- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 147
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 147
- تىزىملاتقان
- 2012-9-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- UID
- 47045
- يازما
- 147
- تېما
- 15
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 147
- تىزىملاتقان
- 2012-9-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- توردا
- 317 سائەت
|
alim424 يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 18:51 
ھەي توۋا نىمىش بوپ كەتتى بۇ مىھمان999 سز سۇپىمۇ يا ھ ...
قۇرۇق سۆز قۇرۇق تۆھمەتتىن ساقلىغايسەن خۇدايىم !ھەي بۇرادەر ،ئۇنداق دىسەم خاپا بولماڭ ،سىزنىڭ زادى كاللىڭىزنىڭ بىر يەرلىرى بىر قانداق ،چۇشىنىش قابىلىيتىڭىز سەل تۆۋەنكەن .بۇ روماندا ياسىنجفان سادىق ئاباق غوجىنى ماختىغان ئەمەس ،‹ئاباق غۇجىنى قىل قاپسىز پەيغەمبەر دىگلى بولمىسا ھەرەمگە بارماي شۇ ئىپلاسنىڭ مازىرىغىلام بارلى›دىگەن سۆزىڭىز خاتا كەتكەن بىلەمسىز ،مەن ھەقىقى چىن تارىخنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ،سىز ھەم شۇ ،لىكىن ئاپتۇر بۇ روماندا ھەرگىزمۇ ئاباق غوجىنى ماختىغان ياكى ئەۋلىيا قىلىپ كۆتۇرمەكچى بولغان ئەمەس،ئەكىسچە نادان خەلىقنىڭ ئۇنىڭغا قارغۇلارچە چوقۇنىشىنى يىزىش ئارقىلىق ئاباق غوجىنىڭ مۇناپىقلارچە بەتبەشىرسىنى ئىچىپ بەرگەن ،ھەمدە روماندا ئاباق غوجىنىڭ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ مۇنقەرىز بولۇشتىكى (ئەلۋەتتە چىن تارىخنىڭ قانداقلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ )باش جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى باش مەزمۇن قىلغان ،ھەمدە خان سۇلتانلارنىڭ ئارىسىدىكى دە تالاشنى يىزىش ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۆز مەنپەئەتى ئۇچۇن ،شان شۆھرىتى ئۇچۇن ئاتا ئانا قان قىرىنداش ۋە ۋاپا ۋىجداندىن كەچكەن كىشىنىڭ ۋە ئائىلە قەبىلىنىڭ چوقۇم مۇنقەرىز بولدىغانلىقى كۆرسىتىپ بىرىلگەن ،ھەمدە كىشىلەرنى ئىتىپاق بولۇشقا ،ئىجىل ئىناق ئۆتۇشكە چاقىرغان .مانا بۇ روماننىڭ رومان بولۇش سالاھىتىدۇر ،ئاباق غوجىغا كەلسەك راس گەپنى قىلسام مەنمۇ ئۇنىڭغا چىش تىرنىقىمغىچە ئۆچ ،alim424 بۇرادەر ،سىز دىمەكچى بولغىنىڭز بىلەن مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم ئاساسەن بىر گەپ ،سىزمۇ ئاباق غوجىنى ياخشى ئادەم ئەمەس دىمەكچىغۇ ؟ھەپبەللى ،بۇ رومانمۇ دەل مۇشۇنى دىمەكچى ،ئىغىر كۆرمەي روماننى قايتا ئوقۇپ بىقىڭ ،شۇنىڭغا بەكرەك دىققەت قىلىشىڭىزغا تەۋسىيە قىلىمەنكى بۇ روماننىڭ ئەدەبىي ئەسەر سالاھىيتىنى باش نوقتا ،تارىخ سالاھىيتىنى قوشۇمچە نوقتا قىپ تۇرۇپ ئوقۇڭ ، شۇ چاغدا ياسىنجان سادىق چوغلانىغا ھۆرمىتىڭىز ئىشىپ قالىدۇ ،ئۇنىڭغا بىچارە دەپ ئۇۋال قىلغىنىڭزنى ،ۋە پىقىرغا ‹ مىھمان999 سز سۇپىمۇ يا ھىدايىتۇللا (ئاباق غۇجى)نىڭ سىزدە ئېقۋاتقان قېنى بارمۇ بىلمىدىم .ئەمما بۇ ئپلاس بۇۋىڭىزنى ماختاشقا بولمايدۇ! ›دەپ تۆھمەت قىلغانلىقىڭىزنى ھىس قىپ قالىسىز ،شۇنى ئىيتىپ قويايكى مەن ھەرگىزمۇ ئاباق غوجىنى ماختاپ باققان ئەمەس ،بۇندىن كىيىنمۇ ھەم شۇنداق ،سىز دىگەندەك تا ھازىرغىچە ئۇنى مەنمۇ ئىپلاس دەپ قاراپ كىلىۋاتىمەن .
يەنە سىزنىڭ بىرىجى ئىنكاستا يازغان بىر مەزمۇنغا ئىزاھات بەرگۇم كىلىۋاتىدۇ ،مەن قەشقەدە ئاباق غوجانىڭ دادىسى ئۇچۇن ياساتقان لىكىن ئاباق غوجا نامى بىلەن قىپقالغان ھىلىقى گۇمبەزگە بىرىپ باققان ،بۇ گۇمبەزنى ماختاشقا ئەرزىيدۇ ،لىكىن ئەسكەرتىپ قويايكى مىنىڭ ماختايدىغىنىم گۇمبەزنىڭ ئاباق غوجا نامى بىلەن قىپقالغانلىقى ئۇچۇن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغا ئۇيغۇر مىمارچىلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بىلەن سىڭدۇرۇلگەنلىكى ئۇچۇن ئەينى چاغدا ئاشۇ گۇمبەز ئۇچۇن كۇچ چىقارغان ھۇنەرۋەن كاسىپ ئۇستىلارنى ھۆرمەت بىلەن ماختايمەن .ھەمدە ‹ئاباق غوجا›نامى بىلەن قىپقالغانلىقى ئۇچۇن ئىچىنىمەن .
قىرىندىشىم ،ئىنكاس بىرىپ ياخشى قىلدىڭىز ،بىراق بىراۋنى چۇشەنمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئۇنداق مۇنداق دەپ باھا بىرىش ،ئۇۋال قىلىش زۇلۇم ھىسابلىغىنىنى،زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى سىز ئوبدان بىلىسىز .‹توۋا›نى ئىغىزىڭىزدىلا ئەمەس چىن كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىپ كۆپرەك دەپ قويارسىز .ماقۇل ئەمىسە ،سالامەت بولۇڭ . |
|