بۇ تېما توغۇرسىدا ياخشى توختىلىپسىز، ئەمەلىيەتتە بۇ ئاددى تېما ئەمەس. ماۋزۇدا مۇجىمەللىك بار. < سانائىتى يوق مىللەت قانداق كۆنگە قالىدۇ > دەڭ. يەنىلا < مىللىي> دىگەن سۇزنى < سانائەت> نىڭ ئالدىغا قويۇڭ. ئەمدى بولدى، ماقالىڭىزدا پەقەت تۇرۇمۇشتىكى ئىستىمال توغورسىدىكى سېلىشتۇرۇشنىلا تىلغا ئېلىپ ، < زاۋۇتى يوق مىللەتنىڭ ھالى خاراپ > دىگەن ئۇقۇمنى ئىلگىرى سۈرپسىز. خالاس. يەنى بىر مىلەتنىڭ تەەقىياتىنى < زاۋۇت> قا باغلاپ قويوپسىز .سانائەت ئىككى چوڭ تۇرگە بۆلۆنىدۇ. بىرى يېنىك سانائەت، يەنە بىرى ئېغىر سانائەت.ئالدىنقىسى خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك بولغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ،كىيىنكىسى بولسا خەلق مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان ھالدا دۇلەتنىڭ تەقدىرى ۋە تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىدۇ. 21- ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇر مىللى يىنىك سانائىتى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. بۇلارغا مىسال ئالمىساممۇ بولار. مەدەنىيەتنىڭ مىللەت چىگرىسى بولىدۇ لىكىن سانائەتنىڭ مىللەت چىگراسى بولمايدۇ، سىزنىڭ < زاۋۇت > دىگىنىڭىز ئەمىليەتتە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يىنىك سانائەتنى كۆرستېدۇ.
سانائىتىمىز تەرەققى قىلمىسا ، باشقىلارغا يۆلىنىپ ياشايمىز، باشقىلار پىششىقلاپ ئىشلەپ بەرگەن نەرسىگە ئىگە بولىمىز ، خالاس. مېنىڭچە، بىر مىللەتنىڭ سانائىتى پەيدا بولوش ، تەرەققى قىلىش ۋە خارابلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۇرىدۇ. بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ، ياپون، گېرمانلارغا ھازىر ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
بۇ تېما ھەققىدە ئىزدەنگىنىڭىزگە كۆپ تەششەككۆر!!!!!!!!
