- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 164
- نادىر
- 11
- جۇغلانما
- 5388
- تىزىملاتقان
- 2006-10-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
  
- UID
- 1
- يازما
- 164
- تېما
- 118
- نادىر
- 11
- جۇغلانما
- 5388
- تىزىملاتقان
- 2006-10-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-5
- توردا
- 1753 سائەت
|
-ئى خەلىپە ، رەجەپ دەرۋىش ، جانابلىرىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن شۇنى ئىلتىماس قىلمەنكى ، ئول جەننەتماكان پەدەرۇ بۈزرۈكتىن يېتىم قالغان پەرزەنتىنى بىزلەركىم تاغائى بۈزرۈك قېرىندىشى بىلەن كۆرۈشتۈرگەيلا . ئاشۇ پەرزەنتىلەرنىڭ دىدارىغا قېنىۋېلىشتىن ئۆزگە مۇددىئايىم يوقتۇر . بۇ ئاددىي تەلپىمىزنى ناۋادا جانابىي جەننەتماكان مەخدۇمزادە خوجا ئابدۇللا بۈزۈرۈكۋارىمىز ھايات بولغان بولسىمۇ راۋا كۆرەر ئەردى،- دېدى ھىدايتۇللا ئىشان يەنە كۆز –قارشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ .
تەھقىقكى ھىدايتۇللا ئىشان شۇ تاپتا ئوت قۇيرۇقلۇق قىلۋاتاتتى . بۇنىڭ ھىدايتۇللا ئىشاننىڭ چاندۇرماي ئويناۋاتقان ئويۇنى ئىكەنلىكنى بىلمىگەن سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ مەخدۇمزادىلەردىن پۈتۈنلەي رايى قايىتتى . ئۇ رەجەپ دەرۋىشنى ئۆلۈمگە بۇيرۇشتىن ئۆزىنى ئاران-ئاران تۇتۇۋېلىپ ، غەزەپ بىلەن بىرنى ئالايدى –دە، قايتىشقا ئەمىر قىلدى . ھىدايتۇللا ئىشان بولسا سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ غەزىپىنى ئۆرلىتىش ئۈچۈن ، ئوردىنىڭ ئالدىغا كەلگۈچە مىشىلداپ يىغلاپ ماڭدى .
-قېنى ئوردىغا مەرھەمەت قىلغايلا ، ھەزرىتىم ،-دېدى ئىسمائىلخان ئىشانغا ئېھتىرام بىلدۇرۇپ .
-ئانھەزرىتىمنىڭ ھىممىتىگە مىڭ-مىڭ تەسەننا ،-دېدى ھىدايتۇللا ئىشان ئۆزرە قويۇپ ،-قىبلگاھىم باياتىن بېرى يول يۈرۈپ كۆپ چارچىدى . مېنىڭچە بولسا جانابلىرىدىن بىر قەدەممۇ نېرى بولغۇم يوق . ئەمما ، مۇبارەك تەنلىرىنى ھاردۇق ئالدۇرماقلىرى زۆرۈر . خۇداخالىسا ئەتە مۇلاقەتتە بولغايمىز .
ھىدايتۇللا ئىشاننى ئاستانىگە كەلگۈچە يول جاپاسى تارتىپ چارچاپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئىسمائىلخان ئارتۇقچە تەكلىپ قىلىپ تۇرۋالمىدى .
-ئۇنداق بولسا بۈگۈنچە ھەزرىتىمنىڭ ئىختىيارىچە بولسۇن . ئوبدان ئارام ئېلىپ سەپەر ھاردۇقنى چىقىرۋالغاي ، خۇدا خالىسا ئەتە ناشتىنى بىللە قىلغايمىز ،-سۇلتان ئىسمائىلخان بىكاۋۇلبەگكە قاراپ ئەمىر قىلدى ،-ھەزرىتىمنى ئوردا تەكيىخانىسغا باشلاپ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالسۇنلار .
-قىبلىگاھىمنىڭ بۇنچىۋالا ھۆرمەت كۆرسىتىشگە زىنھار ئەرزىمەيمىز . بىكاۋۇلبېگىم ئارتۇقچە جوۋۇمىغاي،-دېدى ھىدايتۇللا ئىشان يەنە ئۆزرە قويۇپ ،-مەن ئاستانىگە ئىككى ئۈچ يۈز مۇرىت –يارەنلىرىم بىلەن بىللە كەلگەن . يېتىش –قوپۇشۇم ئاشۇ ئەزىزى يارەنلىرىم بىلەن بىللە بولغاي.
-ئۇنداق بولسا ئول يارەنلەرمۇ ئوردا تەكيىخانىسغا مەرھەمەت قىلغاي .-دېدى ئىسمائىلخان تەكلىپىدە چىڭ تۇرۇپ ،-ئاشۇ يارەنلەمۇ خۇددى جانابىي ھەزرىتىمگە ئوخشاش سەلتەنىتمىزنىڭ ئەزىزى مېھمىنىدۇر .
-ياخشى كۆڭۈللىرى ، ھاتەمچە ساخاۋەتلىرى ، نوشىرۋان ئادىلدەك كەڭ قورساقلىق ، مېھماندوسىتلۇقلىرى بىزلەرگە تېگىل بولدى ، قىبلىگاھىم ،-دېدى ھىدايتۇللا ئىشان ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ ،-گەرچە ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپنى رەت قىلىش زىيادە ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ ، يەنىلا رەت قىلشقا مەجبۇرىمىز . ئول يارەن –مۇرىتلىرىمىز بۇ رەڭۋاز ئالەمنىڭ پۇچۇق تەڭگىگە ئەرزىمەيدىغان راھەت –پاراغەتلىك مەئىشەتلىرىدىن پارىغ بولغاندۇر . پەقەت يامغۇر –يېشىن ، شامال –بوراندىن دالدا بولغۇدەك جاي بولسىلا ئاشۇنداق دەر گاھلارنى خۇدايى قوناق قىلغايمىز . ئارتۇقچە جوۋۇش بىھاجەت .ئەتە كۆرۈشكىچە ئامان بولغايلا .
سۇلتان ئىسمائىلخان ھىدايتۇللا ئىشاننىڭ كۆرسەتكەن باھانە- سەۋەبلىرى ئالدىدا يەنە تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋېلشىقا ئامالسىز قالدى –دە، خوشلىششقا مەجبۇر بولدى.
3
بۈگۈن شاھىنشىندىكى ئەتىگەنلىك قوبۇلدىن كېيىن سۇلتان ئىسمائىلخان خوجا ھىدايتۇللا ئىشاننى ئوردىغا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن بىكاۋۇلبەگنى ئېگەر –جابدۇقلىرى كۈمۈشتىن بېزەلگەن بىر ئاق ئارغىماق بىلەن ئالاھىدە ئەۋەتتى –دە ، ئۆزى بىر قىسىم مۇھىم ئوردا ئەركانلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئوردا بېغىدىكى ھۇزۇرى ساباھ ناملىق كۈزلۈك سارىيدا شاھانە داستىخان ھازىرلاپ ساقلاپ تۇردى .
بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندە خوجا ھىدايتۇللا ئىشان موللاقى ساقى قاتارلىق بەش-ئالتە خەلىپە ،سۈلۈك مەسئۇللىرنى ئەگەشتۈرۈپ ، بىكاۋۇلبەگنىڭ ھەمراھلىقىدا يېتىپ كەلدى –دە، ئىككى قولىنى كۆكرىكىگە ئېلىپ ئېگىلىپ تۇرۇپ سالام بەردى :
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانھەزرىتىمنىڭ ئالتۇن بويلىرى ئېسەنمىكىن ؟
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئانھەزرىتىمنىڭ ئالتۇن بويلىرى ئېسەنمىكىن؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !-سۇلتان ئىسمائىلخان ئىشاننىڭ سالمىنى ئورنىدىن تۇرۇپ ئىلىك ئالدى .
خانىڭ ئىشانغا كۆرسەتكەن بۇ زىيادە ھۆرمەت –ئېھتىرامى ئەمرى كەبىر مىرزاباباقبەگ ، مىرزا ئەۋەزبەگ ، مەلىكە مۆھتىرەم خېنىم قاتارلىق بىر قىسىم ئوردا ئەركانلىرىغا ياقمىدى . شۇنداقتىمۇ ئۇلار خانغا ئەگىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشاننى قارشى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى.
-قېنى ھەزرتىم ، بۇياققا مەرھەمەت قىلغايلا ،-دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان ئىشاننى ئوڭ تەرىپىدىكى زەر كۆرپىنىڭ ئۇستىگە تەكلىپ قىلىپ .
ئىشان ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلمايلا ئىسمائىلخاننىڭ ئوڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدى –دە ، ئالقانلىرىنى جۈپلەپ قول كۆتۈردى :
-ئامىن قەدەم يەتتى بالا يەتمىگەي خانۇخاقان ئالىيلىرىنىڭ بۈيۈك دۆلەتلىرى تېخىمۇ زىيادە ئەغيارلىرى پىيادە بولغاي ....
پاتىھەدىن كېيىن ئىشان ۋە ئۇنىڭ ئاپتۇۋا –چىلاپچىدا سۇ بېرىلدى . ئارقىدىنلا داستىخان تۈرلۈك شاھانە نازۇ نېمەتلەر بىلەن كۆمۈۋېتىلدى .
-قېنى ، ھەزرىتىم ، داستىخانغا مەرھەمەت قىلسىلا ،-دېدى ئىسمائىلخان ئىشاننى غىزاغا تەكلىپ قىلىپ .
-ئاۋۋال ئانھەزرىتىمدىن كەلگەي،-دېدى ئىسمائىلخان يەنە زورلاپ .
ھىدايتۇللا ئىشان مىرزا باباقبەگ قاتارلىق بىر قىسىم ئەمىرلەرنىڭ چىرايدىكى نارازىلىق ئالامەتلىرىنى بىر قاراپلا سېزۋالدى –دە ، سۇلتان ئىسمائىلخاندىن ئاۋۋال داستىخانغا قول ئۇزىتىشقا پېتنالمىدى .
-گەرچە بىزلەركىم قىبلىگاھىمنىڭ ئىززەتلىشىگە مۇيەسسەر بولغان مېھمان بولساقمۇ ، ئالىيلىرىدىن ئاۋۋال داستىخانغا قول ئۇزىتىشقا ھەددىمىز ئەمەستۇر .
-ھەزرىتىم مۇشۇنداق تۇرۋالسا ، بوپتۇ ئەمسە ،-دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان داستىخانغا قول ئۇزاتتى . شۇنداق قىلىپ ناشتا باشلاندى . بىر چۆگۈن چاي قاينىمچىلىك ۋاقىت ئىچىدە ‹‹ئالسىلا، باقسىلا ››دېگەن تەكەللۇپ سۆزلىرىدىن باشقا ئارتۇقچە گەپ-سۆز بولۇنمىدى .
-ھەزرىتىم ، بۇنۆۋەت ئاستانىدە ئۇزۇنراق تۇرغايلا،-دېدى مىرزاباباقبەگ تۈنۈگۈن كۆرۈشكەندىن بېرى ئۆزىدىن كۆزىنى ئېلىپ قېچىپ تۇرغان ھىدايتۇللا ئىشانغا قاراپ.
ئىشان داستىخاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ مىرزاباباقبەگكە قارىدى . ئىشاننىڭ كۆزلىرى بىلەن مىرزاباباقبەگ ، مىرزا ئەۋەزبەگنىڭ كۆزلىرى توقۇنۇشتى . كونا رەقىبلەر بىر-بىرىگە بىرنەچچە دەقىقە تېكلىشتى .ئۇلارنىڭ كۆزلىرى بىر-بىرىنىڭ ئىچكى سىزلىرىنى بىلۋالماقچى بولغاندەك چاقناپ كەتتى .
‹‹...ھۇ ئاسىي مۇرتەتلەر ، بىلمەن . سەنلەر سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ ماڭا كۆرسىتۋاتقان بۇ ھۆرمەت –ئېھتىرامىدىن قىزغىنىشۋاتامسەن .مېنى ئاستانىدىن تېزرەك ھەيدۋېتىشكە ئالدىرىشۋاتسەن . ئۆز ۋاقىتىدا سۇلتان يولۋاسخانغا دەپ كاللاڭنى ئالدۇرۋەتمىگنىمنىڭ تارتقۇلۇقىغۇ بۇ ماڭا. ئالدىرماي تۇرۇش ، ھېلىھەم ئۈلگۈرىمەن ، ۋاقتانۋاق كەلگەندە تىرىك تۇرغۇزۇپلا تېرەڭنى تەتۈر سويمىسام ، پوستۇڭغا سامان تىقمىسام ، پاسىق تەنلىرىڭنى بۇردا-بۇرداقىلىپ پارچىلاپ تاشلىمسام ، سولتانۇل مۇھەققىقىنلىقىم ھارام بولغاي...››
‹‹ئەي لاماكان مۇناپىق ،ئەجەب ھىيلىگەرسەن-ھە!ھەر قاچان جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىشنى ، خان –سۇلتانلارنى ئالداشنى بىلسەن .قانچىلغان بىگۇناھ ئاۋامىنى بالا-قازالارغا دۇچار قىلمىدىڭ!ئۆي ماكانلىرىنى ئايرىپ ، خانىۋەيران قىلمىدىڭ!تېخى سېھرىي ئەپسۇنلىرىڭ بىلەن سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭمۇ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە مۇيەسسەر بولدۇڭ . سەندىن سەلتەنىتمىزگە يەنە قانچىلىك بالا –قازالار كېلەر ؟مەخۇدۇمزادە خوجا ئابدۇللا ئىشاننى ئۆلتۈرۈپمۇ قانۇن- جاساققا تارتىلمىدڭ ، يېتەر ئەمدى . سېھرىي ئەپسۇنلىرىڭنى يىغىشتۇر –دە ،ئوردىدىن تېز يوقال ، ئىككىنچى ئاياغ باسما ، قۇۋلۇق –شۇملۇقلىرىڭ بىلەن جىنايەتلىرىڭنى بىر مەزگىل يوشۇرالغىنىڭ بىلەن ، مەڭگۈ يوشۇرۇپ قالالمايسەن . ھامان بىر كۈنى خەلقئالەم ئالدىدا شەرمسار بولماي قالمايسەن....››
-جانابىي ئەمرىكەبىرنىڭ ھىممىتىگە كۆپ رەھمەت ،-دېدى ھىدايتۇللا ئىشان چىرايىغا ساختا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ،-بۇ دۆرەم ئاستانىگە كېلىشمىزدە پەقەت ئادالەتپاناھىمىزنىڭ سائادەتمەن ئىشقىيە سۈلۈكمىزگە كۆرسەتكەن ئالەمچە ھىممىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈشتىن ئۆزگە مۇددىئايىمىز يوقتۇر . ئەلھەق مانا بۈگۈن مۇددىئايىمىزغا يېتىپ ئولتۇرۇپتىمىز .ئىنشائاللا، يەنە بىر –ئىككى كۈن تۇرۇپ ، ھەپتە مۇھەممەدان چىلتەن بۈزرۈكۋارىمىزنىڭ تۇغ-شەددىلىرىنى قېقىپ ، تاۋاپ –تىلاۋەتتە بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە قايتىقايمىز .
-زىنھار ئالدىرىمىغايلا ھەزرىتىم،-دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان ھىدايتۇللا ئىشانغا قاراپ ،-بابائى ئەجدادلىرىمىز كېلىش ئىرادەت كېتىش ئىجازەت دەپتىكەن .ئاران بىر دىدار –مۇلاقەتتە بولغان ۋاقتىمىزدا ئۇنچە ئاسان ئىجازەت بەرمەسمىز .ئاستانىمزىنىڭ ھەر قانداق بىر يېرى ھەزرىتىن ئۈچۈن خۇدايى قوناقتۇر . بىمالال تاۋاپ-تىلاۋەتتە بولسۇنلار ، يەنە بىر نەچچە ۋاق دىدار –مۇلاقەتتە بولۇپ ئۆتكەيمىز .
-ئانھەزرىتىمنىڭ شەپقىتىگە مىڭ-مىڭ تەسەننا، ئالىيلىرىنىڭ كۆرسەتكەن بۇقەدەر ھىممىتىدىن كۆپ خىجالەتمەن . قىبلىگاھىم شۇنداق دەپ تۇرۋالسىلا پېقىرلىرى بۈيۈك سەئىدىيە سەلتەنىتنىڭ يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىغا رەھنەما بولالمىساقمۇ دۇئاگۇيلۇق قىلىپ ئۆتۈشكە ھەر قاچان جان-ئىمانىمىزنى تەسەددۇق ئەيلىگەيمىز.
-بىلىشمىزچە ئىشان ھەزرەتلىرى ئۆز ۋاقتىدا شاھزادە يولۋاسخان ئالىيلىرىغىمۇ رەھنەما بولۇپ ئۆتكەنىكەن،-دېدى باياتىن بېرى مىرزاباباقبەگ بىلەن مىرزا ئەۋەزبەگنىڭ چىرايىغا قاراپ ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ ئولتۇرغان مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم ھىدايتۇللا ئىشاننىڭ تەپ تارتىماستىن سۇلتان ئىسمائىلخان ئالدىدا قېلىنلىق بىلەن ئاتقان پولىرىغا چىداپ تۇرالماي ،-ئاخىردا مەرھۇم خان ئاتام سۇلتان ئابدۇللاخان ئالىيلىرى بىلەن پەرزەنتى ھەم ۋەلئەھىدى بولمىش شاھزادە يولۋاسخان ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۈرگۈسىز نىزا-ئاداۋەتلەر ، قانلىق ياغلار بولدى . سەئىدىيە سەلتەنىتى جەڭگى –جېدەل توپاندا ، ئەل رەئىيەت خۇن-غوۋغا ئازابىدا قالدى . شۇ چاغلاردا جانابىي ئىشان ھەزرىتىمنىڭ ئول شاھزادىگە قانداق رەھنەما بولۇپ ئۆتكەنلىكنى تولىمۇ بىلگۈم بار.
مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنىڭ كۈتمىگەن بۇ سۇئالى ھىدايتۇللا ئىشاننى بىردىنلا تەمتىرىتۋەتتى .تىلى كالۋالىشىپ ، ۋۇجۇدىنى ۋەھمە باستى ، بۇرنىنىڭ ئۈستىدە چېكىم –چىكىم تەر پەيدا بولدى . ئۇ تۈنۈگۈن سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ زىيادە ھۆرمەت –ئېھتىرامىدىن كۆڭلى خېلىلا جايىغا چۈشكەنىدى . ھازىرقى بۇ شاھانە زىياپەتتە خاننىڭ ئوڭ بېقىندا ئولتۇرۇش شەرىپىگە ئېرىشىپ تېرىسگە سىغماي قالغانىدى .شۇڭا ئۇ باشقا ئوردا ئەركانلىرىنى كوناخاماننى سورۇيدۇ دەپ زىنھار خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى .مانا ئەمدى كۈتمىگەندى مۇنۇ سېرىق تۈك ، ئەسكى تۈگىمەنگە سۇ باشلاۋاتتى .
ئىشان مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمغا يەر تېگىدىن سىنچىلاپ قارىدى –دە ، ئاقسۇدىكى تۇنجى جەڭدە بىر پاي يا ئوقى بىلەن بىر سەركەردىنى ئاتتىن موللاق ئاتقۇزۇپ لەشكەرلىرىنىڭ ھەيۋىسنى يەرگە ئۇرغان ، شاھزادە يولۋاسخان ئاغزىدىن جەڭبازلىق ماھارىتى ،باھادىرلىقى ھەققىدە ئاجايىپ تەرىپىنى ئاڭلىغان مەلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكنى ھېس قىلدى .
‹‹شۇ ئاشۇ دەججالنىڭ دەل ئۆزى شۇ ، ياپىرىم ، مەزلۇم كىشى تۇرۇپ ، ھەرەمدە تاشتەرمەك ئوينىماي سىپاھلارچە كىينىپ مۇشۇنداق كاتتا سورۇنلاردىمۇ زۇۋاندارلىق قىلىپ يۈرگىننى قارىمامدىغان بۇ ھازازۇلنىڭ .ئۆز ۋاقتىدا سۇلتان ئىسمائىلخاننىمۇ خېلىلا تەمتىرەتكەنىمىش . بۈيۈك سەركەردە ھىندىقۇش مىرزا ئالىيلىرىمۇ ئۇنىڭ لەشكىرىي ماھارىتىگە قايىل بولغان ئىكەنمىش .ئېھتىيات قىلماق كېرەك . بۇ دەججالنى تازىمۇ بىر ئەركەكزەك تومپاي بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتىكەنمەن ، بىر پيالە چايغا قوشۇپ ئوتلىۋەتكۈدەك ئۇز پەرى ئىكەنغۇ كاساپەت . ئايال زاتمۇ شۇنداق چىرايلىق بولدىكەن دېسە ....
ھىدايتۇللا ئىشاننىڭ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغىننى كۆرگەن موللا ساقە خوجىسنى ئاگاھلاندۇرۇپ ، قەستەنگە گېلنى قىرىپ قويدى . بۇ شەپىدىن ھىدايتۇللا ئىشان دەرھال ئېسىنى يىغدى –دە ، مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمغا قاراپ تۆۋەنچىلىك بىلەن جاۋاب بەردى :
-ئازماس ئاللا ئۆز ۋاقتىدا ئىتېداتسىز شاھزادىگە پىرى بۈزرۈك بولۇپ خويمۇ خاتاقىلغانكەنىمىز . بىز پىرى ئەزەم بولساقمۇ پەقەتلا دۇئاگۇيلۇق قىلىپلا ئۆتكەنىدۇق .يۇرتدارچىلىق تىزگىنى شاھزادىنىڭ قولدا بولغىنى ئۈچۈن ، شۇنچىۋالا.ئارازلىقلارنى توسۇشقا ئامالسىز قالغانىمىز . بولمىسا ئول شاھزادىنى كۆپ ئاگاھلاندۇرغانىدۇق.ھېلىمۇ ھەم بۈيۈك سەئىدىيە سەلتەنىتنىڭ تەلەي-ئامەتلىرى بار ئىكەن . ئاخىر جانابىي ئانھەزرىتىمدەك باھادىر ، ئادالەتپەرۋەر ، كەڭ قورساق ھەم ئىستېداتلىق خانۇخاقانغا نائىل بولدى . بۇنىڭدىن بىزمۇ كۆپ سۇيۇندۇق ۋە ھەرقاچان ئىبادەتلىرىمىزدە خانلىقمىزنىڭ ئامانلىقى ، ئەل –رەئىيەتنىڭ ئاسايىشلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇردۇق ،-ھىدايتۇللا ئىشان گەپنىڭ تېمىسنى ئۇستىلىق بىلەن يۆتكىدى –دە ، ھەدەپ سۇلتان ئىسمائىلخاننى كۆككە كۆتۈرۈشكە باشلىدى ،-ئانھەزرىتىم سەلتەنەت سۈرى بىلەن سۈلۈك نىزالىرىنى چەكلەپ تۇرغاچقا ، بىزلەركىم سۈلۈكى ئىشقىيە مۆمىنلىرى ،سۈلۈكى ئىسھاقىيە مۇرىتلرىنىڭ زۇلمىدىن ئامان-ئېسەن قۇتۇلۇپ قالدۇق . قىبلىگاھىمىزنىڭ بۇ شاپائىتنى ھەر قاچان ئېسىمىزگە ئالساق كۆز ياشلىرىمىز دەريا بولۇپ ئاقىدۇ . ياراتقان ئاللا ئېگەم خان ئالىيلىرىنى ئادالەت زۇلپىقارىنى ھەر قاچان قولىدا مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇشقا نېسىپ قىلغاي .
ئىشان گېپىنى تۈگىتىپ مشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى .
-سەۋرى قىلسىلا، ھەزرىتىم –دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان ئىشانغا تەسەللى بەرگەچ ، مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمغا ئالىيىپ قاراپ .
ئىشان تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ ئۆپكىدەشكە باشلىدى :
-بۇدەردۇ ئەلەملىرىمنى ، ئەرزۇ ھالىمنى جانابىي قىبلگاھىمغا تۆكمەي كىمگە تۆكەي ئەمدى ...
سورۇننى بىردىنلا تىمتاسلىق باستى .
-كۆڭۈللىرىدە قانداق مۇددىئالىرى بولسا يوشۇرماي بايان قىلغايلا ، ھەزرىتىم ،-دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان ئىشاننى بەزلەپ.
قىلتىقىغا ھېچقانچە كۈچىمەيلا سۇلتان ئىسمائىلخاننى دەسسىتۋالغان ئىشان ئەسلىي مۇددىئاسىنى ئاشكارىلاشقا كىرىشتى :
-ئانھەزرىتىمنىڭ شەپقىتى زىيادىدۇر . ئادالىتى ۋە ساخاۋىتى ئاشۇ مۇئەللەقتىكى قۇياش كەبى ھەممە يەرگە تەكشى چۈشكەندۇر . مەيلى باي ، مەيلى گاداي ،مەيلى پېقىر ، مەيلى مىسكىن رەئىيەتنىڭ دىلنى تەكشى ئىللىتقاندۇر . پېقىر ئاجىز مۆمىنلىرىنىڭ ئانھەزرىتىمگە كىچىككىنە تەلپىم بولسىمۇ ئېيتىشقا تىلىم بارمايۋاتدۇ .
-ئىشان ھەزرىتىم . زىنھار ئىككىلەنمىگەيلا ، قولىمىزدىن كەلسىلا ھەر قانداق تەلەپلىرىنى ئىجابەت قىلغايمىز،-دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان ۋەدە بېرىپ .
ئىشاننىڭ يەنە قانداق ئويۇن ئوينىماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا قىزىققان مىرزاباباقبەگ قاتارلىق ئەمىرلەر قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ جىمجىت ئولتۇرۇشاتتى.
-ئادالەتپاناھ سۇلتانىمغا ئانچە ئايدىڭ بولمىساكېرەك ، قىبلىگاھىم سەئىدىيە سەلتەنىتنىڭ ئالتۇن تەختىگە بەقارار بولغاندىن كېيىن ، بىزلەركىم سۈلۈكى ئىشقىيە مۆمىنلىرى ،سۈلۈكى ئىسھاقىيە مۇرىتلىرىنىڭ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىدۇق.پىر بۈزرۈك ئەزىزگە قول بېرىپ مۇرىت بولغانلىقلىرىنى باھانە قىلىپ ، خانلىق پەرمان ، قانۇن-جاساقلارنى كۆزگە ئىلماي ، سۇلۇكى ئىشقىيە مۇرىتلىرىنىڭ ئۆي- ماكانلىرىنى كۆيدۈردى ، مال –دۇنيالىرىنى بۇلدى ، ئەرلەرنى ئۆلتۈردى ياكى جازالاپ پېينى قىرقىۋەتتى، پىچىپ ئاختا قىلىپ تاشلىدى . مەزلۇملار تۇل ، نارەسىدىلەريېتىم بولۇپ قالدى .ھازىر سۈلۈكى ئىشقىيە مۇرىتلىرىنىڭ ھال –كۈنى ناھايتىمۇ خاراب ، بۇردا نانغا زار، ئەۋرىتنى ياپقۇدەك ماتاغا چىقنالغۇچلىكى يوق .شۇنداقتىمۇ ئۇلار سۇلۇكى ئىسھاقىيە مۇرىتلىرى بىلەن ئوخشاش ھالەتتە خانلىقنىڭ تۈرلۈك ئالۋان –ياساق ، سېلىقلىرىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلانماقتا . بىزلەركىم سۈلۈكى ئىشقىيە مۇرىتلىرىنىڭ قۇتبىل ئەقتابى بولمىش بۈزرۈكۋارنىڭ ئاشۇ پېقىر مۇخلىسلىرىنىڭ ھال- ئەھۋالىغا ئىچ ئاغرىتىپ ، ياقا يىرتىپ قۇياشتەك ساخاۋەت ۋە ھىممىتنى سېغىنىپ شۇنى تەلەپ قىلمەنكى ، سۈلۈكى ئىشقىيە مۇرىتلىرىدىن پادىشاھلىق ئالۋان –سېلىق ئېلىنمىسا ، ئۇلارنى يۇرتدارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆتەشكە قىستىمسا ، ھاشار ، لەشكەر ، مەدىكار ، كارۋان تۇتمىسا ، تۈرلۈك ئىش-ھەرىكەتلىرى تەقىب قىلىنمىسا ، سۈلۈكى ئىشقىيە تەرغىباتلىرىغا دەخلى تەرۇز بولدىغان بارلىق تەقىبلەر سەلتەنەت سۈرى بىلەن قاتتىق چەكلەنسە ، ئىشقىيە سۈلۈكىدىكى ئاشۇ مۆمىن بىچارىلەر ھال- ئەھۋالىنى ئازراق ئوڭشىۋالسا ئىكەن .
ئەسلىدە سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ خوجا ھىدايتۇللا ئىشانغا زىيادە ھۆرمەت –ئھېتىرام بىلدۈرۈشىدە سۈلۈكى ئىشقىيەچىلەردىن پايىدىلىنپ سەئىدىيە دۆلىتىدە كۈندىن –كۈنگە كۈچىيىپ كېتىپ بارغان سۈلۈكى ئىسھاقىيەچىلەرنى چەكلەپ تۇرۇش مۇددىئاسى بار ئىدى . چۈنكى ئىسھاقىيە سۈلۈكىدىكلەر سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ سەئىدىيە تەختىدە ئولتۇرۇشىغا ھەمدەم بولغان تۆھپىسىنى پەش قىلىپ ، ھەدېگەندە خانلىق پەرمان ، قانۇن –جاساقلارنى كۆزگە ئىلماي ، سەلتەنەت بىلەن قارشىلىشىپ كېلۋاتاتتى .ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرنى سەلتەنەت سۈرى بىلەن باستۇرۇشقا ، چەكلەشكە ئامالسىز قالغان ئىسمائىلخان زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش تەدبىرنى قوللىنىپ ، سۈلۈكى ئىشقىيەچىلەرگە ئالاھىدە شەپقەت كۆرسىتۋاتاتتى . شۇ سەۋەبتىن مانا ھازىر ئۇ خوجا ھىدايتۇللا ئىشاننىڭ بۇ ئورۇنسىز تەلپىنى نېرى –بېرسىنى ئوليلىنىپ ئولتۇرمايلا قوبۇل قىلدى ؛
-ھەزرىتىم خاتىرجەم بولغايكى ، ئۇشبۇ ئارزۇ –تەلەپلىرى پۈتۈنلەي ئىجابەت بولغاي . سۈلۈكى ئىشقىيە مۈرىتلىرى خانلىق پەرمان –يارلىقلارغا ، قانۇن جاساقلارغا ياۋاشلىق بىلەن ئىتائەت قىلىپ ، سەلتەنىتمىزنىڭ ئاسايىشلىقى ئۈچۈن كۈچ چىقارسلا تۈرلۈك پادىشاھلىق ئالۋان-ياساق ، سېلىق ، مەجبۇرىيەتلىردىن ئازاد بولغاي .
-قبلىگاھىمنىڭ ھىممىتىگە ھەشقاللا،-دېدى ھىدايتۇللا ئىشان دەس ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئىككى قولىنى كۆكرىكىگە ئېلىپ ئېھىتىرام بىلدۈرۈپ ،-سۈلۈكى ئىشقىيە مۈرىتلىرى ئالىيلىرىنىڭ بۇ ئالەمچە شەپقىتىگە ئۇ دۇنيا –بۇدۇنيا تەشەككۈر ئېيىتقاي . بۇ بۈيۈك سەئىدىيە سەلتەنىتنىڭ ئاسايىشلىقى روناق تېپىشى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئا تەلەپلەردە بولۇپ تۇرغاي.
ھىدايتۇللا ئىشاننىڭ بۇ يولسىز تەلپىگە سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ ئويلانمايلا ماقۇل بولغانلىقىدىن نارازى بولغان مىرزا باباقبەگ قاتارلىق بىر قىسىم ئوردا ئەركانلىرى بىر-بىرگە يەر تېگىدىن مەنىلىك قاراشتى ، ئەمما دەماللىققا بىر نەرسە دېيىشكە ھېچكىم پېتنالمىدى . مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم بىر نەرسە دېيىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللىۋىدى ، ئۇنى مىرزا باباقبەگ شەرەتلەپ توختىتىۋالدى .
ناشتا ئۈچۈن بېرىلگەن بۇ زىياپەت پېشىن ۋاقتى بىلەن ئاخىرلاشتى . پېشىن نامزىنى سۇلتان ئىسمائىلخان ھىدايتۇللا ئىشان بىلەن بىللە ئوردا ئالدىدىكى ئازنا مەسچىتتە ئۆتىدى .
پېشىن نامزىدىن كېيىن بۇ كاتتا خۇش خەۋەرنى مۇرىت-مۇخلىسلىرىغا يەتكۈزۈشكە ئالدىرىغان ئىشان سۇلتان ئىسمائىلخان بىلەن ۋاقىتلىق خوشلاشتى .
4
بۈگۈن شاھىنشندىكى ئەتىگەنلىك قوبۇلدىن كېيىن تۈنۈگۈن ھۇزۇرى سابا قەسىردىكى زىياپەتتە خوجا ھىدايتۇللا ئىشانغا بەرگەن ۋەدىسنى ئېسىگە ئالغان سۇلتان ئىسمائىلخان مىرزادىۋانبېگىگە ئەمىر قىلدى :
-سەئىدىيە تەسەررۇپىدىكى بارلىق سۈلۈكى ئىشقىيە مۇرىتلىرىنى پادىشاھلىق ئالۋان –سېلىق ، مەجبۇرىيەتلىردىن ئازاد قىلىنغانلىق خۇسۇسىدا يارلىق تەييارلانغاي.
-ئانھەزرىتىم يارلىق چۈشۈرۈشكە زىنھار ئالدىرمىغاي ،-دېدى مىرزا باباقبەگ قول باغلاپ ئېھتىرام بىلەن.
-قېنى خوش ، سەۋەبى نېمىكىن ، جانابىي ئەمىر ،-دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان ئانچە ياقتۇرمىغان ھالدا .
-قىبلىگاھىم ،-دېدى مىرزاباباقبەگ مەقسىتنى شەرھلەشكە كىرشىپ ،-يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان ئانھەزرىتىنىڭ ئادالەتلىك سىياسىتنىڭ سايىسىدە ئەلدە تىنىچلىق ،ئاسايىشلىق ھۆلۈم سۈرمىدى . خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن ئاۋام تۇرمۇشى كۈندىن –كۈنگە ياخشىلانماقتا . ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن سۈلۈك –مەزھەپ ماجرالىرىنى تىنچىتىش نامرات ئاۋامنى قىش ۋە ئەتىيازدىن ئامان –ئېسەن چىقرىش ئۈچۈن خەزىنىدىن نۇرغۇن خىراجەت چىقىم قىلىنىپ ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىدىن نۇرغۇن خىراجەت چىقىم قىلىنپ ،ئالىيلىرىنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئەل –يۈرتقا تولۇق يەتكۈزۈلدى .ئەلھەق ، بۇ يىل قىسمەن قۇرغاقچىلىق ۋە كەلكۈن ئاپىتنى ھېسابقا ئالمىغاندا تەسەررۇپىمىزدا ئانچە چوڭ ئاپەتلەر يۈز بەرمىدى .زەر زىرائەتلەر ئوخشاپ ، ئاۋام رەئىيەتنىڭ بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازلىق ئۇزۇق-تۈلۈكى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى . دېھقانچىلىق ، سودا سېتىق ۋە تۈرلۈك ھۈنەر كەسىپلەردىن ئېلىندىغان بىر قىسم سېلىقلار كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك ، شەھەر-بازارلار ئاۋاتلىشىپ ، گۈللىنىش ۋەزىيىتنى روياپقا چىقتى .ئەمما ، شاھزادە يولۋاسخاننىڭ ئەيىش-ئىشرەتلىك كەيىپ-ساپالىق تۇرمۇشىغا كۆپلەپ خىراجەت قىلىنغانلىقى ، باشقۇرۇشنىڭ ياخش بولمىغانلىقى ، ياغى، جەڭگە –جېدەللەرگە كۆپلەپ خىراجەت سەرپ قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك ئەسلىدىنلا قۇرۇقدىلىنىپ قالغان خەزىنىگە كىردىغان كىرىم بارغانسېرى ئازلاپ كىتىپ بارىدۇ .ئالىيلىىرنىڭ خەزىنىدىن خىراجەت ئاجرىتىپ ئەل-رەئىيەتنىڭ تۇرمۇشنى ياخشىلاپ يارلىقى تېخچىلا ئىجرا قىلىنۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھەر قايسى يۇرت-ئايماقلاردىن ئوردا خەزىنىسگە يوللىندىغان پۇل-پۇچەكلەر بار-يوقىنىڭ ئارلىقىدىلا بولۇپ تۇرۋاتىدۇ.شۇل سەۋەبلىك يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بېرى خان لەشكىرىنىڭ خەج-خىراجىتنىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىسىپ كېلۋاتمىز . مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خان ئاليىلىرى يەنە سۈلۈكى ئىشقىيە مۈرىتلىرىدىن ئېلىندىغان تۈرلۈك ئالۋان-ياساق ، سېلىق –مەجبۇرىيەتلەرنى كەچۈرۈم قىلىش خۇسۇسىدا يارلىق چۈشۈردىغان بولسا ، يالغۇز سۈلۈكى ئىسھاقىيە مۇرىتلىرىنىڭلا ئەمەس ، بەلكىم سۈلۈكتىن مۇستەسنا ئاددى ئاۋامنىڭمۇ نارازىلقى قوزغاپ قويۇلۇشى چوقۇم . ئول چاغدا ئاۋام ئالۋان ياساقلاردىن قېچىشى ، سېلىق تاپشۇرۇشتىن باش تارتىشى ، ھەتتا ئىشقىيە سۈلۈكىگە ئىرادەت قىلىش يولى بىلەن ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن . بۇ ئىش سەلتەنىتمىز ئۈچۈن ئىنتايىن زور يوشۇرۇن خەۋپتۇر . شۇڭا قىبلىگاھىمىزنىڭ ئويلىنىپراق بىر قارارغا كېلىشنى ئۈمىد- قىلمەن .
-يىقىلمىغان ئاسماننى يۆلەش بىھاجەت ،-دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان ئۆز قارارىدا چىڭ تۇرۇپ ، -ئەمىرى كەبىر جانابلىرىنىڭ سۈلۈكى ئىشقىيە پىرى ئەزەمى خوجا ھىدايتۇللا ئىشان ھەزرەتلىرى بىلەن ئۆچ-ئاداۋىتنىڭ بارلىقى ھەممىگەئايان . جانابلىرى سەلتەنىتمىزنىڭ پېشۋا ئەمىرلىرىدىن بىرى . يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىنى مۇھىم دەپ بىلىپ ، نىزا-ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەي .
مىرزاباباقبەگ سۇلتان ئسمائىلخاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېشىنى تۆۋەن سالدى . مىرزاباباقبەگنى ياقىلاپ گەپ قىلىشقا تەمشىلىپ تۇرغان ئاستانە ئەمرى مىرزا ئەۋەز بەگ خاننىڭ خاپا بولغىننى كۆرۈپ ، بۇغۇزىغا كېلىپ قالغان گەپنى يۇتۇۋېتىشكە مەجبۇر بولدى .
-خان ئاتا ، بۇنداق دېسلە ئەمرى كەبىر جانابلىرىغا ئۇۋال قىلغان بولدىلا ،-دېدى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم سۆز ئېلىپ .-مىرزا باباقبەگ جانابلىرىنىڭ بايانقى سۆز لىرىدە سەلتەنىتمىزنىڭ غېمىنى يېيىشتىن ئۆزگە مۇددىئا يوقتۇر . پۈتكۈل سەئىدىيە تەسەررۇپىدا سۈلۈكى ئىشقىيە مۇرىتلىرىنىڭ سانى زادى قانچىلىك ، بۇنىسى بىزگە قاراڭغۇ .ئەمما ، پەمىچە قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا ، تۇرپان ، قۇمۇل قاتارلىق يۇرتلاردىكى رەئىيەتنىڭ تەڭدىن تولىسى دېگۈدەك ئىشقىيە سۈلۈكىگە ئىرادەت قىلىدۇ .ھىدايتۇللا ئىشان ھەزرەتلىرى خان يارلىقىدىن پايدىلىنىپ سۈلۈك تەرغىباتى ئېلىپ بارسا ، يەنە نۇرغۇن رەئىيەتنى سۈلۈككە جەلىپ قىلۋېلشى ، ئىشاننىڭ ئەل-ئارىسىدىكى ئىناۋىتى بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن .بۇ ھەقىقەتەنمۇ مۆلچەرلىگۈسىز يوشۇرۇن خەۋپ . ئەنە ئاشۇ ساناقسىز ئىشقىيە مۇرىتلىرىدىن ئېلىنغان سېلىق- مەجبۇرىيەتلەر كەچۈرۈم قىلىندىغان بولسا ، خەزىنىگە كىردىغان كىرىم تەبئىي كېمىيىپ كېتىدۇ . ئالىمادىس ئاپەت ياكى يېغلىق بولۇپ قالسا ، قۇرۇق خەزىنە بىلەن قانداق تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن ، شۇڭا بۇ ئېھتىماللىقلارغا زىنھار سەل قارالمىغاي .
سۇلتان ئىسمائىلخان نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي بىر ئاز ئويلىنىپ قالدى .
-ئانھەزرىتىمنىڭ سەلتەنىتمىزگە يوشۇرۇن خەۋپ بولۇۋاتقان سۈلۈك –مەزھەپ ماجرالىرىنى مادار يولى بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىسھاقىيە سۈلۈكىگە ئىرادەت قىلشى ھەمدە سۈلۈكى ئىشقىيە مۈرىتلىرىغا ساخاۋەت ئالقانلىرىى كەڭرى ئېچىپ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەكلىكى سەلتەنىتمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاسايىشلىقنى كۆزلەپ قوللانغان ئاقىلانە تەدبىردۇر ،-دېدى ئۇتتۇرا ياشلىق بىر ئەمىر سۇلتان ئىسمائىلخاننى قوللاپ ، -سەئىدىيە تەسەررۇپدىكى سۈلۈكى ئىشقىيە مۈرىتلىرىنى ئالۋان –ياساق ، سېلىق –مەجبۇرىيەتلەردىن ئازاد قىلماقلىق بىلەن خەزىننىڭ قۇرۇپ كېتىشى ناتايىن . ئۆز ۋاقتىدا جەننەتماكان سۇلتان سەئىدخان ئالىيلىرىمۇ پۈتكۈل سەئىدىيە تەسەررۇپىدىكى ئاۋامدىن ئۇدا ئون يىل ئالۋان –سېلىقنى كەچۈرۈم قىلغانىكەن . شۇ چاغدىمۇ خەزىنە قۇرۇقدىلىنىپ كەتمىگەن بولغىيتتى.
-سىلى ئۇنداق دېگەنلىرى بىلەن ، ئەمىر جانابلىرى ،-دېدى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم ،-ئۇ چاغ بىلەن ھازىر ئوخشىمايدۇ .
-جابابىي ئوردا ياساۋۇللار ئەمىرى خانۇ خاقانىمىزنىڭ ئىستېداتنى جەننەتماكان سۇلتان سەئىدخان ئالىيلىرىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ دەپ قارىمايدىغاندۇر ھەر قاچان ؟
-مەن كاللا دېسەم ، ئۆزلىرى پاچاق دەۋاتاملا نېمە ، جانابلىرى ؟-دېدى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم بۇ ئەمرىنىڭ قەستەنگە قىلغان ئىغۋاگەرچىلىكىدىن غەزەپلىنىپ ،-جەننەتماكان بابائى بۈزرۈك سۇلتان سەئىدخان ئالىيلىرى زامانىسدا سەلتەنەت ئىچكى تەپرىقچىلىك بىلەن تاشقى باسقىنچىلىقلاردىن خېلىلا خالىي ئىدى ھازىر بولسا سەلتەنىتمىزدە سۈلۈك –مەزھەپ نىزالىرى ھېلىلا يار ئېلىش ئالدىدا تۇرغان كەلكۈندەك تۇرماقتا .ئىلى ۋادسىدىكى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ھەرقاچان خىرىس قىلچىنى بىلمەكتە .مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا سەلتەنەتنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەلۋەتتە خەزىننى تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەككى زىنھار قۇرۇقداپ قويمىغاي. ئەگەر سۈلۈكى ئىشقىيەچىلەرنى باشقا ئاددى –ئاۋام –رەئىيەت ئۆتەپ كېلۋاتقان ئەقەللىي پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىدىن ئازاد قىلىپ ، ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىدغان بولساق، ئەل-يۇرت ئارىسىدا تەييارغا ھەييار، يالقاۋ، نانقېپى ، ھارام تاماق ، كۆكەرمە –ئۇششۇقلار كۆپىيىپ كېتىشى ، ئاددىي رەئىيەتنىڭمۇ سەلتەنەتتىن كۆڭلى سوۋۇپ كېتىشى ، پۇقراچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆتەشتىن باش تارتىشى تۇرغانلا گەپ . بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئەلگە ئاسايىشلىق ئەمەس ، بەلكى تىنىچسزلىق پىتنە –پاسات ، غەلۋە –غۇۋغا ئەكېلىدۇ .
شۇنداق قىلىپ شاھىنشند بىر مەيدان قىزغىن بەس-مۇنازىرە باشلاندى .
-جانابىي ئەمىرلىرىم.-دېدى قارشى پىكىردىكلەرنىڭ سۆزلىرىنى خېلىلا ئورۇنلۇق دەپ ھېس قىلغان سۇلتان ئىسمائىلخان بارلىق ئوردا ئەركانلىرىغا تەكشى نەزەر تاشلاپ ،-بەس-مۇنازىرەڭلارنى توختاتقايسىزلەر .بىز ئاقسۇدىن لەشكەر تارتىپ كېلىپ سەئىدىيە سەلتەنىتنىڭ يۇرتدارچىلىق تىزگىننى قولىمىزغا ئالغاندىن بېرى ، نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتتى . خوجا ھىدايتۇللا ئىشان ھەزرەتلىرى باشچىلىقىدىكى سۈلۈكى ئىشقىيە مۇرىتلىرى سەلتەنىتمىزگە زىممىيلىك بىلدۈرگەندىن كېيىن ، پەرمان –يارلىقلىرىمىزغا قانۇن-جاساقلارغا ئىزچىل بويسۇنۇپ سەلتەنىتمىز زىممىيلىك بىلدۈرگەندىن كېيىن ، پەرمان يارلىقلىرىمىزغا ، قانۇن –جاساقلارغا ئىزچىل بويسۇنۇپ سەلتەنىتمىز بىلەن قارشىلىشش ھەرىكىتىدە بولمىدى . بىز سەلتەنەتنى سۈلۈكتىن مۇستەسنا تۇتۇش تەدبىرنى قوللىنىپ ، ھەر قايسى سۈلۈك –مەزھەپلەرگە بابباراۋەر مۇئامىلدە بولۇپ كەلگەن بولساقمۇ مەزھەپلەرگە بابباراۋەر مۇئامىلدە بولۇپ كەلگەن بولساقمۇ ، سۈلۈكى ئىشقىيە مۈرىتلىرىنىڭ سۈلۈكى ئىسھاقىيە مۇرىتلىرىنىڭ ھەرقاچان تەقىبىگە ، زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلگىنى دەرھەققەت ، پەقەت بىرلا سۈلۈك مەزھەپتىكلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈش ،ئۆزگە سۈلۈكتىكلەرنى تەقىب قىلىش ، ئاخىرقى ھېسابتا سەلتەنىتمىزدە ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىدۇ . جەننەتماكان ئاكام سۇلتان ئابدۇللاخان ئالىيلىرىنىڭ سۈلۈكى ئىسھاقىيەچىلەرگە ھامىيلىق قىلشى ، شاھزادە يولۋاسخاننىڭ سۈلۈكى ئىشقىيەچىلەرگە ھامىيلىق قىلشى ئاخىرى پۈتكۈل سەئىدىيە تەسەررۈپنى قۇتۇلدۇر ۋالغۇسىز نىزا-ئاداۋەت ، ياغىغا مۇپتىلا قىلدى .ئەل رەئىيەت بۇ بالا –قازادىن ئازابلىق ئىڭرىدى ، خانىۋەيران بولدى ، ئاچ-يالىڭاچ قالدى . شۇڭا ، ئەل-رەئىيەتنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك يولىغا باشلاش ئۈچۈن سەئىدىيە تەسەررۇپىدا تەڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ، ئەمما ئوت بىلەن سۇدەك زىنھار سىغشالمايۋاتقان ، نىزا –ئاداۋەتلىرى كۈندىن –كۈنىگە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان بۇ سۈلۈك مەزھەپلەرگە بابباراۋەر مۇئامىلە قىلىش ، تولىمۇ ئاقىلانە تەدبىردۇر .دەرھەققەت ،خەزىننىڭ قۇرۇقدىلىنىپ قېلشى ، سەلتەنىتمىز ئۈچۈن تېخىمۇ يوشۇرۇن خەۋپتۇر . ئەمما ، خوجا ھىدايتۇللا ئىشان ھەزرەتلىرىگە قىلغان لەۋزىدىن يېنىۋالساق سەلتەنىتمىزنىڭ ئابرۇيغىمۇ ھەم مۇسۇلماندارچىلىق ئەھكاملىرىغىمۇلايىق كەلمەيدۇ . بەلكىم تېخىمۇ كۆپ ئاداۋەت ئۇرۇقلىرىنى بىخلاندۇرۋېلىشمىز ، سۈلۈكى ئىشقىيە مۈرىتلىرىنىڭ سەلتەنىتمىزگە بولغان ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشمىز مۇمكىن.
-ئۇنداقتا يارلىقنىڭ مەزمۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزەيلى ،-دېدى خاننى نىيتىدىن ياندۇرۇشقا كۆزى يەتمىگەن مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم .
-مەسىلەن ، قانداقسىگە ؟-سورىدى ئىسمائىلخان دەرھاللا .
-مەسىلەن ،-دېدى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم بىر ئاز ئويلىنۋالغاندىن كېيىن –يارلىقتىكى سەئىدىيە تەسەررۇپدىكى بارلىق سۈلۈكى ئىشقىيە مۈرىتلىرى پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆتەشتىن ئازاد قىلىندى ، دېگەن سۆزنى خوجا ھىدايتۇللا ئىشان ھەزرەتلىرىنىڭ خاس مۇرىتلىرىنىڭ پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرى كەچۈرۈم قىلىندى ، ۋاستىلىك مۇرىت-مۇرشىدلىرى بۇ كەچۈرۈمدىن مۇستەسنادۇر دەپ ئۆزگەرتسەك ، ئول چاغدا كۆپ ساندىكى سۈلۈكى ئىشقىيە مۈرىتلىرىنىڭ پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆتەشتىن ۋاز كېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەمدە بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ يارلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مۇمكىنچىلىك بولىدۇ . بۇ ئۆزگە سۈلۈكتىكلەرنىڭ ھەمدە سۈلۈك –مەزھەپتىن مۇستەسنا ئاۋامنىڭ نارازىلىقنىمۇ قوزغىمايدۇ .
-ئارى،مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم تولىمۇ ئاقىلانە تەدبىر كۆرسەتتى ،-دېدى مىرزاباباقبەگ دەرھال چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ .
-بۇ كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ، زىخمۇ كۆيمەيدىغان تەدبىر ئىكەن ،-دېدى مىرزائەۋەز بەگ –يارلىق مۇشۇنداق پۈتۈلسە ھىدايتۇللا ئىشان ھەزرەتلىرىنىڭ خان ئالىيلىرىدىن رەنجىشىگە ئورۇنمۇ قالمىغۇدەك .
-مەيلى ئەمسە ، يارلىق شۇ يوسۇندا پۈتۈلگەي ،-دېدى سۇلتان ئىسمائىخان ئوردا مىرزىسغا قاراپ.
5
سۇلتان ئىسمائىلخان بىلەن خوشلىشش ئۈچۈن ئوردىغا كىرگەن خوجا ھىدايتۇللا ئىشان يارلىقنى تاپشۇرۋېلىپ قايتا-قايتا تەشەككۈر بىلدۈردى –دە ، سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ ئاستانىدە يەنە بىر نەچچە ۋاق تۇرۇپ بېرىش تەكلىپگە ئۆزرە قۇيۇپ خوشلاشتى .
ئىشان خوجىسنىڭ خان ھۇزۇرىدىن سۈلۈكى ئشقىيە مۈرىتلىرىدىن پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش توغىرسىدىكى يارلىقنى ئەكېلىشنى كۆتۈپ ئولتۇرغان ئاستانىدى بىر قىسىم خەلىپە –سۈلۈك مەسئۇللىرى ئوردىدىن قايتىپ كەلگەن ھىدايتۇللا ئىشاننى چوڭ داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋالدى .
-قېنى خەلىپەم ، ئوقۇپ بەرسۇنلار خان يارلىقىدىن ئاستانىدىكى جانابىي ئەھلىي سۈلۈك يارەنلىرىمىز خەۋەردار بولغاي ،-دېدى تۆردىكى مەخمەل كۆرپىگە جايلىشىپ ئولتۇرۋالغان ھىندايتۇللا ئىشان قوينىدىن شاھانە تېرە قاپچۇقنى چىقرىپ خەت-چەك ئىشلىرىغا مەسئۇل باش خەلىپىگە تەڭلەپ تۇرۇپ.
مىرزا خەلىپە يارلىقنى تېرە قاپچۇقتىن ئاۋايلاپ ئالدى –دە ، ئاۋازىنى ۋەزمىن چىقرىپ ئوقۇشقا باشلىدى ...
-خوجا ھىدايتۇللا ئىشان پىرى بۈزرۈك ئەزىزنىڭ خاس مۇرىتنىڭلا پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرى كەچۈرۈم قىلىندى دېگىنى نېمىسى ، قىممەتلىك پىرىم !-دېدى يارلىقنى تولۇق ئاڭلاپ بولغان موللا ساقى خەلىپە ئانچە رازى بولماي ،-ۋاستىلىك مۇرىت –مۇرشىدلار مەزكۇر يارلىقتىن مۇستەسنادۇر دەپ يېزىپتۇ تېخى.
-دەھرىي سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ بىزگە دەسلەپتە بەرگەن لەۋزى بۇنداق ئەمەس ئىدى ،-دېدى ھىدايتۇللا ئىشان قۇشۇملىرىنى تۈرۈپ ،-بۇ ھەرقاچان مىرزا باباقبەگ قاتارلىق دوزىخىي مۇرتەتلەرنىڭ ئويۇنىدۇر ئېھتىمالىم .
-خان ئالىيلىرىنى يارلىقنىڭ مەزمۇندىن خەۋەردار قىلىپ ، قايتا يارلىق چۈزۈرۈشكە دەۋەت قىلماقلىق كېرەك ، قۇتبىل ئەقتابىم .ئول مۇرتەتلەرنىڭ خان لەۋزىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە نېمە ھەددى ؟ -دېدى ۋاستىلىك مۇرىتلىرىدىن بىرى تېرىكىپ .
-شۇنداق قىلسىلا ۋەلىيۇللا پىرىم ، خان ئالىيلىرىغا ئول مۇرتەتلەرنىڭ سىر –ئەسرارىنى پاش قىلسىلا !-دېيىشتى بۇ يارلىقتىن ئۆزلىرىگە قىلچىلىك پايدا –مەنپەئەت تەگمەيدىغانلىقنى ھېس قىلىشقان كۆپ ساندىكى ۋاستىلىك مۇرىتلار چۇقان كۆتۈرۈشۈپ .
خوجا ھىدايتۇللا ئىشان مۇرىتلىرىنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئىسمائىلخاننىڭ ۋەدسىنى مۇرىتلىرىغا يەتكۈزگەن ، بۇنى قانداقتۇر ئۆزىنىڭ ئەۋلىيالارچە كەشپۇ كارامەتلىرىگە باغلاپ راسا پو ئاتقانىدى .تېخى ئارىدىن بىر كېچە ئۆتە-ئۆتمەيلا ئىشاننىڭ شۇنچە كەشپۇ كارامەتلىرى ، سېھرىي ئەپسۇنلىرى كۈچىدىن قالغان بولسا –ھە! قارار –پەرمانلىرىنى ئۆزگەرتىشكە خاننى كۆندۈرەلىگۈدەك مىرزاباباقبەگ قاتارلىق مۇرتەتلەرنىڭ قانچىلىك سېھرىي –كارامەتلىرى بار ئىكىنتاڭ ياكى بۇ ئىشقا ئىسھاقىيە سۈلۈكىدىكى توڭگۇزلار قول تىققانمىدۇ ؟...
-ئول دەھرىي سۇلتاننىڭ ئالدىغا يەنە بىر نۆۋەت بېرىش ھاجەتسىز –دېدى ھىدايتۇللا ئىشان ئەلەملىك پۇشۇلداپ ،-مەزمۇننىڭ قانداق يېزىلىشىدىن قەتئىينەزەر بىزگە مۇشۇ يارلىقلا كۇپايە قىلىدۇ . خاس مۇرىت ، ۋاستىلىك مۇرىت دېگەن نېمە ئۇ؟! بىزلەركىم ئەھلىي ئىشقىيە سۈلۈكىنىڭ قۇتبىل ئەقتابى ئۈچۈن بارلىق مۇرىت –مۇرشىدلار ئوپئوخشاشتۇر . ئول مۇرتەت ئەمىرلەر كىمنىڭ خاس كىمنىڭ ۋاستىلىك مۇرىت ئىكەنلىكنى نەدىن بىلسۇن ؟-دېدى ئىشان ئەمدى ھېلقى مىرزا خەلپىگە قاراپ بۇيرۇق قىلدى ،-دەرھال ھەر قايسى يۇرتلاردىكى خەالىپە، سۈلۈك مەسئۇللىرىغا ، مۇرىت –مۇرشىد ئەھلى يارانلارغا ، مۆمىن ئۈممەتلەرگە ئۇشبۇ يارلىق يەتكۈزۈلگەي ، بۈگۈندىن باشلاپ ھەر قانداق سۈلۈكى ئىشقىيە مۇرىتلىرى پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆتەشتىن پۈتۈنلەي ئازادتۇر ، ئۇشبۇ سائەتتىن باشلاپ خاس ھەم ۋاستىلىك مۇرىت دەپ ئايرىلماستۇر .
-نېمەتلىك پىرىمنىڭ ھىممىتىگە مىڭ-مىڭ تەسەننا .
-ئادالەتنىڭ ، ساخاۋەتنڭ ، شاپائەتنىڭ گۇ؛لتاجى پىرىم .
-ئەسلىي سۈلۈك ئۈممەتلىرىنىڭ يېڭىلمەس ھامىيسى پىرىم .
مۇرىتلار ھىدايتۇللا ئىشاننى ماختاش سادالىرىغا كۆمۈۋەتتى .
ئۇشبۇ سائەتتىن باشلاپ ئەل-رەئىيەت ئارىسىدا سۈلۈك تەرغىباتى ئېلىپ بېرىلغاي ،يالغۇز خەلىپە ، سۈلۈك مەسئۇللىرىنىڭلا ئەمەس ، بارلىق ئەھلى سۈلۈكتىكى مۇرىت-مۇرشىدلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇرىت قۇبۇل قىلىش ئىمتىيازى باردۇر . قېنى ،ئى يارەنلەر ، شۇنداق بىر ھىممەت -جاسارەت كۆرسەتكەيسىزلەركى ، خوتەندىن ، قۇمۇل دىيارىغىچە ، كەشمىردىن پەرغانە ۋادىسغىچە بولغان پۈتكۈل سەئىدىيە تەسەررۇپىدىكى بارلىق –ئاۋام-رەئىيەت سائادەتمەن مۇرىدىل ھىدايەتچىلەر سېپىمىزگە قېتىلغاي . سۈلۈكى ئىشقىيە مۇرىتلىرى پۈتكۈل يەر يۈزىنى خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار كەبى قاپلىغاي . بۇ يولدا شۇنداق جان –پىدالىق كۆرسەتسىڭىزلا ، تاڭلار كۈندە سەئىدىيە سەلتەنىتنىڭ ئالتۇن تەختىدە بىزلەركىم سۇلتانۇل مۇھەققىقىن بۈزرۈكۋارىڭلار بەقارار بولۇپ ، بارلىق ئەھلى سۈلۈك يارەنلىرىگە شاپائەت يامغۇرىنى ياغدۇرغايمىز.
ئىشاننىڭ بۇ دەبدەبىلىك چاقىرىقىدىن تەسىرلەنگەن ۋە غەيرەت-جاسارىتى ئۇرغۇغان بارلىق مۇرىتلار ‹‹ئىنشائاللا!››،‹‹ئامىن !ئامىن !››دېيشىپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتى .
6
مىلادىيە 1671-يىلىنىڭ باھار ئايلىرى ئەشەددىي سۈلۈكى ئىشقىيە تەرغىباتلىرىنىڭ سۈرەن –چوقانلىرى بىلەن باشلاندى . خان يارلىقى ئارقىلىق سەلتەنەت تەقبىدىن قۇتۇلغان ئىشقىيەچى سوپى –دەرۋىشلەر يارلىقنى دەستەك قېلۋېلىپ ، شەھەرلەردىن تارتىپ يېزىلارغىچە ، خالتا كوچا ، ئارقا رەستىلەردىن تارتىپ خىلۋەت كەنت –قىشلاقلارغىچە قاتراپ، ئەتىراپىغا ئادەم يىغىپ ،سۈلۈك تەرغىباتى ئېلىپ باردى . ئاددىي خەلققە خان يارلىقنىڭ مەزمۇننى خالىغانچە بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلاتتى . شۈ كۈنلەردە سەئىدىيە تەسەررۇپىدىكى ھەر قانداق بۇلۇڭ –پۇچقاقلاردىن ، تۆت ئادەم بىر يەرگە يىغىلغانلىكى سورۇن بولسا مۇرىتىل ھىدايەتچىلەرنىڭ ئاۋامنى ئەھلى سۈلۈككە دەۋەت قىلىپ سۆزلىگەن نوتۇق –ۋەزلىرىنى ئاڭلىغلى بولاتتى :
-ئى مۆمىنلەر ، ئى مۇسۇلمان يارانلار ، ئاڭلىمدىم دېمەڭلار . ئاللا خاسلىقى خوجىلارغا ، يەنى نېمەتنىڭ پىرىمىزغا قۇتبىل ئەقتاب ۋەلىيۇللا ھىدايتۇللا ئىشان خوجامغا خاستۇر ، خوجا دېمەك ، پىر دېمەكلىكتۈر، پىر دېمەك ، شاپائەت تەختىنىڭ يېگانە سۇلتانىدۇر . مۇرىت دېمەك ، ئۈممەت دېمەكتۈر . ئاللا بىلەن خوجا ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر مەخلۇقات زىنھار بولماس . ئاللادىن مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمگە قانداق ۋەھىي كەلگەن بولسا ، خوجىمىز ھىدايتۇللا سەللەللاھۇ پىر ئەزەمگىمۇ شۇنداق ۋەھىي كەلگەندۇر . پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھىرا غارىدا جانابىي ئاللا بىلەن سۆزلەشكەن چاغدا ، قۇتبىل ئەقتاب پىر بۈزرۈكمىزنىڭ روھناتلىرىمۇ بۇ سۆزلەرنى ھەم ئىشىتكەندۇر . پەيغەمبەرنىڭ مەرتىۋە ئىقباللىرى بىلەن ئەۋلىيا پىرىمنىڭ مەرتىۋە ئىقباللىرى بىلەن ئەۋلىيا پىرىمنىڭ مەرتىۋە –ئىقباللىرى ئوخشاشتۇر .شۇڭا ، پىرنى ئىنكار قىلغۇچىلار ، پىرىمىزغا قول بېرىپ ئەگەشمىگۈچىلەر ، ئەسلىي سۈلۈككە كىرمىگۈچلەر مۇنكىر-مۇناپىقلاردۇر .
-ھەق!ھەق!ھەق!-دەپ گۇپپاڭچىلىق قىلاتتى يەنە بىر دەرۋىش –ھەزرىتى سەئىدىل ئەزەم ھىدايتۇللار خوجىمىزنىڭ كەشپۇ كارامەتلىرىدىن تەسىرلەنگەن سۇلتان ئىسمائىلخان ئالىيلىرى پىرى بۈزرۈكمىزنىڭ مۇبارەك قوللىرىغا ئېسىلىپ تون –سەرپايلىرىنىڭ پېشىدىكى مۇقەددەس خاڭ-چاڭلارنى تاۋاپ قىلىپ تۇرۇپ ، كۆزلىرىنى ياشلاپ ، گۇناھ كەبىرلىرىگە توۋا قىلىپ تۇرۇپ ، سۈلۈكى ئىشقىيەنى ئەۋجى ئالدۇرۇش مۇرىتىل ھىدايەتچىلەر ېپىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كۆپلەپ ۋەدە-لەۋزىلەرنى قىلىپ ، سۈلۈكى ئىشقىيە مۇرىتلىرىدىن يەتتە ئەۋلادقىچە پادىشاھلىق ئالۋان –سېلىق ئالماسلىق پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش خۇسۇسىدا يارلىق چۈشۈرۈپ دەستەك ئنئام قىلدىلەر . ھەزرىتى پىرى ئەزەم ھىدايتۇللا ئىشان ۋەلىيۇللانىڭ دەرگاھىغا سېغىنىپ ،ئول زاتى مۇبارەكنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ ، مۇرىتىل ھىدايەتچىلەر سېپىگە قېتىلغانلارنىڭ ھەر قانچە ئېغىر گۇناھلىرى بولسىمۇ مەغپىرەت بولغاي . پادىشاھلىق ئالۋان –سېلىقلاردىن پۇقرادارچلىق مەجبۇرىيەتلىرىدىن خالاس بولغاي . سۇلتان ئىسمائىلخان سەلتەنىتنىڭ ھامىيلىقىغا ئېرىشكەي ،.پىرى بۈزرۈكمىزغا ئىرادەت كەلتۈرمىگەن خان- سۇلتانلارنىڭ ئەمىر بەگلەرنىڭ تەخىت-بەختى بىتەھقىق گۈم بولغۇسىدۇر .
-پىرىمىز سۇلتانۇل مۇھەققىقىن خوجا ھىدايتۇللا ئىشان ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەھلى تەرىقەتنىڭ بىناسىنى قۇرغۇچى ، شەرىئەتنىڭ مەرىكە مەيدانىدا ئات چاپتۇرغۇچى ، ساخاۋەتنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقۇچى ، جاھالەتنىڭ قۇلۇپىنى ئاچقۇچى ، ئەدلۇ ئادالەتنىڭ خالىس شەمشىرى ، ئاغۇن بەندىلەرنىڭ يولباشچىسى،ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنىڭ شاھ تاجى ، جىمىكى خان –سۇلتانلارنىڭ سۇلتانى ...
-ھەق!ھەق!ھەق!بۇ دۇنيادىكى تەڭداشسىز ساخاۋەت ۋە شاپائەت جانابىي ھەزرىتى خوجا ھىدايتۇللا ئىشان ۋەلىيۇللا پىر بۈزرۈكمىز خاستۈر. ھەر قانداق خان –سۇلتانلارمۇ ئول زاتى مۇبارەكتەك ساخاۋەتلىك ، نېمەتلىك ئەمەستۇر .
-ئول قۇتبىل ئەقتاب پىرى ئەزەمنىڭ ھىدايەت ئاپتىپى جىمىكى رەئىيەتنىڭ بېشىغا باراۋەر چۈشكۈسىدۈر .ئول زاتتەك دانا ، شەپقەتلىك –ساخاۋەتلىك ئادالەتلىك يەنە بىر ئىنسان بۇ ئىقلىمدىن تېپىلماستۇر .
-ئەھلى سۈلۈك ئۈممەتلىرىنىڭ زىممىسىدىكى پادىشاھلىق ئالۋان –سېلىقلارنى پۇقرادارلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى دەپئى –خالاس قىلىش پەقەت پىر بۈزرۈكمىزنىڭ قولىدىنلا كېلدىغان كاتتا شاپائەتتۇر . كېلىڭلار ئى يارانلار ، ئەھلى سۈلۈككە ئىرادەت قىلىپ مۇرىتىل ھىدايەتچىلەر سېپىگە قېتىلىپ ئىككى ئالەملىك ساۋاب تېپىڭلار .ئىشان غوجام دەرگاھىغا سېغىنىڭلار . شۇنداق شاپائەتلىك بىر زاتنى بىز گە يەتكۈزۈپ بەرگەن ئاللا تائالاغا شۈكۈر قىلىپ ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار ، سەلتەنەتەكە سۇلتان ، پېقىر –مىسكىنلەرگە پاسىبان بولۇشنى تىلەڭلار ...
بۇرمىلانغان خان يارلىقى ، ئىغۋاگەر تەرغىباتلار ، گۇمراھ ، سادالار ، سەلتەنەتكە ئۇچۇق ئاشكارا قىلىنغان خىرىسلار ، سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ ، خوجا ھىدايتۇللا ئىشاننى كۆككە كۆتۈرۈش سادالىرى كوچا-رەستىلەردە توختىماي جاراڭلايتتى . نۇرغۇنلىغان نادان خەلىق پادىشاھلىق ئالۋان –سېلىق ، پۇقرادارلىق مەجبۇرىيەتلىرىدىن قۇتۇلۇش ۋەسۋەسىدە سۈلۈكى ئىشقىيەچىلەر سېپىگە بەس-بەستە قېتىلدى .ئۇلارنىڭ ئالدانغان ساددا تۇيغۇسىدا سەئىدىيە سەلتەنىتنىڭ ئالتۇن تەختىدە سۇلتان ئىسمائىلخان ئەمەس ، خوجا ھىدايتۇللا ئىشان ئولتۇرۋاتقاندەك خىياللار زاھىر بولاتتى.
ئۇلار سۈلۈكنى سەلتەنەتتىن ، سۈلۈك ئەھكاملىرىنى خانلىق قانۇن –جاساقلاردىن ،ئىشان پەرماننى خان يارلىقىدىن ئۈستۈن قويۇشاتتى . خوجا ھىدايتۇللا ئىشاننى مەركەزقىلىپ سەئىدىيە سەلتەنىتگە سۇلتان ئىسمائىلخان ھاكىميتىگە خىرىس قىلۋاتقان بۇ كۈچ كۈندىن –كۈنگە زورىيۋاتاتتى .ئۇلارنىڭ ئالدىدا سۇلتان ئىسمائىلخان سەلتەنىتى نامىدىن چۈشۈرۈلگەن تۈرلۈك –يارلىق پەرمانلاردىن ، قانۇن –جاساقلارنىڭ ،ئالۋان ، سېلىق ، پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ ئىجراسىنى سۈيلەپ كەلگەن ئەمىر –بەگلەرنىڭ ، سپاھلارنىڭ ، يۇرت چوڭلىرىنىڭ ، قازى ، مۇپتى ، پاششاپ –دورغا يايىلارنىڭ بۇيرۇقلىرى ئۆتىمەيتتى . خان يارلىقىدىكى ئاتالمىش كەچۈرۈمنى دەستەك قىلىپ زاكونلىشاتتى .ئۆزلىرىنىڭ ۋاستىلىك مۇرىت ئەمەس ، خاس مۇرىت ئىكەنلىكنى داۋراڭ قىلشاتتى . پۈتكۈل سەئىدىيە تەسەررۇپىدا ئىشقىيە سۈلۈكىگە ئىرادەت قىلغان بىرمۇ ۋاستىلىك مۇرىت قالمىغانىدى .‹‹بىزنى سۇلتانۇل مۇھەققىقىن قۇتبىل ئەقتاب ھىدايتۇللا ئىشان ئەلەيھى ۋەسسەللەم خوجىمىز ئۆز قولى بىلەن مۇرىتلىققا قوبۇل قىلغان . ئىشەنمىسەڭلار ، جانابىي ئىشان پىرىمىزدىن سوراپ بىلۋالغايسىزلەر ››دەپ جاۋاپ بېرىشەتتى ئۇلار كۆكەرمىلىك بىلەن . خاس مۇرىت بىلەن ۋاستىلىك مۇرىتنى ئايرىيدىغان دەستەك ، بەلگە –نىشان بولمىغانلىقى ئۈچۈن باج –سېلىق ، پۇقرادارچلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى سۈيلەپ كەلگەن بەگ سىپاھلار ئامالسىز قالاتتى .ئويلانمايلا چۈشۈرۈلگەن بىر يارلىق سەۋەبىدىن پۈتكۈل سەئىدىيە تەسەررۇپىدا تۈگىمەس غوۋغا ، جەڭگى جېدەل ،پىتنە –پاسات .ئۇرۇقى تېرىلغانىدى خانلىق قانۇن جاساقلارنى كۆزگە ئىلمايتتى ، بەگە سىپاھلار بىلەن قارشىلشاتتى .
بۈگۈن شاھىنشىندىكى ئەتىگەنلىك قوبۇلدىن كېيىن ،ھۆدەيىچىبەگە ئالدىغا ئىككى قەدەم چىقىپ ، سۇلتان .ئىسمائىلخانغا سالام بەردى –دە خەت-چەك تەللىسىدىن بىر تۇتام خەت-چەكنى ئېلىپ تۇرپ سۆزلىدى :
-ھەر قايسى يۇرت-ئيماقلاردىن كەلگەن ئەزىز- مەلۇماتلار بار ئىدى .ئانھەزرىتىمنىڭ كۆزدىن كۈچۈرۇشگە ۋقىت يېتەمدىكىن ؟
-ئەرز-مەلۇماتلار تەپسىلىي ئوقۇلمىغاي ، مەزمۇندىن خەۋەردار بولغايمىز –دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان .
ئەرز –مەلۇماتلار جەمئىي بىر يۈز سەكسەن ئىككى پارچە –دېدى ھۆدەيىچىبەگ ، -بۇلاردىن بىر پارچىسى قاراقاشلىق مەتسايىمباينىڭ ئون تانابلىق باغلىق يېرىنى قاراقاش بېگى مەتسېلىمبەگنىڭ ئورۇنسىز تارتىۋالغانلىقى ، قارشىلاشسا ھەپىسگە ئالدۇرۇپ ،قىيناپ پۇت-قولىنى چېقىۋەتكەنلىكى ۋە بىر تۇغقىننى ناھەق ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى خۇسۇسىدىكى زېمىن ۋە خۇن داۋا شىكايىتىدۇر .قالغانلىرى ھەرقايسى ئايماق ،يۇرت –بەگلىكلەردىن يوللانغان ئۆز تەۋەسىدىكى سۈلۈكى ئىشقىيە مۇرىتلىرىنىڭ خان يارلىقنى دەستەك قىلۋېلىپ ئالۋان –سېلىقلارنى تاپشۇرۇشقا ، پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆتەشكە قارشىلىق بىلدۈرگەنلىكى خۇسۇسىدىكى مەلۇماتلاردۇر...
-بۇ قانداق گەپ ؟-دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان تەئەججۇپلىنىپ .-بىز خوجا ھىدايتۇللا ئىشان ئەزىزىنىڭ پەقەت خاس مۇرىتلىرىنىڭ ئالۋان –سېلىق پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش ، باشقا بارلىق ۋاستىلىك مۇرىتلارنىڭ بۇ يارلىقتىن مۇستەسنا ئىكەنلىكى خۇسۇسىدا يارلىق چۈشۈرگەن ئەمەسمىدۇق .ئول ئىشان بۈزرۈكۋارنىڭ خاس مۇرىتلىرى شۇنچىۋالا كۆپمىدۇر ؟
-مەلۇماتتا يېزىلىشىچە ،-دېدى ھۆدەيچىبەگ چۈشەندۈرۈپ ،-بارلىق سۈلۈكى ئىشقىيە مۇرىتلىرىنىڭ ھەممىسى خاس مۇرىتلار ئىمىش ، ئىشان پىرى بۈزرۈكنىڭ بىرمۇ ۋاستىلىك مۇرىتى يوق ئىمىش .
-مۇمكىن ئەمەس ، ئوپئۇچۇق خاننىڭ كۆزىنى بويىغانلىققۇ بۇ !-دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان غەزەپلىنىپ ،-ھىدايتۇللا ئىشان ھەزرەتلىرى قانداقسىغا شۇنچىۋالا مۇرىت-مۇخلىسلىرىنى خاس ئۆز قولى بىلەن قوبۇل قىلالىسۇن . ھەر قايسى يۇرتلاردىكى خەلىپە ، سۈلۈك مەسئۇللىرىنىڭ سۈلۈك تەرغىباتى بىلەن شۇغۇللىنىپ مۇرىت قوبۇل قىلدىغنى ھەممىگە ئايان ئىشقۇ . كۆكەرمىلىك ، يالغانچىلىق قىلىپتۇ بۇلار .
-يالغۇز بۇلا ئەمەس ، ئانھەزرىتىم،-دېدى مىرزا باباقبەگ سۆز ئېلىپ ، -سۈلۈكى ئىشقىيە تەرغىباتلىرىنى سەلتەنەت سۈرى بىلەن چەكلىمەسلىك ، تەقىب قىلماسلىق يارلىقى چۈشۈرۈلگەندىن بېرى ، پۈتكۈل سەئىدىيە تەسەررۇپىدا ئەسلىي سۈلۈك تەرغىباتى ناھايتى جانلىنىپ كەتتى .ئۇلار رەئىيەتكە خان يارلىقنىڭ مەزمۇننى قەستەن بۇرمىلاپ تەرغىبات ئېلىپ باردى . شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن رەئىيەت ئالۋان –سېلىق ، پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆتەشتىن قېچىپ بەس-بەستە مۇرىتىل ھىدايەتچىلەر توپىغا قېتىلماقتا .
-ئاشۇ مۇرىتىل ھىدايەتچىلەر سېپىگە قېتىلغان سۈلۈكى ئىشقىيەچىلەر بۇنى خوجا ھىدايتۇللا ئىشاننىڭ شاپائىتى دەپ چۈشنىپ ، سەلتەنەتكە بولغان ئېتقادى سۇسلىشىپ بارماقتا،-دېدى مىرزا ئەۋەز بەگمۇ سۆز ئېلىپ ،-ئىشقىلىپ ، ئاۋام ئارىسىدىكى پىتنە-پاساتتىن ئادەم چۈچۈيدۇ .
بۇ مەلۇمات سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ بىردىنلا دىققىتنى تارتتى .
-قانداق پىتنە –پاساتلا ئىكەن ئۇ ؟
-گۇناھىمدىن كەچكەيلا ، ئانھەزرىتىم ، سورىغانكەنلا جاۋاب بەرمەسلىككە ئىلاجىم يوقتۇر ،-دېدى مىرزا ئەۋەزبەگ ،-ئەل يۇرت ئارىسىدا خوجا ھىدايتۇللا ئىشاننى جانابىي قىبلىگاھىمدىن ئۈستۈن قويۇش مەسلىكى تولىمۇ ئېغىردۇر.ئۇلار ھىدايتۇللا ئىشان پىرى بۈزرۈكىمىز پات يېقىندا بۈيۈك سەلتەنەتكە سۇلتان پېقىر –مىسكىنلەرگە پاسىان بولغۇدەك سۇلتان ئىسمائىلخان تەخىتنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈدەك . سۈلۈكى ئىشقىيە مۇرىتلىرىدىن ئالۋان –سېلىق ئالماسلىق ، پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى كەچۈرۈم قىلىش خۇسۇسىدىكى يارلىق بۇ ئىشنىڭ پات-يېقىندا روياپقا چىقىشنىڭ بېشارىتى ئىمىش دېيىشمەكتە .
-يا ھەزرەت ، ئوپئۇچۇق رىياكارلىققۇ بۇ –دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان غەزەپتىن تىتىرەپ.
-خان ئاتامنىڭ ئاڭلاۋاتقانلىرى بۇ پىتنە –پاساتلارنىڭ ئاز بىر قىسىمدۇر ، خالاس –دېدى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم سۆز ئېلىپ –ئەمەلىيەتتە سۈلۈك تەرغىباتى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان ئاشۇ سوپى –دەرۋىشلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدىغان بولسىلا ھەيران قالىلا . قايسى كۈنى ئەنجان رەستىسدە دۇكان ئارلاۋېتىپ ، سوپى –دەرۋىشلەرنىڭ سۈلۈك تەرغىباتىغا قۇلاق سېلىپ قالدىم . ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ، ئاللادىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ۋەسسەلەمگە قانداق ۋەھىي كەلگەن بولسا ، خوجا ھىدايتۇللا ئىشان پىر ھەزرىتىمگىمۇ شۇنداق ۋەھىي كەلگەن بولسا ، خوجا ھىدايتۇللا ئىشان پىر ھەزرىتىمگىمۇ شۇنداق ۋەھىي كەلگەنمىش . پەيغەمبىرىمىز بىلەن ئول ئىشاننىڭ مەرتۋە –ئىقباللىرى ئوخشاش ئىمىش . خان ئاتام ئول ئىشاننىڭ بىرلا كۆرسەتكەن كارامەتلىرى بىلەن سۈلۈكى ئىشقىيەچىگە ئىرادەت قىلىپ ، ئىشاننىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلغانمىشلەر ۋە ئۇ شۇ يارلىقنى چۈشۈرگەنمىشلەر .ئول ئىشان پىرى بۈزرۈك شاپائەت تەخىتنىڭ جىمىكى خان –سۇلتانلارنىڭ سۇلتانى ئىمىش...
-بولدى بەس!-غەزەپ بىلەن ۋارقىردى ئىسمائىلخان .شۇ تاپتا ئۇ ئاچچىقنى چىقرىش ئۈچۈن بىرەر كىمنى جاللاتقا بۇيرۇشتىن ئۆزىنى ئاران –ئاران بېسىپ ئولتۇراتتى .
سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ بۇنچىۋالا قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكنى كۆرۈپ باقمىغان بارلىق ئوردا ئەركانلىرى ئۈنلۈكرەك تىنىشقىمۇ پېتنالماي بېشىنى تۆۋەن سالدى .
-بۇ پىتنە –پاساتلارغا ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا ئاقىۋىتنى يىغىشتۇرماق بەسىي مۇشكۈلدۇر ، خان ئاتا –دېدى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم تەخىتتە غەزەپتىن پۇشۇلداپ ئولتۇرغان سۇلتان ئىسمائىلخانغا قاراپ .
-ئېيتىڭلارچۇ ، ئى جانابىي ئەمىرلىرىم ،-دېدى ئۆزىنى بىر ئاز بېسىۋالغان سۇلتان ئىسمائىلخان ۋەھمە ئىلكىدە تۇرۇشقان بارلىق ئەمىرلەرگە قاراپ ،-سىزلەر مۇشۇنداق پىتنە-پاساتلارنى ئاڭلىدىڭىزلارمۇ ؟
-ئانھەزرىتىمگە مەلۇم بولغاي ، ئاستانەرەستىلىرى ئەنە ئاشۇنداق گۇمراھ پىتنىلەر بىلەن تولۇپ كەتتى ،-دېيىشتى باشقا ئەمىرلەرمۇ گۇۋاھلىق بېرىپ .
بۇ جاۋابىنى ئاڭلىغان سۇلتان ئىسمائىلخان لاسسىدە بولۇپ قالدى .
ئۇ خوجا ھىدايتۇللا ئىشان باشچىلىقىدىكى سۈلۈكى ئىشقىيەچىلەردىن بۇنداق رىياكارلىقنى زىنھار كۈتمىگەنىدى. راستىنلا ئۇلار ياخشىلىققا يامانلىق قىلۋاتامدىغاندۇر ، خاننىڭ ھىممىتىگە رەھمەت –ھەشقاللا ئېيىتىماقتا يوق ، بۈيۈك سەئىدىيە سەلتەنىتنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ ، ھاكىميەت ، مالىيە ، ئەمىنيەت قاتارلىق ھوقۇق دائىرسىگە كۆز تىكۋاتامدىغاندۇر ، خانلىق قانۇن –جاساقلار بىلەن قارشىلشىپ ئەلنىڭ ئامانلىقىغا ، دۆلەتنىڭ زىمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزۋاتامدىغاندۇر ، بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىگە قىزىمايدىغاندەك ، پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن خۇدايى ئىشانلىققا بېرىلگەندەك قىلاتىتىغۇ ئول ئىشان . مانا ئەمدى ئۆزىنى پەيغەمبەر سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويغانلىقى نېمىسدۇر؟تېخى ئۆزىنى مەندەك سەئىدىيە سەلتەنىتنىڭ پاسىبانى بولمىش خان –سۇلتاندىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ ، تەرغىبات ئېلىپ بېرىشىدا قانداق مۇددىئالىرى باردۇر ؟...
سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ خىياللىرى تولىمۇ چېگىش ئىدى . ئۇنىڭ خىياللىرىدا ئۆكۈنۈشمۇ ، پۇشايمانمۇ ھەسىرەتمۇ بار ئىدى .
شاھىنشىننىڭ ئىچى تىمتاسلىققا چۆمگەنىدى .ساراينىڭ ئوتتۇرىسغا جايلاشقان فونتاندىكى بېلجانلار سۈپسۈزۈك سۇدا غەمسىز پىلتىڭلايتتى . سىرىتتا توپا –قۇملارنى ئۇچۇرتۇپ چىقىۋاتقان باھار شاملى يېقىمسىز ئۇشقىرتاتتى.
شۇئەسنادا شاھىنشىنغا كىرىپ كەلگەن رەجەپ دەرۋىش ، مەخدۇمزادە شۇئەيىب خوجا ، دانىيال خوجىلارنىڭ ئەنسىز ئاياغ تاۋۇشى شاھىنشىننىڭ جىمجىتلىقنى بۇزۇۋەتتى . بارلىق ئوردا ئەركانلىرى تەكلىپسىزلا كىرىپ كەلگەن بۇ مېھمانلارغا ئەجەپلىنىپ قاراشتى.
.شۇ دەقىقىدە باش –ئاخىر يوق خىياللارغا ئەسىر بولغان سۇلتان ئىسمائىلخان ،سالام
سەھەستىز گۆشىيىپ تۇرغان پىر بۈزرۈكى بولمىش ئىككى مەخدۇمزادىگە يا ئورنىدىن تۈرۈپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى يا يېنىغا تەكلىپ قىلىپ ھىممەت كۆرسىتىش بىلەلمەي تۇرۇپلا قالغانىدى :
-داد،ئادالەتپاناھىم !-دەپ زارلاندى رەجەپ دەرۋىش تۇرغان جايغىلا موكلا تىزلىنىپ .
-ئى خەلپەم ، جانابلىرىغا قانداق دىشۋارچىلىق يەتتى؟ئەرز-دادلىرىنى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئالدىرماي سۆزلىسۇنلار .-دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان تۇيۇقسىز كىرىپ كەلگەن مەخدۇمزادىلەرنىڭ مۇددىئالىرىنى بىلىشكە ئالدىراپ .
-ئى ئادالەتپاناھىم –دېدى رەجەپ دەرۋىش تىزلانغان پېتى سۆزلەپ ،-جەننەتماكان پىرى بۈزرۈكمىز مۇلھىد ئەغبىيارلىرىمىزنىڭ قەستىگە ئۇچىراپ ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،ئول زاتى مۇبارەكتىن تەۋەرۈك قالغان ئىككى مەخدۇمزادىمىزگە قول بېرىپ ، سۇنۇق دىللىرىمىزنى تەسەللى تاپقۇزغان ، قاتىلنى تېپىپ خۇن –قىساسىمىزنى ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەندىلە .ئالىيلىرىنىڭ ھىممەت شەپقىتىدىن ئالەمچە سۆيۈنگەنىدۇق ، ئەمما ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا ئاستانىمىزگە ئىپلاس ئاياغلىرىنى بېسىشقا پېتىنغان قىيامەتلىك ئەغيارىمىز بولمىش مۇلھىد ، نامۇسۇلمان خوجا ھىدايتۇللاغا دوسىتلۇق قۇچاقلىرىنى ئاچتىلا .گەرچە يۈرەك –باغرىمىز خۇن زەرداب بولۇپ تۇرسىمۇ سەلتەنەت ئىشلىرىنى ئەلا بىلىپ بۇنىڭغىمۇ مەيلى دېدۇق . كېيىن ئاڭلىدۇقكى ، جەننەتماكان پىرىمىزنىڭ قاتىلى بولمىش ئول كاززاپ ، ناكەسكە بىسيار ھۆرمەت ، ئېھتىرام نىلدۈرۈپ ، مۇرىت-مۇرشىدلىرى بولمىش ئىشقىيەچى مۇرتەتلەرنىڭ زىممىسدىكى پادىشاھلىق ئالۋان-سېلىقلارنى ،ئۆتەشكە تېگىشلىك پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى يەتتە ئەۋلادىغىچە كەچۈرۈم قىلىش خۇسۇسىدا يارلىق چۈشۈرۈپ كۆپ شەپقەت كۆرسىتىپلا . بۇل ئادالەتسىزلىكتىن زار-زار قاقشىغان بولساقمۇ يەنىلا مەيلى دېدۇق ، ھەقتائاللاغا ، جەننەتماكان پىرى بۈزرۈك مەخدۇمزادىمىزگە سېغىنىپ سۈكۈت قىلدۇق . مانا ئەمدى يەنە ئاڭلدۇقكى ، ئادالەتپاناھىمىز ئىسھاقىيە سۈلۈكىدىن يېنىپ ، ئىشقىيە سۈلۈكىگە ئىرادەت قىلۇرمىش ، ئاشۇ مۇلھىد ھىدايتۇللا ئىشان دېگەن دوزىخىنى پىرى بۈزرۈك تۇتارمىشلەر . ھەيرانۇھەس، بىھوش –نىمجان بولۇپ ، ياقىمىزنى تۇتتۇق . ھەقتائاللادىن ،جەننەتماكان مەخدۇمزادىمىزدىن ئادالەتپاناھىمنىڭ پىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىك گۇناھىنى تىلىدۇق . يەنە ئاڭلىدۇقكى ، ئادالەتپاناھ يېقىندا بۈيۈك سەئىدىيە تەسەررۇپنىڭ ئالتۇن تەخىتنى ئول ھەججاج مۇناپىق ھىدايتۇللاغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ ، يۇرتدارچىلىق تىزگىننى تۇتقۇزارئىمىش .ئول مۇرتەت خان ئىشان بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلار ئىمىش . قىبلىگاھىم سەلتەنەتتىن كەچمەكلىك بولغانلىقنىڭ بائىسنى چۈشەندۈرۈپ قويمىسا زىنھار ئورنۇمدىن تۇرماسمەن ، بەلكىم بۇل مۇقەددەس ھۇزۇرى مۇبارەكتە ئەجەل شارابىنى ئىچىپ ، ئول مەلئۇننىڭ خان ئىشان بولغانلىقنى زىنھار كۆرمەسمەن .
رەجەپ دەرۋىش شۇنداق دېدى –دە،ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى،كۆز ياشلىرى يىپەكتەك ئاپئاق ساقاللىرىنى يۇدى .ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىككى مەخدۇمزادىمۇ مىشىلداشقا باشلىدى . سۇلتان ئىسمائىلخان بولسا نېمە دېيىشنى ، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي ئىككى تايىن بولۇپ تۇرغان سۇلتان ئىسمائىلخان مانا ئەمدى قەتئىي بىر قارارغا كەلگەنىدى.
-ئى خەلىپەم كوچا –كويلاردىكى رىياكار سوپى –دەرۋىشلەرنىڭ پىتنە-پاساتلىرىغا ئىشەنمىسۇنلار.بىزنىڭ پىر بۈزرۈكمىز مەخدۇمزادىلەردىن يۈز ئۆرۈپ باشقا پىرغا ئىرادەت قىلغانمىز يوقتۇر ،-دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان ۋەزمىن ئاھاڭدا سۆزلەپ ،-بابائى ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغان بۇل ئالتۇن تەخىتنى ئۆزگىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەم خىيالىمىز يوقتۇر . پەقەت ئەمىرلىرىمىزنىڭ گپېىگە كىرمەي ئول ئىشان ئەزىزلەرنىڭ تەلەپلىرىنى ئىجابەت قىلىپ يارلىق چۈشۈرگەن سەۋەنلىكىمىز باردۇر . ئەمدى بىلدۇقكى ، مۇقەددەس يارلىق بۇرمىلنىپ ، رەئىيەتكە خاتا تەرغىبات ئېلىپ بېرىلىپتۇ .شۇ بائىستىن تۈگىمەس پىتنە-پاسات ئۇرۇقلىرى چېچىلىپ ، سەلتەنىتمىز خىرىستا قاپتۇ .مۆھتەرەم پىرى بۈزرۈك مەخدۇمزادىلىرىمىززىنھار تەشۋىشلەنمىگەي.
سۇلتان ئىسمائىلخان ئىككى مەخدۇمزادىنىڭ قېشىغا كەلدى –دە ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن تۇتۇپ شاھ سۇپىدىكى تەخىتكە يېقىن ئورۇنلاشتۇرلغان ئەزىز،ھۆرمەتلىك مېھمانلار ئۈچۈن قۇيۇلغان كۇرسىغا ئەكېلىپ ئولتۇرغۇزدى .
-خان ئاتا ،تىزدىن تەدبىر قوللىنىپ ، بۇ پىتنە –پاساتلارنى چەكلىگەيلا ،-دېدى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم يەنە مۇراجئەت قىلىپ .
-ئى جانابىي ئەمىرلىرىم ، بىرەر ياخشى تەدبىر كۆرسەتكەيسزلەر.
ئەمىرلەر دەماللىققا بىر نېمە دېيەلمەي بىر –بىرىگە قارىشىپ كۇسۇرلىششقا باشلىدى .
مىرزاباباقبەگ ئورنىدىن تۇرۇپ سۆزلىدى:
-خوجا ھىدايتۇللا ئىشانغا بېرىلگەن يارلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاي .ئانھەزرىتىم بۇ خۇسۇسىتا زىنھار ئىككىلەنمىگەي .
-ئەمرى –كەبىر جانابلىرىنىڭ كۆرسەتكەن تەدبىرى بەرھەق –دېدى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ ئىككىلنىپ تۇرۇۋاتقانلىقنى كۆرۈپ ،-سىلى رەھىم قىلىش ، شەپقەت ۋە ساخاۋەت كۆرسىتىش ، ۋەدىسگە ۋاپا قىلىپ لەۋزىدىن يانماسلىق ئەلۋەتتە خان سۇلتانلارنىڭ ئېسىل پەزلىتىدۇر . ئەمماكى يامانلارغا كۆرسەتكەن لۇتقى كەرەم سەۋەبلىك ئەل –رەئىيەت ، سەلتەنەت مەنپەئىتى دەخلى –تەرۇزغا ئۇچرىسا ، شۇل سەۋەبلىك ئەل يۇرت ئارىسىدا پىتنە –پاسات ئۇرۇقى چېچىلىپ ، سەلتەنەتكە خەۋپ-دىشۋارچىلىق يەتسە ، لەۋزە ۋەدىلىرىدىن يېنىۋالماق ئەلۋەتتە دانالىق بولۇر ، جانابىي ئەلشىر نەۋائىي ھەزرەتلىرىنىڭ ‹‹مەھبۇبۇل قۇلۇب››ناملىق كىتابىدىكى- پاسات تېرىپ ئەلگە تەپرىقچىلىك ئۇرۇقى چاچقۇچىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى بايانلىرى ئىچىدىكى يامانلارغا شەپقەت ، سىلى –رەھىم قىلماسلىق خۇسۇسىدا يازغان نەسىھەتلىرى خان ئاتامنىڭ ئېسىدە باردۇر ،-مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم بىر ئاز ئويلىنۋېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .-نەۋائىي ھەزرەتلىرى شۇنداق دەپتۇرلەركى :‹‹يامانلارغا ياخشىلىق يەتكۈزمەك ياخشىلارغا
زىيان ۋە ئەلەم كەلتۈرمەكتۇر . مۇشۇككە يول قويماق كەپتەرنى ئاپەتكە يۇلۇقتۇرماقتۇر . تۈلكىنىڭ تەرىپىنى ئالماق توخۇنىڭ تۇخۇمنى قۇرۇتماقتۇر .بۆرىنى قوزا بىلەن بېقىپ سېمىز قىلماق ئاخىرى كېيىكلەر توپىغا رەھىمسىزلىك ئەكېلىدۇ ...››
مەلىكە مۆھتەرەم خېنىمنىڭ سۆزلىرى سۇلتان ئىسمائىلخانغا تېزلا تەسىر قىلغانىدى . شۇڭا ئۇ مەلىكىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئارقىسغا ئۇلاپلا ‹‹مەھبۇبۇل قۇلۇب››دىكى تۆۋەندىكى ئىككى مىسرا نەزمىنى ئۈنلۈك ئۇقۇدى :
دەۋر بىۋاپالىرى جەۋرىدىن داد،
دەھر بىھايالىرى بىدادىدىن فىغانۇ –فەرياد
شۇ ھامان شاھنىن ئىچىدە ئالقىش سادالىرى كۆتۈرۈلدى :
-ئانھەزرىتىم دانادۇر.
-قىبلىگاھىم تەدبىرلىكتۇر .
-دۆلەتپاناھىمنىڭ ئادالىتىدىن ئەل-رەئىيەت بېشىدىكى ئەمىنلىك قۇياشنى ئۆچۈپ قالمىغاي .
-يارلىق !-دەپ جاكارلىدى بىر قارارغا كەلگەن سۇلتان ئىسمائىلخان روھلۇق ھالدا ،-خوجا ھىدايتۇللا ئىشان ئەزىزلەرگە چۈشۈرۈلگەن يارلىق بۈگۈندىن باشلاپ ئەمەلدىن قالغاي . سەئىدىيە تەسەررۇپىدىكى ئىشقىيە سۈلۈكىگە خاس ياكى ۋاستىلىك ئىرادەت قىلغان بارلىق مۇرىتىل ھىدايەتچىلەردىن ئوخشاشلا ئالۋان-سېلىق ئېلىنغاي . پۇقرادارچىلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆتەشكە بۇيرۇلغان . تۈرلۈك سۈلۈك تەرغىباتلىرى سەلتەنەت سۈرى بىلەن قاتتىق چەكلەنگەي . قارشىلاشقۇچىلار ، يارلىققا خىلاپلىق قىلغۇچىلار خانلىق –قانۇن-جاساقلار بىلەن قاتتىق جازالانغاي . پىتنە –پاسات تېرىپ ئەل ئارىسىدا تەپرىقچىلىك پەيدا قىلغۇچلارنىڭ كاللىسى ئېلىنغاي.
شۇنداق قىلىپ سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ يېڭى پەرمانى بىلەن پۈتكۈل سەئىدىيە تەسەررۇپىدا جانلىنىپ كەتكەن مۇرىتىل ھىدايەتچىلەرنىڭ سۈلۈك تەرغىباتى خېلىلا بېسقىپ قالدى . بىر مەزگىل تېرىسگە سىغماي ، خالىغان يەردە ۋارقىراپ –جارقىراپ ، قۇتراتقۇلۇق قىلغان سوپى –دەرۋىشلەر قايتىدىن مازارلارغا ، قەلەندەرخانلارغا ، خۇپىيەنخانىلارغا كۆچتى .سۇلتان ئىسمائىلخاننىڭ يارلىقىدىن يېنىۋېلىشنى پەقەتلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەن خوجا ھىدايتۇللا ئىشان بولسا غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولغانىدى . شۇنداقتىمۇ ئۇ قىسقىغنە بىر نەچچە ئاي ئىچىدە مۇرىتىل ھىدايەتچىلەر بايرىقى ئاستىغا نەچچە ئون مىڭ مۇرىت توپلاشقا ئۈلگۈرگەنىدى . ئەمما سەئىدىيە خانلىقنىڭ ئالتۇن تەختىگە كۆز تىككەن ئىشاننىڭ ۋۇجۇدى شۈكۈر-قانائەتتىن تولىمۇ يىراق ئىدى . شۇڭا ئەجەل خەنجىرىنى غىلاپتىن چىقارغان ھىدايتۇللا ئىشان ھەر قايسى يۇرت-بەگلىكلەردىكى ئۆزىگە ئەڭ سادىق ئەڭ ئىشەنچىلىك ئەشەددىي قانخور ، كاللا كېسەر مۇرىتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ھىجابۇل –غەيىبلىرىگە سۇلتان ئىسمائىلخان ۋە ئۇنىڭ يېقىن ، مۇھىم ئەمىرلىرىنى قەستىلەپ ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىدا مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈردى .
7
بۇ يىل باھار پەسىلدىكى ئانچە –مۇنچە بوراننى ھېسابقا ئالمىغاندا ،ئاستانە ۋە ئاستانە ئەتىراپىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ياز پەسلى تولىمۇ ياخشى باشلاندى . يەكەن دەرياسىنىڭ سۈيىمۇ يىللاردىكىدىن خېلىلا مول كەلگەن بولۇپ ، گەجكە سۈيىگە قاندۇرۇپ سۇغرىلغان ياپيېشىل بۇغداي مايسىلىرى قىر يېپىپ تاختا بولغانىدى . بۇدرۇققىنا ئۆسۈۋاتقان كېۋەز مايسىلىرى بىر غېرىچ بوي تارتىپ قالغان ، دېھقانلار قوناق مايسىلىرنى تاقىلاپ ، ئۇلاشقا چۈشكەنىدى . قاراڭغۇلاشقان باغلاردىن قۇشلارنىڭ نەغمە-ناۋالىرى ئۈزۈلمەيتتى .ئالا بولۇپ سارغىيىشقا باشلىغان ئۆرۈكلەر تارتىنچاق قىزلاردەك يۇپۇرماق ئارىسىدىن مارايتتى .
مىرزاباباقبەگ ، مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم قاتارلىق يېقىن ئەمىر-مەھرەملىرى بىلەن چار بازارچى قىياپىتىدە ياسىنىپ خۇپىيانە ئەل ئارىلاشقا چىققان سۇلتان ئىسمائىلخان ئۇچ-تۆت كۈندىن بېرى ئەڭ چەت يېزا –قىشلاقلارغىچە ئارىلاپ ، نامرات پۇقرالار بىلەن ھال-مۇڭ بولۇپ بۈگۈن كەچ پېشىن بىلەن يېڭسارغا يېتىپ كەلگەنىدى .
-قەشقەر ئەمىرى مىرزا ھەيدەر دوغلاتىغا خەۋەر بېرىۋېتەمدۇق ، خان ئاتا ؟-دېدى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم ، غىزاغا تازا كۆڭلى تارتىماي خىال سۈرۈپ ئولتۇرغان سۇلتان ئىسمائىلخانغا قاراپ .
-ھازىرچە خەۋەر بەرمەي تۇرايلى ،-دېدى سۇلتان ئىسمائىلخان ،-يېڭىسار ، ياپچانلارنى ئارىلاشقىمۇ يەنە ئۈچ-تۆت كۈن ۋاقىت كېتىدۇ . قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ باقارمىز .
-ئارى –دېدى مىرزاباباقبەگ ،-ئەل –ئاۋامنىڭ دەردۇ ئەھۋالىنى ھەقىقىي بىلىمىز دەيدىكەنمىز ، بۇ نۆۋەتتىكى زىيارىتمىز ھەر قايسى يۇرت –بەگلىكلەردىكى ئەمىر بەگلەردىن خۇپىيانە تۇتۇلغىنى ياخشى .
ئۇلار بۇ قېتىمقى خۇپىيانە زىيارىتنى ئوردىدىكى خېلى كۆپ ئەمىرلەردىن سىر تۇتقانىدى .ئاستانە ئەمىرى مىرزا ئەۋەزبەگ قاتارلىق ئاز بىر قىسىم ئەمىرلەردىن باشلىقلىرى سۇلتان ئىسمائىلخاننى ياز پەسللىك شىكارغا چىقىپ كەتتى دەپ بىلەتتى . بۇ قېتىمقى خۇپىيانە ئەل ئارىلاشنى تولىمۇ مەخپىي تۇتقان سۇلتان ئىسمائىلخان باشقىلارنىڭ دىققىتنى تارتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئىككى نەپەر خاس قۇرۇقچى يىگىتىدىن باشقا ئارتۇقچە مۇھاپىزەتچى ئېلۋالمىغانىدى .
سۇلتان ئىسمائىلخانلار ئاستانىدىن ئايرىلىپ ئىككىنچى كۈنى كەچتە ئوردا شىغاۋۇل ئەمىرى مىرزا ئىدرىسبەگنىڭ خانقا دەرۋازىسغا جايلاشقان قەسىرگە بىر يۇچۇن كىشى ئەتىراپقا قارا-قاراپ قويۇپ كىرىپ كەلدى –دە ھويلىدىكى ئەتىرگۈللەرگە سۇ قۇيۇۋاتقان ياش خىزمەتكاردىن سورىدى :
-شىغاۋۇل ئەمىر جانابلىرى نەدىكىن ؟
-ھۇجرىسىدا ئارام ئېلۋاتىدۇ،-دېدى خىزمەتكار .-ئۆزلىرى كىم بولىلىكىن ؟
شىغاۋۇل ئەمىرگە خەۋەر قىلىپ قويسىلا ،كۆرۈشدىغان مۇھىم ئىشىم بار،-دېدى يوچۇن كىشى ئەزمىلىك قىلىپ تۇرغان خىزمەتكارغا تەرىى تۈرۈپ .
خىزمەتكار ئىچكىرى قورۇغا كىرىپ كېتىپ ھايال بولمايلا يېنىپ چىقتى .
-ئەمىر خوجام ئۆزلىرىنى تەكىيخانىدا ساقلاۋاتىدۇ .
يوچۇن ئادەمگە شىغاۋۇل ئەمىر قەسىرى ئانچە ناتونۇش بولمىسا كېرەك .خىزمەتكارنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپلا ئىچكىرى قورۇغا قاراپ ماڭدى –دە، تەمتىرىمەيلا قوش قاناتلىق ئىشىكى بار بىز ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىدى .
ئوتقاشتەك گىلەمنىڭ ئۈستىدىكى كۆرپىدە باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان مىرزا ئىدرىسبەگ ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم››دەپ بەرگەن سالامىنى دەس ئورنىدىن تۇرۇپ ‹‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ››دېگىنچە سالامنى دەس ئورنىدىن تۇرۇپ ‹‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ››دېىگىنچە ئىلىك ئالدى –دە ، مېھماننى تۆرىگە باشلىدى .
-قېنى يۇقىرى ئۆتسىلە ، مەخسۇم .
مېھمان بىلەن ساھىبخانا قىسقىلا تەكەللۈپ قىلىشقاندىن كېيىن قايتىدىن ئورۇن ئېلىشتى .
-ھە ، قانداق بولدى ؟-ئالدىراپ –تېنەپ سورىدى مىرزا ئىدرىسبەگ .
-گۇمانلىرى توغرا ئىكەن ، بېگىم –دېدى مېھمان .
-خان ئالىيلىرى راستىنلا شىكارغا چىقماپتۇ . كىينىشلىرىمۇ غەلىتە ،ئاددى ئېگىنلەرنى كىيۋاپتۇ . بەئەينى ئۇششاق چار بازارچىلاردەك .
-نەگە مېڭىشتى ئۇلار؟
-ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قىزىلغىچە قارا كۆرۈنۈش ئەگىشىپ بېرىپ قايتىپ كەلدىم .ئۇلار يول بويى نامرات رەئىيەت بىلەن دىدار –مۇلاقەتتە بولۇپ ، ھال –ئەھۋاللىرىنى ئاڭلاپ ، ئازدۇر –كۆپتۈر پۇل –پۇچەك تارقىتىپ مېڭىشتى .ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئېلۋالغان پۇل –پۇچەكلىرى ئاز –ئەمەستەك قىلىدۇ .
-ئۇلار يېڭىسار تەۋەسىگە ئۆتكەن بولسا ، قەشقەرگە بېرىشى ئېنىق ،-دېدى مىرزا ئىدرىسبەگ ئويلانغان ھالدا ،-ئۇلار جەمئىي نەچچە ئادەم ئىكەن ؟
-يەتتە ئادەم .
‹‹سۇلتان ئىسمائىلخان ئالىيلىرى بۇ نۆۋەت راستتىنلا قاراملىق قىلىپتۇ . خۇدا بىزنى نىيەت مەقسەتلىرىمىزگە يەتكۈزدىغان ئوخشايدۇ ››دېدى شىغاۋۇل ئەمىر ئۆزىگە پىچىرلاپ .
-ئۇلارنىڭ ئارقىسدىن كېلۋاتقان ھەمراھلىىرى يوقتۇر-ھە ؟
-پەقەتلا يوق بېگىم .
مېھماننىڭ جاۋابىدىن تولۇق قانائەت ھاسىل قىلغان شىغاۋۇل ئەمىر قوينىدىكى ھەمياندىن بىر سەرلىك سەئىدىيە كۈمۈش ئاقچىسىدىن ئون تالنى ئايرىپ ئالدى –دە مېھماننىڭ ئالدىغا قويدى .
-ئاز بولسىمۇ بۇ پۇلنى خىراجەت قىلغاچ تۇرسىلا .
-لازىم ئەمەستى ، بېگىم ،-دېدى كۈمۈش ئاقچىنى كۆرۈپ كۆزلىرىنى چاقناپ كەتكەن مېھمان يالغاندىن تەكەللۇپ قىلىپ .
-ئېلىۋەرسىلە ، مەخسۇم ،-دېدى مىرزا ئىدرىسبەگ ،-بۇ ئىشلارنى قەتئىي سىر تۇتقايلا ، ئىش –پىشلەر بولسا يەنە خەۋەر بېرۇرمەن . پۇل –پۇچەكتىن قىسىلىپ قالسىلا دەرگاھىمىزغا بىمالال كېلىۋەرسىلە . ئوغۇلچاق پەرزەنتىلىرى ئەتە سەھەردە شىغاۋۇل مەھكىمىسگە كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشكەي ، مۇۋاپىق خىزمەت ،ئىش ھەققى بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەيمەن .
-ھىممەتلىرىگە ھەشقاللا بېگىم .
مېھمان يەتتە پۈكلىنىپ تەزىم قىلغىنچە تەكيىخانىدىن يېنىپ چىقىتى .
-يانامدىلا؟ ئۇزاتمىدىم ئەمسە ،-دېدى مىرزا ئىدرىسبەگ تەكەللۇپسىزلا .
تاڭ سەھەر بامداتتىن يانغان مىرزا ئىدرىسبەگ خاس ھۇجرىسىغا كىرىپ جۈزداندىن سۈتتەك ئاق پاتلىق خوتەن قەغىزنىى ئالدى-دە ، ئالقانچىلىك چۇڭلۇقتا يىرتىۋېلىپ نەپس ئىشلەنگەن ياغاچ قەلەمنى سىياھدانغا مىلەپ تۇرۇپ ، بىر ئاز ئويلىنۋالغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى قۇرلارنى يازدى :
‹‹تۈنۈگۈن ئاستانىدىن يەتتە نەپەر چار بازارچى ئەزىز مېھمان قەشقەر تامان يۈرۈپ كەتتى . ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېڭىسار ياكى يايچاندا كۈتۈۋالغايلا .
ساداقەتمەن مۇرىتلىرى غايىب يۇلتۇزىدىن
مىرزا ئىدرىسبەگە خەتنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن خەتنىڭ سىياھى قۇرۇغىچە بىر ئاز ساقلاپ تۇردى ، ئاندىن خەتنى قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ تاشقىرىقى ھويلىسنىڭ باغقا تۇتاش تېمىغا سېلىنغان ئاتخانىسنىڭ ئۈستىگە شوتا ئارقىلىق چىقىتى . ئۈستى كەپتەرخانا ئىدى . ئۇ ئۆيدەك يوغانلىقتىكى قۇما ئارقىلىق كەپتەرخاننىڭ ئىچكىرىسگە كىردى –دە، ئۇ يەردە ئايرىم بېقىلۋاتقان ئىككى جۈپ كەپتەر ئارىسىدىن بوي –بەستى خېلىلا يوغان ، پاقا كۆزلۈك كەپتەرنى تۇتۇپ سىرتقا ئاچىقتى ۋە قوينىدىكى ھېلقى خەتنى تۈجۈپلەپ يۈگەپ بۇيا غولچىلىك تېرە قاپچۇققا ئاۋايلاپ سالدى –دە ، قاپچۇقنى كەپتەرنىڭ پۇتىغا بىر تال مەشۇت يىپ بىلەن مەھكەم چىگدى .
‹‹ئۈچ كەپتىرىم ، ئىلدام بېرىپ ئىشان پىرىمغا خەۋەر يەتكۈز››دەپ پىچىرلىدى ئىدرىسبەگ كۆك قەرىدە بارا-بارا كۆزدىن غايىب بولۇۋاتقان كۆك كەپتەرگە قاراپ .
قەشقەر ، ھىدايتۇللا ئىشان قەسىرى .
دىگەر نامىزىغا تەرەت ئېلىش ئۈچۈن تەمشىلىپ تۇرغان ھىدايتۇللا ئىشان خۇتبىخانىسنىڭ پەنجىرىسى ئالدىغا ئۆگزە بويى ئېگىزلىكتەك ئورنىتىپ قويغان پەغەزگە كېلىپ قونغان كەپتەرنى كۆرۈپ ، خوشاللىقىدىن لىق سۇ تولدۇرۇلغان ئىۋرىقنى تاشلىۋەتتى –دە ، يېشىپ بولغان ئىشتان بېغىنى چىگىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي ، بىر قولىدا ئىشتىننى قۇلتۇقلىغىنچە خۇتبىخانىسى تەرەپكە يۈگۈردى .
-ھاي قايسىڭ بار؟
ئىشتاننىڭ توۋلىغىننى ئاڭلاپ سۇپا ئۇستىدە ئېزىلىپ ياتقان موللا نەقى خەلىپە يۈگۈرۈپ چىقتى .
-لەببەي ، نېمەتلىك پىرىمنىڭ قانداق تاپشۇرۇقى بار ئىكىن؟
-قارىسلا ، خەلىپەم ، ‹‹پاقا كۆز ››قايتىپ كەلدى ،-دېدى ئىشان پەغەزدىكى كۆك كەپتەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،-دەرھال –خوش.
موللا نەقى نەگىدۇر يوقىلىپ بىردەمدىلا ئوڭ قولىغا قاپاقنى ، سول قولىغا بىر سىمقىم تېرىقنى ئېلىپ پەيدا بولدى –دە قاپاقنى شاقىلداتقاچ ، تېرىقىنى يەرگە چېچىپ تۇرۇپ كۆك كەپتەرنى قىچقاردى .
‹‹يەھ...يەھ...يەھ...››»
كۆك كەپتەر بىر نەچچە دەقىقە ئىككىلنىپ تۇرغاندىن كېيىن پەغەزدىن يەرگە چۈشتى –دە ئاۋۋال يەردىكى چېچېىلغان تېرىقنى يېىدى .ئاندىن ئۈركۈمەيلا موللا نەقىنىڭ بىلكىگە قونۇپ ئالقانلىرىدىكى تېرىقنى چۇقۇپ يېيىشكە باشلىدى .
موللانەقى قولىدىكى تېرىق تۈگىگۈچە كۈتۈپ تۇرغاندىن كېيىن كەپتەرنى ئوڭ قولىدا ئاۋايلاپ تۇتتى –دە ، پۇتىدىكى مەشۇت يىپ بىلەن مەھكەم چىگىلگەن تېرە قاپچۇقنى يېشىۋېلىپ .ھىدايتۇللا ئىشانغا ئۇزاتتى .
ئىشان تېرە قاپچۇق ئىچىدىكى خەتكە كۆز يۈگۈرتۈپ رازىمەنلىك بىلەن كۈلدى .
-مېنى بابائى بۈزرۈكلىرىمىزنىڭ پاك روھناتلىرى قوللاۋاتقان ئوخشايدۇ .ئىنشائاللاھ ، مەقسەتلىرىمىز ئەتە-ئۆگۈن ئىچىدە روياپقا چىققۇدەك .-ئىشان خەتكە نېمە يېزىلغانلىقنى بىلەلمەي تۇرغان موللا نەقىگە قاراپ گېپىنى دۋاملاشتۇردى،-‹‹پاقا كۆز››گە –سۇنى كۆپرەك بېرىپ ياخشىراق باققايلا ، خەلىپەم.
ئىشان پېشىن نامىزىنى ئۆتەشىنىمۇ ئۇنتۇپ خۇتبىخانىغا كىردى –دە ئالدىراش خەت يېزىشقا كىرىشتى .
‹‹زاتىل ئەقتاب مۇرىتىم بولمىش غايىب يۇلتۇز جانابلىرى :
چار بازارچى مېھماننى مۇۋاپىق مەنزىلدە ئوبدان كۈتۈۋالغايمىز .ئاستانە ۋە ئوردا ئۆزلىرىگە ئامانەت،
ئىنشائاللا، پات يېقىندا غەلبە-نۇسىرەتلىرىمىزنى تەبرىكلەپ تەخىت ئۆزرە بەقارار بولغايمىز .ئاستانىدىكى بارلىق مۇرىتىل ھىدايەتچى يارەنلەر تەق بولۇپ تۇرغاي .
سۇلتانۇل مۇھەققىقىندىن ››
ئىشان بىرىنچى پارچە خەتنى بىر قۇر ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ئىككىنچى پارچە خەتنى يېزىشقا كىرىشتى .
‹‹يېڭىسار دىيارىدىكى ھىجابۇل –غەيىب بولمىش باھادىر غازىيلىرىم ،ئاستانىدىن كەلگەن يەتتە نەپەر چار بازارچى مېھماننى پايچاندىن ئۆتكۈزمەي ھەلقۇم تىغ ياكى زۇقۇمجان قىلىپ كۈتۈۋالغايسىزلەر .پەرمان بىتەخىر ۋە قەتئىي ئورۇندالغاي .
نۇسبەت خەۋىرىڭلارنى كۈتۈپ سۇلتانۇل مۇھەققىقىنىڭلاردىن ››.
خوجا ھىدايتۇللا ئىشان ئىككى پارچە خەتنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئىنچىكە يۆگەپ تېرە خالتىغا قاچلىدى .
تاڭ سەھەر .
ھىدايتۇللا ئىشان قەسرىدىن ئۇچقان ئىككى كەپتەر ئىككى پارچە خەتنى ئېلىپ ھايىت-ھۇيىت دېگۈچە كۆزدىن غايىب بولدى .
كەپتەر ئارقىلىق خەت-خەۋەر يەتكۈزۈش يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە خېلىلا ئومۇملاشقان ئىش ئىدى . كەپتەرلەردىن يالغۇز خان –سۇلتان ، ئەمىر بەگلەرلا پايدىلىنىپ ، جىددىي مەلۇمات –خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈپ قالماستىن ،ئاددى خەلقمۇ يىراق-يېقىندىكى ئۇرق –تۇغقانلار ئارا كەپتەرلەر ئارقىلىق خەت-خەۋەر قىلشاتتى . بوي بەستى چوڭ ،ئۇچۇشقا ئۇسسۇزلۇققا ،ئاچلىققا چىداشلىق ، لاچىن، بۈركۈت ، سار قاتارلىق كۈشەندىلىرىگە ئاسانلىقچە بوي بەرمەيدىغان بۇنداق خەۋەرچى كەپتەرلەرنىڭ ياخشى ئۆگىتىلگەنلىرى ئادەمدەكلا ئەقىللىق ، سۈرئىتى تېز ئىدى .
ھىدايتۇللا ئىشانمۇ ھەر قايسى يۇرت-بەگلىكلەردىكى خەلىپە ، سۈلۈك مەسئۇللىرى ۋە ھىجابۇل غەيىبلىرى بىلەن كەپتەرلەر ئارقىلىق ئالاقلىشىپ تۇراتتى . جىددىي بۇيرۇق ، سۇيىقەستىلىك پىلانلىرىنى كەپتەرلەر ئارقىلىق يەتكۈزەتتى . مانا بۈگۈن تاڭ سەھەردە ئىشان قەسرىدىن ئۇچقان كەپتەرنىڭ بىرى ئاستانىگە ، مىرزا ئىدرىسبەگە قەسرىگە قاراپ ئۇچۇپ كەتتى . يەنە بىرى قوزىچۈش مەھەل بىلەن يېڭىسار قەلئەسىدىكى سىرتىدىن ئانچە ھەشەمەتلىك كۆرۈنمەيدىغان بىر قۇرۇغا چۈشتى –دە ، پېشايۋان ئاستىدىكى سۇپىدا خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان ،ئوڭ مەڭزىدە روشەن تارتۇقى بار ، كەكە ساقاللىق ئادەمنىڭ مەيدىسىگە قونۇپ بىر نەچچىنى ئۈنلىدى.
تارتۇق چۇچۇپ كۆزنى ئاچىتى –دە كەپتەرنى ئاۋايلاپ تۇتتى ، پۇتىدىكى تېرە قاپچۇقنى يېشىۋېلىپ ، كەپتەرنى ئۆگزىدىكى قۇمغا سولاپ ئالدىغا بىر چاڭگا تېرىق چېچىپ بەردى ،ئاندىن ئۆگزىدە تۇرۇپلا خەتنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتى ، خەت بىلەن تېرە قاپچۇقنى قوينىغا سېلىپ ، ھويلىنىڭ ئىشكنى تاقاپ سىرتقا ئالدىراش يۈرۈپ كەتتى.
|
|