- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 117
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2637
- تىزىملاتقان
- 2011-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-14
- UID
- 10930
- يازما
- 117
- تېما
- 18
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2637
- تىزىملاتقان
- 2011-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-14
- توردا
- 26 سائەت
|
ئەمدى رەسىمى تېمىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن مەن بىرقانچە ئىشقا چۈشەنچە بېرىپ قويماقچىمەن .
1.مەن ھەممىڭلارنىڭ بۇنىڭغا ئىشىنىپ كېتشىڭلار ئۈچۈن ئەمەس .ئاشۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش داۋامىدا ھېس قىلغانلىرىمنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن .ئەگەر سىز كارل.گۇستاف.جۇڭنىڭ چۈشكە بەرگەن تەبىرىنى ياخشى كۆرسىڭىز ،ئۇنداقتا داۋاملىق ئۆز پوزىتسىيىڭىزدە تۇرۇڭ ھەم بۇ ئوقۇلمغا تەنقىدى پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ .ئاندىن ئۆز كۆز قارشىڭىزنى ۋاقتىڭىز بولسا بۇ يەردە ئىزاھلاپ بەرسىڭىز تامامەن قارشى ئالىمەن .
2.بۇ بىر ئوقۇلما يەنى ئاممىبابلاشتۇرۇلغان ئوقۇلما ،ھەرگىز ئىلمى ماقالە ياكى پىسخولوگىيە ماتىرىيالى ئەمەس .شۇڭا مېنىڭ ئۆز كۆز قارىشىمنى سۆزلەش ھوقۇقۇم بار .خۇددى ھەممە تورداشنىڭ قارشى پىكىر بېرىش ھوقۇقى بولغاندەك .مېنىڭ قارىشىم بولسا ،مەن كۆز قارىشىڭىزغا قوشۇلمىساممۇ ،لېكىن قەتئىي تۈردە سىزنىڭ پىكىر بېرىش ھوقۇقىڭىزنى ياقىلايمەن .
ئەمدى رەسىمى تېمىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن ماۋۇ مەزمۇنلار بىلەن بەدەن قىزىتۋىلىڭ .
يوشۇرۇن ئاڭ دىگەن زادى نېمە ؟
فرىئۇد ئاڭ بىر غايەت زور مۇز تاغقا ئوخشىسا سۇ يۈزىگە چىققان ئاز بىر قسىم بولسا ئاڭلىق ھېسى بىلىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.سۇ ئاستىغا چۆكۈپ تۇرغان غايەت زور بىر قىسىم بولسا يوشۇرۇن ئاڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .ئۇ كىشنىڭ ھەربىر ھەركىتىنىڭ ناھايىتى ئاز بىرقىسىمى ئاڭلىق بىلىشنىڭ ئىچىدە بولسا يەنە قالغان كۆپ قىسمى يوشۇرۇن ئاڭنىڭ باشقۇرىشىدا بولىدۇ ھەم ئاكتىپ ھالدا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ ،بىراق بۇنى كىشلەر ئاسانلىقچە ھېس قىلالمايدۇ دەپ قارايدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئادەم يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ھەرىكىتىنى بىلەلمەيدۇ،بۇ ۋاقىتتا چۈش بولسا يوشۇرۇن ئاڭنى مەۋجۇتلۇقىنى بىلىشنىڭ ئاساسلىق يولى.
پىسخولوگىيىلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىر بېمارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يوشۇرۇن ئاڭنىڭ رولى تېخمۇ ئۆتكۈر بولغان بولىدۇ.يوشۇرۇن ئاڭ ئۇنىڭدا ھەددىدىن زىيادە ئەنسىرەش ،قورقۇنچ،مىجەزنىڭ زىيادە ئىتتىك بولۇشىنى كونتىرول قىلالماسلىق ۋەياكى ئۇنىڭدىن ئېغىر بولغان سەۋەبلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ چاغدا ئاڭلىق ھېسى بىلىشنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقىنى ۋە ئامالسىزلىقىنى بىلىسز ، يوشۇرۇن ئاڭ بولسا خۇددى غايەت زور بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش ھەممىنى سۈپۈرۈپ يوق قىلالايدۇ.
يوشۇرۇن ئاڭ ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ رولىنى چۈشىنىش ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتمىزنى تەڭشىشىمىزگە غايەت زور پايدىسى بولىدۇ.بۇ يەردە ئاپتۇرنىڭ كۆپتۈرۈپ ئېيتقىنى ئەمەس .ناھايىتى نۇرغۇن ئىلمى تەجىرىبلەر ئاساسىدا يوشۇرۇن ئاڭنىڭ رولنىڭ ھەقىقەتەن چوڭلۇقى ئىسپاتلانغان.
بىر ئادەمنىڭ قۇدىرەت تېپىشى ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
تۆۋەندە مەن ئاساجېئولى (Roberto Assagioli) نىڭ تۇخۇم شەكىللىك رەسمىلىك چۈشەندۈرىشىدىن پايدىلىنىىپ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ رولىنى چۈشەندۈرىمەن.
ئاساجېئولى(1888-1974)،مول كېلىنكىلىق ئەمەلىيىتى ۋە شەرقنىڭ تەپەككۇرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ غەرب ۋە شەرق بىرلەشكەن پىسخولوگىيە سېستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
1.تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ
2.ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ
3.يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ
4.ئاڭ چېگراسى
5.ئاڭ مەركىزى،ئۆزلۈك
6.يۇقىرى قاتلامدىكى ئۆزلۈك،ھەقىقى ئۆزلۈك
7.كوللېكتىپ ئاڭ
(ئەسكەرتىش:ئۈزۈك سىزىق ئەتراپىدا ئوخشاش بولمىغان رايونلار كېسىشىدۇ ،مەسلەن ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئاڭسىز ھېسى بىلىش تۆۋەن قاتلامدىكى قاتلامدىكى ئاڭسىز ھېسى بىلىشنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.تەسىرى ئۆز ئارا بولىدۇ.ھەربىر رايون يوغىناش ھەم كىچىكلەش مۇمكىنچىلىكى بار)
1) تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ (The Lower Unconscious)
تۆۋەن قاتلامدىكى ئاڭسىز ھېسى بىلىش ماھىيەت،ئۆزىنى ئۇرۇش(بېرىلىش)،قوزغىتىش كۈچى،فىزىئولوگىيىلىك مېخانىكىلىق تەسىر قاتارلىقلانىڭ دۇنياسى .
ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تاشقى ئاڭنىڭ باشقۇرىشىدا بولمايدۇ،بەدەن ئۆزى نەپەسلىنىدۇ،ئاشقازان-ئۈچەي ئۆزى ھەزىم قىلدۇ.يۈرەك ئۆزى سوقىدۇ.ئېممونت سېستىمىسى سىرتقى باكتىرىيە ۋىروسلارنىڭ بەدەنگە كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ...بۇ فۇنكىسيىلەرنى تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.
گەرچە تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ گەرچە «تۆۋەن»دە بولىسمۇ ئۇ نۇرغۇن ئالىي ھەم مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.
تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ بەدەن خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى ياخشى قىلسا بەدەن ساغلاملىقىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان بولىدۇ.بەدەننىڭ كېسەل بولۇشى ئاڭنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلى بولىدۇ.
تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ يەنە پۈتمەس-تۈگمەس ئەستە ساقلاش ئامبىرى.كىشلىك تۇرمۇشتىكى چوڭ-كىچىك ئىشلار ۋە ئەسلىمىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا ساقلىنىدۇ.
ئۇ يەنە شۇنداقلا كىشلەرنىڭ ماھىيەت ۋە رەزىللىكىنىڭ دۇنياسى ،ئېنسانلارنىڭ ئەڭ ئېپتىدائىي ۋە مەدەنىيەتسىز قىسمى،جىنايى ھەرىكەت ۋە زوراۋانلىقنىڭ مەنبەسى.
يوشۇرۇن ئاڭ ئاڭ تەرىپىدىن قوبۇل قىلنمايدىغان ھەم باشقۇرۇلمايدىغان نۇرغۇن تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاسانلا كىشىدە قورقۇنچ،مەجبۇرلاش خارەكتىرىدىكى پىكىر قىلىش،قالايمىقان خىيال قىلىش،خىيالى سېزىم ھەتتا قارابېسىش قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
بۇ قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا لوگىكا ۋە ئېدىيە بولمايدۇ،ئەكسىچە كۈچلۈك،ھەركەتچان ھالدا يەرشارىنىڭ مەركىزىدىكى لاۋاغا ئوخشاش توختىماي ھەركەت قىلىپ تۇرىدۇ ھەم كېچە-كۈندۈز دەم ئالمايدۇ.
فرىئۇدنىڭ روھىي ئانالىز نەزەرىيىسى بەزى چاغلاردا «چوڭقۇر قاتلاملىق پىسخولوگىيە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.فرىئۇد دوستىغا يازغان خېتىدە:«مەن كىشلەرنىڭ يەرئاستى ئۆيىگە قىزىقىمەن»دىگەن.ئەگەر نوقۇل ھالدا تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ئارقىلىقلا ھەممە پىسخىك مەسىلىگە جاۋاب تېپىش يۈزەكى بولۇپ قالىدۇ.بۇ كېيىنكى روھىي ئانالىز تەرەپدارلىرىنىڭ نېمىشقا فرىئۇدىنىڭ نەزەرىيسىنى توختىماي تولۇقلاپ تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبى،ئېلىمىزدىكى داڭلىق فاڭ دوڭ مى ئەپەندى بۇ جەھەتتە؛«پىسخولوگىيەدە چوڭقۇر قاتلام بولۇشى كېرەك ،ھەم يۇقىرى قاتلام بولۇشى كېرەك»دىگەن.
2) ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ(The Middle Unconscious)
روھىي ئانالىز تەرەپدارلىرى ئالدىنقى ئاڭ (pre-conscious)دەپ ئاتايدۇ.ئادەتتە ئاڭدا ساقلانمايدىغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتدۇ ،بىز پەقەت ئەسلەش،پىكىر قىلىش،ئېپادىلەش قاتارلىق ھېسى پائالىيەتلەرنى قىلغان ۋاقتىمىزدا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.بۇ ماتىرىياللار ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا ساقلانغان بولىدۇ.مەسلەن،«سىزنىڭ قول تېلىفون نومۇرىڭىز قانچە؟»،«سىزنىڭ تولۇق ئوتتۇردىكى مۇئەللىمىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟».«سىزنىڭ تۇنجى ئوغۇل دوستڭىز كىم؟»دىگەندەك سوئاللار سورىلىشتىن بۇرۇن ماتىرىيال-ئۇچۇرلار سىزنىڭ ئېڭىڭىزدا بولمايدۇ،ئەكسچە ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا ساقلانغان بولىدۇ.ئاڭ ۋە ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ئوتتۇرىسىدا بەك چوڭ ئارلىق بولمايدۇ،تېزلا بىر-بىرىگە ئۆتۈشەلەيدۇ،بەزىدە ھەتتا بىر قايتۇرۇپ سوراش كۇپايە.چوڭقۇر قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا بولسا بۇ ئۇچۇرلارنى قېزىپ چىقماق تەس ،بۇ پىسخولوگىيىلىك داۋالاشتىكى بىر چوڭ جەڭ ئېلان قىلىش.
3)يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ(The Higher Unconscious or Superconscious)
يازغۇچىلار ئۆيگە بېكىنىۋىلىپ يازغۇچىلىق قىلغان ۋاقتىدا ،بەزى چاغلاردا ئېلھامى كېلىپ توختىماي يازىدۇ.يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىمۇ ھەيران قالىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ يازغۇچىنىڭ تەپەككۇرى يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن تۇتىشىپ ،ئادەتتىكى چاغلاردا كەلمەيدىغان ئېلھام كېلىدۇ.بەزى نوبىل مۇكاپاتى ساھىبلىرى يوشۇرۇن ئاڭ كۈچىدىن كەلگەن ئېلھامنىڭ كۈچى بىلەن بەزى يېڭى بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرۈپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1845-يىلى گىرمانىيە خېمىيە ئالىمى خوفمان بېنزولنى بايقىغاندىن كېيىن ،نۇرغۇن خېميە ئالىملىرى كاللا قاتۇرۇپ بېنزولنىڭ قۇرۇلمىسىنى شەكلىنى تەتقىق قىلىپ بىلەلمىگەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېنزولنىڭ قۇرۇلمىسنى بىلىشتىن ۋاز كەچكەن.
ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1865-يىلى قىشتا نەچچە يىل بوشاشماي بېنزولنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغان روسيە خېميە ئالىمى كېكىلى بىر كۈن قېتىرقىنىپ بۇ ھەقتە ئويلىشىپ تام مەشنىڭ قېشىدا ئۇخلاپ قالىدۇ.بۇ چاغدا مۆجىزە يۈز بىرىدۇ .چۈشىدە بىر توپ ئاتوملار ھالقىسمان بولۇپ تولغىشىپ ئايلىندۇ ،يەنە بىر قارىسا بىر يىلان ئۆزنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپ چۆگىلەيدۇ .
كېكىلى چاقماق سوققاندەك ئورنىدىن تۇرۇپ بېنزول قۇرۇلمىسىنىڭ يېپىق شەكىلدىكى ھالقىسمان تۈزلۈشكە نۇرغۇن ئالىملارنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىنى بايقايدۇ.قىسقىغىنە بىر ئۇخلاشتىن كەلگەن چۈشنىڭ ئېلھامى بىلەن كېكىكلى نۇرغۇن خېميە ئالىملىرى نەچچە يىل كېچە-كۈندۈز تەجىرىبخاندا ئېرىشەلمىگەن نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.بۇنىڭ بىلەن خېمىيە تەتقىقاتىدا دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئېگە بىر ئابىدە بارلىققا كېلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن كېكىلى نوبىل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشدۇ.
ئوخشاشلا ئېينىشينىمۇ «نىسبىيلىك نەزەرىيسى» ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئۇمۇ بىر قېتىملىق ئۇخلاش ئارقىلىق ،چۈشىدە قولىدا بىر دەستە نۇرنى تۇتۇپ نۇر تېزلىكىدە ھەركەت قىلىپ چۈش كۆرىدۇ .ئۇ ئويغىنىپ نەچچە كۈن ئىچىدە «تار مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيىسى »نى يېزىپ فىزىكا دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغايدۇ .ئارقىدىن «كەڭ مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيسى»نى يېزىپ بۇ نەزەرىينى تېخمۇ تولۇقلاپ بېيىتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇ نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇپ قالىدۇ.
يۇقىرىدىكى بىرنەچچە مىسالدىن شۇنى كۆرۈۋىلشقا بولىدۇكى ،يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ئېلھام،ئەقىل،سەزگۈ قاتارلىقلارنىڭ دۇنياسى .
ئەگەر گېپنوز قىلىش جەريانىدا ئەگەر يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن تۇتىشىش ۋە باغلىنىش ھاسىل بولسا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ-غارايىپ مۆجىزىلەر يۈز بىرىپ تېخمۇ ياخشى بولغان پىسخىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. گېپنوز ئارقىلىق يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتتىكى ئىجاد قىلىش ،ئىلغار تېخنىكىدىكى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ،خارەكتىرنىڭ ئۆزگىرىشى،ئۆزىنى ئۇنتىش ئارقىلىق كەسپكە ئۆزىنى بېغىشلاش ،قىممەت قارىشنىڭ ئۆزگىرىشى ،ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش .ئالىيجاناب خارەكتىر ،مۇۋاپپىقيتەتكە يېتىشنىڭ بۇلىقى .
4)ئاڭ چېگىرىسى
بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق .بىزنىڭ ھەرۋاقىت بىۋاستە ھېس قىلغان نەرسمىز .بىزنىڭ ھېس قىلىش نۇقتىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىلەرمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.ئاڭ چېگىرىسى بەزىدە چوڭىيىپ ،بەزىدە كىچىكلەپ تۇرىدۇ.شۇڭا تۇخۇم شەكىللىك رەسمىدە ئۈزۈك سىزىق بىلەن ئىپادىلەنگەن.
5)ئاڭنىڭ مەركىزى –ئۆزلۈك
ئۆزلۈك ئېڭىمىزنىڭ غولى.ئۆزىمىزنى تونۇشمىزنىڭ مەركىزى.ئاددى قىلىپ ئېيتقان چاغدا «مەن» يەنى «مەن»ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئۆزلۈك.
6) يۇقىرى قاتلامدىكى ئۆزلۈك(ئۆزىدىن ھالقىغان ئۆزلۈك )
ئاڭنىڭ مەركىزى بولغان «مەن»گە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى قاتلامدىكى «مەن» بولسا ھەقىقى «مەن»گە ۋەكىللىك قىلىدۇ.خۇددى نۇرغۇن ئادەملەر بىراۋنىڭ پۇلىنى تېپىۋالغان چاغدا ئۇنىڭ ئېڭىدا ئىككى «مەن»پەيدا بولىدۇ ،بىر «مەن» پۇلنى ئېلىۋىلىپ خەجلەشنى ،يەنە بىر «مەن» پۇلنى ئېگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتىدۇ.
ئادەتتىكى «مەن»بولسا ئاڭ دائىرىسنىڭ مەركىزى ،رېئاللىقتكى خارەكتىرنىڭ مەركىزى.ھەقىقى «مەن» بولسا يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭنىڭ مەركىزى.بۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان قاتلام ۋە مەزمۇنى تېخمۇ كەڭ دائىرىدە بولىدۇ.تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى نۇرغۇن كىشلەر رېئاللىقتىكى كىچىك «مەن»ئىچىدە ياشايدۇ.يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭدىكى ھەقىقى«مەن»نى تونۇپ يەتمەيدۇ.ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كاللىمىزدا يۈز بېرىدىغان پىسخىك ئۆزگىرىش ۋە ياكى باشقا خارەكتىر ئۆزگىرىشى ھەتتا بىزنى مۇۋاپپىقىيەت يولىغا يېتەكلەيدىغنى بىز ئىزچىل تونۇپ يېتەلمەي كېلۋاتقان يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭدىكى ھەققىقى ئۆزلۈك .ئۇ خۇددى كۆرۈنمەس مەشئەلگە ئوخشاش بىزنىڭ ئېدىيە يولىمىزنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.بىراق بىز كۆپ ھاللاردا بۇ مەشئەلنى قولىمىزغا ئالالمايمىز.
گېپنوز قىلىشنىڭ مەقسىتى بولسا يوقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭدىكى «مەن»نى قوزغىتىش ئارقىلىق سىزنى تۈرلۈك پىسخىك بېسىملاردىن قۇتۇلدۇرۇپ ،سىزنىڭ كىشلىك قىممەت قارىشى ئۆزگەرتىشىڭىزگە ياردەم بېرىش .
7)كوللېكتىپ ئاڭ
كوللېكتىپ ئاڭ بولسا شەخستىن ھالقىغان مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى بىلىش .ئەگەر خۇدا،جىن-ئالۋاستى،روھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققدىكى ئاڭ ۋە بۇ ھەقتىكى ھېسى بىلىش.
تاپشۇرۇق :ئودىپۇس كومپىلېكىسى ،فرىئۇدىنىڭ ئۈچ قاتلاملىق ئادىميەت قۇرۇلمىسى .گېپنوز (ئەگەر ئەلكۈيى باشقۇرغۇچىلىرى خالىسا بىر مەيدان گېپنوز قىلىپ ھەم ئۇنىڭ ئاساسىي مېخانىزىمنى چۈشەندۈرۈپ بەرگۈم بار ،مەن دىسەم سەت تۇرىدۇ ،سىلەر دەڭلار ....ھا..ھا..) قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئوقۇپ كېلىڭلار .ئاندىن چۈشكە ۋەھشىيلەرچە تەبىر بېرىمىز .يۇقىرىدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ھەققىدە يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ سۆزلەيمەن .ھازىرچە مۇنداق پايدىلىنىپ ھە دەپ قويسڭىز بولدى .ئەگەر بۇ مەزمۇنلاردا سىزنىڭ چۈشەنچىڭىز بولسا بىرلكىتە ئېلىپ سىزمۇ ئېنكاس سۈپىتدە يۇقىرىدىكى تاپشۇرۇق بويىچە يېزىپ قويسڭىز بولىدۇ . |
|