ئىگىسى: ablimit7304

زاۋۇتى يوق مىللەت قانداق كۈنگە قالىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
16850
يازما
175
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
625
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
117 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 11:02:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقتىسات قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭپۇڭ شەكىللەنگەن بۇلۇشى-بولماسلىغى مەلۇم رايۇننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ناھايىتى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. زاۋۇت ئارقىلىق نامايەن بۇلىدىغان سانائەت-  ئىقتىساتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، بازار، ئىستىمالدىن شەكىللىنىدىغان قۇرۇلمىسىدىكى ناھايىتىمۇ  مۇھىم بۆلىگى بۇلۇپ،  ئەگەر مەلۇم رايۇندا بازار بىلەن ئىستىمال يامان ئەمەس بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ، ئەكسىچە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن باشقا رايۇندىن  كىرگۈزۈشكە تايىنىپ ئادەتلەنگەن بولسا، بۇ رايۇندىكى نامراتلىقنى، ئىشسىزلىقنى، ئەمگەك قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىك مەسىلىسىنى، ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئەھۋالىنى ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشىمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. نۆۋەتتە شىنجاڭدا يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلىشى باشلاندى، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادى ئالاھىدە رايۇنى قۇرۇلدى. ئىقتىسادى قۇرۇلمىدىكى تەكشى بولماسلىق ئاخىرى چىڭ تۇتۇلدى، ياخشىلاش قەدىمى باشلاندى. بۈگۈنكىدەك يەر شارى ئىقتىسادى بىر گەۋدىلىشىش ھالىتىگە يۈزلىنىپ كىتىۋاتقاندا، بىر يۇرتتىكى خەلق ھەرگىزمۇ دىخانچىلىققا تايىنىپ باي بۇلالمايدۇ. شۇڭا شەھەرلەرگە يۈزلىنىش كېرەك، شەھەردىكى تۇرمۇش ئارقىلىق رىقابەتنى، پەرىقنى بىلىپ يىتىپ، ئىقتىسادى تەپەككۇردىكى ئۆسۈپ يىتىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىش كېرەك.  بۈگۈنكى جەمىيەتتە ئىقتىسادى تەرەققىيات شەھەردىن باشلىنىدۇ.

UID
17497
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 18:47:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               بىز چۇقۇم تىرىشىپ مىللى كارخانىلارنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىقتىزادىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كىرەك، رەھمەت سىزگە

UID
17227
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2011-11-12
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 22:06:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىىقەتەن ئويلىنىپ كۆرىشكە ئەرزىيدۇ بىراق (زاۋۇتى يوق مىللەت ساۋاتسىز مىللەت) دېگەنگە مەن تازا قوشۇلۇپ كەتمەيمەن.چۈنكى زاۋۇتى بار مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇنچىۋالا ساۋاتلىق بولۇپ كېتىشى ناتايىن .مەسلەن:ئامركىنى مىسالغا ئالساق ئىقتىسادى بەكمۇ تەرەققى قىلغان سانائەتلەشكەن زاۋۇتلىرى جىق  لېكىن ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرى ساۋاتسىزدىنمۇ بەتتەر.ساۋاتسىزلىقنىڭ ئۆلچىمى نۇرغۇن بولىدۇ،شۇڭلاشقا نوقۇل ھالدا   (زاۋۇتى يوق مىللەت ساۋاتسىز مىللەت)دەپ بىزىڭ مىللىتىمزنى ساۋاتسىز دەپ قارىساق بولمايدۇ. بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم

UID
10177
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1615
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 09:37:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاۋۇت قۇرالماسلىق ئىقتىدارسىزلىق ياكى ئىمكانسىزلىقتۇر.زاۋۇتى يوق مىللەت دىگەن زاۋۇت قۇرۇشنى بىلمەيدىغان ياكى زاۋۇت قۇرۇشقا ئىمكان تاپالمىغان مىللەت دىگەنلىكتۇر. جاھاندا بۇنداق مىللەت بار دىيىلسە، ئۇ ئارقىدا قالغان مىللەتتۇر. دەۋرىمىزدە زاۋۇتى بولمىغانلار-پىششىقلاپ ئشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بولمىغانلار باشقىلارنى خام ئەشيابىلەن تەمىنلىشى مۈمكىن، باشقىلارنىڭ خەير-ساخاۋىتىگە قاراشلىق بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.

UID
14067
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2011-8-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 13:07:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆزەم كىيىم لاھىيەلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىمەن. بىزدە كىيىم -كېچەك بازىرى دەل بۇ تېمىدا دىيىلگەندەك چوڭ بازار،لېكىن ئۆزىمىزدە لاھىيەلىگۈچى ،كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرى يوق . بۇندىن 5-6يىل بۇرۇن بۇ بوشلۇققا ئۆزەمنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە توپا تاشلاشقا بەل باغلاپ، ئۆزەم لاھىيەلىگەن كىيىملەرنى ئۆزەم ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن تۇتۇش قىلدىم....بىراق ھەممە ئىش مەن دەسلىۋىدە ئويلىغاندەك پەقەت تىرىشساملا ھەل بولمىدى. زاۋۇت قۇرۇشتىكى ئورۇن،مەبلەغ دىگەندەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدىم، بىراق ئىشچى مەسىلىسىگە كەلگەندە ئامال قىلغىلى بولمىدى. چۈنكى، تېخنىك ئىشچىلار ھەرقانداق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسى، تۈۋرىكى. بىزدە ھازىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالماي يۈرىۋاتقانلار شۇنچە كۆپ،بىراق تېخنىك مەكتەپلەردە ئوقۇپ ، زاۋۇت-كارخانىلاردا كېيىنچە ئاساسلىق كۈچ بولۇپ ئىشلەپ كېتەلەيدىغانلار بەكلا ئاز. بۇنىڭ سەۋەپلىرى ئەلۋەتتە ناھايىتى نۇرغۇن،بۇنى بۇ يەردە تەھلىل قىلىپ ئولتۇرمايمەن. پەقەت تېمىدا تىلغا ئېلىنغان "ئۆزىمىزنىڭ زاۋۇتلىرى.." ھەققىدە ئوز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەنلىرىمنى ئاددىراق قىلىپ بايان قىلماقچى،بەزى توورداشلار ئۈچۈن پايدىلىنىش ئەھمىيىتى بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن.
شۇنداق قىلىپ زاۋۇت قۇرۇلدى،بىراق مەن ئوزەم ئارزۇ قىلغاندەك زاۋۇت بولمىدى. كىيىم-كېچەك زاۋۇتى گەرچە بەكلا يۇقۇرى پەن .تېىنىكا تۈرىدىكى ساھەلەرگە تەۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرمىسىمۇ،بىراق مەھسۇلاننىڭ سۈپىتىنى،ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىك تېىخنىكا تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن،كىيىم-كېچەكچىلىكتە ئەڭ ئاساس بولغان ئەندىز ئېلىشتىن كېلەيلى، ھازىر زاۋۇتلاردا ئەندىز ئېلىش، ئەندىزنى چوڭ-كىچىك نۇمۇرلارغا سېلىش...دىگەندەك خىزمەتلەر ئاساسەن كومپىيۇتېردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. سەۋەپ: سۈرئەت تېز، ئەندىز ئۆلچەملىك چىقىدۇ،كىيىم نۇمۇرى قانچە چوڭلىسىمۇ،ئىسكەتتىن كەتمەيدۇ. بىراق بىزدە مەن بۇنداق ئۇستامدىن بىرنىمۇ تاپالمايمەن. 4-5يىل ئاۋالقى مەن ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرغان ۋاقىتتىلا ئەمەس،مانا ھازىرمۇ زاۋۇتتنى ئۈرۈمچىگە يۆتكىسەم مەن بۇنداق تېخنىكنى ھەرقانچە يۇقۇرى مۇئاش بىلەنمۇ تاپالمايمەن...ئەمىلى ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال. ھازىر مۇھىتنى ئاسراش، تەبىئى بايلىقلارنى ئىسراپ قىلماسلىق خەلقئارادىكى چوڭ ئېقىم. شۇنىڭغا ماسلىشىپ ،بىزنىڭ ساھەدىمۇ ھەر-خىل يېڭى ماتىرىياللار توختىماي چىقىپ تۇرىدۇ. مەيلى لاھىيەلەشتە بولسۇن ياكى ئىشلەپچىقىرىشتا بولسۇن، بىزگىمۇ يېڭى-يېڭى مەسىلىلەر چىقىپ تۇرىدۇ. شۇلارنى ھەل قىلىشتا تايىنىدىغىنىمىز يەنىلا تېخنىك ئۇستىلار،تەجرىبىلىك ئىشچىلار...
شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىمىز "غەلىبىلىك" تاقالدى. ئۆزەمنىڭ جاھىللىغىم ، كەسمپىمنى تاشلىيالماسلىغىم سەۋەبىدىن ،مەنمۇ زاۋۇتنى ئورۇن ئالماشتۇرۇپ قىلىش پىلانىنى تۈزدۈم. ئىككى يىل ئاۋال "دۇنيانىڭ زاۋۇتى" دەپ ئاتىلىدىغان گۇاڭجۇ شەھرىگە كەلدىم.بىر يىل مۇشۇ ساھەنى راۋۇرۇس كۈزەتتىم،بۇ جەرياندا باشقىلاردىن تەجرىبە توپلىدىم. بۇ يىل ئاللانىڭ مەدىتى بىلەن ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن كىچىكرەك بولسىمۇ ئۆزەم ئەينى ۋاقىتتا خالىغىنىمدەك كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقتىم...

