ئىگىسى: 希拉克

زەيتۇنە( پوۋىسىت )     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1381
يازما
505
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15904
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 10:44:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق بىر ئېسىل ئەسەرنى بىزگە يەتكۈزگىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر!ھەجمىمۇ خېلىلا چوڭكەن ،ھارمىغايسىز!

UID
10174
يازما
34
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
814
تىزىملاتقان
2011-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 13:19:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  - مەن باي بولارمەنمىكىن دېگەن ئۈمىتتە تىلەمچىلىك قىلغىنىم يوق، بۇنداق يول بىلەن ئېرىشكەن بايلىق مەن ئۈچۈن توڭگۇز گۆشىدەك ھارام! مەن پەقەت ئۈچ جاننىڭ مۇھتاجلىقى بىلەن بۇ يولغا كىرىپ قالدىم، شۇڭا ئۈچىمىزنىڭ بىر كۈنلۈك ئەڭ زۆرۈر مۇھتاجلىقىمىز ھەل بولسىلا ماڭا شۇ كۇپايە! مەن ئاشۇ بىر كۈنلۈك خىراجەت ئۈچۈن تىلەيمەن، ئۇنىڭ نېرىسىغا تىيىننىڭ سۇنىقىنىمۇ تەمە قىلمايمەن، مىنىڭ بىر كۈنلۈك « ۋەزىپە نورمام » ئاشۇ بىر كۈنلۈك خىراجىتىمىز، - دېدى زەيتۇنە. ئۇ يەنە ئۇدۇلىغا تىكىلگىنىچە جىم بولدى.

  - ئۇنداقتا سىز ئاشخانا ئاچماقچى بولغان پۇل . . . .

  قىز بۇخچىسىنى قىمىداپ قويۇپ ماڭا بۇرۇلدى:

  - تىلەمچىلىك دىگەندە، خەق ئۆزى خالاپ بەرگىنىنى ئالىدىغان گەپ، تاپاي دېسىڭىز بىر كۈندە خېلى پۇل تاپقىلىمۇ بولىدىكەن، لېكىن مەن بۇ يولغا پۇل تاپاي دەپ كىرمىدىم. مۇبادا كاللامغا بۇنداق خىيال كىرىپ قالسا، ئۆزۈمدىن ئۆزۈم سەسكىنىپ كېتىمەن. ئۆزۈمگە: « توختاپ قال زەيتۇنە، بۇ ساڭا كەسىپ ئەمەس، ئارتۇقى ساڭا ھاقارەت! » دەپ ھەر دائىم ئەسكەرتىپ تۇرىمەن. ئۇچامدىكى بىر قۇر كىيىم - كېچەكنى، بالىلارنىڭ ئۈستىۋىشىنى، ئانچە - مۇنچە ئۆي بىساتىنى ئاشۇ بىر كۈنلۈك خىراجەتتىن تېجەپ - تۆشىگەن پۇلغا قىلدىم. ئاشپۇزۇلغا تەييارلىغان پۇلمۇ ھەم شۇنداق جەملەنگەن! بىر كۈن دېگەن جىق يىسىمۇ ئۆتۈپ كېتىدىكەن، ئازىراق يىسىمۇ ئۆتۈپ كېتىدىكەن.

  زەيتۇنە مەندىن كۆزىنى ئېلىپ لىۋىنى يىنىككىنە چىشلىگىنىچە ئۇدۇلغا تىكىلدى.

  شۇ كۈنلەردە، پۇل ئۈچۈن بانكا بۇلاۋاتقان، كېچىسى يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتقان، ئادەم ئۆلتۈرۋاتقان، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا پىچاق سېلىۋاتقان، ئالدامچىلىق، جەللىگۈرلۈك، كۆتۈرمىچىلىك قىلىۋاتقان ياش يىگىتلەر ئازمۇ؟ بىر چېكىم خىروئىن ئۈچۈن، بىر تال مودا كۆڭلەك ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نومۇسىنى، قىزلىقىنى قېرىنى قېرى، ياتنى يات دېمەي ئازغىنا پۇلغا سېتىۋاتقان قىزلارچۇ؟!

ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكى - ئۇنىڭ بىر خىل بۇرۇچنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىدا.
  

  ئۆزىنى « بالام » دەپ تەپچىرەپ - سىرغىپ تۇرغان يۈرىكىنىڭ قىپقىزىل قېنى ھىسابىغا بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا - ئانىسى ئالدىدا، ئوغۇز سۈتى ئالدىدا، قۇۋىم - قىرىنداشلىرى ئالدىدا، ئەتىراپىدىكى يىراق - يېقىن ئادەملەر ئالدىدا، تارىخ ئالدىدا، ئۆز قۇۋىمىنىڭ بابا ئەجداتلىرى، ئۇرۇق - ئاباقلىرى ئالدىدا، كېلىدىغان كۈن ئالدىدا، بوغۇن - ئەۋلادلار ئالدىدا، ياشاۋاتقان ئاجىز - ئورۇقلار ئالدىدا، مىللىتى ئالدىدا، ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋىر ۋە جەمئىيەت ئالدىدا ئۆز زىممىسىگە ھىچقانداق بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەت ئالمىغان كىشلەرنىڭ قولىدىنلا .ەنە شۇنداق گۇمراھلىق كېلىدۇ، بۇنداقلار گەرچە « ئادەم » دەپ ئاتالسىمۇ ئىش يۈزىدە ئۇلار ئادەم دېگەن ئاتاققا لايىق ئەمەس، پەقەت ئىككى ئاياقلىقلار خالاس! يەنە بىر ئۆمۈر ھەپلىشىپ ناھايىتى نۇرغۇن پۇل تاپقان، لېكىن تاپقان پۇلىدىن مىللەتكە، ئەۋلاتقا، ئاجىز - ئورۇققا سۇنۇق تىيىن مەنپەئەت بەرمەيدىغان ئاچكۆز پۇلدارلاچۇ؟!

  ئەگەر ئەيىبلەشكە، سەسكىنىشكە، قارىلاشقا توغۇرا كەلسە، ئەنە شۇنداقلار ئەيىبلىنىشى ۋە قارىلىنىشى كېرەك!

  چۈنكى ئۇلار ئالدى بىلەن ئادەمگە، ھاياتقا بولغان مۇھەببەتتىن مەھرۇم ئادەملەر! ئۇلارنىڭ « مۇھەببىتى » پەقەت پۇلغا ۋە يەنە پۇلغىلا بىغىشلانغان.

  زەيتۇنەنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى، ئۇ پۇل ئۈچۈن تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، ئەكىسچە، ئۇنىڭ زىممىسىدىكى، ھېلىقى بېقىشسىز قالغان بالىلار ئالدىدىكى ئىنسانىي بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۇنى تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ! پۇلغا ئەمەس. ئەكىسچە ئاشۇ بالىلارغا، ئاشۇ چارىسىز سەبىيلەرگە بولغان ئادەمچە مۇھەببەت، ئانىلارچە سۆيگۈ ئۇنى تىلەمچىلىك قىلغۇزىدۇ.

  ئاپتوبۇسنىڭ تورمۇز قىلىپ توختىغان چاغدىكى سىلكىنىشىدىن چۆچۈپ ئۆزەمگە كەلدىم. پەيزىۋات ئاپتوبۇس بېكىتىگە يىتىپ كەلگەنىكەنمىز. ئاپتوبۇستىكىلەر ئۇيقۇلىرىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ، يېرىم گاراڭ ھالەتتە سومكا - خورجۇنلىرىنى جۆندىشىپ ئىشىككە تىقىلىشتى. بىزمۇ ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، قېقىلىپ - سوقۇلۇپ ئاپتوبۇستىن چۈشتۇق.

  - خوش، خۇدايىمغا ئامانەت، خۇدايىم بۇيرىسا قەشقەردە كۆرىشەرمىز.

  زەيتۇنە بەرىق ئۇرۇپ تۇرغان گۈلدەك بىر خۇشخۇي گۈزەللىكىنى ئەتىراپقا تارىتىپ مەن بىلەن خوشلاشتى - دە، قارا قىرچىنغا بارىدىغان تىراكتۇرغا چىقىپ يۈرۈپ كەتتى. مەن ۋۇجۇدۇمنى ئەسىر قىلغان بىر خىل مۇڭ ئارىلاشقان ھېرىسمەنلىك، ھۆرمەت، سۆيۈنۈش ۋە يەنە ئاللىقانداق تۇيغۇلارغا چىرمالغان ھالەتتە، پۈتۈن جاھاننى بېشىغا كىيىپ « توت - توت » لاپ ۋە ئاسمانپەلەك توپا توزىتىپ كېتىپ بارغان ئەسكى تىراكتورنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدىم.

  « ھېلىغۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىدا ئىكەنسەن، ئوت - ئاتەش لاۋۇلداپ تۇرغان دوزاختا بولساڭمۇ نەقەدەر بەخىتلىكسەن - ھە؟! چۈنكى . . . . چۈنكى . . . . سېنى شۇ تاپتا ئاشۇ زەيتۇنە يوقلاپ كېتىپ بارىدۇ - دە! » دەپ ئويلاپ قالدىم ئۇشتۇمتۇت. شۇ تاپتا، مېنىڭ ھېلىقى ئەمگەك مەيدانىدا ئۆزگەرتىلىۋاتقان قانداقتۇر نۇرجان ئاتلىق بىرسىگە غايىبانە ھەۋىسىم كېلىۋاتاتتى. نۇرجان - زەيتۇنە بېقىۋاتقان بالىلارنىڭ دادىسى ئىدى. بۇ خىيال بىلەن تەڭ ئىچىمدىن ئۆرىدەپ چىقىۋاتقان بىر خىل كۆيدۈرگۈ دولقۇن كۆكىرىكىمنى قىسىشقا باشلىدى. « پەقەتلا ھەۋەسمۇ؟! ياكى ھەۋەسنىڭ تەكتىگە يەنە باشقىچىرەك بىر سېزىم يوشۇرۇنغانمۇ؟؟! يەنە مەسىلەن غايىبانە كۈندەشلىك دېگەندەك! ». بۇ سۇئالدىن يۈرىكىم « جىغ » قىلىپ قالدى. مەن بۇ قورقۇنۇچلۇق لېكىن نېمىشقىدۇر يىقىملىق ۋە شېرىن خىيال قۇچقىدىن قۇتۇلماقچى بولغاندەك ئارقامغا ئۆرۈلدۈم - دە، پەيزىۋات بازىرى تەرەپكە مېڭىپ كەتتىم. لېكىن قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە بايىقى تىراكتورنىڭ يىقىمسىز « توت - توت » لىرى ئۈزۈلمەي ياڭىراپ تۇردى. ئويلىسام ئۆزۈم باشقا تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقىنىم بىلەن قۇلىقىم يەنىلا ئاشۇ تىراكتورنىڭ ئاۋازىغا تىكىلگەنىكەن. تىراكتورنىڭ ئاۋازى بىردىنلا بىر يىقىملىق كۈيگە ئايلىنىپ يۈرىكىمنى پەپىلەشكە باشلىدى.

  مەن بىردىنلا ئېسىمگە كەلسەم، باياتىدىن بىرى توختىماي : « زەيتۇنە، زەيتۇنە » دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە پىچىرلاۋىتىپتىمەن. بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ ساراڭلىقىدىن كۈلىۋەتتىم. « نەدىكى بىر تىلەمچى قىزنى - ھە؟! لېكىن  . . . لېكىن روھى ۋە ۋۇجۇدى پەرىشتىدەك پاكىز، ئارزۇ - ئارمانلىرى گۈزەل، بويى گۈلدەك زىبا، ئاي يۈزلۈك تىلەمچى قىز - زەيتۇنەنى! شۇنداق، مەن - مەن دىگەن يىگىتلەرنى ئۆز ئىشقىدا تىلەمچى قىلىۋىتەلەيدىغان تىلەمچى قىزنى؟! » مەن قەتئى بىر قارارغا كەلگەندەك، مۇشتۇمۇمنى مەھكەم تۈگدۈم! لېكىن بۇ قەتئى قارارىمنىڭ قانداق قارار ئىكەنلىكىنى ھازىرچە ئۆزۈمدىنمۇ يوشۇرۇشقا مەجبۇرمەن. چۈنكى زەيتۇنە ھازىرچە خەقنىڭ نەزىرىدە بىر تىلەمچى! كېيىنچۇ؟! ئۇنى پەقەت بىر خۇدا ۋە بىر ئۆزۈملا بىلىمەن.

تۈگىدى.

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
957
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
42680
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-4
توردا
155 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 14:09:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرىمىزدىكى دىليار ئىسىملىك تورداش ئۆزىنىڭ «ئويغانغاندىن كېيىن» ناملىق ئەسىرىنى مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن باشلىغان ئىدى:

«ھەرقېتىم قىزىمنىڭ كۆزلىرىگە قارىغىنىمدا، ئۇ ماڭا خۇددى ئاللاھنىڭ غەزىنىسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بىباھا گۆھەر كۆرىنەتتى... ھېچكىم قىزىمنى كەمسىتمىسۇن ھەم قىزىم ئۆزىنىڭ ئاشۇ سالاھىيىتى بىلەن ئاخىرقى تېنىقىغىچە توغرا، دۇرۇس ياشىسۇن دەپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم»

زەيتۇنەنىڭ دادىسىمۇ شۇنداقراق ئويلىيالىغان بولسا بەلكىم كېيىنكى كۈلپەتلەرگە قالمىغان بولار ئىدى دەپ ئويلىدىم. پەرزەنتلەرنىڭ بەخىتسىز بولۇپ قېلىشىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ رولى ئەڭ يوقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن. زەيتۇنە بېقىۋالغان ئىككى بالىمۇ شۇغۇ؟!

بۇ ئەسەر يىگىتنىڭ كەچۈرمىشى، زەيتۇنەنىڭ ئارقا كۆرىنىشى، ھېلىقى ئىككى كىچىك بالا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، مومىسى... قاتارلىق ئايرىم-ئايرىم كىشىلەرنىڭ قىستۇرۇلمىلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كىشىلىك ھايات ھەققىدە چىنلىق بىلەن سۆزلەپ بېرىپتۇ. بوپمۇ ئاپتورنىڭ بىر قىزنىڭ ئىچكى ھېسىياتىنى ئوڭۇشلۇق سۈرەتلەپ ئوبراز يارىتالىغانلىقى مېنى قايىل قىلدى.

زەيتۇنەنىڭ ھەرقېتىم «ئامىن» دېگەن يېرىدە كۆزۈمگە ياش كەلدى. شۈكرى ئاللاھ!


ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
14252
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
410
تىزىملاتقان
2011-8-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 15:52:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانچە غەيرەتلىك قىزدۇ بۇ ؟ھەقىقەتەن چىداملىقكەن.
تولىمۇ ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن.

UID
8399
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
218
تىزىملاتقان
2011-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-31 18:18:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن.مۇشۇنداق ئېسىل ئەسەرلەرنى داۋاملىق ئەۋەتىپ تۇرغايسىز.ئاللا قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي .

UID
22687
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-1 11:50:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
ياخشى يېزىلغان بىر پارچە ئەسەر ئادەمگە ئۆزىمىزگىلا خاس بىر خىل ئازاپنى ھېس قىلدۇرىدۇ . ئەسەردىكى شىددەتلىك تۇيغۇنىڭ دەل مەركىزىدە ئۆزىمىزنى كۆرىمىز . بۇ پوۋىسىتنى بۇرۇن ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن ،ئەسەرنى تېخى ھېچقانچە ئوقۇماي تۇرۇپلا مۇھەممەد باغراشنىڭ ئۇيغۇر پسخىكىسىغا تويۇنغان تەسۋىرلىرى بولۇپمۇ بىر گۈزەل ئۇيغۇر قىزىنىڭ خاراكتېرىنى ياسالمىلىقتىن خالىي رەۋىشتە شۇنچە تەبىئىي تىلدا پەيدىنپەي  جانلىق راۋان يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقانلىقى  مېنى زوقلاندۇرماي قالمىدى .  ئەسەردىكى قىزنىڭ تىلىدىن بېرىلغان يازغۇچى ۋە خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىگە باغلىق مۇلاھىزىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىدىنلا مۇھەممەد باغراشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەسەر يازىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قانداق تىل ۋە قانداق يوسۇندا يازىدىغانلىقى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سېلىنغان . توختاۋسىز ئۆزگۈرىۋاتقان ، يېڭىلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتىمىزنىڭ روھىيتىمىزگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى تولىمۇ ئۇسىتىلىق بىلەن شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ، بۇ خىل تەسىرنىڭ قانداق فۇنكىسسىيەدە ئەكىس ئېتىۋاتقانلىقى ئىككى ياشنىڭ تۇيۇقسز ئۇچرىشىپ قېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىغىنە سۆھبەتلىرىدىلا نامايان بولۇپ ، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بىلەن ئىنسان تەبىئىيتىنىڭ دىئالوگىنىڭ ئۇيغۇرچە قەلب چوڭقۇرلۇقىدىكى ھاسىلاتلىرى بولمىش ئۇيغۇرچە مەنىۋىي ياتلىشىش ھادىسىسى بەدىئىي تىلنىڭ ياردىمىدە كۆز ئالدىمىزغىلا تاشلىنىپتۇ . بىر<< قەشقەر گۈزىلى >> نىڭ تۇيۇقسىز باش قەھرىماننىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇشى يالغۇز ئۇنىڭلا ئەمەس بىزنىڭمۇ جاراھەتلەنگەن قەلبىمىزدە باشقىچە تىترەش پەيدا قىلىپ ، ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلىرىمىزدە بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقان پەزىلەتلىك ، شەرمى -ھايالىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەسلىي ئوبرازىنى تىنىمسىز ھالدا قايتا  غىدىقلاپ قوزغىتىپ يىگىتلىرىمىزنىڭ ئەسلىي نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىختىيارسىزلا يادىمىزغا سالىدۇ . ئەسەرنى ئوقۇغانسېرى ئەسەردىكى ۋەقەلىكنىڭ بىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىمىزگە ، شېرىن خىياللىرىمىزغا ئەسلىي شۇنچە يېقىنلىقىنى ھېس قىلىمىز -دە ، بىزمۇ ئاۋۇ سەرگەردان <<مۇخبىر >> بىلەن بىللە ھارۋىكەشنىڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ ئاۋۇ پەرىشتە سۈپەت ئۇيغۇر قىزى بىلەن تونۇشۇشنى ، سىردىشىشنى يەنە قانداقتۇر رىشتى مۇھەببەت باغلاشنى خام خىيال قىلىمىز . بىزنى قىسقىغىنە ۋاقىتتىلا ئۆزىنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرىپ كىتىۋاتقان بۇ ئەسەرنىڭ يەنە بىر سېھرىي كۈچى شۇيەردىكى ، مۇھەممەد باغراش ئەپەندى بىزنىڭ مىللىي خاراكتىرىمىزگە تولىمۇ ماس كەلگەن ،ئاخبارات ۋە تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ تىلىدىن روشەن ھالدا پەرقلىق بولغان ساپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇدرىتىدە باش قەھرىماننىڭ  روھىي كەچۈرمىشلىرىنى ئۇنىڭ پائالىيەت ۋە خاراكتىر ئالاھىدىلىكىگە تولىمۇ ماس كەلگەن دىئالوگ ۋە مونۇلوگلارنىڭ ياردىمىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تەسەۋۋۇرىمىزدا _ كۆزئالدىمىزدىلايورۇتۇپ بېرەلىگەن .
    ئەسەر نەگە قاراپ  داۋاملىشىدۇ ، بۇنى ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇغاندا بىلىمىز ئەلۋەتتە . تېما ئىگىسى سىزنىڭ مۇنبەرلەردە يۈگەنسىز ئاساۋ ۋە جاھىل ئايغىردەك خالىغان قەدەملەردە مەنىسىز يۈگۈرۈپ يۈرگەن ئاتالمىش ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ زىرىككەن كاللىمىزغا يېڭىچە ئىلھام ۋە مەدەت بېرەلەيدىغان بىر ياخشى ئەسەرنى سۇنغىنىڭىزدىن شۇنچە خوشالمەن . بولسا ياخشى ئىشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ ، ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى تىزراق يوللىشىڭىزنى تىلەيمەن . ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ئۆزى بەرگەي .


UID
25168
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-1-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 15:51:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قەيسەر قىزكەن!!

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
321
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
711
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 12:34:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، شۇنداقلا بۇ ئەسەرنى ناھايىتى سۈپەتلىك ھالدا بىزگە يوللاپ بەرگەن توردىشىمىز شىراققا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. مۇنبەردىكى مۇبارەك، سەمەرقەند قاتارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ باھالىرىدىن، ئىنكاسلىرىدىن، تەھلىلىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. شىراق ئەپەندى، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. داۋاملىق مۇشۇنداق سەرخىل تېمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز.

UID
25168
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-1-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 12:38:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە يوققۇ؟؟مۇشۇ ئەسەرنى دەپ قىلىۋاتقان ئىشىمنى قويۇپ كۈندە مارايمەن بۇ «زەيتۇنە»نى.داۋامىنى تېزراق كۆرۈشنى خالايمەن.

UID
22371
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-8 17:44:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىرىڭىزنى ئۇقۇپ شۇنداق سۈيۈندۈم، شۇنداقلا مۇشۇ ئەسەردىكى باش پىرسوناژ قىز زەيتۇنەنىڭ ئۈمۈدۋار، مىھرىبان، كۆيۈمچان، قەيسەر ئوبرازىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم . رەھمەت سىزگە بۇ ئەسەرنى يوللىغىنىڭىزدىن. داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش