بۇ 36قەۋەتتىكىkoktash يوللىغان 2011-07-22 12:47 غا قارتىلغان :
ھەقىقەتەن تارىخنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ يېزىپسىز، تەشەككۈر....
مەنمۇ ئىسمايىلخاننى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى دەپ ئولتۇرۇپتىمەن، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئويلىنىشقا، ئىزدىنشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەن!
مەنمۇ موللا مۇسا سايرامىنىڭ "تارىخىي ھەمىدىيە" دىگەن كىتاپنى ئوقۇۋاتاتتىم سىز دىگەن مەزمۇنلار "تارىخىي ئەمىنىيە" ئەمەس، "تارىخىي ھەمىدىيە"دىن چىقىدۇ. ياقۇپبەگ ئۆزىنى خان دەپ ئاتىمىغان، چۈنكى ئۇ ئۆزى بويسۇندۇرغان موغۇلىستان (جەنۇبىي شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسمىنى) زېمىنىنى ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىگە، شۇنداقلا بۇ ئىمپېرىيىنىڭ شۇ چاغدىكى خانى ئابدۇل ھەمىد سۇلتانغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن.
شۇڭا، ئابدۇلھەمىد سۇلتانغا تەۋە بولغان ياقۇپبەگ ئۆزىنى خان دەپ ئاتىمىغان.
....... 
بىزنىڭ ئىدارىدە بىر مانجۇ بار ئىدى، ئۇ ئاخىرقى پادشاھنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، فامىلىسى دەل 爱新觉罗 ، مەن 爱新觉罗 دېگەن فامىلىنى قانداق تەلەپپۇز قىلىمىز، دەپ سورىسام، مانجۇ تىلىدا « ئايسىنگرو» دەپ تەلەپپۇز قىلدى. مەناسى «ئالتۇن» ئىكەن!