- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 43
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1374
- تىزىملاتقان
- 2010-7-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-18
- UID
- 3384
- يازما
- 43
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1374
- تىزىملاتقان
- 2010-7-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-18
- توردا
- 2 سائەت
|
ياشاپ كېتىڭ سىڭلىم! سىزنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان ئاتا-ئانىڭىزغا چەكسىز ھۆرمەتلەر بولسۇن. نەچچە كۈن ئىلگىرى( نەتىجە چىققان كۈنى) چ چ توپىغا بىرسى سىزنىڭ يەككە پەنلەردىكى نەتىجىڭىز ۋە ئومۇمىي نەتىجىڭىزنى كېسىپ يوللاپتىكەن، ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇرغا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى ۋە ئومۇمىي نەتىجىڭىزنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولغانتىم ھەم ھاياجاندىن نومۇرىڭىزنى ياتاقتىكى يولداشلارغا كۆرسەتسەم ئۇلارمۇ بەكلا ھەيران قېلىشقانىدى...ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىڭىزغا لايىق پەخىرلىك قىز ئىكەنسىز،ئالىي مەكتەپكە ئېلىنغان تۇنجى قەدەمنى ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق باستىڭىز،ئىشىنىمەن،ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزنى چوقۇم تېخىمۇ مول مەزمۇنلار بىلەن تولدۇرۇپ،تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز....سىزنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىنى تاللىغىنىڭىزنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، ھەم ماڭا زور بىر ئىلھام ئېلىپ كەلدىڭىز ،چۈنكى مېنىڭمۇ كەسپىم داۋالاش، بەزىدە دەرسلەرنىڭ قىيىنلىقىدىن باش كۆتۈرەلمەي،نىمىشقىمۇ بۇ كەسىپنى تاللىغان بولغىيتىم، مۇشۇ تىرىشچانلىق بىلەن باشقا كەسىپتە ئوقۇغان بولسام تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ياراتماسمىدىم دەپ قاقشاپ قوياتتىم...لېكىن ھەر قېتىم دوختۇرخانىغا پراكتىكىغا بارغاندا، كىسەللەرنىڭ دوختۇرلارغا ئىلتىجالىق نەزىرى بىلەن بېقىۋاتقان نۇرسىز كۆزلىرىدىكى ئاخىرقى ئۇچقۇنلارنى كۆرگىنىمدە يەنە ئىرادەم چىڭىپ،كەلگۈسىدە چوقۇم ياراملىق دوختۇر بولىمەن، بىمارلارنى ئاغرىق ئازابىدىن خالاس قىلىدىغان ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئاق خالاتلىق پەرىشتە بولىمەن دەپ قايتىدىن غەيرەتكە كېلەتتىم، سىزنىڭ ھەم بۇ جاپالىق ھەم شەرەپلىك كەسىپنى تاللىغىنىڭىزنى ئاڭلاپ ئىنتايىن سۆيۈندۈم سىڭلىم،ئىشەنچ ۋە غەيرەت بىلەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزنى باشلاڭ ،جاپالىق سىناقلار سىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ،لېكىن ھەر قانچە جاپالىق بولسىمۇ سىز چوقۇم يېڭەلەيسىز، چۈنكى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى سىز دىن پەخىرلىنىپ،سىزنىڭ كېيىنكى قەدەملىرىڭىزگە ياخشى تىلەكلىرى بىلەن مەدەت بەرمەكتە.ئەلنىڭ دۇئاسى ئادەمنى كۆكلىتىدۇ...سىز شۇنداق كۆكلەپ،خەلقىمىزگە ئەڭ ئېسىل مېۋىلىرىڭىزنى تەقدىم قىلىش ئۈچۈن ئالغا قاراپ،دادىل قەدەملىرىڭىز بىلەن ئىلگىرلەڭ!
بېيجىڭنى يازماي شاڭخەيدىكى مەكتەپنى يازغان بولسىڭىز مەكتەپداش بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئىكەن [s:2] شۇنداقتىمۇ كەلگۈسىدىكى كەسىپداش سىڭلىمدىن ئالەمچە پەخىرلەندىم. |
|