UID
14067
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2011-8-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 14:10:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرقى ئىنكاسىمنىڭ داۋامى;
   بۇ جەرياندا يوللۇققان مۇنداق نەچچە مەسىلىلەر بار مېنى سەل ھەيران قالدۇرغان: بەزى كىيم-كېچەك سودىگەرلىرى بار،شۇنچە يەردىن گۇاڭجۇغا كىيىم ئىشلىتىىش ئۈچۈن كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپۈنچىلىرى بۇ تىجارىتىنى قىلغىلى ئۇزۇن بولغان،كىيىم ئىشلىتىدىغان زاۋۇتلارنىمۇ تېپىپ مال زاكاس قىلالايدۇ. بۇنداقلار ئازراق باھا پەرقىنى دەپلا بىزنىڭ زاۋۇتنى تاشلاپ باشقىلارغا زاكاز بېرىدۇ. مەن ئۇلاردىن ئازراقمۇ بىر-بىرىمىزنى قوللايدىغان روھنى كۆرەلمەي بەكلا ئۈمۈتسىزلىنىمەن. بەزىدە ئۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشىمەن،بۇمۇ بىر سودا، ئۇلار ئۈچۈن قانچە ئەرزان توختىسا شۇنچە ياخشى دەپ ئۇلار تەرەپتە تۇرۇپ ئويلايمەن، بىراق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەرزان باھانى ئاڭلاپلا  بىزنى تاشلاپ كېتىپ،بۇ مال باشقا زاۋۇتتىن  دىيىشكەن باھاسىدا چىقماي،يا مال يوق،يا پۇل يوق،ئارىلىق يىراق،يۈگرەپ كېلەلەمەي مەن يەنە ئوتتۇرىدا ھەل قىلىپ بەرگەن ئىشلارمۇ كۆپ بولدى. ئىشقىلىپ سودىغا كەلگەندە مەن بىزدە ئۆزئارا قوللاش روھىنىڭ بەكلا كامچىللىغىنى ھىس قىلدىم.
  يەنە بىر ھىس قىلغىنىم، بەزى "كارخانىچىلىرىمىز" بار. مەھسۇلاتنىڭ 、ئىسمىلا ئۆزىنىڭ. ئۇلار مال زاكاز قىلغىلى كەلگەندە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ،”مەھسۇلاتىڭلارنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولغاندىكىن، زاۋۇتنى ئۆزەڭلار قىلساڭلار بولمامدۇ؟"دەپ پىكىر بېرىپ باقتىم. ھەممىسىنىڭ جاۋابى ئوخشاشلا دىگۈدەك،" ھازىرمۇ پايدا ياخشىغۇ، ئۇ جاپانى تارتىپ نىمە قىلارمىز.."دىيىشىدۇ..يىغىپ كەلسەك بىزدە جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش روھىمۇ كامچىلكەن.
  مېنىڭ ھازىر ئويلايدىغىنىم، ئۆزىمىزدىن تېىخنىكلەرنى يېتىشتۈرسەم،شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە زاۋۇتنى يۆتكىسەك،ئىشچىلىرىمىز ئۆز ىمىزدىن بولسا...ئاللا بۇيرىسا بۇ كۈنلەرمۇ كېلىپ قالار...
  ئالدىنقى قېتىم ئۈرۈمچىگە قايتقاندا بىرەيلەن مېنىڭ بۇ ئىشىمغا مەبلەغ سېلىپ چوڭايتىش تەكلىۋىنى بەردى. ئۇ كىشى" كىيىم -كېچەك بازىرى چوڭ بازار. ئۆزىمىزنىڭ بۇ ساھەدە ھەقىقى ماركا دىگۈدەك ماركىسى يوق.سىزنىڭ شېركىتىڭىز ھەم لاھىيەلەيدىكەن ،ھەم زاۋۇتۇڭلار باركەن . راۋۇرۇس بىر قىلايلى بۇ ئىشنى .."دىدى .نەچچە قېتىملاپ پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا بۇ مەبلەغ سالغۇچىدىمۇ بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان خاراكتېرنى بايقىدىم.  ئۇ كىشى 、ئەڭ ئاخىرىدا" مەن بۇ مەبلەغنى سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا سالماي، ئاشىخانىدىن بىرنى ئاچسام مەبلەغ تېز قايتىپ كېلىدىكەن،ھەم جاپاسىمۇ ئازكەن.“ دىگەن يەكۈننى چىقاردى. ھەقىقەتەن شۇنداق، ئاشىخانا ئاچسا دەل شۇنداق بولىدۇ، بىراق بىزدە مەبلەغ سېلىشقا تېگىشكلىك كام ساھەلەر بەكمۇ،بەكمۇ كۆپ. بىزگە يەنە ئاشىخانا ،يەنە رېستۇرانلارنىڭ پەقەتلا كېرىگى يوق....
بۇ مېنىڭ مۇشۇ نەچچە يىللار داۋامىدا ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن ئىشلار. مەن ئۆزەمنى ھەرگىزمۇ چوڭ ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىمايمەن، قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ پايدىسىغا ھىساپلىغاندا جاپاسى راسلا بەكلا كۆپ، مانا ئىككى يىل بوپتۇ، بىر ئائىلە جەم بولۇپ يۇرتتا ھېيت ئۆتكۈزۈپ باقمىغىلى، تىل،ئۆرپ-ئادەت تامامەن يات يەرلەردە يۈرىۋاتىمىز. لېكىن مەن مۇشۇ جاپانى تارتىشقا رازى. نىمە ئامال بىزگە بۇنىڭدىن باشقا؟ئىشنى ھەقىقى بىر كەسپ ئىگىسىدەك قىلىش ئۈچۈن، ھۇلنى مۇشۇنداق جاپالىق سېلىش كېرەكتۇ دەپ ئويلايمەن.

UID
15363
يازما
43
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
913
تىزىملاتقان
2011-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
105 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-20 15:55:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 56قەۋەتتىكىipek يوللىغان 2011-11-20 14:10 غا قارتىلغان  :
يۇقۇرقى ئىنكاسىمنىڭ داۋامى;
   بۇ جەرياندا يوللۇققان مۇنداق نەچچە مەسىلىلەر بار مېنى سەل ھەيران قالدۇرغان: بەزى كىيم-كېچەك سودىگەرلىرى بار،شۇنچە يەردىن گۇاڭجۇغا كىيىم ئىشلىتىىش ئۈچۈن كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپۈنچىلىرى بۇ تىجارىتىنى قىلغىلى ئۇزۇن بولغان،كىيىم ئىشلىتىدىغان زاۋۇتلارنىمۇ تېپىپ مال زاكاس قىلالايدۇ. بۇنداقلار ئازراق باھا پەرقىنى دەپلا بىزنىڭ زاۋۇتنى تاشلاپ باشقىلارغا زاكاز بېرىدۇ. مەن ئۇلاردىن ئازراقمۇ بىر-بىرىمىزنى قوللايدىغان روھنى كۆرەلمەي بەكلا ئۈمۈتسىزلىنىمەن. بەزىدە ئۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشىمەن،بۇمۇ بىر سودا، ئۇلار ئۈچۈن قانچە ئەرزان توختىسا شۇنچە ياخشى دەپ ئۇلار تەرەپتە تۇرۇپ ئويلايمەن، بىراق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەرزان باھانى ئاڭلاپلا  بىزنى تاشلاپ كېتىپ،بۇ مال باشقا زاۋۇتتىن  دىيىشكەن باھاسىدا چىقماي،يا مال يوق،يا پۇل يوق،ئارىلىق يىراق،يۈگرەپ كېلەلەمەي مەن يەنە ئوتتۇرىدا ھەل قىلىپ بەرگەن ئىشلارمۇ كۆپ بولدى. ئىشقىلىپ سودىغا كەلگەندە مەن بىزدە ئۆزئارا قوللاش روھىنىڭ بەكلا كامچىللىغىنى ھىس قىلدىم.
  يەنە بىر ھىس قىلغىنىم، بەزى "كارخانىچىلىرىمىز" بار. مەھسۇلاتنىڭ 、ئىسمىلا ئۆزىنىڭ. ئۇلار مال زاكاز قىلغىلى كەلگەندە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ،”مەھسۇلاتىڭلارنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولغاندىكىن، زاۋۇتنى ئۆزەڭلار قىلساڭلار بولمامدۇ؟"دەپ پىكىر بېرىپ باقتىم. ھەممىسىنىڭ جاۋابى ئوخشاشلا دىگۈدەك،" ھازىرمۇ پايدا ياخشىغۇ، ئۇ جاپانى تارتىپ نىمە قىلارمىز.."دىيىشىدۇ..يىغىپ كەلسەك بىزدە جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش روھىمۇ كامچىلكەن.
  مېنىڭ ھازىر ئويلايدىغىنىم، ئۆزىمىزدىن تېىخنىكلەرنى يېتىشتۈرسەم،شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە زاۋۇتنى يۆتكىسەك،ئىشچىلىرىمىز ئۆز ىمىزدىن بولسا...ئاللا بۇيرىسا بۇ كۈنلەرمۇ كېلىپ قالار...
  ئالدىنقى قېتىم ئۈرۈمچىگە قايتقاندا بىرەيلەن مېنىڭ بۇ ئىشىمغا مەبلەغ سېلىپ چوڭايتىش تەكلىۋىنى بەردى. ئۇ كىشى" كىيىم -كېچەك بازىرى چوڭ بازار. ئۆزىمىزنىڭ بۇ ساھەدە ھەقىقى ماركا دىگۈدەك ماركىسى يوق.سىزنىڭ شېركىتىڭىز ھەم لاھىيەلەيدىكەن ،ھەم زاۋۇتۇڭلار باركەن . راۋۇرۇس بىر قىلايلى بۇ ئىشنى .."دىدى .نەچچە قېتىملاپ پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا بۇ مەبلەغ سالغۇچىدىمۇ بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان خاراكتېرنى بايقىدىم.  ئۇ كىشى 、ئەڭ ئاخىرىدا" مەن بۇ مەبلەغنى سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭىزغا سالماي، ئاشىخانىدىن بىرنى ئاچسام مەبلەغ تېز قايتىپ كېلىدىكەن،ھەم جاپاسىمۇ ئازكەن.“ دىگەن يەكۈننى چىقاردى. ھەقىقەتەن شۇنداق، ئاشىخانا ئاچسا دەل شۇنداق بولىدۇ، بىراق بىزدە مەبلەغ سېلىشقا تېگىشكلىك كام ساھەلەر بەكمۇ،بەكمۇ كۆپ. بىزگە يەنە ئاشىخانا ،يەنە رېستۇرانلارنىڭ پەقەتلا كېرىگى يوق....
.......
بىزنىڭ نىمىشقا زاۋۇتىمىز يوقلىقىنى ئىنكاسىڭىزدا يىتەرلىك ئىسپاتلاپ چىقىپسىز، بەزىلەر ھە دىسە زاۋۇت قۇرالماسلىقنى ھۆكۇمەتتىن كۆرىدۇ، ھۆكۇمەت دىگەن توپ مەيدانىدىكى رېپىر، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى توپ ئويناش ئەمەس.
  مىللى بالىلارغا قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ئوقۇيدىغان بىرىنچى كەسپى تىبابەت، ئىككىنچىسى قانۇن، ئۇچىنچىسى تىل، باشقا كەسىپلەرگە ئىنتىلمەيدۇ، ئىستىقبالىنى كۆرەلمەيدۇ.كەسىپلەر تېخنىكا مەكتەپلىرىنى كۆزىگە ئىلمايدۇ، شۇڭا بىزدىن زامانغا لايىق زاۋۇت قۇرۇلالمايدۇ، بۇنىڭغا ئۇزۇن ۋاقىت كېرەك، پۇتۇن خەلىقنىڭ دۇنياقارىشى ۋە قىممەت قارىشىدا زامانغا لايىقلىشىش كۆرۈلسە بەلكىم ئۇ ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.

مەسچىت سالدۇق دوقمۇش-دوقمۇشقا ، كۆككە تاقاشتى  بېشىمىز، مەكتەپ بىلەن  نىمە ئىشىمىز.

UID
17595
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 18:32:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇنلىغان ئۈمىد چىچەكلىرى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بۇنداق ئۇلۇغ ئارمانلارنى ئارقىغا تاشلىۋەتمەكتە... ماڭىدىغان ئېشىكى يوق ھارۋىدە بىز مانا    

UID
16234
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
92
تىزىملاتقان
2011-10-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 19:38:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 1 قەۋەتتىكى   (taxqin) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

بەكلا تەسىرلىك يىزىپسىز قىرىندىشىم بەكلا تەسىرلەندىم كۆپ رەخمەت سىزگە بۇ خەممىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىكمەسىلە ئىكەن مەنمۇ بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى خۇدا بۇيرۇسا مەنمۇ مىللىتىمىزنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئىشلىرى ئۇچۇن تىرىشىمەن

UID
8612
يازما
93
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
910
تىزىملاتقان
2011-1-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-6 23:54:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"مۇستەملىكە قىلىنغان ئەلنىڭ -مىللى سانائىتى ۋەيران بولىدۇ ،،،"-(ماركىس )
مىللى سانائەت بولمىسا ،مىللى بۇرجۇازىيە بولمايدۇ ،مىللى بۇرجۇئازىيىسى يوق مىللەتتە مىللى ئىنقىلاپمۇ بولمايدۇ ،،مىللى ئىنقىلاپ بولمىسا،،،،،،،،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش