- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 9
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 100
- تىزىملاتقان
- 2011-4-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-7-22
- UID
- 10779
- يازما
- 9
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 100
- تىزىملاتقان
- 2011-4-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-7-22
- توردا
- 0 سائەت
|
پەخرىيەنىڭ 150نومۇرنى قولغا كەلتۈرىشى بىزگە ماتىماتىكىدا 25 -30 دەپ نومۇر چېكى بەلگىلەپ بەرمىسىمۇ،بىزنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئۇنداق نومۇر چەكلىمىسىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۈتەلەيدىغانلىقىمىزنى،ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئەسلى قانداق ئېكەنلىكىنى بىر قېتىم كۈچلۈپ ئىسپاتلاپ بەردى.مېنىڭچە بۇنىڭدىن كىيىن پەخرىيە ئەمدى ئىمتىھان بىرىدىغانلارغا،بەرمەكچى بولغانلارغا شۇنداقلا جەمىئەتتىكى باشقا ئاتا-ئانىلارغا پەخىرلىنىش،ئۇنىڭدىن ئۈگىنىش،نىمىنىڭ تىرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇپ قويىدۇغۇ دەيمەن.
ئەلكۈيى تورىنىڭ پەخرىيەگە سوۋغا قىلغان بادام دوپپىسى خۇيمۇ چىرايلىق يارىشىپتۇ.ئىككى دوپپا كىيگەن زىيارەتچى ۋە زىيابرەت ئوبىكتى كۆزلىرىمگە چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ لاتاپىتىنى بىر قېتىم نامايەندە قىلدى.
پەخرىيەنىڭ زىيارەت جەريانىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئۇنىڭ تىل قابىلىيتىنىڭ ناھايتى ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەسكەن،ئۇنىڭ ئۈگىنىش ئۇسۇلى.غەلبىسى مېنىڭچە بىر قېتىملىق تەتقىق قىلىنىشقا ،مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇپ كەڭ ياشلارغا ئۈلگە قىلىشىغا مۇھتاج ئىكەن.باشتىن ئاخىرى ئۇ توغرىلىق خەۋەر ۋە مەزمۇنلارنى ، ئەلكۈيى ئېكرانى زىيارىتىنى كۆرۈپ ھىس قىلغىنىم شۇكى: پەخرىيەنىڭ مۇشۇنداق چوڭ غەلبىگە ئېرىشىشىگە ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى،ئەشرەپ مۇئەللىم،زىياخان مۇئەللىم قىزى ئۈچۈن نىمىنىڭ غەلبە،نىمىنىڭ ئۈگىنىش ئىكەنلىكىنى،بالىغا بېسىم ئەمەس،ئالدى بىلەن ئۆزىنى يىڭىشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق بىدۈرۈپتۇ،ئائىلىدىكى كۈنلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ.ياخشى تەربىيە ئاستىدا چوڭ بولغان پەخرىيە ئۆزىنىڭ ئەقىلنىڭ تەكەپپۇرىنىڭ قانات يېيىشى بىلەن مەن چۇقۇم غەلبە قىلىمەن دېگەن نىيەتتە ئۈگىنىپتۇ دەپ قارىدىم،دىمىسىمۇ ئۇ غەلبە قىلدى.ئۇلا ئەمەس ھەممەيلەن غەلبە قىلدۇق.پەخرىيەگە ئوخشاش پەخىرلىك ئوغلانلار،قىزلار ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈلۈك پەخرىدۇر. |
|