ئىگىسى: taxbalik

مىللەتنى قاچانغىچە سۆكۈمىز     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10811
يازما
118
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1918
تىزىملاتقان
2011-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 15:30:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 28قەۋەتتىكىnimjan يوللىغان 2011-07-04 12:30 غا قارتىلغان  :

تولا جايىدا گەپ قىلدىڭىز-يۇ، يەھۇدىيلاردىن قېلىشمايدۇ، دەپ بەك ئاشۇرۇۋەتىڭىز! بەزى سۆز ئاشۇرۇۋېتىلسە ئادەمنى كۈلكە قىستاپ كېتىدىكەن، كۈلمەي دەپمۇ كۈلىۋېتىدىكەن. ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئادەملەر توپىنىڭ مۇئەييەن بۆلىكىدە ئىللەتكە ياتىدىغان ئامىللار يەتكىچە بار، ئەمما ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقلارمۇ ئاشقىچە بار، شۇنداقتىمۇ ئىللەت ئامىللىرىنى كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋەتمەي قامچىلاپ تۇرۇش بىلەن بىللە پەخرلىنىشكە تېگىشلىك ئالامەتلىرىدىن تازا پەخرلىنىش كېرەك. شۇغىنىسى دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقىمىز بار-يۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلاردىن ئۈستىن تۇرالمايمىز ___ بۇنى ئېتراپ قىلىماي بولمايدۇ! يەھۇدىيلاردىن پەرقلىقىمىز ئېتىقادتا پاكىز بولغانلىقىمىز بولسا كېرەك، ئەمما بىز پاكلىز ئېتىقاد بىلەن ماختانساق ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى ئوخشاشلا ئۆزلىرىگە پاكىز.


   شۇنداق  دۇنيادىكى  مىللەتلەرنىڭ  ئالدىدا بىز قاتتىق  نومۇس  قىلىشىمىز  كېرەك ، تارىختا يەھۇدى  بىلەن  ئۇيغۇرنى  بەلكىم  سېلىشتۇرغىلى  بولار ، لېكىن  ھازىر  ئەھۋال  ئۇنداق  ئەمەس ،  ئىنسانىيەت  ئۈچۈن  ئەڭ  مۇھىم  بولغان ئېتىقات  مەسىلىسىدە  بىز  ئۇيغۇرلارنىڭ  مۇتلەق  كۆپ  ئەزاسى يەھۇدىلارنىڭ  مۇتلەق  كۆپ  ئەزالىرىنىڭ  قولىغا  سۇمۇ  قويۇپ  بىرەلمەيمىز  ، ئاددى بىر  مىسال  كىلتۈرەي :
  
  يەھۇدىلارنىڭ تالانتى تۇغۇلۇپلا بار  بولغان  ئەمەس ،  لېكىن  ئۇلاردا شۇنداق  بىر  ئەنئەنە  بار  ئىكەنكى ، ھەرقانداق  بىر  يەھۇدى  ئائىلىسدە تۇغۇلغان  بوۋاق  3  ياشقا  كىرگەندىن  كېيىن بۇلار  دىنى  مۇراسىم  دىگەندەك  ئۇسۇللاردىن كېيىن  ، ئاتا- ئانىسىنىڭ  ھەيدەكچىلىگىدە دىنىي  مۇقەددەس  كىتاۋى " تەۋرات " نى  يادقا  ئالىدۇ ، بۇنداق بىر  چوڭ  ھەجىمدىكى  كىتاپنى يادلاش ھازىرقى  تەتقىقاتقا  ئاساسلانغاندا بالىنىڭ ئوڭ  مىڭىسىنىڭ  ئېچىلىپ  تەپەككۇر  ۋە تالانت  ئىشىگىنىڭ  ئېچىلىشى بىلەن  بىۋاستە  مۇناسىۋەتلىك ، خەنزۇلار  ئەڭ  بولمىغاندا ئۇلارنىڭمۇ  يادلايدىغان نەرسىسى  بار .

ئەمما  ئەپسۇس ، ئەسلى  ئىسلام مىللىتى  بولغان  ئۇيغۇرلار  ھازىر  بالىلىرىغا  " قۇرئانى  كەرىم  " يادلىتىش  ئەمەس ، بىچارە  سەبىلىرىمىزنىڭ  ئەڭ  ئاۋال  ئۇچرىشىدىغىنى رېستۇرانلاردىكى جاققا- جۇققاڭ مۇزىكا  ئاۋازى ، دادا  بولغۇچىنىڭ ئاغزىدىن  پۇراۋاتقان ھاراق ، تاماكا ...
كونكىرت تىرىشچانلىق  كۆرسەتمەي  ئەسەبىلەرچە ئۆزىمىزنى خاتا  تونۇۋېلىش كىشىنىڭ  تېخىمۇ  ئىچىنى  پىشۇرىدۇ .

باھا سۆز

‏‏پەخىرلەن  ھەر بىر قېتىم مىللىتىمىزنى سۆكمەكچى بولغاندا الدىغا ازبىرقسىم دەپ قوشۇڭ  يوللىغان ۋاقتى 2012-5-15 22:47:13
nikap  بىر تەرەپلىمە قاراش  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:27:55

UID
4532
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
559
تىزىملاتقان
2010-8-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 16:06:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنى بېسىۋالايلى قېرىنداشلار،بىر كىمنى يامان دەۋەرسە ئۆزىدە ئەسلى يوق بولغان،پەقەتلا بىلمەيدىغان ئاشۇ ئىللەتلەرنى بارا-بارا راس ئوخشايدۇ دەپ چۈشۈنۈپ قېلىپ ئۈمۈتسىزلىنىپ،چۈشكىنلىشىپ.........ئاخىرىدا بولدىلا دەپ ئاشۇ ئىللەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرىۋالىدۇ،ئەدىپ،زىياللىرىمىزنىڭ بۇرچى باشقىلارنىڭ يېغىرىنى تاتلاش ئەمەس،بەلكى ياخشى تەرەپلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىپ بىزگە ئىلھام بېرىش،توغرا بولغان بىر نىشان كۆرسۈتۈپ بېرىش.
يارىنى تاتلاۋەرسە قان چىقىدۇ،جان ئاغرىيدۇ،شۇڭا يارىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدىغان دورا سۈرتۈش كېرەك.

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
330
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
8351
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 16:42:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلىق سۆز تاشنى يارار دەپتىكەن.ياخشى ئىشلار بىلەن ناچار تەرەپلەرنى تۈگىتىش كىرەك.

دائىملىق ئەزا

ئىملا ساقچىسى!

UID
4227
يازما
651
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19703
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 16:43:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەق ئەزىز ئەتكەن كىشىنى خار ئېتەلمەس ھېچ كىشى،
كىمنى ئول خار ئەيلەسە ھەر يەردە بولسە خار ئىشى.

دائىملىق ئەزا

ئىملا ساقچىسى!

UID
4227
يازما
651
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19703
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 16:44:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنىڭ ئاتىڭ دۇلدۇل ئېرۇر، ئىگەرىڭ گەۋھەر،
مەغرۇر ئولما ئانىڭغا، ئەقلىڭ بولسە گەر.
بۈگۈن سۇنسا ئالتۇن كاسا-قەدەھلەر،
ئەرتە ياغاچ ئاياق، ساپال كوزا سۇنەر.

دائىملىق ئەزا

ئىملا ساقچىسى!

UID
4227
يازما
651
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19703
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 16:45:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنياغە بەرمە كۆڭۈل بىۋافالىق ئەبەد ئېرمەس،
بۇ رەباتى كوھىندۇر، بىزگە راۋانى ئەبەد ئېرمەس.
تەڭرىلىك دەۋاسى قىلدى نەمرۇد قەتل ئەتكۈچى،
ئەبەدى زارۇ-زەئىب، نەتاۋانى ئەبەد ئېرمەس.
سەلتەنەت ئەھلىگە لازىم بار ئاۋام سۆزىن يېمەك،
بىر ئېغىل قويدۇر ئاۋام، شاھلارغا چوپان ئەبەد ئېرمەس.

UID
3329
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
591
تىزىملاتقان
2010-7-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 18:28:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ قېرىنداشلار !   ھازىر  كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ  كۆڭلى نازۈكلىشىپ كەتتى. گەپ  قىلغاندا  ، قىلىۋاتقان گەپلىرىمىزگە  دىققەت قىلمىساق ، ئاسانلا  بىر - بىرىمىزدىن رەنجىپ قالىدىغان، ئوقۇشماسلىقلارنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىمىز . ئامال بار  بىر - بىرىمىزگە قۇپال،  توڭ  گەپلەرنى قىلمايلى ، بىر - بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىشتىن  ساقلىنىپ قالساق . رىئال دۇنيادا بولسۇن ۋە مەۋھۇم دۇنيادا بولسۇن  بەزىلىرىمىز ھە دېگەندىلا ، مىللەتنىڭ  ئۆم - ئىتپاق ئەمەسلىگىدىن، تۈرلۈك كېسەللەرگە موپتۇلا بولۇپ قالغانلىقىدىن  ئاغرىنىپ كېتىمىز . يەنە بەزىلىرىمىز  مىللەتنى ماختاپ، ئۇچۇرۇپ كېتىمىز ، مىللەتنىڭ ئىچىدىكى ماختاشقا تېگىشلىك ئىىشلارنى  ماختىغانلار بولسۇن، ياكى مىللەتنىڭ  ئىچىدىكى سۆكۈشكە تېگىشلىك ئىشلارنى سۆككەنلەر بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى ياخشى، لېكىن ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئۇسۇلىمىز  خاتا بولغاچقا، جەمئىيەتكە سەلبى تەسىر بېرىپ قۇيىۋاتىدۇ. ھەم قىلىۋاتقان ئەمگىگىمىزنىڭ پايدىسى ئانچە ياخشى بولمايۋاتىدۇ .  ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن  باشلىساق ، ئەپۇچان ، كەڭ قۇرساق بولۇپ، تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراشقان مەسىللەرنى سۇغاق قانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا تېرىشساق، مېنىڭچە  قىلماقچى بولغان سۆز - ھەركەتلىرىمىزنىڭ ئۈنىمى تولىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى - دەپ ئويلايمەن..

UID
11006
يازما
465
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12195
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 18:53:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ھەر بىرەيلەن ئۇيغۇر دىگەن  سۆزگە سىزنىڭ  ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ھايا  قورغانى بولغان  <ئاچا> ۋە <ئانا>دىن ئىبارەت بۈيۈك ئىپپەت ئوبرازىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلالىغان بولسا ، ئۇيغۇر دىگەن ئانداق-مانداق دەپ بولغىچە شۇنداق دىگۈچىنىڭ دەككىسىنى بىرەلىگۈدەك بولسا مەنمۇ چېچىلىپ يۈرمەيتىم. ماڭا نىسبەتەن ئۇيغۇرنى تىللىغانلىق ،سۆككەنلىك مىنىڭ ئاتا-ئانامنى،مىنى ھەم ئاكا-ئاچا،ئىنى-سىڭىل قېرىنداشلىرىمنىمۇ قوشۇپ ھاقارەت قىلغانلىق. نەچچە مىليون نوپۇسلۇق ئۇيغۇرنى شەخسى ئالغان خوتۇندەك سۆكۈپ تۇرۇپ سۆيىمىز دەپسىز. بۇ تېتىقسىز بىمەنە  گەپكە قانچىلىك ئاچچىقىم كەلگەنلىكىنى ئۆزۈم بىلەرمەن. مىللەتنى ئانداق-مانداق دەپ سۆكۈپ دىيىشكە ھىچقانداق بىر شەخسنىڭ ھەققى يوق.مىنىڭ دىمەكچى بولغان گىپىم مۇشۇتى، ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆز قاتتىق ئاچچىقىمدا يېزىلىپ قالغان بىر جۈملە سۆز. ( ناسىن )

ناسىنغا سوئال :

سىز ئالغان خوتۇنىڭىزنى بەك پەس  كۆرەمسىز؟  ياكى مىللىتىڭىزنى ئەيىپ نۇخسانسىز پەرىشتە كۆرەمسىز؟

UID
11006
يازما
465
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12195
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-4 19:27:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنقىد ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ
1>ئىنسان (مىللەت)نىڭ خاس نورمال تەبىئىتى ، ھىسياتىنى چاكىنلاشتۇرۇپ سۈپەتلەپ كىشى (مىللەت)نىڭ روھىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈش .
  بۇ ئادەم(مىللەت)كە قىلىنغان دۈشمەنلىك - شەيتاندىن بولغان دۈشمەنلىك.
2> <ئېچىلىپ قالغان ،ئەمما ئۆزى تۇيمىغان > ئادەم(مىللەت)كە ھىكمەتلىك ئۇسۇلدا بىلدۈرۈش. بۇ ياخشىلىق
ماختاش- ئىككى تۈرلۈك :    1> سۆيۈنۈش  2> << يۆل خىش >> كە دەسسىتىش

ناسىن  !  ئىنكاسلىرىڭىزدا   شەخىسكە دۈشمەنلىك قىلىش ،  مىللەتنى <يۆل خىش> قا
دەسسىتىش  دىگەندەك ئىشلار بولاۋاتىدۇ .

باھا سۆز

nikap  سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدا قانداق خىش بولىۋاتىدۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 01:30:44

UID
10177
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1615
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-5 00:37:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللەتنى قاچانغىچە سۆكىمىز؟
-ھىچكىم مىللەتنى ئومۇمى گەۋدە سۈپىتىدە سۆكۈپ باقمىدىغۇ؟ يېتەرسىزلىكلەرنى تىلغا ئالغانلار بار(ئەلۋەتتە ئاشۇرىۋەتكەن تەرەپلەرمۇ يوق ئەمەس).
بىر مىللەتنى شۇ مىللەتنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ سۆكۈش ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك! (يەھۇدىلار پەس مىللەت، دەپ سۆككەندەك).
بىزنىڭ ئارىمىزدا تەنقىدلەشكە تېگىشلىك ئىدىيە. خاھىش، قىلمىشلار بار(باشقىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ بار).
<بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە، ئۆزەڭنىڭ خۇي پەيلىڭدىن كۆر> دىگەن ماقالدىن قارىغاندىمۇ ھەرقايسىمىز مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئېتىراپ قىلىشىمىز، باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرغاندا مەلۇم بولۇۋاتقان پەرىقلەرنىڭ سەۋەبىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىزدىشىمىز زۆرۈر. (ھەرقانچە سەۋەپلەر تېپىلغاندىمۇ، مىللىتىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان نەرسىلەر تېپىلمايدۇ).
تور ئەھلى،  كومپىيۇتېرنىڭ ئېكرانىنى ياشقا، جىنىسقا، سەۋىيىگە...قاراپ دەرىجىگە، رايۇنلارغا ئايرىغىلى بولمايدىكەن، كىم نىمە دىيىشنى خالىسا ئېكرانغا يېزىپ باقىدىكەن، جامائىتىمىزنىڭ ھەممە خىللىرى-تىپلىرى دىگۈدەك پاراڭ-سۆھبەتخانىمىزغا جەم بولىدىكەن.شۇڭا سەل ئاممىباپراق، ھەممەباپراق بولساق ھەم ئەدەپ ساقلاشقا دىققەت قىلساق. .موللا ھەممىنى بىلەر، چىقىپ كۆلگە سىيەر› دىگەندەك، ئارىمىزدا ‹زىيالى› دەپ قارىلىۋاتقانلار ئىچىدە باشقىلارغا سەت، يارىماس كۆرىنىۋاتقانلارمۇ خېلى بار.

‹ئۇستازلار› ھەممىمىز ئۆزىمىزنى تارازىغا سېلىپ باقايلى! ھەركىم ئۆزىنىڭ ناباپ تەرەپلىرىنى ئۆزگەرتىشى لازىم،دە؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش