بۇ 7قەۋەتتىكىturditohti يوللىغان 2011-05-18 21:32 غا قارتىلغان :
ياخشى ئەسەر ئىكەن،ئەلاخان ھەقىقەتەن ئىچىمىزدىن چىققان تەڭداشسىز پەلۋان،ھەربىي قۇماندان ھەم سىياسى رەھبەر ئىدى.بىراق بۇ پەلۋان باشچىلىغىدىكى مەنچىڭغا قېشى قوزغىلاڭچىلارنىڭ پارچىلىنىپ كىتىشىنى يەنە شۇ سۇپىلار مەيدانغا كەلتۇرۇپ،كۈچنى زور دېرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۋاتقان. 
سوپى سۈرەتلىك جىن چاپلاشمىغاندۇ سىلىگە ، turditohti ئەپەندى ، بىلەرمەنلىك قىلدىم دەپ ئۆزىمىزگە بىھۇدە جىق گۇناھ ئارتىۋالمايلى ، سوپىلارنىڭمۇ مۇتتەققىي ، تەقۋالىرى مۇتلەق كۆپ .
" ئىلى چېگرا رايۇنىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى:19-ئەسىرنىڭ60-يىللىرىدا چىڭ سۇلالىسىى ئىلى چېگرا رايۇنىدا (چىڭ-روسىيە چېگرا رايۇنى)چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەملىكە زوراۋان سىياسىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئۇشبۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يېڭى مۇستەملىكە رايۇنى ئېچىش قارارىغا كېلىدۇ-يۇ تاكى 1869-يىلىغىچە ئىلى رايۇنىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قاراپ تۇرۇش پوزىتسىيەسىدە تۇرىدۇ،لېكىن1871-يىلىغا كەلگەندە چارروسىيە ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى قوراللىق ئىشغال قىلىش قارارىنى چىقىرىدۇ،سەۋەپلەر تۆۋەندىكىچە:
1-ياقۇپبەگنىڭ مۇزارت ئېغىزىنىڭ جەنۇبى ئېتەكلىرىنى قوراللىق ئىشغال قىلىشى ۋە ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇڭگان خانلىغىنىڭ قۇرۇلۇشى؛
2-چېگرا رايۇنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ سودا ئىشلىرىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى؛
3-ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان ئىسيانلىرىنىڭ رۇسلار كونتىروللىغىدىكى قازاق ۋە قىرغىز خەلقلىرىگە ئېلىپ كەلگەن مۇقىمسىزلىق-تۇراقسىزلىق تەسىرلىرى.
يۇقۇردىكى سەۋەپلەرگە ئاساسلىنىپ چارروسىيە ھۆكۈمىتى 1871-يىلى2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى ۋە 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى پەۋقۇللاددە يىغىندا جۇڭغارىيە ۋە قەشقەرىيە ئارىلىغىدا ئىستىراتېگىدىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارالغان غۇلجا رايۇنىغا قوراللىق ئارىلىشىش قارارىنى چىقىرىدۇ.
قوراللىق ھەركەت يۈرگۈزۈشكە سەۋەپ بولغان يەنە بىر ئىش قېزايلار قەبىلىسىدىن بولغان قازاقلارنىڭ 1870-يىل ئاخىرىدا غۇلجىغا قاراپ كۆچۈشى ، قېزاي ئاتلىق قوشۇنىنىڭ باشچىسى تازابېك1871-يىلى ئاپرىلدا غۇلجىغا كېلىدۇ،ئىلى سۇلتانلىغى تازابېكنى مۇددەتلىك سۈرۈكتە چارروسىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىش تەلىۋىگە قوشۇلمايدۇ،بۇ ئىشلاردىن گېنېرال كولپاكوۋىسكىي چېگرىغا قىسىم تولۇقلاپ كۈچەيتىش ۋە غۇلجىغا بىر ئەترەت ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ.
1871-يىلى6-ئاينىڭ19-كۈنى رۇس قىسىملىرى سۈيدۈڭدىن 5-6كىلومېتىر يىراقلىقتا ئابدۇل راخمان خەزنەچى قوماندانلىغىدىكى سۇلتان ئاتلىق قىسمى بىلەن ئۇچرىشىدۇ،2سائەتلىك تىركىشىشتىن كېيىن سۇلتان قىسىملىرى چېكىنىدۇ،رۇس قىسىملىرى سۈيدۈڭ قەلئەسىگە يېقىنلىشىدۇ.گېنىرال كولپاكوۋىسكىي سۈيدۈڭنى ئەل بولۇشقا قىستايدۇ،ئۇزۇنغا سوزۇلمىغان سۆھبەتتىن كېيىن ئەل بولۇش تەكلىۋى قوبۇل قىلىنىدۇ،بىرقاتار ھەربى توقۇنىشتىكى مەغلۈبىيەت ،سۇلتان ۋە قىسىملىرىدا چۈشكۈنلۈك ئاقىۋىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،1871-يىلى6-ئاينىڭ21-كۈنى تېخى باياندايغا يېتىپ بارمىغان رۇس ئارمىيەسى سۇلتان ئوردا ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ،ئوردا ئەزالىرى سۇلتاننىڭ گېنېرال كولپاكوۋىسكىي بىلەن شەخسى كۆرۈشۈش ئىستىگىنى يەتكۈزىدۇ.ئۇچرىشىش سۇلتان ئەلاخان ئابىل ئوغلى ۋە يېقىنلىرى بىلەن كەچلىگى رۇس لاگىرىدا ئۆتكۈزىلىدۇ،ئۇچرىشىشتا باشقا بىر كۈنى رۇس ئارمىيەسىنىڭ غۇلجىنى قولغا ئېلىشى ،قوراللارنىڭ كۆرسىتىلگەن ئوفىتسىرغا تاپشۇرۇلىشى توغرىسىدا شەرتلەر ئىمزانىلىدۇ .6-ئاينىڭ22-كۈنى غۇلجىغا يېتىپ كەلگەن رۇس ئارمىيەسى بىر باغقا ئورۇنلىشىدۇ،كولپاكوۋىسكىيمۇ غۇلجىغا كېلىدۇ،سۇلتان شەھەرنىڭ ئاچقۇچىنى ۋە خېلى كۆپ ئاشلىق ۋە قورال ياراقنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىدۇ.رۇس ئارمىيەسىنىڭ ئىلى چېگرا رايۇن تېررىتورىيەسىگە كىرىشى بىلەن،ئىلى رايۇنى يەتتەسۇ (Семиреченскому генерал-губернаторству)گېنېرال-گۇبېرناتۇرلىغىغا قوشۇۋېلىنىدۇ.رۇس دائىرلىرىنىڭ بىرىنچى ئىشى قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ۋە ئىلىدا رۇس ھۆكۈمىتى نازارىتى ئاستىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت قۇرۇش باياناتى ئېلان قىلىش بولدى. "