پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 4

ئۈستەلگە مۇشتلاش كېسىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

62

تېما

28

دوست

4729

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1019 سەر
تىللا
183 دانە
تۆھپە
910 سەر
شۆھرەت
934 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 20:23:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستەلگە مۇشتلاش كېسىلى


_ قول سىزنىڭ بولغىنى بىلەن، ئۈستەل دۆلەتنىڭ. بولدى بەس، ئەمدى ئۈستەلنى مۇشتلاۋەرمەڭ، يىغىن مەيدانىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ سوت مەيدانىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن.


***********************


يېقىندا مەلۇم بىر يېزا ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان ئاغىنەم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېزىنىڭ باشلىقى يىغىن خۇمار ئادەم بولۇپ، داۋاملىق مۇنبەرگە چىقىپ سۆزلىگىلى ئامراق ئىكەن. قىزىق يېرى ئۇ باشلىق ھەر قېتىم سۆزگە چىققاندا ئۈستەلگە مۇشتلاپ سۆزلەشنى ئادەت قىلىۋالغان بولغاچقا، يىغىن سەھنىسىگە قويۇلغان ئۈستەل پەنەركە تاختىدىن ياسالغان «سۈپەتلىك» ئۈستەل بولغانلىقتىن، باشلىقنىڭ قايتا - قايتا مۇشتلاۋېرىشىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، تىلىم - تىلىم يېرىلىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى باشلىق يەنە چوڭ يىغىندا سۆزلەۋېتىپ بەك ھاياجانلىنىپ ئولتۇرغان ئورنىدىن ئۆرە تۇرۇپ، سۆزلەپ - سۆزلەپ كونا ئادىتى بويىچە ئۈستەلگە يەنە گۈم - گۈم ئاۋاز چىقىرىپ ئارقا - ئارقىدىن ئىككىنى مۇشتلاپتۇ. ئەپسۇس، بۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىپتۇ. يەنى ئۈستەلگە قويۇپ قويۇلغان مىكروفون ئۈستەلگە ئۇرۇلغان مۇشتنىڭ تورىدا قاڭقىپ يەرگە چۈشۈپ سۇنۇپ كېتىپتۇ. بۇنداق ئەخمىقانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەن يىغىن ئەھلى ئىختىيارسىز ھالدا قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ. بەزىلەر قۇلاق - مېڭىسىنى يەپ بىزار قىلىۋەتكەن مىكروفوننىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىگە خۇش بولغانمۇ قانداق، گۈلدۈراس چاۋاك چېلىۋېتىپتۇ. بۇ چاغدا باشلىق ئۆزىنىڭ ئەخمىقانە ئىشىدىن سۆيۈنۈپ ياكى كۆپچىلىكنىڭ مەسخىرىسىنى ئالقىش ھېس قىلىپ كۆپچىلىك بىلەن تەڭ كۈلۈپ چاۋاك چېلىپ ئىغاڭلاپ كېتىپتۇ. زالدىن يەنە مەسخىرە كۈلكە كۆتۈرۈلۈپتۇ.
باشلىق بار ئاۋازى بىلەن كاكىراپ:
_ بولدى قىلىڭلار، كۈلۈشمەڭلار، دىققەت قىلىڭلار ! يىغىننى داۋاملاشتۇرىمىز ! دەپ يەنە ئۈستەلگە گۈم - گۈم مۇشتلاپتۇ.
يىغىن ئەھلى بىر - بىرىگە قاراپ:
_ باشلىقنىڭ قولى سۇنۇپ كەتمىسە بولاتتى، ۋاي ئىسىت، يۈزلىرى قىزىرىپ گۈرەن تومۇرلىرى كۆپۈپ چىقتى، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ كېتەرمۇ؟  _ دېيىشىپتۇ.
بۇ يېزا باشلىقىنىڭ دائىملىق ئادىتى بولۇپ، مەيلى چوڭ يىغىنلار ياكى ئادەتتىكى يىغىنلاردا بولسۇن ئەنە شۇنداق ئۈستەلگە مۇشتلاپ تۇرۇپ سۆزلەيدىكەن. ھەتتا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئائىلىسىدە خوتۇن - بالىلىرىغىمۇ ئاشۇنداق ئۈستەلگە مۇشتلاپ سۆزلەيدىغان بوپ قاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ باشلىق كېسەلچان دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ھېيت پەتىسى بىلەن يوقلاپ بېرىپتۇ، داستىخاندا ئولتۇرۇپ سۆزلەۋېتىپ ھاياجىنىنى باسالماي، تۇيۇقسىز داستىخانغا مۇشتلاپ نازۇنېمەتلەرنى سورىۋېتىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قاپتۇ. دادىسى ئوغلىنىڭ بۇ خىل ئادىتىنى ياقتۇرماي قاتتىق نارازى بوپتۇ.
يېزا باشلىقىنىڭ ئۈستەل مۇشتلاپ سۆزلەيدىغان بۇ ئادىتى خۇددى يوقۇملۇق كېسەلدەك بارا - بارا يېزا ئورگىنىدىكى مۇئاۋىن يېزا باشلىقلىرى، بۆلۈم، ئىشخانا باشلىقلىرى، ھەتتا يېزىغا قاراشلىق ئىدارە - جەمئىيەتلەرنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرىغىچە يۇقۇپ ھەممىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا يىغىن ئاچسا ئاشۇنداق ئۈستەل مۇشتلاپ بىرقانچىسىنىڭ قولى ئىششىپ زەخىملىنىپ، دوختۇرخانىلاردا دورا چېپىپ يۈرگەنلىكى كىشىلەر ئارىسىدا ھېكايە بولۇپ تارقىلىپ كېتىپتۇ.
ھەتتا بەزىلىرى قول ئاستىدىكى پۇقرالارنى ئەرزىمەس ئىشلار تۈپەيلى تەربىيە - تەنقىد قىلماقچى بولسا، شۇ ئۈستەل مۇشتلايدىغان ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ھەيۋە قىلىدىكەن. مەن بۇ ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ، ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم ھەم نەپرەتلەندىم. ئۈستەلگە مۇشتلايدىغان ئاشۇنداق ئەمەلدارلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى نېمە دەپ بەرگەن؟ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئامما ئۇلاردىن شۇنداق قىلىشنى كۈتكەنمۇ؟ ئۇلارنى پارتىيە، ھۆكۈمەت بىرقانچە يىل تەربىيىلەپ يەنە نۇرغۇن ئىقتىساد چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرىدە ياكى ئۆز جايلىرىدا سىياسىي نەزەرىيە ۋە كەسپىي ئەخلاق بىلىملىرى بويىچە ئوقۇتۇپ ۋەزىپىگە قويسا، رەھبەرلىك ئورنىغا ئولتۇرۇۋېلىپلا قىلىق چىقىرىپ، ئاممىغا ئاشۇنداق قوپاللىق قىلىپ، ئۈستەل مۇشتلاپ ھۆكۈرەپ ھەيۋە كۆرسىتىپ يۈرسە، ئۇلار ئاممىنىڭ نەزىرىدىن تەدرىجىي چۈشۈپ كەتمەسمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازى خىرەلىشىپ كەتمەسمۇ؟ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋ ئاممىنىڭ ئۇلاردىن كۈتىدىغىنى زادى نېمە؟
ئۇلار ئاغزىدا «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى ۋە «پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى پروگراممىسى» قاتارلىقلارنى سۆزلەپ يۈرگىنى بىلەن ئەمەلىيىتى زىت تۇرسا، ئۇلارغا ئامما قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟
ئۇلار قانداق قىلىپ ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە، ئىلغار مەدەنىيەتكە، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ؟ ئۇلار ئاشۇنداق ئۈستەل مۇشتلاپ يۈرۈپ ئاممىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ، ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماقتا. ئۈستەل مۇشتلاپ كىشىلەرگە قۇرۇق ھەيۋە قىلىش  _ پارتىيىمىزنىڭ ۋە پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستىلىغا ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا پۈتۈنلەي خىلاپ.
ئۈستەل مۇشتلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھېلىقىدەك ئەمەلدارلارغا شۇنداق سېگنال بەرمەي تۇرالمايمىزكى: قول سىزنىڭ بولغىنى بىلەن، ئۈستەل دۆلەتنىڭ. بولدى بەس، ئەمدى ئۈستەلنى مۇشتلاۋەرمەڭ، يىغىن مەيدانىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ سوت مەيدانىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن.
ئۆزىمىزنى ئاسرايلى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەيلى، پۇقرالارغا ھەيۋە كۆرسىتىپ دەۋر سۈرىدىغان زاماننىڭ ۋاقتى ئۆتتى، ئادەملەر سىياسەتنى چۈشىنىپ قالدى. قانۇن ساۋاتلىرىنىمۇ خېلى بىلىپ قالدى، قائىدە چۈشىنىدۇ. ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆزىمىزگە مايىل قىلىپ ھەم پاكىت ئاساسىدا قايىل قىلىپ خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلايلى، ئاڭلىقلىق ھەممىدىن مۇھىم. شۈبھىسىزكى، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، ئىشەنچ، ھۆرمەت - قائىدە بولغاندىلا خىزمەتلىرىمىزدە زور نەتىجىلەر ۋە تەرەققىياتلار بارلىققا كېلىدۇ. ئۈستەلگە مۇشتلاۋەرسەك ئەتراپىمىزدا ئادەم قالماي، ھۈركۈپ كېتىپ ئۆزىمىز يالغۇز قالىمىز.
خەلقىمىز ئىچىدە «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس«، »يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس» دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ماقال - تەمسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەر بار.
ئۈستەل مۇشتلاپ، ھەيۋە قىلىش بىر خىل ئىقتىدارسىزلىق، ئۇنىڭ قايىل قىلىش كۈچى يوق بولۇپلا قالماستىن، ئۇنداق تەلۋە ئەمەلدارلار كىشىلەرنى نەپرەتلەندۈرىدۇ، يىرگەندۈرىدۇ.
پۇقرالارغا قانچە قىزغىن، ئىلمىي، كۆيۈمچان، سىرداش بولغان رەھبەرلەرنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازى نۇرلىنىپ، ھۆرمىتى چوڭقۇر، ئىناۋىتى يۇقىرى بولىدۇ. شۇ سەۋەبلىك كىشىلەر ئۇنداق ئەمەلدارلارنى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدەك كۆرىدۇ، ئىشىنىدۇ، يېقىنلىشىدۇ. ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاڭلىق يوسۇندا ساداقەتمەنلىك بىلەن بىجانىدىل ئىجرا قىلىدۇ. رەھبەر بىلەن پۇقرا ئۆزئارا ئىناق - ئىتتىپاق بولغاندىلا ھەرقانداق ئىشتا ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.
شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىۋېلىش زۆرۈركى، پۇقرا دېمەك   _ خەلق دېمەكتۇر، خەلق ئاممىسى دولقۇنلاپ مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دېڭىز - ئوكيانغا، ئەمەلدارلار بولسا شۇ دېڭىز - ئوكياندا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كېمە، قېيىق ياكى كاتىرغا ئوخشايدۇ. دېڭىز - ئوكياندا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىددەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلسە ئاشۇ مەغرۇر ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كېمە، قېيىق ياكى كاتىر دولقۇندا غەرق بولماي، خادا تاشلارغا سوقۇلۇپ پارچىلىنىپ كەتمەي ئامان قالارمۇ؟
ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭدىن باشقا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارمۇ قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا.
شۇڭلاشقا تىلى بىلەن بىردەك بولماي ھەرىكىتى بارغانسېرى قوپاللىشىپ، پۇقرالاردىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئەمەلدارلارغا مەرھۇم خەلق قوشاقچىسى مۇھەممەت ناپىرنىڭ:
«كادىر بولساڭ سېلىق بول،
سوغۇق بولماي، ئىللىق بول.
خەلقى ئالەم ئىچىدە،
سۇغا چۆمگەن بېلىق بول.
سىلىق قىلساڭ سۆزۈڭنى،
ئامما بولۇر ئامراق.
يىرىك قىلساڭ سۆزۈڭنى،
ئەل بولار سەندىن يىراق».
دېگەن قوشىقىنى تەقدىم قىلىشنى لايىق تاپتىم. ئۇلار بۇ ئىبرەت ئەينىكىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھەجۋىي شولىسىنى كۆرۈپ، ئەقلىنى تېپىپ، تۈزۈلۈپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

(ئاپتور: يەكەن خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە تەھرىر)
جۇڭگۇ مىللەتلىرى 2004.3 - سانىدىن
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 21:41:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئۇرۇنغا مەسئۇل بولغان باشلىق ئېغىر بېسىق بۇلىشى كىرەك . يۇقۇلاڭ ئىشقا ئاچچىقلاپ كايىش. ۋاقىراش ئۈزىنىڭ بىلىمسسىزلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ.
شۇڭا بىر ئۇرۇنغا مەسئۇل بولغۇچى ئېغىر سېسىق . ئاددى - ساددا . قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يىمايىسىگە تۇلۇق ئىرشىش لازىم . ئەگەردە يەنىلا ئۈزىنى چوڭ كۆرسىتىپ ۋاقىرايدىكەن . ئۈزىنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كىتىدۇ.. شۇڭا باشلىق بولغۇچى تۇلىمۇ ئېغىر- بېسىق بۇلۇش لازىم . تۇلا كايىپ ئاچچىقلاش شۇ كىشىنىڭ بىلىمسىزلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ. رەخمەت سىزگە ياخشى تىما يوللاپسىز
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 21:42:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئۇرۇنغا مەسئۇل بولغان باشلىق ئېغىر بېسىق بۇلىشى كىرەك . يۇقۇلاڭ ئىشقا ئاچچىقلاپ كايىش. ۋاقىراش ئۈزىنىڭ بىلىمسسىزلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ.
شۇڭا بىر ئۇرۇنغا مەسئۇل بولغۇچى ئېغىر سېسىق . ئاددى - ساددا . قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يىمايىسىگە تۇلۇق ئىرشىش لازىم . ئەگەردە يەنىلا ئۈزىنى چوڭ كۆرسىتىپ ۋاقىرايدىكەن . ئۈزىنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كىتىدۇ.. شۇڭا باشلىق بولغۇچى تۇلىمۇ ئېغىر- بېسىق بۇلۇش لازىم . تۇلا كايىپ ئاچچىقلاش شۇ كىشىنىڭ بىلىمسىزلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ. رەخمەت سىزگە ياخشى تىما يوللاپسىز
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5035 سەر
تىللا
2199 دانە
تۆھپە
8452 سەر
شۆھرەت
3651 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 22:52:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلەرنى ئۈستەل مۇشلاپ، سۈر، ھەيۋە بىلەن باشقۇرۇش ماھىيەتتە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىختىدارسىزلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇنداق سۈر، ھەيۋە بىلەن باشقۇرۇلغۇچىلارنىڭمۇ ‹‹سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا›› ماسلاشقۇچىلار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

29

تېما

3

دوست

2632

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 11:35:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمى باشقۇرۇش، ئىلمى تەرەققىيات قاتارلىقلار تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئۈستەلگە مۇشلاش شۇ رەھبەرنىڭ ئىختىدارسىزلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. خالاس.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 10:53, Processed in 0.393328 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش