ئەسسالامۇئەلەيكوم! ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق مەنىۋى تۇرمۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،ئۆزگىچە ھۇزۇر ئېلىپ كىلىۋاتقان ئەزىز تورداشلار ئالدى بىلەن شىركىتىمىزدىكى ۋە تورىمىزدىكى بارلىق خادىملار نامىدىن ھەممىڭلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت ۋە ئامەت،تېنىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمىز!
شۇنداق بىر كىشى بار ،ئۇنىڭ ئۆزگىچە پىكىرلىرى تالاي دىللارنى رام قىلسا،شائىرانە قەلبى سانسىزلىغان قەلبلەرنى مەستخۇش قىلىدۇ،ئۇنىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى ئىختىيارسىز بۇ پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانىدىن كۆڭلى سۆيۈنمەي قالمايدۇ ئەلۋەتتە.ئۇ بولسىمۇ ئوزۇندىن بويان كۈنلىرىنى بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق مۇنبىرىدە ئۆتكۈزۈپ سانسىزلىغان سىتودنېتلارنى تەربىيلەپ مىللىتىمىزنىڭ ئالىي مائارىپغا زور تۆھپىلەرنى قوشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ ئەدەبىيات سەيناسىنى تىرەن پىكىرلىرى،تېتىملىق يازمىلىرى بىلەن بېيىتىپ، بىزگە كىملىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر بىلدۈرۈشكە تۆھپىسى زور بولىۋاتقان شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى، تالانتلىق شائىر،پەخىرلىك يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىندۇر.
بىز كەڭ تورداشلانىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن ، بۈگۈنكى ئەلكۈيى ئېكرانى زىيارىتىنىڭ يېڭى سانىغا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتى،ئەدەبىياتقا بولغان كۆز قارشى،بىر زىيالىيدىن جەمئىيەتنىڭ كۈتىدىغان ئۈمىدى قاتارلىق تېمىلاردا شۇنداقلا ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەر، ئۇيغۇر تور مەدەنىيتى ۋە مۇنازىرە ئەخلاقى ھەققىدە كەڭ كۇشادە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.زىيارەت مەزمۇنىغا قىززىقساڭلار دىققىتىڭلار <<ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت >>نامىدىكى زىيارەت فىلىمىمىزدە بولسۇن !
كۆرۈش نوقتىسى (Medila player )ئارقىلىق كۆرۈش
كۆرۈش نوقتىسى(flash player)ئارقىلىق كۆرۈش
زىيارەت جەريەنىدا پەخىرلىك ئۇستاز،ئەدەبىياتشۇناس،شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ پروفىسسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىرگە خاتىرە سۈرەت رەسىمگە چۈشتى

ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ماگىستىر ئاسفىرانت ئوقۇغۇچىلىرى ئەلكۈيى شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرگە
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەلكۈيى ئېكرانى زىيارىتىدە

ئاخىرىدا تورىمىز ۋە شىركىتىمىز نامىدىن پەخىرلىك ئۇستازىمىز،شائىر،ئەدەبىياتشۇناش،پىروفىسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخت ۋە ئامەت يار بۇلىشىنى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىي ھاياتىنىڭ يەنىمۇ پارلاق،نەتىجىلىك بۇلىشىنى،ئۆزگىچە پىكىرلىرى ۋە تېتىملىق يازمىلىرىنى خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ تۇرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە تىلەيمىز!
كامالىي ئېھتىرام بىلەن : ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەلكۈيى تور بېكىتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى |