پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3638 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئۆزىل يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟خىلى كۇنلەر بوپ قاپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى ھەمىڭلار ياخشى...

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 23:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇغلۇڭغا كىيىم ئزدىگۈچە ،ئۇستاز ئىزدە .

  • ilghar تۈنۈگۈن 21:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    خۇتۇنۇڭ يىيىشلىك بولسا ئۇردى خۇدا،مېلىڭ يىيىشلىك بولسا بەردى خۇدا

  • كالۋا تۈنۈگۈن 20:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    نان يىسە قۇساق تۇيدۇ.....

  • ilghar تۈنۈگۈن 19:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىرنەچچە كۈن يوقاپ كەتسەم مۇنبەرئەجەپ قىزىپ كېتىپتۇ

  • زەپەر تۈنۈگۈن 10:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ قوش تىل 5- يىللىق 2- ماۋسۇملۇق . خەنزۇ تىلى ۋە ئانا تىل - ئەدەبىيات دەرىس تەييارلىقى بولسا  يوللاپ .....

  • 阿布都艾尼江  تۈنۈگۈن 00:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • مەرگەن1 تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ئەڭ ياخشىسىنى تاللىيالمايمەن ، ئەڭ ياخشىسى مىنى تاللىسۇن

  • 清澈(维) تۈنۈگۈن 21:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوغلۇڭ بۇشاڭ بولسا ،كېلىنىڭ بىشەم بولۇر

  • ilghar تۈنۈگۈن 20:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوسلا ! كىمدە 6-يىللىق شىنجاڭ دەرس تەييارلىقى بار؟ بولسايوللاپ قويغان بولساڭلا بەكلا مىننەتدار بولغان ب.....

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 20:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈن ئارقىلىق ئەتىنى يارات!

  • MUSLIMA تۈنۈگۈن 16:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوئال قويۇلمىسا،جاۋابمۇ بېرىلمەيدۇ.ياخشى سوئالنىڭ قىممىتى ياخشى جاۋابنىڭ قىممىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

  • 阿布都艾尼江  تۈنۈگۈن 03:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخىشمۇسسللەر 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كۆچەت تىكىش بايرىمڭلارغا مۇبارەك بولسۇن؟

  • 买提库尔班 ئۈلۈشكۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

كۆرۈش: 97|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

85

تېما

37

دوست

4644

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1223 سەر
تىللا
217 دانە
تۆھپە
775 سەر
شۆھرەت
797 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 00:15:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا
  پېقىر(ئەلتىگن) گەرچە ئون نەچچە يىل يېزىقچىلىق كۇچىسىسدا لاغايلاپ يۇرگەن بولساممۇ لىكىن ئېغىزغا ئالغۇچىلىلك بىر نەرسە يازالماي يۇرگەن بۇگۇنكى كۇندە تور ئارلاپ يۇرۇپ بۇ شېئىرنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم ۋە بۇ شېرنى پۇتى بولسا ماڭغۇدەك،تىلى بولسا سۆزلىگۇدەك،قولى بولسا تۇتقۇدەك شېئىر ئىكەن دەپ كەڭ مائارىپچىلارغا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى.ئەلۋەتتە ،ھەربىر ئادەم ئۇقۇپ قويسا يامىنى يۇق دىگەن ئويدا مەن.

ماسلاشمىدىڭ زامانغا،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا،
يېتەلمىدىم ئارمانغا،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا،

(لوفاڭ) دېدۇق بىنانى،
(خابا) دېدۇق دەريانى،
(مېينۈ) دېدۇق رەنانى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(لوفاڭ) ئالدۇق (دەيكۈ ەنگە)،
(جياڭشىيۇ) قىلدۇق (يىۋەنگە)،
ئامال يوقمۇ دەرتمەنگە،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

توڭلانقۇنى (بىڭشىياڭ) دەپ،
ياڭراتقۇنى (يىڭشياڭ) دەپ،
گۈرجەكنىمۇ (تىشاڭ) دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(گۇڭۋۇيۈ ەن) دەپ مەمۇرنى،
(چىيەنزە) دېدۇق ئامبۇرنى،
نېمە دەرمىز تەمبۇرنى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

كۆمۈر گازنى (مىيچى)دەپ،
ئاكورتىنى (پىيچى)دەپ،
تىنى (ياۋچى) دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(سۇشى) دېدۇق ياتاقنى،
(شېزى) دېدۇق ئاياقنى،
(لىيۇۋلاڭخەن) دەپ ساياقنى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

كەرەپشىنى (چىڭسەي) دەپ،
كۈدە دېمەي (جۈسەي) دەپ،
پالەكنىمۇ (بوسەي) دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(خاڭگا) ئەمەس تەرخەمەك،
(بەسەي) ئەمەس يېسىۋىلەك،
بىر پىلەكتىن مىڭ خەمەك،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(شۇجى) دېدۇق يانفوننى.
(شىياڭزاۋ) دېدۇق سوپوننى.
(لاۋپو) دەيمىز خوتۇننى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

كارتا دېمەي (كا) دېدۇق،
ياپما خىشنى (ۋا) دېدۇق،
بىلەلمىسەك (سا) دېدۇق،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئۈستەلنىمۇ (جوزا) دەپ،
ئورۇندۇقنى (يىزا) دەپ،
كومپيۇتورنى (جىزا) دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

بۇس تارىتقۇنى (چۇيەنجى)،
شامالچىنى (گۇپپۇڭچى)،
دەرىجىمىز (فۇكىجى)
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئېرى ماڭدى (جىيۇباغا)،
خوتۇن ماڭدى (دىباغا)،
بالا كۆندى (ۋاڭباغا)،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئۇچۇرشىشنى (يۆخۈي)دەپ،
يىغىن دېمەي (كەيخۈي)دەپ،
ئېتىبارنى (يۆۋخۈي)دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(داجى)دېدۇق ئەرزاننى،
(نۈ ەنپىڭ)دېدۇق چايداننى،
(شۇجۈكۇ)دەپ سانداننى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

شاۋقۇن - سۈرەن (زايىن)دەپ،
خەت باسقاننى (دايىن)دەپ،
تەلەپپۇزنى (فايىن)دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(شىگۈ ەن)دېدۇق كۆنگەننى،
(گۈ ەنجۈن)دېدۇق يەڭگەننى،
نېمە دەيمىز مەڭگەننى ؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئىلغار بولسا (يۇۋشىۇۋ)دەپ،
رېمىنۇتنى (داشىيۇۋ)دەپ،
نى (چىشىۋۇ)دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئەينەك، ئېدىش (گاڭزا)دەپ،
يېزىلارنى (جاڭزا)دەپ،
شۇم ئوچاقنى (لىڭزا)دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

دابازادا زاسۈي يەپ،
كېندېجىدا جىتۈي يەپ،
چاڭزا، ئۈچەي، خوتۈي يەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(گازىر) بولدى شىمىشكە،
(نەيپىڭ) بولدى ئىمزىگە،
ئويلانمايمىز نىمىشكە ؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(خوگو) بولدى يەلقازان،
(گولو) بولدى پارقازان،
(دىيەنفەنگو) بوپ توك قازان،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(دىڭپاۋ) دىگەن چىراقنى،
(تۇڭكۇ) دەيدۇ پىراقنى،
(ياۋيۈ ەن) دەيمىز يىراقنى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئىچكىر دىمەي (كۇلى)دەپ،
تۈلكە دىمەي (خۇلى)دەپ،
ياردەمچىنى (جۇلى)دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

جەرىمانە (فاكۇەن)دەپ،
سوتخانىنى (فايۈ ەن)دەپ،
كورپۇس دېمەي (دەنيۈ ەن)دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

كۈتۈپخانا (تۇشۇگۈ ەن)،
مۇلازىملار (فۇۋۇيۈ ەن)،
(ساۋمىي) بولدى بۆلجۈرگەن،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(پىڭزا) بولدى بوتۇلكا،
(شىجۇاڭ) كاستۇم - بۇرۇلكا،
(گۇۋاڭگاۋ) بولدى لوزۇنكا،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

تىككۈچىنى (سەيپۇڭ)دەپ،
خۇاڭمىيەن، كاۋرۇ، لەڭپۇڭ دەپ،
سۇ ئۈزۈشنى (يۇۋيۇڭ) دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

مامۇق چاپان (يۇرۇڭفۇ)،
راھەت ئىشتان (شىيۇۋشىيەنكۇ)،
ئىچ ئىستاننى دەپ (شەنكۇ)،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئىچ كىيىمنى (نىييى)دەپ،
ئۇيقۇ كىيمى (شۈييى)دەپ،
ئىچىملىكنى (شۆبىي)دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(مابۇ) دېدۇق جامبىنى،
(دەيزى) دېدۇق خالتىنى،
(كاۋباۋزى) دەڭ سامسىنى ؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(تىڭجى) بولدى توختىغان،
(داباۋ) بولدى ئەپ ماڭغان،
(لىيۇۋجى) بولدى قەپ قالغان،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(گۇۋاڭگاۋ) دېدۇق ئېلاننى،
(خۇڭزاۋ) دېدۇق چىلاننى،
نېمە دەيمىز يىلاننى ؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

لېنتىچىنى (دەيچى)دەپ،
ۋېلىسپىتنى (سەيچې) دەپ،
دەرس تاشلاش (كۇۋاڭكې)دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(توشەي) بولدى ساپما كەش،
(لۇزا) بولدى پىلتە مەش،
بۇ مودىدىن كۆڭۈل غەش،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(جىياڭتەي) دېدۇق مۇنبەرنى،
(شىياڭشۈي) دېدۇق ئەنبەرنى،
(كاشى) دەيلى قەشقەرنى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(ساڭنا) دېدۇق مۇنچىنى،
(مىيەنجاڭ) دېدۇق ئۇنچىنى،
(شىياۋخۇا) دەيمىز غۇنچىنى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

يىيىشىمىز (خەنباۋباۋ)،
ئۇچىمىزدا (مونتىجىياۋ)،
چولپىنىمىز (ر. باچىياۋ)،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

توخۇ قورداق (داپەنجى)،
خۈيمىيەن، بەيمىيەن، لازىجى،
دىڭ دىڭ سومىيەن، جوۋماجى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

سۇ مانتىنى (جۇۋاۋا)،
كاۋا دىمەي (خۇلۇگۇا)،
يەر يۇيغۇچنى دەپ (توۋبا)،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

بەرەنجىنى (ياڭيۇ)دەپ،
تېتىتقۇ سۇ (جىياڭيۇۋ)دەپ،
تورداش دىمەي (ۋاڭيۇۋ)دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

قىزىل كالا (خۇڭنىيۋ)دەپ،
دوستنى تاپتۇق (پېڭيۇۋ)دەپ،
قورقۇپ كەتسەك (ئەييۇ) دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(لاجى) دېدۇق ئەخلەتنى،
(ۋاڭجەن) دېدۇق تور بەتنى،
(يۇۋجىيەن) دېدۇق ئېل خەتنى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(داچىياۋ) دېدۇق كۆۋرۈكنى،
(جۇزى) دېدۇق تۈۋرۈكنى،
(شىتى) دەيمىز ئۆلۈكنى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(فاپىياۋ) دېدۇق تالوننى،
(ۋەيدەي) دېدۇق بالوننى،
نېمە دەيمىز قالۇننى ؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(داشۆ) بولدى ئۇنۋېرستىت،
(زۇڭتۇڭ) بولدى پىرىزدىنت،
(داشۆسىڭدۇر) سىتودىنت،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

باتارىيە (دىيەنچى)دەپ،
بوغدا كۆلنى (تىيەنچى)دەپ،
مۆھلەت ئاشسا (يەنچى)دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(گۇۋاڭچاڭ) دېدۇق مەيداننى،
(چىيەنباۋ) دېدۇق پۇلداننى،
(شۆۋىي) دېدۇق ئۇنىۋاننى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

تېلۋۇزۇرنى (دىيەنشى)دەپ،
قۇرۇق يۇيسا (گەنشى)دەپ،
ئويۇن دېمەي (يۇۋشى)دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

تىزگىنەكنى (يوۋكۇڭ)دەپ،
سىيىت نوچى (گاڭگۇڭ)دەپ،
يېتىپ تەپسە (داۋگۇڭ)دەپ،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئال تۆك دەيلى (شازىنى)،
ئىشكاپ دەيلى (جازىنى)،
پايپاق دەيلى (ۋازىنى)،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئۈز چات دەيلى (كەيگۈ ەن)نى،
سامساق دەيلى (داسۈ ەن)نى،
ئىنىستۇت دەيلى (شۆيۈ ەن)نى،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

(دۇبو) دېدۇق قىمانى،
ئۇنتۇپ قالدۇق (مىما)نى،
ئىزلەپ ئۇيغۇر سىمانى
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

مودا بولدى شالغۇت تىل،
ئويلانمىدى ئۇيغۇر دىل،
خاراپ بولدى ئانا تىل،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

شالغۇتلاشتى تىلىمىز،
قاينىمايدۇ دىلىمىز،
(ۋېيزۇ) بولسۇن نامىمىز،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئانا تىلنى قوغدايلى،
ئەنئەنىنى قوغدايلى،
شالغۇت تىلنى تۈزەيلىم،
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

ئەلدە ئىدى ئەر غېمى،
ئەلگە كۆيگەن ئەر قېنى؟
ئەل دەپ ئاققان تەر قېنى؟
ئۇيغۇر تىلىم ئەلۋىدا.

كۆپ تىل بىلىش شەرەپ ئىش،
تىلدىن كېلەر يۈكسىلىش،
ئانا تىلسىز يېزىم، قىش
ئۇيغۇر تىلىم يىغلىما

دەرەخ بولماس يىلتىزسىز،
مىللەت بولماس ئۆز تىلسىز،
ئۆلەي، قالسام سېنىڭسىز
ئۇيغۇر تىلىم يىغلىما

مەنبە كەڭساي تورى

جاپاكەش باغۋەنلەرگە ھارماس كۇچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن!!!1
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

102

تېما

37

دوست

8222

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1688 سەر
تىللا
377 دانە
تۆھپە
1677 سەر
شۆھرەت
1735 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 13:05:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شىئېر ئىكەن! ئاپتۇرنىڭ قوللىرى دەرت كۆرمىسۇن. موشۇنداق ياخشى شېئىرنى تەۋسىيە قىلغان ئەزىز بۇرادەرگىمۇ كۆپ تەشەككۈر!!!
قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟

235

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5111 سەر
تىللا
907 دانە
تۆھپە
9321 سەر
شۆھرەت
4230 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 14:44:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىردا ئېيتىلغاندەك ھازىر  ھەممىمىز مۇشۇنداق ئارلاشما تىللىق بولۇپ قېلىۋاتىمىز ، ئەگەر بىز مۇشۇ تەرققىيات بويىچە ماڭىدىغان بولساق پەرەنتلىرىمىز تېخىمۇ ئەبجەشلىشىپ  ،  ھەر بىرىمىزنىڭ ئالدىدا ئابدۇكىرەم ئابلېزنىڭ  « چۈشەنمىدىم » دىگەن ئىتوتىدىكىدەك تىراگىدىيە يۈز بېرىدۇ .
  رەھمەت

94

تېما

16

دوست

9635

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2004 سەر
تىللا
611 دانە
تۆھپە
2249 سەر
شۆھرەت
1899 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 17:11:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ بۇشىر   ھازىرقى زاماندىكى ئىشلا بۇ ھەممىسى  
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

197

تېما

20

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3150 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8035 سەر
شۆھرەت
3091 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 17:20:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەۋىسسىيەرىڭىزگە رەھمەت.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

8

تېما

1

دوست

2970

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
695 سەر
تىللا
135 دانە
تۆھپە
627 سەر
شۆھرەت
549 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 18:55:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتورنىڭ تەپەككۇرىغا ئاپىرىن....

  تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

87

تېما

21

دوست

6272

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1486 سەر
تىللا
365 دانە
تۆھپە
1101 سەر
شۆھرەت
1153 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 23:11:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شىئىرنى يىزىشقا ئاپتور ھەقىقەتەن كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپتۇ. بۇ بىزلەرگە بىر سىگنالدۇر، تورداشلار ھەممىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ بىزلەر ئۇستىمىزدىكى ھەققىنى ياخشى ئاداقىلايلى،..... ئۇيغۇر تىلى ئۆلمىسۇن، ئۇيغۇر روناق تاپسۇن.
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

138

تېما

62

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2792 سەر
تىللا
1203 دانە
تۆھپە
1750 سەر
شۆھرەت
1516 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 11:52:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېردا دىيىلگەن گەپلەر تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدۇ...سۆزلەرنى توغرا ئېيتىشنى ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-13 01:23, Processed in 0.454299 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش