كۆرۈش: 14128|ئىنكاس: 44

زەيتۇنە( پوۋىسىت )     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10174
يازما
34
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
814
تىزىملاتقان
2011-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 16:38:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                                  زەيتۇنە
                                                                                 (پوۋسىت)

                         (مۇھەممەت باغراشنىڭ << شوپۇرنىڭ چۈشى >> نامىلىق پوۋسىتلار توپلىمىدىن ئېلىندى )


1
ئالى مەكتەپنى يېڭىلا پۈتتۈرگەن يىلىم ئىدى. تەقسىم قىلىنغان ناھىيىگە بارغۇم كەلمىدى. ئۈرۈمچىدە مېنى دەررۇ ئىلىپ قالغۇدەك ئىدارە چىقمىدى. ئەدەبىياتتا ئوقۇغان ئىدىم. ئوقۇش جەريانىدا خېلى نۇرغۇن شىئېر، نەزىريىۋى ماقالە قىلىپ، بىر قانچە تەھرىر بۆلۈملەرگە تونۇشلۇق بولۇپ قالغان ئىدىم. ئۇلارغىمۇ قاتىراپ باقتىم. لىكىن ھەممىسىلا دىگۈدەك << ئېلىشنىغۇ ئالاتتۇق، لىكىن بۇ يىلقى شىتات كۆرسەتكۈچىنى ئىشلىتىپ بولدۇق، كىلەر يىللىق شىتات كۆرسەتكۈچى چۈشكىچە كۈتۈڭ >> دەپ قايتۇرۇشتى.

شۇنىڭ بىلەن يا تەقسىم قىلىنغان ناھىيىگە بارماي، يا ئۈرۈمچىدە ئىش تاپالماي جەمئىيەتتىكى ئىشسىزلار قاتارىغا كىرىپ قالدىم. مىنىڭ سەرسانلىق، سەرگەردانلىق ھاياتىم مانا مۇشۇنداق باشلاندى.

ئەل- ئاغىنىلەرنىڭ ياتاقلىرىدا يىتىپ- قوپاتتىم. تامىقىم ئۇدۇللۇق ئىدى. نەدە تاپسام شۇ يەردە يەيتىم. تاپالمىسام ئاچ يۈرەتتىم. تىقىشتۇرۇپ ساقلاپ يۈرگەن پۇللىرىممۇ تۈگىدى. بەزىدە يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈپ بىرەتتىم. قەلەم ھەققى يوقنىڭ ھىسابىدا ئىدى. ئاشۇ ئازغىنا قەلەم ھەققى مېنىڭ بىردىنبىر كىرىمىم ئىدى..... مەن لىۋىمنى چىشلەپ يىلنىڭ توشۇشىنى كۈتەتتىم. يىڭى يىلدا يېڭى شىتات كۆرسەتكۈچى تەقسىم قىلىنسا بىر ئامال قىلىپ بىرەر تەھرىر بۆلۈمىگە ئورۇنلىشىۋىلىش خىيالىم بار ئىدى.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر ژورنال تەھرىر بۆلۈمى مىنى ئۇشتۇمتۇت چاقىرىپ قالدى. ئۇلار كىلەر يىلىغا ئاتاپ سەنئەت كالىندارى نەشىر قىلغانىكەن. بۇ كالىندارنى جەنۇبى شىنجاڭغا ئاپىرىپ سىتىپ كېلىش ئۈچۈن ئادەم كىرەك بولۇپ قاپتۇ. تۇرمۇش پۇلى ۋە ياتاق بىلەن تەمىنلەيدىكەن. مەن خۇشاللىق بىلەن رازى بولدۇم. چۈنكى تۇرمۇشۇم مەلۇم ۋاقىت بولسىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولاتتى. ئوبدانراق ئىشلەپ ئۇلاردا ياخشى تەسىر قالدۇرسام، مۇشۇ تەھرىر بۆلۈمىگە ئورۇنلۇشۇو قىلىشىممۇ مۇمكىن ئىدى.

تەھرى بۆلۈمنىڭ كالىندار سېتىش ئىشى بىرلا ماڭا قاراشلىق تۇرغاندەك ھالدا ئىكەن. مەن ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ ئۈچۈنچى كۈنىلا ، كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن << 212 >> تىپلىق كىچىك ماشنىغا تېڭىق- تېڭىق كالىندارنى بېسىپ جەنۇبى شىنجاڭغا يۈرۈپ كەتتۇق. ياق << كەتتۇق >> ئەمەس، << كەتتىم >>. چۈنكى ماشنىدا شوپۇر ئۇستام بىلەن ئىككىمىزلا، ئۇ ماشنىغا مەسئۇل، مەن كالىندارغا. تەھرىر بۆلۈمى قولۇمغا تەھرىر بۆلۈمىنىڭ تولۇق ھوقوقلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان كىملىك ۋە شۇ ژورنالنىڭ مۇخبىرلىق كېنىشكىسىنى بەرگەن ئىدى. مەن مۇشۇ نەرسىلەرنى قولۇمغا ئىلىپ ماشنىغا چىقىۋاتقىنىمدا پەقەت ئەمدىرەكلا ئۆزۈمنى مەن ياشاۋاتقان مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قالدىم. ئويلاپ باقسام، ئادەمدىكى ئىجىتمائى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىلا شۇ كىشىنى : << مەن مۇشۇ دەۋىرنىڭ، مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى، ھاياتنىڭ ئىشتىراكچىسىمەن >> دەيدىغان سىزىمگە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ تىرىك، ھەركەتتىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىكەن. سەن بىر ئەمەس، ھەتتا بىر قانچە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولساڭمۇ، زىممەڭدە بىرەر ئىش توغۇرىسىدا بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەت بولمىسا سەن ئەدناسى ئۆزۈڭنى بۇ دۇنيا بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق ئادەمدەك سىزىدىكەنسەن. بۇلار مىنىڭ بەش- ئالتە ئايلىق سەرگەردانلىق ھاياتىم جەريانىدا ئىگە بولغان يەكۈنۈم ئىدى.

بىز ( شوپۇر ۋە مەن ) ھەر بىر ناھىيىدە دىگۈدەك ئىككى- ئۈچ كۈندىن توختاپ، ئون يەتتە- ئون سەككىز كۈن بولدى دىگەندە قەشقەرگە يىتىپ كەلدۇق. كالىندارلارنى يول بويى تارقىتىپ ماڭغان بولساقمۇ، قەشقەرگە يەنە سەككىز- ئون تېڭىق كالىندار ئېشىپ قالدى. قەشقەردە ئۈچ- تۆت تېڭىقنى تارقاتتىم. يېڭى يىل يىقىنلىشىپ كەلمەكتە ئىدى. قولۇمدىكى كالىندارلارنى ناھايىتى تىزلىكتە تارقىتىۋەتمىسەم يىل ئۆرۈلۈپ كىتىپ قالسا، ئۇلارنى ھىچكىم ئالمايتتى. ئۇ چاغدا تەھرىر بۆلمىگە بىر مۇنچە پۇل زىيان بولاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تەھرىر بۆلۈمى تاپشۇرغان ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىغان بولاتتىم- دە، ئۇلار مىنىڭ سەمىمىيىتىم ۋە ئىقتىدارىمدىن شۈبىھىلىنىپ قالاتتى، نەتىجىدە مىنىڭ ئاشۇ تەھرىر بۆلۈمىگە ئورۇنلىشىش ئىشىم سۇغا چىلىشاتتى. مۇشۇ خىياللار مىنى بىئارام قىلاتتى.

كالنىدار ياخشى ئىشلەنگەن بولۇپ، نەپىس، قىزىقارلىق ۋە مول مەزمۇنلۇق ئىدى. كۆرگەنلا ئادەم:<< پاھ- نېمىدىگەن ئېسىل- ھە ؟ ! >> دىيىشەتتى. ئەمما قولىغا ئىلىپ كۆرۈپ باقىدىغان ئادەم كۆپ، پۇل سانايدىغان ئادەم ئاز ئىدى. مەن بازارمۇ- بازار، گۈزەرمۇ- گۈزەر قاتىراپ يۈرەتتىم. ساۋاقداشلىرىمغا، تونۇش- بىلىش، ئاغىنە- بۇرادەرلەرگە خىزمەت ئىشلەيتىم، يالۋۇراتتىم. ئۇلار مىنىڭ ھالىمنى چۈشىنەتتى - دە، ۋىلىسپىتلىرىنىڭ ئارقىسىغا بىرەر تېڭىقتىن كالىندارنى ئارتىشىپ مەھەللىمۇ- مەھەللە، يىزىمۇ- يىزا، ئىدارىمۇ- ئىدارە چاپاتتى.

مەن بىرەر ئاي بولا- بولمايلا مۇكەممەل بىر << ۋەكالىتەن مال ساتقۇچى >> بولۇپ يىتىشىپ چىقتىم. ئەدەبىياتتىكى بېلىمىم، شائىرانە ناتىقلىقىم ئەسقاتتى، ماللىرىمنى ماختاشقا، خىرىدارلىرىمنى شىلاشقا، تەرسالىرىنى زورلاشقا تولىمۇ ئۇستا بولۇپ كەتتىم. قىرىق- ئەللىك تېڭىق كالىندارنى قولدىن چىقارغىچە تولا جاۋىلداپ كالپۇكۇمنىڭ بىر قات تېرىسى چۈشۈپ كەتتى. << ھەر نىمە قىلساڭ، بىر نىمە قىل >> دىگەندەك، يىڭى يىلغا ھەپتە قالغاندا قولۇمدىكى كالىندارلارنى ئاساسەن تارقىتىۋەتتىم. پەقەت بىر تېڭىق كالىندار ئېشىپ قالدى.

تارقىتىشنىغۇ تارقىتىۋەتتىمۇ، لىكىن كۆپلىرىنى نىسىگە بەرگەنىدىم. نەق پۇل بەرگەنلەر بەك ئاز ئىدى. ئاخىرى بولماي ماشنىنى ئۈرۈمچىگە قايتۇرۋىتىپ، ئۆزۈم قەشقەردە قىپقالدىم. ماشنىنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈشكە ماجالىم يەتمەيتى. خەقنىڭ گەدىنىدە قالغان پۇلنى يىغىۋىلىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كىتىدىغانلىقى ھەققىدە بىر نىمە دىمەك تەس ئىدى، بىر ئادەمنىڭ چىقىمى بولسىمۇ ئازايمىسا بولمايتتى، بولۇپمۇ ماشىنا تۇرىۋەرسە قولغا چۈشكەن پۇلنى ئۇدۇللۇق ماي ۋە رىمونىت پۇلىغا سىلىپ بىرىشكە مەجبۇر بولاتتىم.

ماشىنا قايتىپ كەتتى. ئۆزۈم يىگانە قالدىم. كالىندارنىڭ پۇللىرى بولسا يىغىلمايۋاتاتتى. بەزى ئىدارىلەر مۇددەتكە بۆلۈپ بىرەيلى دەپ تۇرىۋالدى. بەزىلىرى يىڭى يىللىق خىراجەت پۇلىدىن بىرىمىز دەپ پەقەتلا بەرگىلى ئۇنىمىدى. ئاخىرى شۇلارنىڭ دىگىنىگە كۆنمەي بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قەشقەردە << لەڭگەر تاشلاپ >> ياتتىم. تەھرىر بۆلۈمىدىن خىراجەتكە ئاجىرتىپ بەرگەن پۇل ئاللىقاچان تۈگىگەندى. نىمىشقىدۇر ئۇلار مىنى ئۇنتۇپ كىتىشكەندەك ياكى پۇل ئىۋەتىشمەيدۇ، ياكى خەت- خەۋەر.

ئۈچ ۋاخ تامىقىم ئۈچۈن كۈندە ئاز دىگەندە سەككىز- ئون سوم كىتەتتى. ياتاق ئۈچۈن ئون- ئونبەش سوم، يەنە ئەتىراپتىكى ناھىيىلەردىكى قەرىزنى سۈيلەشكە ئاپتوبۇس كىراسى، تىلىفون ھەققىمۇ بار تېخى. قىسىپراق ھىساپلىسام ماڭا كۈنىگە ئاز بولغاندىمۇ يىگىرمە ئوتتۇز سوم بولمىسا بولمايتتى. يانچۇقۇممۇ قۇرۇپ قالغىلى قوپتى. ئىككى ۋاخ تاماققا چۈشۈپ قالدىم. بەزىدە پۈتۈن كۈنلەپ ئاچ قالاتتىم. ھەممىدىن ياتاقنىڭ ئىشى چاتاق ئىدى. كۈنلۈكىنى كۈنلۈك تاپشۇرمىسام بولمايتتى. ئاخىرى بىر چارە ئويلاپ تاپتىم- بىر مىھمانخانىغا بارىمەن- دە، ئۆزۈمنىڭ تەھرىر بۆلۈمى يىزىپ بەرگەن كىملىكى بىلەن مۇخبىرلىق كىنىشكامنى كۆرسىتىمەن ۋە ئۇلارغا << زىيارەت ئۈچۈن كەلگەنمەن، پۇلۇم تۈگەپ كەتتى، تەھرىر بۆلۈمىمىز پۇلنى ماڭغۇزىۋىتىپتۇ، يا بۈگۈن، يا ئەتە يىتىپ كىلىدۇ، پۇل كەلگىچە نىسىگە يىتىپ تۇراي ! >> دەيمەن. مەن پەقەت << مۇخبىر >> بولغۇنۇم ئۈچۈنلا ئۇلار تەستىرەك ماقۇل بولىشىدۇ. ئورۇنلىشىۋالغاندىن كىيىن مىنىڭ << ئەتەم >> تۈگىمەيدۇ، ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ بەش- ئالتە كۈننى ئۆتكۈزىۋالىمەن- دە، بىر كۈنى بولغاندا مىھمانخانا بىلەن << خوشلاشماي >> لا << غىپپىدە >> تىكىۋىتىمەن ۋە باشقا بىر مىھمانخانىدىكى << مىھماندارچىلىق >> ىمنى باشلىتىۋىتىمەن. شۇنداق قىلىپ شەھەر ئىچىدىكى مىھمانخانىلارنى بىرەر قۇردىن كوملاپ بولدۇم. پۇلنى تېخى يىغىپ بولالمىغاندىم. قەشقەردە يەنە قانچىلىك تۇرۇپ قىلىشىمنى بىلمەيتىم. ئاخىرى مەن شەھەر سىرتىدىكى مىھمانخانىلارغا << يۈزلىنىشكە >> مەجبۇر بولدۇم.

( داۋامى بار )

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

قەتئىلىك ئەرلىك

UID
3268
يازما
130
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3100
تىزىملاتقان
2010-7-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 10:47:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسىل ئەسەر ئىدى بۇ ! سابىق مۇنبەرلەردە مۇشۇ پوۋىستقا يېزىلغان " ئاھ زەيتۇنە !" ناملىق بىر ماقالىمۇ بۇلىدىغان . ئاشۇ ماقالىنى ساقلاپ قويغانلار بولسا يوللاپ قويساڭلار ، قىزلىرىمىز  چۈشىنىپ بىر كۈرۈپ باققان بولسا ؟!

UID
10969
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
124
تىزىملاتقان
2011-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 22:49:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ قىرىندىشىم! ئاۋال يىشىڭىزنى سۈرتۈڭ- دە، قىممىتى بار تىمىلارنى يوللاشقا تۇتۇش قىلىۋىرىڭ.سىز  ئىڭىكىڭىزنى يۆلەپ  تىمىڭىزنىڭ تەستىقلىنىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرمىسىڭىزمۇ، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەستىقلىنىۋىرىدۇ.

UID
10969
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
124
تىزىملاتقان
2011-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 22:59:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە،راسىت،شىراق قىرىندىشىم،‹‹زەيتۇنە››ناملىق بۇ ئەسەرنى نىمە مەخسەتتە يوللىغانلىقىڭىزنى ئىيتىپ بىرەلەمسىز؟

UID
10174
يازما
34
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
814
تىزىملاتقان
2011-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 23:38:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەردىكى بىر قىسىم جەمئىيەت، تۇرمۇش، ياخشىلىق، ئەخلاقى پەزىلەت توغۇرىسىدىكى بايانلارنى ئوقۇغان كىشى مىنىڭ نىمە مەخسەتتە بۇ ئەسەرنى يوللىغانلىقىمنى بىلىۋالالايدۇ.. ئىنكاسىڭىزغا رەخمەت قىرىندىشىم..

دائىملىق ئەزا

ئىملا ساقچىسى!

UID
4227
يازما
651
تېما
26
نادىر
0
جۇغلانما
19703
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
75 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 17:22:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق مەقسەتتە يوللانغانلىقى بىلەن ھېسابلاشمايمەن، بۇ پوۋېستتىكى ئەر باش پېرسۇناژنىڭ قىسمەتلىرى مېنىڭ ھەق رەھمىتىدىكى بىر دوستۇمنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنىڭ بىر قەدىمىگە بەكمۇ ئوخشايدۇ!
داۋامىنى كۈتىمىز شىغاك ( شىراق) بۇرادەر!

UID
10174
يازما
34
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
814
تىزىملاتقان
2011-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-10
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 01:04:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى << يارباغ >> مىھمانىخانىسىدىكى << مىھماندارچىلىق >>ىمنى تۈگۈتۈپ يىنىپ چىقتىم. ئەمدىكى نىشانىم << سەمەن >> مىھمانخانىسى ئىدى.سومكامنى كۆتۈرۈپ سەمەن تەرەپكە يول ئالدىم. خىيال بىلەن كىتىۋاتسام ئارقامدىن بىر ئات ھارۋىسى يىتىشىپ كەلدى، قارىسام كىرا ھارۋىسى ئىكەن. << توسايمۇ- توسىمايمۇ >> دەپ ئىككىلىنىپ توختاپ قالدىم. ئاڭغىچە ھارۋىكەش ھارۋىسىنى ئۇدۇلۇمغا ئەكىلىپ توختاتتى. مەن نىرى- بىرىسىنى ئويلاپ تۇرمايلا ھارۋىغا سەكىرەپ چىقىپ، ئالدى يان تەرەپكە جايلىشىۋالدىم. ياخشى بېقىلغان تورۇق ئات قاتىراپ يۈرۈپ كەتتى. مەن ھارۋىكەشكە يەر تېگىدىن سەپ سالدىم. ھارۋىكەش قىرىقبەش- قىرىق ئالتە ياشلاردىكى قاڭشارلىق كەلگەن، كۆزلىرى كۆك ۋە ئىچكىرى، ئۆڭى ئاق-سىرىق، چاشقان بۇرۇت ئادەم ئىدى. ئۇ چاپىنىنىڭ ئالدىنى ئېچىۋەتكەن ئىدى. خالتا كوڭلىكىنىڭ ياقىسىمۇ ئوچۇق ئىدى. ياقىسىنىڭ ئوچۇق يىرىدىن ئۇنىڭ سېرىق بۈدۈر تۈك قاپلاپ كەتكەن قىزغۇچ ۋە توخۇ ئەت مەيدىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ ياغلىشىپ كەتكەن دولان تۇمىقىنى نوچىلارچە قىيسايتىپ كىيىۋالغان ئىدى. مەن بۇ ئادەمگە سەپسىلىۋىتىپ: << كىراغا قانچە پۇل سورار، بۇ ھارۋىكەشكە قانداق تاقابىل تۇرسام بولار ؟ >> دىگەنلەرنى ئويلايىتتىم. ئۇنىڭ تەققى- تۇرقىدىن شەھەرنىڭ تازا ياغلىمىچى، كۆرەڭ ۋە قىتمال ھارۋىكەشلىرىدىن ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. بۇنداق ئادەملەرگە ئوڭاي تاقابىل تۇرغىلى بولمايىتتى.

_ نەگىرەك ئاپىرىپ قويىمەن يىگىتنىڭ گۈلى؟ _ دېدى ئۇئادەم باش- ئايغىمغا ياراتمىغاندەك بىر خىل نەزەردە قارىۋىتىپ.

مەن شۇنى كۈتۈپ تۇرغانىدىم. ئالدىردپ جاۋاپ بەردىم:
_ سەمەن مىھمانخانىسىغا...... نەچچە ؟

_ ئۇ ئالتۇن چىشلىرىنى پارقىرتىپ ھىجايدى:
_ ئەرزان دەيمەن، يوقنىڭ ئورنىدا.

مەن قەشقەرلىكنىڭ << ئەرزان >> ىنى بەك ئوبدان چۈشنەتتىم. ئۇنىڭ ئاشۇ گېپى بىلەن يېنىمدىكى يوقنىڭ ئورنىدىكى پۇلنىڭ غىمىگە چۈشتۈم. << پىيادىلا بارسام بولغانىكەن، ئەتتەڭەي ....>> دەيىتتىم ئىچىمدە. شۇ ئەسنادا ھارۋا ئالدىمىزدا كىتىپ بارغان بىر قىزغا يىتىشىپ قالدى. ئۇ قىز بىر چوڭ سومكىنى كۆتۈرىۋالغانىدى. سومكىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئۇنىڭ سومكىنى تەستە كۆتۈرۈپ كىتىۋاتقىنى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

قاتىراپ كىتىپ بارغان ئاتنىڭ ئاياغ تىۋىشى ۋە ئاتنىڭ بونىغا ئېسىلغان قوڭغىراقلارنىڭ كوچىنى بىر ئالغان << جاراڭ- جۇرۇڭ >> ىنى ئاڭلىغان قىز ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، كىلىۋاتقان ھارۋىغا قاراپ توختاپ قالدى. ھارۋىكەش ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا بىرىپ ھارۋىنى توختاتتى.

_ چىقىۋالسىلا چىرايلىق قىز، جاپا تارتىپ قاپلا. _ ھارۋىكەش ئۇ قىزغا قارىماي ئاتنىڭ تەردىن ھۆللۈنۈشكە باشلىغان تۇخۇمدەك ساغىرىسىغا تەشۋىشلەنگەندەك قارىۋىتىپ، قىزغا مۇراجەت قىلدى.

قىز قولىدىكى سومكىنى سۆرىگەندەك تەسلىكتە كۆتۈرۈپ ھارۋىغا يىقىنلاشتى. مەن ئىختىيارسىز ھارۋىدىن سەكىرەپ چۈشۈپ قىزنىڭ قولىدىكى سومىكنى ھارۋىغا ئالدىم. مەن سومكىنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىۋاتقىنىمدا ئۇ قىز ماڭا << لاپپىدە >> بىر قاراپ قويدى. مەن پەقەت شۇندىل بۇ قىزنىڭ ئادەم ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە چىرايلىق قىز ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. شۇ ھامان يۈرىكىمنى ئىللىق بىر سىزىم قۇچقاندەك قىلىپ، نەچچە ئايلىق سەرسان ھاياتنىڭ دىشىۋارچىلىقىدا ئۈگىدەپ قالغان يىگىتلىك سىزىملىرىم چۆچىگەندەك قىلدى.سومكا راستىنلا ئېغىر ئىدى. ئاغزى ئوچۇق سومكا ئارقا سان گۆش، تۇخۇم، نان، كۆكتات ۋە يەنە ئاللىقانداق نەرسىلەر بىلەن لىق توشقان ئىدى. سومكىدا يەنە ئىككى- ئۈچ پارچە نىپىزرەك كىتاپ تۇراتتى. مەن سومكىنى ھارۋىغا تاشلاپ، ئۆزۈممۇ ھارۋىغا سەكىرەپ چىقتىم. قىز ئىنتايىن چاققانلىق بىلەن ھارۋىغا << لىككىدە >> قىلىپ چىقىۋالدى ۋە ماڭا يىقىنراق جايلىشىپ ئولتۇرۋىتىپ، ماڭا قاراپ ئىللىققىنە كۈلۈمسىرەپ قويدى. قىزنىڭ ھارۋىغا چىققان ۋاقىتتىكى ئاجايىپ نەپىس ھەركىتى ۋە ئۇنىڭ بايىقى تاتلىق تەبەسسۇمى نىمىشقىدۇر ماڭا چۈشنىكسىز بىر خوشاللىق بەخىش ئەتتى. مەن قىزغا خۇددى باشقىچىلا قىخرىپ پىشقان بىر تال ئالمىغا ھەۋەسلىنىپ قارىغاندەك ئىشتىياق ئىچىدە سەپسىلىشقا باشلىدىم.

قىز ئون سەككىز، ئون توققۇز ياشلاردا كۆرىنەتتى..قامىدەك قاپقارا ۋە قويۇق چاچلىرىنى سىپتا تاراپ بېشىنىڭ ئارقىسىغا تۈگۈۋالغانىدى. قاش- كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇزۇن، ئىنچىكە ۋە قارا قاشلىرى يۇقۇرغا قايرىلىپ تۇراتتى. قويۇق ۋە ئۇزۇن كىرپىكلىرى كۆزىگە سايە تاشلىغانىدى. ئېقىپ چۈشكەندەك تۈز، ئىنچىكە، لىكىن ئوتتۇرىسى سەلگىنە ئېگىز كەلگەن بۇرنىنىڭ ئاستى يۇپقا، يۇنۇران تۈكلەر بىلەن سەلگىنە كۆكۈرۈپ تۇراتتى. ئېچىلىشنى تېخى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ياش غۇنچىدەك پاكىز، قىزغۇچ ھالرەڭ ۋە يۇمۇران لەۋلىرى ھېقىقتەك يالتىراپ تۇراتتى. سەلگىنە توزۇپ قالغان بۈدۈر چاچلىرىنىڭ ئارىسىدا ماراپ تۇرغان چۆچۈرىدەك كىچىككىنە قۇلاقلىرىدىن، سارغۇچراق، سىلىق، ئىنچىكە بوينىدىن، يۇپيۇمۇلاق ۋە يۇمۇران ئېڭكىدىن كىشنىڭ ئىچىنى كۈيدۈرگۈدەك دەرىجىدىكى بىر خىل يېقىملىق گۈزەللىك بالقىپ تۇراتتى. << ھەقىقى قەشقەر گۈزىلى >> دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە.

قىز مىنىڭ تەرسالارچە قادىلىشىمدىن ئەيمىنگەندەك قاپقارا، نۇرانە ۋە كۈلۈپ تۇرىدىغان چىرايلىق كۆزلىرىنى كۆزۈمدىن قاچۇرۇپ يەرگە قارىۋالدى. مەن نىمىشقىدۇر بىر خىل كۆڭۈل ئۈزۈكچىلىكىدە چوڭقۇر بىر تىنىۋەتتىم.

_ ئۆزلىرىنى نەگە ئاپىرىپ قويىمەن، خېنىم؟

باياتىدىن بىرى ئاتنىڭ تۆشلۈكىنى بىردەم چىڭىتىپ، بىردەم بوشۇتۇپ يۈرگەن ھارۋىكەشنىڭ ئاۋازى جىملىقنى بۇزدى.

قىز مىنىڭ مۈرەمدىن نەزىرىنى ئارتىلدۇرۇپ ھارۋىكەشكە بوينىنى سوزۇپ جاۋاپ بەردى.

_ سەمەنگە، ماددى ئەشيا ( ماددى ئەشيا ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا دىمەكچى بولسا كىرەك ) نىڭ يېنىغىلا.....

_ ئىككىلىرى بىر يەردە چۈشىدىكەنلا _ دە ، _ ھارۋىكەش ھارۋىغا تايانمايلا چىقىۋالدى ۋە ھارۋىنى قوغىدى. قىز ھارۋىكەشنىڭ گىپى بىلەن ماڭا تەئەججۈپ ئارىلاش قاراپ كۈلۈپ قويدى.

_ ئۆيىڭىز شۇ يەردىمۇ؟ _ سورىدىم مەن قىدىن گەپ تەمە قىلىپ. قىز سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەي، سۇئال قويدى:

_ سىلىنىڭ نەدىن كىلىشلىرى؟

مەن شۇندىلا ئۇنى << سىزلەپ >> خاتا قىلغىنىمنى سەزدىم. قەشقەرلىكلەرنىڭ ھەر قاندىقى << سىلى >> دەيدىغانلىقى يادىمدىن چىقىپتۇ.

_ ئۈرۈمچىدىن، سەمەنگە ئىش بىلەن ماڭدىم.

قىز ئۈن- تىنسىزلا باش- ئايىغىمغا بىر قۇر سەپسالدى.

<< ئوغىرى دەپ گۇمان قىلىۋاتامدىكىن مىنى >> دەپ ئويلاپ قالدىم شۇ ھامان. چۈنكى مىنىڭ ئۈرۈمچىدە كىيىپ چىققان چوپان چاپىنىم، چوپان ئىشتىنىم بىر ئىككى ئايدىن بۇيان سۇ كۆرمىگەچكە، قاسساپنىڭ پەشتامىسىدەك قاسماقلىشىپ، ئۆز رەڭگىدىن قالغانىدى. << ساياھەت ئايىغى >> دەپ ئاتىلىدىغان ئاق مودا ئايىغىممۇ چورۇققا ئوخشاپ قالغانىدى. چاچلىرىم نەچچە ئايلاپ ياستىلمىغاچقا، قۇلاقلىرىمنى بېسىپ يەلكەمگە تىگەي دەپ قالغانىدى. ئانچە يىرىك بولمىسىمۇ، بەكمۇ قويۇق ئۆسكەن ساقال-بۇرۇتلىرىم مىنى چوڭلا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.

مەن سەل خىجالەت بولدۇم- دە، كۆزۈمنى ئۇ قىزدىن قاچۇردۇم.

دىكابىر ئايلىرى بولۇشقا قارىماي، ھاۋا ئىللىق ئىدى. يول بويىدىكى كۆك قەرىگە بوي سوزغان قاتار- قاتار تېرەكلەر ياپىراقسىز بولۇشىغا قارىماي، ھېمىنغا بىر خىل جەزىبە ۋە كۆڭۈللۈكلۈك بەخىش ئەتكەنىدى. تىرەكلەرنىڭ غولى كۆك ئىدى. شۇ قەدەر كۆك ئىدىكى، ئاشۇ تىرەكلەرنىڭ غولىدىن بالقىغان كۆكۈچ رەڭ بۇ گۈزەل ۋادىنى بىر يۇپقا ۋە چەكسىز كۆك نۇر قۇچىقىغا بۆلىگەنىدى. بۇ تىرەكلەرنىڭ غولى پاكىز ۋە سۈزۈك ئىدى. شۇ قەدەر سۈزۈك ئىدىكى، ئاددى كۆز بىلەن تىرەك غوللىرىنىڭ ئىنچىكە تومۇرلىرىدا شىرقىراپ ئېقىۋاتقان تارام- تارام كۆكۈچ سۇنى كۆرگىلى بولىدىغاندەك ئىدى. بۇ تېرەكلەرنى << تېرەك >> دىگەندىن كۆرە، كۆك خىرۇستال تۈۋرۈك، غايەت زور بىللور نوكچىسى ۋە ياكى كۆك نۇر دەستىسى دىگەن تۈزۈك ئىدى. قەشقەر تېرىكى ئاشۇنداق كۆك ۋە سۈزۈك ئىدى، شۇ قەدەر پاكىز ئىدى.

ھارۋىنىڭ چاقى كىچىكرەك لاقىغا چۈشكەندەك قىلدى. مەن سىلكىنىشتىن ئۆزۈمگە كىلىپ قىزغا بۇرۇلۇپ قارىدىم. قىزمۇ مەن تەرەپكە قايرىلىپ قارىدى. ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرى نىمىشقىدۇر بىر خىل ئازادىلىك، ھەيرانلىق ۋە يەڭگىلگىنە خۇشاللىق سىزىملىرى ئىچىدە ئۇچۇراشتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى دېدىل، شوخ ئىدى، كۈلۈپ تۇراتتى، گۈزەل ئىدى.

_ نېمە كىتاپ ئالدىڭىز؟ ئۆزىڭىزگىمۇ؟ _ مەن ئۇ قىزغا يەنە نېمە دىيىشىمنى بىلمەي ئىختىيارسىزلا سومكىسىنىڭ ئاغزىدا كۆرۈنۈپ تۇرغان كىتاپلارغا قول ئۇزاتتىم. << ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى >>، << گىرىم چۆچەكلىرى >>، << گۈلپەرى >>، << ئاندىرىسون چۆچەكلىرى >>.

مەن كۈلىۋەتتىم.

_ پاھ، ساپلا چۆچەكقۇ؟ چۆچەكچى ئوخشىمامسىز؟

_ قانداق؟ چۆچەك بولسا بولمامدىكەن؟ _ ئۇ قىز قەشقەر شىۋىسىدە ھەيران بولغاندەك سوزۇپ سوېىدى.

_ ياقەي، بولىدىغۇ. لىكىن ھەممىسىلا چۆچەك ئىكەن دىمەكچىمەن......مەن قىزنى رەنجىتىپ قويغان ئوخشايمەن دەپ چۆچۈپ قالدىم ۋە ئالدىراپ ئىزاھ بەردىم.

_ بۇلارنىغۇ بالىلارغا ئالدىم. ئۆزۈممۇ چۆچەك ئوقۇشقا ئامىراق، شۇڭا ھەركۈنى كەچتە بالىلارغا چۆچەك ئوقۇپ بىرىمەن.

<< بالىلار؟ ئوقۇتقۇچىمىدۇ؟ نېمىشقا كەچتە ئەمدى؟ ئوقۇغۇچىلار كۈندۈزى ئوقۇيدىغۇ؟ ئۇكىلىرىغا بولسا كىرەك، لېكىن نىمىشقا ئۇكىلىرىمغا دېمەيدۇ؟ ياكى بالىلىق چوكانمۇ - يە؟ قەشقەردە بەك كىچىك ئەرگە بىرىمىش دەپ ئاڭلىغان، لېكىن قانچە كىچىك بولسىمۇ چۆچەك ئاڭلىغۇدەك بالىسى يوقتۇ تېخى، بىراق < بالىلارغا > دەۋاتىدۇ. بۇ بىر نەچچە بالا دىگەن گەپقۇ؟>>

_ مۇشۇ كۈندە بەزى يازغۇچىلارنىڭ يېزىۋاتقان نەدىكى تېتىقسىز قۇرۇق گەپلىرىدىن چۆچەك مىڭ ياخشى ئەمەسما؟ چۆچەكنىڭ تىلى ئاددى، چۈشىنىشلىك، ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، ئادەملەرنىڭ خارەكتىرى روشەن، ساپلا ياخشىلىق، گۈزەللىك، مىھرى- شەپقەت، ئادالەت، باتۇرلۇق كۈيلىنىدۇ. بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزچۇ؟ يېزىڭ دىسە بىرلىرى رىئالىزىم دەپ نەدىكى قۇرۇق تەشۋىقاتنى يىزىۋاتقان، يەنە بىرلىرى مۇدىرنىزىم دەپ نەدىكى ئېلىشىپ قالغان ساراڭنى..... مۇشۇ كۈندە يازغۇچى دىگەنلەرنى ساراڭ بولدىمىكىن دىگۈم كىلىدۇ. يىزىۋاتقىنى غىچلا قۇرۇق سەپسەتە، ئۆزىنىڭ خەلقىنى بىلمەيدۇ؟ مىللىتىنى چۈشەنمەيدۇ! مىللەت نىمە ئويلايدۇ، نېىمىنى ئارزۇ قىلىدۇ، قانداق كۈن كۆرىۋاتىدۇ؟ دىگەنلەر ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان ئوخشايدۇ ئۇ خەقنىڭ! يازغان نېمىسى يا خەقنى خوش قىلالمىغان، يا ئۆزىنى!

قىزنىڭ گەپلىرى بىلەن ئۇنىڭغا بولغان زوقۇم تېخىمۇ ئاشتى. قىز خېلىلا ئوبدان كىيىنگەنىدى. سېرىق يۇڭ پوپايكا، پاختەك تۈكى رەڭگىدىكى سارجىدىن تىكىلگەن تار يوپكا قىزغا گۈلدەك ياراشقان ئىدى. مەن ئۆزى گۈزەل، ياسىنىشى جايىدا قىزلارنى كۆپ كۆرگەنمەن، لىكىن پىكىرى جايىدا قىزلارنى بولسا ناھايىتى ئاز ئۇچىراتقانىدىم. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ كىيىنىشى، قىلىدىغان پەدىزى ۋە يىگىتلەرنى جەلىپ قىلىش ئۇسۇللىرىدىن باشقا نەرسىلەر توغۇرىسىدىمۇ باش قاتۇرۇشنى بىلىدىغان قىزلارنى كەمدىنكەم ئۇچۇرتۇپ قالىمەن. مۇشۇ كۈنلەردە بۇنداق قىزلار بارغانسىرى ئازلاپ كىتىۋاتاتتى.

ئالدىمدىكى بۇ قىز شۇ قەدەر گۈزەل ۋە يىقىملىق ئىكەن، كىيىنىشىمۇ، كىيىنگەندە زامان مودىسى بويىچە كىيىنىشنىمۇ بىلىدىكەن ۋە شۇنىڭغا يارىشا << خەلق >>، << مىللەت >>، << ئەدەبىيات >>، << يازغۇچى >> دىگەندەك بىر قەدەر زىل ۋە بۈيۈك تېمىلار توغۇرىسىدا ئويلايدىكەن.... پىكىرىنىڭ كەسكىنلىكىنى قارا ئۇنىڭ؟ ھاللىق ۋە ياخشى ئائىلىنىڭ پەرزەنتى، ياخشى تەربىيلەنگەن مۇنەۋۋەر قىزدەك قىلىدۇ ئۆزى. ئەگەر ئۈرۈمچىدەك يەرلەردە بولۇپ قالىدىغان بولسا ئۈرۈمچى قىزلىرىنىڭ سەرخىلى بولاتتىكەن. ھەر قانداق سورۇنغا ياراشقىدەك، ياخشى ئەرگە يارىغىدەك.....نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ زادى؟ قانچىلىك ئوقۇغانكىن؟ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ تولۇق ئوتتۇرا، بولمىسا ئالى مەكتەپنى يىڭىراق پۈتتۈرگەندەك قىلىدۇ. خۇدايىم ماڭا مۇشۇنداق قىزلارنى نىسىپ قىلسا- ھە. توۋا دەي، پەرىزاتتەك بۇنداق گۈزەل قىز نەدە تۇرۇپتۇ مەندەك ساياققا. بۇنداق مەلىكىلەرگە قولىمىز قىسقا- دە، ئاسماندىكى تۇلۇن ئايغا تەلمۈرۈپ قارىغاندەك تەلمۈرگىنىمىزچە قاراپ قالىمىز شۇ، لىۋىمىزنى چىشلەپ.

مەن كەلسە- كەلمەس خىيال بىلەن بەنىت ئىدىم. كۆزۈم قىز تەرەپكە قادالغان ئىدى. قىزنىڭ سۆزلىگەن چاغدىكى چېچەن، ئۆتكۈر، ئەلتەك ۋە خۇشخۇيلىقى، سۈكۈتتە ئولتۇرغان چاغدىكى چوڭ سۈپەت، تەمكىن ۋە خىيالچان گۈزەللىكى، گاھىدا سىلىق، گاھىدا يەڭگىل سىلكىنىپ كىتىپ بارغان ھارۋىدا ئولتۇرۇشتىكى لاتاپىتى، ئۆزىنى تۇتۇشلىرى، كىچىككىنە بولسىمۇ قىمىرلىشىدىكى بىر خىل گۈزەل نازاكەت مېنى ھېلىدىن- ھېلىغا مەسىت قىلماقتا ئىدى. مەن بۇ قىزغا مىنۇتسىرى ئېچىكىپ، مەھلىيا بولۇپ قىلىۋاتاتتىم. توۋا كۆڭۈل دىگەن- ھە...

_ ئۈرۈمچىدە نىمە خىزمەت قىلىلا؟ بۇ يەرگە نىمە ئىش بىلەن كەلگەن؟

قىزنىڭ تاڭ شامىلىدەك مەيىن ئاۋازى مىنى ئوڭ- تەتۈر خىيال ئىلكىدىن قۇتقۇزدى، مەن چۆچۈپ ئۆزۈمگە كەلدىم.

_ مۇخبىرلىق قىلىمەن، ژورنال ئىشى بىلەن كەلگەن، سەمەندە بىجىرىدىغان...... _ مەن قويۇن يانچۇقۇمدىن ژورنال بەرگەن مۇخبىرلىق كىنىشكام بىلەن كىملىكىمنى چىقىرىپ قىزغا ئۇزاتتىم. قىز كىنىشكام ۋە كىملىكىمنى ئىھتىيات بىلەن قولىغا ئالدى ۋە ئاجايىپ بىر قىزغىن ھەۋەس- ئىشتىياق ئىچىدە سىنچىلاپ قاراپ كەتتى، ئاندىن خۇددى قولىدىن ئۇشتۇمتۇت چۈشۈپ كىتىپ پارە- پارە بولۇپ كىتىشتىن قورىققاندەك، ئۇ نەرسىلەرنى ناھايىتىمۇ ئاۋايلاپ، ئىككى قوللاپ ماڭا ئۇزاتتى. مەن شۇ چاغدا قىزنىڭ يۈرىكىدىمۇ ماڭا نىسبەتەن بىر خىل ھۆرمەت، ئەيمىنىش، ھەتتا قىزىقىشقا ئوخشايدىغان بىر نەرسىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئاشكارا ھىس قىلدىم، شۇ ھامان كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى. << ھەر ھالدا، ھىچ بولمىغاندا مىنى ئوغۇرمۇ نىمە بۇ ساياق دەپ ئويلاپ قالمايدىغان بولدى! >> دەپ خۇشاللاندىم ئۆزۈمچە.

_ سەمەندە بىر نەچچە ۋاقىت تۇرۇپ قالاملا؟ _ قىز تارتىنىش ئىچىدە كۆزۈمگە بىقىپ سورىدى.

شۇنداق، خۇدا خالىسا سەككىز- ئون كۈن تۇرۇپ قالىمەنغۇ دەيمەن. _ مەن خۇشاللىق ئىچىدە ئالدىراپ جاۋاپ بەردىم.

قىز ئۈنچىقمىدى. ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىدە مەيۈسلۈككە ئوىشاپراق كىتىدىغان چۈشنىكسىز بىر خىل تۇيغۇ چاقنىغاندەك بولدى. << بۇ قىزنىڭ قەلبىدە بىر جاراھەت بارمۇ، نېمە؟ ياكى تۇرمۇشىدا كىشلەرگە بىلدۈرۈشتىن قورقىدىغان بىر خىل كۆڭۈلسىزلىك بارمىكىن؟ >> دەپ ئويلاپ قالدىم ئۇشتۇمتۇت. لىكىن بۇ خيالىمنى ئىنكار قىلدىم. ئۆزۈمچە بولغاندا، توققۇزى تەل، باھاردەك ياش ۋە گۈزەل بۇ قىزغا ھىچقانداق ۋە ئازغىنا بولسىمۇ كۆڭۈلسىزلىك راۋا ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغا شات- خۇراملىق، بەختىيارلىق، پاكىزلىق، خاتىرجەملىك، ماختاش، ئەركىلىتىش، پەپىلەش، ئاياش ھەم قەدىرلەشلەر ھەر قاچان ۋە تەبئى يوسۇندا ھەمىرا بولۇشى كىرەك ۋە شۇنداقتۇر، دەپ ئويلۇغۇم كىلەتتى. نېمىشقىدۇر مىنىڭ نەزىرىمدە، خۇدايىم ئەقىل ۋە چىرايدىن ئېيىتقان بۇ گۈلبەدەن بىر زامان ئەركىسى، ھايات ئەركىسى بولۇشقا مۇناسىپ ئىدى.

مەن قىزغا ئاشۇنداق ئىزگۈ ھىسىياتلىرىمنىڭ تەپتى بىلەن قايتا نەزەر سالدىم.

ئەمدى ئۇنىڭ چىھرىدە دەل مەن كۈتكەن بىر خىل قانائەت، خاتىرجەملىك، خۇشخۇيلۇق، ھەتتا بىر خىل بالىلارچە شوخلۇق جۇلالاپ تۇراتتى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئاخىرقى خىياللىرىم ۋە قىياسلىرىمدىنمەمنۇن بولغاندەك يىنىك نەپەس ئالدىم. << خۇدايىم، بۇنداق گۈزەل ۋە ياخشى قىزلارغا يامان كۈنلەرنى ئەمەس، يامان سائەتلەرنىمۇ راۋا قىلمىغايسەن ....>> دەپ ئويلۇدۇم يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر يىرىدە.

_ ئۆيىڭىز سەمەندىمۇ؟ _ سورىدىم ئۇنىڭدىن ھارۋىدىكى بۇ قەدىردان مىنۇتلارنى سۈكۈت بىلەن زايە قىلغۇم كەلمەي. قىز ماڭا نىمىشقىدۇر ھەيران بولغاندەك بىر خىل سىياقتا قارىۋىتىپ جاۋاپ بەردى:

_ ھە.....ھەئە.

_ ئاتا- ئانىڭىز بىلەن بىللە تۇرامسىز؟

ياق، ھەئە، ھەئە.....

قىز نىمىشقىدۇر بىردىنلا دۇدۇقلىدى. بۇ مىنىڭ << يولدىشىڭىز بارمۇ؟ >> دىگەن سھۇئالىمنىڭ باشقىچىرەك شەكلى ئىدى. قىز بۇ گىپىمنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ مېنىڭ بۇ ئورۇنسىز سۇئالىمدىن خىجىل بولدىمىكىن؟

مەن بىزەڭلىك قىلىۋاتاتتىم. مەندىكى يولدا تاسادىپى ئۇچىرشىپ قالغان بۇ ناتونۇش گۈزەلگە بولغان قىزىقىش تۇيغۇسى مېنى بۇ قىز توغۇرىسىدا كۆپرەك بىر نەرسىنى بىلىۋىلىشقا ئالدىرتاتتى. چۈنكى شۇ كۈنلەردە قەشقەردە ئۆتكۈزىۋاتقان غىرىپ ۋە سەرگەردان ھاياتىم ماڭا كۈنسىرى ئېغىر ۋە كۆڭۈلسىز تۇيۇلماقتا ئىدى، بولۇپمۇ كىشىنىڭ يۇرتىدىكى يىگانىلىق مىنى قىينايتتى. شۇ كۈنلەردە مەن كىملەرگىدۇ ۋە نىمىلەرگىدۇ مۇھتاج ئىدىم. شۇڭا مۇنداق گۈزەل ۋە يىقىملىق قىز بىلەن تونۇشۇپ قالغىنىم ئۈچۈن بەكلا خۇشال ئىدىم. شۇ تاپتا مۇشۇ قىز قەشقەردىكى كۈنلىرىمنى يەڭگىل ۋە كۆڭۈللۈكرەك ئۆتكۈزۈشۈمگە ئەسقىتىپ قالار دىگەن خۇپىيانە ئۈمىت مىنى ئۇمۇندىراتتى.

_ نەدە ئىشلەيسز؟ _ مەن ئۇشتۇمتۇت سورىدىم.

قىز ماڭا نىمىشقىدۇر چۆچۈپ قارىدى. شۇ چاغدا بۇ قىزنىڭ چىھرىدە ۋىللىدە قىلىپ بىر قىزىللىق بالقىدى. ئۇ مىنىڭ كۆزلىرىمدىن كۆزلىرىنى دەررۇ ئېپقېچىپ يول بويىدىكى كۆك تېرەكلەرگە قارىۋالدى.

_ شە....شەھەردە، شەھەر ئىچىدە.

قىزنىڭ ئاڭاھى مەيۈس، ئاۋازى تېتىك ئېدى. مەن ھەيران بولدۇم، بۇ قىز بارغانسىرى مېنىڭ سۇئاللىرىمغا توغرىدىن- توغۇرا جاۋاپ بىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۋاتاتتى. ئۆزىنىڭ مەندىن بىزارلىقىنى ئاشكارا بىلىندۈرۋاتامدىكىن؟ يا بولمىسا مەن ئويلىغاندەك بۇ قىزنىڭ يۈركىدە خەققە بىلىندۈرگىسى كەلمەيدىغان بىر جاراھەت بارمىكىن؟

_ شەھەردىكى قايسى ئىدارىدە؟ نېمە ئىش قىلىسىز ؟

قىز ماڭا ئاچچىقى كەلگەندەك << شارىتتىدە >> ئۆرۈلدى. ئەمدى ئۇ چىرايلىق كۆزلىرىنى مىنىڭ كۆزلىرىمدىن قاچۇرمىدى. بۇ كۆزلەر ئەمدى كۆزلىرىمگە تەرسالارچە قادالغان ئىدى.

_ شەھەر ئىچىدە بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن!

قىزنىڭ ئاڭاھىدىن بىر زەردىنى ھىس قىلدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن : << ھە، ئەمدى بولدىمۇ، نىمانچە بىزەڭ يىگىتسىز؟ >> دىگەن سۇئالنى كۆرگەندەك بولدۇم. مەن بۇقىزنىڭ نىمىشقا بۇنچىۋالا چىچىلىۋاتقىنىنى چۈشنەلمىدىم. ئاخىرىدا << مىجەزى سەل تەرساراق قىز ئىكەن >> دەپ ئۆزۈمنىڭ خىيالىنى تۈزەتتىم. خىيالىمدا << ئۆز شەخسىيىتىنى قەدىرلەشنى بىلىدىكەن .....>> مەن بۇ قىز توغۇرىسىدا ھەر قانداق ئورۇنسىز باھا ۋە سۈپەتلەرنى جىنىم بىلەن ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىدىم. بۇنداق پەرىشتىدەك گۈزەل بىر قىز توغۇرۇسىدا كىچىككىنە بولسىمۇ بولمىغۇر خيالدا بولۇشنىڭ ئكزى بىر گۇناھ ئەمەسمۇ؟!

داۋامى بار ........

UID
12406
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1144
تىزىملاتقان
2011-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-17 21:44:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامەن ناھايتى ياخشى چىققان پوۋىستكەن بۇ.تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

UID
9995
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
230
تىزىملاتقان
2011-3-8
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-17 22:29:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن،ھارمىغايسىز

ناجىيە

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟

UID
12992
يازما
275
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2436
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 00:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان بىر پارچە ئەسەر ئادەمگە ئۆزىمىزگىلا خاس بىر خىل ئازاپنى ھېس قىلدۇرىدۇ . ئەسەردىكى شىددەتلىك تۇيغۇنىڭ دەل مەركىزىدە ئۆزىمىزنى كۆرىمىز . بۇ پوۋىسىتنى بۇرۇن ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن ،ئەسەرنى تېخى ھېچقانچە ئوقۇماي تۇرۇپلا مۇھەممەد باغراشنىڭ ئۇيغۇر پسخىكىسىغا تويۇنغان تەسۋىرلىرى بولۇپمۇ بىر گۈزەل ئۇيغۇر قىزىنىڭ خاراكتېرىنى ياسالمىلىقتىن خالىي رەۋىشتە شۇنچە تەبىئىي تىلدا پەيدىنپەي  جانلىق راۋان يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقانلىقى  مېنى زوقلاندۇرماي قالمىدى .  ئەسەردىكى قىزنىڭ تىلىدىن بېرىلغان يازغۇچى ۋە خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىگە باغلىق مۇلاھىزىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىدىنلا مۇھەممەد باغراشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەسەر يازىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قانداق تىل ۋە قانداق يوسۇندا يازىدىغانلىقى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سېلىنغان . توختاۋسىز ئۆزگۈرىۋاتقان ، يېڭىلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتىمىزنىڭ روھىيتىمىزگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى تولىمۇ ئۇسىتىلىق بىلەن شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ ، بۇ خىل تەسىرنىڭ قانداق فۇنكىسسىيەدە ئەكىس ئېتىۋاتقانلىقى ئىككى ياشنىڭ تۇيۇقسز ئۇچرىشىپ قېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ قىسقىغىنە سۆھبەتلىرىدىلا نامايان بولۇپ ، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بىلەن ئىنسان تەبىئىيتىنىڭ دىئالوگىنىڭ ئۇيغۇرچە قەلب چوڭقۇرلۇقىدىكى ھاسىلاتلىرى بولمىش ئۇيغۇرچە مەنىۋىي ياتلىشىش ھادىسىسى بەدىئىي تىلنىڭ ياردىمىدە كۆز ئالدىمىزغىلا تاشلىنىپتۇ . بىر<< قەشقەر گۈزىلى >> نىڭ تۇيۇقسىز باش قەھرىماننىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇشى يالغۇز ئۇنىڭلا ئەمەس بىزنىڭمۇ جاراھەتلەنگەن قەلبىمىزدە باشقىچە تىترەش پەيدا قىلىپ ، ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلىرىمىزدە بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقان پەزىلەتلىك ، شەرمى -ھايالىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەسلىي ئوبرازىنى تىنىمسىز ھالدا قايتا  غىدىقلاپ قوزغىتىپ يىگىتلىرىمىزنىڭ ئەسلىي نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئىختىيارسىزلا يادىمىزغا سالىدۇ . ئەسەرنى ئوقۇغانسېرى ئەسەردىكى ۋەقەلىكنىڭ بىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىمىزگە ، شېرىن خىياللىرىمىزغا ئەسلىي شۇنچە يېقىنلىقىنى ھېس قىلىمىز -دە ، بىزمۇ ئاۋۇ سەرگەردان <<مۇخبىر >> بىلەن بىللە ھارۋىكەشنىڭ ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ ئاۋۇ پەرىشتە سۈپەت ئۇيغۇر قىزى بىلەن تونۇشۇشنى ، سىردىشىشنى يەنە قانداقتۇر رىشتى مۇھەببەت باغلاشنى خام خىيال قىلىمىز . بىزنى قىسقىغىنە ۋاقىتتىلا ئۆزىنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرىپ كىتىۋاتقان بۇ ئەسەرنىڭ يەنە بىر سېھرىي كۈچى شۇيەردىكى ، مۇھەممەد باغراش ئەپەندى بىزنىڭ مىللىي خاراكتىرىمىزگە تولىمۇ ماس كەلگەن ،ئاخبارات ۋە تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ تىلىدىن روشەن ھالدا پەرقلىق بولغان ساپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇدرىتىدە باش قەھرىماننىڭ  روھىي كەچۈرمىشلىرىنى ئۇنىڭ پائالىيەت ۋە خاراكتىر ئالاھىدىلىكىگە تولىمۇ ماس كەلگەن دىئالوگ ۋە مونۇلوگلارنىڭ ياردىمىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تەسەۋۋۇرىمىزدا _ كۆزئالدىمىزدىلايورۇتۇپ بېرەلىگەن .
    ئەسەر نەگە قاراپ  داۋاملىشىدۇ ، بۇنى ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇغاندا بىلىمىز ئەلۋەتتە . تېما ئىگىسى سىزنىڭ مۇنبەرلەردە يۈگەنسىز ئاساۋ ۋە جاھىل ئايغىردەك خالىغان قەدەملەردە مەنىسىز يۈگۈرۈپ يۈرگەن ئاتالمىش ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ زىرىككەن كاللىمىزغا يېڭىچە ئىلھام ۋە مەدەت بېرەلەيدىغان بىر ياخشى ئەسەرنى سۇنغىنىڭىزدىن شۇنچە خوشالمەن . بولسا ياخشى ئىشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇپ ، ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى تىزراق يوللىشىڭىزنى تىلەيمەن . ئاللاھ ئەجرىڭىزنى ئۆزى بەرگەي .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش