- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 288
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14965
- تىزىملاتقان
- 2010-7-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-13
 
- UID
- 3703
- يازما
- 288
- تېما
- 84
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 14965
- تىزىملاتقان
- 2010-7-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-13
- توردا
- 1 سائەت
|
بىر قانچە تورداش مۇشۇ تېمىغا يازغان ئايرىم تېما شەكلىدىكى ئىنكاس يۆتكەلدى:
semerqent نىڭ يوللانمىسى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيىدىكى تورداشلار! ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ رازىلىقى نىسىپ بولسۇن !
سىلەرگە بىر پارچە شېئىرىمنى سۇندۇم . ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىنىڭ ئەلكۈيىكى قەدىمىدىن ھاياجانلانغان قەلبىم مېنى بۇ ئۇستازغا سالام يوللاشقا توختاۋسىز دەۋەت قىلدى. بىراۋغا سالام بېرىش ئاسان ، ئەمما ئويلىدىم - ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىنغا سالام بېرىشمۇ شۇنچە ئاسانمىدۇ ؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىگەن ئاللاھنىڭ سالامىنى ئاغزىمىزدىن چىقىرىش ئاسان، چىن دىلىمىزدىن چىقارماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس. جالالىدىن بەھرام بىلەن ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ئوخشاش سۆز بىلەن ئوخشىمىغان سالاملار بېرىلسە توغرا بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟! ھەركىمگە ئۆزىگە لايىق سالامنى بىرەلىسەك ياخشى بولاتتى. خەير ،بۇ يەردە سىلەرنى ئاۋارە قىلماقچى ئەمەسمەن ، پەقەت ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىنغا سالام بەرمەكچىمەن، خالاس. تالايلىرىمىزنىڭ قەلىب تۆرىدىكى بۇ ئۇستازغا بولغان سالىمىمنى ئاشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىساممۇ بولاتتى ئەمما ئايرىم يوللىسام ئۇستازغا بولغان ئىشەنچىم تېخمۇ ئاشىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . ئۇ ئۇستاز شۇنداق بىر كىتابكى -ئوقۇغانسىرى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. شۇ سەۋەب مۇقاۋىلىرى يىرتىلىپ كەتسىمۇ ئىچىدىن بالقىپ تۇرغان نۇرلار ساماۋىي چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ مەنىۋىيىتىمىزنى مەنزىلىگە سالامەت يەتكۈزۈشنى . ئۆزىگە مۇقەددەس ۋەزىپە قىلىدۇ . شۇڭا ئۇستازغا بولغان ھۆرمىتىمىز زىيادىدۇر ھەم ھەققىي بولغاي.
شائىر ئەمەس ئىدىم. شېئىرمۇ يازالمايتتىم . ئۇستازنىڭ نۇرلۇق چېھرىنى كۆرگەنلىرىمدە -ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ھۆرمەت تۇيغۇلىرىم خۇددى شېئىردەك پارتلاپ ئاغزىمدىن ئېتىلىپ چىقتى. بۇيەردە خاتىرىلەپ ئەۋەتىپ قويدۇم مانا . ئۇستاز بىر شائىردۇر. يازغىنىم كۆڭلىگە ياقماي قالسا مېنى ئەپۇ قىلىۋەتكەي. رەببىممۇ ئەپۇ قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، سىلە-رەھىم قىلغۇچىلارغا سىلە-رەھىم قىلىدۇ ئەمەسمۇ .
ئۇنىڭ قەلبى شېئىر ئەمەسمۇ؟!
شېئىر دىگەن ۋىجدان ئەمەسمۇ.
ۋىجدان دىگەن ئىمان ئەمەسمۇ ،
ئىمان دىگەن ئىمتىھان ئەمەسمۇ!!
غاپىللىقتا سۇنغان بۇ يۈرەك
ئۇنىڭ بىلەن ئويغاندى ئەمەسمۇ
دىمەك شېئىر ئۇنىڭ يۈرىكى،
ئىمان سۈيى پىنھان تىلىكى ،
ۋىجدان ئىكەن تەنھا تىرىكى ،
" ئويغان" ئىكەن كۈتكەن مۈلۈكى
سېنىڭ بىلەن بىردۇر يىلىكى .
سۇندۇرماستا چىشنىڭ مىلىكى
سۇندۇرىدۇ ئۇنىڭ يۈرىكى
شەيتان سۇنغان ھايھاي نانىنى
ياكى سىلىق سۆھبەت-<< پىكىرنامە>>نى،
ئۇ خاس ئىنسان- نۇرزات ئەمەسمۇ!؟
ئۇنىڭ بىلەن ئاشىق يۈرىكىم ،
ئاشىق نېمە قانسىز يۈرىكىم
قان يۇيىدۇ قانسىز يۈرىكىم
ھايات مېنىڭ ئەركىن سۈرۈكىم
ئەجەل بىلەن تولار يۈرىكىم
ئابدۇقادىر ئۇيغۇر يۈرىكىم
ئۇيغۇر دىگەن ئۆملۈك يۈرىكىم،
دىمەك ئۇدۇر مەڭگۈ يۈرىكىم!
ئاللا بەرگەن تامغام ، تاپقىنىم
مەنىسىگە تولسا سەپەردە
ئابدۇقادىر كارۋان يۈرىكىم -
مىسىر تامان يۈسۈف - مۈلۈكۈم،
تاپقان پاكىز ، ئەزىز يۈرىكىم.
ئابدۇقادىر بۇغداي يۈرىكىم
سېمىز ئەمەس ئورۇق يۈرىكىم،
ئون بىر يۇلتۇز دىدار يۈرىكىم
چۈشۈمدىكى نىگار يۈرىكىم -
دىمەك ئۇدۇر ئۇيغۇر يۈرىكىم
ئابدۇقادىر ئۆزلۈك يۈرىكىم
ئۆزۈمدىكى تۈزلۈك يۈرىكىم
شىكەر ئەمەس تۇزلۇق يۈرىكىم،
سالام بىرەي تۈزۈك ، يۈرىكىم :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
سېنى ئىزدەپ تاپقان يۆلىكىم -
ئىسراپىلنىڭ سۈرىدەك چالسۇن سېنى
ئۇ ھۆكۈملەر شاھى ،ئىلاھى.
قايتسۇن ئەمدى تىلەكلىرىڭگە
قىيامەتكە ماڭغان يۈرىكىم.
ئابدۇكۆرەشنىڭ يوللانمىسى:
سالاملىرىڭىز ئۆزگىچە،يازغان شىئىرىڭىزمۇ ئۆزگىچە ...
ھۆرمەتلىك ئۇستازنى نەچچە يىللار ئىلگىرى پەقەت بىر نەچچە قىتىملا ئۇچراتتىم ۋە سالاملىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم،دۇنيادا مۇشۇ ئۇستازنىڭ قولىدەك بىر قول،مۇشۇ كىشىنىڭ دىلىدەك يەنە بىر دىل بارمىدۇ زادى؟شۈنچىلىك كەمتەر،شۈنچىلىك ئىللىق ،شۈنچىلىك تەبىي ،شۈنچىلىك دانا ...كۆز بىلەن كۆرسە ئاددىيلا بىر ئادەم،يۈرەك بىلەن كۆرسە...ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن،ئاسانچىلىق بەرسۇن،ئەزىز تىنىنى سالامەت،كۆڭلىنى خۇشال قىلسۇن...
سەمەرقەنتنىڭ يوللانمىسى:
سىز بۇ ئۇستاز بىلەن بىر نەچچە قېتىملا ئۇچراشتىم دەپسىز ،قېرىندىشىم ،ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى خېلى بەختلىك ھېساپلىسڭىز بولغۇدەك جۇمۇ . بىزلەرگە تېخى بۇ ئۇستازنىڭ چىھرىنى تاراتقۇلاردا كۆرۈشتىن باشقا قوللىرىغا سۆيۈش نىسىپ بولمىدى تېخى . شۇنداقتىمۇ ئىنشائاللاھ ئاللاھ مۇردىمىزغا يەتكۈزەر . گەرچە بىز بەزى ئەربابلار بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىسەكمۇ ،ئەمما شۇنداق بىر زات بىلەن زامانداش بولۇپ قالغىنىمىزدىن يەنىلا پەخىرلىنىمىز . شۇنداق كىشىلەر بىلەن بىر دەۋردە ياشاپ تۇرۇپمۇ شۇلاردىن ئۆگىنەلمىگىنىمىزدىن ئەپسۇسلىمىز . ئاللاھنىڭ ياراتقان نادىر بۇ ئۈلگىلىرى ئەسلىي قەدىرلىنىشكە ئەڭ تېگىشلىكتۇر . كېتىپ قالسا كىم قايتۇرۇپ بېرىدۇ بىزگە؟ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، روزدۇن سابىرلار كەتتى ، ئەمدى ئۇلۇغ ئاللا ئابدۇقادىر جالالىدىن ، ئەخمەتجان ئوسمان ، داۋۇتجان ئۇبۇلقاسىمدەك كىشىلىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ، ياخشى كىشىلەر ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىسەكمۇ رەببىمىزدىن ئۇلارغا ياخشىلىق ۋە نۇسرەت تىلەشنىڭ ئۆزىمۇ كۇپايە ،ھەرگىزمۇ كەينىدىن ئورا كولاپ ، ئەجىلىدىن بۇرۇن ئۇزىتىپ قويمىساقلا ئۇلار خېلى نەرسىگە تاقابىل تۇرالايدۇ .
taxnayi-a نىڭ يوللانمىسى:
بىز ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنىڭ قەدىرىگە ئۇلار ھايات ۋاقتىدا يەتكىنىمىز تولىمۇ ئاز! ئۇستاز ئابدىقادىر جالالىدىننىڭ ئىسىل خسلەتلىرىدىن ئۇلگە ئىلىپ ئۇنىڭ ئىزىنى بىسىش ئۇچۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كىرەك! پەخىرلەنگەن ئىكەنمىز قەدىرلىشىمىز كىرەك، بىزنىڭ نۇرغۇن زىيالىلىرىمىز قوللاش،چۈشىنىشكە مۇھتاج! |
|