مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 274|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇرلار زادى قانداق مىللەت ؟

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

99

تېما

42

دوست

5431

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1376 سەر
تىللا
373 دانە
تۆھپە
887 سەر
شۆھرەت
907 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 23:30:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   ئامېرىكىلىق سىياسەتشۇناس رىچارد روسكېلىس «دۇنيادا جىسمانىي كۈچ دۆلىتى ۋە ئەقلىي كۈچ دۆلىتى دەپ ئىككى تۈرلۈك دۆلەتلا مەۋجۈت»دېگەن (خەنزۇچە «پايدىلىنىش خەۋىرى»، 2007-يىلى 7-ئاينىڭ د11- كۈنىدىكى سانى «كورېيە ئەقلىي كۈچكە تايىنىپ جوڭگۇنىڭ جىسمانىي كۈچىنى يەڭدى» دېگەن ماقالىدىن ئېلىندى). رىچاردنىڭ بۇ گېپى نەقىل ئېلىنغان ماقالىدە جوڭگۇنى جسمانىي كۈچ دۆلىتى ،كورىيەنى ئەقلىي كۈچ دۆلىتى ، دەپ كۆرسەتكەن . جىسمانىي كۈچ دۆلىتى ،ياساش كەسپىگە  تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزسە ، ئەقلىي كۈچ دۆلىتى پەن-تېخنىكا تەتقىقادىكى بۆسۈش ، لايىھەلەش ،سېتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشنى نىشان قىلغان بولىدىكەن.
    ئۇيغۇر خەلقى جوڭگۇدىكى 56 مىللەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئەلۋەتتە جوڭگۇ تەۋە بولغان جىسمانىي كۈچ دۆلىتىگە تەۋە. لېكىن بىز بۇ نۇقتىنى جوڭگۇدىكى مىللەتلەرگە مىللەت نۇقتىسىدىن تەتبىقلىساق قانداق بولار؟ ئەقلىي كۈچ مىللىتى ئەقلىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشنى ،ھەممەئشتا ئەقلىنى يېتەكچى ئورۇنغا قويسا، جىسمانىي كۈچ مىللىتى جىسمانىي كۈچىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان ،جان بېقىش نۇقتىسىدا جىسمانىي كۈچكە تايىنىپ قالغان مىللەت بولۇپ چىقىدۇ.

     ئاتا-بوۋىلىرىمىز «بىلىكى كۈچلۈك بىرنى يەڭسە، بىلىمى چوڭ مىڭنى يېڭەر»  دېگەن ھېكمەتلىرى بۈگۈنكى زامان سىياسىيونلىرى ئوتتۇرغا قويغان بۇ قانۇنيەتنى خېلى بۇرۇنلا يەكۈنلىگەن .لېكىن ،تولىمۇ ئەپسۇس ،مىللىتىمىز بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتتىيۇ ،لېكىن تونۇپ يېتىپ تۇرۇپ ئىجرا قىلمىدى ياكى ئىجرا قىلىش مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسگە ئايلىنالمىدى.
   مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، ئىقتىساد نۇقتىسىدىن نەزەر سالساق بىزدىكى سودا ھېلىمۇ باشقىلار ئشلەپچىقارغان تاۋارلارنى سېتىش ياكى ئۆزىمىزنىڭ يېزا-ئىگىلىك  ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى خام پېتى سېتىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بىر پارچە تېرە خوتەندە قانچە پۇل ؟ئۈرۈمچىگە كېلىپ قانچە پۇل بولدى ؟ئىچكىرگە بېرىپ پىششىقلاپ ئىشلىنىپ ، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ  قولىدا ئاياغقا ئايلىنىپ ،ئەڭ ئاخىر شىنجاڭنىڭ ماگزىنلىرىغا سېلىنغاندا قانچە پۇل بولدى؟دېگەن نۇقتىدا پىكىر قىلىپ باققانلار باردۇر،لېكىن مۇشۇ ھالقىلارنى قسقارتىپ تېرىنى ئەڭ بولمىغاندا پىششىقلاپ ئشلەپ  يۇرتىنىڭ سىرتىغا چىقىرىش ھەققىدە كۈچەپ باققانلار بامۇ؟   
   ئەمدى ئانچە-مۇنچە تەقلىد قىلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغانلار پەيدا بولدى .«ئارمان »، «ئىخلاس» قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى دەل شۇنداق تۈردىكى مەھسۇلاتلاردۇر. كىشىلەر جوڭگۇنى ياساش كەسپىگە تايىندىغانلىقى ئۈچۈن جىسمانىي كۈچ دۆلىتى ،دەپ قارىغان.دېمەك ،«ئارمان قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى تېخى ئاددىي ھالدىكى ياساش . ئىجادچانلىق كەم بولغان ياساش .نۇرغۇن سودىگەرلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقىنى بولسا ياساش ئەمەس.ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن تۇرىدىغان باشقىلار ياسىغان مەھسۇلاتنى سېتىش ،خالاس.

    ئەلۋەتتە ، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى بۇ نۇقتىدا ئاتا-بوۋىمىز لايىھەلىگەن تاماق تۈرلىرىگە تايىنىپ ، شىنجاڭ  بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتىدۇ.لېكىن ،بۇ پۇت تىرەپ تۇرۇش بىزنىڭ مىللىي ھىسياتىمىز ۋە ئادەتلىنىپ قىلىشىمىزنى تايانچ قىلغان .چەت ئەللەردە ئەخلەت يېمەكلىك،دەپ قارالغان مېك دونالد ، كېنتاككې قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭ بازىرىدىكى ئەھۋالى ئۇيغۇر ئاشخانلىرىمىزدىن ياخشى بولسا ياخشىكى ،ناچار ئەمەس.ناۋادا ئۇلار مۇسۇلمانچە يېمەكلىك دېگەن ماركىنى ئاشسا قانداق بازار تېپىپ كېتىدۇ،ئېنىق ئەمەس.
    بۈگۈنكىدەك كۆپ خىل مەدەنىيەت ناھايىتى تېز ئۇچرىشۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئاشخانلىرى ئاتا- بوۋىسىدىن قالغان ئاشۇ ئەڭگۈشتەرگە تايىنىپ تۇرۇۋېرىشى كېرەكمۇ ؟ لاھىيلەش ۋە پەن-تەتقىقاتىدىكى بۆسۈش ئەقلىي مىللەتنىڭ بەلگىسى بولغانىكەن ،چوقۇم بىز شۇ نۇقتىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك .لېكىن ئاشخانلىرىمىز  شۇ نۇقتىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتامدۇ؟ئاشخانائىگىلىرى مۇشۇ نىشاننى ئويلىشىپ باقتىمۇ- يوق؟
      بىر چاغلاردا «ئەنجۈر» ئىسىملىك زەنجىرسىمان تاماقخانىلار  ئۇيغۇر ئاشخانلىرىنىڭ  مۇھىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى.لېكىن ئاشخانىنى ئاشخانا قىلىپ تۇرىدىغان تاماقلارنىڭ تىزىملىكى  ۋە قۇرۇلمىسىدا تۈزۈك ئۆزگىرىش يۈز بەرمىدى . يۈز بەردى دېيىلسە يېزىلىشى ئۇيغۇرچە ،ئاتىلىشى خەنزۇچە نۇرغۇن قورۇما تۈرلىرى تاماق تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇرنىڭ پۇلىنى خەجلەپ تەرەققىي قىلۋاتقان ئۇيغۇر ئاشخانلىرى ئەڭ بولمىغاندا مۇشۇ تاماق ۋە قورۇما تىزىملىكىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويايلى ،دېگەننى ئويلاپ باقمىدى.ئۇلار مېك ،دونالد ۋە كېنتاكىنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ھەم زەنجىرىسىمان ئاشخانا بازىرى قىلىش ھەققىدە قانچىلىك پىكىر قىلدى، ئېنىق ئەمەس.
  
      يېزا ئىگىلىكىمىزگە نەزەر سالساق ، مىللىتىمىزنىڭ 80نەچچە پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقانلىرىمىزنىڭ دېھقانچىلىق ئۇسۇلىدا بىر قىسىم ئۆزگىرىش بولدى.مەن خوتەندە 1980-يىللىرىنىڭ بېشىدا دېھقانلارنى يىپەكچىلىككە تايىنىپ بېيىتىمىز ، دېگەن شوئارلار ئاستىدا ھەممە يەرگە ئۈجمە كۆچىتى تىكىلگەنلىكىنى ئۆز  كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ،لېكىن بۇ قاينام-تاشقىنلىق ئۈجمە دەرىخى بەرپا قىلىپ پىلە بېقىش - يىپەك ئىشلەپچىقىرىش دولقۇنى ناھايىتى تېزلا ئاخىرلشتى . يىپەكتىن ئىبارەت خەلقئارادا ناھايىتى قىممەتلىك تاۋار بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ھېچقانداق كۈچ كۆرسىتەلمىدى.كېيىن ،تۇرپان ۋە بوزاقنىڭ ئۈزۈمچىلىكىدىن ئۆگىنىمىز ،دەپ تال تىكىش دولقونى كۆتۈرۈلدى..لېكىن ،خوتەن يەنىلا تۇرپانغا ئايلانمىدى .خوتەننىڭ باشقا يېزىلىرى خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسىدەك بولالمىدى.بۇلتۇر يۇرتقا قايتسام  خوتەندە ياڭاق ۋە چىلان تىكىش دولقۇنغا ئايلىنىپتۇ .ئۇنىڭ ئايىغى  قانداق بولىدۇ ؟يەنە قاراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئاشۇ دېھقانلىرىمىز ئۈستىگە قۇرۇلغان نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رولى بۈگۈنكى كۈندە شۇ يەرنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ۋە باج-سېلىق يىغىپ ھۆكۈمەتنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتىدۇ.بىرەر يېزا باشلىقىنىڭ كاللىسىدا يېزىمىزنى زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن قانداق قورللاندۇرىمىز ؟ ھۆكۈم سۈرۈپ كېلىۋاتقان يېزا ئىگىلىك تۈزۈلمىسنى قانداق ئىسلاھ قىلىمىز ؟خەلىقىمىزنى قانداق دېھقانچىلىقنىڭ  بۇ ئېغىر جاپاسىدىن قۇتۇلدۇرىمىز ؟دەيدىغان مۇستەقىل ئوي ۋە تۈرۈتكە بارمۇ-يوق ،بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇلار ماڭا گويا پويىزنىڭ  نۇرغۇن چاقلىرىنىڭ بىرىدەك كۆرۈنىدۇ.
    دەرىسلىك ئىسلاھاتى  دەرىسخانىلاردا ئوقۇتقىچىلارغا غايەت زور  دەرىجىدە ئىجادچانلىق ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش پۇرسىتى بەردى. ئۇلار ھازىر ئەڭ ئېسىل لاھىيەلەرنى تۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بايلىقىنى قازسا ،ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىك سۈپىتىنى ئاشۇرسا بولىدۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە مائارىپ تارماقلىرىمىز ھېلىمۇ دەرىسلىك ئىسلاھاتىنى كىتاب ئۆزگەرتىش  ۋە مائارىپتا بەزى يېڭى ئىشلارنى قىلىپ بېقىش ،دەپ ناھايىتى ئاددىي چۈشىنىپ ئۆتمۈشتىكى مائارىپ ئەندىزىسىدىن قۇتۇلالمىدى.ھەتتا ئارىمىزدا جەمئىيەتتىكى ئەخلاقسزلىق ۋە بۇزۇلۇشتىن ،بالىلارنىڭ گەپ ئاڭلىماسلىقىدىن ،ئەمەلدارلارنىڭ مائارىپقا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدىن قاقشايدىغان ئوقۇتقۇچىلار بار،لېكىن ئۇلار ئەنە شۇنداق گەپ ئاڭلىماس ۋە چۈشكۈن كىشىلەر، ئوقۇتقۇچىسىغا ھۆرمەت بىلدۈرمەيدىغان باشلىقلارنىڭ دەل ھازىرقى مائارىپىمىزنىڭ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ،ئەڭ بولمىغاندا شۇنداق بولۇپ قېلىشنىڭ مائارىپ بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسۋىتى بارلىقىنى ئويلاپ باقمايدۇ.دېمەك ، ئۆزى تەربىيەلەۋاتقان ئادەمدە ئۆزىگە نىسبەتەن ھۆرمەت پەيدا قىلالمىغان مائارىپ زادى قانداق مائارىپ ?
ئەدەبىيات-سەنئەت نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ جىسمانىي كۈچ مىللىتى ئىكەنلىكىمىز تېخىمۇ ئاشكارە بولىدۇ.ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلىرىمىزدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان دوراش ۋە تەقىلىد قىلىش،ئوغىرلاش خاھىشى دەل بۇنىڭ ئىسپاتى،ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ئېيتساق ،ئەدەبىيات ھەققىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزمەي،ئۆز چەمىبىرىدىكى ئاپتورلارنىڭ كىتابىنى ئوقۇش بىلەنلا قانائەتلىنىپ ،ئۆز چەمبىرىنىڭ تەپەككۇر سېستىمىسىدىن  چىقالماسلىق،ئىجاد قىلىش ماھارىتىدىن ئازراق ئۆگىنۋېلىپ ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ھۆنەر دەرىجىسىگەچۈشۈرۈپ قويۇپ ،يازغۇچى -شائىرلارنىڭ ئابرۇيىنى كۈندىن -كۈنگە پاخال قىلىش ،ئۆزىنى قىلمىش-ئەتمىش  ۋە ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش ،چەت ئەلنىڭ ئەخلەت ئىدىيەلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى كاردىن چىقىرىش .سېرگيى يېسىنىن ئاجايىپ كۆپ مۇھەببەت لېرىكىسى ،يازغان ،نۇرغۇن قىز بالىلار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن دېسە ئاق-قارىنى ئايرىماي سېرگېي يېسىننىڭ تۈكۈرۈش ھالىتىدىن تارتىپ ،مازلىقىغىچە دوراش ،يەنە ئاللىكىملەرنىڭ ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغان لۈكچەكلەرنىڭ مىجەزىدىكى قىتىغۇرلۇق ۋە ئەسكىلىكنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىۋىلىش دەل بىزنىڭ ئەدەبىيات نۇقتىسىدىنمۇ ئەقلىي مىللەت دەرىجىسگە كىرمىگەنلىكىمىزنىڭ ئىسپاتى.  

      يەنە بۇ ھەقتە نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن ،ئەدەبىي ئىجادىيەت باردەك ،لېكىن كەسكىن بولغان ئەدەبىي تەنقىد  يوق. سەنئەت ئىجادىيىتى باردەك ،لېكىن كەسكىن ۋە ئىلمىي بولغان تەتقىقات يوق .يېزا-ئىگىلىك بار، يېزا -ئىگىلىك تەتقىقاتى يوق .نۇرغۇن پىروفېسسور ۋە تەتقىقاتچى ئۇنۋانىدىكى ئادەم بار،لېكىن تەتقىقات ئىقتىدارى يوق .نۇرغۇن رەھبەرلەر بار،لېكىن رەھبەرلىك ئىلمىي يوق .رەھبەر بولۇشقا قىزىقىدىغان ئادەم قۇمدەك، لېكىن رەھبەرلىك ھەققىدە ئىزدىنىپ ھەقىقىي مەنىدىكى رەھبەر بولۇشقا ئىنتىلدىغانلار يوق دېيەرلىك...

مەنبە ؛ئىزھار تورى..

ۋاقىت-ئەڭ چوڭ يېڭلىغۇچى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

213

تېما

25

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3675 سەر
تىللا
937 دانە
تۆھپە
8477 سەر
شۆھرەت
3503 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 00:38:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  ماقالا  ناھايىتى بەلەن يېزىلىپتۇ،    رەھمەت  سىزگە ئەزىزى  ئەپەندىم.
مۇنبەر  ئەھلىگە  سالام!

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 15:21:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق،مۇرەككەپ،باي مەزمۇنلۇق،شۇنۇڭدەك سىياسى،ئىجتىمائى كۇرەش پائاليەتلىرى بىلەن تولغان .

102

تېما

40

دوست

8656

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1802 سەر
تىللا
523 دانە
تۆھپە
1713 سەر
شۆھرەت
1698 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 19:42:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ مىللىتىمىز ئىچىدە ئەگىشىش،دوراش خاھىشلىرى ئىنتايىن كۆپ،ئىجادچانلىق تۇيغۇسى كەمچىل دەپ قارايمەن.
قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟

26

تېما

22

دوست

1856

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
390 سەر
تىللا
164 دانە
تۆھپە
384 سەر
شۆھرەت
449 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىOffice ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 21:20:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئاخىرقى ھۆكۈم _ بىز ئۇغۇرلار تېپىك جسمانىي كۈچكە تاينىپ جان باقىدىغان مىللەت خالاس. ئوقۇتقۇچىلار ۋە ھۆكىمەتتىن مۇئاش ئالىدىغانلار ئاي توشۇپ مۇئاشىنى ساق ئالسىلا باشقا غېمى يوق. تىجارەت قىلىدىغانلارمۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ تۇرمىشىنى راۋرۇس قامدىيالسا ئۆزىنى قالتىس ھىسابلايدۇ. باشلىق بولغانلارمۇ ئۆز تەۋەلىكىدىن ئىش چىقىپ قىلىپ، خىزمەتلەر نۆل بىلەن خۇلاسلانمىسا، قول ئاستىدىكىلەر خوش-خوش دەپ تۇرسا، يىل ئاخىردا سەھنىگە چىقىرلىپ تەقدىرلەنسلا  گىدىيىپ يۈرىۋىرىدۇ. ئۇيغۇرلار جسمانىي كۈچكە تاينىپ جان باقامدۇ ياكى ئەقلىي كۈچكە تاينىپ تەرەققىي قىلامدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھىچ كىشىنىڭ كارى يوق، ئەمما ھەمىمىز شۇنچە ئالدىراش، تىرىشىپ ئىشلەۋاتىمىز، قىلىۋاتقىنىمىز ساپلا ئادەم ئالدايدىغان ساختا نەق مەيدان ياساش، شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز  ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا، تۇرمۇشىمىزنىڭ كۈدىن كۈنگە ياخشىلىنىشقا يۈزدە يۈز ئىشىنىمىز.
   بەك قالتىس ھە، ئەزىزى ئەپەندى ھەقىقەتەن مۇشۇ قاراڭغۇ نوقتىلارنى بايقاپ، بايقاش مۇنبىرىدىكى ھەقىقىي بىر ئەركەكتەك ئىش قىلىپسىز. رەخمەت سىزگە! ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يو ...

99

تېما

42

دوست

5431

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1376 سەر
تىللا
373 دانە
تۆھپە
887 سەر
شۆھرەت
907 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 21:24:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي


قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت بۇرادەر.
ۋاقىت-ئەڭ چوڭ يېڭلىغۇچى.

12

تېما

27

دوست

880

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
299 سەر
تىللا
20 دانە
تۆھپە
112 سەر
شۆھرەت
109 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 22:57:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرھەقىقەت،سىز ئوتتۇرغا قويغان يۇقارقى مەسىللەربەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەرتۇنۇپ يەتكەن لىكىن سىزدەك قەغەزيۇزىدە ئىپادىلەپ باقمىغان بۇلۇشىمومكىن،ئۆزتەقدىرى ئۈستىدە ئەتىراپلىق ئىزدىنىۋاتقان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرسىزدەك ئوي-پىكىرلەرنى ئېنىق ئوتتۇغا قۇيۇش ئىستىكىدە ئىزدىنىۋاتقان بۇلۇشى مومكىن،جۈملىدىن مەنمۇ كۆپ ھاللاردا،قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ سېلىنمىسى بىلەن نەتىنجىسى ئۈستىدە ئاچچىق ئويلارغا چۈمۈپ قالىمەن .بەلكىم بىز ،تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزدا،ياساش نىشانىمىزدا كۆپرەك پىكىر يۇرگۈزۈشكە ماھىر بولساق ،قىسقا ،ئوتتۇرا،ئۇزاق مەزگىللىك ئۆزلۈك تەرەققىيات پىلانىمىزنى تۈزۈش ۋە ئۇنى يولغا قۇيۇش جۈرئىتىگە قادىر بۇلالىساق ،بەلكىم ئەقلى كۈچ بىلەن تەرەققى قىلىش نىشانى روياپقا ئاشقان كۈنى بولغۇسى.ئىزدىنىشلىرىڭىز مىنى تولىمۇ سۈيۈندۈردى.
بىراۋنىڭ گىپىگە باقماي،قىلغان ئىشىغا باق.

99

تېما

42

دوست

5431

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1376 سەر
تىللا
373 دانە
تۆھپە
887 سەر
شۆھرەت
907 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 22:48:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرھەقىقەت،سىز ئوتتۇرغا قويغان يۇقارقى مەسىللەربەلكىم


رەھمەت سىزگە، ئەتراپلىق كۆزقاراش سىڭگەن پىكىرىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۇندۇم.
ۋاقىت-ئەڭ چوڭ يېڭلىغۇچى.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 03:33, Processed in 0.451129 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش