بۇ 5قەۋەتتىكىankarali يوللىغان 2011-07-01 11:11 غا قارتىلغان :
ئالدى بىلەن تارىختا ئوتكەن مىللى قەھىرمان-ئالىملارنى كەڭ -كولەمدە تەشۋىق قىلىش،ئاندىن ياشلار ئارىسىدا يۇز بىرىۋاتقان ھاراقۋازلىق-قىمارۋازلىق-بېكارچىلىق ئەھۋاللىرىنى ئىلمى ئۇسۇلدا قامچىلاپ،ئۇلارغا ھەقىقى ئادەم بۇلۇش ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى بىلدۇرۇپ،ئۇلارنى ئۇزىنى سۇيىدىغان،مىللەتنى سۇيىدىغان ئىسىل پەزىلەتنى يىتىلدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم،بۇ ھازىرقى جەمىيەتتىكى مۇنەھۋەر زىيالىلارغا قۇيۇلغان ئاساسى تەلەپ،بۇ قىيىن ھەم شەرەپلىك ۋەزىپە زىيالىلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك باش تارتىشقا بولمايدىغان پۇرچى. 
بۇتوردىشىمىزنىڭ پىكرى ناھايتى ئورۇنلىق بولغان ئىكەن ، تولىمۇ ئەپسۇسكى ئۆزىمىزنىڭ تارىختا ئۆتكەن مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنى ،ئالىملىرىمىزنى كەڭ-كۆلەمدە ئەمەس چەكلىك دائىرە ئىچىدە تەشۋىق قىلىشمۇ بىرقىسىم تەخسىكەش سىياسەتۋازلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتمامدۇ؟(گەرچە بۇنداق قىلىش قانۇنلۇق بولسىمۇ)
يۇرتمىزدا بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىشنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتەي ؛ 5~6يىللار ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشق دەپتەرلىرىنىڭ مۇقاۋىسىدا مەھمۇد قەشقەرىي ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نىمشېھىت، سادىر پالۋان، مەمتىلى ئەپەندىم ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللامۇتەللىپ ،ئۆتكۈر ئەپەندىم ،نۇزۇگۇم ، رىزۋانگۈل، شاتگۈل قاتارلىق مىللىي قەھرىمانلىرىمىز ،ئالىملىرىمىز ،ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ سۈرەتلىرى بولىدىغان . بىر تەتىلدىن يىغىلغان ۋاقىتتا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدە ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇدىر ،ئىلمىي مۇدىرلىرىغا يىغىن ئېچىلىپ ئوقۇغۇچىلاردىن بۇنداق دەپتەرلەرنى يىغىۋېلىش تەلەپ قىلىنىپتۇ ، سەۋەبى بۇلارنىڭ كىيىۋالغىنى دىنىي تۈس ئالغان كىيملەرمىش. .........
شۇقېتىملىق يىغىنغا قاتناشقان مەلۇم يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ سابىق مۇدىرى شۇئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دىگەن؛ مەن <<ئوقۇغۇچىلار دەپتەر-قەلەملىرىنى تەييارلاپ بولدى، بۇنداق قىلساق دېھقان پەرزەنتلىرى بۇتەكرار چىقىمنى كۆتۈرەلمەيدۇ ، بۇمەۋسۇم ئوقۇغۇچىلار قانداق دەپتەر سېتىۋالغان بولسا شۇنى ئىشلىتىۋەرسە كېلەركى مەۋسۇمدا ئالماشتۇرساق >>دىگەن پىكىرنى بەردىم ، بىراق بۇپىكرىم ئىدارە رەھبەرلىكى تەرىپىدىن رەت قىلىندى ، مېنىڭ ئاچچىقىم كېلىپ <<بۇكىشلەرگە دىينىي كىيم كەيدۈرۈش ئاۋال رەسسامنىڭ ئاندىن قالسا نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ خاتالىقى ، بۇلارنى ئۇنداق سىزغۇچە ساقال- بۇرۇتلىرىنى قىرىپ، چاچلىرىنى تاراپ يالاڭباش،كۆزئەينەك تاقىغان، تۆت يانچۇقلۇق چاپان كەيگەن ھالەتتە سىزسا بولمامدۇ . خاتالىقنى باشقىلار ئۆتكۈزسە بۇ نامرات ئوقۇغۇچىلار بەدەل تۆلەمدۇ؟ >> دەپ تاشلاپتىمەن . باشقىلار <<نىمانداق گەپ قىلىلا ، ئىچىلىرىدە بىلسىلە بولمىدىمۇ؟ سىلى بىر ئادەم بۇنداق دەپ قويغانلىرى بىلەن بىزخىزمەتنى قانداق ئىشلەيمىز ؟ بالىلىرىمىزنى باقمىساق بولماس؟>> دەپ پىچىرلاپ تەنە قىلىشتى .......... ئۇزۇندىن بېرى تەستىقلانمىغان پېنسىيە رەسمىيتىم شۇيىلى يىل ئاخرىغىچە تەستىقلىنىپ ئارامغا چىقىۋالدىم .