كۆرۈش: 12488|ئىنكاس: 52

مائارىپ توغرىسىدىكى پاراڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق ئېگىلەر سۇنم

UID
6474
يازما
48
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1552
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 16:52:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1


تەبىئەت ئويغىنىپ، كائىنات ياپيېشىل مەخمەلگە ئورالغان گۈزەل باھار كۈنلىرى سېخى قوياش ئىللىق نۇرىنى چاچماقتا. ساھەلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مىقىياسىنى قاينام-تاشقىنلىققا چۈمدۈرمەكتە.
2011-يىلى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە خاسىيەتلىك بىر يىل. بۇ يىلدا بىز جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز، 12-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئومۇمىيۈزلۈك يولغا قويىمىز ھەم شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭىچە قىياپەت، يېڭىچە روھ بىلەن دادىل قەدەم تاشلايمىز. خوش، ئۇنداق بولسا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىمىز؟ يەنە شۇ كونىچە ئىدىيە ۋە بىكىنمە، قالاق خىزمەت ئىستىلىمىز بىلەن ئىشقا ئاشۇرامدۇق؟ ۋە ياكى يېڭىچە يول تۇتامدۇق؟ بۇ مەسىلىلەردە ھەر بىر رەھبىرى كادىر قاتتىق ئويلىنىشى كېرەك.
    شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مائارىپ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مائارىپچىلار ھالقىما تەرەققىياتنىڭ ئىزباسارلىرىنى، قۇرغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئاچقۇچلۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان.  بۇلتۇر دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھات پروگراممىسى تۈزۈپ چىقىلدى. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭمۇ 12-بەش يىللىق پىلانى تۈزۈلۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنى قوللاش جەھەتتە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق پروگراممىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنداق بولغان ئىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا زور تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلگۈسى، ئىنشائاللاھ.
ئالدىنقى ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ سېكىرتارى يولداش جاڭ چۈنشىيەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ سېستىمىسىدىكى ۋەكىل يولداشلارنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۆزى باش بولۇپ، سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ مائارىپ سېپىدىكى يولداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. گەرچە بۇ يىغىنغا قاتنىشىش شەرىپىگە ھەممەيلەن مۇيەسسەر بولالمىغان بولساقمۇ ئەمما شۇ يىغىنغا قاتناشقانلاردىن يىغىننىڭ ئەھۋالىنى ھەمدە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدۇق. بولۇپمۇ يولداش جاڭ چۈنشىيەن شۇجىنىڭ كىچىك پېئىل، كەمتەرلىكى، يىغىن ئەھلى ئارقىلىق مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە يوللىغان سەمىمىي سالىمىدىن خەۋەر تېپىپ قەلبىمىز چەكسىز ھاياجانغا ۋە يېڭى ئۆمىدلەرگە تولدى. يىغىن ئەھلىدىن بىلىشىمىزچە، بۇ قېتىمقى مائارىپ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى قەشقەر ۋىلايىتىدە 12 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېچىلىشى ئىكەن. يولداش جاڭ چۈنشىيەن شۇجىغا كۆپ تەشەككۈر!

2


ئۇزۇندىن بۇيان تور يۈزىدە مائارىپقا دائىر ماقالە-ئەسەرلەرنى ئوقۇدۇم. تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۆزەممۇ مائارىپ ساھەسىدىن بولغاچقا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى چۈشەندىم ۋە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى ۋە نەتىجىلەرنى چۇڭقۇر ھېس قىلدىم ھەمدە بىۋاستە باشتىن كەچۈردۈم.
بىلىم سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولسا كېرەك، مەن ئەزەلدىن تىلى ۋە يېزىلىش ئۇسلۇبى ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئابىستىراكىت بولغان ئەسەرلەرنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. ھەم بىرەر پارچە بىر نەرسە يازساممۇ تىلى ئاددىي، مەزمۇنى چۇڭقۇر ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشنى ئۆزەمگە ئۆلچەم قىلىپ كېلىۋاتىمەن.
نەخ گەپكە كەلسەك، مائارىپ دېگەن بۇ ئۇقۇم ئادەتتىكى بىر ساھە ئەمەس. بۇ بىر قەۋىم، بىر يۇرت، بىر مىللەت ھەتتا بىر دۆلەتنىڭ ساپاسى، مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى، خەلقئارا رىقابەتلەردە ئۈزۈپ چىقىش، چىقالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىنتايىن مۇھىم يادرولۇق ساھە. مائارىپنى چىڭ تۇتقانلىق بولسا، مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ۋە تەرەققىياتىنى تۇتقانلىق. مائارىپنى تۇتقانلىق مۇقىملىقنى تۇتقانلىق، مائارىپنى تۇتقانلىق ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلغانلىق بولىدۇ.
شىنجاڭ تىنىچ يول بىلەن ئازاد بولغان 60نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرى ئىچكىرىي ئۆلكىلەردىكى ۋە چەتئەللەردىكى نوپۇزلۇق بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدا زور مۇۋاپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.
مائارىپنى تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيىتساق بۇ بىر ئالاھىدە كەسىپ. مائارىپ ساھەسىدىكى كىشىلەرنى باشقا ساھەگە يۆتكىسە، بۇ كىشى ئاشۇ ساھەنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشى مۇمكىن. ئەمما باشقا ساھەدىكى كىشىلەرنى مائارىپقا يۆتكەپ قويسا، ھەرگىزمۇ ئوقۇتۇش-تەلىم تەربىيىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس.(بولۇپمۇ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مائارىپنىڭ).
شۇنداق بولغان ئىكەن بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ ساھەسىدىكى ھەر بىر خىزمەتچى ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىدىن، مائارىپچى ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىشى كېرەك-ئەلۋەتتە! دىنىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ مائارىپ خىزمىتى ساۋاپلىق خىزمەت ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنداقتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلاردا بولۇپمۇ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدا مەكتەپتىن، خىزمەتتىن قاقشاش ئەھۋاللىرى خۇددى «ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» دېگەنگە ئوخشاش ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولۇپ قالىدۇ؟ بۇ ھەقتە بىز چوقۇم ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈشىمىز لازىم. تۈزۈتۈشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر دەل ۋاقتىدا تۈزۈتۈلسە، ئاخىرىدا مەكتەپ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى باشلىقلار تۈزۈتۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆزلىرى تۈزۈتۈشسە، ئوقۇتقۇچىلار تۈزۈتۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئوقۇتقۇچىلار تۈزەتسە، مەكتەپ خىزمەتلىرى ئىلمىي يوسۇندا تەرەققىي قىلسا ھەممىمىز خۇشھال بولىمىز-ئەلۋەتتە!
بۇنىڭدىن بۇرۇن تورغا يوللىغان تېمىلار ئاساسىدا مەكتەپلەردە قانداق مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ دېگەن سوئالغا بىز تۆۋەندىكىدەك جاۋاپلارنى بېرىپ باقايلى:

مېنىڭ دېگىنىم ھېساپ!


ئاساسىي قاتلاملاردىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردە مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرى ياخشى تاللانمىدى. ئونۋېرسال ساپاسى ۋە كەسپىي ساپاسى يۇقىرى ئەمەس. باشقۇرۇش سەۋىيىسى قالاق ياكى تۆۋەن. ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە دېگەننىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغانلار ئازمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرىم ئورۇنلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپ ئىگىلىرىنى مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىگە كىرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن باشقا ساھەدىن بولۇپمۇ يېزا-ئىگىلىك ساھەلىرىدە مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە باشقا كەسپىي ئورۇنلاردا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلەر مەكتەپلەرگە مۇدىر، شۇجى دەپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، مەكتىپنىڭ نۇرمال ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەرتىپىدە بەزىبىر نامۇۋاپىق قىلمىشلار مەيدانغا چىقتى.
«مايمۇن پادىشاھ بولسا ھەممە ئادەمنى دەرەخكە چىقىشقا ئۈندەپتۇ» دېگەندەك مەدەنىيەت ياكى تەشۋىقات ساھەسىدىن مەكتەپكە كىرگەن رەھبەر مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماي ھەدېسىلا كۈندە مەكتەپنىڭ 2-دەرىسخانا پائالىيىتى، لۇزۇنكا ياسىتىش، تەشۋىقات دوسكىسى ياسىتىش، مەكتەپنىڭ ھەممە يەرگە شۇئارلار ۋە رەسىملەرنى چاپلاپ، كۈندىلىك خەۋەرلەرنى يۇقىرىغا يوللاش قاتارلىق بەزىبىر ئىشلارنى چىڭ تۇتسا؛ يېزا ئورگىنىدىن ئالمىشىپ كەلگىنى بولسا مەكتەپنى دېھقانلارنى باشقۇرغاندەك قاتمال باشقۇرۇۋاتقان. شۇنداق بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلمىدى، ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلۈنمىدى. گەپنىڭ قىسقىسى ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئىقتىدارلىق، قابىلىيەتلىكلەر مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىگە ياكى ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىكىگە كىرگۈزۈلمىدى ياكى كىرگۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ پەقەت ئارخىپچىلىق ۋەزىپىسى يۈكلەندى، رولى جارى قىلدۇرۇلمىدى. مەكتەپنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلمىدى. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى چىڭ تۇتۇلمىدى. نەتىجىدە بەزى ئوقۇتقۇچىلار قىمارسورۇنلىرىدىن چىقالمايدىغان، كۈندە ساق ۋاقتى بىلەن مەست ۋاقتىنى ئايرىغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ تەسىرى يامان بولدى. ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرغىلى بولمىدى.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر نۆۋەتتىكى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىغا ماسلىشىپ، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭمۇ (مەكتەپ مۇدىرى، مەكتەپنىڭ شۇجىسى ۋە باشقا ئىلمىي مۇدىر، ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى...قاتارلىق ھوقۇقدارلارنىڭمۇ) يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە تەربىيلىنىشىنى ئۆمىد قىلماقتا. چۈنكى مەكتەپنىڭ بەنزە ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسىمى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەتۈر قىيناۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە دەرس ئۆتۈشكە ئامالسىز قالماقتا. چۈنكى باشلىقلار بەلگىلىۋالغان كونا ئۆلچەم بويىچە دەرسلەرگە باھا بەرگەچكە نۇرغۇنلىغان ياخشى، ئۈلگىلىك دەرسلەر بىر چەتتە بويۇن قىسىپ تۇرماقتا.
بەزى مەكتەپ رەھبەرلىرى ئوقۇتۇش دېگەنگە پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ، ئوقۇتۇش سۈپىتى، مەكتەپنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يوللۇق پىكىر قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى تۈرلۈك ئامال-چارىلەر بىلەن قىيناۋاتىدۇ.

مۇئاشىڭدىن تۇتىمەن!


مۇئاش تۇتۇش ئادەتتىكى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالدى. كىچىككىنە ئىشلار بولسىلا مۇئاش تۇتۇۋاتقان، ئۆچ ئېلىۋاتقان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس. كېچە-كۈندۈز مەكتەپ ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقانلارغا ھېچنىمە يوق، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ يېقىنلىرى، شورپىسىنىڭ شورپىسى دېگەندەك ئۇرۇق-تەققانلىرى يىل ئاخىرىدا مۇنەۋۋەر بولىدىغان، زاپاس كادىرلىققا كۆرسىتىلىدىغان، ھەتتا خېلى ئىشلارنى چىقارسا گەپ قىلماي بېسىقتۇرۇۋىتىپ باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ئىشلار ئاۋۇپ قالدى.
«ئالدى ئىشىكتىن يىڭنە پاتمايدۇ، ئارقا ئىشىكتىن پويىز قاتنايدۇ» دېگەندەك ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ ئاغرىپ قېلىپ بىرەر سائەت رۇخسەت سورىسا مۇئاشىنى تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى كېچىلەپ ھاراق ئىچىپ، رەڭلىك سورۇنلادا ھەمدەم بولۇشۇپ بەرسە ئۇلارنىڭ مۇئاشى تۇتۇلمايدۇ، ئەكسىچە ئەڭ چوڭ ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ.

ئۈنىۋان بەرمەيمەن!


ئۇدا نەچچە قېتىم ئۈنىۋانغا ئىمتىھان بىرىپ ياكى جەدىۋەل تولدۇرۇپ ئاخىرىدا ئۈنىۋان ئالالمىغانلارغا تاكى شۇ كىشىلەر ئۈنىۋان ئېلىپ ئوقتۇرۇش قولىغا تەككۈچە باشقىلارنىڭ ئۈنىۋان ئېلىشىغا بولمايدۇ، ھەتتا چېلىشتا يىقىلغان پالۋانلار نەچچە يىل ئۈنىۋانغا يول مېڭىپ بولغۇچە باشقىلار ئۆچرەت ساقلايدۇ. ئۈنىۋان پۇرسىتىنى بىر قېتىم بەرسە پۇرسەتنى كەتكۈزۈۋەتكەندىكىن كېيىنكى قېتىملىق ساننى باشقا بىرسىگە بىرەيلى، ئۇ مەلۇم مەزگىل ساقلىسۇن، ئەگەر ئىككىنچى قېتىم يەنە پۇرسەتنى كەتكۈزۈۋەتسە بىر قانچە يىل ساقلىسۇن، چۈنكى ئۈنىۋانغا شەرتى توشۇۋاتقانلار قاتارلىشىپ تۇرۇۋاتىدۇ دېگەننى ھېچكىم يۈرەكلىك دېيەلمىگەن. گەپنىڭ توچكىسى شۇكى: مەكتەپ باشلىقلىرىدىن ياكى ئۈنۋان ئالماقچى بولغان بەزى ئۆكتەملەردىن ھەم ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى «تېرەك» لەردىن قورقۇشتى. پىرىنسىپ بويىچە ئۈنىۋانغا قاتتىق ئۆلچەم بېكىتىلمىگەن.

مېنى مۇنەۋۋەر باھالايسەن، بولمىسا مەكتەپتە ساڭا ئورۇن يوق!


يىللىق باھالاشلاردا مەكتەپ باشلىقلىرى پىلە قۇرتىدەك يۇمشاپ كېتىدۇ. ھەر يىلى يۇقىرىدىن مەكتەپ باشلىقلىرىنى باھالاپ لاياقەتلىك، لاياقەتسىزنى ئايرىيدىغان ۋاقىت كېلەي دەپ قالغاندا سىز مەكتەپ باشلىقىڭىزنىڭ پوزىتسىيەسىگە دىققەت قىلىپ بېقىڭ. ئادەتتە سىز بىلەن سالاملاشمايدىغان باشلىقلىرىڭىز شۇ مەزگىللەردە پىلە قۇرۇتىدەك يۇمشاپ كېتىدۇ. سىناپ تەكشۈرۈش جەدىۋىلىگە بەلگە قۇيۇشتىن بۇرۇن خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆزلىشىپ بىر-بىرىڭلارنى قويغان بەلگىنى ئۆز-ئارا نازارەت قىلىشقا شەخسىي رازۋېتچىك قىلىپ قويىدۇ. ھەتتا تەشكىلات بۆلۈمى مەكتىپىڭىزغا چىقىپ پىكىر ئېلىشتىن بۇرۇن سۆھبەتلىشىش ئوبىكتىلىرىنى باشلىقلىرىڭىز ئۆزى تىزىدۇ دە تىزىملىك بويىچە كىرگۈزىدۇ، ھەق گەپ قىلىدىغانلارنى ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ كىرگۈزمەسلىككە تىرىشىدۇ.بۇ خىزمەت تۈگىگەندىن كېيىن ھەممە بۇرۇنقىدەك شۇ «ئاتام ئېيىتقان بايىقى». كونىلاردا «قۇرساق ئاغرىقىڭ بولمىسا، تاۋۇز يىيىشتىن قورقما» دېگەن گەپ بار، ئەگەر ئۆزىدە مەسىلە بولمىسا، ئۇنچىلىك قىلىپ كېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟

باشلىق كېلىدۇ، ئارام ئالمايسەن!


مائارىپ ئىدارىسىدىن شەنبە-يەكشەنبە كۈنى ئىشلەيسىلەر دەپ ئۇقتۇرۇش چىقارمىسىمۇ مەكتەپ باشلىقلىرىڭىز ئۆز ئالدىغىلا "باھالاش كېلىدۇ" دەپ شەنبە-يەكشەنبە كۈنى ئارام ئېلىش بەرمەيدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا شۇ مەكتەپتىكى يېرىم سائەت، بىر سائەت بۇرۇن يوقلىماقىلىدىغان يوقلىمىچىلاردىن قورقۇپ،  ھاياتىدىن ئايرىلغانلارمۇ يوق ئەمەس.(ئۇندىن باشقا، چاقىرىدىغان مىھمانلارنى چاقىرالمايسىز، توي-تۆكۈنلەرگە بارالمايسىز، باللىرىڭىزنىڭ، ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايسىز. ئەگەر ئايال كىشى بولسىڭىز يولدىشىڭىزنىڭ ياكى قېيىنئاپىلىرىڭىزنىڭ تەنقىد، تىل-دەشناملىرىغا ئۇچىرايسىز، ھەتتا بەخىتلىك ئائىلىڭىزدىن بوران ئۇچىدىغان ھالەتكە يېتىشىمۇ مۇمكىم).
ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئوقۇتقۇچىلار بىكار قېلىۋاتىدۇ دەپ «يۇقىرىدىن يېزا ئىگىلىشنىڭ باھالىشى كېلىدۇ» دەپ كەلمىگەن باھالاشلارغا ئوقۇتقۇچىلارنى ئېتىزلىققا ئاپىرىپ ئىشلىتىپ، «ئۇھ!» دېگۈدەك پۇرسەتمۇ بېرىلمىسە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقى بولامدۇ؟ ئوقۇغۇچىلارغا قانداقمۇ ئەمەلىي نەپ بېرەلىسۇن؟ ئالىي مەكتەپكە، ئىچكىردىكى ۋە رايۇن ئىچىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى يەتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى بولسا مۇھىمنىڭ مۇھىمى ئىدى ئەسلىدە.

«قوش تىللىق» تەربىيلەشمۇ ياكى ئالاھىدە ئارام ئالدۇرۇشمۇ؟


ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچىدە ياكى ئىچكىردە «قوش تىللىق» مائارىپ بويىچە بىر-ئىككى يىللىق تەربىلەشكە سان كەلسە ئەڭ ئاۋال ئۆز يېقىنلىرىنى يوللايدۇ، تېخى يوللىغانلارنىڭ بەزىلىرى كىچىكىدىن خەنزۇچە ئوقۇغانلار ياكى تەنتەربىيە، مۇزىكا كەسپىنى پۈتتۈگەنلەر بولۇپ بارغانلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئاساسىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئەمەس ياكى كەسپىي ئىقتىدار ۋە مەلۇم دەرىجىدە خەنزۇچە ئاساسقا ئىگە بولمىغاچقا بىكار يۈرۈپ، ئۆگىنىش قىلماي، ياكى بىر-ئىككى يىل ئىچكىرلەردە ھەقسىز ئوقۇپ كېلىپ، بىرەر سائەتمۇ قوش تىل بويىچە دەرس ئۆتۈپ بەرمەي، مەكتەپتە لاغايلاپ يۈرۈۋاتمامدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇ بارغان يېرىدە قىنىدا يۈرمەي، ھەرخىل، ھەر ياڭزا يەرلەردە يۈرۈپ، قوغلاندى بولغانلارمۇ قايتىپ كېلىپ خىجىلمۇ بولماي يەنە مەكتەپتە ئاۋالقىدەكلا يۈرۈۋىرىدۇ. كەسپىي ئىقتىدارى ۋە خەنزۇچە ئاساسىي ياخشى، خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان، شەرتكە چۈشىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەن. بۇنىڭ ئالاھىدە ئارام ئالدۇرۇشتىن پەرقى نېمە؟!

رۇخسەت سورىمايسەن!


رۇخسەت بېرىش مەسىلىسىگە كەلگەندە، سىز تەتىل، ھېيىت-بايرام، شەنبە-يەكشەنبە ھەتتا كېچىلىرى ئىشلىسىڭىز ھېچنىمە يوق، ھەتتا مۇئاشىڭىزدىن تۇتىدۇ، مەكتەپنىڭ ئىشلىرىدىن قېچىپ يۈرگەنلەر سەككىز سائەتلىك تۈزۈم بىلەن ئىشلەيدۇ ھېچكىم ئۇلارنىڭ مۇئاشىنى تۇتمايدۇ. ئارتۇق ئىشلىگەنگە ھەق بېرەلمىگەندىكىن رۇخسەت سورىسا  مۇئاش تۇتمىسا ياكى ئارتۇق ئىشلىگەن ۋاقىتقا توغرىلاپ رۇخسەت بېرىپ مۇئاشقا چېقىلمىسا بىر كىم ئۇلارنى بىر نېمە دېمەستى. گەپنىڭ توچكىسى ئىشلىگەنلەر بىلەن ئىشلىمىگەنلەر ئېنىق ئايرىلمىدى. ئۈنۋاننىڭ يوغىنىنى ئالغانلار ئەمەلىيەتتە خىزمەتنىڭ يەڭگىلىنى قىلدى.

مەكتەپتە زادى كىمنىڭ دېگىنى ھېساب؟


بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى ساپا مائارىپى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى، قوش تىللىق ئوقۇتۇش قاتارلىقلارنى تولۇق چۈشەنمەي كۈچەپ ۋارقىراپ ئوقۇتقۇچىلارغا زور بېسىملارنى ئېلىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى خەنزۇچە ئاران يازالايدىغان مۇدىرلار خەنزۇچە بىلمىسەڭ خىزمەتتىن تازلىنىسەن دەپ ئۆزىچە ئوقۇتقۇچىلارغا ھەيۋە قىلىپ كەلدى. ئۇنداقتا بۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ خەنزۇچە بىلمەيدىغۇ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىنى خىزمەتتىن بوشىتىپ، خەنزۇچە دەرس ئۆتەلەيدىغانلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ ئۆزى تەرجىمان ئىشلىتىپ پادىشاھنىڭ سازەندىلىرىدەك بولىۋالماقچىمىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ مەكتەپ مۇدىرى دېگەن ھوقۇقى ئالەم بىنا بولغاندىن باشلاپلا ئۇلارغا تەقسىم قىلىنمىغان بولغىيتى.
مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنىڭ بولۇپمۇ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن شۇجىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولسا بولاتتى لېكىن ئۆز-ئار كېلىشمىگەنلىكتىن نەتىجىدە باشقىلار بۇ ئىككى باشلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەسكەن دېگەن تۇيغۇغا كېلىدۇ-دە مەكتەپنىڭ ئىچىدە گوروھۋازلىق، خۇشامەتچىلىك ئەۋج ئالىدۇ، بارا-بارا زىددىئەت پەيدا بولۇپ ئوقۇتۇش تاشلىنىپ قالىدۇ. زىيان ئوقۇغۇچىلارغا، جەمئىيەتكە، دۆلەتكە بولىدۇ.
  بەزى مەكتەپ باشلىقلىرى مەكتەپتىكى ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىنى خالىغانچە ئۆستۈرىمەن، قالدۇرىمەن، ۋەزىپىگە تەيىنلەيمەن دەپ ئاخىرىدا كىم قايانغا يىتىلىسە شۇ يانغا مېڭىپ خەقنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قالغان. ھەتتا مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ياچىكا شۇجىسى يىغىندىلا ئۆز-ئارا گەپ تالىشىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا مۇشىتلىشىپ، سازايى بولۇشۇپ ھەقسىز كىنو قويۇپ بەرگەن ئەھۋاللارمۇ بارغۇ؟
مەكتەپ رەھبەرلىرى، بىلىپ قويۇڭلار، ئوقۇتقۇچىلارغا خالىغانچە جېرىمانە قويۇش، خالىغانچە مۇئاش تۇتۇش، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىيىش قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى بولاڭچىلىق.
ئىشخانىدا ئايرىم سۆزلىشىپ تەربىيە بېرىدىغان ئىشلاردىمۇ ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ، چوڭ يىغىندا ئىسمىنى ئاتاپ زەھەردەك گەپلەرنى قىلىش، ئادەم توپلاشقان يەردە تىللاش، ھاقارەتلەش، قول تەككۈزۈش؛ پايدىلىق تەكلىپلەرنى بەرگەنلەردىن ئۆچ ئېلىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنسانىي غۇرۇرىغا، شەخسىيىتىگە، كىشىلىك-قەدىر قىممىتىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان ئىشلارنىڭ ئۆزى قانۇنسىزلىق ھەم ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا زېت.
    دۆلەتنىڭ ھېچقانداق قانۇن-نېزام، سىياسەت ۋە ھۆججەتلىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنى خالىغانچە خىزمەتتىن توختات، خالىغانچە مۇئاشىنى تۇت، خالىغانچە ئۇر، ياكى باشقىلارنى كۇشكۇرتۇپ ئۇرغۇزۇۋەت، ئادەم توپلاشقان جايدا ياكى چوڭ يىغىندا ئىسمىنى ئاتاپ تىللا، ھاقارەتلە، ئۆچ ئال دېگەن مەزمۇنلار يوقتىغۇ؟!دۆلىتىمىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنى قۇغداش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» نى تۈزۈپ يولغا قويغان ئىدى.

3


ھۆرمەتلىك تورداشلار، مائارىپ سېپىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان ئۇستازلار، يۇقىرقىدەك مەسىلىلەر تۈزەلمىگىچە مائارىپ، ئوقۇتۇش سۈپەت توغرىسىدا بىر-بىرىمىز بىلەن مۇنازىرلىشىپ، ھە دېگەندىلا چەتئەللەرنىڭ مائارىپ ئەندىزلىرى توغرىسىدا دەبىدەبىلىك سۆزلەۋەرسەك جىق ئاۋارە بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىمىز. شۇڭا بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزە ئەزالىرىنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلسە، بىر مەكتەپكە باشلىق بولغانلار ئۇدا يىگىرمە يىل ھەتتا ئوتتۇز يىل بىرلا ئورۇندا باشلىق بولىدىغان ئىشلارغا بارا-بارا خاتىمە بېرىش لازىم. چۈنكى بۇنداق بولغاندا بەزى قائىدە-تۈزۈملەر ئەمەلىيلەشمەيدىغان، ھەتتا مەكتەپنى ئۆزىنىڭ ئۆيىنى باشقۇرغاندەك خالىغانچە باشقۇرىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ-دە، تەسىرىمۇ ياخشى بولمايدۇ. مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ياخشى تاللانسا باشقا مەسىلىلەرنى بارا-بارا تۈزەتكىلى، ھەتتا زىدىيئەتلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈگىلى بولىدۇ.
2010-يىلى 5-ئايدا مەركەز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى چاقىردى. دىيارىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەزكۇر يىغىننىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئەمەلىي ئىشلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ھەممە خەلق ئۈچۈن دەيدىغان خىزمەت كەيپىياتىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. چۈنكى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مائارىپنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
   خوش، ئۇنداق بولسا شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك.
    مېنىڭچە بولغاندا ئاساسىي قاتلاملاردىكى مائارىپ تارماقلىرى، مەكتەپ رەھبەرلىرى ئەڭ ئاۋۋال ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنىڭ تەلىپى بويىچە تەپەككۇردا، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.
ئوقۇتقۇچىلارمۇ بەزى مەسىلىلەرنى ئۆزىدىن ئىزدەپ باقماي ھەممە ئىشتا تەشكىلدىن ياكى ئۇنىڭ بۇنىڭدىن زارلانساق، مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى رەھبەرلىككە ياكى ئاتا-ئانىلارغا، جەمئىيەتكە ئىتتىرىپ قويساق بولمايدۇ. شۇڭا ھەممىمىزدە ئۆزىمىزنى ئوپراتسىيە قىلىدىغان ئىدىيە بولۇشى كېرەك.
مەكتەپ باشلىقلىرىمۇ ئەمدى ئەمەلىي ئىش قىلمىساق، گوروھۋازلىق قىلساق، ئوقۇتقۇچىلارنى كۈندە نەچچە قېتىم يىغىۋېلىپ، ئاچسىمۇ بولىدىغان، ئاچمىسىمۇ بولىدىغان يىغىنلارنى ئېچىپ قۇرۇق گەپ ساتساق، بۇ ماركىسىزمغىمۇ، ئىلمىي تەرەققىياتقىمۇ زېت. ھەم نۆۋەتتىكى سىياسەتكىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
80-،90-يىللاردا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر بىلەن 21-ئەسىردە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە قاتناشقان ياشلارنىڭ ئىدىدىيسىدە مۇئەييەن پەرقلەر بار. شىمالىي شىنجاڭدا ياشىغان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقانلار بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلارنىڭمۇ بەزى مەسىلىلەردە تەپەككۇر ۋە پوزىتسىيىسى ئوخشىمايدۇ. ئىچكىردە ئۇزۇن تۇرغان ۋە ئىچكىرنىڭ ياكى خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئوقۇپ ھازىر مىللىي مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ۋە تەپەككۇرىدا خېلى پەرقلەر بولىدۇ. پىرىنسىپنى بىر چەتكە قويۇپ، ھەدېسىلا خەقنى بوزەك قىلسا، تىللاپ، ھاقارەتلەپ ئۆچ ئېلىپ باشقۇرسا، كاللىسى ئېچىلغان ياش زىيالىيلار «ماقۇل»،«خوش» دەپ يۈرۈيۋەرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ كاللىسى ۋە ئىدىيسىدە «خۇشامەتچىلىك»، «تەخسىكەشلىك» دەيدىغان ئىدىيە ئاز. ھەممە ئىشنى قانۇن-سىياسەت ۋە پىرىنسىپ بويىچە ھەل قىلىمىز دەيدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسى ھەرگىزمۇ «ھەممە ئىشنى پۇل بىلەن، باشلىقنى مېھمان قىلىپ، ھاراق قۇيۇش» ۋە ياكى باشقا يوللار بىلەن ھەل قىلىمەن دەيدىغانلارنىڭ كاللىسى بىلەن پەقەتلا ئوخشىمايدۇ، ئۇلارغا قول تەككۈزسىڭىز (ئۇرسىڭىز) نەخ مەيداندىلا خەقنى ئۇرغان قولىڭىز سونۇپ كېتىشى ھەتتا خەقنىڭ ئالدىدا رەسۋا بولغاننى ئاز دەپ يەڭگىل بولغاندا ئېنتىزام تەكشۈرۈشكە بېرىپ قېلىشىڭىز مۇقەررەر، ئېغىر بولغاندا، ئادەم ئۇرىۋاتقان ھالىتىڭىز، سەت گەپ قىلىپ، خەقنى تىللاپ يىغىن ئاچقاندىكى ئاۋازلىرىڭىز ئېنتىرنىت تورىغا چىقىپ كېتىدۇ-دە كىرىدىغانغا تۆشۈك تاپالماي قالىسىز! شۇڭا ھەممە ئىش ئۆز يولىدا، پىرىنسىپى بويىچە، قانۇن بويىچە بولۇشى كېرەك. دەرۋەقە، باشقىلار سىزگە قەرىزدار بولمىغاندىكىن، خەقنى خالىغانچە ھاقارەتلىمەڭ، ئۇرماڭ!
ھازىرقى دەۋىر رىقابەت، تاللاش، شاللىنىش دەۋىرى. مەرتنى مەيداندا سىنايدىغان، قابىليىتى بولسا نامايەن قىلىدىغان 21-ئەسىر. چوڭ ئېچىش، چوڭ قۇرۇلۇش دەۋرىدە ئىدىيىدە ئازاد بولمىسا ھېچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ تۇغقانلىرى، چاپان كۆتەرگۈچلىرى، سازەندە-نەغمىكەشلىرى، شورپىسىنىڭ شورپىلىرى قاتارلىق گوروھۋازلىرىمۇ ئىشنىڭ ئاسانلىرىغا يۈگىرەپ، ئېغىرىنى ئوقۇتقۇچىلارغا ئىتتىرىپ قويىۋەرسە بولمايدۇ.
ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا «... ئەمەلىي ئىش قىلىمەن، قۇرۇق گەپ ساتمايمەن، گوروھۋازلىق قىلمايمەن، پۈتۈن نىيىتىم بىلەن شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن ئىشلەيمەن...» دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى. دېگەندەك ئەمەلىي ئىشلارنى، خەلىققە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ دېگىنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىۋاتىدىغۇ! يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمىز كېچە-كۈندۈز خەلقنىڭ غېمىنى يەۋاتسا، مۇشۇ ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل ئەكسىچە ئىش قىلماي، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىدىيسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك.
بىر قىسىم مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئېيتىپ بېقىڭلار، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى سىلەر يەنە كونا سەنەمگە دەسسەش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇرۇش، ھاقارەت قىلىشتىن ئىبارەت« ئىلمىي» خىزمەت ئۇسۇلۇڭلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرامسىلەر؟
يەنە بىر قېتىم دېگۈم كېلىپ قالدى،  بىر قىسىم مەكتەپ رەھبەرلىرى ئىدىيەڭلارنى قاچان ئازاد قىلىسىلەر؟ ھالقىما تەرەققىياتقا قانداق ماسلىشىسىلەر؟

ھەق ئىگىلەر سۇنماس ، شۇڭا ساڭا باش ئەگمەيمەن.
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
11258
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
311
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 03:42:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ، نەق ھەق گەپلەرنى يېزىپسىز. مائارىپ رەھبەرلىك ساھەسىدىكىلەرگە قارىتا ياخشى بىر تازىلاش ئېلىپ بېرىش بەكمۇ زورۇر ئىدى. لېكىن بۇ مۇمكىن بولامدىكىن تاڭ. خۇددى چىرىكلىكنى تۇگۇتەيلى دەپ شۇئار توۋلىغانسېرى ئەۋىج ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك.

UID
10578
يازما
75
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
825
تىزىملاتقان
2011-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 16:59:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇرۇكىدىكى سۆزلەرنى قىپسىز  ،
شەنبە يەكشەنبە ئىشلەتكەننى ئاز دەپ  ،بىر كۇن رۇخسەت سورساق 40 يۇەن جىرىمانە تۇتىدۇ تىخى   ....
بولسا بۇ يازمىڭىزنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ خەنزۇچە تور بەتلەرگە ياكى شۇجى جاڭ چۇنشىيەننىڭ شەخسى بىلوگىغا يوللاڭ..
ھازىر ھەر شەنبە ۋە چارشەنبە كۇنى شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستاسنى 1 سائەتلىك كەسىپ ئىستىلى پىروگىراممىسىنى يولغا قويدى .مەن 2 ھەپتە بولدى بۇ پىروگىراممىنى  ئاڭلاۋاتىمەن ،مۇخبىرلار ئىز قوغلاپ تەكشۇرۇپ نۇرغۇن مەسىللەرنى ھەل قىلۋەتتى ....
تېلفۇن نۇمۇرى:09912572757

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
435
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
8456
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
101 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 18:46:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مىللەتكە يۈز كىلەلىگىدەك ئىش قىلساق دىلىمىز يۇرۇق بۇلىدۇ. ئانا تىلدا بولسىمۇ بىر نەرسە بىلدۈرەيلى .ھازىر قوش تىلىنى خەنزۇچە تىل بىلەن ئوقۇتۇش ئىلىپ بېرىش دەپ خاتا چۈشىنىۋالغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىكەن .بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا.بالىلارنىڭ ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار تېخى بالىمىزنى ئۇيغۇرچىغا بەرسەك كەلگۈسىدە مەدىكارلىققىمۇ يارىمايدۇ دەيدىغان قاراش شەكىللىنىپتۇ.بۇ قىسمەنلىك بولسىمۇ ئاتا-ئانىلار نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئوقۇتۇشىمىزدىن نارازى.مەن ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ماتىماتىكا ئوقۇتۇشى بىلەن شوغۇللىنمەن. بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ھەرھالدا چىڭ تۇتىلىدۇ.بىزمۇ كۈچەيمىز.  يۇقىردىن قوش تىل ئوقۇتۇشنىڭ تەلەپلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈلۈپلا تۇرىدۇ. لىكىن سۈپەت يوق. سۈپەت تەكشۈرۈش دەيدۇ. ساختىلىق ،شەكىلۋازلىق كۆپ . نىمە ئۈچۈن ؟مەكتەپلەرنى رەتكە تېزىدۇ ،شۇڭلاشقا .بۇ يەردە ئاتا-ئانىلار بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزگە ھەر ھالدا ئازراق بولسىمۇ ماسلىشىدۇ.بىز شۇنىڭغا خۇش.  مەركىزىمىز بولغان ئۈرۈمچى شەھىردە  بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىدا يېڭىلىق ،ئىسلاھات ، ئادىل سۆزلەيدىغان تەتقىقاتچىلار كەمچىل بۇلۇشى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەملىي  ئىشلەيدىغان ،سۆزلەيدىغان كىشىلەر زادى چىقماسمۇ؟ مەركەزدە ئىشلار بۇنداق تۇرسا تۆۋەندە قانداق بۇلاتتى.....

UID
6825
يازما
604
تېما
45
نادىر
0
جۇغلانما
11865
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
407 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 19:00:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ماقالىنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم،يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ بىر قىسىمى ھەقىقەتەن مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلاردا ساقلانغان،ھەل قىلمىسا بولمايدىغان رىيال مەسىلىلەر ئىكەن.بىراق مەن بىر نەرسىنى زادىلا سىغدۇرالمىدىم،ماقالىدا ئۇقۇتقۇچىلارنى ئۇرۇپ باشقۇرۇش،باشقىلارغا ئۇردۇرۇپ باشقۇرۇش،ماڭا ئىنۋاننى بەرمىسەڭ سىنى قازالايمەن... دىگەندەك ئىبارىلەر ئۇچرايدىكەن.مىنىڭچە بۇنداق بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەسقۇ دەيمەن،چۈنكى مەكتەپتە ساۋاتسىز كىشىلەر ئەمەس،خېلى ئىشلارنى،بۇلۇپمۇ قاننۇنى بىلىدىغان ئىشلىتەلەيدىغان زىيالىلار ئىشلەيدۇ،بۇلار بىر مۇدىر بىلەن بىر شۇجىنىڭ ئاشۇنداق بوزەك قىلىشىغا قاراپ تۇرامۇ؟
ياكى سىلەر ئىشلىۋاتقان مەكتەپلەر شەخسى ئىش ھەققى بېردىغان مەكتەپلەرمۇ؟...

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
435
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
8456
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
101 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 23:05:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى تېمىغا ئىنكاس يازغانلار شۇنچىلىك ئازمىدۇ؟

UID
2091
يازما
1563
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50517
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 08:20:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى  ئوقۇدۇم ، قايتا -قايتا ئوقۇدۇم ! جان ئاچچقىمىزدا يازىمىز ، بولىۋاتقان ناھەقچىلىقلارغا چىدىماي يازىمىز ، نىمە قىلالىدۇق ! جەنوبىي شىنجاڭنىڭ بۇ قالاقلارچە مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرىنى ھەرخىل  ئۇسوللاردا  دەپ باقتۇق ، ئەشۇ باشلىقلار بۇ تېما ئىنكاسلارنى كۆرگەن بولسىچۇ ! يۇقاردا بىر تورداش دېگەندەك بۇ تېمىنى تەرجىمە قىلىپ چاڭچۈنشىئەننىڭ بىلوگىغىلا يېزىڭە  ئۇكام  ئۇ كۆرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .

ئىشەنچسىز مۇھەببەت كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدۇ !!

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 08:41:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىbulak0998 يوللىغان 2011-06-13 16:59 غا قارتىلغان  :
جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇرۇكىدىكى سۆزلەرنى قىپسىز  ،
شەنبە يەكشەنبە ئىشلەتكەننى ئاز دەپ  ،بىر كۇن رۇخسەت سورساق 40 يۇەن جىرىمانە تۇتىدۇ تىخى   ....
بولسا بۇ يازمىڭىزنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ خەنزۇچە تور بەتلەرگە ياكى شۇجى جاڭ چۇنشىيەننىڭ شەخسى بىلوگىغا يوللاڭ..
ھازىر ھەر شەنبە ۋە چارشەنبە كۇنى شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستاسنى 1 سائەتلىك كەسىپ ئىستىلى پىروگىراممىسىنى يولغا قويدى .مەن 2 ھەپتە بولدى بۇ پىروگىراممىنى  ئاڭلاۋاتىمەن ،مۇخبىرلار ئىز قوغلاپ تەكشۇرۇپ نۇرغۇن مەسىللەرنى ھەل قىلۋەتتى ....
تېلفۇن نۇمۇرى:09912572757
ئەۋۋەلى يانار بۇرادەرنىڭ بۇ تېمىنى ئوبدان يازغىنىغا، ئاندىن alkuyi.com1 نىڭ بۇ تېمىغا مۇنبەردىن ئورۇن بەرگىنىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ بولۇپ ئاندىن "بۇلاق0998 " بۇرادەرگە ئالەمچە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن!  ئىۋۇ تېلېفون نومۇرىنى بىلىۋېلىش ئىمكانىيىتى بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت!

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
435
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
8456
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
101 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 10:49:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەت توغرىسىدا سۆزلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قىنى سىلەر؟

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
801
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25564
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 14:25:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپتا مەغلۇپ بولغان مىللەت قايتىدىن ئونىدىن تۇرالمايدۇ دېگەن سۆز بەك چوڭقۇر ئورناپ كېتىپتىكەن كاللامغا...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش