پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 175|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

62

تېما

28

دوست

4729

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1019 سەر
تىللا
183 دانە
تۆھپە
910 سەر
شۆھرەت
934 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 01:00:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرنى كونكرېت سۆيۈشنىڭ 20 تۈرلۈك ئۇسۇلى

1. بىزدە شۇنداق نەرسە بولسلا، مۇمكىن بولسىلا ئۆزىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش؛
2. ئىجتىمائىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ھەر ۋاقىت ساقلاش؛
3. يېنىمىزدىكى ئادەملەرنى ۋە قېرىنداشلارنى سۆيۈش ، گەپنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش؛ ھەرىكىتىمىزنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋىتىنى ئويلىنىپ تۇرۇش؛
4. ئىلمىي، سوغۇققان يوسۇندا ئۆزئارا تەنقىد ۋە ئۆزىمىزنى تەنقدنى كۈچەيتىش؛
5. ئۆزىمىزدە بار نۇقسانلارنى مىللەتكە ئارتىپ قويماسلىق ۋە شوئارۋاز مىللەتچى بولماسلىق؛
6. چاكىنلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى يارىتىۋاتقان يەردە ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى ئالىجاناپ ۋە ياخشى ھېسابلايدىغانلىرى ياخشى مەدەنىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش؛ چاكىنا مەدەنيەتلەرنى ئىسلاھ قىلىشقا تۆھپە قوشۇش؛
7. ناچار ئادەتلىرىمىزگە پىلان تۈزۈپ تاقابىل تۇرۇش؛ قابىليەتلىرىمىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قېزىش ۋە  كۆرستىش؛
8. ھەر يىلى ئۇيغۇر تىلى بىلمەيدىغان بەش قېرىندىشىمىزغا ھەقسىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش؛
9. قىزلار نازاكىتىنى، كىيىۋاتقان كيىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى، ئوغۇللار قىزلارنى ئەيمەندۈرىدىغان سالاپىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ، ئەقىدىسنى كۈچەيتىشنىڭ ئامالىنى قىلىش؛ قارشى جىنستىكىلەرنى ئەيمەندۈرەلەيدىغان قىز-ئوغۇللارنى كۆپەيتىش؛ لالما ئوغۇل-قىزلارنى يىتىم قالدۇرۇش.
10. ھەر قايسى ساھەلەردە سامان بىلەن  داننى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش؛ دانلارنى قەدىرلەش، سامانلارغا تۈكۈرۈپ قويۇش؛
11. مۇنبەر ۋە بىلوگلارنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھازىرقى تور ئاپىتىنىڭ ، يازما ئاپىتىنىڭ، پاخاللىق، تەكرارلىق، ئىجادسىزلىقنىڭ، پلانسىزلىقنىڭ  ئالدىنى ئىېلىش؛
12. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ۋە ئائىلە مائارىپىنى  قاتتىق كۈچەيتىش؛ مەدەنىيەت، تارىخ ئۆگىنىشنى پىلانغا كىرگۈزۈش؛
13. بەدەن چېنىقتۇرۇش، ھاراق-تاماكا بىلەن مۇمكىنقەدەر بالدۇر خوشلىشىش؛
14. كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىمىزنى، كىتابقا تۇتقان پوزىتسيىمىزنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش؛ نەشرىيات ۋە مەتبۇئاتلرىمىزنى قوللاش ھەم ئۇلارغا تەلەپ قويۇش؛
15. پىكىر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش؛ ھەر ئىككى يىلدا بىر پىكىر يېڭىلاپ قالتىس بىلىنىپ كەتكەن بىلمىلىرىمىزدىن بىر قېتىم گۇمانلىنىش، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش؛
16. باشقا يۇرتتا ياخشى ياشاشقا كۈچىمىز يەتمىسە، پېشىمىزنى قېقىپ كەتمەستىن ئۆز يۇرتىمىزنى مەھكەم ساقلاش، قېيدىماسلىق؛
17. ئىدارىلەردىكى رولىمىزدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىزمەتلەرنى بەجانىدىل ئىشلەش ۋە ‹ بۇ خىزمىتىم ئارقىلىق نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟ › دەپ ئويلىنىش؛
18.ياخشلار ئارا، كەسپداشلار ئارا، قەلبداشلار ئارا  ساغلام تەرەققىيات ئۈچۈن ئىجىتمائىي تور پەيدا قىلىش؛
19. قەھرىمانلىرىمىزنى، ياخشلارنى (مەسىلەن،ئابدۇقادىر داموللا ۋە   گۈلزار مۇكاپاتى تەسىسس قىلغان مامۇتجان قاتارلىق) ئەسلەپ تۇرۇش، دۇئا قىلىش؛ ئابدۇقادىر داموللانى پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرگەن ئەھەت مەزىن قاتارلىقلارنى ئۇنتۇماسلىق؛
20. ئەڭ مۇھىمى؛ بېيجىڭدىن كېلىۋاتقان ئىلمىي تەرەققىيات نىشانىغا ماس ھالدا ئۇيغۇرنىڭ 2030-يىلغىچە بولغان 20 يىللىق ئىلمىي تەرەققىيات سېخمىسىنى ۋە  پىلانىنى تۈزۈش  ھەم  1960-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىش

پايدىلنىش ئۈچۈن قالدۇرۇلدى،بۇ بىر تەشەببۇس ئەمەس.

مەنبە : تورداشلار تورىدىن ئېلىندى
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5084 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9295 سەر
شۆھرەت
4202 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 01:49:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن« ئويلىنىش ۋە ئىلگىرلەش » دىگەن كىتابىدا  : « تاشقى دۇنيادىن داۋاملىق ھالدا قۇۋۋەت - مەدەت ئېلىپ ئۆزىنى تولۇقلاپ تۇرغاندا ، يىلتىزسىز گىياھقا ئوخشاش ھالەتكە چۈشۈپ قالمايدۇ . » دەپ يازغان . دىمەك ھەممىمىز ئۆز ئۆزىمىزنى تونۇپ ئىتتىپاقلاشقاندىلا تېخىمۇ مۇستەھكەم قورغان قۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.

باھا سۆز

ئوتلۇق ئادەمنىڭ كۆڭلدىكىنى تاپىسىز دە سىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 16:42

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 13:00:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تىما    يارايسىز.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

2

تېما

6

دوست

200

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
-4 سەر
تىللا
14 دانە
تۆھپە
192 سەر
شۆھرەت
2 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 19:52:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تىما،ئىسىل تېما ئىكەن .ھەممىمىز ئشنى  ئۆزىمىزدىن  باشلىساق مەخسەتكە يىتەلەيمىز دەپ قارايمەن

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-18 23:22:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن رەخمەت سىزگە .
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

29

تېما

3

دوست

2632

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 13:17:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۆز تىل-يېزىقىمىزنى قەدىرلەپ، شالغۇت تىلدا سۆزلەشمەسلىك، ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇش». بۇمۇ ئۇيغۇرلارنى سۇيۇشنىڭ مۇھىم تەركىۋى.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:48, Processed in 0.376500 second(s), 41 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش