ئىگىسى: 希拉克

زەيتۇنە( پوۋىسىت )     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟

UID
12992
يازما
275
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2436
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 19:32:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئامال بار تېزراق يوللىۋەتسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى . ئەلكۈيىدە بۇنداق نادىر ئەسەرلەر كۆپ بولۇشى كېرەك .

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟

UID
12992
يازما
275
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2436
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-21 19:32:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئامال بار تېزراق يوللىۋەتسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى . ئەلكۈيىدە بۇنداق نادىر ئەسەرلەر كۆپ بولۇشى كېرەك .

UID
10174
يازما
34
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
814
تىزىملاتقان
2011-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-22 14:45:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
希拉克 يوللىغان ۋاقتى  2011-6-16 01:04
بىر كۈنى << يارباغ >> مىھمانىخانىسىدىكى << مىھماندارچىلى ...

ھارۋا سەمەن بازىرىغا يىقىنلاپ قالدى. مەن بىردىنلا ئارامسىزلىنىشقا باشلىدىم. « قانچە پۇل ئالار - ھە ؟! يىنىمدا ئازغىنە پۇل بار، يەنە كىلىپ بۇ قىزمۇ بار تېخى، ئۇ قىزنىڭ كىرا ھەققىنىمۇ ئەلۋەتتە مەن تۆلەيمەن - دە، بىراق......»
  ھارۋا بەش قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى.
  - مانا، كىلىپ قالدۇققۇ، مىھمانلار؟
  ھارۋىكەش ئىككىمىزگە قاراپ قويدى. بۇ ئۇنىڭ: « قېنى، پۇلنى كىم بېرىدۇ ؟ » دېگىنى ئىدى.
  مەن بىئاراملىق ئىچىدە سورىدىم:
  - قانچە پۇل ئۇستام؟
  - ئۆزلىرى بىلىپ بىرىشسىلە، - دېدى ھارۋىكەش ماڭا قاراپ پەرۋاسىزغىنە.
  مەن « ئۆزلىرى بىلىپ » دېگەن گەپنىڭ قەشقەرچە مەنىسىنى ئوبدانلا چۈشۈنۈپ قالغان ئىدىم، شۇڭا نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تەمتىرەپ قالدىم، شۇ ئەسنادا ھىلىقى قىز يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى چىقاردى. نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ پۇللىرى ساپلا موچەن، چوڭلىرى بىر كويلۇق ئىدى. بۇ ئۇششاق پۇللار كىر ۋە پۇرلىشىپ، پۇرچالغانىدى. ئۇ پارچە پۇللاردىن ئون كوي پۇلنى جەملەپ ھارۋىكەشكە ئۇزاتتى:
  - مانا ئاكا، ئىككىمىزنىڭ......
  ھارۋىكەش پۇلنى قولىغا ئېلىپ، بارماقلىرىغا تۈكۈرۈپ تۇرۇپ پۇلنى ئەستايىدىل ساناپ چىقتى.
  - كەم بولا جۇما خېنىم.....بۇ ئۆلىرىنىڭ كىرا ھەققى بولسۇن، ماۋۇ يىگىتنىڭ.......
  مەن خىجالەتچىلىكتە يانچۇقۇمغا قول ئۇزاتتىم.
  قىز ئالدىراپ مىنى جىملىدى.
  - شۇك ئولتارسىلا سىلى، پۇللىرى شۇنچە جىقما سىلىنىڭ؟
  قويۇن يانچۇققا تولىمۇ تەسلىكتە سوزىلىۋاتقان قولۇم قىزنىڭ سۆزلىرى بىلەن دىلىغوللۇق ئىچىدە توختاپ قالدى.
  - ماڭا بىر قايلىۋەتسىلە ئاكا، چىمگە دەۋەتىلا ئۇ گەپلىرىنى؟ - قىز بوينىنى شاپتۇل قېقىپ ھارۋىكەشكە ھۆرپەيدى.
  - بۇياق ئۈرۈمچىدىن كەلگەن بىلەنچا، مەن ئۈرۈمچىدىن كەپ قالمىدىم جۇما! مەنچا، مۇشۇ قەشقەرنىڭ كىندىكىدىن بىلسىلىرى. ئىككى كوي ئالىدىغان يەرگە « بوپتۇ » دەپ ئون كوي بەرسەم خوش بولماي نىزىقايلىيا تېخى؟ ئاز بولاپ قاپتىما كۆڭەللىرىدە؟ ئانداق بولسىچا ئاتنىڭ بېشىنى ياندۇرسىلا ئارقىسىغا، چىققان يېرىمىزدە چۈشۈپ قېلىپ باشقا ھارۋا تېپىۋالىلى. ئەكەلسىلە ئاۋۇ ئون كوينى....ئىھ! - قىز قەشقەرچە قىلىپ ئاخىرقى فونېمىنى ئىچىگە زەردە ۋە كۈچ بىلەن تارىتتى- دە، بويۇندىغىنىچە ھىچ تارتىنمايلا قولىنى ھارۋىكەش تەرەپكە ئۇزاتتى. ھارۋىكەش قىزغا سۇنىۋاتقان قولىنى دەررۇ تارتىپ، قولىدىكى پۇلنى تۆش يانچۇقىغا ئالمان- تالمان تىقتى ۋە قىزغا قاراپ ھىجايدى:
  - ۋاي خېنىم، ئاچچىقلىرىنى يامان قىلمىسىلا دەيمەن، تا ھەزىرەت.... ما بالىنىڭ ئاچچىقىنى، مۇشتەك تۇرۇپ. چېقىشىپ قويدۇم دەيمەن ئۆزلىرى بىلەن.
  - شۇنداقما؟ ھە مانداق دېسىلە.... سىلىگىزە بەك كىچىك كۆرۈنۈپ قاپتۇقتە، بۇ تاپتا. ئەمىسچا، ئا پى پى تۇماقلىرىنى ئۈستۈنرەك قىلىپ، كۆزلىرىنى يوغانراق ئېچىپ ئوبدانراق بىر قايلىۋىتىپ ئاندىن چېقىشسىلا جۇما خان ئاچىلىرى بىلەن.
  « ياپىر، ماۋۇ كاساپەتنى، قوينىڭ قوزىسىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن تۇرغانلا بىر بالا ئىكەنغۇ ھوي، بۇ! » دەپ ئويلىدىم مەن قىزنىڭ شۇ تاپتىكى پەيلى- سىياقىغا قاراپ ھەيرانلىق ئىچىدە.
  ھارۋىكەش قىزنىڭ دوقىدىن « غىق » بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، قىزنىڭ جاۋىلداشلىرىنى ئاڭلىمىغان بولىۋىلىپ ھارۋىدىن سەكىرەپ چۈشۈپ، ئېتىنىڭ تۆشلۈكىنى تۈزەشتۈرگىلى تۇردى. بىزمۇ ھارۋىدىن چۈشتۇق. مەن قىزنىڭ ھېلىقى چوڭ سومكىسىنى ھارۋىدىن ئالدىم ۋە قىزغا قاراپ:
  - سىز نەگىرەك بارىسىز؟ سومكىڭىز خېلىلا ئېغىر ئىكەن، كۆتۈرۈشۈپ ئاپىرىپ بىرەي، - دېدىم ۋە مۇشۇ گەپنى قىلىۋىتىپ ئىچىمنىڭ بىر يېرى كۆيگەندەك بولدى. چۈنكى مەن مۇشۇ تاپتا ئاشۇ قىزنىڭ مەن ئۈچۈن تۆلىۋەتكەن كىرا پۇلىغا قەرىزدار بولۇپ قالغان ئىدىم. ھارۋىكەش بۇنى بىلىدۇ. مېنىڭ گېپىمنى ۋە بۇ قىزنىڭ ئالدىدىكى مۇساپىرغا خاس مەيۈسلىكىمنى ئۇ ھارۋىكەش « يوغانلا بىر مۇخبىر ئىكەنۇ، كىرا پۇلى ئۈچۈن مۇشتەك بىر قىز بالىغا قەرىز بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ خۇشامەت قىلغىلى تۇردى.....» دېگەنگە جورىشى مۇمكىن ئىدى. ئاشۇ قىزمۇ شۇنداق ئويلاۋاتقاندۇ تايىن. مۇشۇ خىياللار بىلەن ھېلىقى گەپنى قىلىۋىتىپ ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتىم ۋە خۇدۇكسىرگەندەك ھارۋىكەشكە يەر تېگىدىن قاراپ قويدۇم. ئەسلىدە چىن گەپنى قىلسام بۇ تۇيغۇ مىنىڭدە يوقمۇ ئەمەس ئىدى. لېكىن مۇھىمى نېمىشقىدۇر بۇ قىزدىن ئايرىلغۇم كەلمەيۋاتاتتى. ھىچبولمىسا، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ نەدىلىكىنى بولسىمۇ بىلىۋالسام دەيدىغان بىر خۇپىيانە مۇددئىا مېنى دەيدەيگە سالماقتا ئىدى. قىز بىر قولى بىلەن بىر تارچۇقنى كۆرسەتتى:
  - ئۆيۈم ئاينا ئەۋەدە، ئۆزۈم كۆتۈرەلەيمەن، رەخمەت سىلىگە. سىلىدەك بىر مۇخبىرنى ئىشقا سالغىلى بولامدىغان.
  ئۇ ئاپپاق ۋە ئۇششاق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلدى ۋە قولىنى مېنىڭ قولۇمدىكى سومكىغا ئۇزاتتى.
  - ياقەي، نەدىكى گەپنى قىلىسىز. ھىچبولمىسا تاركوچىنىڭ ئاغزىغا بولسىمۇ ئاپىرىشىپ بىرەي.
  - سەت بولدىغۇ؟ ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلىپ، - قىز ئاغزىدا شۇنداق دىسىمۇ، دەررۇ ماڭا يول باشلاپ ماڭدى. مەنمۇ قىزنىڭ ئارقىسىدىن ئەرگەشتىم.
  - ھىزى بولسىلا جۇما مۇخبىر ئەپەندىم. قەشقەرنىڭ قىزلىرى يامان كىلىدۇ، شاما قىلىۋەتمىسۇن يانا. ئۆزلىرىمۇ ياداپ شۈمەكتەك بولاپ قاپلا قايلىسام. قەشقەر دېگەن يامان شە جۇما. قىھ، قىھ، قىھ، - قىلىپ كۈلدى ھارۋىكەش قىز ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن ماڭا قاراپ بىر كۆزىنى قىسىپ.
  قىز ئارقىسىغا « شارىتتىدە » ئۆرۈلۈپ ھارۋىكەشكە ھۆرپەيدى ۋە نىمىدۇر بىر نىمە دىمەكچى بولۇپ توختاپ قالدى. ھارۋىكەش يەنە دەككىسىنى يېيىشتىن ھەزەر ئەيلىدى بولغاي، نېرىسىدا خېرىدار ساقلاپ تۇرغان ھارۋىكەشلەر توپىغا قاراپ ۋاقىرغان بولۇپ كىتىپ قالدى:
  - ھاي مەمەت تۇرسۇن، ئوقەت قانداراق؟
  قىز ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ماڭدى. مەن شۇ چاغدىلا قىزنىڭ قولىدا كىچىكرەك بىر يالتىراق سومكىنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلدىم. سومكىنىڭ ئوچۇق ئاغزىدىن بىر كونا چىت كوڭلەك ۋە ئۆڭۈپ كەتكەن يېشىل يۇڭ ياغلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ قىز بۇ سومكىنى ھارۋىغا چىققاندىن بېرى نېمىشقىدۇر زادىلا قولىدىن ئاجىراتمىغان ئىدى.
  بىز قىز كۆرسەتكەن تارچۇق كوچىنىڭ ئاغزىغا كېلىپ توختىدۇق. قىز ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىدى:
  - سىلىگە جاپا سېلىپ قويدۇم، ئەمدى ئۆزۈم چىرىپ كېتەلەيمەن.
  مەن قولۇمدىكى چوڭ سومكىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم.
  - ئۆيگە باشلىسام بولىتى.... - قىز سومكىنى قولىغا ئېلىپ تەڭقىسچىلىق ئىچىدە جىلمايدى.
  - ياقەي، رەھمەت....... كىيىن...... خوش ئەمىسە.
  مەن قىيماسلىق ئىچىدە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم ۋە ئارقامغا ئۆرۈلدۈم. قىزمۇ تارچۇق تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. بىر چاغدا ئارقامغا قارىسام ئۇ بىر ئىشىكنىڭ ئالدىدا ئاشۇ ئىشىكتىن يۈگۈرۈپ چىققان ئىككى بالىنىڭ باشلىرىنى سىلاپ، ئۇلارغا نېمىلەرنىدۇر دەۋىتىپتۇ. ئۇ بالىلار ئالتە- يەتتە ياشلاردا كۆرۈنەتتى. قىزنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغىلى بولمايىتتى. بالىلارنىڭ ئوزايىدىن ( بالىلارنىڭ بىرسى قىز ئىدى ) ئۇنى تولىمۇ سىغىنغاندەك ئىدى. ئۇلار خوشاللىقىدىن قىن- قىنىغا سىغماي ۋىلىقلاپ كۈلۈشۈپ، ئۆزلىرىنى ئۇ قىزنىڭ باغرىغا تىقىشاتتى. ئۇ قىزمۇ ھېلىقى بالىلارنى باغرىغا بېسىپ، كۈلگىنىچە ئەركىلىتىۋاتاتتى.
  « پەرۋەردىگارىم، شۇنچە چوڭ بالىلىرى بارمىدۇ ئاشۇ مۇشتەك قىز بالىنىڭ؟ ياكى ئۇكىلىرىمىكىن؟ » مەن ئاشۇ خىياللار بىلەن مىھمانخانا ئالدىغا قانداق كىلىپ قالغىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن./color]


تولۇقلىما مەزمۇن (2011-12-22 14:46):
داۋامى بار

UID
10174
يازما
34
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
814
تىزىملاتقان
2011-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 02:53:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  كونا ھۈنىرىمنى ئىشلىتىپ ئۇنى دەپ - بۇنى دەپ « سەمەن » مىھمانخانىسىغا ئورۇنلىشىۋالدىم. ۋاقىت تېخى بالدۇر ئىدى. ياتاقتا ئۇياققا ئېغىناپ، بۇياققا ئېغىناپ بىردەم يېتىپ باقتىم. بىردەمدىلا قورساق كوكىراشقا باشلىدى. ئەتىگەن ناشتا قىلمىغانىدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ مىھمانخانا ئالدىدىن بىر نان سېتىۋىلىپ ياتاقتا قايناقسۇ بىلەن « تاماقلاندىم ». شۇ كۈنلەردە بۇنىڭدىن ئارتۇقىغا قۇربىم يەتمەيىتتى. خەجلەيدىغانغا پەقەت 30 سوملا پۇل قالغانىدى. مەن چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ خاتىرەمدىكى تىزىملىكلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ پۇل تاپشۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مۆھلىتى توشۇپ قالغان ئىدارىلەرنى بىر - بىرلەپ ساناپ چىقتىم ۋە ئاخىرىدا بۈگۈنلا پەيزاۋات ناھىيىسىگە جۆنەش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ سۈرۈكى ئاللىقاچان توشۇپ ئېشىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىھمانخانىدىكى پەيزاۋاتلىق بىر يولۇچىدىن كالىندار سېتىۋالغان بىر ئىدارىنىڭ كۈزدە ئۈرۈمچىگە ئۆتكۈزگەن قوغۇنلىرىنىڭ پۇلىنى يېڭىلا تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ياتاقنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ شەھەرگە قاراپ چاپتىم. شۇ تاپتا پەيزاۋاتنىڭ ئاپتوبۇسىغا ئۈلگۈرەلەيىتتىملا ئەمەس، خۇدايىم ئىشىمنى ئوڭغا جورىسا كالىندارنىڭ پۇلىنى ئېلىپ كەچكىچە قەشقەرگە قايتىپ چىقالايىتتىم.
  
  ناھىيە- يېزىلارغا ئاپتوبۇس قاتنايدىغان ئاپتوبۇس بېكتىگە كىلىپ بىلەت ساتىدىغان تۆشۈككە بېرىپ سۈرۈشتۈۈرسەم، پەيزاۋاتنىڭ ئاپتوبۇسى تېخى ماڭماپتۇ، ئاپتوبۇس يەنە بىرەر سائەتتىن كىيىن ماڭغۇدەك، ئاپتوبۇسمۇ توشماپتۇ. مەن خاتىرجەم بولدۇم ۋە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېكەتنىڭ ھويلىسىغا چىقىپ بىر چەتكە تاشلاپ قويۇلغان ئاپتوبۇسنىڭ ئەسكى چاقىغا ئولتۇرۇپ تاماكا چەككەچ، بېكەتنىڭ ھويلىسىدىكى كىلىپ - كېتىپ تۇرغان ئاپتوبۇس ۋە يولۇچىلارنى تاماشا قىلىشقا باشلىدىم.

  بېكەتنىڭ ئىچىدە ئادەملەر كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى ماڭا ئوخشاش ئاپتوبۇسنىڭ توشۇشىنى كۈتىۋاتقانلار، بەزىلىرى كېلىدىغان ئادىمى بارلار ياكى ماڭىدىغان ئادەملىرىنى ئۇزۇتۇشقا چىققانلار، بەزىلىرى بېكەتتىن ماكان تۇتقان بىكارچىلار،  يەنە بەزىلىرى بولسا ئېلىپ - ساتارلار ئىدى. بېكەت ئىچىدە تەرتىپ ساقلىغۇچى ساقچىلارنىڭ ئارىلاپ يۈرگىنىگە قارىماي يانچۇقى تەتۈر ئۆرۈلۈپ قالغانلارنىڭ ياكى سومكا، چامادانىنى ئوغۇرغا ئالدۇرۇپ قويغانلارنىڭ دادى - پەريادى پات - پات ئاڭلىنىپ قالاتتى. يېڭىلا توختىغان ئاپتوبۇسنىڭ ئىشىكىدە، مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ئاپتوبۇسنىڭ ئەتىراپىدا، بىر نەچچە تىلەمچىلەر تەمتىرىشىپ يۈرۈشەتتى. ئالدىغا تەنزە ئېسىۋىلىپ گازىر - پۇرچاق ساتىدىغانلار، مىۋە - چىۋە، تاڭگازا، قەنىت - گىزەك، نان، سامسا ساتىدىغانلار كىشىلەر توپىنى ئارىلاپ ئاپتوبۇسنىڭ كۆزنەكلىرىگە بويۇندۇشۇپ بەس - بەس بىلەن ۋاقىرشاتتى.

  مەن تاماكامنى چېكىپ بولۇپ ئورنۇمدىن تۇردۇم - دە، بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ بىر يەرگە غۇژمەكلىشىۋالغان بىر توپ ئادەملەرنىڭ قېشىغا كەلدىم. قارىسام يىگىرمە ئۈچ، يىگىرمە تۆت ياشلاردىكى بىر يىگىت داق يەرگىلا بىر قولياغلىقنى سىلىپ « ئۈچ قارىت ئويۇنى » قىلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە ئىككى - ئۈچ يىگىت ھەدەپ پۇل تىكىپ ئوينىغان بولۇپ خەقلەرنى دەيدەيگە سالغىلى تۇرۇپتۇ. بۇلار ئەسلى ھېلىقى قارىت ئويۇنى قىلىۋاتقان يىگىتنىڭ ھەمشېرىكلىرى بولۇپ، كىشلەرنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز - ئارا تونۇشمىغان بولۇشىۋېلىپ پۇل تىكىشىدىكەن. ئاخىرىدا چۈشكەن پۇلنى بۆلىشىۋالىدىكەن. بىر كەمدە بىر ساقچى ئادەملەرنى ئارىلاپ كېلىپ قارىت ئويناۋاتقان يىگىت بىلەن ئۇنىڭ يېنىدا « ھە - ھۇ » دەپ باز - بازغا سېلىۋاتقان يىگىتنىڭ بېلىكىدىن كاپ قىلىپ تۇتىۋالدى - دە، ئىككىسىنىڭ قولىنى چېتىپ كويزا سالدى، ئۇنىڭ باشقا ئىككى شېرىكى « پارت » لا قىلىپ قاچتى. ساقچى ئۇلارنى قوغلىدى ۋە ئىككى تاقلاپ بېرىپلا خوراز مىكياننى پوكلىغاندەك باسمىدىۋالدى - دە، ئۇلارنىڭ قولىنىمۇ بىر - بىرىگە چېتىپ كۆتىگە تەپكىنىچە ھەيدەپ ئەكەلدى، ئاندىن بۇ تۆت يىگىتنى ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى.

  ئۇلارنىڭ « ئۈچ قارت ئويۇنى » نى ئەرمەك قىلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزىۋاتقان ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قارىشىپ قېلىشتى. ھېلىقى قارتچىلارنىڭ باز - بازغا سېلىشى بىلەن پۇل تىكىپ قويۇپ ئۇتتۇرۋەتكەن ئىككى دىھقان ئۇتتۇرۋەتكەن پۇللىرىنى قايتۇرۋالماقچى بولۇشۇپ ساقچىنىڭ ئارقىسىدىن پالاقلاپ يۈگۈرۈشتى.

  شۇ ئەسنادا، ئادەملەر توپىنىڭ ئارىسىدا زىلغىنە بىر ئاۋاز ئاڭلاندى:

  - سەدىقە بالانى يەر، تۆۋە گۇنانى. ئەي ئەزىز ئاتىلار، ئاكىلار، ئاتىغىنىڭلار بولسا بېرىڭلار. سىلەرگە خۇدا رەخمەت قىلسۇن!

  بۇ ئايالنىڭ ئاۋازى ئىدى، بۇ ئاۋاز شۇنچە مەيىن، شۇ قەدەر مىسكىن ۋە تەسىرلىك ئىدى. بۇ ئاۋاز نېمىشقىدۇر ماڭا تونۇشتەك بىلىندى. ئارقامغا ئۆرۈلۈپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم. بېشىغا كونىرىغان يېشىل يۇڭ ياغلىق چىگىپ، ئۇچىسىغا ئۇ يەر بۇ يېرى يىرتىلغان ھاۋا رەڭ چىت كوڭلەك ۋە ئەركىشىنىڭ ئۇششاق چىغ يوللۇق ناۋاترەڭ ئەسكى كاستۇمىنى كىيىۋالغان بىر ئايال مەن تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ، ئاپتوبۇسقا قىستىلىپ چىقىۋاتقان ئادەملەردىن پۇل تىلەۋاتاتتى. يولۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدىراش ۋە بىسەرەمجانلىقىغا قارىماي ئۇنىڭ قولىغا پۇل تاشلاپ بېرىۋاتاتتى. ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئولتۇرۇپ بولغانلىرى ئۇنى چاقىرىپ دېرىزە كۆزنىكىدىن قوللىرىنى چىقىرىشىپ ئاتىغانلىرىنى تۇتقۇزۇپ قويۇشىۋاتاتتى.

  ئۇ ئايالنىڭ كىيىملىرى ئۆزىگە كەڭ ۋە چوڭ كېلىپ قالغانىدى. ھە دىمەيلا ھېلىقى ئاپتوبۇس قوزغىلىپ يۈرۈپ كەتتى. ھېلىقى ئايال ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ مەن تۇرغان تەرەپكە قاراپ كەلدى:

  - سەپىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن، خۇدايىم سىلەرنى كۆزى يوق بالا - قازادىن، خېيىم خەتەردىن ساقلىسۇن.

  تىلەمچىگە قاراپ چۆچۈپ كەتتىم. ئۇ ئەتىگەن مەن بىلەن بىر ھارۋىدا ئولتۇرۇپ ماڭا سەمەنگىچە ھەمراھ بولغان ھېلىقى ئوقۇتقۇچى قىز ئىدى. مەن ئىشەنگۈم كەلمەي، كۆزلىرىمنى ئۇۋلىۋىتىپ ئۇنىڭغا قايتا سەپسالدىم.

  شۇنداق، مەن خاتالاشمىغانىدىم. ئەنە، مېنى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغان بۇلاقتەك شەھلا كۆزلەر، قىياقتەك قاشلار، كۆيدۈرگۈچى زىناقلار......

  مەن ئۇ قىزنىڭ تونۇش چىرايىغا قاراپ ئاغزىمنى ئاچقىنىمچە ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدىم.

  ئۇ قىز ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا دېگۈدەك كېلىپ توختاپ ئۆتەتتى. ئۇنىڭ ماڭا ئاجايىپ جەزبىلىك بولۇپ كۆرۈنگەن چىرايى شۇ تاپتا سەلگىنە تۇتۇلغانىدى. كۆزلىرى بىر خىل مىسكىنلىك ئىچىدە بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ پىلدىرلايىتتى. ئۇنىڭ بۇلۇتتەك قارا ۋە قويۇق چاچلىرى ئارىسىدىكى گۈزەل بوينى ئەسكى ياغلىق ئىچىدىمۇ بىللوردەك سۈزۈك ۋە جەلىپكار كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ ياش ۋە چىڭ كۆكسى ئۆزىگە چوڭ ۋە كەڭ كېلىپ قالغان ئەرەنچە كاستۇمىنى بۆرتۈپ كۆتۈرۈپ تۇراتتى. قوپال ۋە ئەسكى كوڭلەك ئىچىگە يوشۇرۇنغان سەرۋىدەك زىبا قامىتى پىشقان، تولغان ھەمدە گادايلىققا بويسۇنماس بىر خىل تەرسا گۈزەللىك بەخىش ئېتەتتى. نامىراتلىق گۈزەللىكنى تېخىمۇ رومانتىكىلىق تۈسكە ئىگە قىلىدۇ، ۋايىغا يەتكۈزىدۇ، چۈنكى نامىراتلىق چىنلىقتۇر.

  - كۆرگەن ياخشى - يامان چۈشۈڭلارنىڭ ھەققىدە، روھ - ئەرۋاھلارنىڭ ھەققىدەئاتىغىنىڭلارنى بېرىڭلار، سەخى جەننەتى، خۇدا رەھمىتى، - قىز زادىلا دۇدۇقلىمايىتتى. چىرايى خاتىرجەم كۆرۈنەتتى. ئۇ ئادەملەرگە خۇددى ئۆتكۈزۈپ قويغىنى باردەك ئىشەنىچ بىلەن دېدىل تىكىلەتتى. ئۇنىڭ گويا ئالدىدىكى ئادەمنىڭ مۇسۇلمانچىلىقىنى، ئادىمىيلىكىنى، ئەركەكلەرچە سېخىيلىكىنى سىناۋاتقاندەك بىر خىل قەتئى سوراق مەنىسىدە تىكىلىشلىرى ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھەر قانداق ئادەمنى تەمتىرتىپ قويۇۋاتاتتى. بۇ تىلەمچى قىزنىڭ سىياقىدىن، تىكىلىشلىرىدىن، ئاشۇ مەيىن ئاۋازنىڭ تەسىرلىك تېمبىرىدىن، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ بارلىقىدىن كىشى رەت قىلىپ بولماس دەرىجىدىكى بىر خىل كۈچ ئۆرىدەپ تۇراتتى. شۇڭا، ئۇ ئالدىغا كېلىپ توختىغان ھەر بىر ئادەم ئىختىيارسىز قوللىرىنى يانچۇقىغا ئۇزىتىشاتتى. مەن نىمىشقىدۇر قاتتىق خىجالەتچىلىك ۋە دەككە - دۈككە ئىچىدە قالدىم. ئالدامچىلىق ئۈستىدە « قولغا چۈشۈپ » قالغىنى ئۇ قىز بولماي ئەكىسچە مەن ئۆزۈمدەك، كۆڭلۈمنى بىر ئەنسىزچىلىك قاپلىدى. مەن نېمىشقىدۇر ئاشۇ قىز مېنى كۆرۈپ قالغۇچە بۇ يەردىن يۇقىلىشنى ئويلىدىم. لېكىن پۇتلىرىم ئىختىيارىمغا بويسۇنماي خۇددى يەرگە مىخلاپ قويغاندەك قىمىرلىيالمىدىم.

  بىر كەمدە قىز مېنى ئۇشتۇمتۇت كۆرۈپ قالدى. مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قورقۇپ كەتكەندەك ئەندىشە ئىچىدە تىكىلدىم. قىز بىر نەپەسكە سەلگىنە تېڭىرقاپ قالدى. ئۇنىڭ مەرمەردەك سۈزۈك يۈزى ۋىللىدە قىزارغاندەك بولدى، كۆزلىرىدە يىنىككىنە بىر ئەندىكىش زاھىر بولدى. بۇلار پەقەت كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچىلىك ۋاقىت ئىچىدىلا يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى، ئىشىنىمەنكى، مەن ۋە ئۇنىڭدىن بۆلەك ھىچكىم سېزىپ ئۈلگۈرەلمىدى. قىز ھەدېمەيلا ئۆزىگە كېلىۋالدى. ئۇنىڭ چىرايىدا قانداقتۇر مەن كۈتكەن ھۇدۇقۇش، بېسەرەمجانلىق ۋە خېجالەتچىلىكنىڭ ئەكىسچە، بىر خىل بىپەرۋالىق، خاتىرجەملىك ۋە ھەتتا باشقىلار سەزگۈسىز دەرىجىدىكى مەغرۇرلۇق ئەكىس ئېتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ چىرايىدا ئەكىس ئېتىۋاتقان بۇ خىل ئالامەتلەرگە قاراپ بىردىنلا بۇ قىزنىڭ ئەسلىدىلا مەن ئويلىغاندەك ئۇنچىلىك ياخشى قىز ئەمەسلىكىنى، ئەكىسچە قولىدىن ھەرقانداق ئىش كېلىدىغان كاززاپ، ساختىپەز ۋە ئۆتۈپ كەتكەن بىر ساپساپچى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلدىم ۋە نىمىشقىدۇر كۆڭلۈم بىردىنلا يېرىم بولدى.


تولۇقلىما مەزمۇن (2011-12-23 02:54):
داۋامى بار

UID
1381
يازما
505
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
15904
تىزىملاتقان
2009-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-23 11:56:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توختاپ قالماي يوللارسىز ئاخىرىنى!

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟

UID
12992
يازما
275
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2436
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 00:22:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەردىكى ئويۇننىڭ قىزىقى ئەمدى چىقىپتۇ . ‹‹زەيتۇنە ئەسلى دىۋانە ›› مۇ ياكى ‹‹ زەيتۇنە بىر مەلىكە ›› مۇ قېنى كۆرەرمىز .

UID
10174
يازما
34
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
814
تىزىملاتقان
2011-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 13:38:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ قىز مېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى بىلىپ تۇرىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇ ماڭا خۇددى ياراتمىغاندەك سوغۇق نەزەردە « لاپپىدە » بىر قاراپ قويۇپ ئالدىدىكى ئادەمگە يۈزلەندى:

  - خۇدا رەخمەت قىلسۇن، سەپەرلىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن ئىلاھىم....

  ئۇ ھېلىقى ئادەم ئۇزاتقان پۇلنى ئالغاندىن كىيىن ئۇدۇل ماڭا قاراپ كەلدى. ھۇدۇققىنىمدىن نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم. يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سېلىپ كەتتى. ئارقامغا ئۆرۈلۈپلا قېچىشنى ئويلىدىميۇ، لېكىن تۇرغان جايىمدا روھىم چىقىپ كەتكەندەك ھاڭۋاققىنىمچە قىمىرلىيالماي تۇرۇپ قالدىم. بۇ چاغدا ئۇ يەردە توپلىشىپ تۇرغان ئادەملەر بىرلەپ - ئىككىلەپ تارقاشقا باشلىغانىدى. يېنىمدا تىجارەتچى سىياقىدىكى ئىككى ئادەم ئۆز - ئارا قىزغىن پاراڭغا چۈشكەن ئىدى. قىز ماڭا يېقىن كېلىپ بەتمۇ - بەت يۈزلەندى.

  - قېنى، مۇخبىر يىگىت، خۇدا يولىدا سىلىنىڭمۇ ئاتىغانلىرى يوقمۇ؟ ئانىمىز بۈۋى پاتىمەمنىڭ ھەققىدە، غىرىپ - غۇرۋالارنىڭ ھەققىدە، يېتىم - يىسىرلارنىڭ ھەققىدە.....

  مەن ھىچ نەرسىنى ئويلاشقا ئۈلگىرەلمەي قولۇمنى يانچۇقۇمغا ئۇزاتتىم. قولۇمنىڭ ئۇچى يانچۇقتىكى ئازغىنە پۇلغا تېگىشى بىلەن تەڭلا قانداقتۇر بىر يېرىم « پىژژىدە » قىلىپ كۆيگەندەك قىلدى ۋە پەقەت شۇ چاغدىلا ئۆزۈمگە كەلگەندەك بولدۇم.

  - ھېلىقى كىراغا تۆلىۋەتكەن پۇلىڭىزنى قايتۇرۋالدىڭىز - دە ئاخىر، - دېدىم قولۇمغا چىققان بەش سوم پۇلنى ئۇنىڭغا ئۇزىتىۋىتىپ قىز ئاڭلىيالىغۇدەك پەس ئاۋازدا.

  ئۇ قىز كۆزۈمگە تىكىلىپ قۇۋلارچە كۈلۈمسىردى:

  ـ پۇل دىگەن جېمى ئادەمگە تاتلىق - ھە، يوغان يەرنىڭ مۇخبىرى بولسىمۇ.

  مەن ئۈنچىقارمىدىم. ئۇ قىز مەن ئۇزاتقان پۇلنى ئىككىلەنمەي ئالدى ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا دېدى:

  - نېمىلا دېگەن بىلەن چوڭ شەھەرنىڭ ئادەملىرى سېخى بولىدىكەن. رەھمەت، مۇخبىر غوجام. خۇدايىم تەنلىرىنى سالامەت، بەخىت - پىشانلىرىنى ئوڭ قىلسۇن.

  - يېنىڭىزدىن پۇل ئۆكسىمىسۇن دەپ دۇئا قىلىڭ ماڭا، - مەن چاخچاق ئارىلاش كۈلۈمسىردىم.

  قىز كۈلىۋەتتى ۋە ئىككى ئالقىنىنى يېيىپ يۇقىرى ئاۋازدا دېدى:

  - يانچۇقلىرىدا ھەر دائىم ئاق تەڭگە جىرىڭلاپ تۇرسۇن، بىزدەك يېتىم - يېسىر، غىرىپ - غۇرۋا ساھىللارغا سەدىقە بەرگەندە قوللىرى ئۇنداق تىتىرمىگەي ئىلاھىم.

  - ئالماق ئاسان بولغان بىلەن، بەرمەك قىيىن ئىكەن خېنىم، بولۇپمۇ پىقىردەك مۇساپىرچىلىق كوچىسىدا ھلسىراپ قالغاندا، - مەن پەس ئاۋازدا چاخچاق قىلدىم.

  - ماڭا شاگىرىت بولاملا - يا غوجام؟ يۈزلىرىنى ئازىراقلا قېلىن قىلسىلىرى پۇل دېگەن ئۆزى كېلىدۇ، - دىدى قىز پەس ئاۋازدا كۈلۈپ تۇرۇپ.

  - جان دەيتتىم، لېكىن شۇ......

  - يۈزلىرىدىن كېچەلمەيلا يىگىت، بۇ يول - پەسلىك يولى. يۈز ۋە ئۇياتنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويالىسىلا ئاندىن....

  - سىزگىمۇ كىرەكقۇ شۇ يۈز ۋە ئۇيات؟ ئاشۇ چىرايىڭىز بىلەن قانداقلارچە........ - مەن زەردىلىك كۈلۈمسىردىم. شۇ تاپتا مەن بىردىنلا قىزنى قانداق ئىنكاس قايتۇراركىن دەپ ئۇنىڭغا تىكىلدىم. قىز خۇددى مېنىڭ شۇنداق دەيدىغىنىمنى ئاللىقاچان بىلىدىغاندەك، گېپىمنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويماي، ماڭا دېدىل تىكىلگىنىچە گېپىمنىڭ بېلىگە « تەپتى »:

  - بۇ يەرگە كېلىپ قاپلىغۇ ئۆزلىرى. تۇرمۇش ئۈگىنەي دەپما؟

  قىز ئەمدى ئۆزى توغۇرۇسىدا سۆزلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۋاتاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ، سۆزىگە ئۇدۇل جاۋاپ بەردىم:

  - پەيزىۋاتقا بارماقچىدىم. ئاپتوبۇسنىڭ مېڭىشىنى كۈتىۋاتىمەن.

  قىز كۈنگە لاپپىدە قاراپ قويۇپ دېدى:

  - يەنە ئىككى سائەتتىن كىيىن ماڭىدۇ. ھازىر تېخى ئەتىگەن. جۇرسىلە ئاۋۇ ئاشپۇزۇلغا چىرىپ بىردەم - يېرىمدەم ئولتۇرىلى، - قىز بىكەت دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ ئۇ تەرىپىنى كۆرسەتتى.

  - ئاپتوبۇسقا ئۈلگۈرەلمەي قالارمەنمىكىن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ئوقىتىڭىزگە تەسىر بىرىپ قويسام بولماس، - مەن مەجھوللۇق ئىچىدە غودۇڭشىدىم. گەپنىڭ راستىنى ئېيىتسام، بۇ قىزنى بىر چۈشۈنۈپ بېقىش ئىستىگىدە تاقىتىم تاق بولىۋاتقان بولسىمۇ، شۇنچە خەقنىڭ كۆزىچە ئۇنىڭ بىلەن يانمۇ - يان مېڭىش ماڭا قانداقتۇر بىئەپ تۇيۇلىۋاتاتتى.

  - قەيەرنىڭ ئاپتوبۇسى سائەت نەچچىدە كېلىپ، سائەت نەچچىدە ماڭىدىغانلىقىنى بەش قولۇمدەك بىلىمەن. خاتىرجەم بولسىلا يىگىت، يەنە ئىككى سائەت بار دىدىممۇ، شۇ گېپىمگە ئىشەنسىلە. بىر يىلدىن بېرى خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى مۇشۇ يەردىمەن، ھەتتا بۇلار ماڭا يادا بولۇپ كەتكەن. مېنىڭ « ئوقىتىم » گە كەلسەك، ھىچقىسى يوق، بىر كۈنلۈك نورمام ئاللىقاچان توشتى، سىلى بەرگەن بەش كوي بىلەن، - قىز كۈلىۋەتتى ۋە كۆڭلۈمدىكىنى تۇيۇپ قالغاندەك ئۆزىنىڭ باش - بويىغا بىر قارىۋىتىپ دېدى، - سېلى ئاۋال مېڭىپ تۇرسىلا، مەن جىندەك تۇرۇپ ئارقىلىرىدن بارىمەن، - قىز ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ كىتىپ قالدى.

   « يەنە تېخى كۈنلۈك ۋەزىپە - نورمىسى بار ئىكەن - دە، توۋا! قانداق قىز بۇ! ئۆزۈمچە قورۇنۇپ كېتىپتىمەن، خۇددى مەن تىلەمچىلىك قىلىۋىتىپ ئۇنىڭغا يولۇقۇپ قالغاندەك. خىجىل بولايمۇ دىمەيدىغۇ ». مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر ھازاغىچە قاراپ تۇرۇپ، قاتار - قاتار ئاپتوبۇسلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ قارىسى يۈتكەندىن كىيىن، ئۇ كۆرسەتكەن ئاشپۇزۇل تەرەپكە ماڭدىم. شۇ تاپتا بۇ قىزنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ئۇنىڭ خارەكتېرى مېنى قاتتىق قىزقتۇرماقتا ئىدى. كاللام ئۇ قىز توغۇرىسىدىكى ھەر خىل قىياس، تەسەۋۋۇر ۋە باھالار بىلەن تولغان ئىدى. مەن ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر تال تاماكا ئوراپ تۇتاشتۇردۇم ۋە قىزنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتكەچ خىيالغا چۆمدۈم.

  - سوغۇقتا تالادا تۇرغىچە،ئاشخانىغا چىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرسىلا بولماسمىدى؟ - مەن چۆچۈپ ئارقامغا ئۆرۈلدۈم. بۇ ھېلىقى قىز ئىدى. تىلەمچى قىز ئۈستىۋىشىنى يەڭگۈشلەپ ئۈلگۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ قامىتىگە قاراپ ئاغزىمنى ئېچىپ قالدىم. كۆز ئالدىمدا پورەكلەپ ئېچىلغان بىر گۈل تۇراتتى. ئۇنىڭ بۈدۈر ۋە قويۇق چېچى قامىدەك تاۋلىنىپ دولقۇنلاپ تۇراتتى. سوغۇقتىن سەل قىزارغان يۈزى ئۇنىڭ چىھرىگە بىر خىل ھالرەڭ گۈزەللىك بەرگەنىدى. ئۇنىڭ روشەن، چوڭ ۋە بۇلاقتەك شەھلا كۆزلىرى بىر شادلىقتىن نۇرلىنىپ كەتكەنىدى. ئۆز تۇرمۇشىدىن رازى، بىغەم ۋە بەخىتلىك قىزلارنىڭ كۆزلىرىلا شۇنداق چاقنايدۇ. ئاق، سۈزۈك بوينى ئۇنىڭ قۇلقىدىكى ئالتۇن زىرە ۋە ئۆزىگە بەكمۇ ياراشقان تۇخۇم سېرىقى پوپايكىسىنىڭ قايتۇرغان نۇرى بىلەن تېخىمۇ نازۇك ۋە تېخىمۇ سۈزۈك كۆرىنەتتى. قارامتۇل كۈلېەڭ سارجىدا تىكىلگەن تارغىنە يوپكىسى، قاردەك تازا ئاق توفلىيى ( بايا ئۇ پاشنىسى ماكچىيىپ كەتكەن بىر قارا توفلى كىيىۋالغان ئىدى ) ئۇنىڭ بويىنى ئېگىز ۋە تېخىمۇ زىلۋا كۆرسىتەتتى. بۇ كىيىملەر ئۇنىڭ قامىتىدىكى جىمى ئېنىقلىقنى نامايان قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتكۈل قىياپىتىنى ھەم بىر نازۇك زىبالىق ھەم بىر ئەمدىلا تولۇپ كېلىۋاتقان جەزبىلىك ئىچىدە بەرىقلىتىپ، ئۇنى بەكمۇ دىلرەبا قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەنىدى.

  - قېنى جۈرسىلە.

  قىزنىڭ يۇمشاق ئاۋازى مېنى گالۋاڭلارچە مەسىتخوشلۇق ئىچىدىن ئويغاتتى.

  - خىزمەتتىن چۈشۈپسىز - دە؟ - مەن ئۆزۈمگە كېلىپ چاخچاق قىلدى.

  - شۇنداق بىر خاسىيەتلىك خىزمەت دېسىلە يانا كېلىپ، - قىز ھىچ تارتىماي كۈلۈپ جاۋاپ بەردى. مەن ئۇنىڭغا تەئەججۈپ ئىچىدە قاراپ قويۇپ ئاشپۇزۇلنىڭ ئىچىگە ماڭدىم. شۇ چاغدا مەن ئۇ قىزنىڭ قولىدىكى كىچىكرەك يالتىراق سومكىغا دىققەت قىلدىم. بۇ چۈشتىن ئىلگىرى مەن ئۇنىڭ قولىدا كۆرگەن سومكا ئىدى. ئۇ سومكىنىڭ ئوچۇق ئېغىزىدىن قىزنىڭ بايا تىلەمچىلىك قىلغاندا كىيىۋالغان كىيىملىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ ھارۋىدا ئولتۇرغان چېغىدا شۇڭىمۇ ئۇ سومكىنى قولىدىن ئاجىراتمىغانىكەن.

  بىز ئاشپۇزۇلغا كىرىپ بۇلۇڭدىكى بىر ئۈستەلگە قايلاشتۇق. بىز كىرىپ كەلگىنىمىزدە شىرەلەرگە ئاش كەلتۈرىۋاتقان ياش يىگىت بىلەن ئىشىكنىڭ تۈۋىدىكى كەنتىردە ئولتۇرۇپ پۇل يىغىۋاتقان ياداڭغۇ كەلگەن ياشقىنا ئايال خوجايىن ئۇ قىزنى ئىشارە قىلىپ بىر - بىرىگە قاراپ زاڭلىق قىلغاندەك ئۈنسىز كۈلۈپ قويدى. تىلەمچى قىز ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن كۈلىۋاتقىنىنى سەزگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە پەرۋامۇ قىلماي، ئۇلارنىڭ ئالدىدىن بېشىنى تىك تۇتۇپ، كۆكسىنى كىرىپ، ئايغىردەك دەسسەپ ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئاشپۇزۇلدىكىلەرنىڭ بۇ قىزنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ قىزغا ئۆچ ئىكەنلىكىنى پەمىلىدىم.


    داۋامى بار

UID
10174
يازما
34
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
814
تىزىملاتقان
2011-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 15:37:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشپۇزۇلدا تاماق يەۋاتقانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ئاشخانىنىڭ تام - تورۇسلىرى شۇنچىلىك مەينەت ئىدىكى، بۇ ئاشخانا بىنا بولغاندىن بېرى بېرەر قېتىممۇ تازلىنىپ باقمىغاندەك ئىدى. تاماق يەيدىغان شىرەلەرنىڭ ئۈستىگە ئۈستىگە سېلىپ قويغان يالتىراق كونىرغىنىدىن يىرتىلىپ پارچە - پارچە بولۇپ كېتىپتۇ. ئورۇندۇقلارمۇ بۇستىن ياغلىشىپ پارقىراپ تۇراتتى. قازان بېشى بىلەن تاماق يەيدىغان ئۆي ئارلىقىدا كىرىپ - چىقىپ يۈرگەن ئاشپەز ۋە نىمكارلارنىڭ ئۈستىۋىشىغا قارىغۇسىز ئىدى. ئۇلارنىڭ قاي زامانلاردىدۇر ئاق بولغان ئىش كىيىملىرى كىر ۋە ياغ دەستىدىن قارىغا ئۆزگۈرۈپتۇ. نىمكار بالىلارنىڭ بويۇن - پاتاڭلىرى، سالۋاراپ تۇرغان چاچلىرى ھىلىلا تۇرخۇن تازلاپ چىققاندەك كىرلىشىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنى ئاشپەز ئەمەس، ئەكىسچە كېچىدىن بېرى گۇلاختا تۈنەپ چىققان كۆتۈرمىچىلەرمۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ كىشى. قەشقەر شەھرى شۈنچىلىك مەشھۇر شەھەر ۋە ئاجايىپ بۈيۈك مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغىنىغا قارىماي، ئاشپۇزۇللىرى، ھەتتا داڭلىق خەلق باغچىسىمۇ ھەرقانداق كىشىنى « ھۆ » قىلدۇرغىدەك دەرىجىدە مەينەت ئىكەن. بۇنى ئىلگىرى كۆپ ئاڭلىغانمەن، لېكىن بۇ قېتىم قەشقەرگە كەلگىنىمدىن كېيىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ چىنلىقىغا ئىشەندىم. بولۇپمۇ مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، بۇ يەردە ئاشپەزلەرنىڭ يالاڭئاياق يۈردىغىنى ئىدى. خەسە كېكىردەك، تاۋى نازۇك قەشقەر خەلقى ئاشپۇزۇللاردىكى شۇ دەرىجىدىكى مەينەتچىلىككە قانداقمۇ چىداۋاتقاندۇ، دەپ ھەيران بولىمەن ئۆزۈمچە.

  بىر چاغدا ئاش توشۇيدىغان بىر نىمكار يىگىت قاسماق بېسىپ كەتكەن بىر چەينەك بىلەن ئىككى پىيالىنى كۆتۈرۈپ بىز ئولتۇرغان شىرەگە كەلدى ۋە پىيالىلەرگە چاي قويۇۋىتىپ دېدى:

  - ھەر قايسىلىرى نېمە يېيىشىلىكىن؟

  مەن ئۇنىڭ ماڭا نېمىشقىدۇر ئۆچمەنلىك بىلەن يەر تېگىدىن سىنچىلاپ قاراۋاتقانلىقىنى سەزدىم. ئۇ، تىلەمچى قىزغا پىيالىنى ئىككى قوللاپ سۇندى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ قوللىرى سەلگىنە تىتىرگەندەك بولدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى تىلەمچى قىزنىڭ كۆزىگە بىچارىلىك ئىچىدە تەلمۈرەتتى. مەن بۇ يىگىتنىڭ روھى ھالتىدىكى بىر خۇپىيانە غۇلغۇيچىلىقنى ئوچۇق ھىس قىلدىم. بۇ يىگىت بۇ قىزغا كۆيۈپ يۈرەمدۇ نېمە؟

  - نېمە يېيىشىلىكىن؟ - يىگىت ماڭا ئەمەس، تىلەمچى قىزغا قاراپ بىر خىل قورۇنۇش ئىچىدە تەكرارلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ئېڭىرغاندەك تىتىرەپ چىقتى.

  - بىر چىنە ئاش بەرسىلە، گۆشتىن تۆت پارچە بېسىپ، - قىز يىگىتكە ئىللىققىنە قاراپ كۈلۈپ جاۋاپ بەردى. يىگىت قىزنىڭ كۈلكىسىدىن ئۆزىنى يوقۇتۇپلا قويدى.

  ئاش كەلتۈرۈلدى. قىز « يىگۈم يوق » دەپ تاماق يېمىدى. كۈنۈم نان بىلەن چايغا قالغىلى خېلى كۈنلەر بولغانىدى، قۇۋۋەتلىكرەك تاماق يېمىگەچكە، ئىچىم بەكلا ياغسىراپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئاشپەز ۋە ئاشپۇزۇلنىڭ تازىلىقى توغۇرۇسىدىكى كۆڭۈلسىز خىيالنى ئۆزۈمدىن نېرى قىلىپ، كەلتۈرۈلگەن ئاش بىلەن گۆشكە تۇتۇش قىلدىم. تىلەمچى قىز تاماق يېيىشىمگە قاراپ ئولتۇردى. ئۇ قىزنىڭ قاراشلىرىدىن مېنى خىجىل بولۇپ قالمىسۇن دىگەندەك، مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىسام، ئۇ بۇستىن قارىيىپ كەتكەن تامغا سۇۋارى چاپلىۋىتىلگەن مەككە - مۇكەررەمنىڭ رەسىملىرى ۋە ھۆسنىخەتلەر يېزىلغان قەغەزلەرگە قارىۋالاتتى. ئۇلارنى بىر نا ئۇستىراق ھۆسنىخەتچىنىڭ يازغانلىقى « مانا مەن » دەپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

  مەن ئالدىمدىكى تەخسىنى بىردەمنىڭ ئىچىدە يالىغاندەك پاك - پاكىزە قىلىپ قويدۇم. تىلەمچى قىز ئالدىمدىكى سوۋۇشقا باشلىغان چاينى تۆكۈۋىتىپ بىر پىيالە قىززىق چاي قۇيۇپ قويدى.

  - ھە، ئەمدى نېمە ئىش قىلىمىز؟

  مەن قىسقىلا دۇئا قىلىپ بىر تال تاماكا ئورىغاچ قىزدىن سورىدىم. قىز خېلى ئۇزۇنغىچە دۇئا قىلدى. ئاندىن ماڭا پەس ئاۋازدا پىچىرلىدى:

  - سىلى بۇ يەردە چاي ئىچكەچ جىندەك ئولتۇرۇپ تۇرسىلا، دۇكانغا بارىدىغان بىر ئىشىم بار ئىدى، « شاققىدە » بىېرىپ كىلەي، ئاندىن ئەھۋاللىشارمىز.

  مەن ئۇنىڭغا قاراپ بېشىمنى لىڭىشىتتىم. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ، خوجايىن ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھېسابنى تۈگەتتى - دە، يېنىمغا كېلىپ پەس ئاۋازدا:

  - چىقىپ كېتىپ قالمىسىلا جۇما، - دېدى ۋە ھېلىقى سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئاشخاندىن چىقىپ كەتتى. ئۇ قىز ئاشپۇزۇلدىن چىقىشى ھامان خوجايىن خوتۇن ياقىسىنى تۇتۇپ كۈلگىلى تۇردى:

  - توۋا دەيمەن، توۋا! ما دىۋانىنىڭ ھالىنى قانداق قىلاي.

  مەن گەپ كوچىلاش مەخسىتىدە خوجايىن ئايالدىن سورىدىم:

  - قانداق دەيسىز؟

  ئۇ خۇددى شۇنىلا كۈتۈپ تۇرغاندەك جاۋىلداپ سۆزلەپ كەتتى:

  - ياق، دەيمىنا ئەمدى، بېقىپ - كۆرەپ كەلسە بىر تىلەمچى رەسۋا، ئۇنىڭ قېتىۋىلىشلىرىنى. خۇدايىم توۋا! ھەممىسى ئاشۇ تىلەمچىلىكتىن كەلگەن. ھەر كۈنى ئىككى - ئۈچ ئادەمنى ئاشخانىغا ئەچىرىپ مىھمان قىلىشلىرىچۇ تېخى. ياپياش تۇرۇپ يۈزىنى ساتقان رەسۋا.

  - مىھمان قىلىش بىلەنلا قالماي، ئاپتوبۇسقا بىلەت ئېلىپ يولغا سېلىپ قويىدۇ تېخى، - چۆپ تارتىۋاتقان، چاچلىرىنى شىرنىڭ بېشىدەك ھۆرپەيتىۋالغان نىمكار يىگىت خوجايىن ئايالغا قاراپخوشامەت بىلەن ھېجىيىپ سۆز قاتتى.

  بۇ گەپلەر بىلەن كۆڭلۈم بىردىنلا خىرەلەشتى. « بۇ تىلەمچى قىزنىڭ ساپساپچىلىقتىن باشقا يەنە تىلەپ تاپقان پۇلى بىلەن ئەر خەقلەرنى ئوۋلايدىغان ھۈنىرىمۇ باركەن - دە ئەسلىدە! ئېسىت، سېنىڭ شۇ ھۆسنى - جامالىڭ ۋە ئەقلى - ھوشۇڭغا! ». نېمىشقىدۇر ئىچىم ئاچچىق بولدى. ناھايىتى يېقىن بىر ئادىمىمدىن، ياق، ھەتتا ئۆز سىڭلىمدىن كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر خاتاسى ئۈچۈن كۆڭلۈم قالغاندەك بولۇپ بىر خىل ئازابلىق، ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى.

  - قانداق ئادەملەر ئۇ، ئۇ قىز مىھمان قىلىپ يۈرىدىغان ھەتتا ئاپتوبۇسقا بىلەت ئېلىپ بىرىپ يولغا سېلىپ قويىدىغان؟

  - مەن نېمىشقىدۇر بىر چىدىماسلىق ئىچىدە ئۆرتىنىۋاتاتتىم. بىردىنلا مەن بۇ قىزنىڭ بىر داڭلىق ئوغۇرى، بىر مەشھور بۇزۇق، ھەتتا قېچىپ يۈرگەن بىر قاتىل بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ قالدىم. ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا بۇنداق ئويغا كىلىپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم. بۇ قىز مەن خالىغاندەك بولۇپ چىقسا، نېمىشقىدۇر ماڭا ئاسان ۋە يەڭگىل بولىدىغاندەك تۇيۇلىۋاتاتتى. نېمە ئاسان بولىدۇ؟ نېمە يەڭگىل بولىدۇ؟

  خوجايىن ئايال ئۆزىنىڭ پىكىرىگە ئوراتاقلىشىدىغان ئادەم تاپقاندەك خوشاللىنىپ، قاش - قاپاقلىرىنى مەنسىتمەسلىك بىلەن سوزۇپ قويۇپ دېدى:

  - ۋاي چىم بولماقچىدى، نەدىكى ئاقساق - توكا، چولاق - مايماق، قېرى - چۆرى، يىتىم ئوغلاقلارنى بولمامدۇ. شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى باشلاپ كەلگەن تۈزۈكرەك ئادېمى مانا سېلى، شۇ! ئايدەك چىرايىڭغا لەنەت. خۇدايىم، بىرەرسى بىر تۈزۈكرەك ئادەم بولسا كاشكى. سېلى قايداق ئېتىپ تونۇشۇپ قاللا ئۇكام بۇ دىۋانە رەپ - رەپ بىلەن؟ سېلى بۇ يەرلىك ئەمەس ئوخشايلا قايلىسام. قەشقەردە ئادەم تېپىلمىغاندەك ئىلنىشىپ قالغان ئادەملىرىنى قايلىسىلا. توۋا، - ئۇ قاش - قاپاقلىرىنى بايقىدەك سۈزۈپ بوينىنى « شاپتۇل قاقتى » ۋە ماڭا بىر چۈشنىكسىز نەزەردە تىكىلپ قاراپ جىلمىيىپ قويدى.

  - زەيتۇنەم ئۇ ئاقساق - چولاق، قېرى - چۆرى، يېتىم ئوغلاقلارنى باشقا مەخسەتتە ئەمەس، بىچارە دەپ ھالىغا يېتىپ يولغا سېلىپ قويىدۇ. بۇنى ئۆزلىرى بىلىلىغۇ؟ ئاشۇ توكا - مايماق، قېرى - چۆرىلەرنى بىر ساراڭ ئادەممۇ زەيتۇنەمگە راۋا قىلماس. نېمىلا دېگەن بىلەن ساۋاپلىق ئىش قىلىپ يۈرىيدۇ ئۇ قىز بالا، پۇلىنى ئوغۇرغا ئالدۇرۇپ قويغان، دوختۇرخانىدا يېتىپ چىقىپ كىرا پۇلى يەتمەي قالغان ئادەملەرغۇ ئۇ خەق؟ ئۇ خەقنىڭ ئارىسىدا قېرى مەزلۇم، ئېغىر بوي جۇگانلىرىمۇ جىققۇ؟ ئۆزلىرىمۇ شۇنداق دېمىگەنمىدىلە بىر چاغدا، - بايا بىزگە چاي قۇيۇپ بەرگەن ھېلىقى قاسماق يىگىت نېمىشقىدۇر بىردىنلا خوجايىنغا ئۆكتە قپتى. خوجايىن ئايالنىڭ تىلەمچى قىز توغۇرىسىدىكى ئىچى قارىلىقى ئۇنىڭ غورورىغا قاتتىق تەگكەندەك ئىدى. بۇ ھال مېنىڭ بايىقى پەرزىمنى تەستىقلاۋاتاتتى. بۇ يىگىت شۇ تاپتا ئۆز كۆڭلىدىكى بىر مەبۇدەنى قاراملارچە ھىمايە قىلىۋاتاتتى.

  - ۋاي چىم سىلى، ماڭا بىژ قايلىۋەتسىلە. تۇرۇپلا تىللىرى چىقىپ قالدىغۇ سىلىنىڭ، - خوجايىن ئايال تاماق شىرەسىنى يۇغۇشتۇرۇپ يۈرگەن ھېلىقى قاسماق يىگىتكە مەسخىرە ئارىلاش ھۆرپەيدى، - مەن ئۇ تىلەمچىنىڭ گېپىنى قىلسام سىلىنىڭ قوقاقلىرىغا تېگىۋاتامدۇ؟ زەيتۇنەمگە كۆيەپ قالدىم، دەپ مەيدىلىرىنى زەي يەرگە يېقىپ بوزلىغانلىرى بىكار ئەمەسكەن - دە! قايلىسام خېلى چىڭ يەردىن كۆيەپتىكەنلا بۇ گەپچە! ئەمما ئۇ خېنىمچا، سىلىدەك يالاڭتۆش ژۇندىپۇرۇچقا قايلىمىغۇدەك، دىۋانە بولسىمۇ ئاۋۇ يىگىتتەك ئۈرۈمچى بالىلىرىغا مەيلى بار ئوخشايدۇ. ۋاي قوۋۇغام، نېمە قۇسقۇمنى كەلتۈردۇ ما خۇرۇم پاتاڭ قاۋامىدىن. ماڭە ئوچاققا كۆمە سېلىۋەت، - ئۇ يىگىت خوجايىنىنىڭ ئازازۇللىقىدىن پوسكويۇپ كەتتى. ئۇنىڭ نېمىشقىدۇر خۇددى مېنى ئاڭلىمىسىدى دىگەندەك ماڭا قىسىلىش ئىچىدە « لاپ -لاپ » قاراشلىرىدىن، ئۇنىڭ ئۆزى توغۇرىسىدىكى ھاقارەتكە غەزەپلىنىشتىن كۆرە، ئۆزىنىڭ مېنىڭ كۆزۈمچە بۇنچىلىك خورلىنىۋاتقىنى ئۈچۈن، قاتتىق ئۇيىلىۋاتقانلىقىنى پەملىدىم. تىلەمچى قىزغا ئەگىشىپ بۇ يەرگە كىرگىنىم ئۈچۈن، ئۇ يىگىت مېنى ئۆزىنىڭ كۈشەندىسى دەپ تونۇپ قالغان بولسا كېرەك. بىردىنلا مېنىڭ ئۇ يىگىتكە ئىچىم ئاغىرىپ قالدى. بۇ يەردە ئولتۇرىۋىرىشكە تاقەت قىلالماي، ئورنۇمدىن تۇردۇم - دە، ھېلىقى يىگىتنى تېخىمۇ خىجىل بولمىسۇن دەپ ئۇ يىگىت تەرەپكە قاراپمۇ قويماي، ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم. « زەيتۇنە، ئېتى زەيتۇنە ئىكەن - دە ئۇ قىزنىڭ، ئېتىمۇ شۇنچە يېقىملىق ئىكەن » دەپ ئويلىدىم مەن ئاشپۇزۇلنىڭ كونا ئىشىكىنى غىچچاڭشىتىپ ئېچىپ چىقىۋىتىپ.

  - يېنىپ چىقىپلىغۇ؟ بۇ جۇۋازخانىدا ئولتۇرغىلىرى كەلمەپتۇ - دە! - قارىسام زەيتۇنە ئىكەن، ئۇ ئاق سىيامبۇغا ئورالغان بىر قۇچاق كەلگۈدەك بوغچىنى كۆتۈرۈپ بېلىقتەك ئويناقشىپ كېلىۋىتىپتۇ. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا ماڭدىم.

  - ئاپتوبۇسنىڭ ماڭىدىغان ۋاختىمۇ بوپ قالدى ئىھتىمال، مەن ماڭاي.

  مەن زەيتۇنەگە بىر خىل مۇرەككەپ سېزىم ئىچىدە تىكىلدىم. كاللامدىن: « بۇ زادى قانداق قىزدۇ؟ » دىگەن سۇئال زادىلا نېرى كەتمەيۋاتاتتى. قىز خۇددى مېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىمنى بىلمەكچى بولغاندەك ماڭا بىر خىل سىنچى نەزەر بىلەن تىكىلدى. سوغۇقتىن ۋە ئالدىراپ ماڭغىنىدىن بولسا كېرەك، چىرايى لالىدەك قىزىرىپ، چىھرى ئاپتاپتەك پارلاپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ بەكمۇ گۈزەل رۇخسارىغا تىكىلگەنسىرى كۆڭلۈمنى بىر تېگى يوق غەشلىك قاپلاپ، ھۇجۇدۇمنى نىمىشقىدۇر غەزەپكە، سەسكىنىشكە ۋە يەنە قىيماسلىققا ئوخشايدىغان بىر خىل تۇيغۇ مالىمان قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيىتتىم. ئاخىرىدا مەن بۇ قىزدىن ئۈزۈل - كىسىل نېرى بولۇش نىيىتىگە كەلدىم. زەيتۇنە يەنىلا بىپەرۋا ھەم خاتىرجەم كۆرۈنەتتى، ھەتتا ئۇ نېمىشقىدۇر خۇشال ئىدى. لەۋلىرىدە بىر خۇش تەبەسسۇم ئوينايىتتى.

  جۈرسىلە ئەمىسىە، ئاپتوبۇستىن كىيىن قالمايلى يەنە.

  مەن ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا بۇرۇلدۇم. ئۇ كۆزلىرىنى مەككارلارچە قىسىپ كۆلدى:
  
  - يەنە بىر يول بولاپ قالدۇق ئۆزلىرى بىلەن، ئەتىگەندە نېمە كۆرسەڭ كەچكىچە شۇ دەپ، مەنمۇ پەيزىۋاتقا بارىدىغان بولاپ قالدىم.

  كۆڭلۈمنى بىر مەخپى خۇشاللىق داۋالغۇتىۋەتتى.

  - بىر..... بىردەمدىلا پەيزىۋاتقا بارىدىغان، - قىز ئالدىراپ گېپىمنى بۆلىۋەتتى.

  - پەيزىۋاتتا بىر ئۇكام بار ئىدى. ھەر ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە يوقلاپ تۇرىمەن، مانا 12- ئايمۇ چىقاي دەپ قاپتۇ. بۈگۈنلا بىرىۋىتەي دەپ قالدىم.

  ئۈنچىقمىدىم. « بۇ قىز راستىنلا ماڭا قىزىقىپ قالدىمۇ - نېمە؟ مۇبادا ئاشۇنداق بولسا..... مەيلى ئەمەسمۇ؟! لېكىن.... ئەگەر ئۇ توغۇرا يولدىكى قىز بولغىنىدا ئىدى، بۇنداق بىر قىزنىڭ ماڭا كۆرسىتىۋاتقان بۇ قىزغىنلىقى مىنىڭ ئۈچۈن بىر ئامەت بولار ئىدى. ئۇ چاغدا بۇ قەدەر دىلرەبا، رەنانىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغىنىم ئۈچۈن بېشىم كۆككە يىتەر ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپمۇ قالار ئىدىم. لېكىن بۇ لەنىتى قىز مېنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى جىمىكى تاتلىق خىياللىرىمنى، تۇنجى گۈزەل تەسىراتىمنى بىتچىت قىلىۋەتتى. ئەمدى كۆزدە، كۆڭۈلدە كۆرۈپ تۇرۇپ بۇنداق بىر قىزنى ھەرگىزمۇ، ئۆلگەن جېنىمدىمۇ كۆڭۈل خانەمگە يېقىن يولاتماسلىقىم كېرەك! ھەسسىنەي، ھەتتەڭەي.....مەن دەسلىپىدە ئويلىغاندەك بىر قىز بولساڭمىغۇ - ھە، كاساپەت قىز .....» ئىچىم بىر خىل ئازاپلىق قىينىلىش ئىچىدە پۇچۇلانماقتا ئىدى. ئىشىنىمەنكى، شۇ تاپتا تەرىمدىنمۇ مۇز ياغاتتى. زەيتۇنە ئەكىسچە گويا ھىچنېمىنى سەزمىگەندەك، سەزسىمۇ ئۆزى توغۇرىسىدا قانداق خىيال ۋە قانداق تەسىراتتا بولۇشۇم ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىزدەك يەنىلا خاتىرجەم، بىپەرۋا ۋە بىر شادلىق ئىچىدە يايراپ ئېچىلىپ تۇراتتى.

  بىز ئۈنچىقماي ئاپتوبۇس بىكىتى تەرەپكە ماڭدۇق.

تولۇقلىما مەزمۇن (2011-12-26 15:38):
داۋامى بار

UID
15655
يازما
36
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
636
تىزىملاتقان
2011-9-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 21:14:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇلاق ئەپەندىم، ئەسىرىڭىزنى بەكمۇ قىزىقىپ ئوقۇپ چىقتىم، بۇ تىمىڭىزنىڭ ئىچىدە ئادەم ئويلاپ يەتمىگەن بىر ئالى جاناپ،ئىسىل يۈرەك ئىگىسى تەسۋىرلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ، بۇ زەيتۇنە خان قىز ،ئۈزى تىلەپ تاپقان شۇ پۇللىرى ئارقىلىق ئەڭ مۇھتاجلىقتا قالغان كىشىلەرگە ياردەم بىرىدىغان ، يىتىملەرگە باش پانا بۇلىدىغۇ دەيمە،بەكمۇ بىر ئوزگىچە تىما توللاپسىز. كوپ رەخمەت، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي............

UID
10174
يازما
34
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
814
تىزىملاتقان
2011-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 22:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ يەر - بۇ يەرلىرى قومۇرۇلۇپ كەتكەن تارغىنا ۋە ئوي - دوڭغۇل قاراماي يول. يولنىڭ ئىككى تەرپى قاتار- قاتار سۇۋادان تىرەكلەر، چەكسىز كەتكەن زەيكەش، شورلۇق ئېتىز،ئارىلاپ - ئارىلاپ تېخى قوناق ۋە كىۋەز شادىسى يۇغۇشتۇرۇلۇپ بولۇنمىغان ئېكىنزارلار، مۇھىت كۆڭۈلسىز، نامىرات، مۇڭلۇق. كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن، ئاراش - ئاراشلىرى سۆكۈلۈپ، تاشلاندۇق ئەسكى داسقا ئوخشاپ قالغان كونا ئاپتوبۇس ئۇزۇندىن بۇيان ئاسىرالماي تاشلىنىپ قالغان سەھرا يولىدا گاھ غىچىلداپ، گاھ بىچارىلەرچە غىڭىشىپ، گاھ تاكىراڭشىپ، يۇلقۇنۇپ چاپماقتا. ئاپتوبۇس ئىچىدە يولۇچىلار كۆپ ئەمەس، ئۇلارغا يولنىڭ شۇ قەدەر ناچارلىقى، ئاپتوبۇسنىڭ بولۇشىچە سىلكىنىپ - قېقىلىشلىرى تەسىر قىلالمايدۇ، ئۇلار ھارغىنىدىن ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۈگىدەپ ئولتۇرشىدۇ.

  زەيتۇنە بىلەن ئىككىمىز بىر ئورۇندۇقتا يانمۇيان ئولتۇرىمىز. مەن ئاپتوبۇسنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆڭۈلسىز مەنزىرىدىن ئىچىم سىقىلغاندەك بولۇپ ئىچىمگە تىنىپ ئولتۇرىمەن. ھېلىقى ئاشپۇزۇلغا كىرگىچە ئارلىقتا، ياق، توغۇرراقى ئاپتوبۇس بىكتىدە زەيتۇنەنى تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆرگىچە بولغان ئارلىقتا بۇ قىزغا نىسبەتەن يۈرىكىمدە بىردىنلا لاۋۇلداپ كەتكەن يالقۇنلۇق ئىنتىلىشلەردىن، ماڭا بىر خىل يىگىتلىك خوشاللىقى بەخىش ئەتكەن ئۈمىد - ئارزۇلاردىن ئەسەر يوق. شۇ تاپتا كۆڭلۈم ئورۇنسىز ۋە بىھۇدە چاپقىداشتىن ھارغان ئاتتەك تىنىچ ۋە بىپەرۋا. يېنىمدا ئولتۇرغان ئەلتەك، خۇشخۇي بىر ساھىپجامالنىڭ مەۋجۇتلۇقى ماڭا ھىچقانداق ھاياجان بەخىش ئىتەلمەيدۇ. كاللامدا پەقەت بۇ تىلەمچى قىز توغۇرىسىدىكى شۈبىھىلىك خىياللار كىزىپ يۈرىدۇ.

  زەيتۇنە مەندىكى تاسادىپى پەيدا بولغان جىمغۇرلۇققا ماسلىشىپمۇ ياكى ئەدەپ يۈزىسىدىنمۇ ئەيتاۋۇر خېلىغىچە گەپ - سۆز قىلماي ئۇدۇلىغا تىكىلگىنىچە جىمجىت ئولتۇردى. تەبىئىتىدىن بۇنداق جىمغۇر ۋە كۆڭۈلسىز ھالەتكە كۆنەلمىسە كېرەك. بىر چاغدا ئۆزلىكىدىن ئېغىز ئېچىپ قالدى:

  - بىر نېمە دەپ بەرمەملا مۇخبىر؟ ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتتى. يولنى پىشكە قىسقارتىلى.

  مەن قىزغا پەرۋاسىزغىنە قاراپ قويدۇم:
  
  - دىگۈدەك نېمە گەپ باركىن - تاڭ؟

  قىز ئادىتى بويىچە قەشقەرچە قىلىپ نەپسىنى ئىچىگە بىر تارىتتى. بۇ ئۇنىڭ ھەيرانلىقىنى بىلدۈرگىنى ئىدى:

  - ئىھ؟ ئۈرۈمچىدەك چوڭ يەردىن كەلگەن يوغان بىر مۇخبىرنىڭ دەپ بەرگۈدەك گېپى بولمامدا؟

  مەن كۈلۈمسىرىدىم:

  - مۇخبىر دېگەن سۆزلەشتىن كۆرە ئاڭلاشنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ، ئاڭلاشنى بىلمىگەن ئادەم مۇخبىر بولالمايدۇ، قىزچاق، قېنى سىزدىن ئاڭلايلى.

  زەيتۇنە كۈلۈمسىرگىنىچە ياقىسىنى تۇتۇپ بېشىنى چايقىدى:

  - توۋا خۇدايىم. گەپلىرى نىمانچە قىژمەت سىلىنىڭ. مۇخبىر دېگەن ساپلا خەقنى كولدۇرلىتىپ گەپكە سېلىپ ئۆگىنىپ قالغان خەق ئوخشايدۇ - ھە؟

  - ياقەي، خاتا چۈشىنىپ قالماڭ، راسلا سىزگە دەپ بەرگۈدەك گېپىم يوق.

  زەيتۇنە ئۈمىدسىزلەنگەندەك بېشىنى چايقاپ قويدى:

  - بولاپتۇ ئەمىسە. مەن گەپ قىلىپ بىرەي، بىكار ئولتۇرغاننىڭ ئورنىدا. قايلىسام ئەسنىگىلى تۇرىۋاتىلا ھېلىتىن.

  زەيتۇنە قۇچىغىدىكى بوخچىنى يۇقىرراق قىمداپ قويۇپ، كۆكىرىكىنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇلغا تىكىلدى ۋە ئۆز - ئۆزىگە سۆزلىگەندەك:

  - نېمە دەپ بەرسەم بولا؟ بولاپتۇ ئۆزەم توغۇرىسىدا سۆزلەپ بىرەي. سىلىنىڭمۇ ئاڭلىغىلىرى كېلىدىغىنى شۇ، دېسەم - دېمىسەم، - دېدى ۋە بىردىنلا مۇڭلىنىپ قالدى. ماڭا كېرىكىمۇ شۇ ئىدى. لېكىن شۇ دەمگىچە ئوڭايسىز تۇيۇلۇپ ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە بىرەر نەرسە سوراشقا پېتىنالمىغانىدىم. شۇڭا، مەن دېمىمنى ئىچىمگە تارتىپ، پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىغا تىكىلدىم.

  قىز بىر ھازاغىچە سۈكۈتكە چۈمۈپ قالدى. ئۇنىڭ ئاشۇ بوتا كۆزلىرى تۇرۇپلا چاڭلىشىپ، خىرەلەشكەندەك بولدى. سۈكۈت ماڭا بەكمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى. مەن تاقىتىمنى زورىغا بېسىپ ئۈنچىقماي ئولتۇرىۋەردىم.

  - بىر قىز بالىغا ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلماق بەك تەس ئىكەن، بولاپمۇ سىلىدەك ئەر خەققە. يانا كىلىپ سېلى بىر مۇخبىر ئىكەنلا، - قىزنىڭ ئاۋازى بىردىنلا پەسلەپ كەتتى. چېھرىنى مەن ئۇچىراتقاندىن بېرى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان بىر خىل مەيۈسلۈك قاپلىدى. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى، - مەن سىلىگە سۆزلەپ بېرەي، ئەمما يېزىپ يۈرمىسىلە، ئۆتۈنۈپ قالاي. قەشقەر دېگەن كىچىك يەر. ماڭا بىئەپ بولىدۇ جۇما؟

  مەن گېلىمنى تەسلىكتە قىردىم:

  - خاتىرجەم بولۇڭ، ھەرگىزمۇ سىزگە مالاللىق كەلتۈردىغان ئىشنى قىلمايمەن.

  ئۇ: « گەپلىرىگە ئىشەنسەم بولامدۇ؟ » دىگەندەك قىلىپ ماڭا « لاپپىدە » بىر قاراپ قويدى ۋە چوڭقۇر تىنىۋېتىپ، مەندىن نەزەرىنى ئاغدۇرۇپ ئۇدۇلغا تىكىلدى.

  - مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىم ھېكايىلەردە يېزىلغىنىغا بەكمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن بۇنى ھەرگىز ھېكايىگە ئوخشۇتۇپ قالمىسىلا، مۇبادا بۇلارنى « ھېكايە » دىيىشكە توغۇرا كەلسە، بۇلار مېنىڭ كۆز يىشىمدىن، يۈركىمدىن سىرغىپ چىققان زەرداپتىن يېزىلغان ھېكايە. بۇلارنى بەكمۇ زىغىرلاپ ئېيتىپ ئولتۇرماي، ئۇلارنى ئەسلىگىممۇ، سۆزلىگىممۇ كەلمەيدۇ. ئاشۇ كۈنلىرىم كۆز ئالدىمغا كەلسىلا يۈركىمگە ئاغىرىق كىرىپ كېتىدۇ. ئادەمنىڭ، يەنە كېلىپ مېنى تاپقان ئۆز دادامنىڭ شۇ قەدەر رەھىمسىزلىكىگە، شەپقەتسىزلىكىگە گاھىدا ئۆزۈممۇ ئىشىنەلمەي قالىمەن! لېكىن ئىشەنمەي دېسەم ئامالىم يوق. بەدىنىمدە مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ قالغان ھىساپسىز تاياق ئىزى ۋە تارتۇقلار بۇنىڭغا گۇۋاھ! ياق، بۇنىڭغا ئاللاھ گۇۋاھ! يەر گۇۋاھ! ئاسمان گۇۋاھ! قۇلۇم - قوشنا، ئۇرۇق - تۇققانلار گۇۋاھ! مەكتىپىم، ساۋاقداشلىرىم، مۇئەلىمىم گۇۋاھ!.... مۇبادا سېلى ئايال كىشى بولسىلىرى بەدىنىمنى كۆرسىتەر ئىدىم. بۇلارنى دادام قىلغان. ئاشۇ ئۆز دادام قىلغان.

  مەن ئون ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى ئانام تۈگەپ كەتتى. ئانامنىڭ يىلىنى ئۆتكۈزۈپ بىر يىلدىن كىيىن دادام ئۆيلىنىۋالدى. دادام يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كاتىپى ئىدى. يېزا باشلىقىنىڭ ئىككى - ئۈچ ئەرگە تىگىپ چىققان بىر سىڭلىسىغا ئۆيلەنگەنىدى. مەن بىر تاللا يالغۇز بالا ئىدىم. ئانام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ماڭا بۇ دۇنيادا باشپاناھ بولىدىغان بىردىنبىر يېقىن ئادىمىم ئىدى. چۈنكى دادام ۋە ئاناملارنىڭ بۇ يۇرىتتا ھىچقانداق ئۇرۇق - تۇغقىنى يوق ئىدى. دادام ئۇ خوتۇننى ئۆيگە ئەكەلگەندىن كىيىن مەن ئۆز ئۆيۈمدە، ئاشۇ ئۆز دادامنىڭ ئالدىدا ئىتنىڭ كۈنىگە قالدىم. ئۇ خوتۇن كېلىپلا مەن بىلەن قېرىشىپ قالدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرساممۇ، ماڭساممۇ، تاماق يىسەممۇ، ئۇخلىساممۇ ئىشقىلىپ نېمىلا قىلسام گۇناھ ئىدى. تىللايىتتى، چىمدىۋالاتتى، ئاچ قوياتتى، بەزىدە يوغان تاياق بىلەن ئۇراتتى. دادام دەسلىپىدە مېنىڭ يېنىمنى ئالغاندەك قىلىپ مېنى ھىمايىمۇ قىلدى. لىكىن ئۇ خوتۇن مېنى چېقىۋەرگەندىن كىيىن ياق، دادام ئۇ خوتۇندىن قورقىدىغان بولغاچقا، ئاخىرى بېرىپ نېمىلا قىلسا ئۈنچىقمايدىغان بولىۋالدى. نېمىشقا دېسلىرى، ئۇ خوتۇن بەكمۇ ئازازۇل، پىخسىق، بىشەم، ئىچى تار، زەھەرخەندە خوتۇن ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇ يېزا باشلىقىنىڭ سىڭلىسى ئىدى. دادام يېزا باشلىقىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالسام، زەربە بېرىپ، ئۆچ ئېلىپ مېنى يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن قوغلىۋېتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەيتتى.

داۋامى بار

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش