- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 65
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 579
- تىزىملاتقان
- 2011-5-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-23
- UID
- 11269
- يازما
- 65
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 579
- تىزىملاتقان
- 2011-5-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-23
- توردا
- 11 سائەت
|
تارىخنى رومان ئارقىلىق بىلمەكچى بولۇشتىن ئارتۇق بىچارىلىك بارمىدۇ؟
يازغۇچى، شائىر بىلەن ھەقىقى تارىخ تەتقىق قىلغۇچى ئارىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. يازغۇچى، شائىر بولۇش ئۈچۈن ئەدەبىياتنى، يېزىقچىلىقنى، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى پىششىق بىلسە، قەلەم قۇۋۋىتى، تەسەۋۋۇر كۈچى بولسىلا يېتىدۇ. مۇشۇلارغا تايىنىپ ئىچىدىن چىقىرىپ تەسەۋۋۇر بىلەن توقۇپ، ئۇيدۇرۇپ يېزىۋەرگىلى بولىدۇ.
لېكىن بىر تارىخچى بولۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال تارىخنى تەتقىق قىلىش مېتودىنى ئۆگىنىشى، تارىخى ماتىرىيال سۈپىتىدە تاپقان مەنبەلەرنى بىرىنچى قول مەنبە، ئىككىنچى قول مەنبە... دەپ تۈرگە ئايرىشى، شۇ دەۋردە ئىشلىتىلگەن تىلنى پىششىق بىلىشى، ئۆزى يازماقچى بولغان تارىخىي شەخسىكە مۇناسىۋەتلىك باشقا تىلدىكى ماتىرىياللارنى تېپىپ سېلىشتۇرۇشى، مەسىلەن: خەنچە، ئىنگىلىزچە، ئوسمانلىچە (17-18-ئەسىردە تۈركىيەدە قوللىنىلغان تىل) ماتىرىياللارنى سېلىشتۇرۇشى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ياكى ئوخشاشلىقلارنى يۇشۇرماي ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. چۈنكى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 16-17-18-19-ئەسىردىكى تارىخىمىز ھەققىدە ئوسمانلىچە يېزىلىپ خاتىرلەنگەن ئارخىپلارمۇ ئاز ئەمەس بۇلارنى ئىستانبۇل سۈلايمانىيە كۈتۈپخانىسىدىن تاپقىلى، CDغا كۆچۈرۋالغىلى بولىدۇ.
تارىخنى بايان قىلغۇچى تارىخچى ئۆزى بايان قىلىۋاتقان ۋەقە ياكى شەخسىكە قارىتا ئادىل مەيدانغا تۇرۇش ئۈچۈن، يازمىغا ئۆزىنىڭ ھىسسىياتىنى ئارىلاشتۇرماسلىقى لازىم.
مېنىڭ ياسىنجان سادىققا قاتتىق ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇ ئۆزى بىر يازغۇچى، تارىخچى ئەمەس تۇرۇغلۇق، تارىختا ئۆتكەن بىر رىئال شەخسىنى ئۆزىنىڭ كاللىسىدا خالىغانچە بورمىلاپ بىر بەتبەششىرە قىلىپ خەلقىمىزگە سىڭدۈردى. ياسىنجاننىڭ ئىچىدىن توقۇپ يازغانلىرىنى بىزنىڭ خەلقىمىز راست تارىخ دەپ ئىشىنىدىغان يەرگە كەلدى.
قىيامەت كۈنى بۇنىڭ ھېسابىنى قانداق بېرەر؟ مېنىڭ شۇڭا ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، ئېچىنىمەن.
ئاپپاق غوجىنى بىز ئۇيغۇرلاردەك تىللايدىغان ئادەم يوق. مەنمۇ ئىلگىرى نادان ۋاقتىمدا تىللىغان، ھازىر تەۋبە قىلدىم، تىللىمايمەن. چۈنكى، مىللىتىمىزنىڭ خار، زەبۇنلۇقتا بولۇشى ئۇنىڭ خاتالىقىدىن بولماپتىكەن.
جوڭغارلارنى ئۇ چاقىرىپ كەلمەپتىكەن. ئۇ پەقەت موڭغۇللارنىڭ ياساق تۈزۈمىنى ئىسلامىي شەرىئەت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىپتىكەن. سۈرگۈن قىلىنىپ ئىچكىرىدە سەرسان يۈرگەن چاغدىمۇ، نەچچە مىڭ كىشىنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا، ئىسلام بىلەن شەرەپلىنىشگە سەۋەبچى بوپتىكەن. توردىن 马来迟,祈静一,卡力岗藏族穆斯林 دېگەن ئىسىملارنى ئايرىم ئايرىم يېزىپ گۇگۇللاپ ياكى بەيدۇلاپ ئىزدەپ بېقىڭلار. يەنە ئېنگلىزچە يېزىلغان بەزى تارىخىي ماتىرىياللارمۇ بار. تاشكەننتە، قازاندا نەشىر قىلىنغان خېلى ئېسىل ماتىرىياللار بار. تاشكەنتكە بېرىپ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇچىسى (چاغاتايچە) مەنبەلەرنى ئوقۇپ بېقىڭلار. ئۇيغۇرلار ئاپپاق غۇجىنى تىللىسا، نېمىشقا تاشكەنت، بۇخارا، سەمەرقەنتتىكى ئالىملارنىڭ قاتتىق ئاچچىغى كېلىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار.
قىسقىسى، بىر رومانچى يازغۇچىنىڭ تۇقۇلما ھېكايىلىرى بىلەن تارىخ مۇشۇنداق دەپ ئولتۇرساق، بۇنداق دۆتلۈكنىڭ ھېسابىنى ئاللاھ قىيامەتتە سورايدۇ. ئەقىل ئىگىلىرى نېمىشقا ئەقلىڭنى ئىشلەتمىدىڭ؟ دەيدۇ.
ئەڭ ئاددىيسى، ئالىي مەكتەپنىڭ تارىخ كەسپى مۇشۇنداق بىر روماندىكى ۋەقەلىكنى ئىلمىي مېتود بىلەن يېزىلغان تارىخىي يازما سۈپىتىدە قوبۇل قىلامدۇ-يوق؟ ئىزدىنىپ كۆرەيلى. ئىلمىي ماقالە، پاكىتلىق ماقالە قانداق بولىدۇ؟ ئازىراق ساۋات چىقارغاندىن كېيىن ئاندىن كېلەيلى.
http://www.islambook.net/shop/sort_book.asp?productno=30627
ماۋۇ خەنچە تەرجىمە كىتاپ ئەسلى بىر چەتئەللىك تارىخچى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىلمىي ئەسەر بولۇپ، ئاپتۇر بىر تارىخچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئىلمىي ساپانى ھازىرلىغان ھالدا نەقشىبەندىيە تەرىقىتى توغرىسىدا قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەن. بولۇپمۇ ئاپپاق خوجىنىڭ پائالىيەتلىرى، ئىدىيىسى توغرىسىدا خېلى كۆپ مەلۇمات بار. بىر ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.
ئاپپاق غۇجا 1693-يىلى زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. يۇرتىمىزغا شىنجاڭ دېگەن ئىسىمنى 1884-يىلى زۇزۇڭتاڭ قويغان. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى غۇجىلارنىڭ ئۇرۇش تارىخىغا قارايدىغان بولساقمۇ، ھېچقايسسىسى تاجاۋۇزچىلارغا باش ئەگمىگەن.... (خېلى گەپلەر قىسقارتىلدى)
ئەگەر ئاپپاق غوجا ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ۋەلىي بەندىسى بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى تىللىغۇچى، ھاقارەتلىگۈچى كىشىگە ئاللاھۇتائالا ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. (بۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىس بار: ئاللاھ دوستلىرىغا قارشى چىققۇچىلارغا ئاللاھ ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ). ئاللاھ بىلەن جەڭ قىلىپ يېڭىشكە كۆزى يەتكەنلەر داۋاملىق تىللاڭلار.
ئەگەر ئۇ ئۇنداق بولمىسا، بۇ قىيامەتتە ئايان بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئىچكىرىدە سۈرگۈندىكى چاغدا نەچچە يۈز، ھەتتا مىڭلارچە كىشىنىڭ ئىسلامغا كىرىشىگە سەۋەبچى بولۇشى، بۇنىڭ ئېنىق پاكىتلىرىنىڭ كۈنىمىزدە نىڭشىيادا ساقلىنىشىدىن ئىبارەت پاكىتنى ئاغدۇرىۋەتكىلى بولمايدۇ. بۇ ھەر قانداق ئاددى مۇسۇلماننىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. كۈنىمىزدە نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ئىچكىرىدە يۈرۈيدۇ، شۇلاردىن قېنى كىملەر يۈز ئەمەس، 10 دىنسىزنى ئىسلامغا ئەكىرەلىپتىمۇ؟ ئاللاھ بۇنداق شەرەپلىك ئىشنى ھەر قانداق ئادەمگە نېىسپ قىلمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ يېقىن بەندىلىرىگە نېسىپ قىلىدۇ.......
ئاپپاق غوجا مەيلى ۋەلى (ئەۋلىيا) بولسۇن، ياكى بولمىسۇن، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئۇنى تىللىماسلىقنىڭ پايدىسى بار. (ئەۋلىيا دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئۈچۈن يۇنۇس سۈرىسى 62-ئايەتكە قاراڭ). |
|