ئىگىسى: taxbalik

مىللەتنى قاچانغىچە سۆكۈمىز     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
13007
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2011-7-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 02:14:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شۇنداق ئويلايمەن بىزدە كەملەپ كەتكەن بىر-بىرىمىزگە بولغان قىرىنداشلىق مىھرىمىزنى ،بىر-بىرىمىزگە بولغان ھاكاۋۇرلۇقنىڭ ئورنىغا ئىلىشىمىز كىرەك .

UID
12865
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
615
تىزىملاتقان
2011-7-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 12:27:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 32قەۋەتتىكىlawrence يوللىغان 2011-07-04 15:30 غا قارتىلغان :


   شۇنداق  دۇنيادىكى  مىللەتلەرنىڭ  ئالدىدا بىز قاتتىق  نومۇس  قىلىشىمىز  كېرەك ، تارىختا يەھۇدى  بىلەن  ئۇيغۇرنى  بەلكىم  سېلىشتۇرغىلى  بولار ، لېكىن  ھازىر  ئەھۋال  ئۇنداق  ئەمەس ،  ئىنسانىيەت  ئۈچۈن  ئەڭ  مۇھىم  بولغان ئېتىقات  مەسىلىسىدە  بىز  ئۇيغۇرلارنىڭ  مۇتلەق  كۆپ  ئەزاسى يەھۇدىلارنىڭ  مۇتلەق  كۆپ  ئەزالىرىنىڭ  قولىغا  سۇمۇ  قويۇپ  بىرەلمەيمىز  ، ئاددى بىر  مىسال  كىلتۈرەي :
  
  يەھۇدىلارنىڭ تالانتى تۇغۇلۇپلا بار  بولغان  ئەمەس ،  لېكىن  ئۇلاردا شۇنداق  بىر  ئەنئەنە  بار  ئىكەنكى ، ھەرقانداق  بىر  يەھۇدى  ئائىلىسدە تۇغۇلغان  بوۋاق  3  ياشقا  كىرگەندىن  كېيىن بۇلار  دىنى  مۇراسىم  دىگەندەك  ئۇسۇللاردىن كېيىن  ، ئاتا- ئانىسىنىڭ  ھەيدەكچىلىگىدە دىنىي  مۇقەددەس  كىتاۋى " تەۋرات " نى  يادقا  ئالىدۇ ، بۇنداق بىر  چوڭ  ھەجىمدىكى  كىتاپنى يادلاش ھازىرقى  تەتقىقاتقا  ئاساسلانغاندا بالىنىڭ ئوڭ  مىڭىسىنىڭ  ئېچىلىپ  تەپەككۇر  ۋە تالانت  ئىشىگىنىڭ  ئېچىلىشى بىلەن  بىۋاستە  مۇناسىۋەتلىك ، خەنزۇلار  ئەڭ  بولمىغاندا ئۇلارنىڭمۇ  يادلايدىغان نەرسىسى  بار .
.......

توعرا دەيسىز،بىز ئىللەتلىرىمىزنى تۉزىتىش چارىسىنى تاپماي تۇرۇپ،سۆكىۋرىپ ئۆزىمىزنى دىيانەتلىك كۆرسەتسەك،ئۆز كاچىتىمىزشا ئۇرۇپ ئىششىتىپ،سءمىز كۆرسەتكەندەك .ىش بولمامدۇ؟

كەلگۈسىڭدىن ئۈمىتۋار بول، ئۆتمۈشۈڭدىن ئۆكۈنمەس بول

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
271
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8491
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-6 14:20:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
parangqi
تورداش ھىچكىم مىللەتنى ئومۇمى گەۋدە سۈپىتىدە سۆكۈپ باقمىدىغۇ؟ يېتەرسىزلىكلەرنى تىلغا ئالغانلار بار.تور ئەھلى،  كومپىيۇتېرنىڭ ئېكرانىنى ياشقا، جىنىسقا، سەۋىيىگە...قاراپ دەرىجىگە، رايۇنلارغا ئايرىغىلى بولمايدىكەن، كىم نىمە دىيىشنى خالىسا ئېكرانغا يېزىپ باقىدىكەن، جامائىتىمىزنىڭ ھەممە خىللىرى-تىپلىرى دىگۈدەك پاراڭ-سۆھبەتخانىمىزغا جەم بولىدىكەن.شۇڭا سەل ئاممىباپراق، ھەممەباپراق بولساق ھەم ئەدەپ ساقلاشقا دىققەت قىلساق. .موللا ھەممىنى بىلەر، چىقىپ كۆلگە سىيەر› دىگەندەك، ئارىمىزدا ‹زىيالى› دەپ قارىلىۋاتقانلار ئىچىدە باشقىلارغا سەت، يارىماس كۆرىنىۋاتقانلارمۇ خېلى بار.
سىز مۇشۇلارنى دىيىش ئارقىلىق نىمە مەخسىتكە يەتمەكچى بولغانلىقىڭىزنى مەن ئىنىق چۈشنەلمىدىم ، سىزنىڭچە ئەمەلى شاھىت بولغان ئىشلارنى يىىزىپ ئورتاق پىكىر قىلىشمۇ  كىمنىڭ نىمە دىگۈسى كەلسە ئىكرانغا دەپ باقىدىغان گەپكە كىرىمدۇ ئەمدى . سىز مۇشۇ ئەركىن مۇنبەردىمۇ باشقىلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ،بىر نەرسە يوللىشىغىمۇ چىگرا ئايرىپ يۈرەمدۇق ، ئالدىرمىسىڭىز شۇنداق كۈنلەرمۇ كەپ قالار ، جەمئىيەتە كىشلەرنىڭ ئىجتىمائى ئورنىغا قاراپ باھا بىردىغان ھەم باشلىقنى بىريانغا پۇقرانى بىريانغا ئايرىپ ھەممىسىگە چەكلەپ مۇئامىلە قىلغىنى يەتمىگگندەك سىزمۇ ئەمدى مۇنبەردىكى تىما ۋە مۇنازىرىگىمۇ  دەرىجە ئايرىپ ئولتۇرمىزما ، بىز مۇشۇنداق سورۇندىن ئاڭلىمىغان ئىشلارنى بىلمىگەن ئىشلارنى بىلىپ كىلۋاتمادۇق ، ھەممە ئادەم سىزدەك بىلىملىك زىيالى ياكى يازغۇچى ئەمەس ، شۇڭا سۆزلەرنى قوپالراق مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلۇق دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلالمايدىغانلارمۇ بار ، لىكىن سىز چۈشنىپ ئوقىسىڭىز بولدىغۇ . باشقىلارنىڭ ئەيپىنى ئىچىش سىىزگە شۇنچە ياخشىما . نىمە ئۇ موللا ھەممىنى بىلدۇ ، ئاندىن كۆلگە سىيدۇ دىگەن ، بۇ سۆز سىزنىڭ ئاغزغىڭىزدىلام قالغان ئوخشايدۇ ، مۇشۇ سۆزڭىزلام بىلىملىكلەرگە بىلىپ بىلمەي سانجىغان نەشتەر بولمامدۇ . سۆكمەيمىز دەيسىز مۇشۇ ماقال تەمسىلڭىز ، بىلىملىكلەرنىڭ ئەيبىنى ئاچقانلىق بولماي نىمە ئەمدى ، مۇشۇ بىلىملىكلەرنى سۆككەنلىك بولماي نىمە ؟ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلەر بولسا سەمىمىي نەقىل ئىلىش ئارقىلىق چۈشەنچە بىرىپ قايىل قىلسىڭىز بولدىغۇ . شەخسى ھىسياتىڭىزنى باشقىلارغا تاڭماي ...

UID
10177
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1615
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-7 14:33:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىشىمىزچە ئىلاھ-ئاللاھ لا كەمكۈتىسىز مۇكەممەلدۇر،بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
بىر مىللەتتە يا ئۇنداق ياكى بۇنداق تەرەپلەرنىڭ بولىدىغانلىقى چوقۇم. بىراق دۇنياغا نەزەر سالغىنىمىزدا مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات مەنزىلى پەرىقلىق، بەزىلىرى تەرەققىياتتا ئۇزاپ كەتكەن كەتكەن، بەزىلىرى ئۇلارغا يىتىشىۋېلىش ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىشكە تىرىشىۋاتقان...ئارقىدا قالغانلار مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈرلۈك <نىمە ئۈچۈن> لەرگە جاۋاپ ئىزدەۋاتقان.
بىزمۇ جاۋاپ ئىزدەۋاتقانلاردىن بولىمىز. كىشىلىرىمىز ئىچىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى ئەيىپلەش شۇ مەسىلىلەر بىزگە-ئۇيغۇرغا پايدىسىز دەپ قارالغانلىقتىن بولغان(بىكاردىنلا تىل ياغدۇرۇپ ئۇندىقەي-بۇندىقەي دەيدىغانغا بۇ يەردە بېشى قېيىپ قالغانلار بولمىسا كېرەك)
زىيالىلار-بىلىملىكلەر مىللەتنىڭ ئۇستازى(مۇئەللىملەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قاتلام)، ئۇلار <ۋەز-نەسىھەت> قىلىش بىلەنلا قالماي، ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن قېرىنداشلىرىغا ئۈلگە بولۇشى لازىم.
ئۇلار قىيىنچىلىقلار ئالدىدا چۈشكىنلىشىپ كەتمەسلىك، ئۈمىتسىزلەنمەسلىك جەھەتتە ئۈلگە بولۇشى، ھەققانىي-ئادىل بولۇشتا ئۈلگە بولۇشى، رەزىللىككە قارشى تۇرۇپ، ئالىيجاناپلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا ئۈلگە بولۇشى لازىم... مىللىتىمىزنىڭ قانداقلىقى ئاشۇ سەرخىللىرىمىزنىڭ قانداقلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك (بۇلارنىڭ بازىلىرى ئەمەلدارلىق ئورنىدا، بەزىلىرى ئادەتتىكى ئىش ئورۇنلىرىدا ، كۆپىنچىسى مەمۇرلار، كەسپىي خادىملار)، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئاۋال مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ۋىجدانى، ئېتىقادى، ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى، ئۈلگىلىك رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. (خۇداغا شۇكرىكى، بىزدە ئاجايىپ ئىسىل كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ )

بىر  ئادەم بىلىم-سەۋىيە، ئىقتىدار، ئېتىقاد، پۇرسەتنىڭ قايسى دەرىجىسىدە بولسۇن بۇنىڭغا ئاق-كۆك دەيدىغانغا ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق. بىراق يېتەكلەش زۆرۈر دەپ قارىسىڭىز، ياردىمىڭىزنى ئايىماڭ! (ياردەم قىلماقچى بولغىنىڭىز ، كەم نەرسىلەرنى ھىس قىلغىنىڭىز)
بۇ يەردە بىر بىرىمىزگە تىل سېلىشنىڭ نىمە مەززىسى بار؟

كۆيۈمچان ئەزا

http://gulistan.cn/bbs

UID
2079
يازما
176
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1976
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-7 15:36:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتچى كۇسپۇرۇچلارنىڭ تەسىرىدىن قاچانمۇ قۇتۇلارمىز. مىللەت- مىللەت- مىللەت دەپ يا مىللىتىنى كۆكلىتىپ بولالمىدى. يا قېرى زىيالى بىلەن ماۋۇ بالىلارنى ئارامىدا قويمىدى.

باھا سۆز

nikap  ھا ھا ھا. . . .  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:34:32
http://gulistan.cn

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
271
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8491
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-7 16:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
parangqi تورداش مىنىڭ تىمىدا ئەكىس ئەتتۇۈرمەكچى بولغىنمدىن ئىنىق بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلدىڭىزمۇ يوق !بۇنىسى ماڭا نامەلۇم لىكىن مەن ئۈستىدىكى ئىنكاسىمدا پەقەت سىزنىڭ خاتا چۈشەنچىگە كىلىپ قىلشىڭىشزنىڭ سەۋەبىنى سوراپ باقماقچى ئىدىم . دىگىنڭىز توغرا ھەرقانداق مىللەتتە ياخشى ھەم يامانلارنىڭ بولۇشى بۇ تەبئى ئەھۋال لىكىن سىز ئويلاپ بىقىڭ بۇ مىللەتنىڭ سەركىللىرى بولغان زىيالىيلار مىللىتىمىزدىكى يەرلىك ئالاھىدىلكى ئوخشىماسلىق ،ياشاش ۋە بىلىم ئىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بوللالمىغانلىقى سەۋەبلىك، كىچىككىنە ئىللەتلىرنى  ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەر بىلەن مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تىخى باشقا تەرەققى قىلغانلار بىلەن سىلىشتۇرۇپ ئۆزىچە ئۆزنى  مىللەتنى قۇتقۇزدىغان ئلاھ چاغلاپ باشقىلارنىڭ كىچىككىنام ئىللىتىنى كۆرسە ئۇيغۇر بۇنداق قىلسا ئەتىسىلام يەرشارىدىن يوقۇلۇپ كىتىدىغاندەك ..... مۇشۇنداق  ئەھۋاللارنىڭ بار بولغانلىقى ئۈچۈن كىچىككىنام ئەمەلى شاھىت بولغان مىسال ئارقىلق  ئەساسلىق مەخسىدىمنى يورتۇپ بەرمەكچى ئىدىم لىكىن سىز مەخسىدىمنى خاتا چۈشىنۋالغان ئوخشايسىز ، ياكى مەن توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن بولشۇم مۇمكىن. مەن بۇيەردە ھىچقاچان مىللەت ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ سۆكۈشنى مەخسەت قىلمىدىم ھەم قىلغان ئەمەسمەن ، بەلكىم سىز ئوقوغان بولشىڭىز مۇمكىن بىر چەتئەللىكنىڭ  ئۇيغۇرلار توغورلۇق يازغان مۇنداق بىر ماقالىسى باركەن (تەرجىمىسىنى قايسى مۇنبەردە كۆرگىنىم ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ . بەلكىم سەلكىن مۇمبىردە كۆرگەن بولشۇم مۇمكىن) زىيالى قىلغان ئىشى خايالى دەپ شۇ ماقالنىڭ ئاسلىق مەزنى 90-يىللاردا ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى ئەۋلات دوكتۇرلار چىققان ۋاقىتتا پۈتۈن رادىئو-تىلۋىزيە ، گىزىت-ژۇرنال قاتارلىق ساھەلەردە شۇلارنى ماختاپ  ئەۋلىيا دەرجىسىگە كۆتۈرۈشۈپتىكەن ، خۇددى بۇنداق دوكتۇرلار ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتتە يوقتەك . يەنە بىر ئادەمنى كۈلمەي دىسىمۇ كۈلگىسى كىلدىغان بىر ئىش ، شۇۋاقىتتا كارامەت ئىگىسى قۇربانجان ، رىئاللىقتىكى ئەۋلىيا دەپ نام بىرىپ ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا كۆپتۈرۈپ تارقاتقىننى توۋا ئويلاپ بىقىڭ ئەۋىليا دىگەن گەپ ئىنىقلا ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈشكە باشلاپ ئاپىرىدۇ ئەمەسمۇ . بۇ مىنىڭچە ھەممەيلەنگە ئايان بولسا كىرەك ، مۇشۇنى مەنمۇ  باشتا ئاڭلاپ راسلام شۇنداق ئادەم بارمىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىكەنمەن (ياراتقان ئىگەم بىلىمسىزلىكىمدىن ،تەپەككۇرۇمنىڭ يىتەرلىك بولمىدىن مۇشۇنداق خىيالدا بوپ قالغىنىمنى كەچۈرشىنى ئۈمۈد قىلمەن) مىنىڭچە شۇ ۋاقىتتا مەندەك ئوقۇۋاتقان نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم راس ئەۋلىياكەن دەپ ئشنىپ كىتىشلىرنى ئويلىسام ھازىر تىنىم شۈركىنىدۇ . بۇنداق ئىللەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق ئاق ياقىلىق زىيالاردا كۆپ كۆرۈلدۇ ھەم ئىتتىك جەمئىيەتلىشىدۇ . ئادەتتىكى پۇقرالار شۇلارنى دورايدۇ ئەمەسمۇ . ئادەتتىكى پۇقرالاردىكى ئىللەت ئۇنچىلىك ۋەھىمىلىك ئەمەس ، سەركەردە قوشوننى قەيارگە باشلىسا شۇياققا ماڭىدىغان گەپ .   مىنىڭ بىركىمگە تىل سىلىش مەخسىدىم يوق ھەم ئۇنداقمۇ ئويلاپ باقمىدىم . بۇيەردە خاتا چۈشنۈش سەۋەبىدىن ئازارلىشىپ قىلىشنى ئەسلا خالىمايمەن  مەن تىمامدىمۇ ئەسكەرتكەن . ئەمدى بىر-بىرمىزنى قوللايلى بىز قوللاشقا مۇھتاج دەپ ...

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
271
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8491
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-7 16:35:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ مۇنۇ گىپىڭىز پەقەت كاللامدىن ئۆتمەيدۇ . <موللا ھەمىنى بىلىدۇ . ئاندىن قوپۇپ كۆلگە سىيدۇ > بۇ گەپ قاچاندىن باشلاپ موللىلارنىڭ قالپىقى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمىسەممۇ ، بۇ ئىنىقلام موللىلارنىڭ ئىچىدىكى بەزەن موللىلارنىڭ ئازراقلام ئىللىتىنى كۆرۈپ يەنە شۇ ئاق ياقىلىقلارنىڭ ئۆزنىڭ ئىددىيسىنى باشقىلارغا سىڭدۈرۈش مەخسىدىدە پۈتكۈل موللىلارغا كىيدۈرۈپ قويغان قالپاقلىقى سەل تەپەككۇر قىلغان ئادەمگە ئايدىڭ بولىدۇ . مىللەتتە بەزى ناچار ئىللەتنىڭ بولىشى تەبئى بولغىندەك شۇ موللىلاردىمۇ بەزى ئىللەتلەر بارلىقىغا كۆزيۇمايمىز . لىكىن نىمە ئۈچۈن بۇ قالپاق موللىنىڭ بىشغا كىيلىپ قالىدۇ . نىمىشقا باشقىلارغا كىيدۈرۈلمەيدۇ . شۇ موللىلارمۇ شۇ مىللەتكە تەۋە ئەمەسما . نىمىشقا شۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلمايمىز . موللا دىگگنمۇ ئىنسانغۇ . يا ئۇلار ئازمايدىغان پەرىشتە ئەمەستە. شۇڭا سىزگە ئازراق چۈشەنچە بىرشىمنىڭ سەۋەبى شۇ 。。。

UID
10811
يازما
118
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1918
تىزىملاتقان
2011-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-7 16:42:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 46قەۋەتتىكىarislan يوللىغان 2011-07-07 15:36 غا قارتىلغان  :
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتچى كۇسپۇرۇچلارنىڭ تەسىرىدىن قاچانمۇ قۇتۇلارمىز. مىللەت- مىللەت- مىللەت دەپ يا مىللىتىنى كۆكلىتىپ بولالمىدى. يا قېرى زىيالى بىلەن ماۋۇ بالىلارنى ئارامىدا قويمىدى.

   ئاڭلىماققا  سەل  غەيرى  بىلىنىشى  مۈمكىن ، لېكىن  بۇ پىسخولوگىيە  جەھەتتىكى  تەتقىقات  نەتىجىسى  بولۇپ ، ھاراق ، يەنى ئىسپىرتلىق  ئىچىملىكلەر ئۇيغۇر  ياكى  باشقا  مىللەتلەرنىڭ ئىستىمالىدىن يوقىمايدىكەن ، مىللەتچىلىك ۋاباسىنىڭ  يىلتىزىدىن يوقىلىشى  مۈمكىن ئەمەس  ئىكەن ، مىللەتچىلىك  بىلەن ئىسپىرتلىق  ئىچىملىكلەر  ئارىسىدا  چەمبەرچەس  باغلانغان سىرلىق مۇناسىۋەت  مەۋجۇت ، مەسىلەن  مىللەتچىلەرنىڭ  روھىي  ئاتىسى مۇستافا كامال  ئاتاتۈرك  ئەپەندى  شەخسەن  ئۆزى  ئىسپىرتلىق ئىچىملىكتە  زەھەرلىنىپ  ئۆلگەن ، مىللىتىمىزدىن  چىققان مىللەتچى  زابويلارنى مىسالغا  ئالغىم  يوق ، بۇ ئايرىم  ھادىسە  ئەمەس ، مىللەتچىلىك  بىلەن ئىسپىرتلىق  ئىچىملىكلەر  ئارىسىدا  چەمبەرچەس  باغلانغان سىرلىق مۇناسىۋەت  مەۋجۇت ، دىمەك بۇ  خىل  ھادىسىنىڭ يوقىلىشى  مۈمكىن  ئەمەس  ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلىغىنىڭ  قىممىتى  بىزنىڭ قاتتىق  ئىبرەت  ئېلىشىمىز  ئۈچۈنلادۇر  خالاس !

UID
10177
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1615
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-9 00:33:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتچى كۇسپۇرۇچلارنىڭ تەسىرىدىن قاچانمۇ قۇتۇلارمىز. مىللەت- مىللەت- مىللەت دەپ يا مىللىتىنى كۆكلىتىپ بولالمىدى. يا قېرى زىيالى بىلەن ماۋۇ بالىلارنى ئارامىدا قويمىدى.
-يازما ئىگىسى يۇقارقى قۇرلاردا نىمىلەرنى دىمەكچى، مۈمكىن بولسا تەپسىليرەك ھەم ئۇچۇقراق بىرنىمە دىگەن بولسا!
مىللىتىنى سۆيۈش دىمەكلىك شەخسنىڭ ئۆزىنى ۋە قېرىنداشلىرىنى سۆيۈشى، <تارىخىي ئورتاق گەۋدە>نىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش دىمەكتۇر. مىللەتچىلىك دىگەن ئۆزى مەنسۇپ بولغان مىللەتنىڭ تەلەپ -ئېھتىياجىنى دەپ باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تارتىۋېلىش...دىمەكتۇر.
ئۇيغۇر دىگەن بىر مىللەت. ئۇيغۇر، ئۆزبېك، ھازىرقى تۈركلەر،تۈركمەن ،قازاق، قىرغىز... قاتارلىقلار بولسا قېرىنداش مىللەتلەردۇر.
بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاۋال ئۆز ئائىلىسىنىڭ  غېمىنى قىلىدۇ، شۇ ئائىلىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن باشقا ئائىلىلەر بىلەن ئالاقە قىلىدۇ. ئۇرۇق-تۇققانلار ياكى قېرىنداش ئائىلىلەرنىڭ ئالاقىسى قېرىنداشلىق رىشتى تۈپەيلىدىن قويۇقراق بولىدۇ (مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن  ئالاقىسى كەم بولغان ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ رىشتى سۇسلىشىپ كېتىشىمۇ مۈمكىن ).مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ...قېرىنداشلىق مېھرى مەلۇم شارائىتتا ئەينى ھالىتىگە-تەبىئىلىكىگە يانىدۇ.
ھازىرقى شارائىتتا پۇرۇلېتارىيات، بۇرژۇئازىيە، سىنىپى يات ئۇنسۇر دىگەن ئاتالغۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىستىمالى ئانچە بولماي، دۆلەت، مىللەت، مەدەنىيەت قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ ئىستىمال سالمىقى كۆرىنەرلىك بولماقتا. چۈنكى بۇ، دەۋرنىڭ تەقەززاسى.
ئۇيغۇرۇم-مىللىتىم دىيىشتىن بىزار بولۇش  ئۆزىنى ئىنكار قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.دەۋرنىڭ تەلىپى مىللەتنى سۆيۈش،قەدىرلەش، ئۇنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش ھەمدە باشقا مىللەتلەر بىلەن باراۋەر ئاساستا ھەمكارلىشىپ، ئىناق دۇنيا قۇرۇش. دىمەكچىمەنكى، بىز -بۇ يەردىكى ھەممىيلەن مىللەت دىگەن ئۇقۇمنى ئىشلىتىشىتن بۇ ئۆمرىمىزدە خالىي بولالمايمىز.

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
271
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8491
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 11:01:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتچى كۇسپۇرۇچلارنىڭ تەسىرىدىن قاچانمۇ قۇتۇلارمىز. مىللەت- مىللەت- مىللەت دەپ يا مىللىتىنى كۆكلىتىپ بولالمىدى. يا قېرى زىيالى بىلەن ماۋۇ بالىلارنى ئارامىدا قويمىدى.
-يازما ئىگىسى يۇقارقى قۇرلاردا نىمىلەرنى دىمەكچى، مۈمكىن بولسا تەپسىليرەك ھەم ئۇچۇقراق بىرنىمە دىگەن بولسا!

باھا سۆز

nikap  دەيدىغاننىڭ ھەممىنى دەپتۇ، يەنە دىسە شۇنى شەرھىلىگۈدەك.....  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:37:01
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش