| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-12 18:57
سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇشقا تىگىشلىك ھېكايىنىڭ ئالتىنچىسى يوللاندى ئوقۇپ بېقىڭ

6. ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن تەربىيلەشتىكى قىيىن مەسىلىلەرگە يۈزلىنىش. ناپالىئۇن شېر ئېلگىرى مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.بۇنىڭ ھەممىمىزنى قوزغىتىش رولى بار. سارما ئىسىملىك بىر قىز يولدىشىغا ھەمرا بولۇپ،قۇملۇقنىڭ ئىچكىرسىدىكى بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە بازىسىدا يولدىشى بىلەن بىللە تۇرغىلى بېرىپتۇ.بىر كۈنى يولدىشى بۇيرۇققا بىنائەن قۇملۇقنىڭ ئىچكىرسىگە مانىۋېرغا قاتناشقىلى كېتىپتۇ.ئۇ ئۆزى يالغۇز بازىدىكى كىچىك بىر ئۆيدە قاپتۇ.ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولۇپ،كاكتۇسنىڭ ئاستىدىمۇ چىداپ تۇرغىلى بولمايدىكەن،ئۇنىڭغا يېقىن جايدىكىلەر مىكسىكىلىقلار ياكى ئىندىئانلار ئىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىنگىلىز تىلىنى بىلمەيدىكەن.شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ ھەتتا بىرەر پاراڭلاشقۇدەك ئادىمىمۇ يوق ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا-بارا قاتتىق زېرىكىشلىك ھېس قىپتۇ.ئاخىرى چىدىيالماي،ئاتا-ئانىسىغا خەت يېزىپ،نىمىلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن بىر جاۋاپ خەت تاپشۇرۋاپتۇ.بۇ خەتكە ئىككىلا جۈملە يېزىلغان ئىكەن.بۇ ئىككى جۈملە سۆز ئۇنىڭ كۆڭلىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قاپتۇ ھەم ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپتۇ. خەتتە:ئىككى ئادەم تۈرمىنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ تۇرۇپتۇ.بىرىنىڭ كۆرگىنى توپا ۋە چاڭ-توزان،يەنە بىرنىڭ كۆرگىنى يۇلتۇز بوپتۇ. سارما خەتنى قايتا-قايتا ئوقۇپ،گەپنىڭ تەكتىگە يىتىپتۇ ھەم خىجىللىق ھېس قىپتۇ.شۇنداقلا قۇملۇق ئىچىدىن يۇلتۇزىنى ئىزدەپ تېپىشقا بەل باغلاپتۇ. سارما يەرلىكتىكى كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشقا باشلاپتۇ.ئۇلارنىڭ ئىنكاسى ئۇنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ.سارما ئۇلارنىڭ توقۇمىچىلىق،ساپالچىلىق ئىشلىرىغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.ئۇلار ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان،بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە سېتىپ بېرىشقا كۆزى قىيمىغان نەرسىلىرىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىپتۇ.سارما يەرلىكتىكى ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى تەكشۈرۈپتۇ.يەرلىكتىكىلەرنىڭ چاشقان تۇتۇش ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىۋاپتۇ.قۇملۇقتىكى كۈننىڭ ئولتۇرشىنى تاماشا قىپتۇ.قۇملۇقنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قۇلۇلە قاپلىرىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ.ئەسلىدە چىدىغۇسىز ناچار دەپ قارىغان موھىت،كىشىنى خۇشال قىلىدىغان،ئۆيگە قايتىپ كېلىشنىمۇ ئۇنتۇلدۇردىغان ھالەتكە ئۆزگىرىپتۇ. قانداق بىر كۈچ بۇ قىزچاقنىڭ مۇشۇنداق زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشىغا سەۋەپ بولدى.قۇملۇق ئۆزگەرمىدى،يەرلىك كىشىلەرمۇ ئۆزگەرمىدى.ئەمما بۇ قىزچاقنىڭ ياشاش پەلسەپىسى ۋە مەقسىتى ئۆزگەردى.كۆز قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى،ئەسلىدە جاپا-مۇشاقەتلىك،زېرىكىشلىك ئەھۋالنى ھاياتىدا ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر تەۋەككۇلچىلىققا ئايلاندۇردى.ئۇ يېڭىچە بىر دۇنيانى بايقىغانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولدى.ھەمدە توپلىغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدا“قورغاندىكى خۇشال كۈنلەر“دېگەن بىر كىتاپنى يېزىپ چىقتى. ئوخشاش بىر مەكتەپتە،سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىدە زور پەرق يوق.پەرق ناھايىتىمۇ كىچىك.ئەمما مانا مۇشۇ ئەڭ كىچىك پەرق،تەربىيلەش ئۈنۈمىدىكى زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئاكتىپ تەربىيلەش پوزىتسىيىسى ئوقۇتقۇچىلارنى سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىدە ئاسانلا غەلبىگە ئېرىشتۈرىدۇ.پاسىپ تەربىيلەش پوزتسىيىسى ئېنىقلا مەغلۇبىيەتكە باشلايدۇ.
|
|