ئىگىسى: yanar

مائارىپ توغرىسىدىكى پاراڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
40677
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 13:20:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ جەنۇنى شىنجاڭدا يانار ئەپەندى دىگەندەك بىر قىسىم مەسىلىلەر مەۋجۇت ، بۇنى شۇ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار تىخىمۇ ياخشى بىلىدۇ، «تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ» دىگەندەك.
يانار ئەپەندى ياخشى تىمالارنى يولاپسىز،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن،تىخىمۇ ياخشى تىمىلارنى يېزىشىڭىز ئۈچۈن بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى تەسىر قىلمىغاي. ئۇلارنىمۇ توغرا چۈشۇنىشكە بولىدۇ.مەن سىزنى قوللايمەن.خۇددى سىز مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى بىلىۋالغاندەكلا، ئويلىغانلىرىم  ئەينەن سىزنىڭ تىمىڭىزدا ئەكس ئېتىپتۇ، مەن بۇ جەھەتتە سىزگە رەخمەت ئېيتىمەن .مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن كىرىپ كەلگەن بولغاچقا سىزگە قارىغاندا تەجرىبەم كۆپ ئەمەس، ئەمدىلەتتىن تىىخى تەمتىرەپ مېڭىۋاتقان «بالا» دىسىڭىزمۇ بولىدۇ.پەقەت ئىنكاس يېزىش بىلەنلا بولىۋاتىمەن ، ياكى ئىنكاسلارنى زىيارەت قىلغۇچى بولۇۋاتىمەن.قەلەم قۇۋىتىم ئاجىز، بۇجەھەتتلەردە سىزگە يەتمەيدۇ، سۇڭا تاقا-تۇقا ئىنكاس يوللاۋاتىمەن .توغرا چۈشۇنىشڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .
مېنىڭچە بەزى مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بۇ مەسىلىلەرمۇ ئوڭشىلىپ كىتەر. ۋاقىت ھەممىنى ئوڭشايدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك خىىزمىتىمىزنى ھەقىقى ئىچ-ئىچىمىزدىن چىقىرىپ ياخشى قىلساق مۇشۇنىڭ ئۆزى غەلبە . كېيىنكى ئىشلاردا يەنىلا  نەتىجە بىزگە مەنسۇپ ، چۇنكى مائارىپ نىڭ ئۈنۈمى بىر ئىككى يىلدا كۆرۈلمەيدۇ، بۇنىڭغا سەۋرىچانلىق ، ئەڭ زور ئىشەنچ ،چىدام ،غەيرەت كېرەك. ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتسىز تۇرلۇك يېغىن،باھالاشلار بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ بار، بىزمۇ ئامالسىز قالىدىغان ۋاقىتلار بولىدىكەن ، بىرسىمىز چىقىپ «بۇ ئىش بولمىدى ، ئوقۇتۇش سۇپىتىگە تەسىر يېتىپ قالىدۇ» ....دىگەندەك پىكىر قىلدىغان بولساق  ، بىزنىڭمۇ كۆرىغان كۈنىمز تەس، رەھبەر بىلەن گەپ تاكاللىشىشقا بولمايدۇ، (ھەتتا بىزنىڭ ئورۇنلۇق ،ئىلمى ،يوللۇق بولسىمۇ)  بەزى رەھبەرلىرىمىز ناھايىتى تەستە ئېرىشكەن ئورۇندۇقىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن بارلىق چارە-ئامالارنى ئىشلىتىشتىن يانمايدۇ.
مۇنبەر ياخشى ئىكەن ، ھىچ بولمىسا ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىدىكى پىغانلىرىمىزنى تۆكۈۋېلىپ ئازراق بولسىمۇ خىزمەت تىكى روھى بېسىمىمىز يىنىكلەپ قالىدىكەن . بۇ جەھەتتە مۇنبەرنىڭ رولى ئىجابى رول ئوينىشى كېرەك ، ھەرگىزمۇ سەلبى تەسىرلەرنى بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى. خۇددى سىزنىڭ مەلۇم تورداش بىلەن قالدۇرغان ئىنكاس لىرىڭلارنى ئوقۇدۇم ، بۇمۇ ماڭا مەلۇم جەھەتتىن تەسىر قىلدى، لېكىن سىز ھەرگىزمۇ كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ ، چۇنكى بەس مۇنازىر قوزغىتىيانىلىق ، قۇزغىتىيالمىغانلىققا قارىغاندا ياخشى. «ياخشى ئىنكاسلار بولۇپتۇ »دەپلا ئويلىساق بولىۋېرىدۇ.لېكىن تولىمۇ ئەپسۇس ، مۇشۇنداق ياخشى ئىنكاس يولانمىلارنى ، مېنىڭچە شۇ خىل ناچار خىزمەت ئۇسۇلى ياكى باشقۇرۇش بىلەن بىۋاستە شوغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى كۆرمەيدۇ، «كۆرمەيدۇ »  ئەمەس،  كۆرەلمەيدۇ .دىمەكچىمەن تورغا چىقىشنى ياكى كومپىيۇتېر ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ، ئولار نىمىنى بىلىدۇ دىسىڭىز رەڭۋازلىقنى ، بوياقچىلىقنى ۋايىغا يەتكۇزۇپ قىلىشنىلا بىلىدۇ، خالاس. بەزى بىلىدىغانلىرى بولسا نىمە قىلىدۇ دىسىڭىز ، توردىن ئويۇن ئويناشنى بىلىدۇ شۇ. ھازىر مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى شۇنداق ياخشىلىنىپ كەتتى ، ھەتتا جەنۇبى شىنجاڭدىكى چەت ياقا يېزا مەكتەپلىرىدىمۇ كومپىيۇتېر ،تور بار. بىزدىمۇ شۇنداق شارائىتلار ياخشى. مەكتىۋىمىزدىكى كومپىيوتېر سىنىپىغا كىرسىڭىز قاچانلا قارىسىڭىز ئوقۇتقۇچىلار لىق ئولتۇرۇپ كومپىيوتېر «ئىشلىتىۋاتقان » ھەلەت.
قارىسىڭىز ھەممىسى دىگۇدەك ئويۇن ئويناۋاتقان....... مەكتەپ مۇدىرى ، شۇجىلارنىڭ ئىشخانىلىرىدىكى كومپىيۇتېرلار تىخىمۇ ئالاھىدە ، ئىقتىدارلىق . كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئېچىلمىغان، ياكى ئىچىلغانلىرى بولسا كىنۇ ناخشا قۇيۇلىۋاتقان....   شەكىلگە، ئابرويغا ، ھوقۇققا تىزىپ قويۇلغان.......  گەپ قىلسام تولا گەپ......
شۇڭا دىدىمغۇ بېشىدا ،بۇ ئىشلار ۋاقىتلىق دەپ، ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن يوق ، بولارنىڭ ھەممىسىنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتسە مېنىڭچە ھەممە ئىشلار ئىزىغا چۈشۈدۇ. مۇشۇنداق دەپ ئۆزىمىزنى خوش قىلىپ ئۆتسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ، ۋاقتىنچە.
   

UID
41559
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-26
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 15:44:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلار بىر كۈنلەردە چوقۇم ياخشى بوپ كىتىدۇ !

UID
50830
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-12-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-5
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 21:33:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ھەقىقەتەن دادىل مەردانە يىزىپسىز!  دوسلىرىم مەنمۇ بىر پارچە ئىلىپ كەلگەن - تىمىسى ‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۆۋىنامىسى››ئەگەر تەستىقلىنىپ قالسا كۆرۇپ باقارسىلەر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش