كۆرۈش: 596|ئىنكاس: 7

3. سىنىپ مەسئۇلى ھەيكەلتاراش بولماستىن،شۇ ھەيكەلدىن زوق ئالغۇچى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 18:47  

سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇشقا تىگىشلىك ھېكايىنىڭ ئۈچۈنچىسى يوللاندى ئوقۇپ بېقىڭ


3. سىنىپ مەسئۇلى ھەيكەلتاراش بولماستىن،شۇ ھەيكەلدىن زوق ئالغۇچى بولىشى كېرەك.
ئىلگىرى بىر تاغدا،بىر-بىرىگە ئوپمۇ-ئوخشاش ئىككى تاش بار ئىكەن.بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن.بۇلارنىڭ تەقدىرىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل بوپتۇ.بىرى ئىنتايىن نەپىس ھەيكەلگە ئايلىنىپ،باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتالايدىغان ۋە ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشەلەيدىغان بوپتۇ.يەنە بىر تاش يول بويىدىكى ئادەتتىكى بىر تاشقا ئايلىنىپ كىشىلەر تەرپىدىن ھېلى ئۇ يەر ھېلى بۇ يەرگە يۆتكىۋىتىلىدىغان،دائىم دەسىلىدىغان تەقدىرگە دۇچ كەپتۇ.بىر كۈنى يول بويىدىكى تاش نارازى بولغان ھالدا:“بۇرادەر ئۈچ يىل ئىلگىرى بىر تاغدىكى ئوخشاش تاشلار ئىدۇق،بۈگۈن بىزنىڭ پەرقىمىز ھەقىقەتەن چوڭىيىپ كەتتى.شۇڭا مېنىڭ كۆڭلۈم بەك يېرىم“دەپتۇ.
ھەيكەلگە ئايلاندۇرۇلغان تاش بۇرادىرىگە:بۇرادەر ئېسىڭدە بارمۇ؟ئۈچ يىل ئىلگىرى،بىر ھەلكەلتاراش كەلگەن ئىدى.سەن ئۆزگىرىشنى قۇبۇل قىلمىدىڭ.بەدىنىڭنى پىچاق بىلەن كەسكەن ۋە ئويغان چاغدىكى جاپالارغا چداشنى خالىمىدىڭ.سەن ئۇنىڭغا“مېنىڭ پەقەت ئۇ يەر بۇ يەرلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ“دەپ تۇرىۋالدىڭ.ئەمما مەن ئۇۋاقىتتا،ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى ھالىتىمنى ئويلاپ،ئۆزگەرتىشنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدىم.بەدىنىمنىڭ ھەر قانداق يېرىنى كەسسە بەرداشلىق بەردىم.شۇڭا ھەيكەلتاراش ساڭا ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا بولدى قىلدى.ئەمما مېنىچۇ؟بولقا بىلەن چوقۇدى،ھەرە بىلەن كەستى،پىچاق بىلەن ئويدى،قۇم قەغەز بىلەن سۈرتتى.مېنىڭ تارتقان ئازاپلىرىم سېنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغاچقىلا،مېنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىم بارلىققا كەلدى.“دەپتۇ.بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يول بويىدىكى تاش ھەم خىجىل بوپتۇ.ھەم پۇشايمان قىپتۇ.
بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ھەرگىزمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ”ھەيكەلتاراش“ى بولىمەن دەپ ئويلىماڭ.ئوقۇغۇچىلارنى“بولقا بىلەن ئۇرۇپ،ھەرە بىلەن ھەرىدەپ،پىچاق بىلەن ئۇيۇش“نىمۇ ئويلىماڭ.ئەمىلىيەتتە ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئەسلىدىنلا سىزگە زوق ئاتا قىلالايدىغان“ئېسىل سەنئەت بويۇمى“.ئوقۇغۇچىلار قانداق ئادەم بولۇشنى ئويلايدۇ؟بۇ پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا باغلىق.بىز ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز.بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز،ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى،ئاكتىپ ئالغا باسىدىغان جايلىرىنى لوپا ئەينەكتە چوڭايتىپ كۆرسىتىش.ئۇلارنى تۇرمۇشقا، جەمىيەتكە ئاكتىپ يۈزلىنىشكە، ئۆز-ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشقا، ئۆز تەقدىرىنىڭ “ھەيكەلتاراش“ى بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش.

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-1-12 20:35:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 20:37  

كەسىپداشلىرىمىز ئىچىدىكى سىنىپ مەسئوللىرىغا بەك ياخشى سوۋغا ئەپكەپسىز . رەھمەت سىزگە

باھا سۆز

سىزگىمۇ رەھمەت تېمىنى تەپسىلى كۆرگىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-1-12 21:39
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-12 21:39:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
◤pari◥ يوللىغان ۋاقتى  2013-1-12 20:35
كەسىپداشلىرىمىز ئىچىدىكى سىنىپ مەسئوللىرىغا بەك ياخش ...

سىزگىمۇ رەھمەت تېمىنى تەپسىلى كۆرگىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم
ۋاقتى: 2013-1-12 23:46:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئدەم مۇشۇنداق جاپا - مۇشەقەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلىگەندىلا ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ . رەھمەت

باھا سۆز

سىنىپ مۇدىرىنىڭ خوشاللىقى ئەنە شۇ سەبىيلەرنىڭ نەتىنجىسىنى خوشاللىقىنى كۆرۈش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر قىلىپ بەدەل تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-1-13 00:36
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-13 00:36:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزار يوللىغان ۋاقتى  2013-1-12 23:46
ئدەم مۇشۇنداق جاپا - مۇشەقەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلىگەن ...

سىنىپ مۇدىرىنىڭ خوشاللىقى ئەنە شۇ سەبىيلەرنىڭ نەتىنجىسىنى خوشاللىقىنى كۆرۈش. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر قىلىپ بەدەل بەرمىسە مۇۋاپىقىيەت قازىنالمايدۇ ئەلۋەتتە.
ۋاقتى: 2013-1-13 13:26:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز ! سىنىپ مودىرلىق خىزمىتىنىڭ ماھىيىتىنى ياخشى چۈششەندۈرۈپ بېرىپسىز،رەھمەت سىزگە.

باھا سۆز

تېمىلارنى تەپسىلى كۆرگەنلىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم. ھەممە ئادەم سىزدەك ئەستايىدىل قاراپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىزدىنىشل تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2013-1-13 14:03
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-13 14:03:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورچى يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 13:26
ياخشىمۇ سىز ! سىنىپ مودىرلىق خىزمىتىنىڭ ماھىيىتىنى ياخ ...

تېمىلارنى تەپسىلى كۆرگەنلىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم. ھەممە ئادەم سىزدەك ئەستايىدىل قاراپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئىزدىنىشلەر ئىچىدىن نەتىنجە قازىنىشنى ئويلايدىغانلا بولسا ئىشىنىمەن مىللى مائارىپىمىز چوقۇم روناق تاپىدۇ.
ۋاقتى: 2014-7-17 21:41:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىنى يوللاپسىز سىزگە كۆپ رەخمەت جاپا تارتتىڭىز ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش