- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2
- تىزىملاتقان
- 2012-11-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-25
- UID
- 49996
- يازما
- 2
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2
- تىزىملاتقان
- 2012-11-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-25
- توردا
- 0 سائەت
|
ئابدۇقادىركامنىڭ زىيارىتى ئەلكۈيىدىكى يەنە بىر ئېسىل زىيارەت بوپتۇ،ھارماي كۆرىۋەتتىم،ئەلكۈيى تورىنىڭ جاپاكەش خىزمەتچىلىرى ھارمىغاي.كومويۇتېرىمغا ساقلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈردۈم ئەلۋەتتە.ئۇيغۇردا ئۆزىنى مەن ئۇيغۇرنىڭ زىيالىيسى دەپ ھېسابلايدىغانلار كۆپ بۇلىشى مۇمكىن،بىراق ئابدۇقادىر مۇئەللىمچىلىك تۆھپە ھەم مەنىۋى ئوزۇق،ئادەمگە ئىدىيە ئويلاندۇرىشى بولغان زىيالىيلار،يازغۇچىلار ئۇنچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن،تورداشلاردىن مۇشۇنداق ئۇيغۇرنىڭ مىڭىسى دېمەك ئىپتىخارلىق كىشىلىرىمىزنى كىيىنكى دەۋىر كىشىلىرى ئەدەبىيات كىتاپتا ئەسلەيدىغان شەخس سۈپىتىدە قالدۇرماي ئۆزىمىز شۇ كىشىلەر بىلەن بىر دەۋىردە ياشىغانلىق ئامىتى ئىچىدە كۆپرەك قەدرىنى قىلساق ئولۇغلىساق دېگەننى ئارزۇ قىلىمەن.
ئابدۇقادىركامنىڭ زىيارەت جەريانىدا تور نوپۇزلۇق يازغۇچىنىڭ نوپىزىنى بەربات قىلىۋەتتى،بىر زىيالىي ئۆزىنىڭ شىئېرىي تۇيغۇسىدىلا ياشىماسلىقى كېرەك،توردشلار مەسئۇلىيەتچان،ئويلىنىشچان تورداشلاردىن بۇلىشى كېرەك ....دېگەن دانە دانە سۆزلىرىنىڭ ئۆزىنى يەشسەكمۇ بىرقانچە چوڭ ماقالە چىقىشى مۇمكىن،ئالدىنقى سانلاردىكى بىر شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلىدا ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىز يازغان بىر ماقالە ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى مانچىگگ بېرىپتۇ دېگەنگە ئوخشاش بىر قىستۇرما بار ماقالە ئوقىغان ئىدىم،سان جىق بولغان بىلەن سۈپەت بولمىسا نىم كىرىكى دېگەن بۇ ئىدىيە مىنى قانچە كۈن ئويلاندۇرغان،بىر قانچە كىتابىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغانلىقىمنى زىيارەت جەريانىدىكى چۈشەندۈرۈشتىن ھىس قىلدىم،كىتاپخانىلاردىن تېپىپ چىقماقچى.
|
|