ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئىگىسى: taldi

«چۈش تەبىرى»گە ئوقۇلما [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

شەھرىزات مەلىكە

UID
11214
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
681
تىزىملاتقان
2011-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 11:00:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەر داۋاملىشىۋاتىدۇ...ئوي پىكىرمۇ تىمىغا ئەگىشىپ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، ئاڭ، سىزىم، تەپەككۇرلار شەخسنىڭ ئۆزىگە باقماي ئالدىغا ھە دەپ ئىنتىلىپ ماڭماقتا...خىياللىرىم ماڭا بۇيسۇنمىغان ھالدا تەپەككۇرۇمنىڭ ئەڭ ئىچكى تەرىپىگە ھۇجۇم قىلماقتا، نىرۋا سىستىمىلىرىم جىددىي ھالەتتە تىخىمۇ مەركىزى بولغان ئەڭ كىچىك ھالقىلارغا قاراپ يىيىلماقتا...

داۋامىنى ساقلايمەن.

UID
10930
يازما
106
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2626
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-22
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 11:56:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«چۈش تەبىرى»فرىئۇدىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى .ئۇ بۇ كىتابتا نۇرغۇنلىغان چۈشلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ ،چۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەرقايسى تەرەپلەردىن ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلغان ،ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيىلىرى غەرب ھازىرقى زامان پىسخولوگىيە ۋە پەلسەپە تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .بۇ نەزەرىيلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ مۇنداق يىغىنچاقلاش مۇمكىن
1.    چۈش مەلۇم ئارزۇنىڭ قېنىشىنى ئىزدەشتىن ئېبارەت .بۇ خۇددى سىزنىڭ چۈشىڭىزدە كىچىك تەرەت قىستاپ كەتسە ھاجەت قىلدىغان يەر ئىزدىگەندەك ياكى ئۇسساپ چۈش كۆرسە ئۇسسۇزلۇق ئىزدىگەندەك .ئۇنداقتا يامان چۈشمۇ «ئارزۇنىڭ قېنىشى »مۇ ؟ئۇ شۇنداق دەپ قارايدۇ .چۈش بىر مۇرەككەپ ھالەتتە ئۆزى قېنىشنى ئىزدىگەن ئىشلارنى بەزىدە ئاشكارە ھالدا ئېپادىلىسە ،بەزىدە نۇرغۇن نەرسىلەر بىلەن يوشۇرۇپ ئىزدەيدۇ .
مەن يېقىندا بىر چۈش كۆرگەن .چۈشۈمدە ئۆزۈمنى باشلانغۇچتىكى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئىشخانىسدا كۆرۈپتىمەن .ئۇ ئايلانما كومپىيۇتىر ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ ماڭا قاراپ سەن تۈگەشتىڭ دېگۈدەك .شۇنىڭ بىلەن مەن بىرخىل كەيپىيات بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم .بۇنىڭغا ئون نەچچە يىل بولغان ئېدى .شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ چۈشنى تەھىلىل قىلىشقا باشلىدىم .
  چۈشۈمدىكى ئوبىيكىتلار : مەن ،مۇئەللىم ،چاقلىق ئورۇندۇق
  مەن :مېنى ھەيران قالدۇرغىنى ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچۇم ،ئۇ ئاللىقاچان باشقا يەرگە يۆتكلىپ كەتكەن ،ئۇ قانداق بولۇپ چۈشۈمگە كىرىپ قالىدۇ ؟ بۇ چاغدا ماڭا فرىئۇدىنىڭ «بالىلىقتا باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتىلەردىن پەيدا بولغان چۈش» ھەققىدىكى نەزەرىيسى ئېسىمگە كەلدى .بۇ ھەم يېقىنقى يىللاردىكى «تەجىرىبە پىسخولوگىيسى»دە ئىسپاتلانغان .
  مېڭە پېشانە ئالدى تەرەپتە «سەقەنتۇر رايونى»دەپ بىر رايون بار ،بۇ رايون ئەستە ساقلاش فۇنكىسيسىگە ئېگە .بىراق ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى يوق .بۇيرۇق كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئىچىدىكى ئەسلىملەرنى سىرتقا چىقىرىپ بېرىدۇ .دېمەك بۇ يەردە ساقلىنىپ قالغان بەزى بىز ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن ئەسىلمىلەرمۇ بۇ يەردە ساقلانسا ،كېيىن چۈش ياكى قايتا ئەسلەش بىلەن زاھىر بولىدۇ .
  «چۈش تەبىرى»دە مۇنداق بىر ئىش خاتىرلەنگەن «30 ياشلاردىكى بىر كىشى دائىم شىر چۈشەيدىكەن .ھەتتا ئۇنى ئېنىق تەسىۋىرلىيەلەيدىكەن .بىر كۈنى ئۇ بىر ساپال ئويۇنچۇق شىرنى كۆرۈپتۇ .ئاپىسىنىڭ دەپ بېرىشىچە ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بېرىلىپ ئوينايدىغان ئويۇنچۇقنىڭ بىرى ئېكەن .بىراق بۇ كىشىدە بۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئەسلىمە قالمىغان .
مەن يەنە بىر مىسال كەلتۈرەي ،بىر سېنگاللىق يىگىت چۈشىدە دائىم ئاپئاق بىر يەردە تۇرغاندا تۇيۇقىسز بېشىغا بىر نەرسە ئۇرۇلۇپ چۈشەيدىكەن .ئۇ ئىزچىل بۇ چۈشنى كۆرىدىكەن .ئۇ ئەنسىرەپ باش قىسمىمدا بىر ئۆسمە بارمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ ،دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتسە ،ھېچنىمە يوق بولۇپ چىقىپتۇ .بىر چاغدا ئۇ ئۆيىدىكى ئالبومنى ئېچىپ كۆرۈپ ئۆزنىڭ بالىلىق ۋاقتدىكى رەسىملەرنى كۆرۈپتۇ .ئۇ بىر پارچە رەسىمدىن ئۆزنىڭ ئالپىس تېغىدا دادىسى بىلەن چۈشكەن بىر پارچە رەسىمى ئۇنىڭ دېققىتنى قوزغاپتۇ .ئۇ رەسىمدىن بۆلەك ھېچنمىنى ئەسلىيەلمەيدىكەن .چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇ ئەمدى 2 ياشقا كىرگەن ئېكەن .ئۇ دادىسىدىن ئۇ چاغدىكى ئەسلىملەرنى سورىغان چاغدا ،دادىسى ئۇنىڭ قولىدىن باشچىلاپ قار بار يەرگە چۈشۈپ بېشنىڭ يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى ،ئاققان قاننىڭ قارلىق يەرنى بىر ئالغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ .
بۇ يەردە «مەن»نىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەسلىمە مانا مۇشۇنداق زاھىر بولغان.
ئوقۇتقۇچۇم :ئەسلىدە ئۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ مېجەزى بەك ئوسال ،كېيىن بىر قېتملىق باھالاشتىن ئۆتەلمەي ،مۇئاشى تۇتۇپ قېلندى ،بۇنىڭدا مېنڭ ۋە بىر قانچە سىنپتىكى «كىچىك دوستلار»نىڭ تۆھپىسى بار .بىز ئۇنى باھالىغاندا بىرمۇنچە قاقشاپ يېزىپ قويغان ئېدۇق ،كېيىن ئوقۇتقۇچى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ «پەردە ئارقسىدىكى پىلانلىغۇچى»نىڭ مەن ئېكەنلىكمنى باشقا «كىچىك دوستلار»نى ئىقرار قىلدۇرۇپ ئېرىشپتۇ.شۇنىڭ بىلەن مېنى شۇنداق ئۆچ كۆرۈپ كەتتى .
ئايلانما كومپىتۇتىر ئورۇندۇقى :تورداشلارنىڭ ئېسىدە بارمىكىن ،بىر چاغلاردا بىر ئورۇندۇق پارتلاپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.چۈشۈمدە مەن ئوقۇتقۇچۇمنى ئاشۇ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزغىنىم نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟

داۋامى بار

تىرىشچان ئەزا

شەھرىزات مەلىكە

UID
11214
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
681
تىزىملاتقان
2011-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 12:11:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى ئەمدى باشلىنىپتۇ. قىنى داۋاملىق، ئامال بار تىزرەك يۇللىغان بولسىڭىز، ئاخىرىنى كۆرۈشكە بەكمۇ تەقەززا بولىۋاتىمەن.

UID
10930
يازما
106
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2626
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-22
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-19 12:13:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا قارا بېسىشمۇ "ئارزۇنىڭ قېنىشى'نى ئىزدەشمۇ ؟ فرىئۇد شۇنداق دەپ قارايدۇ .چۈش ھەممە نەرسىنى ئوچۇق ھالدا ئېپادىلىمەي بەزى باغلىنىشلىق بولغان ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇنى يوشۇرۇپ قېنىش ئىزدەيدۇ .خۇددى كومپىيۇتىر ئورۇندۇقىدەك .ئەينى چاغدا مەن ئوقۇغان سەھرادىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە نەدىمۇ ئۇنداق ئورۇندۇق بولسۇن ،مەن ئەينى چاغلاردا ئۇنداق ئورۇندۇقنى شىياڭگاڭنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدا كۆرگەن .كېيىن قاچاندۇ بىر چاغدا توردا ئىچكىرى ئۆلكىدە مەلۇم بىر شەھەردە سۈپەتسىز ئورۇندۇقنىڭ پارتلاپ كېتش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلكىنى توردا كۆردۈم .ھازىرغىچە بۇ ئىشنى ئويلىسام ئولتۇرغان ئورۇندۇقۇمدىن سەل گۇمان قىلمەن .چۈشۈم ئوقۇتقۇچۇمنى ئاشۇ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ مېنىڭ قىساسمنى ئېلىپ بەرگەن .

UID
11380
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
120
تىزىملاتقان
2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 10:54:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ توختاپ قالدىما؟ بەك قىزىقىپ ساقلاۋاتقانتىم بولمىسا....فرۇئىدنىڭ 1899 -يىلدا يازغان نەرسىلىرىنى 100 يىلدىن كېيىن ئوقۇساممۇ بىر خىل چۈشىنىكسىز تۇيۇلىدۇ،لېكىن يازمىڭىز "ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى"دەك چىقىۋېتىپتىكەن...داۋامىنى ساقلاي...

  " Dreams are the Royal Road to the Unconscious" دىگەن مۇشۇ گېپىنى بىر چاغلاردا قىزىقىپ ساقلىۋاپتىكەنمەن فرۇئىدنىڭ،يەنە Common Dreams and their Interpretions دەيدىغان بىر نەرسە ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، ھەر بىر سىمۋولغا ئاز دىگەندە 70 تەك نەرسىنى مىسال ئاپتىكەن...لېكىن بۇنى ھازىرقى زاماندىكى بىرسى يازغانغۇ دەيمەن فرۇئىدتىن خېلى كېيىن...

UID
11404
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
318
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-21 11:26:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئودىپۇس تۈگۈنى (كومپىلىكىسى ) گە قىسمەن جاۋاب يازاي:
يۇنان ئەپسانىلىرىدە ئودىپۇسنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىلىق بولماي، ئاپوللۇ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ تاۋاپ قىلغاندا، ئەگەر بالىلىق بولساڭ، تۇغۇلغان بالا سېنى ئۆلتۈرۈپ، ئايالىڭنى ئەمرىگە ئالىدۇ، دەپ بىشارەت ئالىدۇ. ئۇلار بالىلىق بولماي خېلى يۈرىدۇ. لېكىن كېيىن ئايالى يەنىلا ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ. بالا تۇغۇلغاندا بالىنىڭ پۇتىنى چېتىپ چاكارلىرى ئارقىلىق چۆلگە تاشلاتقۇزىۋىتدۇ. لېكىن چاكار ئۇنى چۆلگە تاشلىماي، باشقا بىر پادىشاھلىقنىڭ مېلىنى باقىدىغان مالچىغا بىرىۋىتىپ قايتىدۇ. بۇ مالچى بوۋاقنىڭ پۇتىدىكى ئارغامچىنى ئېلىپ پۇتىنىڭ ئىششىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئودىپۇس <<پۇتى ئىششىپ ئاغرىغان بالا >> دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئودىپۇس كېيىن يولدا ئۆزىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بىر بوۋاينى ئۆلتۈرۋىتىپ، سىفنىكىس تېپىشمىقىنى تاپىدۇ. سىىفنىكىس ئادەم باشلىق شىر تەنلىك، قۇش قاناتلىق غەلىتە مەخلۇق بولۇپ، يولدىن ئۆتكەنلەرگە تېپىشماق ئېيتىپ تاپالمىغانلارنى ئۆلتۈرەتتىكەن. سىفنىكىس ئۆلگەندىن كېيىن، ئودىپۇس شۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى بولۇپ، مەرھۇم پادىشاھنىڭ ئايالىنى ئەمرىگە ئالىدۇ. كېيىن شەھەردە ۋابا تارقاپ كەتكەندە، ئىبادەتخانىدىكى ئاقساقاللار بۇ ۋابانىڭ مەنبەسىنى ئودىپۇستا دەپ تۇرىۋالىدۇ. يەنى ئودىپۇس يولدا دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ، خانىش ئانىسىنى ئەمرىگە ئالغان ئىدى. بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلگەن ئودىپۇس كۆزىگە يىڭنە سانچىپ ئەما قىلىپ، شەھەردىن چىقىپ سەرگەردان بولۇپ كېتىدۇ.

UID
11262
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
170
تىزىملاتقان
2011-5-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-22 23:45:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  ۋاي   ، ئىلىشىپلا  قالدىمغۇ ؟!   قىززىقىپ  كۈرىۋىرىپ  ئەمدى  سەل  كاللام  غەيرىلا ....

ئۆزىنى تۇنىغان  ، رەببىنى تۇنۇيدۇ !

ئۈمىدلىك ئەزا

مەن رەھىمسىىز

UID
11305
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
155
تىزىملاتقان
2011-5-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 01:07:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم دوسلارمۇ كۆرگەن بۇلشى مۇمكىن چۈش تەبىرى دىگەن كىتاپتىكى تەبىرلەرگە ئشەنمەڭلا ئۇكىتاپ زەيىپ ھەدىسلەر بىلەن ئوخشاشكەن مەن قايسى بىر ھەدىس تەرجمىسدە  كۆرگەن

ھارون

UID
11380
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
120
تىزىملاتقان
2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 02:05:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز دەۋاتقان چۈش تەبىرى بىلەن تېما ئىگىسىنىڭ دەۋاتقىنىدا پەرىق بارغۇ دەيمەن.

UID
10930
يازما
106
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2626
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-22
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 11:21:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقندىن بېرى ئالدىراش بولۇپ كېتىپ قالدىم ئەپۇ قىلغايسلەر .سېلۋىر، سىز دىگەن سىمۋول مەنىلەردىن ئۆتۈپ كېتىشنى لايىق تاپتىم .چۈش تولىمۇ زېرەكلىك بىلەن سىز دىگەن سمۋوللۇق مەنىلەر بىلەن ئۆزىنى يوشۇرۇىدۇ .لېكىن ئۇنىڭ بايان قىلغىنى بەزىدە بىز ئېھتىياجلىق بولغان ھەم ئارزۇ قىلىپ كېلۋاتقان ئىشلار ،بۇ ھەتتا بەدەننىڭ فىزىئولوگىيلىك ئېھتىياجىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .(بەلكىم بۇ ئېھتىياجلار يوشۇرۇن ئاڭدا ئەكس ئېتىۋاتقان ئېھتىياجلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )
  قېرىندىشىم ئارون مەن چۈشەندۈرۈۋاتقان كىتاب سىز دىگەن ھەدىستىن كېيىن نەچچە يۈز يىلدىن كېينكى ئاۋستىرىيىدە بارلققا كەلگەن سېگمۇند.فرىئۇدىنىڭ كىتابى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش