ئۇيغۇرلارنىڭ باشقىلاردىن نەرىمىز كام؟ بىزدە مىللى ئېغىر سانائەت كارخانىسى قۇرۇش ئۇنچىۋالا قىلىش مۇمكىن بولماي قالىدىغان ئىش ئەمەس .ئەمما يىنىك سانائەت كارخانىسىنىڭ مېلىنى مىللىي كارخانىكەن يەھۇدىلارنىڭ يېرىمىچە بوپ شۇلارنىڭ تىجارىتىنى قوللاپ سېتىۋالاي دەپ سېتىۋالالايدىغان ئۇيغۇردىن نەچچىسى بار. بىزگە چەتنىڭ مېلى شۇنداق ياخشى .چەتنىڭ دورىسى بازاغا سېلىنسا ئۈلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ دەپ سېتىۋالىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنى چىقمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.مىللىي كارخانا قۇرۇلسا مېلىنى ئۆزىمىز سېتىۋالماي باشقىلارغا تايىنىپلا بازار ئاچساق قانچىلىك ۋاقىت پۇت تىرەپ تۇرامىز.دوسلار قايسىڭلارماگزىنغا كىرسەڭلار ماۋۇ مىللىي مىللىي كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىكەن مەن ئىھتىياجلىق نەرسە بولغاندىكىن مۇشۇنى سېتىۋالاي مىللىي كارخانىنى قوللىغىنىم بوپ قالسۇن دەپ باققان؟بۇ زاۋۇتلارمۇ راۋاج تاپقانسىرى تېخنىكىسىنى يېڭىلاپ بىزنىڭ كۆڭلىمىزدىكىدەك مەھسۇلاتىنى بازارغا سېپ قالا دىيەلەيسىلەر؟(مەن شۇنداق قىپ نەچچە قېتىم دوسلىرىمنىڭ دەككىسىنى يىدىم).ھەممىمىز ئېغزىمىزدا قۇرۇق گەپنى قىلىۋەمەي ئازراق بولسىمۇ ئەمەلىي ھەركىتىمىزبىلەن مىللىي سانائەت كارخانىللىرىنى قوللايلى.مىللىي كارخانىللىرىمىز بىزنىڭ قوللىشىمىزغا مۇھتاج.بۇ تېما بەك ياخشى يېزىلىپتۇ. تىما ئىگىسىگە رەھمەت.بۇ ھەممىمىز ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە بوپتۇ.