ئەسسالامۇئەلەيكوم،قەدىرلىك تورداشلار،ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق تۇتاشقان مىھىر - مۇھاببىتىمىزنىڭ خاسىيىتىدىن سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمىز ۋە تېنىڭلارغا سالامەتلىك ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق - ئامەت تېلەيمىز!
ئەلنىڭ يولىدا تاشلىدۇق قەدەم..دېگەن مەقسەت مۇددىئايىمىز ۋە خىزمەت نىشانىمىز بويىچە تىرىشىپ ئىشلەپ،سىلەرگە ئارزۇيىڭلاردېكىدەك دۇردانىلەرنى سۇنۇش تورىمىزنىڭ مەڭگۈ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ئەلۋەتتە.
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن بىرلىشىپ <<ئۇيغۇر كارىزلىرى ھەققىدە>>بىر قېتىملىق سۆھبەت پروگراممىسى ئىشلەپ كەلدى.تورىمىز يولغا قويغان <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>پروگراممىسىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەت ئەھۋالى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ <<كۆڭۈلدىكى سۆز>> سۆھبەت پروگراممىسى سۈرەتكە ئېلىش زالىدا سۈرەتكە ئېلىندى ھەمدە شۇ كۈنى بۇ زىيارەتكە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت ئەھۋالى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىنمۇ سۈرەتكە ئېلىنىپ <<كارىزنى قوغداش،كارىزغا كۆڭۈل بۆلۈش>> شۇنداقلا <<كارىز ئۈچۈن كۈچ چىقارغان تۆھپىكارلارنى تونۇشتۇرۇش...>>مەقسەت قىلىنغان بۇ پروگرامما بىرلا ۋاقىتتا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ، ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق كەڭ جەمىئىيەتكە ئېلان قىلىنىپ خەلقىمىزنىڭ بۇ ماددىي مىراسىنى قوغداپ قېلىشقا،ياردەمدە بولۇشقا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلىش قارار قىلىنغان ئىدى.تۆۋەندە بىز بۇ ھەقتە ئىشلىگەن <<كارىزغا بولغان مىھىر مۇھاببەت >> نامىدىكى ئەلكۈيى ئېكرانى سۆھبەت پروگراممىسىنى ھۇزۇرىڭلارغا سۇنماقچىمىز.


ئەلكۈيى تورىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى كارىز كولىغۇچى دېھقانلار بىلەن بىرگە
بۇ قېتىملىق <<ئەلكۈيى ئېكرانى>>زىيارىتىگە تەكلىپ قىلىنغان ئىككى مىھمان بولسا تۇرپان شەھىرى يار يېزىسىدىكى 10 يىل كارىز ئېچىش،كارىز كولاش خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان دېھقان توختىھاجى ياقۇپ ۋە پىچان ناھىيە چىقتىم بازىرىدىن 7يىلغا يېقىن كارىز ئېچىش ،كارىزنى قوغداش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان دېھقان سىيىت سىدىق بولۇپ،ئىدىقۇت باغرىدىن كەلگەن بۇ ئىككى كارىز قوغداش ، ئېچىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىككى تۆھپىكار زىيارەتكە تەكلىپ قىلىغاندىن كىيىن ئۆز - ئارا تونۇشتى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كارىز ئىشلەش خىزمىتى توغرىلىق كەڭ تورداشلارغا كۆڭۈل سۆزلىرىنى بايان ئەتتى.تاپان تەرگىنىنى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ بىباھا گۆھىرى بولغان كارىزنى قوغداشقا،ئېچىشقا سەرپ قىلغان دېھقان توختىھاجى ياقۇپ 10 يىلغا يېقىن تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق 3كلومىتېر ئوزۇنلۇقتىكى كارىزنى كولاش،چوڭقۇر يەر ئاستىغا كىرىپ جاننى ئالقانغا ئېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن بولسا،ئۆزىنىڭ بارلىق مال بىساتىنى يۇقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان كارىزلارنى قوغداش،ئەتراپتىكى ئائىلىلىكەرگە سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بىرىشنى مۇھىم ۋەزىپىسى قىلغان دېھقان سىيىت سىدىق 7يىللىق كارىز كولاش خىزمىتى جەريانىدا 10كلومىتىردىن ئوزۇن بولغان كارىز قودۇقلىرىنى پىچان ناھىيەسى چىقتىم بازىرىدا بارلىققا كەلتۈرگەن،بۇ ئىككى تۆھپىكارنىڭ خەلقىمىزنىڭ مەشھۇر مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداش،ئۇنىڭغا بولغان مىھىر - مۇھاببىتىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن كۆرسىتىشتەك پىداكار روھى ھەممەيلەننى قايىل قىلىدۇ ۋە ئىختىيارسىز ئۇلارغا رەھمەت تېلەكلىرىنى تىلەتكۈزىدۇ.
