- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 74
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1834
- تىزىملاتقان
- 2011-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-12
- UID
- 11056
- يازما
- 74
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1834
- تىزىملاتقان
- 2011-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-12
- توردا
- 8 سائەت
|
كارىز خەلقىمىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ پەخىرلەنگۈدەك بىر مۆجىزىسى،دىللارغا روھىي ئوزۇق بىرىدىغان مۇقاملىرىمىزنى ھارماي تىلغا ئالىمىزيۇ ئانچە - مۇنچە كارىز ھەققىدە ئويلىنىپ باقمايمىز،بۇ قېتىم ئەلكۈيى تورى ئىشلىگەن كارىز ھەققىدىكى زىيارەتنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن بۇلىشى،خەلقىمىزنىڭ كۆپ سانلىق كىشىلىرى كارىز ھەققىدە قىززىقمايدىغان ھەم بىلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەردى دېسەم ئارتۇق كەتمەسمىكىن دەيمەن.كارىزنى تەتقىق قىلىشقا،ئۇنى داۋاملىق قوغداشقا تىگىشلىك بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ بۇ مىللىي گۆھىرىمىزگە ئۆزىمىزنىڭ تۈزۈك قىززىقىشى بولمىغاندا قانداقمۇ ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزگىلى بولسۇن،بۇنداق ئۆزلۈككە قىززىقماسلىق ئادەمنى نەلەرگە تاشلايدۇ ئۇنى ھەم بىرنەرسە دىگىلى بولمايدۇ.
كارىزنىڭ قاچان، قايسى ئورۇندا دەسلەپتە پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھەر خىل كۆز قاراشلار
ئىلىم ساھەسىدىكى بىرەر توغرا ھۆكۈم ھەر دائىم كۆپ قېتىملىق تەجرىبە، بەس – مۇنازىرە، تالاش – تارتىش ۋە مۇلاھىزىلەر ئارقىلىقلا مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ، ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بىردىبىر، ئەڭ توغرا ۋاسىتىدۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئېلىمىز ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ۋە چەت ئەللەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كارىزنىڭ قاچان، قايسى ئورۇندا دەسلەپتە پەيدا بولۇپ، كېيىنچە باشقا جايلارغا تارقالغانلىقى ھەممىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ھەر خىلدىكى ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلىرىغا نىسبەتەن تېڭىرقاپ قېلىشقا ياكى تەساددىپىيلىق ھېس قىلىشقا بولمايدۇ. تۆۋەندە، بۇ ھەقتىكى ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ۋە ھەمدە ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراش – مۇلاھىزەمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقانلار بىلەن ھەمدە باشقا كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
شىنجاڭدىكى كارىزلارنىڭ، بولۇپمۇ تۇرپان رايونىدىكى كارىزلارنىڭ، قايسى تارىخىي باسقۇچتا، قانداق كېلىپ چىققانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش يوق. يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردىكى بەزى ئالىملار كارىز ھەققىدە بىر – بىرىگە زىت بولغان ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. شۇڭلاشقا، كارىز مەسىلىسى يەنىلا ھازىرقى تەتقىقاتنىڭ كەسكىن مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز قاراشلار ئاساسەن تۆۋەندىكىچە:
يولداش ياڭ زىشۇن ئۆزىنىڭ «يەر شارى» ژۇرنىلىنىڭ 1982– يىل 1– سانىغا بېسىلغان «شىنجاڭ كارىزى» دېگەن ماقالىسىدە «كارىز ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. تارىخچىلارنىڭ ئىسپاتىغا ئاساسلانغاندا … خەن ۋۇدى زامانىدا كارىز شەنشى ئۆلكىسىنىڭ دالى ناھىيىسىدىن شىنجاڭغا تارالغان …» دەپ يازىدۇ.
پى جىڭفۇ « كوئىنلۇن دەريا – ئۆستەڭلىرى خاتىرىسى» (2– توم)دا: «كارىز يالغۇز تۇرپاندىلا بار» دەپ يازىدۇ. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ مەنزىرىسى»نىڭ «ئېرىق – ئۆستەڭ خاتىرىلىرى»دېگەن قىسمىدا يۇقىرىقى كۆز قارىشىنى تولۇقراق قىلىپ، قۇمۇل، پىچان قاتارلىق جايلاردىمۇ كارىزلار بار، تۇرپاندا 28 ئورۇندا، پىچاندا 45 ئورۇندا كارىز بارلىقى مەلۇم دەپ خاتىرە قالدۇرغان.
ۋاڭ گوۋى، مىڭ كاڭ قاتارلىقلار: «خەن دەۋرىدە قۇدۇق ئۆستەڭلەر دۇڭخۇاڭنىڭ شىمالىدىن پىچان، تۇرپان ئويمانلىقىغا تارقالغان» دەپ قاراپ، تۇرپان كارىزىنىڭ پەيدا بولۇشىنى خەن دەۋرىنىڭ ئېرىق – ئۆستەڭلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشقان.
ئازادلىقتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن بولۇپ شىنجاڭدا، ئاساسەن تارىم ئويمانلىقى ئەتراپلىرىدا ئۈچ قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مەرھۇم خۇاڭ ۋېنبېي ئەپەندىم (خۇاڭ ۋېنبېي جۇڭگونىڭ تونۇلغان ئارخېئولوگى) 1957– يىل يازغان «تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك خاتىرىلىرى»دېگەن ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا كارىزنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئارخېئولوگىيە جەھەتتىن ئىسپاتلاپ «كارىز خەنزۇلاردىن تارقالغان» دەپ يازىدۇ.
1973– يىلى شەنشى ئارخېئولوگىيە خادىملىرى جىڭ بەگلىكى (郑国) ئۆستەڭلىرىنىڭ ئىزلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقارغان خۇلاسىسىدە «گەنسۇ، دۇڭخۇاڭ ۋە شىنجاڭدىكى كارىزلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ كارىزىلار خەن سۇلالىسىدىكى گۇەنجۇڭ (关中) ئېرىق – ئۆستەڭلىرىدۇر … كارىز شىنجاڭغا پارىستىن كەلدى دېگەنلىك پۈتۈنلەي بىمەنىلىكتۇر» دەيدۇ.
چۇەنچىڭنىڭ (全庆) — «قائىدە – نىزاملار مۇقەددىمىسى» — (经入章程)دېگەن كىتابىنىڭ 2– قىسمىدا تۇرپان كارىزى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ «ئۇنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى باشقىچە بولۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا بولۇپ باققان ئەمەس» دەپ ئېيتىلغان. بۇ باياندىن بىز شىنجاڭ كارىزىنىڭ (جۈملىدىن تۇرپان كارىزىنىڭ) ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تارىختا قېزىلغان ئېرىق – ئۆستەڭلەر بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى چۈشىنىمىز.
ياڭ زىڭشىڭنىڭ 1917– يىلى 30– ئاۋغۇستتا : «كارىز بىلەن يەر سۇغۇرۇشنى ئالىدىغان بولساق، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىمۇ يوق، پەقەت تۇرپان، پىچاندىن ئىبارەت ئىككى ناھىيىدىلا بار» دېەەن سۆزى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا ئۇچرايدۇ.
«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 1983– يىل 2– سانىغا (خەنزۇچە) شىنجاڭ سۇ ئىشلىرى نازارىتىدىكى يولداش ۋاڭ خېتىڭنىڭ «شىنجاڭ كارىزى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى بېسىلغان. يولداش ۋاڭ خېتىڭ بۇ ماقالىسىدە شىنجاڭ كارىزىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قەدىمكى ئېرىق – ئۆستەڭلەر بىلەن باغلىنىشى بار، دېگەن كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
يەنە بىر ئېيتىلىشلاردا، كارىزنى شىنجاڭغا سۈرگۈن قىلىنغان لىن زىېشۈي ئىجاد قىلغان دېيىلىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، لىن زېشۈي تۇرپاندا قونۇپ ئۆتۈش ئۈچۈنلا 2–3 كۈن تۇرغانلىقى مەلۇم.
كارىز مەسىلىسى توغرىسىدا چەت ئەللىك تەتقىاتقچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى قويۇپ ئۆتكەنىدى.
كارىز ھەققىدە كۆپرەك ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان ۋە بۇ ھەقتە ماقالىلەر ئېلان قىلىپ كەلگەن ياپونىيىلىك داۋچى چاڭ 1950– 1960– يىللاردىكى كارىزغا دائىر ماقلىلىرىدە كارىز پەرغانىدىن تارقالغان دېگەن كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ كۆش قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىشتىكى ئاساسى — قوقان شىنجاڭغا يېقىن، قاتناش، سودا ئىشلىرى قولايلىق، بېرىش – كېلىش كۆپ، مۇناسىۋەت قويۇق بولغاچقا كارىز پەرغانىدىن شىنجاڭغا تارقالغان، دېگەن نۇقتىئىنەزەردۇر.
1981– يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا لېكسىيە ئوقۇغان ياپونىيىلىك شاۋچۇيۈن كارىز مەسىلىسىدە توختىتىلىپ، كارىز ئىچكى ئۆلكىلەردىن تارقالغان ئەمەس، بەلكى ئىراندىن تارقالغان دېگەن كۆز قاراشنى قويۇپ ئۆتكەنىدى.
يەنە بىر قىسىم چەت ئەللىك ئالىملار كارىز دېگەن ئىسىمنىڭ پارىس تىلى ئىكەنلىكىگە ئاساسلىنىپ، شىنجاڭدىكى كارىزلار پارىستىن كەلگەن دەپ قارىشىدۇ.
يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەر خىل چۈشەندۈرۈشلەر بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشقان كارىز مەسىلىسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى يىغىنچاقلىغاندا، ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ:
1) كارىزنىڭ كېلىش مەنبەيىنى (تارقىلىشىنى) ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ قەدىمكى ئېرىق – ئۆستەڭلىرىگە باشلىنىشلىقى بار، دەپ قاراش.
2) شىنجاڭ بىلەن پەرغانىنىڭ يېقىنلىقىدىن تارىختا بۇ ئىككى رايوندا خەلقلەرنىڭ قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكىگە ئاساسلىنىپ، كارىز شىنجاڭغا پەرغانىدىن تارقالغان دەپ قاراش.
3) «كارىز» دېگەن ئىسىمنىڭ پارىس تىلى ئىكەنلىكىگە ئاساسلىنىپ كارىزنى پارىستىن ياكى ئىران تەرەپتىن تارقالغان، دەپ قاراش. بۇ كۆز قاراشتىكىلەر كارىزنىڭ پارىس ياكى ئىران تەرەپتىن تارقالغانلىقىنى غەرب بىلەن شەرقنى تارىخىي دەۋرلەردىن باغلاپ كەلگەن «يىپەك يولى»غىمۇ ھەم باغلىشىدۇ.
يۇقىرىقى كۆز قاراشلارنى ئۆزىمىزنىڭ دەلىل – ئىسپاتى بىلەن، مۇھاكىمە – مۇلاھىزىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە ۋە شۇ ئاساستا ئۆزىمىزنىڭ ھۆكمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، شۇ ئارقىلىق بۇ تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان مەسىلىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ يورۇتۇپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
تۇرپان رايونىدا بولسا مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىرلەر ئىلگىرىلا تەبىئەت ھادىسىلىرى تۈپەيلىدىن بارا – بارا قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىش باشلانغاندا، ئەجدادلىرىمىز تەبىئەت تەكشۈرۈۋاتقان دەھشەتلىك قۇرغاقچىلىققا قارشى كۈرەش داۋامىدا ئەقىل – ئىدراك، پەم – پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ بۇنىڭدىن خېلى نۇرغۇن يىللار بۇرۇن كارىزنى قازغانىدى. شۇڭلاشقا، ئۆزگىچە يەر قىياپىتىگە، ئىقلىمغا ئىگە بولغان رايونلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆزگىچىلىكلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قاراشقا بولمايدۇ.
كارىز خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىچكىلىرى ئۆلكىلەردە پەيدا بولۇپ كېيىنچە باشقا جايلارغا تارقالغان، دېگۈچىلەرنىڭ يەنە مۇنداق ئاساسىمۇ بار:
بۇ كۆز قاراشتىكىلەر كارىز قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان بەزى سايمانلارنىڭ ئىسىم – ئاتالغۇلىرى، كارىز قۇرۇلمىسىدىكى بەزى ئاتالغۇلار قاتارلىقلارنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىغا ئاساسلىنىپ يۇقىرىقى كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەسىلەن: تۇپا قېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب خوتۇ — (蹶头) — (تېۋەر)، جا — (架) — (قۇدۇق تېمىنىڭ گۆمۈرۈلۈپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن قويۇلغان تاختاي تىيەك)، ئۇزۇنلۇق ئۆلچەشتە قوللىنىلغان سان بىرلىكى — خو — (活) — (بىر خو تەخمىنەن 6 مېتىرغا تەڭ)، يەر ئاستى ئىشىنى «شۈيخۇ» — (水活)، يەر ئۈستى ئىشىنى (يەنى قۇدۇق ئۈستى ئىشىنى) «خەنخو» — (旱活) دەپ ئاتاشلارغا ئاساسلىنىپ، كارىزنى خەنزۇلار دەسلەپتە ئىجاد قىلغان، دەپ قارىشىدۇ. دەرۋەقە، ھازىرمۇ تۇرپان قاتارلىق شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا كارىز ئاتالغۇلىرى يەنە شۇ تەقلىدتە ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆمۈر قۇدۇقلىرىنىڭ قاتلاملىرى ۋە كۆمۈر چېپىشتىكى ئەمگەك پائالىيىتىدە ئادەتتە قوللىنىلىدىغان بەزى ئاتالغۇ ۋە گەپ سۆزلەرمۇ خەنزۇچە ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ، رىئاللىقتىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان پاكىتتۇر.
تۇرپان رايونىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان يەر قىياپىتى، ئىقلىم شارائىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى ھېسابقا ئېلىپ، كارىزنى تۇرپان رايونىدىكى مېھنەتكەش ئاددىي خەلقنىڭ تارىخىي جەريانىدا ئۆز رايونىنىڭ يەر تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئىجاد قىلغان دېيىشكە بولىدۇ.
كارىز ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ تارىختا ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتىنىڭ بىر ئۇلۇش نامايەندىسىدۇر.
كارىز ھەققىدىكى تۇنجى بايان ئاخىرلاشتى، كارىز — ئەجدادلىرىمىز ئەقىل – پاراسىتىنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان كۈرەشلىرىدىكى جەۋھىرى نامەيەندىلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ ھەقتە يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. كارىز دۇنيادا خېلى كۆپ رايونلاردا ئومۇملاشقان. كارىزنىڭ دەسلەپكى پەيدا بولۇش مەنبەيىنى تېپىش — زور بىر تەتقىقات يېمىسىدۇر. بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك، دەلىل – ئىسپاتلىق ئىلمىي ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگۈسى.
ئازادلىقتىن كېيىن، پىچان ناھىيىسىنىڭ ياڭخې رايونى ئەتراپىدا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغاندا توسما (تۇغان) ئاستىدىن يەر ئاستىغا بىر – بىرىدىن چوڭقۇر كۆمۈلۈپ قالغان بىر نەچچە قەدىمكى كارىز تېپىلغان. مېنىڭ بۇ يەردە ئىلگىرى سۈرگەن كۆز قارىشىمنىڭ توغرا ياكى ناتوغرىلىقى مانا شۇ كارىزلاردىن بىرەر پارچە ياغاچ پارچىسى ياكى باشقا جىسىملارنىڭ زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئېنىقلاپ چىقىلىشى ئارقىسىدا ئىسپاتلانغۇسى.
كارىز ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان يۇقىرىقى كۆز قاراشلىرىمدا سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئىزدىنىشىمنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن، نۇقسانلارنىڭ كۆرۈلۈشى تەبىئىي ھالدۇر. ئۇستازلارنىڭ، يولداشلارنىڭ بۇ ھەقتى تەنقىدىي پىكىر – تۈزىتىشلەرنى بېرىشىنى سەمىيمىلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن.
.
پايدىلانغان كىتابلار:
1. «شىنجاڭ جۇغراپىيىسى» ئۇيغۇرچە، 1982– يىل، 1– سان.
2. ھەلىمە ئابدۇرىشىت : «يەر ئاستى سۇلىرى ھەققىدە ئاساسى بىلىم ۋە شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى سۇلىرى»، «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتى شىنجاڭ ئۇيغۇر، قازاق شۆبىسى» 1983– يىل، نەشرى.
3. ئىبراھىم مۇتىئى: «يىپەك يولىدىكى قەدىمكى خەلقلەر ۋە يىللار»، «شىنجاڭ تارىخشۇناسلىقى» 1981– يىل، 1– سان.
4. ئابدۇقادىر يۇنۇس: «كارىز ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى، ئىجتىمائىي پەن قىسمى» 1983– يىل، 3– سان.
5. ۋاڭ خېتىڭ: «شىنجاڭ كارىزى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» خەنزۇچە، 1983– يىل، 2– سان.
6. «تۈرك ئومۇمى تارىخى» تۈركچە، ئىستانبۇل، 1983– يىل نەشرى، 1– توم.
7. تۇرغۇن ئالماس: «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇلاھىزە»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى، ئىجتىمائىي پەن قىسمى» 1982– يىل، 2– سان.
8. سىماچىيەن. بەن گۇ: «تارىخنامە، پەرغانە تەزكىرىسى»، «خەننامە، ۋېي چىڭ، خۇچۇيبىڭ تەزكىرىسى»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي تەتقىقات گۇرۇپپىسى» تەرجىمە قىلغان «پىكىر ئېلىش نۇسخىسى» 1983– يىل يانۋار.
9. «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» 1– توم، خەنزۇچە 1980– يىل «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» نەشرى.
10. ۋاڭ بىڭخۇا: «شىنجاڭنىڭ قەدىمكى دېھقانچىلىقى»، «شىنجاڭ گېزىتى» 1982– يىل 7– ئاينىڭ 31– كۈنى، 5– بەت.
11. م. گوركى: «ئەدەبىيات ھەققىدە» ئۇيغۇرچە، 1– توم.
12. ك. ماركس — «سىياسىي ئىقتىساد تەنقىدىگە رەددىيە» 1958– يىل نەشرى.
13. «ماركس. ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» 1– توم، خەنزۇچە نەشرى.
14. «خەن سۇلالىسى تارىخى، غەربىي رايون تەزكىرىسى 2– قىسمى» 96– جىلد.
15. چيەن بۇچۈەن: «لۈنتەي (轮台)نىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە ئۈرۈمچى دېگەن نامنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ئۇيغۇرچە، 1982– يىل 2– سان.
16. چېن گې: «شىنجاڭنىڭ رەڭلىك ساپاللىرى توغرىسىدا قىسقىچە بايان»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ئۇيغۇرچە، 1982– يىل 3– سان.
17. «قىسقىچە دۇنيا يارىخى» ئۇيغۇرچە، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982– يىل نەشرى.
18. ئېنگېلس: «مايمۇننىڭ ئادەمگە ئايلىنىش جەريانىدا ئەمگەكنىڭ رولى» ئۇيغۇرچە، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1973– يىل نەشرى.
19. گىڭ شىمىڭ، تۇرسۇن ئايۇپ: «ئوغۇزنامە» مىللەتلەر نەشرىياتى، 1980– يىل.
================================
مەنبە: «ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، ئىسمائىل تۆمۈرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى |
|