مائارىپىمىز بىر قىسىم جان باقارلار جان باقىدىغان جايغا ئايلىنىپ قالدى.ئون مىڭ يۈەن پۇلىڭىز بولسا سىز مەكتەپ مۇدىرى بولالايسىز.بۇ ھەممەيلەن بىلىپ بولغان ئاشكارا مەخپىيەتلىك.باھالاش كەلسە ھەرگىز ئوقۇتۇش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىشقا ئەمەس،بەلكى قۇسۇر ئىزدەشكە،جەرىمانە ئىلىپ يانچۇق توملاشقا كىلىدۇ.ئوقۇتۇشنىڭ باھالىشىدىن پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ،مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ،بىخەتەرلىك مۇقىملىقنىڭ،تۆتنى ئىنىق بىلىشنىڭ .... باھالىشى كۆپرەك،شۇلارنىڭ باھالىشى ھەپتىدە ئاز دىگەندە بىر قىتىم كىلىدۇ.قىسقىسى ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇھ دىگۈدەك پۇرسەت يوق،ئۆزى قىلىۋاتقان ئىش ھەققىدە ،بىلىم قۇرۇلمىسىنى يىڭىلاش ھەققىدە بۇندىن كىيىن قانداق قىلىش ھەققىدە ئويلىغىدەك ۋاقىت يوق.ئۇلار پەقەت باھالاشقا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئالدىراش.سىز ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز سىنىپىڭىزدىكى ھەربىىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدە قانچە ئادەم بارلىقىنى ،نىمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كىرەك.مەلۇم كەنتتكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ھەممە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۇدەك بىلىشىڭىز كىرەك.مانا بۇ مائارىپتىكى تىتىقسىزلىق.مائارىپتا ھەممىدىن بەكرەك مۇقىملىق بىخەتەرلىك مۇھىم،ئوقۇغۇچىغا ھىچقانداق نەرسە يۇقتۇرمىسىڭىز ئالتە يىل ئوقۇتۇپ ساۋاتسىز قويسىڭىز بولىدۇ،بىراق مۇقىملىق بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولمىسىلا بولىدۇ.بۇ باشلىقلىرىمىزنىڭ تەلىپى.ھەي دەپ كەلسەم گەپ جىق....
