بۇ 4قەۋەتتىكىturditohti يوللىغان 2011-06-13 19:00 غا قارتىلغان :
مەنمۇ ماقالىنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم،يۇقارقى ئەھۋاللارنىڭ بىر قىسىمى ھەقىقەتەن مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلاردا ساقلانغان،ھەل قىلمىسا بولمايدىغان رىيال مەسىلىلەر ئىكەن.بىراق مەن بىر نەرسىنى زادىلا سىغدۇرالمىدىم،ماقالىدا ئۇقۇتقۇچىلارنى ئۇرۇپ باشقۇرۇش،باشقىلارغا ئۇردۇرۇپ باشقۇرۇش،ماڭا ئىنۋاننى بەرمىسەڭ سىنى قازالايمەن... دىگەندەك ئىبارىلەر ئۇچرايدىكەن.مىنىڭچە بۇنداق بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەسقۇ دەيمەن،چۈنكى مەكتەپتە ساۋاتسىز كىشىلەر ئەمەس،خېلى ئىشلارنى،بۇلۇپمۇ قاننۇنى بىلىدىغان ئىشلىتەلەيدىغان زىيالىلار ئىشلەيدۇ،بۇلار بىر مۇدىر بىلەن بىر شۇجىنىڭ ئاشۇنداق بوزەك قىلىشىغا قاراپ تۇرامۇ؟
ياكى سىلەر ئىشلىۋاتقان مەكتەپلەر شەخسى ئىش ھەققى بېردىغان مەكتەپلەرمۇ؟... 
بۇ مەكتەپلەر شەخسى ئىش ھەققى بېرىدىغان مەكتەپلەر ئەمەس. بىئوكراتلىق بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان مەكتەپ. يۈرەكلىك گەپ قىلغانلارنى يۇقىرىغا ئاپىرىپ چېقىشتۇرۇپ، قەستەن چاتاق تېپىپ، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۆچ ئېلىپ، ھەتتا دەرس بەرمەي، مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا قاراشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇۋاتسا؛ تېخى يەنە ئۇلارنى مۇددەتتتىن بۇرۇن پىنسىيىگە چىق؛ يېشىڭ توشمىسا 50% مائاش بىلەن كېسەللىك پىنسىيىسىگە چىق، باشقا مەكتەپلەرگە يۆتكىلىپ ئىشلە ...دەپ تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن مەكتەپتە تۇرۇشىڭىزنى چەكلىسە سىز قانداق قىلىسىز؟
تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق. زىيالىيلارنىڭ ھەممىسى ھەق گەپ قىلىدىغان بولمايدۇ، ئازىراق مەنپەئەت ئۈچۈن 180 گىرادۇس بۇرۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز. بىر ئىككى ئادەم ھەق گەپ قىلىپ قويسا كېيىن ھەممىسىنىڭ ھۇجۇم ئوبيىكتى بولۇپ قالىدۇ، قاتمۇ-قات ئىقتىسادىي ۋە روھى بېسىم ئاستىدا ئىچى پۇشقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى مائارىپ ئىدارىسى ۋە يۇقىرىدىكى مائارىپقا مەسئۇل كىشىلەر بىلىپ ھەم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ پىرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرمەي ئەكىسىچە شۇ مۇدىرلار يەتكۈزگەن كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن شۇ كىشىنى جازالاپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىپ بەرسە سىز قانداق قىلاتتىڭىز؟