پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 7

تولۇقسىز 7-يىللىق 1-قىسىم تىل ئەدەبىيات دەرسىدىكى يىڭى سۆزلەرگە...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

5

دوست

620

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
122 سەر
تىللا
27 دانە
تۆھپە
196 سەر
شۆھرەت
113 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 13:46:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-31 14:35  

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق 1-قىسىم تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىكى يىڭى سۆزلەرگە ئىزاھات


بىرىنچى بۆلەك سۈيۈملۈك ئەدەبىيات
سىرلىق ــــ ① قانداقتۇر بىر سىر يۇشۇرۇنغان، مەلۇم سىرى بار ، مۆجىزىلىك؛ ② باشقىلاردىن سىر تۇتۇلغان ياكى باشقىلار بىلىپ قالسا بولمايدىغان؛ مەخپىي، يۇشۇرۇن ③ سىرىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان؛ ناھايىتى ھەيۋەتلىك؛ ④ يۈزىگە تەكشى سىر سۈرتۈلگەن، سىر بىلەن بۇيالغان؛ سىرلىساڭ سىرلىق ئاياغ، سىرلىمىساڭ ئىتقا تاياق . ( ماقال )
ئەدەبىيات ــــ ئەرەب تىلىدىن كىرگەن ئاتالغۇ. لاتىنچىدىكى « Liteyatura » دېگەن بىلەن ئوخشاش. لوغەت مەنىلىرى : ① بىرەر خەلقنىڭ بىرەر دەۋرنىڭ ياكى بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ يازما ۋە باسما ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى ( بىر پۈتۈن يىغىندىسى ) كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ② بىلىم ۋە پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە مەنسۈپ بولغان باسما ئەسەرلەر ۋە كىتابلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ③ سەنئەتنىڭ تىل ياردىمى بىلەن تۇرمۇشنى تەسۋىرلەش ۋە بەدئىي ئوبىراز يارىتىش ساھەسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ تەرىپى زامانىمىزدىكى ئەدەبىيات چۈشەنچىسى بىلەن ئوخشاش، بۇ خىل چۈشەنچىنى ئاتالغۇ جەھەتتىن پەرقىلەندۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ ھاللاردا « بەدىئىي ئەدەبىيات» دەپ قوللىنىپ ئېلىنۋاتىدۇ. « بەدىئىي ئەدەبىيات » دەل ئاشۇ ئۈچىنچى خىل مەنىنى كۆرسىتىدۇ.
1. سىزگە ئىشىك ئېچىلدى
ئىستەك ــــ كىشىدە بىرەر نەرسىگە بولغان ئىنتىلىش ؛ تىلەك خاھىش؛ بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭدا تىرىشىپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى.
روھىي ــــ كىشىنىڭ روھىغا، پىسخىكىلىق كەيپىياتىغا ، ئىچكى دۇنياسىغا ئائىت ھەم شۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان؛ روھىي ئازاب، روھىي كىشەن.
زەئىپ ــــ ① جىسمانىي قۇۋۋىتى كەم، قۇۋۋەتسىز، ئاجىز، كۈچسىز؛ ② سىياسي، ئىقتىسادىي، ھەربي ۋە باشقا جەھەتتىن كۈچى ئاجىز؛ كۈچسىز؛ ③ پەس، بوش، سۇس، كۈچسىز، ئاجىز؛
مەسىتخۇش ــــ ① خۇشخۇي مەست ، سەل مەست، چالا مەست؛ مەستكە ئوخشاش؛ ② ھەلەك؛ ئاۋارە؛
غەپلەت ــــ خەۋەرسىزلىك، بىلمەسلىك؛ بىخەستەلىك، بىپەرۋالىق؛ غاپىللىق؛ نادانلىق؛
لاغايلاپ ــــ بىكار يۈرمەك، ئىش قىلماي ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەك؛
نامايەن ــــ ئېنىق، ئۇچۇق گەۋدىلەنگەن، رۇشەن كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان؛
نازۇك ــــ ① ئىنچىكە زىلۋا؛ ② يۇقىرى ماھارەت ھەم كۆپ ئەجىر بىلەن ئىشلەنگەن، ئىشلىنىشى نەپىس، ئېسىل؛ ③ ئۆزىگە خاس قىيىن تەرەپلىرى بولغان ، ئالاھىدە ماھارەت، بىلىم تەلەپ قىلىدىغان؛ ئۇرۇنلاش ۋە بىجىرىش ئەڭ قىيىن بولغان؛ ④ سۈيۈملۈك ، يېقىملىق، ئۇماق، كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان؛ ⑤ كۆچمە مەنىسى: ئالاھىدە ئىتبار تەلەپ قىلىدىغان ؛ تۈرلۈك تەسىرلەرگە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ، بىرەر تەسىرنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتكە قارىتا سەزگۈر، ئەمما گەپ كۈتۈرەلمەيدىغان؛ ⑥ سىلىق، يېقىملىق، نازاكەتلىك، ئەۋرىشىم؛ ⑦ كۆچمە مەنىسى : ئاجىز، بوش، زەئىپ، چىدامسىز؛ ⑧ سىرلىق، كىشىنى ھەم سۈيۈندۈرىدىغان ھەم ئەنسىرىتىدىغان؛ ⑨ ئاياللارنىڭ ئىسمى.
تەسىرلىك ــــ ① تەسىر كۆرسىتىدىغان، نەتىجىلىك ، پايدىلىق؛ ② كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان، كىشىدە كۈچلۈك تەسىرات قوزغايدىغان؛
ئوبىراز ــــ ① ئوبىيكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى كوفىيسى : ئوبىراز ئارقىلىق تەپەككۇر قىلماق . ② يازغۇچىنىڭ كۈزىتىشى ، تاللاش ، پىششقلاش ۋە يوغۇرۇشىدىن كىلىپ چىققان تۇرمۇش مەنزىرىسى .
ماھىيەت ــــ ① بىرەر نەرسىنىڭ ئەڭ مۇھىم، تۈپ مەزمۇنى؛② نەرسە ۋە ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىچكى بەلگىلىرى، ھادىسىلەرنىڭ ئوتتۇرىسدىكى ئىچكى باغلىنىش، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشى، خاراكتىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسى ئامىل.
دەۋر ــــ ① تارىختىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھۋاللار ئاساس قىلىنىپ بۆلۈنگەن مۇئەييەن مەزگىل؛  ② كىشى ئۆمرىنىڭ مۇئەييەن مەزگىلى؛③ ئېرادىن كىچىك بولغان گىئولوگىيلىك يىل بىرلىكى. بىر ئېرا ( مىڭ يىل ) بىر نەچچە دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ④ شەيئىلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى جەرياندا ئۇنىڭ مەلۇم بەلگىلىرى كۆپ قېتىم قايتا – قايتا كۆرىلىدۇ. بۇ خىل بەلگىلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىككى قېتىم كۆرۈلىشىگە كەتكەن ۋاقىت؛  ⑤ جىسملار تەكرار ھەرىكەت قىلغاندا ياكى فىزىكىلىق مىقدارلار دەۋرى ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرغاندا ئۇنىڭ بىر قېتىم تەكرارلىنىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ؛ ⑥ بىرەر ئىش- ھەرىكەت ، ۋەقە- ھادىسە بىجىرىلىدىغان بەلگىلىك ۋاقىت ؛ زامان؛⑦ كىشىنىڭ ئامىتى كەلگەن چاغ، پەيت، زامان.
مۇنەۋۋەرــــ ① ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئېسىل، ئالدىنقى قاتاردىكى؛② ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئىجتىمائىي ــــ ① كىشلىك جەمئىيەتكە، كىشلەر پائالىيتىگە، كىشىلەر ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ياكى ئائىت بولغان؛ ئىجتىمائىي فورماتسىيە، ئىجتىمائىي پەن؛  ② جەمئىيەتنىڭ، ئاممىنىڭ سىياسى مەدەنىي ۋە باشقا ئىھتىياجلىرى ئۈچۈن ئىختىيارى رەۋىشتە خىزمەت قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان؛ ئىجتىمائي تەشكىلات. ③  ئاممىغا، ئۇمۇمغا تېگىشىلىك، ئومۇمىي؛ ئىجتىمائىي مۆلۈك.
جەۋھەر ــــ ①  قىممەت باھا تاشلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ② كۆچمە مەنىسى: بىرەر شەيئىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، مېغىزى ، يادىروسى ؛ ③ كۆچمە مەنىسى : مەلۇم بىر ئىش ياكى مەسىلىنىڭ ئاساسلىق، ئەھمىيەتكە ئىگە قىسمى؛   سەنئەت جەۋھەرلىرى . ④ كۆچمە مەنىسى : مەلۇم ئەجىر ، تىرىشچانلىقنىڭ مېۋىسى، نەتىجىسى؛
دوردانە ــــ ① ئېسىل چوڭ ئۈنچە- مەرۋايىت. ② ئېسىل ، بىباھا قىممەتلىك نەرسىلەر؛
مۇجەسسەم ــــ جەمىلەنگەن، يىغىلغان، توپلانغان؛
جۇغلاش ــــ توپلاش، يىغىش؛
ساپا ــــ  ① ساپلىق، پاكلىق ② سۈپەت ، ئۈنۈم، قەدىر- قىممەت ؛ ③ مەنپەئەت، ھوزۇر، ھالاۋەت؛ ④ پۇرژىنا ياكى بولۇتسىمان سۇلياۋ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان يۈلەنچۈكلۈك يۇمشاق ئۇرۇندۇق؛
بىمەنىلىك ــــ بىمەنىلىشىش، مەنىسىزلىك؛
دۇكتۇر ــــ ئىلمىي ئونىۋاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ياكى شۇ دەرىجىلىك ئىلىمى ئونىۋانغا ئىرىشكەن ئالىم.
ماگىستىر ــــ ① ئىلمى ئونىۋان؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر تەتقىقات ئۇرۇنلىرىدا بىر- ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئوقۇپ لاياقەتلىك بولالىسا ، بۇ ئونىۋانغا ئىرىشەلەيدۇ. دەرىجىسى دوكتۇرلۇق ئونۋانىدىن تۈۋەن تۇرىدۇ. ② شۇ ئىلىمى ئونىۋانغا ئىرىشكەن ئادەم.
ھەقىقەت ــــ ئوبيېكتىپ رىئاللىق ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ كىشى مېڭىسىدىكى توغرا بولغان ئىنكاسى. توغرىلىق؛ چىنلىق؛ ھەقىقى ئەھۋال؛
دىئالۇگ ــــ① ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پىرسۇناژلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلەر؛ ② ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پىرسۇناژلار ئوتتۇرىسدىكى سۆھبەت.
بىپايان ــــ چەكسىز، پايانسىز، كۆز يەتكۈسىز.
سۈكۈنات ــــ ئۈن- تىنسىز، جىمجىت تۇرغان ھالەت؛ جىمجىتلىق، سۈكۈت؛
سەھنە ــــ ① زال، كۇلۇب،  مەيدان قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ سۆزلىگۈچىلەر ياكى ئويۇن قۇيغۇچىلار ئۇچۇن لايىھەلەنگەن يەردىن ئىگىز قىلىپ سېلىنغان سۇپىسى؛ ② كۆچمە مەنىسى : پائالىيەت مەيدانى، مۇنبەر؛
كومىدىيە ــــ تۇرمۇشتىكى سەلبى ھادىسلەر ۋە شەخىسلەر مازاق قىلىنىدىغان كۈلكىلىك سەنئەت ئەسىرى.
تراگىدىيە ــــ ① باش قەھرىمان بىلەن رېئال مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەررەر تۇقۇنۇشتا، باش قەھرىمان بەخىتسىزلىككە ئۇچىراپ، پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر خىل تىياتىر تۈرى. ② دەھشەتلىك ۋەقە، ھادىسە؛ پاجىئە؛
ئەكىس ــــ ① بىرەر نەرسىنىڭ سىلىق، يالتىراق يۈزىدە كۈرۈنگەن باشقا بىر نەرسىنىڭ تەسۋىرى . شەكىلى؛ ② زىت، تەتۈر، قارىمۇ- قارىشى؛ ③ قايتىلانغان، قايتا ئايان بولغان؛
قايغۇ ــــ زار، قاتتىق زارلىنىش؛
پاجىئە ــــ ئېچىنىشلىق ۋەقە؛ ھالاكەت؛ مۇسىبەت؛ بەخىتسىزلىك.
تەمسىل ــــ ①  بىرەر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىگە ئوخشىتىش؛  ② تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ھادىسلەرنى، كىشىلەرنىڭ ياخشى- يامان خۇسۇسىيەتلىرىنى ھايۋان ۋە نەرسىلەرنىڭ قىلىقلىرى، تەبىيئىتى ۋە ھالىتىگە سېلىشتۇرغان ھېكىمەتلىك سۆزلەر.
ئەكىس سادا ــــ قايتىلانغان، قايتا ئايان بولغان ئاۋاز.
يۈكسەك ــــ ① ئېگىز، بۈيۈك، كاتتا؛ ②  كۆچمە مەنىسى: ئالىي، يۇقىرى ، ناھايىتى چوڭ، ياخشى ، ئۇبدان. ③ ئەرلەر ئىسمى .
غايىۋى ــــ ① مۇئەييەن بىر غايە ، ئىدېئولۇگىيگە ئىگە؛ مۇئەييەن بىر غايە ئىدىئولۇگىيگە ئاساسلانغان : ② يۇشۇرۇن .
دەقىقە ــــ  ① سائەتنىڭ 60 تىن بىر بۆلىكى ، مىنۇت . ②  كۆچمە . قسقىغىنە ۋاقىت ، پەيىت .
كارتىنا ــــ ( رۇسچە ) كىنو- فىلىم ، كىنو كارتينىسى ، مۇستەقىل بەدئىىي قىممەتكە ئىگە بولغان تەسۋىرى سەنئەت ئەسىرى . ئەدەبى ئەسەرلەردىكى مەلۇم كۈرۈنۈشلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ .
كىزىش ــــ  مېڭىپ يۈرۈش ، ئايلىنىش ، سايائەت قىلىش ، ئارىلاش .
ئىزھار ــــ  بايان قىلىش ، سۆزلەش ، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ، بىلدۈرۈش .
سادا ــــ ① تاۋۇش ، ئۈن ، ئاۋاز ، ② كۆچمە : ئىنكاس ، جاۋاپ .
تەلپۈنۈش ــــ  ① تەمشىلىش ، ئىنتىلىش . ② كۆچمە . مەلۇم تەرەپكە تارتىماق ، ئۆزلۈكسىز سوقماق ، (  يۈرەك ، كۈڭۈل ، قەلىب ھەققىدە )
ياۋايى ــــ ① ئادەمگە كۆنمىگەن ، كۆندۈرۈلمىگەن ، تەبىئەتتە ئەركىن ياشاۋاتقان . ② ئۆزى تەبىئيى ئۆسىدىغان ياكى ئۆسكەن . ( ئۈسۈملۈك ) ③ مەدەنىيەتنىڭ ئىپتىدائى ھالىتىگە خاس بولغان ، قالاق ، مەدەنىيەتسىز : ④ ئىجىتمائى تۇرمۇشتىن چەتنىگەن ؛ قەبىھ،   ۋەھشىي .
نەزەر سېلىش ــــ  كۆز سېلىش ، دىققتىنى بۇراش ، قاراش ،
جەزبىدار ــــ  جەلىپ قىلارلىق ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ، دىققىتىنى تارتىدىغان .
ئاسىي ــــ ① گۇناھكار، گۇناھ قىلىغۇچى؛ ② خائىن، ساتقۇن.
ئۈزۈندە ــــ  بىراۋنىڭ قىلىغان ياكى يازغان ماقالە- ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈپ ئېلىنغان پارچە.
2. شېئىر ۋە شائىر
ماتا ــــ پاختا يىپتىن يەرلىك تۇقۇش دوكىنى ( دەستىگاھ ) دا توقۇلغان رەخت، بۆز؛
كەشتە ــــ رەختنىڭ يۈزىگە يىڭنە بىلەن تىكىپ چۈشۈرۈلگەن گۈل، تۈرلۈك رەسىم، ھەر خىل سىزىقچە ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر.
ھۆسىن ــــ  ① چىراي، جامال، گۈزەللىك؛  ② چىرايلىق قىلىپ يېزىلىدىغان ، نەپىس ، كۆركەم ، گۈزەل؛
توڭگۇز ــــ  ① سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، بۇرۇن ۋە ئېغىز تومشۇقلىرى ئۇرۇنچاق، كۆزى كىچىك، قۇلىقى چوڭ، پۇتى قىسقا تىنى سىمىز بولىدۇ. ئادەتتە چوشقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ② كۆچمە مەنىسى : ئەبلەخ ، ھايۋان دېگەن مەنىدىكى ھاقارەت سۆزى. ③ مۈچەل يىل ھېسابىدا ئون ئىككىنچى يىلىنىڭ نامى.
بەخىش ئەتمەك ــــ ئاتا قىلىماق، ئاتىماق، بېغىشلىماق، بەرمەك.
مەشئەل ــــ ① ئۇچىغا كۆيىدىغان بىر نەرسە ئۇرالغان، يۇرۇتۇش ياكى ئوت يېقىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تاياق؛ ② يول ۋە نىشاننى كۆرستىىپ بىرىدىغان نەمۇنە،  ماياك.
زولمەت ــــ ① ھېچ نەرسنى كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى قاراڭغۇلۇق؛②كۆچمە مەنىسى: نادانلىق، جاھالەت.
گۈلخان ــــ ئىسسىنىش ياكى يۇرۇتۇش ، بەلگە بىرىش قاتارلىق مەقسەتلەردە ئۇتۇن سېلىپ ئوچۇقچىلىقتا قالانغان ئوت.
قاينام ــــ  ①  سۇ ياكى سۇيۇقلۇقنىڭ چۈرگىلىمەچ بولۇپ ئايلىنىدىغان جايى؛  ② كۆچمە مەنىسى : ئىش، پائالىيەت ۋە كۈرەش ۋە شۇ قاتارلىقلاردا قايناپ تاشقان، جوش ئۇرغان ھالەت؛
تەشنا ــــ ① سۇسىرىغان، چاڭقىغان، سۇغا زار؛ ② كۆچمە مەنىسى : مۇھتاج، ئىنتىزار؛
داۋا ــــ ① كىسەلنى ساقايتىش چارىسى، دۇرا- دەرمەك؛ ②  پايدىلىق ۋاستە. شىپا. ③ كۆچمە مەنىسى : ئامال، ئىلاج ، چارە.
ئۈگىدەك ــــ پۈتۈنلەي ئۇخلاپ قېلىش بىلەن ئويغاقلىقنىڭ ئارىلىقىدىقى ئۇيقۇ باسقۇچى؛
خامۇش ــــ ① شۈك جىم بولۇپ قالغان ؛ جىم، كەمسۆز؛ ② غەم- غۇسسىگە پاتقان، مىسكىن، ئويچان، چۈشكۈن، سۇلغۇن.
ئشىق ــــ ① يارغا بولغان مۇھەببەت ، سۆيگۈ . ②  زور ئىشتىياق .
دەشىت ــــ  ئۈسۈملۈك ئۈنمىگەن ، سۇسىز ، قاقاس يەر ؛ چۆل .
ئايۋان ــــ ھويلىنىڭ ئۈستى يېپىلغان قىسمى ، پىشايۋان.
پەرۋانە ــــ ① بىر خىل ھاشارەت، بۇنىڭ كۆپ تۈردىكىللىرى دىھقانچىلققا زىيان سالىدۇ. ② كۆچمە مەنىسى : مەھلىيا، ئاشىق، مەپتۇن .
تاماسىز ــــ خالىس، ھېچنىمە تەلەپ قىلىماسلىق.  
سۇغ ــــ ① ھارارىتى ۋە تىمىپىراتۇرىسى بەلگىلىك گىرادوستىن تۈۋەن بولغان . ② ھارارىتى ، تىمىپىراتۇرىسى تۈۋەن ھاۋا . ③ سوغۇقلۇققا تەۋە يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش نەتىجىسىدە ئورگانىزىم پائالىيتىنىڭ سۇسلىشىشى . ئۆزىگە جەلىپ قىلمايدىغان ، كۈڭۈلگە ياقمايدىغان ، يېقىمسىز ، قۇپال .
غەيۇر ــــ غەيرىتى بار، غەيرەتلىك ، جەسۇر، قەيسەر، باتۇر.
تەپەككۇر ــــ ئادەم مېڭىسىنىڭ رىئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى ؛ ئوبىكتىپ ۋەقەلىك ھەققدىكى قىسمەن چۈشەنچە ، تەسەۋۋۇر . ② پىكىر يۈرگۈزۈش ، مۇھاكىمە .
نىكولاي ــــ  چارۇسىيە پادىشاھىنىڭ ئىسمى .
لىف تولىستوي ــــ ( 1828- 1910 ) لىف نىكولايىۋېچ تولىستوي روسىينىڭ داڭلىق ئۇلۇغ تەنقىدى رىئالىزىمچى يازغۇچىسى . ياۋرۇپا تەنقىدىي رېئالىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ نامايەندىسى. 1828 –يىلى روسىيەدىكى بىر پومىشچىك ئائىلىسىدە توغۇلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى « بىر پومىشچىكنىڭ ئەتتىگىنى » ( 1856 ) ، « لىيوتسېرىن » (1857 ) پوۋېستلىرى ، « ئاننا- كارېننا » ( 1877) ناملىق رومانى ، « تىرىلىش » رومانى ، مۇھىم سەھنە ئەسەرلىرىدىن : «قارا كۈچلەر » پوۋېستلىرى ، « ئىۋان ئىۋانوۋىچنىڭ ئۆلۈمى » ، « ھاجى مۇرات » ۋە « تاسىندىن كېيىن » ھېكايسى قاتارلىقلار بار. 1910- يىلى 89 يېشىدا بەختكە قارىشى كىسەل سەۋبى بىلەن ۋاپات بولغان.
3. قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرىسى
قىڭغىر ــــ ① تۈز سىزىق بويلاپ يۈنەلمىگەن ، ئەگىرى . ② بىر تەرەپكە قىيسايغان ، قىڭغايغان . ③ كۆچمە : ئالدايدىغان ، ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىلىگەن ، ساختا . ④  كۆچمە . بىر ئەزاسى بىر تەرەپكە قىيسايغان .
تىركىشىش ــــ ① قارىشلىق كۆرسىتىش، قارىشلىشىش، ئېلىشىش؛ ② پۈتۈن كۈچى ۋە تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سېلىش، تىرىشىش.
يوقسۇل ــــ كەمبەغەل ، نامرات ، يوقسۇز؛
سۈندىلاچ ــــ سۇندۇكنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بىر خىل كىچك قۇش بولۇپ قۇرۇت قاتارلىق ئۇششاق ھاشارەتلەرنى تۇتۇپ يەيدۇ. تۈكلىرى كۈلرەڭگە مايىل كىلىدۇ.
تېكە ــــ ئۆچكە ، ياۋا ئۈچكە، جەرەن قاتارلىقلارنىڭ ئەركىكىنىڭ پىچىلىمىغىنى.
ساغلىق ــــ ئىككى چىشلىقتىن ئاشقا چىشى قوي.
يېلىن ــــ ئايال كىشى ياكى سۈت ئەمگۈچى چىشى ھايۋانلارنىڭ سۈت ئاجىرىتىش ئەزاسى؛ سۈت بېزى، ئەمچەك.
ئەت ــــ ① ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ گۆشى؛② بەزى مېۋىلەرنىڭ يومشاق قىسىمى؛③ يەرنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى مۇنبەت، ھوسۇللۇق قىسمى.
يوپۇن (يوپۇڭ) ــــ  يىلىڭ ، يوپقا .
نەغمە ــــ  چالغۇ ئەسۋاپلىرى بىلەن ئىجىرا قىلىنىدىغان ئاھاڭ .
يېزىقچىلىق   ئىلىھامى كەلگەندە يېزىش كېرەك
تەپەككۇر ــــ ① ئادەم مېڭىسىنىڭ رىئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى ؛ ئوبىكتىپ ۋەقەلىك ھەققدىكى قىسمەن چۈشەنچە ، تەسەۋۋۇر . ② پىكىر يۈرگۈزۈش ، مۇھاكىمە .
قوشۇما ــــ بۇرۇننىڭ ئۈسىتىدىكى، ئىككى قاش ئارىلىقىدىكى ئۇرۇن؛
زورمۇزۇر  ــــ مەجبۇرىي ھالدا، قىستاپ، زورلاپ، سەۋەپسىزلا؛
زورۇقماي ــــ كۈچىمەي.
تالاي ــــ جىق، نۇرغۇن، كۆپ؛
ئۇخچۇش ــــ دولقۇنلاش، مەۋج ئۇرۇش.
باغاشلىماق ــــ باغرىغا باسماق، قۇچاقلىماق.
رۇجەك ــــ دېرىزىنىڭ كۆزنەك ئورنىتىلىغان جازىسى؛ پەنجىرە.
قەلىب ئىزھارى ــــ ئىچكى روھىي دۇنياسى، ئىچكى ھىس تۇيغۇلىرى، پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەش.
داڭقان پۇتى ــــ قاملاشمىغان، ئېگىز- پەس؛
رومان ــــ بەدئىي ئەدەبىياتتا چوڭ تىپتىكى ئىپىك ئەسەر، ھەجىم جەھەتتىن چوڭراق بولغان ، كەڭ ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بەلگىلىك تارىخى دەۋرنىڭ بىر پۈتۈن ئالاھىدىلىكنى ئۈزىدە مۇجەسسەملەپ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلىگەن، ئىجىتىمائى تۇرمۇشنىڭ كەڭ كارتىينىسىنى سىزىپ، تىپىك پىرسۇناژلار ئوبىزالىرىنى يارىتالىغان چوڭ تىپتىكى ئەسەر.
ھېكايە ــــ تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۇرمۇش ھادىسلىرى ئارقىلق جەمئىيەتتىكى بىرەر مەسىلە ياكى ئۆز ھەجىمىگە قارىغاندا كەڭ ھەم مۇرەككەپ مەزمۇننى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدىغان ئىپىك ئەسەر.
پىرسۇناژ ــــ ئەدەبى ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەگە قاتناشقۇچىلار.
قەسىر ــــ ① پادىشاھلار، خانلار ياكى فىئوداللارنىڭ ھەشەمەتلىك سارىيى. ② قەلئە، قورغان. ③ ئومۇمەن ھەشەمەتلىك ساراي، كاتتا ئۆي ، بىنا.
سەرلەۋھىلىك ــــ ماۇۋزۇلۇق؛
پىچ ــــ ① ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلىتىز، غول ۋە شاخلىرىدىن يېڭى ئۆسۈپ چىققان قىسمى، تېرىلىغان ئۇرۇقلاردىن چىققان ئۈندۈرمە؛ ② پىچ ھالەتتىكى، يېڭى؛ ③ كۆچمە مەنىسى : مەيدانغا كەلگەن يېڭى يۈزلىنىش، خاھىش.
كۆزنەك ــــ ① دېرىزىنىڭ كۆزى. ② كىيىم تىكىش ماشىنسىنىڭ يىڭنە ئۆتۈشىدىغان تاختىسىمان دىتالى③ ھارۋا چاقىنىڭ يولى ئىچىگە ئورنىتىلىغان تۇرۇببا شەكىللىك دىتال. ④ سىيرىلما قازاننىڭ ئوق بىلەن تىگىشىپ تۇرىدىغان قىسمى.
ستون ــــ مەخسۇس بەت؛
4 . « بۇزغۇنچى »
لامپۇچكا ــــ ئېلىكتىر توكى بىلەن نۇر تارقىتىدىغان، شارسىمان شىشىدىن ئىبارەت يۇرۇتۇش ئەسۋابى؛ ئېلېكتىر چىراغ.
توك ئېقىمى ـــ ئېلېكتىر زەرىتىنىڭ ئېقىمى.
قۇم قازى ــــ تولا گەپ قىلىدىغان، گېپى تۈگمەيدىغان، قۇمدەك سۆزلەيدىغان ئادەم.
ۋات ــــ ئېلىكتېرنىڭ قۇۋۋەت بىرلىكى، ئېلىكتېر بېسىمى بىر ۋولت، ئۆتكەن تۆك بىر ئامپىر بولغاندا قۇۋۋەت بىر ۋات بولىدۇ.
ئۆمەللىمەك ــــ ئېغىزىنى مىدىرلىتىپ گەپ قىلشقا تەمشەلمەك؛
يىتىم ئاقساقال ــــ ئاتىكاچى، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز گەپ – سۆزلەرگە ئارىلىشىۋالىدىغان ھەممىلا گەپكە لوقما سالىدىغان.
ۋىنتا ــــ ① بۇرما، رېزبا؛ ② ئايلانما رىزبىلىق چىڭىتىش دىتالى.
چالۋاقىماق ــــ بىرەر سەۋەپتىن باشقىلارغا چېچىلماق؛ ئاچچىقلانماق، خاپا بولۇپ سۆزلىمەك.
تەرسا ــــ گەپ يىمەيدىغان ، جاھىل، كاج؛
ئىستانسا ــــ ①  پويىز ياكى باشقا ترانسپورت ۋاسىتللىرى توختايدىغان جاي ؛ بىكەت. ② ئالاقە، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇرۇن؛
مۇۋەپپەقيەت ــــ بىرەر ئىشتىن قولغا كەلتۈرگەن ، ئىرىشىلگەن نەتىجە، غەلبە، ئۇتۇق؛
چوقۇنۇش ــــ ① ئىتىقاد قىلىش؛ ② پۈتۈنلەي ئىشىنىش ، ئەقىدە قىلىش.
ھەشەمەتچىلىك ــــ بىرەر ئىشنى كاتتا، داغدۇغا بىلەن قىلىش؛ سۆلەتۋازلىق.
مودا ــــ  ① مەلۇم بىر دەۋىردە كىشلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ ، دەۋر سۈرگەن، بازار تاپقان ھەم كەڭ تارقالغان تۈرلۈك ئادەت، كىيىم- كىچەك قاتارلىقلار؛ ② شەكىل، پاسۇن، ياڭزا.  
سەلبىي ــــ ئىجابىي بولمىغان، يامان، تەلەپكە زىت؛
شۈبھىسىز ــــ ھېچقانداق شۈبھىي توغدۇرمايدىغان، شەكسىز، گۇمانسىز، مۇقەررەر ، سۆزسىز؛
تەرەددۇت ــــ  تەييارلىق ، ھازىرلىق .
مەرى ــــ كىشىنىڭ ئەتراپتىكى شەيئىلەرگە بولغان بىر خىل ئوتلۇق مۇھەببىتى ، كۈچلۈك ياخشى كۈرۈش تۇيغۇسى .
پاكىت ــــ ① ئىنكار قىلىغىلى بولمايدىغان ، رېئال ، بارنەرسە . ② بىرەر ئىش ، نەرسە ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش ، قەتئىيى بىر پېكىرگە كىلش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاساس ، دەللىل  ، ھۆججەت .
ھامما ــــ ① بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا ياكى ئانىسىنىڭ ئاچا- سېڭىللىرى . ② ئۆزىدىن چوڭلارغا مۇراجەت قىلىش ، ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان سۆز .
پەتىلەش ــــ ① ئۆلۈم ئۇزىلتىلغان ئۆيدىكى ھازىدارلارنى يوقلاپ ، مەرھۇمغا قايغۇ بىلدۈرمەك . تەسەللى بەرمەك . ② ئادەتتە ھېيىت- ئايەم ، توي - مەرىكە مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇق- تۇققان ، ئەل- ئاغىنە ، قولۇم قوشنىلارنى يوقلىماق ، زىيارەت قىلماق .
داغماللاش ــــ ① داغمال بىلەن كەپشەرلەش ② قىيناش ئۈچۈن قىززىتىلغان مېتالنى  بەدەنگە ياقماق .
قىززىقىش ــــ ①  بىرەر ساھە ، ئىش ياكى نەرسىگە ئىشتىياق باغلاش ، ھەۋەس قىلىش . ② دىققەت ئىتىبار بىرىش كۈڭۈل قويۇش ، بىرىلىش . ③ قىززىق تۇيۇلۇش ، قىززىقارلىق بىلىنىش . قىززىقسىنىش .  
مەستانە ــــ ① مەسىتلەرچە ، مەسىتلەرگە ئوخشاش . ② كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ، ئەقلىنى ئازدۇرىدىغان دەرىجىدە گۈزەل ، چىرايلىق . ③ بىر نەرسىگە ، ئىشقا ياكى كىشىگە قاتتىق بىرىلگەن ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بىرىلىگەن ، مەھلىيا شەيدا بولغان . ④ بىرەر نەرسىگە ، ئىشقا ياكى كىشىگە قاتتىق بىرىلىگۈچى ئادەم ، ھەۋەس قىلىغۇچى ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدابىرىلگەن كىشى ، ھەۋەسكار .
كۇرژۇك ــــ مەلۇم مەقسەت ، غايە بىلەن توپلانغان كىشىلەر توپى .
5. موللاقچىلىقنى ئۆگىنىش
ئاۋۇن ــــ  كۆپ ، جېق ، نۇرغۇن ؛
دار ئويۇنى ــــ يەرگە تىك ئورنىتىلىغان ، ئېگىز ياغاچقا چىڭ تارتىلغان ئارغامچا، ئارقانلار ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش ؛
دارۋاز ــــ دار ئۇيۇنى ئوينىغۇچى؛
تەڭشەك ــــ ① تىكىش ماشىنىسدا غالتەك يىپنىڭ چىڭ بوشلۇقىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان سايمان؛ ② بىرەر نەرسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدىغان نەرسە؛ ③ دارۋازلارنىڭ دار ئۇيۇنى ئوينىغاندا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۇزۇن بادىرىسى.
چاتراق ــــ ئىككى پۇتنىڭ ئارىلىقى؛ چات.
پەشۋا ــــ ① پۇت پەنجىسىنىڭ دۈمبىسى ، ئالدى تەرىپى؛ ② تېپىك؛ ③ كۆچمە مەنىسى : زەربە، دەشنەم، دەككە.
قاسقان ــــ ① غەلۋىر، ئەلگەك ، چاق ۋە بەزى باش كىيىمى قاتارلىقلارنىڭ چۆرىسىدىكى گەردىشى، چەمبەر؛ ② مانتا ۋە شۇ خىل تائاملارنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ ، قۇمۇش قاتارلىقىلاردىن مەخسۇس ياسالغان نەرسە ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر چەمبىرىكى.
ئەلگەك ــــ يۇمىلاق قاسقانلىق ئاستىغا تۇر بىكىتىلگەن ئۇن تاسقايدىغان سايمان.
قىينداق ــــ كىۋەز شادىسىنى چېپىۋالغاندىن كېيىن يىلتىز بىلەن قېپقالغان قىسمى.
قىيىندى ــــ رەخىت، قەغەز، خروم قاتارلىق نەرسىلەرنى قىيىپ كەسكەندە چىقىرىپ تاشلانغان كىرەكسىز قىسمى.
تەلۋە ــــ ① تەم پۇرىقى ناھايىتى ئاچچىق؛ ② ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ، خۇيلىنىپ قالىدىغان، ساراڭ، كاج؛ ③ توسۇن، ھەددىدىن ئاشقان، غالجىر؛
نامازدىگەر ــــ كۈن ئولتۇرۇشتىن بىر- ئىككى سائەت بۇرۇنقى ۋاقىت ئارىلىقى.
سېپىل ــــ بۇرۇنقى چاغلاردا ئوردا ياكى شەھەرنى دۈشمەندىن ساقلاش ئۈچۈن ئوردا ياكى شەھەرنى چۆرىدەپ ئېگىز ھەم قېلىن قىلىپ سوقۇلىدىغان تام؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە يۈرۈپ دۈشمەن تەرەپنى كۆزىتىدىغان مەخسۇس ئۆيلىرى ۋە ئوق ئۈزۈش ئۈچۈن ياسالغان ئۆڭكۈرلىرى بولىدۇ.
خانىقا ــــ ①  ئىشان سوپىلارنىڭ توپلىشىپ بىرلىكتە زىكىرىگە چۈشىدىغان، زىكىرى ئىبادەت قىلىدىغان خانىسى،  ئۇرنى. ② بىر قېتىمدا كۆپرەك ئادەم ناماز ئوقۇشقا بولىدىغان قىلىپ ياسالغان چوڭ مەسچىت، جامە. ③ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ناماز ئوقۇلىدىغان ئادەتتە كەڭ ۋە كاتتا بولىدىغان گۈمبەزلىك خانىسى.
مۇناپىق ــــ تىلى باشقا دىلى باشقا سۆز ھەرىكىتى بىر- بىرىگە توغرا كەلمەيدىغان، سەمىيمىيەتسىز، ئىككى يۈزلىمىچى؛
ھارامزادە ــــ ①  نىكاھسىز ئەر-ئايالدىن توغۇلغان بالا؛  ② كۆچمە مەنىسى : قۇۋ، ھېيلىگەر، مەككار، ئالدامچى؛
تاي ــــ ① ئاتنىڭ ئىككى ياشقا تولمىغان بالىسى؛ ② چوڭ- چوڭ باغلام قىلىپ چىڭداپ تېڭىلغان مال.
قىيغىتىش ــــ  ① ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپ ئوينىماق؛ ئويناقلىماق، شوخلۇق قىلىماق؛  ② سىپاپ ئۇچۇرۇپ ئۆتمەك.
پول ــــ كارىدۇر ۋە ئۆينىڭ تاختاي ئورنىتلىغان ئاستى يۈزى؛
جىكلەش ــــ تاپىلاش، قايتا- قايتا ئەسكەرتىش؛
سەرگۈزەشىت ــــ باشتىن ئۆتكەن ئىشلار، ۋەقەلەر، كەچۈرمىش؛
خېمىرتۇرچ ــــ ① خېمىرنى بولدۇرۇش، كۆپتۈرۈش ئۈچۈن سېلىنىدىغان ئېچىتقۇ؛ ② كۆچمە مەنىسى : بىرەر ئىش ئۈچۈن ئالدىن سېلىنىدىغان مەبلەغ؛ ئىقتىسادي ياكى ئىقتىسادىي ئاساس، ئۇل؛ ③ كۆچمە مەنىسى : بىلىم، سەۋىيە، مەلۇمات، ئۇماچ؛
داڭىق ــــ نام، ئاتاق، شۆھرەت، ئىناۋەت؛
بىھۇدە ــــ ① پايدىسىز، مەنپەئەتسىز، بىكار؛ ②  ئۇرۇنسىز ، ناھەق، ③ ئاساسسىز، بولمىغۇر؛
غالىپلار ــــ غەلبە قىلىغۇچىلار ، مۇۋاپىقيەت قازانغۇچىلار ، يەڭگۈچىلەر .
شىبە ــــ ئىلىمىزنىڭ شىنجاڭ ، ۋە شەرقى شىمال رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتنىڭ نامى ۋە شۇ مىللەتكە تەۋە كىشى .
كەرمەك ــــ ئىككى تەرەپكە تارتىپ ئارىسىنى ئاچماق ، يايماق ؛ كەڭ ، چوڭ ھالەتكە كەلتۈرمەك .
بىڭسى ــــ  كۈچ- قۇۋۋەت ، ئىقتىدارى ، قابىليەت ، كارامەت ، ماھارەت ، گۇمپا .
شۇرا ــــ ①  باغ ۋە ھويلا- ئاراملارنىڭ توسما تاملىرىنىڭ بۇزۇلۇپ ئادەم ئۆتكىدەك بولۇپ قالغان كەمتۈك يىرى . ② يۇپۇرمىقى كۈلرەڭ ، ئۈسىتى يالتىراق بولغان تاشلاندۇق يەر ، ئېتىز- ئېرىق بويلىرىدا ياۋايى ھالەتتە ئۈسىدىغان شۇرا ئائىلىسدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۈسۈملۈك .
مىس- مىس ــــ ①  بىر ئىشنى ئالدىرىماي قىلىدىغان ، ھەرىكىتى ئاستا . ② قولىدىن  ئىش كەلمەيدىغان ، بۇشاڭ .
ئاپقۇر ــــ  پىيالىنىڭ چوڭراق بىر تۈرى .
6 . بالىقىڭغا قېنىۋال بالام
ئەللەي ــــ ① بۇۋاق بالىنى ئوخلىتىشتا ئېيتىلىدىغان سۆز؛ ② بۇۋاق بالىنى ئوخلىتىشتا ئېيتىلىدىغان ئاھاڭلىق قۇشاق؛
ۋاللەي( ۋەللەي) ــــ ① بالىلار ئۇيۇنىنىڭ بىر تۈرى . ئوينىغۇچىلار ئىككى تەرەپ بولۇپ ئۇزۇنلۇقى 60- 70 سانتىمىتىر ، دىئامىتىرى ئۈچ- تۆت سانتىمىتىر كەلگۈدەك كالتەك ۋە ئونبەش ۋە يگىرمە بەش سانتىمىتىر ئەتراپىدىكى بارماق توملۇقىدىكى بىر ياكى ئىككى بالىچۇق بىلەن تۈز مەيداندا ئوينايدۇ. ② شۇ ئۇيۇندا چوڭ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئوينىلىدىغان بالىچۇق تاياق.
زارىققان ــــ  ① بىرەر نەرسىگە قاتتىق مۇھتاج، تەشنا بولماق؛ زار بولماق. ② ئىنتىزار بولماق ، تەقەززا بولماق، تەلمۈرمەك.
تۆتقۇلاق ــــ بىر خىل ئۈسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە پاكار ئۆسىدۇ، ئادەتتە ئۈچ قۇلىقى بولىدۇ. تۆت قۇلىقى بارلىرى ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدۇ.
مەسۈم ــــ ① بىگۈناھ، گۇناھسىز، پاك، سەمىيمى؛  ② نۇمۇسچان، نۇمۇسلۇق، ئىپپەتلىك؛③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
چامپۇتلاش ــــ پۇتلىۋېتىش.
زاكاــــ  بوۋاقلارنى يۆگەيدىغان ياكى ئاستىغا سالىدىغان لاتا، يۆگەك؛
توپان ــــ ① دىننى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىدىغان نوھ پەيغەمبەر زامانىسىدىكى ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن ، پۈتۈن دۇنيانى باسقان سۇ تاشقىنى . ② كۆچمە كۈچلۈك دولقۇن ، تاشقىن ، ئېقىن. ③ كۆچمە .  زور بالايىئاپەت . ④ ئاشلىق زىرائەتلرىنىڭ خاماندا دېنى ئايرىۋېىلىنغاندىن كېيىن قېپقالغان غول ۋە يۇپۇرماقلىرىنىڭ تۇپىغا ئوخشاش بولۇپ كەتكەن ئۇۋاقلىرى .
ئۈگە ــــ ① سۆڭەكلەرنىڭ ئۆز- ئارا تۇتاشقان جايى؛ ② كۆچمە مەنىسى : راكىتا ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلار قىسىملىرىنىڭ ئۆز- ئارا تۇتاشقان جايى، بۇغۇمى؛
يېزىقچىلىق ۋە ئاغىزاكى ئالاقە
جۇغلاش  ــــ  توپلاش، يىغىش؛
ئۇڭايسىزلىنىش ــــ بىرەر ئىش ياكى ئەھۋالغا قارىتا بىئەپلىك ھىس قىلىش؛ تەسچىلىكتە قېلىش، قېيىن ھىس قىلىش؛
ھەۋەس ــــ بىرەر نەرسىگە بولغان قىززىقىش، ئىنتىلىش، ئارزۇ- ئىستەك.
ئوبىيكىت ــــ ① بىزدىن تاشقىرى ئېڭىمىزغا باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق ماددى دۇنيا، مەۋجۇدىيەت، سوبىيكىتنىڭ ئەكىسى؛ ② كىشىنىڭ پائالىيتى، دىققەت ئىتىبارى قارىتىلغان نەرسە، ھادىسە ۋە ئادەم؛
مۇخبىر ــــ گېزىت- ژورنال، رادىئو- تىلىۋېزىيە قاتارلىق مەتبۇئات ئۇرۇنلىرىغا خەۋەر، ماقالە، ئوبزور يېزىپ تۇرىدىغان كىشى؛
مەھسۇلات ــــ ئىشلەپچىقىرىلغان بۇيۇملار؛
7 . مەشرەپ
ئەنئەنىۋى ــــ ئۇزاق زامانلاردىن بىرى ئەنئەنە بۇيىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ، ئەنئەنە بولۇپ قالغان ، ئەنئەنىگە ئايلانغان ، ئەنئەنىلىك .
ئۆرپ- ئادەت  ــــ بىرەر خەلق ياكى مىللەتكە ئورتاق بولغان ۋە شۇ خەلق مىللەت ئىچىدە ئەۋلاتتىن- ئەۋلادقا ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى يۇسۇن، ئادەت؛ قائىدە- يۇسۇن.
مەشرەپ ــــ ① كىشلەر بىر يەرگە توپلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان ناخشا- ئۇسۇللۇق ئولتۇرۇش، يېغىلىش، بەزمە؛  ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى .
تۈس ــــ  ①  رەڭ- بۇياقلارنى بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان ئايرىم تۈرى؛  ② تاشقى كۈرۈنۈش؛③ خاراكتىر؛④ پېئىلدا ئىپادىلىنىدىغان گرامماتىكىلىق كاتىگۇرىيلەرنىڭ بىرى؛
كۆنۈككەن ــــ كۆنگەن، ئادەتلەنگەن.
جامائەت ــــ ① مەلۇم مەقسەت ۋە نىشان ئۈچۈن توپلانغان كىشىلەر، كۆپچىلىك، ئامما ؛ ② بىر ئىمامنىڭ يىتەكچىلىكىدە ناماز ئوقۇيدىغان كىشلەر؛
قېيىت مەشرىپى  ــــ  مورى ئويغۇرلىرى ئىچىدە ئۆتكۈزىلىدىغان مەشرەپ بولۇپ، تۆت پەسىل ئىچىدە خالىغان ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.
كۆك مەشرىپى ـــــ بۇ قومۇل مەشرىپىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ تۇنجى قار ياققاندىن باشلاپ بۇغداي تېرىپ ئۆسۈپ پىشقىچە ئۆتكۈزىلىدۇ، ئۆيمۇ- ئۆي نۆۋەتلىشىدۇ.
ئونېۋىرسال ــــ ① ئوخشىمىغان تۈر، ئوخشىمىغان خاراكتىردىكى نەرسىلەردىن تەركىپ تاپقان، كۆپ ياكى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر تەرەپلىمە. ② بىر نەچچە ئىشنى قىلالايدىغان، ھەممىدىن خەۋىرى بار.
پاششاپ ــــ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كىچىللىرى كۈزەت قىلىدىغان، جاڭ قاقىدىغان ساقچى ئەمەلدارى. ئۆتمۈشتە مەھەللە ياكى كۇچىلارنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل يەرلىك ئەمەلدار.
ئەمەل ــــ ① ماتىماتىكىلىق ھېسابنىڭ ھەر بىر تۈرى؛  ②  مەنسەپ، ھوقۇق، ۋەزىپە؛ ③ كۈندىلىك ئىش، پائالىيەت ، ئەمەلىيەت؛
جازا ــــ  ① ئەيىپ ياكى جىنايىىتى ئۈچۈن كۈرۈلىدىغان چارە . ② ياغاچ ياكى تۈرلۈك مىتاللارنىڭ بىر- بىرىگە چېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان قۇرۇلما . ③ نەرسىلەرنى تىزىپ قۇيۇش ۋە كۈتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان قۇرۇلما . ④ كۆچمە: ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان بىر خىل ئادەت ، كىبىر .
دەررە ــــ  ئۈچ- تۆت قەۋەتلىك چەم ئارىسىغا قۇم ئېلىپ تىكىلگەن ياغاچ ساپلىق پالاق؛ ئۆتمۈشتىكى مەھكىمە شەرىئىيتىنىڭ ئەدەبلەش ۋە جازا قۇراللىرىنىڭ بىر تۈرى.
پوتا ــــ بەلگە باغلىنىدىغان رەخت؛
بېيىت ــــ ئەرەبچە- ئىككى مىسرالىق شېئىر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇر تىلىدا خەلق قۇشاقلىرىنىڭ بىر تۈرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئىككى مىسرا بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئومۇمەن بېيىت دېگىنىمىز مۇزىكا ئارقىلىق ئېيتىلماي دىكلاماتسىيە قىلىنىدىغان بۇغۇم، تۇراق ۋە مىسرالىرى چەكلىمىگە ئۇچىرىمايدىغان مۇئەييەن پىكىر ئىزچىللىقغا ئىگە خەلق قۇشاقلىرىدۇر.
نەپىس ــــ گۈزەل، چىرايلىق ۋە نازۇك؛  
مەشرەپ ئەھلى ــــ مەشرەپكە قاتناشقۇچىلار، مەشرەپ سورۇنىغا داخىل بولغۇچى كىشىلەر؛
لاپ ئۇرۇش ــــ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئارتۇقچە مۇبالىغە قىلىنغان، قۇرۇق يالغان گەپ قىلىش؛ پو ئېتىش؛
ناماقۇللۇق ــــ بىراۋغا قىلىغان نامۇۋاپىق سۆز- ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئەپۇ سۇراش، ئۆزرە ئېيتىش.
پىر ئويناش ــــ ① پېرىخون، باخشىلارنىڭ دۇئا- تىلاۋەت بىلەن داۋالىماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەتراپنى چۆرگىلىشى؛  ② لاغايلاپ يۈرۈش، لالمىلىق قىلىش؛
دۆرە- قېتىم، نۆۋەت.
سازەندە ــــ بىر ياكى بىر قانچە سازنى مۇكەممەل چېلىشنى بىلىدىغان كىشى ، مۇزىكانىت ، سازچى .
تەڭكەش ــــ ① تەڭلەشكەن ، تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان ، تەڭپۇڭ . ② ماسلاشتۇرۇلغان ، لايىقلاشقان ، ئوخشاش . ( ساز ۋە ناخشا ھەققىدە )
مىراس ــــ ① ئۆلگەنلەردىن قالغان مال-مۇلۇك؛ ②  ئۆلگەنلەردىن كىيىنكىلەرگە قالغان ئىلمىي، ئەدەبىي، مەدەنىي، كەسپى ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئائىت نەرسە، بايلىق، ھۆنەر كەسىپ؛
بىباھا ــــ باھاسىز؛
راۋا ــــ ① بىرەر ئىشقا مەسىلىگە قارىتا يول قۇيۇلىشى مۇمكىن بولغان ئۇرۇنلۇق توغرا ؛ ② مۇناسىپ ، لايىق، ماس؛ ③ كۆچمە مەنىسى :  تەئەللۇق، تەۋە، مەنسۈپ، خاس.
بەھرە ــــ ①  پايدا، مەنپەئەت، نەپ؛ ②  لەززەت ، مەززە، ھوزۇر؛
سەينا ــــ مەلۇم دائىرىدە قۇرشالغان ئۆي- ئىمارەتلەر ئەتراپىدىكى بوشلۇق؛ ھويلا، قورۇ.
8. ئەتلەستىكى سەنئەت
زەرــــ ① ئالتۇن؛② ئالتۇن بىلەن ھەل بىرىلگەن، ئالتۇن سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلغان، ئالتۇن رەڭگىدىكى .
مۇجەسسەم ــــ جەمىلەنگەن، يىغىلغان، توپلانغان؛
ئۆرنەك  ــــ ① باشقىلارنىڭ تەقلىد قىلىپ ياسىشىغا، ئىشلىشىگە ئەرزىيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈلگىسى ۋە شۇنداق ئۆلگە بولىدىغان نەرسە؛  ② باشقىلار ئەگەشسە، ئۆگەنسە ئەرزىيدىغان ئىش ياكى ھەرىكەت نەمۇنىسى ياكى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىغان ئىلغارلىق نەمۇنىسى .
ھىلال ــــ ①  يېڭى چىققان ئۈچ كۈنلۈك ئاي؛  ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى .
مويىنكەش ــــ تىرە مويىنى تارايدىغان كىچىك تۆمۈر ئارا؛
موكا ــــ ① توقۇمچىلىقتا رەختلەرنىڭ ئۆرۈشىگە ئارقاقنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش رولىنى ئۆتەيدىغان نەرسە، ئىككى ئۇچچى ئىنچىكە ئوتتۇرىسى تومراق بولغان تۇقۇش سايمىنى. ② تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئاستنىقى يىپىنى ئۈستىگە چىقىرىپ بىرىش رولىنى ئوينايدىغان كىچىك غالتەككە ئوخشاش نەرسە.
ئىختىرا ــــ پەن- تېخنىكا ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق، كەشىپ، كەشپىيات؛ ئىجاد.
ئېستېتىك ــــ ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئەكىس ئەتكەن  تەبىئەت دۇنياسى، جەمئىيەت ۋە سەنئەت ھەققىدىكى گۈزەللىك  قاراشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئىپادىلىنىشى.
پاراۋان ــــ ھەممە جەھەتتىن تۇلۇق يىتەرلىك ، كۆپ ، مول ، باياشات.
ئېلېمېنت ــــ ① خېمىيەۋى ئېلېمېنت؛② ئالگىبىرادا بىرلەشمىنى تەشكىل قىلىغۇچى ھەر قايسى بۆلەكلەر؛ گىئومىتىرىيدە شەكىلنى ھاسىل قىلغۇچى ھەر قايسى بۆلەكلەر؛ ③ بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلىغۇچى مۇرەككەپ نەرسىلەرنىڭ ياكى ھادىسىلەرنىڭ تەركىبى قىسىمى؛
تۈس ــــ ①  رەڭ- بۇياقلارنى بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان ئايرىم تۈرى؛  ② تاشقى كۈرۈنۈش؛ ③ خاراكتىر؛④ پېئىلدا ئىپادىلىنىدىغان گرامماتىكىلىق كاتىگۇرىيلەرنىڭ بىرى؛
ئابىستىراكت ـــــ پىكىر قىلىش ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قېلىنغان، كونكىرىت تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ئېنىق بولمىغان، مەۋھۇم .
شەك ـــــ گۇمان، شۈبھە .
بەرنا ــــ ياش، نەۋقىران، گۈزەل، قەددى- قامىتى كېلىشكەن.
9. ئون ئىككى ھايۋانلىق كالىندار
ئاۋىستا كالىندارى ــــ  قەدىمقى پارىسلار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بىر خىل كالىندار.  
ئاسترونۇمــــ ئاسترونۇمىيە ئالىمى،  مۇتەخەسسىس .
شەمىسيە كالىندارى ــــ ① يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ قىلىغان ھەرىكىتىنىڭ دەۋرىيلىكىگە ئاساسەن تۈزۈلگ
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!
نونى + 5 + 4 + 5 + 5ياخشى تېما.
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 11 تىللا + 10 تۆھپە + 11 شۆھرەت + 11  باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

145

تېما

68

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5447 سەر
تىللا
732 دانە
تۆھپە
6089 سەر
شۆھرەت
3994 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 14:25:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ، رەھمەت .شۇ سىنىپلارغا ماس كېلىدىغانلار ئىشلەتسە ياخشى بولغۇدەك.
بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5035 سەر
تىللا
2199 دانە
تۆھپە
8452 سەر
شۆھرەت
3651 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 14:29:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن كېرەكلىك ماتىرىيال ئېلىپ كەپسىز، رەخمەت سىزگە. ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق ماتىرىياللارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

59

تېما

5

دوست

2519

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
373 سەر
تىللا
180 دانە
تۆھپە
1187 سەر
شۆھرەت
275 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 21:10:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . جاپا چەكتىڭىز .

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 21:55:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دەل مۇشۇنداق ماتىرىيالغا ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇراتتىم ، رەھمەت سىزگە !
   بولسا قوش تىللىق تولۇقسىز ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ قانداق ماتىرىيالى بولسا ( دەرس تەييارلىقى، پايدىلىنىش ماتىرىيالى، مانۋېر ئىمتاھان سۇئالى دېگەندەك) يوللاپ قويغان بولسىڭىز ناھايىتى ياخشى بولاتتى. نۆۋەتتە بۇ خىل ماتىرىياللار كەمچىل بولۇۋاتىدۇ.
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 22:52:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك بولغان مۇھىم تىمىكەن بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە تىل - ئەدەبىيات دەرىسى بىرۋاتقان ئۇقۇتقۇچىلارغا پايدىسى زوركەن رەخمەت سىزگە
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5094 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9305 سەر
شۆھرەت
4212 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 23:00:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا  پايدىلىق بولغان ياخشى ماتىريال يوللاپسىز رەھمەت . بولسا بۇندىن كېيىنمۇ ئېسىل تېمىلىرىڭىزنىڭ  ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمىز

0

تېما

0

دوست

47

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
6 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
24 سەر
شۆھرەت
5 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 14:59:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە كۈپ رەخمەت، كۈپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز كىيىنكى دەرىسلەرنىڭكىنى كۈرگۈزمەپسىزغۇ؟ بۇلسا يۇلىۋەتكەن بۇلسىڭىز پايدىلىناركەنمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 13:45, Processed in 0.463056 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش