altuntarim09 يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 14:58 
تورداشلار، مۇشۇ ‹ئۇيغۇر››. ‹‹ قازاق›› ‹‹ ئۆزبەك›› ‹‹ ت ...
ئۇ ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار قاشقالىق، خوتەنلىك، كۇچالىق، تۇرپانلىق، قۇمۇللۇق ۋە تاراچىلىق دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. چۈنكى ئۇ چاغلاردا بىزدە ئۆزلۈك ئاساسەن ئۆلگەن بولغاچقا، كىشىلەر مىللەت نامىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىكەن. قازاق ۋە قىرغىزلار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرىدىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى سارت(سودىگەر) دەپمۇ ئاتىغان. چۈنكى ئۇ زامانلاردا قازاق- قىرغىزلار ئۇيغۇرلارنى سارت دەپ ئاتايدىكەن.
ئۆزبېكلەر ئۇ چاغلاردا ئەنجانلىق(ئەنجان بولسا ئۆزبېكىستاننىڭ غەرب تەرىپىدىكى بىر شەھەردۇر) دەپ ئاتىلاتتى.
ئۇيغۇر دېگەن سۆز پەيدا بولغىلى ئىككى مىڭ يىلدىن ئېشىپتۇ.
ئۆزبېكلەر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگىلى 500 يىل بولدى.
قازاقلار 1456- يىلى قازاق خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن، مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
تاجىكلار بولسا شەرقىي پارسلاردۇر.