بۇ 25قەۋەتتىكىarginakun يوللىغان 2011-07-03 04:18 غا قارتىلغان :
ئۆز مىللىتىنى يا كۈيلىمەيدىغان يا ئەيىپلىمەيدىغان ،بۇ دۇنياغا بىر قاچا تاما قئۈچۈنلا كەلگەنلەرگە سىلىشتۇرغاندا خۇداغا شۈكرى، بىز ھەققەتەن سىياسى قىزىقىش تۇيغۇسىغا
ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىمىز چىقىپ تۇرىدۇ.
ھىچقىسى يوق، مىللەتنىڭ بەزەن ئەيىپلىرىنى ھەقىقەتەن سۆكۈش كىرەك،پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك
جايلار بولسا پەخىرلىنىش كىرەك،مەسىلەن پۇتبولچى بارى ناگوياغا تو پكىرگۈزۋىدى قانچىلىك
ھاياجانلانمىدۇق،مىسال كۆپ...مانا بىزنىڭ ئىسىل مىللەت ئىكەنلىكىمىز چىقىپ تۇرىدۇ.
....... 
تولا جايىدا گەپ قىلدىڭىز-يۇ، يەھۇدىيلاردىن قېلىشمايدۇ، دەپ بەك ئاشۇرۇۋەتىڭىز! بەزى سۆز ئاشۇرۇۋېتىلسە ئادەمنى كۈلكە قىستاپ كېتىدىكەن، كۈلمەي دەپمۇ كۈلىۋېتىدىكەن. ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئادەملەر توپىنىڭ مۇئەييەن بۆلىكىدە ئىللەتكە ياتىدىغان ئامىللار يەتكىچە بار، ئەمما ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقلارمۇ ئاشقىچە بار، شۇنداقتىمۇ ئىللەت ئامىللىرىنى كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋەتمەي قامچىلاپ تۇرۇش بىلەن بىللە پەخرلىنىشكە تېگىشلىك ئالامەتلىرىدىن تازا پەخرلىنىش كېرەك. شۇغىنىسى دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقىمىز بار-يۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلاردىن ئۈستىن تۇرالمايمىز ___ بۇنى ئېتراپ قىلىماي بولمايدۇ! يەھۇدىيلاردىن پەرقلىقىمىز ئېتىقادتا پاكىز بولغانلىقىمىز بولسا كېرەك، ئەمما بىز پاكلىز ئېتىقاد بىلەن ماختانساق ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى ئوخشاشلا ئۆزلىرىگە پاكىز.