ئىگىسى: umidwar

كارىز ھەققىدە ئەلكۈيى ئېكرانى سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
9387
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
871
تىزىملاتقان
2011-2-13
ئاخىرقى قېتىم
2014-3-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 00:58:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ئەلكۈيى تور بېكىتى " شۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ . تېمىنى يوللىغۇچىغا شۇنداقلا " كارىز" تۆھپىكارلىرىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر !

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
235
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
7516
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2014-2-23
توردا
115 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-27 14:38:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارىز توغرىلىق سۆزلىسەك گەپ بەك ئۇزۇن.  مەنمۇ شۇ كارىز سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان،  ھازىرمۇ شۇ كارىز سۈيىنىڭ تەمىنى ھەرۋاقىت سېغىنىمەن.  بۇ قېتىم بېرىپ، بىرىنچى بولۇپ يۈگۈرۈپ بارغىنىم  تۇربا سۈيى ئەمەس،ئاشۇ كارىز ئىدى، لېكىن كۆرگىنىم بىر ساپلىق سۇمۇ ئالغىلى بولمايدىغان ئاشۇ كارىز سۈيى بولدى. شۇ ھامان كۆزۈمگە بالىلىق ۋاقىتلىرىم كۆرۈندى، بەزى بۇيى پاكارراق بالىلار سۇغا چۆكۈپ كېتەتتى.ھازىرچۇ؟ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن.
  كۆپچىلىك، كارىز توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولساڭلار ياكى  كارىزنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇشنى خالىساڭلار مۇنۇ تور بەتنى كۆرۈپ باقارسىلەر. www.mykariz.com
ئائىلەم مېنىڭ بارلىقىم.

كۆيۈمچان ئەزا

دوستۇڭ دوستۇمدۇ

UID
2418
يازما
285
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
9649
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 00:40:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بالىلىق چاغلار مۇجەسسەملەنگەن كارىز بويلىرى،كەينىگە يانماس ھايات ......

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
1000
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42729
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-8
توردا
426 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 19:58:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارىز ھەققىدە چۈشەنچەم جىق ئەمەسكەن. كارىز سۈيىنى ئىچىپ باققۇم بار.
< كارىز بېشىدىن كەلسەم، جۈجەملەر پىشىپ قاپتۇ...> دەپ خەلق ناخشىسى بارغۇ تۇرپاننىڭ، ئاھاڭى بەك چىرايلىق.
ھاززىر قېپقالغان كارىزلارنىڭ ئامان-ئېسەن بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قوشۇمچە: رىياسەتچى قىز بەك ھودۇقۇپ كېتىپتۇ.
ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
13506
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
190
تىزىملاتقان
2011-7-25
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-30 22:38:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 13قەۋەتتىكىمۇبارەك يوللىغان 2011-07-29 19:58 غا قارتىلغان :
كارىز ھەققىدە چۈشەنچەم جىق ئەمەسكەن. كارىز سۈيىنى ئىچىپ باققۇم بار.
< كارىز بېشىدىن كەلسەم، جۈجەملەر پىشىپ قاپتۇ...> دەپ خەلق ناخشىسى بارغۇ تۇرپاننىڭ، ئاھاڭى بەك چىرايلىق.
ھاززىر قېپقالغان كارىزلارنىڭ ئامان-ئېسەن بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قوشۇمچە: رىياسەتچى قىز بەك ھودۇقۇپ كېتىپتۇ.

مۇشۇ مۇبارەك خانقىزنىڭ ئىنكاس يىزىشىغا ھەيران قالىمەن مەن،بىر قارىسا خىيالىغىنا..بىر قارىسا شۇنداق ئەستايىدىل..كېلىڭە ئەمسە تۇرپانغا جىمى كارىزلار قۇرۇپ كەتمەستە قوقوچىڭىزغا(ئىككى ئالقاننى جۈپلەپ ،دۇئا قىلغان چاغدىكىدەك شەكىل چىقىرىپ سۇنى شۇ جۈپلەنگەن ئالقانغا ئېلىپ ئىچكەننى قوقوچلاپ ئىچتى دەيمىز ھە)تولدۇرۇپ تولدۇرۇپ قانغۇچە ئىچىۋېلىڭ!بىر چوڭ ئانام بار ئېدى بالا ۋاقتىمدا دائىم: بالام،سۇنىڭ ئۇستىدىن سۈزۈكىنى،ئاستىدىن مۇزدىكى ئېلىپ كىرىڭ،دەپ تۇرىۋالىدىغان!سىزمۇ شۇنداق يېرىنى ئېلىپ ئىچىڭ!

UID
1147
يازما
87
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
657
تىزىملاتقان
2008-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-17
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 13:29:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ پاراسەت بىلەن تۇرپاندا ئىجاد قىلىپ چىققان ھەيۋەتلىك قەدىمىي كارىز سۇ ئىنشىئاتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ناھايىتى بۇرۇنقى زاماندىلا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ كارىز مىسىرلىقلارنىڭ پىرامىداسىدىن قېلىشمايدۇ ، قايىل قىلارلىق كۈچىگە ئىگە سۇ ئىنشىئاتىدۇر !
..........
ھەقىقى باھا ....
كارىز ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى غوپۇر نۇردۇن ئاكىنىڭ ئىشلىگەن ئەمگەكلىرىمۇ كۆپ.

UID
12376
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
402
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 00:26:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كازىر تىلغا ئىلىنسا مىنىڭمۇ تۇرپانغا بىرىپ كارىز سۇلىرىنى قىنىپ قىنىپ ئىچىۋالغىم كىلىدۇ ، ئەپسۇس بۇ پەقەت بىرلا خىيال ، كارىز ئەجدادلار بىزگە قالدۇرغان بىزدىن بىر ھاياتلىق مەنبەسى  .شۇڭا ئۇنى قوغداش بىزنىڭ بىردىنبىر مەسئۇلىيتىمىز ، كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم ،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ !

كۆيۈمچان ئەزا

دوستۇڭ دوستۇمدۇ

UID
2418
يازما
285
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
9649
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-1 00:34:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 14قەۋەتتىكىslayer يوللىغان 2011-07-30 22:38 غا قارتىلغان  :

مۇشۇ مۇبارەك خانقىزنىڭ ئىنكاس يىزىشىغا ھەيران قالىمەن مەن،بىر قارىسا خىيالىغىنا..بىر قارىسا شۇنداق ئەستايىدىل..كېلىڭە ئەمسە تۇرپانغا جىمى كارىزلار قۇرۇپ كەتمەستە قوقوچىڭىزغا(ئىككى ئالقاننى جۈپلەپ ،دۇئا قىلغان چاغدىكىدەك شەكىل چىقىرىپ سۇنى شۇ جۈپلەنگەن ئالقانغا ئېلىپ ئىچكەننى قوقوچلاپ ئىچتى دەيمىز ھە)تولدۇرۇپ تولدۇرۇپ قانغۇچە ئىچىۋېلىڭ!بىر چوڭ ئانام بار ئېدى بالا ۋاقتىمدا دائىم: بالام،سۇنىڭ ئۇستىدىن سۈزۈكىنى،ئاستىدىن مۇزدىكى ئېلىپ كىرىڭ،دەپ تۇرىۋالىدىغان!سىزمۇ شۇنداق يېرىنى ئېلىپ ئىچىڭ!

مۇشۇ تور دۇنياسىدىمۇ   ئاجايىپ تۇنۇش گەپلەرنى ئاڭلايدىكەن كىشى .  بۇلۇپمۇ  كارىز سۈيىنىڭ "ئۈستىدىن سۈزۈكىنى ،ئاستىدىن مۈزدىكىنى "  ئىچىپ باققان باللارمۇ باركەن بۇ مۇنبەردە .

تىرىشچان ئەزا

man kuyaxka kulup bakiman

UID
4471
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
406
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-27
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 01:07:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا ئىشىگىمىزنىڭ ئالدىدىن كارىز سۈيى شىلدىرلاپ ئاقاتتى، تۇرپاننىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرى سەھەر تۇرۇپ ئەڭ ئاۋال مۇزدەك كارىز سۈيىدىن ئككى ئالقاننى جۈپلەپ جاۋغايدىن ئېقىزىپ تۇرۇپ ئىچەتتۇق، چۈنكى چوڭلار شۇنداق ئۈگەتكەن، سەھەر تۇرۇپ ئىچكەن مۇزدەك كارىز سۈيى <يۈرەكنى ياشارتىدۇ>،<يۈرەككە داۋا>دەيتتى...
    بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا سەي-كۆكتات قاچا-قۇچىلارنى شۇ مەھەلىمىزنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا ئاقىدىغان، ئىچىدە قارمتۇل كىچىك بېلىقلار پىلتىڭلاپ ئۈزۈپ ئويناپ تۇرىدىغان سۇپسۈزۈك سۇغا چىلاپ چۆكۈرۈپ-چۆكۈرۈپ يۇياتتۇق، ئەتراپىمىزدىكى ھەممە خوشنىلار ئاشۇنداق قىلاتتى، خوشنىلار ئارا كىمنىڭ ئۆيىدە لەگمەن، كىمنىڭ ئۆيىدە پولو، بەڭشە...دىگەندەك تاماقلار ئېتىلدىغىنىنى تەبىئىيلا بىلىشىپ كېتەتتۇق...
    بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا شۇ كارىز سۈيى يىغىلغان كۆلدە سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينايتتۇق، كۆل ئەتراپىدىكى قىرچىن تال، جۈجەم دەرەخلىرى ئۈستىدىن كۆلگە بالىلارغا خاس شوخلۇق بىلەن سەكرەپ ئوينايتتۇق، چۈنكى بىزدىن چوڭ ئاكا-ئاچىلىرىمىز شۇنداق ئوينايتتىكەندۇق بىزمۇ شۇنداق ئوينىغان، مىڭلار ئەپسۇس بالىلىرىمىز ئوينالمايدۇ...
   بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا....
     ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتتى ھەر مۆرتى شۇ مەھەلەمگە بارسام شۇ گۈزەل بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلەيمەن، كارىز سۈيى ھازىر ئاساسى جەھەتتىن قۇرۇپ قالدى، پەقەت يوقنىڭ ئورنىدا ئاقىدۇ، بىر تەخسىنىمۇ چۆكتىرەلمەيدۇ،  كۆل ئەتراپىدىكى ھېلىقى قىرچىن تاللارنىڭ،جۈجەم دەرەخلىرىنىڭ يۇپۇرماقلىرى قۇرۇشۇپ شۈمشىيىپ قالغان بولۇپ سىزدىن نىمىنىدۇر تەلەپ قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ...

UID
13714
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-8-3
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-3 18:40:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇ _ىاياتلىقنىنڭ جان تۇمۇرى.سۇ بۇلمايدىكەن،بۇ ىاياتلىقمۇ بۇلمايدۇ.كارىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل پاراسەت جەۋھىرى،كاتتا مۆجىزە.ىاياتلىقنى سۇيىدىغان ،ئەمگەكچان ئۇيغۇر ئوغۇل قىزلىرى تارىختىن بۇيان كارىزنى قوغداپ ،مىھنەتسىز تەر تۇكۇپ  كارىزنى ئەۋلاددىن ئەۋلادقا ئۇلاپ كەلدى.  بۇگۈنكى كۈندە كارىز  مىللىتىمىزنىنڭ تارىختىن يوقىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان مەدەنىي مىراسىغا ئايلىنىپ قالدى.ھازىر  كارىزنى قۇغداش ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىىڭ چوقۇم ئادا قىلىشقا تىگىشلىك  بۇرچى بۇلۇپ قالدى.قېرىندىشىمىز yarkn دىگەندەك ھەممىمىز كارىزنى قۇغداپ قېلىش ئۇچۇن خالىس كۈچ چىقارساق ھەم سۇ .ئىشلىرى ساھەسىدىكى قېرنداشلىرىمىزمۇ كارىزنى قۇغداپ قېلىش ئۈچۇن تىگشلىك تۇھپىسىنى قۇشسا ،كارىزنى قۇغداپ قالغىلى بۇلاتتى. كارىزنى قۇغداپ قېلىش ئۇچۇن پۇلى بارلا پۇل چىقارساق ،يۇلى بارلا ھۇكۇمەتنىڭ مەبلغنى قۇلغا كەلتۈرسەك كارىزنى قۇغداپ قېلىشتا ئۇمىد بار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش