تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: dakyanos

ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ كىم     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

دەقيانوس

UID
2638
يازما
158
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
5748
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-5
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-22 13:41:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ 37 قەۋەتتىكى   (nimjan) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان

رەھمەت، مەن كۆرگەن ماتېرىياللاردا پەقەت خەنزۇچىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمسى بۇيىچە ئالغان ئىكەن. بۈگۈن بۇنىمۇ بىلۋالدىم.

كۆيۈمچان ئەزا

http://gulistan.cn/bbs

UID
2079
يازما
175
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1975
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-23
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-22 13:45:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 39قەۋەتتىكىdakyanos يوللىغان 2011-07-22 13:39 غا قارتىلغان بۇ 36 قەۋەتتىكى   (koktash) نىڭ يازمىسىغا قارتىلغان :
مەن تارىخى ئەمنىيەنى بۇرۇنراق، تارىخى ھەمدىنى كيىنرەك ئۇقىغان، مەزمۇنى ئاساسى جەھەتتىن ئۇخشىغاچقا ئاداشتۇرۇپ قويغان بۇلۇشۇم مۇمكىن. پىكرىڭىزگە تەشەككۇر، تەھرىرلەش ئىمكانىيتى بولغاندا ئۆزگەرتىپ قوياتتىم ئەپسوس ۋاقىت ئۈتۈپ كىتىپتۇ.

ئەپسۇسلانغۇدەك ئىش ئەمەس. تارىخىي ھەمىدى ئەمەلىيەتتە تارىخىي ئەمىنىيەنىڭ تولۇقلىمىسى. ئىسىمدە قېلىشىچە موللا مۇسا سايرامى ئاۋۋال تارىخىي ئەمىنىيەنى يازغان. كېيىن تارىخىي ئەمىنىيەدە كەم قالغان تارىخى ھادىسىلەرنىڭ تولىمۇ چالا قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ كېيىن تارىخىي ھەمىدى ئارقىلىق تولۇقلاپ قايتا يازغانلىقى توغرىسىدا بىر " پارچە" ئوقۇغاندەك قىلغان ئىدىم.

http://gulistan.cn

UID
3308
يازما
52
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1943
تىزىملاتقان
2010-7-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-14
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-22 14:39:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى ئەمىنىيەنى ئوقۇپ چىققان ئىدىم، ئەسەرنىڭ كىرىش سۆزىدە تارىخى ھەمىدىنىڭ يېزىلىشىنىمۇ ئېيىتقان بولۇپ تارىخى ئەمىنىيە بۇرۇن يېزىلغان، ھەمدە تارىخى ئەمىنىيەنىڭ ھازىرقى نەشىرىدە بەزەن ئورۇن جاي ياكى ۋەقىتنىڭ خاتىرلىنىشىدە ئىككى خىل يېزىلغانلىقى ئۇچرىغان ئورۇنلاردا ئىزاھات بېرىلىپ ئۆتىلىدۇ. ياقۇپ بەگ ئاپاق خوجىنىڭ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ئەۋلادىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ قوقاندا قەد كۆتىرەلمەي مۇشۇ زىمىندا زور ئىشلارنى تەۋرىتىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ قەشقەرىيەگە يېتىپ كېلىدۇ ۋە كۇچادا راشىدىنخان خوجا پادىشاھنىڭ قوشۇنى تۇرپانغىچە چىڭلارنى قىرىپ كەلگەندە راشىدىنخان خوجا قەشقەر، يەكەننى ئىستىلا قىلىش ئۈچۈن ئىسھاق خوجىنى ئەۋەتىدۇ. ھالبۇكى ئىسھاق خوجا راشىدىن خوجىنىڭ تۇغقىنى ئىدى، ھەر جەڭلەرنى قىلسا غازاتلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇپ ياۋنى يېڭىپ ئۆزى بارغانلىكى يەردە غازى نامى بىلەن زور شان-شۆھرەتكە ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى. راشىدىنخان ئىسھاق خوجىنىڭ يۈز ئابرويىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەكەنگە يەنى ياقۇپ بەگ بىلەن ئۇرۇشۇشقا ئەۋەتكەندە ئاز ئەسكەر بىلەن بېرىپ قالىدۇ، ۋە شۇ يەردىكى تۇڭگانىيلارنىڭ بىرلىشىمىز دەپ ئاخىرىدا ياقۇپ بەگكە خوجىلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋاقتىنى ئاشكارلاپ قويۇپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. ئەڭ دەسلىپىدە راشىدىنخان خوجىنىڭ نەچچە ھەسسە كۆپ ئەسكەرلەر بىلەن ياقۇپ بەگلەر بىلەن ئۇرۇشقان بولسىمۇ لېكىن قوشۇنى پاتراقچىلىقتا قېلىپ چېچىلىپ كېتىپ قەشقەردە ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ، مانا بۇ ياقۇپ بەگنىڭ شۇ جەڭدىن كېيىنكى نۇسرەتكە ئېرىشىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئىسھاق خوجىنى يېڭىغاندىن كېيىن ياقۇپ بەگ غازى ئىسھاق خوجىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدۇ. كېيىن كۇچاغىچە كەلگەندىن كېيىن راشىدىنخان خوجىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ.

خوتەندىمۇ چىڭلارنى يوقاتقاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا خان سايلايدۇ ۋە ھېبىبۇللا خاننى پادىشاھ قىلىپ ئاق كېگىزگە ئولتۇرغۇزۇپ تەخىت ئۈستىگە ئېلىپ چىقىدۇ. نىھايەتكى ھېلىگەر ياقۇپ بەگ خان ئاتام رۇخسەت قىلسا مازارلارنى زىيارەت قىلسام دىگەن مەكتۈپنى ئەۋەتىپ خوتەنگە يېتىپ كېلىدۇ ۋە بىر تال قۇرال ئىشلەتمەي ھېبىبۇللا خاننى چىدىرغا باشلاپ كىرىپ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق تارىخ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ھېچ بىر ئوق چىقارماي خانىنى ئوردىسىدىن چىقىرىپ جايلىۋېتىش ئەينى ۋاقىتتا خوتەندىكى زور قىرغىنچىلىققا سەۋەب بولىدۇ. ئۆز خانىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلگەن خوتەنلىكلەر خانىمىزنى تېپىپ بېرىش دەپ توقماق كەلتەك دېگەندەك ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ۋە ياقۇپ بەگ تەرىپىدىن قارشى چىققانلارنى قەتلى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ھەمدە 30مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. خوتەن خەلقىنىڭ شۇقەدەر ساددا، ئاق كۆڭۈللىكى شۇ خاننىڭ جىسمىدىن تېپىلغان ئىدى...

كېيىن ياقۇپ بەگ ئۈرۈمچىگە يۈرۈشلەرنى قىلىپ پاراكەندە تۇڭگانىيلارنى بويسۇندۇرىدۇ ۋە ئەنگىلىيە ۋە ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە ئادەم ئەۋەتىپ قەشقەرىيەنىڭ دىپلوماتىيىسىنى باشلايدۇ ۋە ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلغان زىمىننى ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە تەۋە دەپ جاكارلايدۇ! ھەمدە .وسمان ئىمپىرىيىسىدىن بىر نام بېرىلىدۇ (بەدۆلەت مۇشۇ نامغۇ دەيمەن). ياقۇپ بەگ ئاتالىق غازى ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ ھەدىيە قىلغان ئىلغار قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ۋە ئارمىيىسى خېلى زور دەرىجىدە كۈچلىنىدۇ.

10 نەچچە يىل ھۆكىمىرانلىق قىلغان ياقۇپ بەگ كورلىدا چىڭ ئەسكەرلىرى ئۈرۈمچىگە باستۇرۇپ كەلگەندە خوتەنگە قويۇلغان نىياز ھېكىم بەگ(خوتەنلىك ئەمەس)نىڭ زەھەر بېرىشى بىلەن بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدۇ. ئىككى ئوغىلى بولسا ھاكىمىيەتكە رەھبەرلىك قىلالمايدۇ ئاخىرىدا قوقەندىن كەلگەن ئېسىل زادىلىرى ئۆز زىمىنىغا چىقىپ كېتىپ پۈتۈن بالا مۇشۇ زىمىندىكى قەشقەرىيە خەلقىگە قالىدۇ...

ياقۇپ بەگ دەۋىرىدە ئېلىدا ئەلاخان سۇلتانلىقىمۇ بار ئىدى. ئېلىدىكى سۇلتانلىق چىڭلارنى يۇقۇتۇپ تاشلايدۇ ۋە مۇستەقىل خانلىق قۇرۇپ چىقىدۇ، ياقۇپ بەگ ئېلىغا يۈرۈش قىلىدىغان ۋاقىتتا ئورۇسلارنىڭ قوشۇنىنى كۆرۈپ قەدەملىرىنى توختىتىپ قالىدۇ...

UID
12748
يازما
35
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1175
تىزىملاتقان
2011-6-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 18:44:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوڭلۈم  ئەجەپ  يېرىم بولدى

UID
13414
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2011-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 22:05:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىق،نەرسىلەرنى،بىلىۋالدىم،تىما،ئىگىسگە،رەخمەت،ھارمىغايسىز

UID
13596
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2011-7-29
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 06:31:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ، ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ مەمتىمىن ھەزرىتىم بولىشى ،ئەڭ ئاخىرقى ھايات پادىشاھ كۇچا ۋاڭى داۋۇت ۋاڭ بولىشى كىرەك.

بۇ يەردە مۇنداق بىر مەنتىقە بار : ۋاڭ ، خان ، پادىشاھ   دېگەن ئاتالغۇلار ئوخشىمىغان شارائىت ، ئوخشىمىغان تەسىر كۇچ ، ئوخشىمىغان نىسبىي مۇستەقىللىق ئاستىدا ھەر خىل ئاتالسىمۇ ئەمەلىيەتتە بەلگىلىك تىرېتورىيىگە (ئەلگە) بىر دەۋېر (مەزگىل) ھۆكۇمىران بولغىچىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن مەلۇم بىر خانلىقنى ئەتراپتىكى باشقا بارلىق ئەللەر بىرلا ۋاقىتتا ئىتىراپ قىلىدىغان ئەھۋال ھىچ قاچان بولغان ئەمەس. ئۆز تەسىر دائىرسىدىكى خەلق ئۇنى ئىتىراپ قىلسا ،شۇ دائىردە مۇتلەق ھوقۇق يۇرگىزەلىگەن بولسا ، ئۇ شۇ يەرنىڭ پادىشاھى بولىدۇ.
شۇ ۋەجىدىن بىز شىڭ شىسەينىمۇ يەرلىك پادىشاھ - دەپ قويىمىز. مۇشۇ مەنتىقە بويىچە مىنىڭ كۆز قارىشىم توغرا بولىشى مۇمكىن.

شۇڭا سۆزنى چوقۇم نامى "پادىشاھ" دەپ ئاتالغان كىشىگە بىرىش توغرا ئەمەس.
خوتەندىكى ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتىرىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ، ئۇ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئاخىرى تولۇق ھوقۇقلۇق ئەل ھېسابلىنىدۇ. داۋۇت ۋاڭنىڭ ۋاڭلىقى ئۇنىڭدىن بۇرۇن يوقالغان بولسىمۇ ئەڭ ئاخىرغىچە ھايات بولغان ۋاڭ(پادىشاھ) دۇر.

UID
13524
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
40
تىزىملاتقان
2011-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-29 07:57:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر  - بىرىدىن      دانا    پىكىرلە  ............  ياخشى   باشلىنىش،

*****ئاجايىپ دۇنياكەن بىرگە ئىنتىزار بىرىگە بىزار*

كۆيۈمچان ئەزا

يارتىلىشىمىزدىك

UID
12641
يازما
108
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3289
تىزىملاتقان
2011-6-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-6
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-2 01:23:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇ نازىرەڭلەنى داۋاملىق كورگۈم بار

... باشقىلار بۇ يەرگە باسقاندا ئاياع، بولىدۇ كۉل ئىزى ئۇلارعا نىشان. ئاحىرقى چوعلانى تءپىپ كۉللەردىن، كىيىنكى كارۋانلار ياقىدۇ گۉلحان.

كۆيۈمچان ئەزا

ıytılıp boldi nurgun gap so

UID
2725
يازما
186
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
6217
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 03:42:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى ئىنكاسلاردىن ئاخىرقى پادىشاھ ئاساسەن تۆت كىشىگە مەركەزلىشىپتۇ .بىرىنجى ياقۇب بەگ پىكىردىكىلەر ئىكىنجى ئەلا خان پىكىردىكىلەر ئۈچىنجى ئىسمايىلخان پىكىردىكىلەر تۆتىنجى مەمتىمىن ھەزرەت دېگۈچىلەر .
   مېنىڭدە مەمتىمىن ھەزرەتنىڭ خوتەندە خانلىق قۇرغان قۇرمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر تارىخى چۈشەنچە يوق ئەمما خوتەن ئېنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ كېيىن قەشقەردىكى سابىت داموللىغا قېتىلىپ  ۋاقىتلىق ھۆكىمەتكە قېتىلغانلىقى توغۇرلىق تەپسىلاتلار بار .
   سەئىدىيە خانلىرىنىڭ يىلتىزى چاغاتاي خانلارغا تۇتاشسىمۇ ئەمما ئۇلار پۈتۈنلەر ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن موغۇل يەنى موڭغۇللارنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاشقانلىرىدىن ئىبارەت .

UID
13922
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2011-8-12
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-12 13:45:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى  پادىشاھى ،ئابدىرەشىدخانمىكىن  دەيمەن،ياقۇپ بەگ بولسا قوقەندىن كەلگەن ،مىللىتى تاجىك،يەنى دادىسى ھازىرقى تاجىكىستان ئەتراپىدىن  بارغان،ئانىسى بولسا قوقەندلىك ،ئايالى  قىرغىز،بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەڭ ئاخىېرقى پادىشاھى دېسەك  ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس.باشقا كىيىنكلەر  بولسا  بەگلىكەر  ،ئۇلارنى پادىشاھلىق دىسە بولماسمىكىن.

مەن ئارىيان ئوغلىمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش