پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 284|ئىنكاس: 5

قىزلار نىمىشقا قىزلىق بىلەن يارىتىلغان؟؟؟؟؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

5

دوست

2510

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
371 سەر
تىللا
180 دانە
تۆھپە
1185 سەر
شۆھرەت
273 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 13:11:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەلۇم قىزنىڭ بايانى
ئالىي مەكتەپە مىڭىش ئالدىدا ،ئانامنىڭ قۇلىقىمغا شىۋىرلاپ تۇرۇپ ئىيىتقان مۇنۇ سۆزلىرى ھىلىمۇ يادىمدا:<<قىزىم،كىچىكىڭدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچەپەزىلەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىزنى خاتىرجەم قىلىپ كەلدىڭ. ئەمما ھازىر سەن بىزدىن ئايرىلىپ يىراق شەھەرگە ئوقوشقا كىتىۋاتىسەن. ساڭا ئارتۇق گەپ كەتمەيدۇ،پەقەت شۇنداق بىر ئىغىز گەپنىلا دەپ قوياي،قىز بالانىڭ<<يىغىر>>ى ئۆزى بىلەن بىللە.ئۈمىد -ئىشەنچىمىزنى يەردە قويمىغىن>>.
ئانامنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى.بەلكىم ئاتا-ئانىلىرىمىز مۇ ئالىي مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم قىزلارنىڭ بەزىبىر بولمىغۇر قىلىقلىرى ھەققىدىكى سۆز-چۆچەكلىرىنى ئاڭلىغان بولسا كىرەك.دىمىسىمۇ،بىز يۇرتتىكى چاغدىلا ئالىي مەكتەپلەردىكى بەزى قىزلارنىڭ شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىنى ئايرۇپىلان بىلەن قاتناپ ئىچكىرىدىكى چوڭ -چوڭ شەھەرلەردە ئۆتكۆزۈپ كىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان،ھەيرانلىقىمىزدىن كۆزلىرىمىز پارقىرىپ،ئىغىزىمىز ئىڭكىمىزچۈشۈپ قالغۇدەك ئىچىلىپ،توۋا.دەپ قالغانىدۇق.مانا ئەمدى بىر نەچچە يىللىق ئالىي مەكتەپ تۇرمىشى داۋامىدا،ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن مەكتەپكە كەلگەنلىكىنىمۇ ئۇنتىغان ھالدا چەكتىن ئاشقان ئويون -تاماشىلارنىڭ قۇلى بوپ كەتكەنلەرنى،ۋاقىتسىز<<ئانا>>بوپقالغانلارنى كۆردۇق. دەسلىپىدە ھەيرانلىق ئىلىكىدە ياقىمىز نى چىشلەپ يۈرگەن بولساق،بارا-بارا بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپىلكىدە <<توۋا>> دىيىشكىمۇ ئۈلگىرەلمەيۋاتىمىز.
<<قىزلار نىمىشقا قىزلىق بىلەن يارىتىلغان؟بۇ ھەربىر قىز بولغۇچى ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك مەسىلە>>.بۇ بىر مۇئەللىمنىڭ ئەخلاقىي تەربىيە داۋامىدا بىزگە ئىيىتقىنى. شۇچاغدا سىنىپىمىز دىكى كۆپلىگەن قىز -ئوغول ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئالدىدا بۇنداق گەپنى ئاڭلىقىغانىمىز دىن خىجىل بولوپ بويانلىرىمىزغىچە قىزىرىپ كەتكەنىدۇق.ئويلىنىش ئۇيىلىشتىن مىڭ ئەۋزەل.مەنمۇ بىر قىز بالىغۇ،ئاخىر.
نازۇكۇم ئۆز ئىپپەت-نومۇسىنى قىممەتلىك ھاياتى بىلەن قوغدىغانىدى.تىخى يىقىندىلا 13ياشقا بىر نارسىدە قىز نىڭ ئۆزىگە چىقىلماقچى بولغان ئۈچ<<ئەركەك>> نىڭ قولىدىن پاك ھالدا قۇتۇلۇپ چىققانلىقىنى گىزىتتىن ئوقۇپ ،ئۇنىڭدىن پەخىرلەنگەنىدۇق.ۋەھالەنكى،بىز ئىككى -تۆت تەڭگە پۇل،ئەرزىمەس كۆڭۈل خوشلىقى،تۇترۇقسىز ھىسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس پاكلىقىنى بۇلغاۋاتقانلىقىنى خىلى كۆپ كۆردىغان بوپقالدۇق.شۈبھىسىزكى،نوموس بۇلغىنىشىنى ئۆزىگە يەنە تۈرلۈك جىنىسى كىسەللىكنى سۆرەپ كەلمەكتە .شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە 2-ئوروندا تۇرىدىغان ئەيدىز كىسىلى كۆپ رايۇنغا ئايلىنىپ قىلىشى ،ئائىلە،نىكاھ پاجىئەلىرىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى،ياشلار ئارسىدىكى ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى،توي قىلماي تۇرۇپ ھامىلە چۈشىرىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ئەجىبا قىزلاردىكى ئەڭ مۇقەددەس ئەڭگۈشتەر بولمىش <<قىزلىق>>قا بولغان مەسئۇلىيەت-ھۆرمەت تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ئايرىپ قارىيالامدۇق؟
<<قىزلىق>>-ئۇ،قىزلارنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ئەڭگۈشتىرى،ھاياسى،نومۇسىدۇر.قىزلىق قىممىتى ئىپپەتتە.ئىپپەتسىز بىر قىز ،مەيلى ئۇ تەڭداشسىز چىرايلىق نازىنىن بوپ كەتسىمۇ،ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.چۈنكى،ھاياسىز،ئىپپەتسىز گۈزەللىكنى بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.قىزلىققا شۇنداق بىر خسلەت يوشۇرونغانكى،قىزلىقنى ئاسراپ،ئەزىزلەپ ساقلىشى قىزلارنى ھۆرمەتلىك،ئىززەتلىك،ئىپپەتلىك قىلىدۇ.قىزلىقنڭ دەپسەندە قىلىنىشى بولسا،قىزلارنى ئەسكى لاتىدەك قەدىرسىز ھالغا چۈشۈرۈۋىتىدۇ.قىزلىق-قىزلارنىڭ گەدىنىدىكى بۈيۈك ئامانەتتۇر.بۇ ئامانەتنى ئۇنى ھالاللاپ ئالغان <<بوز يىگىت>> -ئەرگە مەنسۇپ.ئۆزىنىڭ ھايا-ئىپپىتى،قەدىر -نومۇسى ۋە تامامىي بارلىقى بولغان <<قىزلىق>> تىن ئىبارەت بۇ ئامانەتنى ئاۋايلاپ ساقلاپ،ئۆزىنىڭ ھەقلىق ئىگىسىگە جايىدا يەتكۈزىشىگە ھەرقانداق بىر قىزنىڭ ئەڭ مۇقەددەس بۇرچى،ۋەزىپىسىدۇر.قىزلىق ئىپپىتىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ۋە ئەڭ تۈپ ۋەزىپىسىگە كەينىنى قىلىۋىلىش ،چوقومكى قىزلارنى خار،پەس رەسۋا قىلىۋىتىدۇ.ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلارنى كىممۇ كەچۈرسۇن؟
قىزلارنىڭ ئىپپىتى-ھاياسىنى قوغداش يەنە بىر تەرەپتىن يىگىت ئەرلەرنىڭ ۋەزەپىسىدۇر.ئەمما،كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىزكى،يولدىن چىققان قىزلارنىڭ قىشىدا تىخىمۇ بەتتەر ھالدا تاپتىن چىققان<<ئەركەك>>لەر ساماندەك.ۋە ھەتتا:<<ئېشەك ئالساڭ مىنىپ ئال>>دەپتىكەن دەپ ،تويدىن بۇرۇن قىزلارنىڭ <<قىز>>ياكى<<ئەمەس>>لىكىنى سىناپ بىقىپ ئاندىن ئالىمىز،دەپ شەرمەندىلەرچە تەلەپ قويىدىغان <<يىگىت>>لەرمۇ ئاز ئەمەس. قىز ئېشەك،ھايۋان ئەمەس ئىدى،قىز خوتون ئىلىش ئېشەك سودىسى ئەمەس ئىدى،بەلكى ئىشەنچىنى ئاساس،ھايانى مەزمۇن قىلىدىغان ئۆمۈ سودىسى ئىدى.ھەقىقەتەنمۇ،ھايا-نومۇس تۇيغۇسىنىڭ يوقىلىشى تۇرمۇشنىڭ ئەسلى گۈزەل مەزمۇنىنىمۇ بۇلغىۋىتىدىكەن.
قايسى كۈنى بىر نەچچە قىز پاراڭلشىپ ئولتۇرۇپ ،مەلۇم بىر قىز نىڭ توي كىچىسى ئىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ،ھەيدەپ چىقىرىلغىلى تاسلا قالغانلىقىنىنىڭ گىپى چىقىپ قالدى.دەسلەپتە<<ھە،ئۇقىزمۇ تويدىن بۇرۇن ئۆزىنى تۇتۇۋالمىغانكەندە>>دەپ ئويلۇدۇقيۇ،گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاپ چۆچۆپ كەتتۇق.قىزنىڭ ئىرى ئۇنى<<سەن تىخى پاك ئىكەنسەنغۇ؟!ھازىر جەمىيەتتە پاك قىزنى تاپقىلى بولاتتىمۇ؟سەن كىمىڭنى ئالدايسەن؟راست گىپىڭنى قىل،بۇ <ساختا قىزلىق> مۇ قانداق؟>>دەپ ئۇرۇپ- تىللاپ كىتىپتۇ.بۇنى ئاڭلاپ ھەممىمىز جىمىپ كەتتۇق.بۇنى ئەقىدە -ئەخلاق چۈشكۈنلىكى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىۋاتقان ئەخلاقىي كىرزىسلەرگە قىلىنغان ئاچچىق كىنايە دەيلىمۇ ياكى قىزلارنىڭ ئىپپەت ھاياسىغا دەۋرنىڭ قويغان ئىغىر سوئالى دەيلىمۇ؟
<<قىزلىق-ئۇئاددى بىر گۆش ،لىكىن ئادەمنىڭ روھىغا تۇتىشىدىغان گۆش . ا للە نىمىشقا ئادەمنى شۇيەردىن يارتىدۇ.بۇنىڭ چوقۇم سەۋەبى بار . نىمىشقا قىزلىقنى چوڭ بىلىمىز ؟ ماھىيەتتە روھنى چوڭ بىلىش .روھسىز تەن بىر خالتا گۆش .نىمىشقا قىزلىقنى قەدىرلەيمىز ؟ ئۇ يەنىلا روھنىڭ پاكلىقى ،مۇھەببەتنىڭ پاكلىقنى ساقلاش ئۈچۈندۇر .بۇخىل پاك مۇھەببەت بىرلىششىدىن تۆرەلگەن بالىلار ئەيىپسىز ، روھى پاك - پاكىز ئىشى روناق تاپىدۇ .ناۋادا روھنىڭ ئەينىكى بولغان بۇيەر بولغانسا ،روھ بۇلغىنىدۇ ،مۇھەببەت بۇلغىنىدۇ ،ئادەملەرنىڭ ساپاسى تۆۋەنلەيدۇ >> (ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقى :<<ئارتىبالىغ ھەققىدە قىسسە،>> شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 2004 - يىلى سىنتەبىر نەشىرى .).بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىش تەس ئەمەسكى ،<<قىزلىق>> - قىز بالىغا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن ،پۈتكۈل جەمىئەت ئەزالىرىنىڭ ئەقىدە - ئەخلاق ساپاسى ،روھى ساغلاملىق ،ئائىلە ،ئەر - خوتۇنچىلىق مۇناسىۋىىتى ،پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىدۇر .
مەشھۇر تاتار ئۆلىماسى رىزائۇدىن ئىبنى فەخروددىن :<<ئانا بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەتسە ،يەنەبىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ >>دىگەنىدى .بۇھىكىمەتنىڭ پەزىلەتلىك ئانىلارغار قارتىلغانلىقىدا گەپ يوق .ئىپپەتسز ، رەسۋا قىز ئاياللار دۇنيانى تەرەققىيات تامان تەۋرەتمەيدۇ ،بەلكى دۈم كۆمتۈرۋىتىدۇ .قىزلار دۇنيانى پازىللىق بىلەن تەۋرىتەلەيدىغان ساپاغا ئىگە بولىشى ئۈچۈن روھى پاكلىقنى ،نۇمۇسىنى ،كەلگۈسى ئىرى ۋە ئائىلىسىگە بولغان ساداقىتىنى جان تىكىپ قوغدىشى زۆرۆر.يىگىت - ئەرلەرمۇ ئۆز قوۋمىنىڭ غورورى - شەرپىنى ئاسىرىمىقى لازىمدۇر .چۈنكى بىر ئايالنڭ غورورى بىر ئەرنى يامان يودىن توسسا ،بىر ئەرنىڭ غورورى 40 ئايالنى يامان يولدىن توسۇپ قالالايدۇ .بۈگۈننىڭ بۇزۇقچىلىقىدن قاقشاپلا قويۇپ ئۇنى تۈزتىشكە تىرشچانلىق كۆرسەتمىسەك ،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزدىن رەنجىشكە ھەققىمىز قالمايدۇ .ئەتىنىڭ پەرزەنتلىرى ھايا بىلەن پەردىلەنگەن قورساقتىن چۈشسە نە غەم ،نەتەشۋىش ؟!
قىز - ئاياللارنىڭ مەنىۋى ساپاسى ئەڭ زور دەرىجىدە شۇمىللەت كىشىلىرىنىڭ مەدەنىيەتلىك دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .قىز - ئانىلار بىر ئائىلىگىلا ئەمەس ،مەلۇم بىر توپ قوۋۇمگە مەنسۇپ بولغان كەن ،ئۇنىڭ مۇقەددەس بايلىقى بولىمىش قىزلىقىمۇ بىر ئۆزىگىلا ئەمەس ،پۈتكۈل مىللەت روھىتىگە مەنسۇپ !ئامانەتنى ئۆز جايىغا بىرەيلى !


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

0

تېما

0

دوست

65

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
8 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
32 سەر
شۆھرەت
9 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 11:22:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز .بۇ تىما ھەقىقى ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك تىما ئىكەن.

16

تېما

1

دوست

2891

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
183 سەر
تىللا
44 دانە
تۆھپە
2300 سەر
شۆھرەت
139 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 09:35:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن ...بۇ جەمىيەتتىكى ئاشۇ بىر قىسىم قىزلىرىمىز ئۇقۇسا بۇلىدىغان تىمىكەن....ئەپسۇس....

باھا سۆز

پەرىشتە ئاشۇ بىر قىسىم قىزلار ھەم ئاشۇ بىر قىسىم ئۇغۇللار دىسىڭىز تۇغرا بولدۇغۇ دەيمەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 23:06

29

تېما

3

دوست

2632

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:25:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىدىكى «چۈنكى،ھاياسىز،ئىپپەتسىز گۈزەللىكنىڭ بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس» دىگەن قۇرلار بەك جايىدا ئېيتىلىپتۇ.
ئۇندىن باشقا يەنە بىر ئىش بار؛ قىزلاردىن ئىپپەتنى، نۇمۇسنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئەرلىرىمىزمۇ چۇڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشى كىرەك.

0

تېما

0

دوست

93

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
16 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
32 سەر
شۆھرەت
15 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 14:56:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز .

102

تېما

36

دوست

8227

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1689 سەر
تىللا
375 دانە
تۆھپە
1678 سەر
شۆھرەت
1736 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-24 21:46:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن،تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر،رەھمەت سىزگە ! جاپا چەكتىڭىز!!!
قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:24, Processed in 0.201762 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش