بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سىرداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-17 00:16
2-ئاي ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭ ھەممىگە ئايانكى،2-ئاينىڭ باشقا ئايلارغا قارغاندا كۇن سانى ئەڭ ئاز بۇلۇپ،ئادەتتىكى يىلدا 28كۇن،ھەر توت يىل بىر كەبىسە يىل بولغاندا 29كۇن بۇلدۇ. 2-ئاي نڭمە ئۇچۇن مۇشۇنداق ئالاھىدە؟بۇ ھەختە مۇنداق قىزقارلىق ھىكايلەر بار: رىۋايەت قىلىنىشچە،مىلادىيەدىن ئىلگىركى46-يىلى قەدىمقى رىم ئىمپىراتۇرى جۇلىئان قەيسەر مىسىر ئاستورۇنۇمى سۇسىگېننىڭ ياردىمى بىلەن بىر خىل يېڭى كالېندار تۇزۇپ چىقىپ،بىر يىلنى 12 ئاي،تاق ئايلارنى چوڭ ئاي دەپ ئاتاپ 31 كۇن قىلىپ بەلگىلگەن.لىكىن مۇشۇنداق قىلغاندا بىر يىل 366 كۇن بۇلاتتى.ئەمما يەر شارنىڭ ئوربىتنى بىر قىتىم ئايلىنشى (تىروپىك يىل) 365كۇن 5 سائەت 48 مىنۇت 46 سىكۇنىت بولغان.مۇشۇنداق بولغاندا كالىنداردا بەلگىلەنگەن يىل تىروپىك يىلغا قارغاندا بىر كۇن ئېشىپ قالغان.ئۇنى قانداق قىلىش كىرەك؟ مەلۇم بىر ئايدىن بىر كۇننى ئېلىۋىتىشكە توغرا كەلگەن.رىم ئىمپېراتۇرى ئاشۇ چاغلاردا ئۇلۇم جازاسنى 2-ئايدا ئىجرا قىلدىغان بولغانلىقتىن ،كىشلەر بۇ ئاينىڭ بەك ئۇزۇن بۇلۇپ كىتىشنى خالىمغان.شۇڭا 2-ئايدىن بىر كۇننى كىمەيتىپ 28 كۇن قىلغان. جۇلىئان قەيسەر ئۆلگەندىن كىيىن،ئۇنۇڭ ئاسراندى ئوغلى ئاۋگۇسىت ئىمپىراتۇرلۇق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان.مىلادىدىن بۇرۇنقى 27-يىلى،يەنى ئۇ تۇغۇلغان 8-ئايغا «ئاۋغۇسىت ئېيى»دەپ نام بەرگەنلىكنى جاكارلىغان.ئەمما 8-ئاي 30 كۇن بولغانلىقتىن،شۇ چاغدىكى رىم ئىمپىريەسى 2-ئاينىڭ تەسىرگە ئۇچۇرغانلىقتىن ،جۇپ ساننى «قۇتلۇق ئەمەس»دەپ قارغان،ئۇنۇڭ ئۇستىگە ئۇنۇڭ ئالدىدا ۋەزىپە ئۇتگەن ئىمپىراتۇر7-ئايدا تۇغۇلغاندى.لىكىن 7-ئاي 31 كۇن بولغاچقا،بۇنى قانداق قىلىش كىرەك؟ئۇنۇڭ مەرتۋېسى ۋە ئورنى جۇلىئان قەيسەردىن قىلىشمايدىغانلىقنى كورسۇتۇش ئۇچۇن،كالىندارغا تۇزتۇش كىرگۇزۇشكە پەرمان چۇشۇرۇپ، خەيرىلىك بولمىغان 2-ئايدىن يەنە بىر كۇننى ئېلىپ 8-ئايغا قۇشۇشنى قارار قىلغان.شۇنۇڭدىن باشلاپ8-ئاي ۋە 8-ئايدىن كىيىنكى تاق ئايلارنى كىچىك ئايغا ئوزگەرتىپ 30كۇن قىلغان.ئەمما 2-ئايغا پەقەت 28 كۇنلا ئېشىپ قالغان.لىكىن يەر شارنىڭ قۇياشنى بىر قىتىم ئايلىنشىغا 365 كۇن 5 سائەت 48 مىنۇت 46 سىكۇنىت كەتكەن.ئەمما ئادەتتە ئېتىلىپ كىلۋاتقان بىر يىل 365 كۇن بۇيۇنچە ھىساپلان،مۇشۇ بۇيچە بولغاندا ھەر يىلدا چارەك كۇن ئېشىپ،توت يىلدا بىر كۇن ئېشىپ قالغان.بۇ بىر كۇننى تۇلۇقلاش ئۇچۇن ھەر توت يىلغا بىر كۇننى قۇشۇش بەلگىلەنگەن.2-ئاينىڭ كۇن سانى ئەڭ ئاز بولغانلىقتىن ،بۇ بىر كۇن 2-ئايغا قۇشۇلغان.شۇنداق قىلىپ بۇ بىر يىلدىكى 2-ئاي 29كۇن بولۇپ،پۇتۇن بىر يىل 366كۇن بولغان،ئاستۇرۇنۇملار مۇنداق يىلنى«كەبىسە يىل»ھەم«كەبىسە ئاي»دەپ ئاتاشنى،ھەر توت يىل بىر كەبىسە يىل بۇلدىغانلىقنى بەلگىلگەن. كەبىسە يىلنى بەلگىلگەندىن كىيىن،ھەر توت يىلدا يەنە 44 مىنۇت 56 سىكۇنىت ئېشىپ قالغان.128 يىلدىن كىيىن يەنە بىر كۇن،400يىلدىن كىيىن ئۇچ كۇن ئېشىپ چىققان،بۇ زىديەتنى ھەل قىلىش ئۇچۇن،مىلادىيە كەبىسە يىلدا يەنە مىلادىيەنىڭ يىل ساننى توتكە بۇلۇپ ،كەبىسە يىلى قىلىشنى بەلگىلگەن.مەسلەن:1980-يىلى كەبىسە يىلى بولغان.400يىل ئىچدىن ئېشىپ چىققان ئۇچ كۇننى كىمەيتىش ئۇچۇن يەنە ئادەتتە مىلادىيە ئەسىرىنى پۇتۇن سان قىلىپ توتكە پۇتۇن بۇلۇشنى بەلگىلگەن.مەسلەن:1600-يىلى،2000-يىلى،لىكىن 1700-يىلى،1800-يىلى ۋە 1900-يىلى گەرچە تۆتكە بولۇنگەن بولسىمۇ ،لىكىن 400گە پۇتۇن بىۆلۇنمىگەچكە ،كەبىسە يىل بۇلالمىغان.شۇنداق قىلىپ ،ئەپچىللىك بىلەن 400 يىل ئىچدىن ئۇچ كۇن كېمەيتىلگەن. كالىندارنى يۇقۇرقىدەك بەلگىلگەندىن كىيىن ،پۇتۇن دۇنيادىكىلەر تەدرىجى ھالدا بۇنى ئىتراپ قىلىپ ھەم بۇ ئەنئەنگە ۋارىسلىق قىلىپ،مىلاديە يىلنى 2000يىلدىن ئارتۇق قوللانغان ھەم ئۇنۇڭغا ئادەتلىنىپ كەتكەن.لىكىن ئادەتلىنىشنىڭ ئىلمى ئاساسى بولمىغاچقا ،پۇتكۇل دۇنيادىكى نۇرغۇن ئاستۇرنۇملار ۋە كالىندارشۇناسلار ھازىر يولغا قۇيۇلۋاتقان كالىندارغا تۇزتۇش كىرگۇزۇش ھەققىدە كونكېرىت لاھىيەلەرنى ئوتتۇرغا قويماقتا.
مەنبە:شىنجاڭ مائارىپى(2012-يىلى1-2-سان) |