇلىشىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن.
مايانلارنىڭ سىرلىق كالىندارى
ھازىرغا قەدەر ئاساسەن مايان مەدەنىيىتى خۇددى باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىنى خالىمايدىغاندەك تېخىچە سىر ھالىتىدە تۇرماقتا. 9- ئەسىردىكى مايالارنىڭ ھالاك بولۇشى، ھەر خىل كەلكۈن، يەر تەۋرەش، بوران قاتارلىق تەبئىي ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى، ۋابا، كوللىكتىپ زەھەرلىنىش قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، ئورمان كۆيدۈرۈپ يەر ئېچىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادىي مەسىلىلەر، دۈشمەنلەرنىڭ باستۇرۇپ كىرىشى، شەھەرلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش، دېھقانلارنىڭ ئىسىيان كۆتۈرۈشى قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، كوللىكتىپ ئۆلىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەر ئېيتىپ يۈرگەن مايان بىشارەتلىرىگە ئۇدۇل كەلگەن، لېكىن يۇقارقىلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مايان بىشارىتىدە ئېيتىلغانلىقىغا دائىر، كىشىنى ئىشەندۈرگۈدەك ئىسپات يوق.
قەدىمكى مايانلارنىڭ باش سۆڭەكلىرى
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر سىر، مايانلار شەھەرلەر بىلەن ئورمانلارنى تۇتاشتۇرىدىغان يول ياسىمىغان، لېكىن ئۇلار مۆتىدىل بەلباغ رايونىدا ياسىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت ئىھرامى ئۈچۈن ناھايىتى يىراق جايدىن غايەت زور تاشلارنى توشۇپ كېلىشى كېرەك بولۇپ، ئۇ تاشلارنىڭ زادى قانداق يول ۋە ئۇسۇللار بىلەن يۆتكەن كېلىنگەنلىكنى كىشىلەر تەسەۋۇرىغا سىغدۇرالمايدۇ.
قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخىدىكى مايان مەدەنىيىتى خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولغان ھەمدە يوقالغان. بىز بايا مايانلارنىڭ ئاستورنومىيىلىك ھېسابلاشلرىنى ناھايىتى ئېنىق ۋە توغرا دېدۇق. ئەمسە زادى قانچىلىك توغرا؟ مايانلار بىر يىلنى 18 ئايغا بۆلگەن ھەمدە يەرشارىنىڭ بىر يىلىنى 365.2420 كۈن دەپ ھېسابلىغان، ھازىرقى ھېسابلاشتا يەرشارىنىڭ بىر يىلى 365.2422 كۈنى بولۇپ، مايانلارنىڭكى بىلەن پەقەت 0.0002 كۈنلا پەرق قىلدۇ، دىمەككىم، 5000 يىلدىكى پەرق ئاران بىر كۈنگە توغرا كېلىدۇ. ئۇلار زۆھرە يۇلتۇزىنىڭ بىر يىلىنى 584 كۈن دەپ ھېسابلىغان بولۇپ، ھازىر ھېسابلاپ چىقىلغان سان بىلەن بىلەن ھەر 50 يىلدا 7 سىكونتلا پەرقلىنىدۇ. بۇ سانلارغا ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى مايانلار قانداقسىگە بۇنداق توغرا ھېسابلىغان بولغىيتتى؟ ئۇلاردا يەنە بىر خىل ئالاھىدە دىنىي ساقلانغان بولۇپ، بىر يىلنى 13 ئايغا، ھەر ئاينى 20 كۈنگە بۆلگەن ھەمدە بۇنى ‹‹چورتكىن يىلى››دەپ ئاتىغان. بۇ خىلدىكى كالىندارچىلىق كېلىش مەنبەسىمۇ ئېنىق ئەمەس.
مايانلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 4- ئەسىردىلا 0 نى ئىشلىتىشنى بىلگەن، بۇ جۇڭگو ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن 800-1000 يىل بۇرۇن، ئۇلار يەنە 20 خانىلىك ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان، ئۇلارنىڭ ماتىماتكىلىق ھېسابلىشىنى 4 مىلىيون يىلدىن كېيىن ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان ئاستورنومىيىلىك سان – سېفىرلارنى پەقەت پىلانىتلار ئارىسىنى ھېسابلاشتىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئۇلار بۇ سانلارنى ئىشلىتەلەيدىغان بولغىيمدى؟...
مايانلار ياسىغان ئىھرام
مايانلارنىڭ ئىھرامى مىسىردىكى ئەل ئىھراملاردىن قالسىلا ئەڭ داڭلىق ئىھرام بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئۇلار ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. مىسىردىكى ئىھراملار سېرىق رەڭلىك بولۇپ، تۆت بۇرجەكلىك كونۇس شەكىلدە، نەچچە مىڭ يىللىق بوران –چاپقۇنلاردا ئۇپىرىغان جايلىرىمۇ بار. مايانلارنىڭ ئىھرامى سەل پاكارراق بولۇپ، ئوخشاشلا غايەت زور تاشلاردىن ياسالغان، تاشلار كۈلرەڭدە بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئىھراملارمۇ كۈلرەڭدە بولغان. لېكىن شەكىل جەھەتتىن مىسرىدىكى ئىھراملارغا ئوخشاپ كەتمەيدۇ، مايان ئىھراملىرى تۆت بۇجەكلىك كونۇس شەكلىدىن باشقا يەنە ئۈستى قىسمىدا يەنە بىر نەزىر چىراق ئورنى بار. مايانلار ئىھرامىنىڭ تۆتلا تەرىپىدە پەلەمپەي بولۇپ، ھەر بىر پەلەمپەي 91 باسقۇچتىن ياسالغان. تۆت تەرىپىدىكى پەلەمپەي باسقۇچلىرىنى قوشقاندا جەمئىي 365 باسقۇچ بولۇپ، بىر يىلدىكى كۈن سانىغا توغرا كېلىدۇ. مايانلار ئاستورنومىيىلىك سان-سېفىرلارغا ناھايىتى ئىتىبار بەرگەن بولۇپ، ئىھرامنىڭ تۆت تەرىپىدە جەمئىي 52 قاپارتما نەقىش بار بولۇپ، مايانلار كالىندارىدىكى بىر ئەسىر 52 يىلغا سىمۋول قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىھراملاردىكى باشقا قۇرۇلۇشلارمۇ شۇنداق بولۇپ، ئاي، پەسىل ۋە باشقا ئاستورنومىيە بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك.
مايانلار كالىندارى بىلەن بىز ئىشلىتىۋاتقان كالىندار ئارىسىدا قانچىلىك ئوخشاشلىق بار؟ بىز بىر يىلنى 365.2422 كۈن دەپ بىلىمىز، مايانلار بولسا 365.2420 كۈن دەپ ھېسابلىغان. باشقا سەييارىلەرنى مايانلار مۇنداق ھېسابلىغان:
ئاي شارى: 20*13=260 260*2*73=37960
قوياش: 8*13=104 104*5*73=37960
زۆھرە: 5*13=65 65*8*73=37960
بۇ ھېسابلاشلارنىڭ مەنىسى شۇكى، ھەر بىر دەۋر 37960 كۈندىن كېيىن بىر تۇز سىزىق ئۈستىگە كېلىدۇ. مايانلارنىڭ رىۋايىتىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ چاغدا ‹‹بەخت تەڭرىسى›› بىر جىمجىت ئورۇندا ئارام ئالىدىكەن. يۇقارقى سان – سېفىرلار بىلەن ھازىرقى دەۋىردە ئىشلىتىلىۋاتقان سان – سېفىر ئارىسىدىكى پەرق ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئادەم ئىختىيارسىز ھالدا مايانلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى تەرەققىياتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقماقچى بولىدۇ.
مايانلار ھالاكىتى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر رەسىم
ئەمدى بىز مايانلار كالىندارىدىكى ئاتالمىش ‹‹بەش بىشارەت›› ھەققىدە توختىلايلى:
بىرىنچى قوياش ئىراسى – بۇ ئىرا ئالاھىدە ئىقتىدار دەۋرى (ئىنگىزچە MATLACTIL ART دەپ ئېلىنغان ) يەنى گىنادايا (خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئېلىندى) بولۇپ، ئادەملەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا، ئەرلەرنىڭ ئۈچ كۆزى بار، تېرىسى يېشىل بولۇپ ھەر كىمنىڭ ئىقتىدارى بىر-بىرىگە ئوخشمايدىكەن. ئاياللارنىڭ ئۈچىنچى كۆزى بولمىغاچقا ئەرلەردىن قورقىدىكەن. لېكىن ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىدا تەڭرىنىڭ كۈچى ساقلىنىدىغان بولغاچقا، پەرزەنت تەڭرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ تەڭرى رۇخسەت قىلغاندىلا بالىلىق بولغىلى بولىدىكەن. گىندايا مەدەنىيىتى بىر قېتىملىق توپان بالاسىدا گۇمران بولغان بولۇپ، لېكىن ماتىرىياللاردا بۇ ھەقتە ھىچبىر ئاساس ياكى دەلىل يوق.
ئىككىنچى قوياش ئىراسى – ئېچىكاتىل (Ehecatl) يەنى سۇمبۇدايا مەدەنىيەت دەۋرى بولۇپ، گىندايا مەدەنىيىتى گۇمران بولىدىغان چاغدا قېچىپ قۇتۇلغانلار بەرپا قىلغان ئىكەن. لېكىن ئۇلار بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇپ، ئالاھىدە ئىقتىدارىمۇ يوقالغان. ئەرلەردىكى ئۈچۈنچى كۆزمۇ ئاستا- ئاستا غايىپ بولغان. بۇ دەۋىردە يىمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، يىمەكلىك مەدەنىيەت دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. بۇ مەدەنىيەت دەۋرى يەرشارىنىڭ ئىككى قۇتۇپى ئالماشقان چاغدا گۇمران بولغان ئىكەن. بۇ ھەقتىمۇ ھىچبىر تارىخىي مەلۇماتلار يوق بولۇپ، ھازىرقى زاماندا ئاساسلانغۇدەك بىرەر دەلىلمۇ يوق.
ئۈچۈنچى قوياش ئىراسى - تېكياھوللۇ (Tleyquiyahuillo) يەنى مۇرىيا مەدەنىيەت دەۋرى بولۇپ، جانلىقلار ئېنىرگىيە مەدەنىيىتى دەپمۇ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەت دەۋرىنى سۇمبۇدايا مەدەنىيتى گۇمران بولغاندا ئامان قالغانلار بەرپا قىلغان. ئۇلار ئۆسۈملۈكلەر بىخ سۈرىۋاتقاندا بىر تۈرلۈك ئېنىرگىيەنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار بىر ئەسىرگە يېقىن ھەپىلىشىپ ئۆسۈملۈك ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىدىغان بىر تۈرلۈك ئەسۋاپنى كەشىپ قىلغان. بۇ ئەسۋاپ ناھايىتى زور مىقداردا ئېنىرگىيە قويۇپ بېرەلەيدىكەن. بۇ مەدەنىيەت دەۋرى بىر قېتىملىق توپان بالاسىدا گۇمران بولغان ئىكەن. بۇ ھەقتىمۇ ھىچبىر تارىخى دەلىل ئىسپاتلار يوق بولۇپ، ئىلىم – پەندە نەزەرگە ئېلىنمايدۇ.
تۆتىنچى قوياش ئىراسى - تىزونتىلىس () يەنى ئاتلانتىس مەدەنىيەت دەۋرى بولۇپ، نۇر مەدەنيىتى دەپمۇ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەتنى بۇرۇنقىلارنىڭ ۋارىسلىرى بەرپا قىلغان بولماستىن ئاتلانتىس ناملىق بىر پىلانتانىڭ ئادەملىرى بەرپا قىلغان ئىكەن. ئۇلار نۇر چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئوت يامغۇرى سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان ئىكەن. ئۇلار يەنە بۇرۇنقى مەدەنىيەت دەۋرىدىن ئامان قالغانلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇشلارنى قىلغان ئىكەن.
بەشىنچى قوياش ئىراسى – بىز ياشاۋاتقان موشۇ دەۋىر بولۇپ، ھېسىيات مەدەنىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. بۇ مەدەنىيەت دەۋرى 2012- يىلى 12- ئايدا ۋەيران بولىدىكەن ھەمدە روھلار مەدەنىيەت دەۋرى بارلىققا كېلىدىكەن. مايانلار 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن مەڭگۈ تاڭ ئاتمايدۇ دەپ قارايدىكەن.
2012- يىلى زادى نىمە ئىش بولار؟
ھازىرقى مەدەنىيەت دەۋرىدىكى ئۈچ قېتىملىق بالايى ئاپەتنىڭ بىرىگە مايانلار ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلار بۇنى بىلەلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىگەن، شۇ قېتىملىق بالا-قازادا مايانلار مەدەنيىتى گۇمران بولغان ئىكەن.
مايانلار كالىندارىدا ئېيتىلىشىچە، دۇنيا يارالغاندىن ھازىرغىچە بەش قوياش ئىراسى بولغان، بۇنىڭ تۆتى ئۆتۈپ بولغان. بەشىنچى قوياش ئىراسىدا قوياش غايىپ بولىدىكەن، يەر ئىنتايىن قاتتىق تەۋرەيدىكەن، پۈتكۈل جاھان بالا-قازاغا مۇپتالا بولىدىكەن. مايان كالىندارىدىكى 3013 يىلنى ھازىرغا سۇندۇرغاندا، بۇ دەۋر 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن...
1999- يىلى ۋە 2000- يىلدىكى قىيامەت سەپسەتىلىرى ئېسىمىزدە بولسا كېرەك! لېكىن ئىنسانلارنى ھەممىدىن بەك ئەندىشىگە سالغىنى 2012- يىلى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ۋىدمالادىكى مالان ئاقساقىلى ئوتتۇرغا چىقىپ: ‹‹بۇنداق ئىش بولمايدۇ، مالان كالىندارىدىكى 2012- يىلى 12- ئايدا يۈز بېرىدىغان بىشارەتلەر پەقەت ئىنسانلارنىڭ روھى ۋە ھىسسى جەھەتتىن بىر قېتىملىق ئويغۇنىشى ۋە يېڭى بىر دەۋرگە كىرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت›› دېدى.
مايانلار بىشارىتىدىكى 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى ھەققىدىكى قاراشىنى ھازىر بىر ئالىم ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ‹‹2012- يىلى دىگەن خاتا ھېسابلاپ چىقىلغان سان، مايان كالىندارىنى ھازىرقى دەۋر كالىندارىغا سۇندۇرغاندا قىيامەت 2220- يىلى يۈز بېرىدۇ›› دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مايان كالىندارى بىلەن ھازىرقى زامان كالىندارىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاشتا يېڭى بىر خىل ئۇسۇل تېپىپ چىقىلغان بولۇپ، شۇنداق بولغاندا، بۇ كۈن 2220- يىلى 12- ئاينىڭ 21-، 22-، 23- كۈنىلىرىگە توغرا كېلىدىكەن.
مايانلاردىكى خىرىستال باش سۆڭەك
ئارخئولوگلار بايقىغان خىرىستال باش سۆڭىكى
ئۇنىڭدىن باشقا، رىۋايەت قىلىنىشچە، قەدىمكى مايانلاردا 13 خىرىستال باش سۆڭىكى بولۇپ، ئۇلار گەپ قىلالايدىكەن، ناخشا ئېيتالايدىكەن. بۇ باش سۆڭەكلەر ئىچىگە ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەمدە ھالاك بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۇچۇرلار بار ئىكەن. ئۇلار ئىنسانلارغا ياردەنلىشىپ كائىناتنىڭ سىرلىرىنى يېشىدىكەن. رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، ئىنسانلار چوقۇم 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن بۇرۇن بۇ باش سۆڭەكلەرنى تېپىپ بولۇشى كېرەك ئىكەن. چۈنكى ئۇ كۈنى مايان كالىندارىدىكى 5126 يىل ئاخىرلىشىدىكەن. 13 باش سۆڭەكنى تېپىپ بىر يەرگە قويغاندىن كېيىن يەرشارى ئامان قالىدىكەن، بولمىسا پۈتۈنلەي گۇمران بولىدىكەن.
مايانلارنىڭ بەش چوڭ بىشارىتىنىڭ يۇقىرىدا بىز دەپ ئۆتكەن بەش قوياش ئىراسى ھەققىدىكى بايانلاردىن باشقا يەنە بىر مۇنچە ۋاريانىتلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە بولغانلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى بىشارەت: مايانلار ئۆزلىرىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلگەن؛
ئىككىنچى بىشارەت: مايانلار ھازىرقى دەۋردە ئايروپىلان، ماشىنا قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسۋابلارنىڭ ياسىلىشىدىن بىشارەت بەرگەن؛
ئۈچۈنچى: بىز ياشاۋاتقان دەۋردە گېتلىردەك بىرىنىڭ دۇنيا كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۇغۇلىدىغان ۋە ئۆلىدىغان كۈنىدىن بىشارەت بەرگەن؛
تۆتىنچى، بىز ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ بەشىنچى قوياش ئىراسىنىڭ خاتىمىسى ئىكەنلىكىدىن (يەنە بىر خىلدا دۇنياۋى خاراكتېردىكى ئۇرۇشلارنىڭ مەسىلەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى) بىشارەت بەرگەن؛
بەشىنچى، 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنىنى قىيامەت بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن. يۇقارقى بىشارەتلەرنىڭ تۆتى ئەمەلدە كۆرۈلگەن بولۇپ، ھازىر پەقەت بەشىنچىسىلا قالغانمىش.
يەنە بىر خىلدا:
بىرىنچى، يەرشارى ئىنسانلارنىڭ بولماستىن، بەلكى ئىنسانلار يەرشارىنىڭدۇر؛
ئىككىنچى، مىسر ۋە ئالىكساندىرىيە شەھرىدە تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولغان بىر كوچا يەنى لىتانىيە كوچىسى بار، كېلىنچەكلەرنىڭ بۇ كوچىدا ئىز –دىرەكسىز غايىپ بولۇشى نەچچە ئون قېتىم يۈز بەرگەن، بىرمودا ئۈچ بۇرجىكى ۋە ۋاقىتنىڭ يۆتكىلىشى موشۇ بوشلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛
ئۈچۈنچى، روھ بوشلۇقى مەۋجۇت؛
تۆتىنچى: ۋاقىتنىڭ يۆتكىلىش بوشلۇقى، ۋاقىت موشۇ بوشلۇقتىن ئۆتىدىغان بولۇپ، چۈش دەل موشۇ بوشلۇقنىڭ 4.5 لىك ئورنىغا جايلاشقان، شۇڭا بەزى چۈشلەر ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدۇ؛
بەشىنچى: 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىم مەڭگۈ تاڭ ئاتمايدۇ.
خوش، بىز مايانلار، مايان كالىندارى ۋە مايان بىشارەتلىرى ھەققىدە يىتەرلىك توختالدۇق. ئەمدى بىز ‹‹مايان بىشارەتلىرىدىكى 2012- يىلى ھەققىدە›› ناملىق تۆۋەندىكى ماقالىنى ئوقۇپ باقايلى!
ماقالە ئاپتورى بېشىدا بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بەش قوياش ئىراسى ھەققىدە سۆزلىگەندىن كېيىن، ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرغان:
باش سۆڭىكىدىن چىراي شەكلى پەرەز قىلىنغان مايان
دۇنيادىكى كۆپ قىسىم مىللەتلەردە قىيامەت ھەققىدە بىشارەت خاراكتېردىكى رىۋايەتلەر ساقلانغان بولسىمۇ، لېكىن نېمىشقا مايانلارنىڭ بىشارەتلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك تارتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ماتىماتىكىلىق ھېسابلاشلىرى كشىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە توغرا؛ ئۇلار سىزىپ چىققان دېڭىزدا يول باشلاش خەرىتىسىمۇ شۇنداق. گەرچە مايانلارنىڭ پەن – تېخنىكىسى بىزنىڭ بۇ دەۋرگە يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاستورنومىيە ۋە ماتىماتىكىسى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ ئىھرامىنى بىنا قىلىش جەريانى بولۇپ، تاشلارنى قانداق يۆتكىگەنلىكىنى ئويلاپ يەتكىلى بولمايدۇ. ئادەمنى تېخىمۇ ئەجەپلەندۈردىغىنى، ئۇلار چاق ياساشنى بىلگەن، لېكىن ئۇنىڭدىن زادى پايدىلانمىغان، ئەكسىچە بالىلارنىڭ ئويۇنچىقى قىلىپ بەرگەن. ئۇلار يەنە ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئىشىكلەرگە قاپارتىما قىلىپ ئۆي زىننەتلىگەن. ئالىملار گەرچە باشتا بۇ ئىشقا دىققەت قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاي شارىنىڭ ئارقا قىسمىنى سۈرەتكە ئېلىش نىسىپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئىشقا ناھايىتى ھەيران قالغان. لېكىن مايانلار ئۆز مەدەنىيىتى شانلىق بىر دەۋرنى كۈتىۋالىدىغان چاغدا تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ، ئىنسانلارغا بۇ ھەقتە پۈتمەس سىرلارنى قالدۇرۇپ قويغان.
كەلگۈسى ھامان ناھايىتى يىراقتا بولغان بولىدۇ. لېكىن شەخىسكە نىسبەتەن ئۇنىڭ چېكى بار، بولۇپمۇ ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان بەزى نەرسىلەرنى ھىس قىلغان چاغدا تېخىمۇ شۇنداق. بىشارەت خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش كەلگۈسىنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇچۇرى بولۇپ، تارىختىكى بىشارەتلەر سان – ساناقسىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى كۆپۈككە ئوخشاش ئەھمىيىتىنى يوقاتقان. لېكىن بىشارەتنىڭ تەسىر قىلىش كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى قىزىقىش ۋە باشقا تۇيغۇلىرىنى قوزغىۋىتەلەيدۇ.
قىيامەت ھەققىدىكى بىشارەتلەر ئىچىدە 1999- يىلى بەلگە قىلىنغانلىرى بۇرۇن ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى قىزغىن بىر مەيدان بەس – مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى، لېكىن يېڭى ئەسىردىن كېيىن كىشىلەر ئۇنى پاك – پاكىز ئۇنتۇپ كېتىشتى. شۇڭا بىز بىشارەتنى ناھايىتى ئىشەنچىسىز دەپ قارايمىز. ئۇ خۇددى كىچىك بالىنىڭ ئاسمانغا تاش ئېتىشىغا ئوخشايدۇ، ھالبۇكى كىچىك بالا ئاتقان تاشنىڭ بىرەر ئايروپىلان ياكى قۇشنى ھالاك قىلىشىدىكى مۇمكىنچىلىك يوقنىڭ ئورنىدا. كەلگۈسى خۇددى شۇ ئاسماندەك ناھايىتى پايانسىز بولۇپ، كىشىلەردە پەقەت ئۇنىڭغا بولغان تەلپۈنۈشلا مەۋجۇت. شۇڭا ئۇنىڭغا قارىتىلغان بىشارەت ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ئويۇن بولۇپ، كىشىلەر بۇ ئارقىلىق ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرالايدۇ. بەلكى ئۇ بىر نەچچە تال پەينى چۈشۈرەلىشى مۇمكىن، لېكىن ئايروپىلان ياكى قۇشتىن ھامان خەۋەر بولمىغىنى بولمىغان. گۈزەل بىشارەتلەر تۇتۇق ئەينەككە ئوخشاش بىزنى ھەدەپ سۈرتۈشكە مەجبۇرلايدۇ، سۈرىتكەنسىرى بىز ئەينەكتىكى ئۆزىمىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
2012- يىلى بىز ئۈچۈن باشقا يىللاردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىللىق تۇيغۇ بېرىدۇ. غەربنىڭ ئىلمىي نۇجۇمىدا، ھەر بىر دەۋر بىر ۋاقىت بىرلىكى، بىر دەۋر 2000 يىلدىن 2400 يىلغىچە بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئون ئىككى يۇلتۇزلار تۈركۇمى ئىچىدە دەلۋە يۇلتۇزلار تۇركۇمى ئەقىل – پاراسەت ۋە بىلىمنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى دەۋر يىتىپ كېلىش ئالدىدا بىز خۇددى يېزا ئېگىلىكىدىن سانائەت دەۋرىگە باشلىغان ئىنقىلاپقا شاھىت بولغاندەك، بۇ قېتىم ئىلىم- پەن ۋە ئىقتىساد ئىنقىلابىغا شاھىت بولۇشىمىز مۇمكىن. ھود بۇرجىدا ھەر بىر كىشى دىنىي ھوقۇق بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسا، يىتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان دەلۋە بۇرجىدا، ھەر كىشى ئۆزىگە قايتىش ۋە ئۆزىگە تايىنىش بىلەن مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى ئىزلەيدۇ. بىز ھازىر ھود بۇرجىدىن دەلۋە بۇرجىغا يۆتكىلىش ھالىتىدە بولۇپ، يۆتكىلىش 1981- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلانغان، 2012- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. دىمەك، ناھايىتى ئېنىقكى، 2012- يىلى ھەقىقەتەنمۇ بىر يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ مۇھىملىقى ئەسىر ئالمىشىشتىمۇ زور. 2000 يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان بۇنداق پۇرسەت ئىچىدە ياشىغانلىقىمىزنىڭ ئۆزى بىزگە يىتەرلىك ئىپتىخار ئاتا قىلىدۇ.
يەنە بىشارەتلەردە، مۇشۇ ئەسىردە ئەيسا پەيغەمبەر قايتا كېلىدۇ دېيىلگەن بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى ھود بۇرجى باشلانغاندا تۇغۇلغان. ئەگەر بىشارەتلەر راسىت چىقسا بەلكى ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىمۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
‹‹ئىلتىجا يىغىلىشى›› (خەنزۇچە ‹协波汇聚› ئېنگلىزچە ‹ Harmonic Convergence ›) يېڭى دەۋر كىشىلىرىنىڭ بىر ئىجادىي بىشارىتى بولۇپ، ئۇمۇ 2012- يىلى بىلەن باغلانغان. بۇ نەزىرىيەنى 1987- يىلى 8- ئايدا، جوسىي ئېرگىلىش مايان بىشارەتلىرى بىلەن ئاسترولوگىيە ئىلىمىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرغا قويغان. ئۇنىڭدا ئېيتىشىچە، مەلۇم بىر ۋاقىتتا نەچچە مىلىيونلىغان يېڭى دەۋر كىشىلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇقەددەس جايلارغا يىغىلىپ، بىرلىكتە يولباشلىغۇچى ۋە تىنىچلىقنىڭ يەر يۈزىگە چۈشۈپ، يېڭى بىر دەۋرگە يول ئېچىشىنى تىلەيدىكەن. ئىلتىجا يىغىلىشىنىڭ باشلىنىش ۋاقتى 1987- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى باشلىنىپ، 2012- يىلى تۈگەللىنىدىكەن.
بۇ يەردە يەنە مايان كالىندارىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. مايانلارنىڭ ئۇزۇن دەۋر كالىندارىدا، 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى ھازىرققى مەدەنىيەت دەۋرى ئاخىرلىشىدۇ دېيىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلار يېڭى مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويىدىكەن. لېكىن بۇ ئاخىرلىشىش قىيامەت بولماستىن بەلكى يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولىدىكەن. خۇددى بىز ھەر يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىنى يېڭى بىر يىلنىڭ باشلىنىشى قىلغاندەك، مايان كالىندارىمۇ 2012- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنىنى يېڭى مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ باشلىنىشى دەپ ھېسابلىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قىيامەتتىن ۋايىم يىيىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
‹‹ئۈكەر يۇلتۇزى كىشىلىرىنىڭ خىزمەت قوللانمىسى›› دېگەن كىتاپتا، ئىموراھ چۈەنيىن ئېغىزىدىن ‹‹ئۈكەر يۇلتۇزى كىشىلىرىنىڭ نۇر ئەلچىسى››را يەرشارىغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ دېيىلگەن.
‹‹ 2012- يىلىدىن بۇرۇن ياكى 2012- يىلى يەر شارىدا بىر قېتىملىق مەنىۋى ۋە ماددىي تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ بىز ئادەتتە دەۋاتقان ‹يەر شارىنىڭ ئۆزگىرىشى› دىن ئىبارەت بولۇپ، سىلەرنىڭ قوياش سېستىماڭلار ھازىر نۇر بەلبېغى – سامانيولى سېستىمىنىڭ مەركىزىدىن چىققان ناھايىتى يۇقىرى چاستوتىلىق ئالەمگە كىرىۋاتىدۇ. سىلەر بۇ نۇر بەلبېغىنىڭ قىرغىقىدا نەچچە يىل تۇرغاندىن كېيىن، 2012- يىلى نۇر بەلبېغىنىڭ ئىچىگە كىرىسلەر ھەمدە 2000 يىل شۇ جايدا تۇرىسىلەر. كەلكۈنن، يەر تەۋرەش، قۇرۇقلۇقنىڭ يۆتكىلىشى، يانار تاغلارنىڭ پارتىلىشى، دېڭىز تاشقىنى، تەيفىڭ بورىنى، ئاخىرىدا ئىككى قۇتۇپنىڭ ئالمىشىشى 2013- يىلىدىن بۇرۇن يۈز بېرىدۇ›› دەيدۇ ئۇ كىتاپتا.
لېكىن بۇنىڭدىن قورقۇپ كېتىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، نۇر پەرىشتىسى ئولىن ئوبدان گەپ قىلغان:
‹‹ساڭا يېقىنلىشىۋاتقان ئۇ نۇر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن چېغىڭدا، تۇرمۇشۇڭ تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ. سېنىڭ ھازىر ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشالايدىغان بىردىنبىر ئىشىڭ – كەلگۈسىدىن قورقۇشنى تاشلاش ھەمدە كەلگۈسىگە تەلپۈنۈش. چۈنكى ھەرقانداق قىيىنچلىق ئىچىدىمۇ شادلىققا تويونغان نۇرغۇن ۋاقىتلار بولىدۇ. بۇنداق چاغدا سەن تېخىمۇ كۆپ مىھرىبالىققا، ئىشەنچكە ھەمدە باتۇرلىققا ئېرىشەلەيسەن››.
داڭلىق يازغۇچى، قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى ئالىم مورىس كوتىرال مايان مەدەنىيىتى تەتقاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەردە بولغان. ئۇ نۇرغۇن كونا ئىبادەتخانا ۋە تاشپۈتۈكلەردىن تەكرار-تەكرار ھالدا 1366560 دېگەن ساننى بايقىغان. ئەگەر بىز بۇ ساننى ئالەمگە تەققاسلايدىغان بولساق، يەنى يىلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىساق 3740 يىل بولىدۇ. مايانلار مىلادىدىن بۇرۇنقى 3113- يىللىرى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ 750- يىلىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز غايىپ بولغان. بۇنىڭ ئارىسىدىكى ۋاقىت دەل 3740 دېگەن سانغا ئۇدۇل كېلىدۇ. مايانلارنىڭ پۈتۈكلىرىگە ئاساسلانغاندا، يەر شارىدىكى ھاياتلىق ھەر 3740 يىلدا بىر قېتىم ھالاك بولىدۇ. ھازىرغا قەدەر 4 قېتىملىق ھالاكەت يۈز بەرگەن بولۇپ، بىز دەل بەشىنچى دەۋرنىڭ ئىنسانلىرى بولۇپ ھېسابلىنىمىز.
مايانلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى - 2
مورىس مايان مەدەنىيىتىدىكى خاسىيەتلىك سان 1366560 نى قوياش ماگىنىت مەيدانىنىڭ دەۋرى بىلەن سېلىشتۇرغان. قارىماققا مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئىككى سان بىر يەرگە كەلگەندىن كېيىن ھەيران قالارلىق نەتىجە ھاسىل بولغان. ئىلىم – پەندە ئىسپاتلىنىشىچە، قوياشنىڭ ماگىنىت مەيدانى ھەر 3740 يىلدا بىر قېتىم تەڭشىلىدىكەن. 3740 يىل دەل 1366560 كۈنگە تەڭ بولىدىكەن.
يەر شارىنىڭ ماگىنىت مەيدانى قوياش ماگىنىت مەيدانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.مورىس نەزىرىيىسىدە، قوياشنىڭ ماگىنىت مەيدانى ئايلانغان چاغدا، يەرشارى ماگىنىت مەيدانىنىڭمۇ يۆتكىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنى يەرشارىنىڭ جەنۇبى قۇتۇبى بىلەن شىمالى قۇتۇپى ئالمىشىدۇ. جانلىقلار بۇنداق غايەت زور ئۆزگىرىشكە ماسلىشالمىغانلىقتىن كوللىكتىپ ئۆلىدۇ. تۈكلۈك پىل ئىسسىق بەلباغ ھايۋىنى بولۇپ، ماگىنىت قۇتۇبىنىڭ ئالمىشىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ماكانى بىردىنلا سوغوق زۇلمىتىگە ئايلانغان. شۇڭا تۈكلۈك پىللارنىڭ توپ – توپ ئۆلۈش ھادىسىسى سېبىرىيە، ئالىياسكا قاتارلىق جايلاردا كۆرۈلگەن. ئارخولوگلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بۇ ئىككى جاي ئەسلىي ئىسسىق بەلباغ كىلىماتىغا تەۋە ئىكەن.
‹‹مۇز ئىراسى›› ناملىق فىلىمدىكى تۈكلۈك پىل ئوبرازى
ئەگەر ماگىنىت قۇتۇپىنىڭ ئالمىشىشى جانلىقلار ھالاكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا ھەر بىر دەۋر ئالمىشىش ۋاقتىدا يەرشارىنىڭ دەۋرلىك ۋەيران بولۇشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ئەگەر خەنزۇلار تارىخ ۋە ئەنئەنە ئۈچۈن ياشايدىغان مىللەت دېيىلسە، ئۇنداقتا مايانلارنى بىشارەت ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن ياشايدىغان مىللەت دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار بىشارەتلىك پۈتۈكلەر ناھايىتى چوڭقۇر ئىشىنىدۇ ھەمدە سوغۇققانلىق بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىدۇ.
1519- يىلى تاجاۋۇزچىلار قۇرۇقلىققا چىققاندا، مايانلارنىڭ قوياش ئىراسى ئاخىرلاشقان ئىدى. 1696- يىلى بويسۇندۇرغۇچىلار بىر پوپنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەندە، مايان قەبىلىسىنىڭ بىرئاقساقىلى: ‹‹بىشارەتكە ئاساسلانغاندا، بىزنىڭ تەڭرىدىن ئايرىلىدىغان كۈنىمىز تېخى كەلمىدى، يەنە تۆت ئايدىن كېيىن كېلىڭ، شۇ چاغدا بىز بىشارەت بويىچە ئىش قىلىمىز›› دېگەن. بىشارەتكە بولغان بۇ خىل پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەن ئادەمنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدۇ. قەدىمكى مايانلارنىڭ ئورمانلار ئىچىدە
تۇيۇقسىز غايىپ بولۇشى، غەربلىكلەرنىڭ مايانلارنى ئاسانلار بويسۇندۇرىشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرغان. مايان ئادىمى بولغانلىكى كىشىنىڭ ھەر قاندىقى بىشارەتلەرگە سۆزسىز ئىشىنىدۇ. ئۆلۈش ياكى تىرىلىش كائىناتنىڭ ئۆزگىرىش قائىدىسىدە پۈتۈلگەن، كالىنداردىكى بىشارەت دەل بىزنىڭ تەقدىرىمىز، يەنە تالاشقۇدەك نىمە بولسۇن؟ مايانلارنىڭ تۇرمۇشى پەقەت كۈتۈشتىن ئىبارەت. مايان بىشارەتلىرى كىشىلەرگە ‹‹يېڭى بىر تەڭرى كېلىدۇ، يېڭى بىر ئىرا باشلىنىدۇ›› دېگەننى كۆپ قېتىم ئېيىتقان.
تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مايان مەدەنىيىتىدىن پەقەت ئاز-تولا ئىزلا قالدى. تاجاۋۇزچى ئىسپانلار مايانلارنىڭ كۆپ ساندىكى پۈتۈكلىرىنى ۋەيران قىلغان. پەقەت ئۈچلا كىتاب ساقلىنىپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن كىشىلرنىڭ مايان مەدەنىيىتى، ئۇلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، قانداق غايىپ بولغانلىقىغا دائىر يېشىلمەيدىغان سىرلار ساقلانغان.
ساقلىنىپ قالغان بۇ ئۈچ پارچە كىتابتا دىن، نىكاھ، دىھقانچىلىق، ئوۋچىلىق، ھەيكەلتىراشلىق، تارىخ، ماتىماتىكا، ئاستورنومىيە ۋە تىببىي ئىلىمگە دائىر نۇرغۇن ئۇچۇرلار خاتىرلەنگەن.
مايانلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى – 3
ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىسىدىن قىيامەت نەزىرىيىسىگە نەزەر
مايانلارنىڭ بىشارىتى ۋە ‹‹2012- يىلى›› ناملىق فىلىم ئېلىپ كەلگەن ئەندىشە ۋە بەس-مۇنازىرە ئاخىرى كىشىلەرنى ئىلىم – پەن خادىملىرىغا بېسىم ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر ناسانىڭ تور بىتىگە چىقىپ ‹‹ناسا 10- سەييارە نىبىرۇنىڭ يەرشارىغا سوقۇلىدىغانلىقىنى يوشۇردى›› دەپ ئەيىپلىدى.
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ بەلگىسى
2010- يىلى 11- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئۆزىنىڭ تور پونكىتىدا بايانات ئېلان قىلىپ: ‹‹2012- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى قىيامەت بولمايدۇ. ئالىملار مايان بىشارەتلىرىگە قارىتا تەتقىقات ئېلىپ باردى. ھازىرقىسى پەقەت كىنو كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەھىمە، بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ. 2012- يىلى ئەنسىرىگىدەك ھىچقانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ. ھازىرغا قەدەر يەرشارى 400 مىلىيون يىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادىكى بارلىق ئالىملار 2012- يىلى يەرشارىغا ھىچ بىر خەۋپ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ›› دېيىشتى. بەزى مايان ئەۋلادلىرىمۇ بۇنىڭدىن غەزەپلىنىپ ‹‹ئۇنداق ئىش يوق›› دېدى. ۋىمالادىكى مايان قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى: ‹‹ بۇ ھەقتىكى گەپ سۆزلەر غەربتىن كەلگەن، مايانلار ئەزەلدىن بۇنداق دېگىنى يوق›، دېدى.
يەرشارىدىكى ئىككى قۇتۇپنىڭ ئالمىشىشى
قىستۇرما رەسىم-1
يەرشاردىكى ئىككى قۇتۇپنىڭ ئالمىشىشى ھەققىدىكى سۆزلەرگە ئامېرىكا پىرىستىن ئۇنۋېرستىتىدىكى گىئولوگىيە پەنلىرى ئالىمى ئادام مارلوف رەددىيە بېرىپ: ‹‹قىيا تاشلاردىكى بەزى ئالامەتلەردىن يەرشارىدا بۇرۇن قۇتۇپ ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق ئالمىشىشنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق بىر جەريان كېرەك. يەنى نەچچە مىلىيون يىل جەريانىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن، لېكىن ئالمىشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقىدىن ئىنسانلار بۇنداق ئۆزگىشىنى سىزەلمەيدۇ›› دېدى.
سەييارىلەر ئۇچىرىشىشى
بەزى ئاسترولوگلارنىڭ قارىشىچە، 2012- يىلى ‹‹سەييارىلەر ئۇچىرىشىشى›› يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. ‹‹سەييارىلەر ئۇچىرىشىشى›› ھەر26 مىڭ يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قوياش ئوربىتىسى سامان يولى سېستىمىسىنىڭ مەركىزىدىن ئۆتىدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا كېلىشى يەرشارىنى ناھايىتى خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى نامەلۇم ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن يەر شارىنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، بالايى-ئاپەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. يەنى ئىككى قۇتۇپنىڭ ئالمىشىشى ياكى سامان يولىدە غايەت زور قارا ئۆڭكۇر شەكىللىنىشى مۇمكىن دەپ ئەندىشە قىلىشماقتا.
قىستۇرما رەسىم - 2
لېكىن مورىس ئىسىملىك بىر ئالىم بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹‹2012- يىلى ئۇنداق قورقۇنچلىق ‹سەييارىلەر ئۇچىرىشىشى› ھەرگىز يۈز بەرمەيدۇ. بەلكى ئادەتتكىدەك سەييارىلەر ھەرىكىتى بولىدۇ. مەسىلەن قىش كەلگەندە، يەشارىدىن قوياشقا قارىغاندا، قوياش خۇددى سامانيولى سېستىمىسىنىڭ مەركىزىدە تۇرغاندەك كۆرىنىدۇ. بەلكى بەزى كىشىلەر بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلىپ كەتكەن بولسا كېرەك. لېكىن ئالىملار ئۈچۈن بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس، ئۇ ھىچقانداق بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. پەقەت قىيامەتنىڭ يىتىپ كېلىشىگە مەستانە بولۇپ كەتكەن كىشىلەرلا ئادەتتىكى بىر ئاسترونومىيە ھادىسىلىرىنى ئۆزىچە خەۋپ دەپ ئويلىۋالىدۇ››.
يات سەييارىنىڭ سوقۇلۇشى
قىستۇرما رەسىم - 3
بەزى پەرەزلەردە نامەلۇم بىر سەييارە يەرشارىغا قاراپ كېلىۋاتىدۇ دېيىلگەن بولۇپ، ئەگەر بۇ سەييارە يەرشارىغا سوقۇلسا ياكى سۈركڭلڭپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ، زىمىننى ۋەيران قىلىۋىتىدىكەن. ئەجەبا بۇ سەييارە 2012- يىلى ئەتراپىمىزدا پەيدا بولارمۇ؟
مورىس بۇ مەسىلىگىمۇ رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹مۇمكىن ئەمەس، ئۇدۇللا دىگەندە بۇنداق سەييارە مەۋجۇتمۇ ئەمەس››.
بۇ ھەقتىكى گەپ – سۆزلەر 2003- يىلى تارقالغان بولۇپ، بىر ئايال ئۆزىنىڭ باشقا پىلانتتىن كەلگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۋالغانلىقىنى ئېيتىقان. مورسىن تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹2003- يىلىدىن ھازىرغىچە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى. ئەگەر قوياش سېستىمىسىدا موشۇنداق بىر سەييارە مەۋجۇت بولىدىغان بولسا، ئاسترونوملار نەچچە ئون يىل بۇرۇنلا بۇ ھەقتە تەتقىقاتنى باشلىغان بولاتتى. بۇنداق بىر سەييارە مەۋجۇت ئەمەس››.
قوياش بورىنى يەرشارىنى ھالاك قىلامدۇ؟
قىستۇرما رەسىم - 4
2012- يىلىغا دائىر نۇرغۇن بىشارەتلەردە قوياش يەرشارىنىڭ دۈشمىنى قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان. ئېيتىلىشىچە، 2012- يىلى قوياش يۈزىدە بىر خىل ھالاكەت ئېلىپ كېلىدىغان داغ پەيدا بولۇپ، يەرشارىنى چۈچۈلە قىلىۋىتەرمىش.
ئەمەلىيەتتە، قوياش دېغى دەۋرىلىك ھالدا پەيدا بولىدىغان بولۇپ، بىر دەۋرى 11 يىل بولىدۇ. ناھايىتى كۈچلۈك قوياش بورىنى يەرشارىدىكى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقا نەرسىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. لېكىن ئالىملار قوياشنىڭ ئۇنداق قاتتىق بوران پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان يېرى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىملار كېيىنكى قېتىملىق قوياش بورىنى يۈز بېرىش ۋاقتى 2012- يىلى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى يىل بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا.
ئالىملار مايان بىشارەتلىرى ھەققىدە مۇنداق چۈشەنچە بەرگەن: ‹‹مايانلارنىڭ بىر نەچچە پۈتۈكنىڭ قالغىنى راسىت، لېكىن ئۇنىڭدا 2012- يىلى قىيامەت بولىدۇ دېگەن سۆز يوق. پەقەت قىيامەت يۈز بەرگەندىكى ھالەت تەسۋىرلىرى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە مايانلارنىڭ خاتىرلىگىنى كەلگۈسگە بىشارەت بېرىش ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈشنىڭ ئەستىلىكلىرىدىن ئىبارەت››.
ئەلكۈيى تورىنىڭ ماقالىگە خۇلاسە ئورنىدا:
بىز يۇقىرىدا مايانلار ۋە ئۇلارنىڭ بىشارىتى، 2012- يىلى ۋە ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىغا نىسبەتەن بىر قىسىم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق. ئەمدى ئۆزىڭىزدىن بۇ ھەقتە قانداق چۈشەنچە ھاسىل بولغانلىقىنى سوراپ بېقىڭ!
ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن قىيامەتنىڭ شەكسىز ۋە بەرھەقلىكىگە ئىشىنىدۇ. لېكىن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىكىتىدىغىنى ۋەھىمە، قىزىقىش تۈرىتكىسىدە زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن بىشارەتلەر ئەمەس، بەلكى ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان يىگانە ئاللادۇر!
مېنىڭ بۇ يەردە تەۋىسىيە قىلىدىغىنىم، قىيامەت يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن قىلىدىغان بەندىچىلىكتىن ئىبارەت.
ئەگەر بۇ يازمىدىن ئازىراق نەپكە ئېرىشكەن بولسىڭىز، ئەجرىمىگە ئاللادىن مۇكاپات تىلەپ قويغايسىز،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەلكۈيى تورى كۆپ ئەجىر قىلغان،ئىزدەنگەن،ئىجتىھاد قىلغان بۇ يازمىنى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن باشقا تور بېكەت ،مەتبۇئات،بلوگ ۋە شەخسىي تور خاتىرىلىرىدە روخسىتىمىزسىز ئىشلەتمەسلىكىڭىزنى سورايمىز. |