- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 83
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 84
- تىزىملاتقان
- 2012-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-14
- UID
- 28744
- يازما
- 83
- تېما
- 10
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 84
- تىزىملاتقان
- 2012-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-14
- توردا
- 109 سائەت
|
« ئۇيغۇرنىڭ مېڭىسى » دىگەن باھا ھەققىدە:
ئەدەبەبىياتشۇناس ئا جالاللىدىن نىمە ئۈچۈن « ئۇيغۇرنىڭ مېڭىسى » دىگەن باھاغا ئېرىشەلەيدۇ؟ بۇ ئالدى بىلن ئۇنىڭ ئۇلۇغ قەلبكە ئىگە بولغانلىقىدىندۇر.ئۇلۇغ قەلب بولغاندا ئۇلۇغ ئىدىيە يىلتىزلىيالايدۇ ۋە زەپەردەس تاغ چوققىسىدەك كۆكلەپ چىقالايدۇ.بىز ئۇيغۇرلاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن تاكى ئابدۇرھىم ئۆتكۈر،ئابدۇشكۈر مەھەمەت ئىمىنگىچە بولغان بۈيۈكلۈك پەللىسىگە يەتكەن ئۇلۇغلاردا بىر خىل ئۇدۇم-يەنى ۋەتەن،ئەلنىڭ مەيدانى،نەزرىدە تۇرۇپ تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئەنئەنىسى داۋاملىشىپ كەلدى.تەبئىلىك بولۇپمۇ فىزولوگىيە، بىولوگىيە نوقتىسىدىن ئالغاندا ئەشۇ ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن قىلچە پەرقى يوق.ھەتتا ئۇلار ئاددى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاخىرى نەپەستىن قالدى.ۋە قەبرىدە ئىككى غۇلاچ جايدىن ئورۇن ئالدى. لىكىن ئۇلار ئادىمىيلىك ۋە ئاڭ جەھەتتە مىللەتنىڭ ئىدىيە يۈكسەكلىكىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ خەلقنىڭ كۆزى،تىلى،ئاۋازى بولۇش رولىنى باشتىن ئاخىر داۋاملاشتۇردى.ئۆزلىرى بىر ئادەم بولسىمۇ مىليۇن ئادەم ئۈچۈن تەپەككۇر يۈرگۈزدى،غەم يىدى.ئۇلار خەلقتىن ئىبارەت پۈتۈنلۈك-ئومۇملۇقنى شەخسىيەتتىن ئىبارەت يەككىللىق-ئايرىملىق ئورنىغا قويالىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىدىەن ھالقىپ كېتە
لىگەن.بىر يەككە ئادەملىكتىن ھالقىپ بىر پۈتۈن مىللەت ئېڭى،تەپەككۇرىغا ۋەكىللىك قىلىپ پىكىر يۈرگۈزۈش-ھەممە ئادەمنىڭ قوللىدىن كەلمەيدۇ.ئا،جالاللىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلغان ،ۋە يېڭى دەۋىردىكى ئۇيغۇر زامانىۋى ئېڭىنىڭ يۈكسەكلىك پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئالىملىرمىزنىڭ بىرى.پاخال-قامقاقتا ۋەزىن نىمە قىلسۇن؟ قورام تاشتا ئۆزىگە چۈشلۇق ۋدزىن-ئېغىرلىق بولىدۇ.غايەت تاغدىمۇ ئۆزىگە يارىشا ۋەزىن-ئېغىېلىق بولىدۇ.ئا جالالدىننىڭ بۈگۈنكى .ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئىچىدە تۇتقان نوپۇزى شۈھبىسىزكى ئۇنىڭ ئولۇق ئىدىيە چوڭقۇر سىڭدۈررۈلگەن شئېىرلىرىدىن،ماقالىلىرىدىن،ھەققىقى ئوستازلىق پەزىلىتىدىن،كامىل ئادىمىيلىك خىسلەتلىرىدىن كەلگەن.ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى ۋەتەنگە ئوخشاش يەنە بىر زىمىن بار.ئۇ بولسىمۇ خەلقنىڭ كۆڭلى.ئادەملەر ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرمۇ زىمىندا ياشاش بىلەن بىللە يەنە بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىدە ياشايدۇ.زىمىن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن تېپىللىدۇ.لىكىن ئەلنىڭ مېھرى نەچچە مىڭ يىلغىچە ئەۋلادمۇ-ئەۋلادچۈشكەن ۋەتەننى باشقا جايدىن تاپقىلى بولمايدۇ.ئەل- ۋەتەن ئۇقۇمى بىكارغا پەيدا بولغان ئەمەس.بىرى ماددى زىمىن،يەنە بىرى مەنىۋى زىمىندۇر.ئا جالالدىن ئۆسمۈر چاغلىرىدىن تارتىپلا ئەل-ۋەتەننى ئۇلۇغلاپ كەلگەن ھەم بارلىغىنى ئەل-ۋەتەنگە ئاتىغان بولغاچقا بۈگۈنكى كۈندە ۋە كەلگۈسىدە ئۇلۇغلىنىشى ھەقتۇر.نوپۇزنى ھەققىقى مەنىدىن ئېيتقاندا ئورۇن،دەرىجە،مەرتىۋە،سالاھىيەت ،بىلىم قاتارلىقلار بەلگىلىمەستىن بىرلا نەرسە يەنى تۆھپە بەلگىلەيدۇ.ئا جالالدىننىڭ خەلق قەلبىدە تۇتقان ئورنى بىلىم ئىگىلىگى دەۋرىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ بارغانسىرى يۇقۇر لاپ بارىدۇ. ئەزىز ھېيىت كۈن: ئالپامىش
|
|