ئىسىت ، ئىنسان ئۆز نەپسىنىڭ نىجىس خاھىشىنىڭ كونتروللۇقىدىن قاچانمۇ قۇتۇلار ؟ تالاي پاجىئەلەر بۇ ئىنسان ئاتلىق قوتۇر ئىتنىڭ ئاشۇ نۇمۇسسىز ، ئېنىقسىز ، قىلىقسىز ، ماكانسىز نەپسى بالاسىنىڭ قانجۇقتەك قاۋاشلىرىدىن يۈز بەردى .

ئىسىت زەيتۇنە ! سەن لالىنى يەنە نېمە قانداق شۇم بورانلار كۈتۈۋاتقاندۇ ؟ بەرگىلىرىڭنىڭ جۇلاسىغا بۇ قىسمىتى ئازغۇن پەلەك زادى نېمە ئۈچۈن.. ئېيتقىنا ، زادى نېمە ئۈچۈن كۈشەندىدۇ ؟ سەندەك بىر گۈلنى تاپقان ئاتاڭنى بۇ شۇم نىيەت ئاھ ... قانداقلارچە ئازدۇرۇپ ، سېنى ئۇنىڭ ئالدىدا قوربانلىق قوزا قىلدى ؟ تەڭرى سېنى گۈلدەك ياراتتى -يۇ ، ئەمدى سېنى كۈلدەك توزۇتماقچىمىدۇ ؟ ‹‹ھېكمىتى مۇتلەق ›› بۇ رەببىمگە تالاي ‹‹ زەيتۇنە ›› لەرنىڭ دۇنيادىن توزۇشلىرى زادى قانچىلىك بىر ئىش ...
تامچە سۇ دەريادا يوق بولۇپ كەتتى ،
يەرگە چاڭ قوندىيۇ كۆمۈلدى كەتتى .
دۇنياغا كېلىشىڭ ، كېتىشىڭ نېمە ؟
بىر چىۋىن تۇغۇلدى، يا ئۆلۈپ كەتتى .
قانداق قىلاي ، ھېچ بىلمەيمەن : ‹‹ ئازماس ئاللاھ ، ئىنسان گۇناھكار ›› . بىزنى گۇناھكار قىلغان _ بەخت-ئامانلىقتىن قاچۇرۇپ ، ئازاپ-خارلىققا يېقىنلاشتۇرغان ئاشۇ قارامتۇل نەپسىنى _ ياراتقان ئاللاھ يەنە ئېيتىدۇكى :‹‹ ئۆزەڭنى پاك ھېسابلىما ، سېنى ئوبدان بىلىمەن ›› . ھالبۇكى ، روھ ئۈچۈن بۇ تەن بىر قەپەس ، تەن ئۈچۈنمۇ بۇ روھ بىر نەپەس . تەن بۇ روھ سولانغان بىر زىندان ئەپسۇس ، تەنمۇ روھقا پالانغان . يەنە ھەيرانمەن : ھەممىنى رەببىم ياراتقان . يەنە قارا ، مۇنداقمۇ گەپلەر بار :
گۈل دەر : مەن يۈسۈف مەن مىسىر -چىمەندە ،
ياقۇتتىن قىممەترەك زەر ئارتۇق خەندە .
دېدىم : يۈسۈف بولساڭ بەلگەڭنى كۆرسەت ،
دىدى : باق قانلىقتۇر كۆڭلىكىم تەندە .
*********************************************************
پەلەككە تەڭرىدەك بولسام ھۆكۈمران ،
پەلەكنى قىلاتتىم يەربىلەن يەكسان .
باشقىدىن شۇنداق بىر پەلەك ياسايتتىم ،
ئارمانغا يېتەتتى ئاق كۆڭۈل ئىنسان .
ئۆمەر ھەييام نېمىلەرنى دىمىگەن ئىدى ؟
ئاخىر بۇ ئالەمدە بىگۇناھ كىم بار ؟
قانداق ياشالايدۇ بولماي گۇناھكار ؟
يامانلىق قايتۇرساڭ يامانلىقىمغا ،
پەرقىمىز نېمە بولدى ؟ ئېيت ، پەرۋەردىگار !
***************************************************
خالىغان ئىشىمنى خالىماس خۇدا ،
قاچان تىلىكىمنى ئەيلەپتۇ بەجا .
ئۇنىڭ ئىستەكلىرى توپتوغرا بولسا ،
مېنىڭ تىلەكلىرىم پۈتۈنلەي خاتا .
*********************************************
مەن ئاسىي بەندەڭمەن رىزايىڭ قېنى ؟
دىلىم قاپقاراڭغۇ زىيايىڭ قېنى ؟
ئىتائىتىم ئۈچۈن جەننەتنى بەرسەڭ ،
بۇ مېنىڭ ھەققىمغۇ ئاتايىڭ قېنى ؟
*******************************************
يا رەب! سەن كەرىمسەن ، كەرىمى كېرەم ،
نېچۈن ئاسىيلارغا يېپىق باغ ئېرەم .
چوقۇنسام ، كەچۈرسەڭ _ بۇ كېرەم ئەمەس ،
گۇناھىم كەچۈرسەڭ كېرەمدۇر ، كېرەم .
ئاھ ، زەيتۇنە ، ساڭا دەيدىغانلىرىم ئاز ئەمەس ، يەنە قانداق قىسمەت سېنى كۈتتى ؟
پىيالە چۈشسە گەر مەسنىڭ قولىغا ،
سۇندۇرۇپ قويۇشنى ئۇ كۆرمەس راۋا .
شۇنچە نازىنىنلار قول ، باش چانىقىنى
كىم سۇندۇرىدۇ ؟ كىم بەرگەندۇ ئارا ؟
نېمە دىگۈلۈك ‹‹ زەيتۇنە ›› لەر قىسمەتلىرىگە ؟ نېمە دىگۈلۈك بۇ قىسمەتلەرنى يازغان رەببىمنىڭ ھېكمەتلىرىگە ؟