2-كىتاپچە
سەككىزىنچى باب
ئەمەلگە ئاشمىغان سۇيىقەست 1
بۇ يىل كۈز تولىمۇ سېخىيلىق بىلەن كەلدى. يەكەن دەرياسى بىلەن قارا شەھەر دەرياسىغا كەلگەن ئوتتۇرا ھال كەلكۈننى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقا دەريا – ئېىىنلاردا ئانچە تاشقىن بولمىدى. ياز پەسلىدىكى ئەلۋەك سۇ ۋە زىيادە يامغۇر يېشىدىن خالىي ھاۋا سەئىدىيە تەسەررۇپىدىكى زېمىنلارنىڭ دېھقانچىلىقىدىن مول ھوسۇل ئېلىشىغا سەۋەپ بولدى. بۇغداي-قوناق خامانلىرىدا، قوغۇن-تاۋۇزلۇقلاردا،باغ باراڭلاردا بىر يىللىق ئەمگىكىنىڭ مېغزىنى چاققان دېھقانلار:‹‹بۇ يىل ئاللا تائالانىڭ رەھمىتى ياغدى. سۇلتان ئسما ئىلخان زامانى ئاسايىشلىق، ياخشىلىق، توقچىلىق، مەمۇرچىلىق بىلەن باشلاندى››دېيشەتتى. دېمىسىمۇ بۈيۈك تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىن ئىبارەت ئىككى بوستانلىقى ئەلمىساقتىن تارتىپ ماكان تۇتۇپ ياشاپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تىرىكچىلىك قىلىپ كىلىۋاتقان ئەمگەكچان، مەرد، ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقى يېقىنقى سەككىز – ئون يىل ئىچىدە بېشىدىن نۇرغۇن ئسسىق – سوغۇقلارنى ئۆتكۈزگەنىدى. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقتىكى خەلق قىش - ئەتىيازدا قۇرغاقچىلىق ۋە بوران ئاپىتىگە ئۇچراپ بىر تامچە سۇغا زار بولسا، ياز ۋە كۈزدە دەھشەتلىك كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ قالاتتى.تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى بوستانلىقتا بولسا قىشتا قار ئاپىتى، ئەتىيازدا كەلكۈن، ياز پەسلىدە چىكەتكە كۈزدە مۆلدۈر ئاپىتى بولۇپ تۇراتتى. سەئىدىيە سەلتەنىتىدە ئولتۇرغان خان- سۇلتانلار ھەر يىل خەزىنىدىن نۇرغۇن پۇل- خىراجەت ئاجىرتىپ، سۇ ئىنشا ئاتى قۇرلۇشلىرىنى ئىلىپ باراتتى. كەلكۈن پەسلىدىن بۇرۇن دەريا-ئېقىنلارنى پۇختىلاپ، ئېرىق – ئۆستەڭلەرنى قايتىدىن چېپىپ، توسما- توسمىلارنى يېڭىلايتى، ئامبار –كۆللەرنىڭ دامبىللىرنى پۇختىلايتتى. شۇڭىمۇ، سەئىدىيە سەلتەنىتىدە كۆكۋېشلىق مەرتىۋىسى يۇقىرى دەرىجىلىك مەنسەپ ھېسابلىناتتى ۋە بۇ مەرتىۋىگە خان جەمەتىدىكىلەر ياكى خاننىڭ ئەڭ ئشەنچىلىك ئەمىرلىرى تەيىنلىنەتتى. ئىنسانىيەن تارىخىدا تۇنجى كەشىپ قىلىنغان سۇ تۈگمىنى پۈتۈنلەي ئومۇملاشقان بولۇپ، ئەڭ چەت، بۇلۇڭ- پۇچقاقلاردىكى كەنىت- قىشلاقلاردىنمۇ تۈگمەن تېپىلاتتى مەخسۇس تۈگمەنچىلىكنى تىركچىلىك كەسپى قىلىپ، ئېقىن بويلىرىغا بىرەر يۈز تاش تۈگمەن چۆرۈپ،كىشىلەرنىڭ ئۇنىنى تارتىپ بېرىپ بېيىپ كەتكەن بايلارمۇ خېلىلا بار ئىدى. كۈز پەسلىدە دېھقانلار زىرائەتلىرىنى خامانلىرىغا چەشلىگەن مەزگىللەردە تۈگمەنلەر باشقىچە ئاۋاتلىشىپ كىتەتتى. كۈز ۋە قىش پەسلىدە، تۈگمەنلەرنىڭ ئاۋاتلاشقانلىقى ياكى چۆلدەرەپ قالغانلىقىغا قاراپ، دېھقانلارنىڭ شۇ يىللىق ھوسۇلىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولاتتى.
ساخاۋەتلىك كۈز ئايلىرىنىڭ بىرىدە، ئىككى – ئۈچ يۈزگە يىقىن سوپى- دەرۋىشلىرنى ئەگەشتۈرۈپ، سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ ھوزۇرىغا زىيارەتكە ماڭغان خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان تازغان، يوپۇرغا، تېرىم قاتارلىق چوڭراق يۇرتلاردا بىرەر-ئىككى كۈندىن تۇرۇپ، بۇ تۇرتلاردىكى مۇرىت- مۇخلىسلىرى بىلەن دىدار مۇلاققەتتە بولۇپ، ھەلقە – سۆھبەتم جەررە – ساما سۇرۇنى تۈزۈپ سۈلۈك تەرغىباتى ئېلىپ بارغاچ تولغا چىققانىدى. مانا بۈگۈن ئىشان پىرىنىڭ مۇبارەك پايە – قەدەملىرى يېتىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان شېھىتدۆڭ خەلقى،تۈگمەنچى ئابدۇكىرەم باينىڭ يەكەن دەرياسى بويىدىكى تاش تۈگمىنى جايلاشقان يۆپىلىكتىكى سەيناغا داستىخان سېلىپ،يولىغا تەلمۈرۈپ تۇرىشاتتى.ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ قېينىغاسى ئابدۇغوپۇر بەگ ئىككى موزاي،يىگىرمە قوي سويۇپ،ئون داش قازاننى قاينىتىۋاتاتتى.ئىشان پېرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ،بۇ سەيناغا يېغىلغان ئۈچ مىڭغا يېقىن شېھىتدۆڭلۈك سۈلۈكى ئىشقىيە مۇرتلىرى غۇژمەك –غۇژمەك بولۇشقىنىچە داق يەردىلا ئولتۇرۇپ ‹‹ھۆم – ھۆم››دېيىشكىنىچە زىكىر ئېيتىشىۋاتاتتى. سەينانىڭ تۆر تەرپىگە سېلىنغان كىگىز ـكۆرپىلەرنىڭ ئۈستىدە موللاق ئېتىپ ئويناۋاتقان كەپسىز بالىلارنى چوڭلار پات - پات ۋارقىراپ، ھەيۋە قىلىپ قوغلىۋىتەتتى. كەپسىز بالىلار پارتلا قىلىپ قاچاتتى – دە، يەنە بىردەمدىلا كۆرپە –كىگىز ئۈستىىدە موللاق ئېتىشاتتى. ئابدۇغوپۇر بەگ، ئابدۇكىرىم باي، پالتا خەلىپە، مۇسا سوپى قاتارلىق بىر قىسىم يۇرت مۆتىۋەرلىرى جىگدە،سۆگەت،توغراق، سۇۋادان تېرەكلەر ئارسىدىكى يولغا پات – پات بويۇنداپ قارىشاتتى. ‹‹كېلىدىغان قەرەلى بولدى، ھېلى كىلىپ قالار›› دېيشىپ كۆڭۈللىرىنى ئاۋۇندۇرىشاتتى .يېكەن،قومۇش ۋە ئاللىقانداق سۇ ئۆسۈملۈكلىرى ئارسىدىن شارىلداپ ئىقىپ، تۆۋەن تەرەپتىكى يىگرمە تاش تۈگمەننىڭ چاقپەلىكىنى گۈلدۈرلىتىپ ئايلاندۇرۇپ تۇرغان ئۆستەڭ بويىدىكى قېرى سۆگەتلەرنىڭ سايىسىدە تاغار-تاغارلاپ قوغۇن-تاۋۇز،سېۋەت-سېۋەتلەپ ئالما،نەشپۈت،ئانار،شاپتۇللار دۆۋلىنىپ كەتكەنىدى. ئۆي-ئۆيلەردىن ئاچىققان چىنە-قاچا،لېگەن-تاۋاق،ھېجىر-ئاياقلارنى ئاياللار ئۆستەڭ سۈيىدە پاكىز يۇيۇپ تەقلەپ قويغانىدى. قول سۈيى ئېلىش ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان ئاپتۇۋا-چىىلاپچىلارمۇ بىرەر يۈز يۈرۈشتىن ئاشقانىدى. ئىشقىلىپ،خوجا ھىدايىتۇللا ئشاننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ سورۇن خېلىلا كاتتا ھەشەم بىلەن تۈزۈلگەنىدى.كۈن پېشىندىن قايرىلغان مەھەلدە يىراقتىن «ھۇئاللاھ ھۇ-ھۇ!» دېگەن جەررە ساداسى ئاڭلاندى. بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ دەل-دەرەخلىك يولدىن ئاسمانغا قويۇق چاڭ-توزان كۆتۈرۈلدى.«ھۇ-ھۇ»سادالىرى بارغانسىرى كۈچىيىپ شېھىتدۆڭ ئاسمىنىدا ھەيۋەتلىك گۈلدۈرلەيتتى.چاڭ-توزانلار ئاسمانغا خۇددى بۇلۇتتەك كۆتۈرۈلەتتى.شۇنداقلا قارىغان كىشىگە بۇ كۆرۈنۈش شېھىتدۆڭ زىمىنىغا خۇددى بىرتوپ بۆرە-قاۋان،جىن-شاياتۇنلار باستۇرۇپ كېلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.
-كەلدى،كەلدى،ھەزرىتى سەئىدىل ئەزەم خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان پىرى بۈزۈرىكىمىز يېتىپ كەلدى،ئەينا،-دېدى ئابدۇغوپۇر بەگ دەس ئورنىدىن تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا.
يىراقتىن دەۋرەپ كېلىۋاتقان بىر توپ ئالاماننىڭ قارىسى كۆرۈندى.
ئابدۇغوپۇر بەگ،ئابدۇكېرىم باي،پالتا خەلىپە،مۇسا سوپىلار ئالامان تەرەپكە قاراپ باشلىرىدىكى دوپپىلىرىنىڭ چۈشۈپ قالغىنىغا قارىماي يۈگۈرۈشتى.غۇژمەك-غۇژمەك بولۇپ ئولتۇرۇشقان شېھىتدۆڭلۈكلەر دۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئۇلارغا ئەگەشتى .شېھىتدۆڭگە باستۇرۇپ كېلىۋاتقان ئالاماننىڭ ئالدىدا خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان ئاق ئارغىماق ئۈستىدە مەغرۇر ئولتۇراتتى.ئۇ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقان خەلىپە،سوپى-دەرۋىشلىرىنىڭ يىگىرمە نەچچىسى ئاتلىق،قالغانلىرىنىڭ يېرىمى ئىشەكلىك،يېرىمى پىيادە ئىدى.يول ئازابى ۋە ئاچلىق ئۇلارنى خېلىلا چارچىتىۋەتكەن بولۇپ،تولىمۇ ھارغىن كۆرۈنەتتى.ئۇلار ئالدىغا يۈگۈرۈشۈپ كېلىۋاتقان شېھىتدۆڭلۈكلەرنى كۆرۈپ،ھارغىنىنىمۇ ئۇنتۇپ،قېنىنىڭ بارىچە جەررە تارتىشقا باشلىدى.شورلۇق يەردە گۈلۈپ-گۈلۈپ دەسسەپ بىردە ئوڭ يانغا،بىردە سول يانغا چۆرگىلەپ،ھەرە تارتىشماق ئيسۇلىنى ئويناپ ساما سېلىشتى.ئاياغلىرى ئاستىدىن ئاچچىق شورتوپىلار پۇر-پۇر توزۇپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلەتتىۋە دىماغلارنى ئېچىشتۇراتتى.بۇ سوپى دەرۋىشلەرنىڭ ئۈستۋېشى،يۈز-كۆزى،چاچ-ساقاللىرى،ھەتتا بويۇن-قۇلاقلىرىغىمۇ بىر ئىلىك توپا قونغانىدى.ئاۋازى پۈتۈپ كاكىراپ قالغان ھاپىزلار جېنىنىڭ بارىچە ھۆكمەت ئوقۇيتتى.باشقىلار ئۇنىقغا ماسلىشىپ جەررە تارتاتتى:
بەندە نەچچە ياش ياشىسا ئۆلمەكى بار،
گەۋھەر كۆزىگە بىركۈن تۇپراق تولماقى بار،
بۇ دۇنيادا سەپەر قىلغان كەلمەكى بار،
ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان كەلمەس ئەرمىش.
ھۆم ئاللا ھۆم-ھۆم!
ھۈۋۋى ئاللا،ھۆم!
......
ئابدۇغوپۇر بەگ،ئابدۇكېرەم باي،پالتا خەلىپە،موسا سوپىلار ھۆركىرەپ يىغلاشقىنىچە ئاق ئارغىماق ئۈستىدىكى ھىدايىتۇللا ئشاننىڭ ئۈزەڭگە دەسسەپ تۇرغان ئۆتۈكىنى،تونىنىڭ پەشلىرىنى بىر-بىرىدىن قىزغىنىپ تۇرۇپ سۆيۈشتى.ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن دەۋرەپ كەلگەن كىشىلەربېر-بىرىنى قىستىشىپ،ئىتتىرىشىپ ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ ئايىغىنى،تونىنىڭ پېشىنىسۆيۈشكە،كۆزلىرىگە سۈرتۈشكە ئىنتىلەتتى.قورشاۋدا قالغان ئاق ئارغىماق بۇ قىستا-قىستاڭچىلىقتا ئىزىدا تۇرالماي ئالدى-كەينىگە،ئوڭ –سولغا مۈدۈرەيتى. كىشلەر توپى تەلۋىلەرچە چۇقان سالاتتى، ھىدايىتۇللا ئىشانغا بەس –بەستە مەدھيە –تىلەكلىرىنى بىلدۈرشەتتى.
ـ ھارمىغايلا،پىرۇلھەق!
ـ قۇتبىل ئەقتابىمزنىڭ پايە- قەدەملىرىگە مۇبارەك!
ـ ماڭا يول بېر ىڭلار، يارانلا،ئىشان پىرمنىڭ ئۈزەڭگىسىنى كۆزۈمگە سۈرتۈۋالاي.
ـ سۇلتابۇل مۇھەققىقىننىڭ جامالىغا قېنىۋالاي.
ئاھ، ۋەلىيۇللا خوجام...
- ئاھ، جانابىي پىرى بۇزۇركۇم...
ـ ئى ئاللا، بۇزرۈكۋارىمىزنىڭ ئاپتاپتەك جامالىنى كۆرۈشكە نىسىپ قىلغىنىڭ ئۈچۈن مىڭ قەتلە شۈكۈر!
ـ ئاھ، ئىشان خوجام،مەنكىم پېقىر مىسكىنلىرىگە بىر دۇئا قىلىپ قويسىلا .
ئاق ئارغىماق ئۈستىدە ھىدايىتۇللا ئىشان ئەتىراپىنى ئورىۋالغان مۇرتلىرىغا ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرەتتى . كۆرشۈش ئۈچۈن ئاىدەك سوزۇلغان قوللارغا قولىنى چالا-بۇلا تەگكۈزەتتى. شۇ تاپتا ئاتلىق ئۇزاق يول يۈرۈپ، تېقىملىرى ئۇيشۇپ كەتكەن ھەم قورسىقى ئېچىپ كوركىراپ كەتكەن ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ ئتتىن چۈشۈپ، يۇمشاق كۆرپە ئۈستىدە تازا بىر ئېغناپ يېيىۋالغۇسى بولسىمۇ، ئەمما ئەتىراپىدىكى شۇنچىۋالا مۇرتلىرنىڭ كۆرسىتىۋاتقان زىيادە ھۆرمەت، ئېتىقادىدىن ئۇيلىپ ، چىرايىغا يالغان كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىۋاتاتتى. ئۇ بىرەر ئامال قىلمىسا ئاتتىن زۈشەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى –دە، ئوڭ تەرپىدە ئىككى قەدەم يىراقلىقتا تۇرغان خەلىپىسى موللا ساقىغا قاراپ كۆز ئىشارىسى قىلدى. خوجىسىنىڭ ھەر بىر چىراي ئىپادىسىدىن ئوي- خىيالىنى بىلىشكە ئادەتلەنگەن موللا ساقى ئىشاننىڭ مقسىتىنى دەرھال زۈشەندى- دە، ئۈزەڭگىگە دەسسەپ ئات ئۈستىدە ئۆرە بولدى ۋە دەۋرەپ تۇرغان ئالامانغا ۋارقىراپ تۇرۇپ سۆزلىدى :
-ئى شېھىتدۆڭلۈك يارانلا،سەبرى قىلغايسىزلە، ئۇزاق يول يۈرۈپ ئىشان پىرمىزغا ھاردۇق يەتتى. قۇتبىل ئەقتابىمىزنى ئارامگاھقا باشلىغايسىزلە. ئارام ئالغاچ دىدارى –مۇلاقەت بولغايمىز...
موللا ساقى خەلىپىنىڭ سۆزلىرى ئابدۇغوپۇر بەگ قاتارلىق شېھىتدۆڭ مۆتىۋەرلىرىگە تەسىر قىلدى.ئۇلار ئىشان خوجىسىنى تېخىچىلا ئەتتىگەندىن بېرى تەييارلىغان سورۇنغا باشلىمىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىشتى-دە،ئەتراپتىكىلەرنى جىمىقتۇردى.
-پوش-پوش،ئىشان بۈزۈرۈكۋارىمىزغا يول بېرىڭلار،-ئابدۇغوپۇر بەگ ئارغىماقنىڭ چۇلۋۇرىنى بوينىغا سېلىپ تۇرۇپ،ئادەملەر توپىدىن يول ئاچتى.ئابدۇكىرىم باي،پالتا خەلىپە،مۇسا سوپىلارئاق ئارغىماقنىڭ يايلىغا،ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ ئايىغىغا ئېسىلىپ ماڭدى.
تۈگمەن بويىدىكى سەيناغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن ھىدايىتۇللا ئىشاننى يۆلەشتۈرۈپ دېگۈدەك ئاتتىن چۈشۈردى-دە،تۆر تەرەپتىكى قوشلاپ سېلىنغان كۆرپىگە تەكلىپ قىلدى.ئىشاننىڭ ئوڭ تەرىپىدىن شېھىتدۆڭنىڭ مۆتىۋەرلىرى،سول تەرىپىدىن موللاساقى قاتارلىق يۇقۇرى دەرىجىلىك خەلىپىلىرى ۋە سۈلۈك تەرغىباتچىلىرى ئورۇن ئالدى. باشقا سوپى-دەرۋىشلەرۋە شېھىتدۆڭلۈك مۇرىتلارمۇ كىگىز يېتىشكەنلىرى كىگىزدە،كىگىز يېتىشمىگەنلىرى داق يەردىلايۇمىلاق سورۇن تۈزۈپ ئورۇن ئېلىشتى.ھەممەيلەن جايلىشىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىشان دۇئاغا قول كۆتۈردى.ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەممە ئادەم ئالقانلىرىنى جۈپلەپ ئېگىز كۆتۈرۈشتى.ئىشان ئاۋازىنى ئۈنلۈك چىقىرىپ تۇرۇپ شېھىتدۆڭدىكى بارلىق مۇرىتلىرىغا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن «ئاللاھۇ-ئەكبەر»دەپ ئالقىنىنى يۈزىگە سىيپىدى ۋە قايتىدىن ئېسەنلىك سورىدى.
دۇئادىن كېيىن يۈزلىگەن ئادەملەر لېگەن-لېگەنلەردە قوغۇن-تاۋۇزلارنى،ئالما،ئامۇت،شاپتۇل...قاتارلىق يەل-يېمىشلەرنى داستىخانغا توشۇشتى.ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ھەر بىر لېگەنگە توققۇزدىن تىزىلغان نانلار داستىخانغا قويۇلدى-دە، چاشگاھ ۋاقتىدىن بېرى قايناپ،راسا پىشىپ تىترەپ تۇرغان ئككى موزاينىڭ گۆشى تارتىلدى.پۈتۈن پىشۇرۇلغان يىگىرمە قوينىڭ ئۈچى يوغان كاساڭلارغا سېلىنىپ،ھىدايىتۇللا ئىشاندىن باشلاپ مەلۇم ئارلىق قالدۇرۇپ،داستىخانغا كەلتۈرۈلدى.شېھىتدۆڭلۈكلەر پۈتۈن پىشۇرۇلغان قوينىڭ گۆشىنى «ئۈچ تارتتۇق»دېيىشەتتى.ئەڭ ھۆرمەتلىك مىھمانلاردىن بىرى قوينىڭ گۆشىنى پارچىلاپ،ناننىڭ ئۈستىگە ئېلىپ تەقسىملەپ بېرەتتى.پارچىلانغان گۆشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى داستىخاندا ئولتۇرغان مىھماننىڭ نوپۇز-ئابرويىغا قاراپ بەلگىلىنەتتى،ئەڭ ئاخىرىدىكىلەرگىمۇ قۇيرۇق مايدىن بىرەر توغرام تەقسىم بولاتتى.
داستىخاندا بىر چۆگۈن چاي قاينىمىچىلىك ۋاقىت جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.پەقەت ئادەملەرنىڭ گۆش يەۋاتقان ۋاقتىدىكى «شالاپ-شۇلۇپ»،«مالاچ-مالاچ»لىرىلا ئاڭلىناتتى.مېھمان كۈتۈشكە مەسئۇل بولغان بىرەر يۈزگە يېقىن شېھىتدۆڭلۈك مۇرىتلار داستىخاندىكى شاپاق-شۆپۈك،سۆڭەكلەرنى ئېلىۋېتىپ،يېڭىدىن پىچىلغان قوغۇن-تاۋۇزلارنى،پاكىز يۇيۇلغان ئالما،ئامۇت،شاپتۇللارنى تولۇقلاپ تۇراتتى.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئىشاننىڭ ئالدىغا دورا-دەرمەكلەر سېلىپ،سىڭدۈرۈپ پىشۇرۇلغان زىخ كاۋىپى كەلتۈرۈلدى.ئىشان تەكەللۇپسىزلا كاۋاپتىن يەتتە-سەككىز زىخنى سىيرىۋەتتى-دە،كار-كار قىلىپ كېكىردى،مايلاشقان قوللىرىنى ئابدۇغوپۇر بەگ ئۇزاتقان يىپەك رومالغا ئالدىرماي سۈرتتى.دېمەك،ئىشان تويغانىدى،ئۇ باشقا سوپى-دەرۋىشلەر تىرناقلىرى ۋە بەكىلىرىنىڭ ئۇچى بىلەن چىشلىرىنى كولىغاچ«بىزگىمۇ بىر-ئىككى زىختىن كاۋاپ ئىلتىپات قىلسا ئىكەن »دېگەن تەمەدە كۆزلىرىنى ئوچاق بېشىغا تىكىشەتتى.كاۋاپتىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەنلىرى قوللىرىدىكى ماي يۇقۇندىلىرىنى ئاۋۋال ساقال-بۇرۇتلىرىغا،ئاندىن يۈزلىرىگە ۋە توڭرا بېسىپ قارىداپ كەتكەن بەلۋاغلىرىغا سۈرتۈشەتتى.
ھىدايىتۇللا ئىشان ئۆزىگە بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن تىكىلىپ تۇرغان شېھىتدۆڭلۈك مۇرىتلىرىغا،تولا سكزلەپ يادقا بولۇپ كەتكەن نۇتقىنى باشلىدى:
-شېھىتدۆڭ-ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ نەزىرى چۈشكەن مۇقەددەس يۇرتتۇر.شۇڭا بۇ يەردە ئەۋلىيا-ماشايىخلارغايىپتىن پات-پات پەيدا بولۇپ،ئەھلى سۈلۈكتىكى مۇرىت-يارەنلەرنىڭ ئىش-ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر تېپىپ،مۇبارەك نەزەرلىرىنى تاشلاپ دۇئالار بولۇپ تۇرىدۇ.ئاستانە ھىجرىتىگە نىيەت قىلىشتىن ئازكەم بىر ھەپتە ئىلگىرى ھەزرەتتىكى پەدەرۇ بۈزرۈك مازار پادىشايىمنىڭ مەقبەرەسىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ شۇنداقلا بىر كەشپۈ كارامەت قىلىۋىدىم،كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۆزۈمنى ئالەمى مەلەكۇتتا ككردۈم.ئېرىقلىرىدا ئابىزەمزەملەر ئېقىپ تۇرغان باغۇ-ئېرەمنى شۇنداق ئايلىنىپ كېتىپ بارسام،بابائى بۈزرۈك مەىدۇم ئەزەم سەججادە نىشىن ۋەلىيۇللا ھەزرەتلىرى پەرىشتە مالائىكىلەربىلەن مۇلاقەتتە بولۇپ ئولتۇرغان ىكەن،بېرىپ ئۇلارغا سالام بەردىم.بىر پەس مۇلاقەتتە بولغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز بابائى بۈزۈرۈك ھەزرەتلىرى سوراپ قالدى:
«ئى پەرزەنت،شېھىتدۆڭدىكى ئەھلى سۈلۈك يارانلار بىلەن كۆرۈشتىڭىزمۇ؟»
«ياق»دەپ جاۋاپ بەردىم مەن.
جاۋابىمنى ئاڭلاپ بابائىي بۈزرۈك ۋەلىيۇللانىڭ مۇبارەك جامالىنى نارازىلىق بۇلۇتلىرى قاپلىدى.
«بىلىڭكى،ئى پەرزەنت،شېھىتدۆڭدە ئاللاھنىڭ ئىنايىتىگە مۇيەسسەر بولغان بىسيار يارەنلىرىڭىز باردۇر.ئول يارەنلىرىڭىز كىچەيۇ-كۈندۈز سىز قۇتبىل ئەقتاپ بۈزرۈكۋارنىڭ جامالىغا تەشنا بولۇپ،يولىڭىزغا تەلمۈرۈپ تۇرماقتا. ئۇلار پانىي دۇنيانىڭ پۇچەك پۇلىغا ئەرزىمەيدىغان مەئىشەتلىرىدىن كېچىپ،سائادەتمەن سۈلۈكى ئىشقىيە يولىنى يۈرەكلىرىگە جا قىلىپ،سىزنىڭ پېشىڭىزنى تۇتقاندۇر.بېرىڭ ئۇلار بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولۇپ،تىلەكلىرىڭىزنى ئىجابەت قىلىڭ.»
بابائي بۈزرۈكنىڭ بېشارىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال تەييارلىق قىلدىم- دە،شېھىتدۆڭگە قاراپ يول ئالدىم.ئنشائاللا مانا ھازىر سىز مۇرىتلىرىم بىلەن دىدارلىشىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ھىدايىتۇللا ئىشان بارلىق سەزگۈلىرىنى ئىشقا سېلىپ،ئاڭلاپ ئولتۇرشان مۇرۇتلىرىغا قاراپ نۇتقىنى داۋام قىلدى:
-ئىنسانغا بارلىق بالايىئاپەتلەر نەپسىدىن كېلۇر.مال-دۇنيا يىغماقلىق،ئىش-ئوقەت قىلمىقلىق،بۇ دۇنيانىڭ رەڭۋاز مەئىشەتلىرىگە بېرىلىش،راھەت-پاراغەت قوغلىشىش،سۆلەتلىك ئېگىن كىيىش،ياسىنىش-تارىنىش...نىڭ ھەممىسى ئىنساننى نەپسى بالاسىغا باشلاپ بارۇر.ئىنسان نەپسىنى ئۆز ئەركىگە قويۇۋەتسە گۇمراھلىقتا قالۇر،.ئۆشنىسىگە ھېسابسىز گۇناھىكەبىرلەرنى ئارتىۋالۇر.نەپسى شەيتان ئىنساننى ئىككى تۆشۈك ئارقىلىق ئازدۇرۇر.ئول ئىككى تۆشۈك ئىنسان بەدىنىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى تۆشۈك بىلەن ئاستىنقى تەرىپىدىكى تۆشۈكتىن ئىبارەتتۇر.يۇقىرىقى تەرەپتىكى تەمەگەر تۆشۈك بولۇپ،ئىگىسىنى يېيىش،ئىچىش،تېتىشقا ھەر قاچان ۋەسۋەسىگە سالۇر.بۈگۈن بۇنى يىدىم،ئەتە ئۇنى يىسەم،ئۆگۈنى بۇنى يىسەم دېگەن ناشۈكۈر خىياللارغا ئەسىر قىلۇر.پىرى بۈزرۈكنى،سۈلۈك ئىرادەتلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇر.ئاستىنقى تەرەپتىكى بالاگەر تۆشۈك بولۇپ،ئىگەسىنى ئايال زاتىغا ساقال تاشلاشقا،خوتۇن ئېلىشقا،جىما لەززەتلىرىدىن ھوزۇر ئېلىشقا قىززىقتۇرۇپ،مۇسىقى-مۇغەننى،ئويۇن-تاماشا،بەزمە-مەشرەپلەرگە ئەسىر قىلۇر.مانابۇ سۈرەتەن جۇلالىق،باتىنەن تولىمۇ پۇچەك مەئىشەتلەرگە بالاگەر تۆشۈكنىڭ كەينىگە كىرىپ،بىقارار بولغان ئىنسانلارنىڭ ئىمانى سۇسلىشار،سۈلۈكى تەرىقەتتىن چەتلەشۇر.شۇڭە بالاگەر تۆشۈك تەلەپ قىلغان جىما لەززەتلىرىگە چەك قويماقلىقى،پەقەت ئىت يېمى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشقا مۇناسىپ تەننى ھۇزۇرلاندۇرماسلىقى،لەززەتلەندۈرمەسلىكى،بەلكى جازالىمىقى،ئازاپلىمىقى ۋاجىپتۇر.ئەگەر كىمەرسىكى ۋۇجۇدىدىكى ئەشۇ تەمەگەر تۆشۈك بىلەن بالاگەر تۆشۈك تەلەپ قىلغان لەززەتلەردىن كېچىپ،پانىي ئالەمنىڭ مەئىشەتلىرىگە كۆز قىرىنى سالماي،ئىت ئۇېىلىرى مىسالى غارلارنى،كونا تاملىقلارنى،مازارلارنى،تاشلاندۇق گۆرلەرنى،گۆلەخلەرنى ۋەتەن تۇتۇپ،سائادەتمەن سۈلۈكى ئىشقىيە يولىدا ئۆزىنى پىدا قىلسا،ھەلقە سۆھبەت،جەررە سامالارغا مەشغۇل بولسا،ھەققە يېتىپ سەككىز جەننەتنىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا ئالغاي.بۇ ۋاپاسىز ئالەمدە تەمەگەر تۆشۈكنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن باقىي ئالەمدە بىر لوقمىسى بۇ ئالەمنىڭ مىڭ لوقمىسىغا باراۋەر كېلىدىغان مەئىشەتلىك غىزالارغا ئېغىز تەگكەي ۋە بىې بېلىدە بىر بۇقىنىڭ،بىر پۇتىدا ئىككى تۆگىنىڭ كۈچىگە باراۋەر كۈچ-قۇۋۋەت زاھىر بولغاي.پانىي ئالەمدە بالاگەر تۆشۈكنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن باقىي ئالەمدە سەككىز جەننەتتىكى ھەر تاڭلا سەھەردە بىر قېتىم قىزلىقىغا يېنىپ تۇرىدىغان چۆر-پەرىلەر بىلەن جىما لەززەتلىرىدىن ھوزۇرلانغاي،خۇلاسە كالام،ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى نەپسىدىن كېچىپ،ھەققە يېتىپ،ئەدەبىيلىككە ئېرىشىشنى ئىستىمەكتۇر.بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تەننى جازالىماق،جاھاننىڭ بارلىق ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىدىن تەننى مەھرۇم قىلماق لازىمدۇر...
خوجا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەسىلە-مەرۇپى،سۈلۈك تەرغىباتى ناماز دىگەر ۋاقتىغىچە داۋاملاشتى.شېھىتدۆڭلۈكلەر بۇ تەرغىباتنى ئاڭلاپ،نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ،جاھان مەئىشەتلىرىگە بېرىلگەن گۇناھىكەبىرلىرىدىن قاتتىق چۆچۈپ،جەننەت يۈزى كۆرەلمەسلىكىدىن ۋەھىمە يەپ،پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكۈپ،ئېقىپ كېتىشكەنىدى.
ھەممەيلەن ئۆستەڭ سۈيىدە تەرەت ئېلىشقاندىن كېيىن،ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ ئىمامەتچىلىكىدە مۇشۇ سەينادىلا دىگەر نامىزىنى ئوقۇشتى. نامازدىن كېيىن موللا ساقى خەلىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەلقە-سۆھبەت سورۇنى تۈزۈپ،جەررە-ساماغا چۈشۈپ كەتتى.
ھاپىزلارنىڭ جاراڭلىق،ئەمما تولىمۇ مۇڭلۇق ھۆكمەتلىرى ئەتراپقا تەكشى تارقىلاتتى. سوپى-دەرۋىشلەرنىڭ «ھۆم-ھۆم، ھۇ-ھۇ »لىرى شېھىتدۆڭ ئاسمىنىدا ھەيۋەتلىك گۈلدۈرلەيتتى. تامامىي دېگۈدەك سورۇنغا چۈشۈپ،ساما سېلىشىپ،ھەرە تارتىشماق ئۇسسۇلى ئويناۋاتقان مۇرىتلار،سوپى دەرۋىشلەرنىڭ ئەڭ قوپال ھەم ئەڭ نازۇك بەدەن ھەرىكەتلىرىنى سۈپسۈزۈك ئاسمان گۈمبىزىدە ئېسىلىپ تۇرغان تۇلۇن ئاي كۈمۈش نۇرلىرى بىلەن تولۇق يورۇتۇپ تۇراتتى .
نەپسى يولىغا كىرگەن كىشى رەسۋا بولۇر،
يولدىن ئېزىپ،تېيىپ،توزۇپ،گۇمراھ بولۇر،
ياتسا-قوپسا شەيتان بىلەن ھەمراھ بولۇر،
نەپسىڭ يىغقىل،نەپسىڭ يىغقىل،ئەي بەدكىردار.
ھۆم ئاللاھ ھۆم-ھۆم!
ھۈۋۋى ئاللاھ ھۆم!
يامەنھۇ يائاللا،
ھەق دوست،يائاللا!
......
تولۇن ئاي پارقىرايتتى.ھۆكمەتلەر مۇڭلۇق جاراڭلايتتى.جەررە-سامالار پەلەكنى قۇچاتتى.مىڭلىغان سوپا دەرۋىشلەرنىڭ يەرگە گۈلۈپ-گۈلۈپ دەسسەشلىرىدىن توزىغان ئاچچىق توپا-چاڭلار قويۇق تۈتەك پەيدا قىلغانىدى.بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن جەررە-ساماغا چۈشۈ پ كەتكەن بۇ كىشىلەر شۇ تاپتا ئۆزىنىمۇ،ھەتتا ئىشان پىرى بۈزۈرۈكنىمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتكەنىدى.
شۇ تاپتا ھىدايىتۇللا ئىشان قېينىغاسى ئابدۇغوپۇر بەگنىڭ كاتتا قوروسىدىكى ھەشەمەتلىك مىھمانسارىيىدا،قوشلاپ سېلىنغان تەتىللا كۆپىنىڭ ئۈستىدە پەي ياستۇققا يۆلەنگىنىچە ئابدۇغوپۇر بەگ،ئابدۇكىرەم باي،پالتا خەلىپە،مۇسا سوپى...قاتارلىق يېقىنلىرى بىلەن نەشە چېكىۋاتاتتى.
داستىخان ياغلىق توقاچ،دۈملەپ پىشۇرۇلغان قوزا گۆشى،ئوغلاق، باچكا كاۋىپى،ئۆپكە-ھېسىپ،قوغۇن-تاۋۇز ۋە ھەر خىل ھۆل-قۇرۇق يەل-يىمىشلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. بولدى دېگۈچە يەپ تويغان مېھمانلارنىڭ داستىخانغا قاراشقا ھەپىلىسى يوق ئىدى.
چىلىم ئىككى ئايلىنىپ بولغاندا ئابدۇغوپۇر بەگ سەل تارتىنىپراق ھىدايىتۇللا ئىشاندىن سورىدى:
-ئۇزۇندىن بېرى ئىچىشكە كۆزۈم قىيماي ساقلاپ قويغان بىر نەچچە كوزا شاراپ بار ئىدى. بىلمىدىم پىر بۈزۈرۈكىمنىڭ تاۋى بارمىكىن ؟
شاراپنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ گېلى قىمىلدىدى.
-ئىلتىپاتنىڭ چوڭ-كىچىكى يوقتۇر. ساھىبخاننىڭ كۆڭلىنى قايتۇرۇش مېھمان ئۈچۈن ئەدەپسىزلىك بولۇر،-دېدى ھىدايىتۇللا ئىشان.
ئابدۇغوپۇر بەگ مالايلىرىغا بۇيرۇپ داستىىانغا ئۈچ كوزا شاراپ كەلتۈردى.
-شاراپقا ئازراقتىن ئەپيۇن سېلىۋەتكەنىدىم،نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئېچىپ تازا كۈچلىنىپ قالدىغۇ دەيمەن،-دېدى ئابدۇغوپۇر بەگ كوزىدىكى شاراپنى ئايپاڭ پىيالىگە تۆكۈپ ھىدايىتۇللا ئاشانغا ئۇزۇتۇپ تۇرۇپ.
ئىشان شاراپ پىيالىسىنى قولىغا ئالدى- دە،تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا لېۋىگە تەككۈزۈپ سۈمۈرۈپ-سۈمۈرۈپ ئىچىۋەتتى.
-راستتىنلا ئېسىل شاراپ ئىكەن،- دېدى ئىشان بوشىغان پىيالىسىنى قېينىغاسىغا تەڭلەپ تۇرۇپ،- ئادەم مەست بولغان چاغدا روھىي ئىلاھتىن باخاۋەر بولۇر،ھەر كېچە بىدار بولۇپ،ئاللانىڭ جامالىنى سېغىنىدۇ.ۋۇجۇدى ئىشىقنىڭ ھىجرانىدا ئۆرتىنىدۇ ۋە ۋەر لەھزىدە ھەققە يەتمەكنى خىيال قىلىدۇ،كەيىپ قىلماق بىزلەردەك ئاللاھنىڭ ئىشقىدا،ھىجران باياۋانىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن،بارخانلاردا ئۇسساپ يۈرەك-باغرى چاك-چاك بولغان ئارىفلارغا دۇرۇستۇر. شۇڭا،ئاللانىڭ ئىشقىدا نەشە چېكىپ ئىبادەت قىلسا،تىلىكى ئاساسەن ئىجابەت بولىدۇ. مەست-مۇستەغرەق بولۇپ يۈرگەندە،ئاندىن ھۆسنى مۇتلەققە يېقىنلىشالايدۇ.
-بۇ نۆۋەت ئاستانىدە ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالۇرلىمۇ،پىرىم ؟- سورىدى پالتا خەلىپە بۇلدۇقلاپ شاراپ تۆكۈلىۋاتقان شاراپ پىيالىگە ئاچكۆزلۈك بىلەن قاراپ قويۇپ.
-دەھرىي سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ نىيەت-ئىقبالىغا قارايمەن.
-ئاڭلىشىمچە،مەختۇمزادە دېگەن مۇرتەت دوزىخى ئۆلگەندىن كېيىن سۇلتان ئىسمائىلخانئول توڭگۇزنىڭ كۈچۈكلىرى بولمىش ئىككى مەختۇمزادىنى پىر تۇتقانمىش ھەم قاتىلىنى تېپىپ جازالاشقا ۋەدە بەرگەنمىش،-دېدى ئابدۇكېرەم باي لىق شاراپ تولۇرۇلغان پىيالىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ؛
-بۇ ئىشلاردىن ئاللىقاچان خەۋەردارمىز،-دېدى ھىدايىتۇللا ئشان خاتىرجەملىك بىلەن،-ھەر ھالدا ئۆز قولىمىز بىلەن بولمىسىمۇ باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق پەدەرۇ بۈزۈرۈك مازار پادىشاھىمنىڭ قان-قىساسىنى ئالغان بولدۇق.
دەھرىي ئىسمايىلخاننىڭ قاتىلىنى تىپىپ بېرىش ۋەدىسى ئىككى مەخدۇمزادىنى گوللاپ بەرگەن تەسەللىيسىدۇر.قاتىلنى ئىلمىي غەيبتە مەقامىغا يەتكەن ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ تاپالمايدۇ. ئىككى مەخدۇمزادە بولسا تولىمۇ گۆدەكتۇر. ئۇلار پىرى بۈرزۈكلۈكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ،مۇرىت مۇخلىسلىرىنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ. ئول مەخدۇمزادىلەرگە قول بەرگىنى بىلەن سۈلۈكى ئىسھاقىيەگە ئىرادەت قىلمىقى ناتايىن.
قۇتبىل ئەقتاب پىرى بۈرزۈكۈم بىزلەركىم سۈلۈكى ئشقىيە ئۈممەتلىرىنىڭ سۇلتانۇل مۇھەققىقىنىدۇر،- دەپ مەدھىيە سۆزلىرىنىڭ باشلىۋەتتى موسا سوپى،- ئىشان پىر دەستىگاھىمىزنىڭ مۇبارەك پايە-قەدەملىرى يەتكەن جايدىن تاڭلا مەھشەرگىچە بەرىكەت كەتمىگەي. تۇتۇپ قويغان ياغىچى چىنار بولۇپ كۆكلىگەي. غەزەپ قىلغاندە يەر-زىمىن تىترەپ، دۇئايەت قىلىۋتكەنلەر گاس-گاچا، ئەما-مەجرۇھ بولۇپ قالغاي. قارغىشقا يولۇققانلار جەھەننەمگە سەپەر قىلغاي. پىرىم شۇنداقلا كەشپۇ كارامەت قىلىدىغان بولسا، ئول دەھرىي سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ مۇلھىد سۈلۈكى ئىسھاقىيە ئەقىدىسىدىن قايتىپ، سائادەتمەن ئىشقىيە سۈلۈكىمىزگە ئىرادەت قىلمىقى، ئىشان پىرىمغا قول بېرىپ، ئاياغلىرىغا يىقىلمىقى ھېچقانچە ئىش ئەمەس.
موسا سوپىنىڭ ماختاشلىرىدىن ئەس-ھوشنى يوقاتقان ھىدايىتۇللا ئىشان ھاياجان ئىلكىدە كېرىلدى.
- ئەينى مۇددىئا،- پالتا خەلىپە، موسا سوپىنىڭ ئىشان پىرىنىڭ نەزىرىگە بەكرەك ئىلىنىپ قىلىشىدىن قىزغىنىپ دەرھال گۇپپاڭچىلىق قىلىشقا باشلىدى،-قۇتبىل ئەقتاب پىرى بۈرزۈكىمىز ئاستانىگە قەدەم باسسىلا، سۇلتان ئىسمائىلخان ئالىيلىرىنىڭ ئەھلى تەرىقەتنىڭ نۇرلۇق يولىنى كۆرسەتكۈچى سائادەتمەن ئىشقىيە سۈلۈكىمىزگە ئىرادەت قىلمىقى خۇددى مۇنۇ ئاياقتىكى ئاشتەكلا بىزگە ئاللىقاچان ئايان. خان ئالىيلىرى پىرىمغا قول بەردىمۇ بولدى، پۈتكۈل سەئىدىيە تەسەررۇپىدا سۈلۈكى ئىشقىيە تەرغىباتىنى ئىلىپ بارمىقىمىز توسقۇنسىز ھەم بىمالالدۇر. ئول چاغدا سۈلۈكى ئىسھاقىيە مۇرىتلىرىنى خەر قىلىپ مىنگەيمىز. لالما سەگلەرنى قوغلىغاندەك سۈر- توقاي قىلغايمىز.
ئارقىمۇ-ئارقا ئىچىلگەن ئەپيۇن سىلىنغان كۈچلۈك شاراب ئىشاننى ئوبدانلا مەست قىلغانىدى. شۇڭا، ئۇ مۇرىتلىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، يىقىندىن بېرى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن، مۇقىملاشتۇرۇپ بولغان مەقسىتىنى يوشۇرمايلا دەۋەتتى.
خان-سۇلتانلارغا پىرى بۈرزۈك بولۇش ئارقىلىق سۈلۈك تەۋرىتىش نىيىتىمىزدىن ياندۇق. ئاللاتائالا ئول دەھرىيلەرگە سەئىدىيە تەسەررۇپىدا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد خان-سۇلتان بولۇشنى پېشانىسىگە پۈتمىگەن. ئەمدى بىزلەرنىڭمۇ بىر نۆۋىتىمىز باردۇر. سەئىدىيە تەختىگە بىزلەرنىڭمۇ بېزەك بولغۇچىلىكىمىز باردۇر.
-ئىنشائاللا، ئىيتقانلىرى كەلگەي، پىرىم. –دىدى ئابدۇغوپۇربەگ ھاياجانلىنىپ.
-ئەلھەق، مۇراد-مەقسەتلىرىگە يەتكەيلا، قۇتبىل ئەقتابىم،-دىدى ئابدۇكېرىم باي.
-جانابلىرى يالغۇزلا ئەھلى سۈلۈكتىكى يارەنلەرنىڭ سۇلتانۇل مۇھەققىقىنى بولۇپ قالماستىن، پۈتكۈل سەئىدىيە تەسەررۇپىدىكى بارلىق رەئىيەتنىڭ خان-سۇلتانى بولۇشقا مۇناسىپ،- دىدى موسا سوپى ياغلىما تىلىنى ئىشقا سىلىپ.
- ئەگەر پىرى بۈرزۈكىمىز مۇشۇ مەقسەتتە قولىغا ئادەلەت شەمشىرىنى ئالىدىغان بولسا، بىزلەركىم خەلىپە مەسئۇللىرى بۇ يولدا جېنىمىزنى تەسەددۇق قىلغايمىز،- دىدى پالتا خەلىپە.
بۈيۈك سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت بىر شۇم نىيەت قەدىمىي يۇرت شېھىتدۆڭدە ئاشكارىلانغانىدى.
سىرتتا ھەلقە سۆھبەت ، جەررە – ساما بارغانسىرى قىزىپ كەتكەنىدى. ئۆي ئىچىدە بولسا كەلگۈسى شۇم پىلان ھەققىدىكى ئارزۇ-ئارمانلار ئەۋجىگە چىققانىدى. ئۇلار ئەنە شۇنداق پاراڭلار بىلەن ئۈچ كوزا شارابنى پاك-پاكىز ئىچىپ بولدى، مەست-مۇستەغرەق بولغان بۇ ئىشان سوپىلارنىڭ پاسىق ۋۇجۇدى ئاللاغا يېتىش ئارمانلىرى بىلن ئەمەس، سەئىدىيە سەلتەنىتىنىڭ تەختىنى تارتىۋىلىش ئارزۇلىرى بىلەن ئۆرتەنمەكتە ئىدى.
-ھە، قانداق بولدى؟
بوسۇغىدىن تارتىنىپ ئاتلاپ، تاپسىدىلا قول باغلاپ تۇرغان قېرى خىزمەتكاردىن سورىدى ئابدۇغوپۇر بەگ.
ھويلىدا ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ،- دەپ جاۋاب بەردى قېرى خىزمەتكار بېشىنى تۆۋەن سىلىپ.
خىزمەتكارنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ئابدۇغوپۇر ھىدايىتۇللا ئىشانغا قاراپ، قول باغلاپ تۇرۇپ دىدى:
-بارات سوپى ئىسىملىك بىر مۇرىتلىرى ئۇزۇندىن بېرى ئىشان پىرىمنىڭ دۇئاسىنى ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەنىدى. بۈگۈن ئىشان پىرىمنىڭ ئۇلۇغلارنىڭ نەزىرى چۈشكەن شېھىتدۆڭ زېمىنىدا خۇدايى قوناق بولۇش نىيىتىنى بىلىپ، بۇ يىل ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن ئاجىزەسىنى قىزلىق ئىپپىتى بىلەن خىزمەتلىرىگە تاپشۇرۇپ دۇئا قىلدۇرۇش نىيىتىنى پېقىرگە بىلدۈرگەنىدى، ئەگەر پىرىم مەقبۇل كۆرسە نىكاھلاپ قويساق.
-مۇرىتلىرىمىزنىڭ تەلەپ-ھاجەتلىرىنى رەت قىلىش، خۇدايى نىسىۋىنى قوبۇل قىلماسلىق بىزلەركىم ئىشان پىرى بۈرزۈكلارغا جايىز ئەمەستۇر، قېنى مەرھەمەت قىلغاي،- دىدى شاراب تەسىرىدە ھايۋانىي شەھۋىتى قۇتراپ تۇرغان ھىدايىتۇللا ئىشان كۈتمىگەن بۇ ئامەتتىن خۇشال بولۇپ.
بارات سوپى ئىسىملىك ئەللىك ياشلاردىن ھالقىغان، تولا ئەمگەك قىلغانلىقتىن مۈكچىيىپ قالغان دېھقان ئۆيگە كىرىپلا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ ئايىقىغا يىقىلدى.
- پېقىر مۇرىتلىرىنىڭ ئەرزىمەس كۆڭلىنى قوبۇل قىلغانلىرى ئۈچۈن رەھمەت،-دەيتتى ئۇ كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياش تۆكۈپ.
ئىشان ئالىقىنىنى جۈپلەپ بارات سوپىغان ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلدى. دۇئاسىدا ئىككى ئالەملىك تاغدەك ساۋابلارنى، سەككىز جەننەتنى، ئەرشى مۇئەللەقنى، ھەۋزىكەۋسەرنى ۋەدە قىلدى.
دۇئادىن كىيىن پالتا خەلىپە ئىشان بىلەن بارەت سوپىنىڭ قىزىنىڭ نىكاھ-پاتىھەسىنى ئوقۇدى. ئابدۇغوپۇر بەگ، ئابدۇكېرىم باي، موسا سوپى ۋە بارات سوپىلار گۇۋاھ بولدى.
ئېغىر ئەلياتقۇ مەھەلدە بىر قىتىملىق دۇئانىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن، ئەمدىلا ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن نارەسىدە قىز قىزلىق ئىپپىتىنىڭ بۇزۇلۇش ئازابىغا چىدىماي بار ئاۋازى بىلەن چىرقىرىۋەتتى. بۇ ئېچىنىشلىق چىرقىراش ھۇجرىدىن ئابدۇكېرىم بەگنىڭ كاتتا قورۇسىغا، قورۇدىن پۈتكۈل شېھىتدۆڭ ئاسمىنىغا كۆتۈرۈلدى- دە تېخىچىلا تۈگمەن ئالدىدىكى سەينادا ھەلقە-سۆھبەت قىزىتىۋاتقان سوپى دەرۋىشلەرنىڭ جەررە- ساما سادالىرى ئارىسىغا كۆمۈلۈپ قالدى.
2
خان يارلىقىغا بىنائەن تۇتۇلغان قىرىق كۈنلۈك مەخدۇمزادە مۇسىبىتىنى تاماملىغان ئاستانە رەستىلىرى يەنە قايتىدىن ئاۋاتلىشىپ قىزىپ كەتكەنىدى.
جۈمە ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ نەچچە يۈزلىگەن سوپى-دەرۋىشلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئاستانىگە يېتىپ كەلگەن خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان ئالتۇن دەرۋازىسى ئارقىلىق ئاستانىگە ھەيۋەتلىك جەررە- سامالىرى بىلەن كىرىپ كەلدى- دە، ئۇدۇل ئالتۇن مەسچىتنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى. ئىشان پىرىمنىڭ كىلىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر تاپقان ئاستانىدىكى سۈلۈكى ئىشقىيەمۇرىتلىرى ئالتۇن مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى سەينادا ساقلاپ تۇرۇشقانىدى. ئۇلار ئىشان پىرىنى يېراقتىن كۆرۈپلا ئالدىغا يۈگۈرۈشتى، ئۆزەڭگىسىنى، ئاياغلىرىنى، تونىنىڭ پەشلىرىنى سۆيۈشتى، كۆزلىرىگە سۈرتۈشتى. ئىشان پىرىنىڭ جامالىنى قايتا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغانلىق خۇشاللىقىدا كۆزلىرىنى ياشلاشتى. ھاپىزلار ھۆكمەتلىرىنى ئوقۇشۇپ، سوپى-دەرۋىشلەر جەررە-ساماغا چۈشۈپ كەتتى، ئالتۇن مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى بۇ سەينا ھىدايىتۇللا ئىشان ئاستانىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم جەررە-ساما سادالىرى بىلەن يەنە قايتىدىن قىزىپ كەتكەنىدى.
بۈگۈنكى جۈمە نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ ئاستانىگە كىرىشنى ۋە ئالتۇن مەسچىت ئالدىدىكى بۇ كاتتا سەينادا جەررە- ساما سورۇنىنى قىزىتىشنى ھىدايىتۇللا ئىشان ئالاھىدە باش قاتۇرۇپ پىلانلىغانىدى. چۈنكى، ئاستانىدىكى ئەڭ چوڭ قەبرىستانلىق چىلتەنلىرىم ۋە ئۇنىڭغا يانداش بېنا قىلىنغان خان جەمەتىنىڭ قەبرىستانلىقى ئالتۇنلۇقۇمنىڭ قېشىدىكى چوڭ جامەلەرنىڭ بىرى ئالتۇن مەسچىتتە ھەر جۈمە كۈنى سۇلتان ئىسمائىلخاندىن تارتىپ بارلىق ئۇلۇغ –ئۇششاق ئوردا ئەركانلىرى، كاتتا باي-زەردارلار ۋە ئاددىي شەھەر پۇقرالىرىغىچە جۈمە نامىزى ئوقۇيتتى، نامازدىن يېنىپ ئالتۇنلۇقۇم ۋە چىلتەنلىرىمدىكى خان-سۇلتانلاردىن تارتىپ ئاددىي ئاۋامنىڭ تۇپراق بېشىدا دۇئا قىلىشاتتى.
ھىدايىتۇللا ئىشان مانا مۇشۇ ئەپلىك پۇرسەتنى تاللاپ ئاستانىگە قەدەم بېسىپ ئالتۇن مەسچىتىنىڭ ئالدىدىكى بۇ سەينادا مۇرىت- مۇخلىسلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ سۈر- ھەيۋىسىنى، نام- شۆھرىتىنى نامايىش قىلۋاتاتتى. شۇڭا، ئۇ ئىلگىركىگە ئوخشاش جەررە- ساما سورۇنىنى خەلىپە- سۈلۈك مەسئۇللىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاشلاپ قويماي، شەخسەت ئۆزى باشقۇرۇشقا كىرىشكەندى. نەچچە ئونلىغان ھاپىزلار، خەلپىلەر، سۈلۈك مەسئۇللىرى ھىدايىتۇللا ئىشاننى ئارىغا ئېلىۋېلىشقان بۇلۇپ، ئىشانغا ئەگىشىپ ھۆكمەت ئوقۇشقا كىرىشكەنىدى:
چىقسام تاغلار باشىگە چىلىتەن بولسام بولغايمۇ،
نوشىرىۋان ئادىلدەك سۇلتان بولسام بولغايمۇ،
ئاغ بۇلۇتلار ئاغدۇرسام، سانىسز يامغۇر ياغدۇرسام،
سىر دەرەخلەر ئۈندۈرۈپ بوستان قىلسام بولغايمۇ؟
ھۆم ئاللا، ھۆم- ھۆم!
ھۈۋۋى ئاللا ھۆم!
پولات ھالقىلق يۈزلىگەن ساپايىلەر ھەيۋەت بىلەن جالداقلايتى، ساپايە ھالقىلىرىدىن قۇياش نۇرىنىڭ ۋال- ۋۇل ئۇچقۇنلىرى چاچرايتتى. جەررە سادالىرى ئاستانە ئاسمىنىنى لەرزىگە سېلىپ گۈرۈلدەيتى. نەچچە ئونلىغان ھاپىزنىڭ ئارىسىدا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ ھەم مۇڭلۇق، ھەم جاراڭلىق ئاۋازى ئالاھىدە ئاڭلىنىپ تۇراتتى:
تەۋرات ئىلمىن ئوقۇسام، تۈرى سىناغا چىقسام،
ھەق بىلەن زار ئېيتىشىپ مۇسا بولسام بولغايمۇ.
ھۆم ئاللا، ھۆم- ھۆم!
ھۈۋۋى ئاللا ھۆم!
يامەنھۇ يائاللا،
ھەق دوسىت يائاللا!
.....
جۈمە ۋاقتى قىستاپ قالغاندى. ساماغا چۈشۈپ قىزىپ قالغان سوپىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ھەلقە ئەكەتكەن بۇلۇپ، ئۇلار ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا «ھۆم! ھۆم! ھۆم!» دەپ ئاغزىلىدىن كۆپۈك چاچىرىتىپ توۋلاشقىنىچە بىر ئىزىدا توختىماي پىرقىرىشاتتى. تولا چۆرگىلەپ بېشى قېيىپ كەتكەنلىرى يەرگە پوك- پوك يىقىلىشاتتى.
شۇ ئەسنادا سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ باشچىلىقىدىكى ئەمىرى كەبىر مىرزا باباقبەگ، ئاستانە ئەمىرى مىرزا ئەۋەزبەگ قاتارلىق بىر توپ ئوردا ئەركانلىرى ئالتۇن مەسچىتىنىڭ ئالدىدىكى سەيناغا يېقىنلاپ كېلىپ قالدى. بۇنى كۆرگەن ھىدايىتۇللا ئىشان «ئەۋۋۇ...» دەپ بار ئاۋازى بىلەن نەرە تارىتتى. بۇ ئىشاننىڭ جەررە- سامانى توختىتىشقا بەرگەن پەرمانى ئىدى. بىر ئىزىدا توختىماي پىرقىراپ باشلىرى قېيىپ، كۆزلىرى ئالا چەكمەن بۇلۇپ كەتكەن، پۈتكۈل ئاستانە خۇددى پىرقىراۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغان سوپى- دەرۋىشلەرنىڭ قولقىغا ئىشاننىڭ بۇيرۇقى كىرمەيۋاتقاندەك قىلاتتى. موللا ساقى قاتارلىق خەلپىلەر سورۇنغا چۈشۈپ، تېخىچىلا جەررە سېلىپ پىرقىراۋاتقان سوپىلارنى تۈرتۈپ ئىتتىرىپ يۈرۈپ توختىتۋالدى.
سەئىدىيە تەختىدە ئولتۇرغاندىن بېرى بۇنچىۋالا كۆپ ئادەم ئىشتىراك قىلغان ھەيۋەتلىك جەررە- ساما سورۇنىنى كۆرۈپ باقمىغان سۇلتان ئىسمائىلخانغا بۇ سورۇن ھەم تاساددىپى، ھەم تولىمۇ دەبدەبىلىك تەسىرات قالدۇردى ۋە سوپى- دەرۋىشلەرنىڭ ئارىسىدىكى بېشىغا يوغان ئاق سەللە ئورىۋالغان، ئۇچىسىدىكى ئاق شايى يەكتەك ئۈستىدىن ناۋات رەڭ رومال چىگىۋالغان، بۇلۇشىغا قويۇۋەتكەن قاپقارا ساقاللىرىنى چىرايلىق تاراپ ياسىتىۋالغان، ئىككى مەڭزى چىلاندەك قىزىل، تەمبەل، سۆلەتلىك كىشىگە قىزىقىپ نەزەر تاشلىدى. شۇتاپتا ھىدايىتۇللا ئىشان بىلەن سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ كۆزلىرى ئۇچىرشىپ قالغاندى. ھىدايىتۇللا ئىشان بىلەن ھازىرغىچە دىدار- مۇلاقەتتە بۇلۇپ باقمىغان سۇلتان ئىسمائىلخان بۇ يۇچۇن كىشىگە ھەم قىزىقىش، ھەم گۇمانى نەزەردە قاراپ قالغاندى.
-خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان ئاشۇ كىشى شۇ،- دېدى خانىڭ قېشىدا تۇرغان مىرزا باباقبەگ.
ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ ئاستانىگە زىيارەتكە كېلىشىدىن قەشقەر ئەمىرى مىرزا ھەيدەر دوغلاتىنىڭ ئوردىغا يوللىغان مەلۇماتى ئارقىلىق خەۋەر تاپقان سۇلتان ئىسمائىلخان ئىشان بىلەن بۇ يەردە، بۇنداق يۇسۇندا ئۇچىرىشىپ قېلىشنى زىنھار خىيالىغا كەلتۈرمىگەندى.
كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرىنىڭ مۇۋەپىقەتلىك روياپقا چىقىۋاتقانلىقىدىن ئىچىدە تەنتەنە قىلىۋاتقان ھىدايىتۇللا ئىشان مۇرىت- مۇخلىسلىرىغا ئەيمەندۈرۈپ قاراپ ئادەتلەنگەن ئۆتكۈر نەزىرىنى سۇلتان ئىسمائىلخان، مىرزا باباقبەگ ۋە مىرزا ئەۋەزبەگكە بىر نەچچە دەقىقە تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن سالماق قەدەملەر بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭدى.
ئىشاننىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن سۇلتان ئىسمائىلخان ئىشاننىڭ ئالدىغا قاراپ مېڭىشتىن ئۆزىنى ئاران- ئاران تۇتۇپ تۇراتتى.
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئانھەزرىتىم!
ئىشان قوللىرىنى كۆكىرىكىگە ئالغىنىچە خانغا سالام بەردى.
ـۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
سۇلتان ئىسمائىلخان ئىشاننىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالدى-دە، كۆرۈشۈش ئۈچۈن قولىنى ئۇزاتتى.
سەئىدىيە خانلىقىدىكى بۇ ئىككى مەشھۇر كىشىنىڭ كۆرۈشۈشىگە ئەتراپىدىكى مىڭلىغان خەلق گۇۋاھ بولدى، ئۇلار ئۈزۇندىن-ئۇزۇن ئامان- ئېسەنلىك سوراشتى.
ـ سۈھەيل يۇلتۇزىمىز ئادالەتپاناھ خانۇخاقان ئالىيلىرىنىڭ مۇبارەك جامالىنى ھەر نەپەستە سېغىنىپ كەلگەن ئىدىم. ماشائاللا بۈگۈن دىدار- مۇلاقەتتە بۇلۇشقا نىسپ قىلىپتۇ. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىزلەركىم سۈلۈكى ئىشقىيە مۇخلىسلىرىنىڭ سۇلتانۇل مۇھەققىقىنى بولمىش پىرى بۇزرۇكنى ئادالەت قېلىچلىرىنىڭ سايىسدە ئامان- ئىسەن ساقلا، ئەغيارلىرىمىزنىڭ زۇلۇم- تىغلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ كەلگەنلىكلىرىگە يىراقتىن دۇئا- تەسەننالاردا بۇلۇپ كەلگەندىم. مانا بۈگۈن ئۆز زابانىم بىلەن رەھمەت ھەشقاللامنى بىلدۈرۈشكە ھەقتائالا ئىگەم بۇيرۇپتۇ. كەمىنلىرىنىڭ ھۆرمەت- ئېھتىرامىنى قۇبۇل قىلغايلا- دېدى ھىدايىتۇللا ئىشان.
-ئۇزاق يول ماڭدۇرۇپ، كۆپ ھەرەج تارتىقۇزۇپ قويۇپتۇق. ئەسلىدە ھەزرەتلىرىنىڭ دەرگاھىغا ئۆزىمىزنىڭ زىيارەتكە بېرىپ مۇلاققەتتە بۇلۇش نىيىتىمىز بار ئىدى. سەلتەنەت ئىشلىرى بىلەن خۇيمۇ ئالدىراش بۇلۇپ كەتتۇق،- دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان.
- ئۇنداق دىمىگەيلا، قىبلىگاھىم، ئەسلىدە ئاللىبۇرۇن كېلىپ ئالىيلىرىغا سالام بېرىش يولىمىز بار ئىدى. ئەمما مەرھۇم جەننەتماكان جىيەنىم مەخدۇمزادە ھەزرەتلىرى بىلەن ئارىمىزدا ئىختىلاپ بولغانلىقى سەۋەپلىك ئاستانىگە قەدەم بېسىشتىن تولىمۇ ئىھتىيات قىلىپ كەلدۇق. ئەسلىدە مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئاداۋەت ساقلاش جايىز ئەمەس ئىدى. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈممەتلرىگە ئاداۋەتنى بىر كۆڭلەكنى يۇيۇپ ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتقۇچىلىكتىن ئارتۇق ۋاقىت ساقلاش ھارام دېگەن. ئەمماكى بۇ ئىشلاردىن قىبلىگاھىمنىڭمۇ خەۋرى بار. ھالا بۈگۈنكى كۈندە مەخدۇمزادىمىز ياراتقان ئىگىسىگە بەندىچىلىك قىلىپ بىزلەركىم تاغائى بۇزرۇكنىڭ يۈرەك- باغرىنى دادلاپ، بۇ ۋاپاسىز دۇنيادىن كېتىپ قالدى،- ھىدايىتۇللا ئىشان ھەسرەتلەنگەن ھالدا شۇنداق دېدى-دە، ساقاللىرىنى يۇڭداپ ھازا ئېچىشقا باشلدى،- ۋادەرىخا، نۆۋەت مېنىڭكى ئەمەسمىدى، قېرىندىشىم، سىزگە ئۆز قولۇم بىلەن بىر پىيالە چاي تۇتۇپ ئوتتۇرىمىزدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئەمەسمىدىم، قېرىندىشىم. سۇلتان ئىسمائىلخاندەك باھادىر خانلارنى تاشلاپ كەتتىڭىزغۇ، قېرىندىشىم، بۇ دەردىمنى كىمگە ئېيىتىمەن، قېرىندىىشم....
ھىدايىتۇللا ئىشان ئەنە شۇنداق ھازا ئاچقىنىچە سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ قولىغا ئېسلىپ ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى. ئەتراپتىن باشتا مىشىلدىغان، خىرتىلدىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى. كېيىن پۈتكۈل سەينانى يىغا كەلكۈنى باستى. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن سۇلتان ئىسمائىلخانمۇ كۈزىگە مۆللىدە ياش ئالدى.
- سەۋرى قىلسىلا، ھەزرىتىم، بالاغا سەۋرى، قازاغا رىزا دەپتىكەن،- دېدى ئىسمائىلخان ئىشانغا تەسەللى بېرىپ،- خۇدائا ئول مەرھۇم زاتى مۇبارەكنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلار.
- ئول جەننەتماكان بۇزرۇكنىڭ پۇشتىاپانائى بولمىش ئىككى مەخدۇمزادىمىز قېنى؟ مەل ئول ئەزىز پەرزەنىتلەرنى باغرىمغا باساي. جۇدالىق ھىجرانىدا داغلانغان يۈرەك- باغرىمنى ئازراقمۇ بولسا ئارام تاپقۇزاي،- دېدى ھىدايىتۇللا ئىشان ئۆپكىدەپ تۇرۇپ.
ئىككى مەخدۇمزادىمىز تېخچىلا جەننەتماكان پىرى بۇزرۇكىمىزنىڭ مۇبارەت خۇتبىخانىسىدىن چىقماي ماتەمدە تۇرۇۋاتىدۇ،- دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان.
- ئۇ پەرزەنىتلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىمكانىيەت بولارمۇ، قىبلىگاھىم؟- دەپ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈندى ئىشان.
- ئىنشائاللا، جۈمە نامىزىدىن يېنىپ مەرھۇم بۇزرۇكۋاردىمىزنى قەسىرىگە بىرلىكتە پاتىھەگە بارغايمىز.
ئۇلار مۇڭداشقاچ تولىمۇ ھەيۋەتلىك سېلىنىپ، ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئالتۇن مەسچىتكە كىردى. سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان جۈمە پىشىن نامىزىغا ئىمامەتچىلىك قىلدى.
نامازدىن يېنىپ ئاۋال ئالتۇنلۇقۇم قەبرىستانلىقىدىكى سۇلتان سەئىدىخان، سۇلتان ئابدۇرەشىتخان قاتارلىق خان سۇلتانلارنىڭ مەقبەرىسىنى، كېيىن چىلتەنلىرىم قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، مەرھۇم مەخدۇمزادىلەردىن خوجا شادى، خوجا ئابدۇللا ئىشان قاتارلىق سۈلۈكى ئىسھاقىيە پىشىۋالىرىنىڭ مەقبەرىسىنى تاۋاپ قىلدى. بۇ يەردىمۇ خوجا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ كۆز ياشلىرى يامغۇردەك تۆكۈلۈپ تۇردى. بۇ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ ھىدايىتۇللا ئىشانغا بولغان قايىللىقى ۋە ھۆرمىتى ھەسسىلەپ ئاشماقتا ئىدى. شۇڭا، ئىشان ئورنىدىن قوزغالمىغۇچە ھەرگىز قوزغالمىدى، ئىشان قولىنى دۇئاغا كۆتۈرمىگىچە زىنھار قول كۆتۈرمىدى.
سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ خوجا ھىدايىتۇللا ئىشاننى باشلاپ پاتىھەگە كېلۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان رەجەپ دەرۋىش خۇتبىخانىدا ئىككى مەخدۇمزادىگە- شۇئەيىپ خوجا بىلەن دانىيال خوجىغا سۇلتان ئىسمائىلخان ئۈستىدىن دادخورلۇق قىلىپ بېرىۋاتاتتى.
- جەننەتماكان پەدەرۇ بۇزرۇكلىرىنىڭ مۇبارەك كىرپىگە تېخى توپا قونا- قونمايلا دەھرى ئىسمائىخاننىڭ ئاسيىلىق يولىنى تۇتۇپ، مۇرتەت ھىدايىتۇللا ئىشانغا ھۆرمەت- ئېھتىرام بىلدۈرگەنلىكى شەك- شۈھبىسىزكى جانابى ئىككى مەخدۇمزادىمىزگە يۈزسىزلىك قىلماسلىقىدىن، سۈلۈكى ئىسھاقىيە ئىرادىتىدىن يۈز ئۆرۈمەكلىكىدىن بىشارەتتۇر.
- يارانلارنىڭ يەتكۈزگەن مەلۇماتىدىن قارىاندا، خان ئالىيلىرى جۈمە نامىزىدىن يېنىپ، مۇرتەت ھىدايىتۇللا ئىشان بىلەن قەسىرى مۇبارەككە پاتىھەگە كېلۋېتىپتىمىش،- دېدى شۇ ئەيىپ خوجا،- ئېيىتسىلىچۇ، ئى خەلىپەم، ئەمدى قانداق قىلماقلىق كېرەك؟
- سۇلتان بىلەن بۈگۈن كۇرۇشمىسۇنلار،- دېدى رەجەپ دەرۋىش ئاپئاق ساقاللىق بېشىنى گىلدىڭلىتىپ تۇرۇپ.
بۇنداق قىلساق خانغا ھۆرمەتسزلىك قىلغان بولماسمۇ؟- يەنە سورىدى شۇئەيىپ خوجا ئويلانغان ھالدا،
- يوقسۇ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. گەرچە ئىككى مەخدۇمزادەم ياش جەھەتتىن كىچىك بولسىمۇ، ئىسمائىلخان ئىككلىرىگە قول بېرىپ، جانابلىرىنى پىرى ئەزەم تۇتقان. مۇرىت- مۇخلىسلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىش- قىلماسلىق پىرنىڭ ئۆز ئىگىلىكىدىكى ئىش. بۇنى ھۆرمەتسىزلىك دېگىلى بولماس. ئۆز ۋاقتىدا مەرھۇم جەننەتماكان پىرى بۇزرۇك ئەۋلىيا ئەزەم پەدەرلىرىمۇ ئىسمائىلخاننىڭ زىيارىتىنى بىر نەچچە قېتىم قۇبۇل قىلىمىغان. مانا ھازىر ئەشەددى ئەغيارلىرىمىز مۇلىھد ھىدايىتۇللا ئىشان سۇلتان بىلەن بىللە كېلۋېتىپتۇمىش، ئسلىرىدىن ھەرگىز كۆتۈرلۈپ قالمىسۇنكى، مەخدۇمزادىلىرىم، جەننەتماكان پەدەرلىرىنىڭ ۋاقىتسىز زەھەرلىنىپ ئەجەل شارابىنى تېتىشىدا ئاشۇ ھىدايىتۇللا دېگەن توڭگۇز مۇرتەتنىڭ ئىبلىس قولى باردۇر.
- ئول لەنىتى دوزىخىي تېخى تەپ تارتىماستىن بۇسۇغىمىز تۈۋىگە قەدەم بېسىشقا جۈرئەت قىلغانكەن، يەنە نېمىگە قاراپ تۇرىمىز ئاكا،- دېدى دانىيال خوجا غەزەپتىن بۇيۇنلىرىغىچە قىزىرىپ،- مانا مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئول مۇرتەتنىڭ ئىت كاللىسىنى پاسىق تېنىدىن جۇدا قىلىپ، مەرھۇم پەدەرىمىنىڭ قىساسىنى ئالىمەن.
- ئاچچىقلىرىغا ھاي بەرسىلە، مەخدۇمزادەم،- دېدى رەجەپ دەرۋىش چاچراپ تۇرغان دانىيال خوجىنى توسۇپ تۇرۇپ،- بۇنداق يەڭگىللىك قىلىشقا زىنھار بولماس.
- ئەمسە قانداق قىلىمىز؟ ئېيىتسلىچۇ، ئى خەلىپەم،- دېدى دانىيال خوجا كۆزلىرىگە قان تولغان ھالدا بوغۇلۇپ.
- ئىككى مەخدۇمزادەم خاتىرىجەم بولسۇنكى، ئول لەنىتى ھىدايىتۇللادىن جەننەتماكان پىرى بۇزرۇكىمىزنىڭ قىساسىنى چوقۇم ئالىمىز. ھەممە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم. ئەتە- ئۆگۈن ئىچىدە ئول مۇلھىدىنىڭ مۇسبىتىدىن بىر ھېيىت ئوينايمىز.
شۇ ئەسنادا خۇتبىخانىغا پايپاسلاپ كىرگەن سوپى خىزمەتكار بۇسۇغا تۈۋىدە تۇرۇپ خەۋەر يەتكۈزدى.
ـ مەخدۇمزادىلىرىمىزگە مەلۇم بولغاي، سۇلتان ئىسمائىلخان ئالىيلىرى بىلەن خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان ھەزرەتلىرى قەسىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلاپ قالدى.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىككى مەخدۇمزادە «قانداق قىلىمىز» دېگەندەك قىلىپ رەجەپ دەرۋىشكە قارىدى.
- مەخدۇمزادىلىرىم خاتىرىجەم ئارام ئالغاي. خان ئالىيلىرىغا جاۋابىنى ئۆزەم بەرگەيمەي. رەجەپ دەرۋىش شۇنداق دېدى- دە، خۇتبىخانىدىن چىقىپ قەسىرنىڭ دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدى.
قەسىرنىڭ ئالدىدىكى كەڭرى سەينادا سۇلتان ئىسمائىلخان، خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان، مىرزا باباقبەگ، مىرزا ئەۋەزبەگ قاتارلىق بىر قىسىم ئەمىرلەر بىلەن دەرۋرازىنىڭ ئېچىلىشنى كۈتۈپ ساقلاپ تۇراتتى. گەرچە سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ بېشىغا مەھرەملىرى سايىۋەت تۇتۇپ تۇرغان بولسىمۇ تىنچىق ھاۋادا چىپ- چىپ تەرلەپ كەتكەندى.
رەجەپ دەرۋىش دەرۋرازىدىن چىقىپ كەلدى- دە، سۇلتان ئىسمائىلخانغا ئىككى قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ تۇرۇپ سالام بەردى.
- ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم، ئانھەزرىتىم، قۇتلۇق قەدەملىرىگە ھەسەنات.
ئۆزىنى دەرۋازا ئالدىدا ساقلاتقانلىقىدىن خاپا بولغان ئىسمائىلخان رەجەپ دەرۋىشنىڭ سالىمىنى سوغۇقلا ئىلىك ئالدى ۋە مەخدۇمزادىلەرنىڭ چىقمىغىنىنى كۆرۈپ، ئەجەپلىنىپ سورىدى:
- مەخدۇمزادە پىرى بۇزرۇكىمىز كۆرۈنمەيدىغۇ؟
- ئانھەزرىتىمگە مەلۇم بولغاي،- دېدى رەجەپ دەرۋىش يەنە ئېگىلىپ تۇرۇپ،- ئىككى مەخدۇمزادە پىرى بۇزرۇكىمىز بايا جۈمە نامىزىدىن پارىخ بۇلۇپلا مېھمان- زىيارەتچىلەرنى قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خۇتبىخانىغا كىرىپ كەتكەن. شۇڭا، خەۋەر قىلىشقا ئىلاجسىز قالدۇق.
- مەخدۇمزادىلەرگە مەلۇم قىلسۇنلار، قەشقەردىن تاغائى بۇزرۇكى خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان ھەزرەتلىرى مەرھۇم جەننەتماكان پىر بۇزرۇكىمىزنىڭ مۇسبەت پاتىھەسىگە ئاتايىتەن كەلدى.
- ئانھەزرىتىم زىھار رەنجىمىگەي. باشقىلار بولسىغۇ بىر نۆرى ئىدى. ئەمما ئۇل مۇرتەت ھىدايىتۇللا ئىشانغا، نەئۇزبىلىلاھ، زىنھار دەرۋازا ئاچمىغايمىز.
- قىبلىگاھىمىزنىڭ ئالىدىدا ئەدەپسىزلىك قىلمىسىلا، ئى خەلىپەم،- دېدى مىرزا باباقبەك دەرۋىشكە ۋارقىراپ.
شۇ تاپتا سۇلتان ئىسمائىلخانننىڭ خوجا ھىدايىتۇللا ئىشانغا زىيادە كۆرسىتىۋاتقان ھۆرمەت- ئېھتىرامىدىن ئىچى پۇشۇپ تۇرغان مىرزا باباقبەگ رەجەپ دەرۋىشىنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، ھىدايىتۇللا ئىشانغا بولغان ئاداۋىتىنى پەش قىلىپ، سۇلتان ئىسمائىلخاننى رەنجىتىپ قويۇشىدىن ھەم شۇ سەۋەبلىك خاننىڭ ھىدايىتۇللا ئىشان تەرەپكە تېخىمۇ ئېغىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالغاندى. ھىدايىتۇللا ئىشاننڭمۇ كۈتكىنى شۇ ئىدى. بىر قېتىملىق كۆز يېشى ئارقىلىق سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ ھېسداشلىقىغا ئاسانلا ئېرىشۋالغان ئىشان ئۆزى بىلەن مەخدۇمزادىلەرنىڭ مەڭگۈ چىرايلىق كۆرۈشمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، سۇلتان ئىسمائىلخانغا مەخدۇمزادە قەسىرىگە پاتىھەگە بېرىش تەلىپىنى ئېيىتقان. ئىسمائىلخان بولسا نېرى- بېرىسىنى ئويلىمايلا ماقۇل بولغاندى. مانا ھازىر مىرزا باباقبەگ ۋايىم يىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. مەخدۇمزادىلەرنى ئالقىنىغا ئېلىۋالغان رەجەپ دەرۋىش كەلگۈسىنى ئويلىماي، خوجا ھىدايىتۇللا ئىشانغا قىر كۆرسىتىش ئۈچۈن، سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ يۈزىنى قىلماي دىلىنى رەنجىتىۋاتاتتى.
- ئاچچىقلانمىغايلا، ئەمىر كەبرى جانابلىرى، ئانھەزرىتىمگە ئەدەپسىزلىك قىلىشقا ھەددىم ئەمەس. ئانھەزرىتىممۇ مەخدۇمزادىلىرىمىزگە قول بېرىپ مۇرىت بولغان. سائادەتمەن ئىسھاقىيە سۈلۈكىمىزگە ئىرادەت قىلغان. مەن پەقەت پىرى بۇزرۇكۋارىمىزنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلالايمەن. چۈنكى، پىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، پىرنىڭ بۇيرۇقىغا پەرمانبەردار بۇلۇش بىزلەركىم مۇرىت- مۇخلىسلار ئۈچۈن ۋاجىپتۇر. ئەگەر بۇ ئىشىم ئەدەپسىزلىك بولسا، ئانھەزرىتىمنىڭ ئادالەت قېلىچى ئاسىتدا جان تەسەددۇق قىلىشقا مەن رازى.-
(523- بەتتە توختىدى)
|