زىيارەت جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيە 

قىسقىغىنا سۆھبەت پروگراممىمىز ئارقىلىق گەرچە كۆپ ئىشلارنى قىلالمىغان بولساقمۇ،ئەمما خەلقىمىزنىڭ يۇقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بۇ قەدىمىي مەدەنىي مىراسىمىزنى قوغداشقا ،ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشكە،كارىزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش،زامانىۋى تېخنىكا بىلەن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىشقا ئۈندەشكە ئىنتىلدۈرەلىسەك خىزمىتىمىزنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئۈنىمىنى كۆرىمىز،ئەلۋەتتە.گەرچە ھازىر سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىغا ئەگىشىپ ،كارىزغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش ئازلاپ قالغان بولسىمۇ،ئەمما كارىز ئىدىقۇت باغرىدا يەنىلا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە .ئاتا - بۇۋىلىرىمىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك<<سېرىقتال چاغدا ئەر ساغىردۇ، كارىز ئۆلگەن چاغدا ئەل ساغىردۇ،كارىز خار بولسا ئەر خار بولۇر، ئەر خار بولسا زامان تار بولۇر. كارىزدا سۇ يوق، بەختىخاننىڭ بەختى يوق…>>دېگەنگە ئوخشاش ماقال -تەمسىللەر بىزگە كارىزنىڭ ئۇيغۇرنىڭ مىللىي مەدەنىيتىدىكى ئورنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ. ئەجداتلىرىمىز كارىزنىڭ قەدرى ۋە سۇنىڭ قەدرىنى تونۇپ يېتىپ بۇ ماقال – تەمسىللەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.
خۇددى روسىيە ئالىمى گرۇم گرژىمايلۇف : « ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ پاراسەت بىلەن تۇرپاندا ئىجاد قىلىپ چىققان ھەيۋەتلىك قەدىمىي كارىز سۇ ئىنشىئاتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ناھايىتى بۇرۇنقى زاماندىلا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ كارىز مىسىرلىقلارنىڭ پىرامىداسىدىن قېلىشمايدۇ ، قايىل قىلارلىق كۈچىگە ئىگە سۇ ئىنشىئاتىدۇر ! »دەپ ئېيتقاندەك ئىدىقۇت،قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىندىكىنى كارىز بىلەن چىڭ باغلانغان دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز.خەلقىمىزنىڭ سۇنى ئولۇغلاش،سۇنى قەدىرلەش پىسخىكىسى كارىزغا بولغان مىھىر مۇھاببەت ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىپ كەلمەكتە.
كارىز ھەققىدە قانچىلىغان ئىلمىي ماقالىلەر،ئوخشىمىغان تەتقىقاتلار بولۇپ ئۆتۈلدى،بىراق بۇنىڭلىق بىلەن كارىزغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش،ئۇنى قوغداش،تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۈرۈش توختاپ قالسا بولمايدۇ،بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن توختىھاجى ياقۇپ ۋە سىيىت سىدىققا ئوخشاش تېنىمسىز تىرىشىپ ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچىنى ئەجداتلارنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتقان بارلىق پىدائىيلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ھەمدە باسقان قەدىمىڭلارنىڭ تېخىمۇ نۇرانە مەنزىللەرگە ئۇلىشىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى |